ئىگىسى: tvnyukuk

ئابدۇنىياز ئىمىن:قاپىيە كېرەكمۇ؟

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 2015-12-4 10:36:27 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
زەينۇللا يوللىغان ۋاقتى  2015-12-4 09:53
بەزىلەرگە شۇنچە ھەيرانمەن: قاپىيە، تۇراق، ۋەزىنلەر نە ...


   ھازىرقى قىسمەن ياشلار ئاشۇنداق ھېچكىمگە يول قويماي، كىشىگە قادىلىۋالىدۇ، چوڭ-ئۇششاق ئىشلارنىڭ بارىغا ئېسىلىۋالىۋالىدۇ، كەلگۈسىنى كۆرەلمەيدۇ، نەتىجىدە يېتەرلىك بىلىمى تۇرۇپ بىرە ئادەم بىلەن بولسىمۇ ئورتاقلىشىشقا ئامالسىز يۈرىدۇ. زىيادە ھاياجان ھەم شۇئارۋاز. چۈنكى، ئېقىپ قالغان چىلەك بىلەن ھەرگىز ھەرگىز ئادەم قانغۇدەك سۇ توشۇپ كەلگىلى بولمايدۇ. شۇڭا تىلىنىڭ تىزگىنى ئىرادىسىنىڭ كونتۇروللۇقىدىن چىقىپ كەتكەنلەر بىلەن تالاشمىغان تۈزۈك. ھەقىقەت ئۇلارنىڭ ئالدىدا تۇرغاندا، ئۇلارغا يەنە ئىسپات كۆرسىتىشنىڭ ھاجىتى بارمۇ؟ بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئابلەت نامان تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-12-4 10:38  


ۋاقتى: 2015-12-5 13:55:36 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

بەزىلەرگە شۇنچە ھەيرانمەن: قاپىيە، تۇراق، ۋەزىنلەر نەرىڭلەرگە تاقاشقاندۇ؟ تاقاشقان بولسا ئىشلەتمەڭلار بولدى، تامام! نېمانچە ئەزۋەيلەش بۇ. بىر كىم سىلەرنى ئىشلەت دەپ مەجبۇرلىغان يوق. بىردەم قاپىيە ئىدىيەنى ئۆلتۈرىدۇ دېگەن، بىردەم قاپىيە، تۇراق، ۋەزىنلىك شېئىرلار تۆت چاسا دېگەن، ئاۋال ئۆز مەپكۇرەڭلاردا شېئىر يېزىپ بىر پەللە يارىتىڭلار، ئاندىن «ھۆرۆ - پۆرۆ» دېسەڭلارمۇ كېچىكمەيسىلەر!
بىز نەچچە مىڭ يىلدىن بۇيان ئاشۇنداق شېئىرلارنى ئوقۇپ كەلگەن ھەم شۇنداق شېئىرلارنى ياقتۇرىمىز. شۇنداقلا يېڭى زاماندىكى قاپىيىسىز يېزىلغان ئېسىل شېئىرلارنىمۇ ئوخشاشلا ياقتۇرىمىز. لېكىن ھە دېگەندە قالپاق كىيدۈرۈشكە تەييار تۇرىدىغانلاردىن ئەزەلدىن بىزارمىز.
بىز قاپىيىسىز، تۇراقسىز، ۋەزىنسىز شېئىرلارنى ئېتىراپ قىلىمىز، لېكىن بۇنداق شېئىرلارنى ۋەزىنلىك، قاپىيىلىك شېئىرلاردىن ئۈستۈن تۇرىدۇ، بۇنداق شېئىرلارنى يازغانلار ئاتالمىش «ئاۋانگارتلار» دېگەن سەپسەتىگە قارشى. قاپىيىسىز شېئىرلار ھەرگىزمۇ ئاۋانگارتلىققا، ئىلغارلىققا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ.



مېنىڭچە ئاپتوماتىك يېزىقچىلىقتىن ئەنسىرەپ قالغاندەك تۇرىسىز، بۇ يەردە بىر كىم قاپىيە، تۇراقلارنى ئىنكار قىلغىنى يوق، شۇ خىل شېئىرلارنىمۇ ئىنكار قىلغىنى يوق.

ۋاقتى: 2015-12-5 13:58:12 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش


شەخسەن مەنمۇ، كىلاسسىكلارنىڭ شېئىرلىرىنى ۋە نۇرغۇن ئەنئەنىۋىي شېئىرلارنى ياقتۇرۇپ ئوقۇيمەن، بىراق چاسىلاردىن (ئۇنى شېئىر دېگۈممۇ يوق) شۇنچىلىك....

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-12-5 14:16:28 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئابلەت نامان يوللىغان ۋاقتى  2015-12-4 10:36
ھازىرقى قىسمەن ياشلار ئاشۇنداق ھېچكىمگە يول قويماي ...

تېمىنى ئوبدان ئوقۇپ، چۈشىنىپ بولۇپ ئاندىن ئىنكاس يېزىڭ.  دەرىجىڭىزنى ئاشۇرۇش ياكى دائىم كۆرىنىپ تۇرۇش ئۈچۈن ھاشارغا ماڭغان دېھقاندەك مەجبۇرى، زورۇقۇپ ئىنكاس يازماي.

ۋاقتى: 2015-12-18 10:34:42 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مېنىڭ شېئىرىيەت ئىلمىدىن خەۋىرىم يوق، بىرئاددىي ئوقۇرمەن خالاس، گەپنىڭ ئوچۇقىنى دېسەم قاپىيەسىز شېئىرنى ئوقۇمايمەن،

ۋاقتى: 2015-12-18 10:40:19 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
tvnyukuk يوللىغان ۋاقتى  2015-11-13 01:09
تۈگەيدىغان دادام



مەن قاپىيەسىز شېئىرنى ھەرگىز قاپىيەلىك شېئىردىن ئۈستۈن ئورۇنغا قويمايمەن

ۋاقتى: 2015-12-23 12:07:23 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
زەينۇللا يوللىغان ۋاقتى  2015-12-4 09:53
بەزىلەرگە شۇنچە ھەيرانمەن: قاپىيە، تۇراق، ۋەزىنلەر نە ...

قوشۇلىمەن

ۋاقتى: 2015-12-23 12:10:32 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئادەملەرمۇ ھەرخىل بولغاندەك شىئېرلارمۇ ھەرخىل بولىدۇ.شۇڭا قاپىيسىز شىئېر ياخشى قاپىيلىك شىئېر ياخشى ئەمەس دىسەك بولمايدۇ. ئىككىلىسنىڭ ئۆزىگە خاس ئارتۇقچىلىقى بار.

ۋاقتى: 2016-1-18 02:49:21 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھارماس يوللىغان ۋاقتى  2015-12-23 12:10
ئادەملەرمۇ ھەرخىل بولغاندەك شىئېرلارمۇ ھەرخىل بولىدۇ. ...


مىنىڭچە شېئ‍ىرغا ئ‍ەڭ مۇھىم بولغىنى ،قاپىيە ئ‍ەمەس ،بەلكى ،ئ‍ۇنىڭدا ئالغا  سۈرۈلگەن  ئ‍ىددىيە ،ھەم ئاپتورنىڭ  ئىپادىلەش قابىلىيىتى بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   نەزەر0998 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2016-1-18 02:59  


ۋاقتى: 2016-1-18 08:45:13 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىر مەيدان ئۇرۇش ... ھەقىقەت كىمدە؟ شېئىرنى چاسا دېگەنلەر، ھېكايىلەردىكى ئ‍اسىيلار، ئويلايمەن : چاسىمۇ ، يۇمۇلاقمۇ كېرەك، ئىككى ئايرىلماسلىقتەك...

ۋاقتى: 2016-1-18 11:19:45 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۆز يوللىغان ۋاقتى  2015-12-3 21:34
ئەگەر بۇ سېستىما يولغا قويۇلسا، ئاپتوماتىك شېئىر يېز ...

   خېرىس  ئەكىلەلمەيدۇ! ئۇ سېستىما يازدى دېگەندىمۇ تۇراق، قاپىيە بوغۇم، ئاھاڭ ...لىرى ئۆلچەملەشتۈرۈلگەن سۆز بىرىكمىللىرىنى ئوتتۇرغا چىقىردۇ.(  بۇنى پىرۇگرامما لايىھەلىگۈچىلەر ئوبدان بىلدۇ)
  تاققا-تۇققۇ سۆز بىرىكمىللرىنى قانداقمۇ شېئىر دېگىلى بولسۇن؟!
  ئەڭ مۇھىم تەرىپى ئۇ سېستىما ئىنسانلاردەك تۇيغۇغا ئىگە ئەمەس ، شۇ سەۋەپتىن ھايات ئىنسانلاردەك مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالالمايدۇ...

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-1-18 12:37:34 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەلرام يوللىغان ۋاقتى  2016-1-18 11:19
خېرىس  ئەكىلەلمەيدۇ! ئۇ سېستىما يازدى دېگەندىمۇ تۇر ...

ھەقىقىي شائىرلارغا خىرىس ئەكىلەلمەيدۇ، ئەمما قاپىيە سۆزلىرىنى تېپىۋېلىپ ئاندىن شۇلارنى باغلاپ، ئۇلاپ شېئىر تۇقۇيدىغانلارغا خىرىس ئېلىپ كېلىدۇ.

ۋاقتى: 2016-1-18 16:14:33 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
tvnyukuk يوللىغان ۋاقتى  2016-1-18 12:37
ھەقىقىي شائىرلارغا خىرىس ئەكىلەلمەيدۇ، ئەمما قاپىيە  ...

توغرا! بو سۆزىڭىز ئورۇنلۇق، قوشۇلىمەن.

ۋاقتى: 2016-3-9 20:38:04 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىز قاپىيىسىز، تۇراقسىز، ۋەزىنسىز شېئىرلارنى ئېتىراپ قىلىمىز، لېكىن بۇنداق شېئىرلارنى ھەمىشە ۋەزىنلىك، قاپىيىلىك شېئىرلاردىن ئۈستۈن تۇرىدۇ دەپ كىسىپ ئېيتالايمىزمۇ ؟  قاپىيە، تۇراق، ۋەزىنلەر نەرىڭلەرگە تاقاشقاندۇ؟ تاقاشقان بولسا ئىشلەتمەڭلار بولدى  .

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-3-10 18:02:08 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
nurala يوللىغان ۋاقتى  2016-3-9 08:38 PM
بىز قاپىيىسىز، تۇراقسىز، ۋەزىنسىز شېئىرلارنى ئېتىراپ ...

بۇ بىر يەرگە تاقىشش ياكى تاقاشماسلىق مەسلىسى ئەمەس، بىر نەزەرىيۋى ماقالىنىڭ يېزىلىشى قانداقتۇر بىر نېمنىڭ يەنە بىر نېمىگە تاقاشقانلىقىدىن دېرەك بەرمەيدۇ، سوغۇق قان  بولۇڭ، ئەگەر قارشى پىكىرلىرىڭىز بولسا ئىلمىي ھالدا ئوتتورغا قويسىڭىز مۇنازىرە قىلساق بولىدۇ. بولمىسا قالغىنىنىڭ ھەممىسى قۇرۇق گەپ.

باھا سۆز

ئوتتورغا-ئوتتۇرىغا...  ۋاقتى: 2016-3-10 07:48 PM
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家协会网
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش