ئەدەبىيات سەھنىسىدە بىر غۇنچىنىڭ پۇراق چېچىۋاتقانلىقىدىن بەكمۇ سۆيۈندۈم. قەلىمىڭىز توختاپ قالمىسۇن .
مەھلىيا سىڭلىمىز تونۇشتۇرۇلغان بۇ تېمىنى كۆرۈپ ، ئۆزەمنىڭ 16-17 ياش چاغلىرىم ئېسىمگە كېلىپ قالدى. تىببى مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان ۋاقتىم ئىدى ، ئوقۇشقا ، يېزىشقا شۇنچىلىك ئىشتىياقىم بار ئىدى. ھەتتا كارۋات يېنىدىكى تامغا چاپلانغان ئاق قەغەزمۇ بوش قالمىغان . «كىروران ژۇرنىلى»مۇ مېنىڭ قىزغىنلىقىمغا مەدەت بەرگەنىدى. ئەپسۇس ، ئوقۇشنى پۈتتۈرۈپ ، خىزمەتكە تەقسىم قىلىنىپلا يېزىشنى تاشلاپ قويدۇم . خىزمەت ، ئائىلە ، يەنە تۈگمەس باھانە سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ئۇدا ئون سەككىز يىل قەلەمنى تاشلاپ قويغىنىمغا بەكمۇ ئۆكۈنىمەن.
شۇڭا ھازىرقى ياش نوتىلارنىڭ مۇشۇ تىرىشچانلىقىنى ئىزچىل ساقلىشىنى ، قەلىمىنى دات باستۇرۇپ قويماسلىقىنى ، ماڭا ئوخشاش ئەپسۇسلۇق ئىچىدە بۇنداق تېمىغا مۇناسۋەتسىز ئىنكاس يېزىپ ئولتۇرماسلىقىنى ئۈمىد قىلىمەن .
|