كۆرۈش: 1901|ئىنكاس: 32

مەھلىيا قۇرباننىڭ تىل دۇنياسى (43)

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
43

未标题-2.jpg


ئۈمىدلىك ھەۋەسكار مەھلىيا قۇربان 1992-يىلى قەشقەردە تۇغۇلغان، ھازىر قەشقەر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پسىخىكا مەسلىھەتچىلىك كەسپىدە ئوقۇۋاتىدۇ.
ئۇنىڭ ئەدەبىي ئىجادىيىتى 2014-يىللىق 2-، 3-قوشمان سان "تارىم غۇنچىلىرى" ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغان "يىغلىمىسۇن بۇلۇتلار" ناملىق نەسىرى بىلەن باشلانغان. ھازىر ئۇ كەسپىي دەرسلىرىنى ياخشى ئۆگىنىپ ماڭغاندىن باشقا بوش ۋاقىتلىرىدىن پايدىلىنىپ ئۆز قىزىقىشى بويىچە نەسر ۋە شېئىر ئىجادىيىتى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتىدۇ.

[مەھلىيا قۇرباننىڭ ئېيتقانلىرى]
نۇرغۇن كىشىلەر" ئ‍ۇيغۇرلارنى تىلى چىقىشى بىلەن ناخشا ئ‍ېيتىپ ئ‍ايىغى چىقىشى بىلەن ئ‍ۇسۇل ئ‍وينىيالايدۇ"دېيىشىدۇ  بەلكىم شېئىر يېزىش ماڭا ئ‍وخشاش ناخشا ئ‍ېيتىپ ئ‍ۇسۇل ئ‍ويناشتىن ئ‍ىبارەت تۇغما تالانتى بايقالمىغان ھەم ئ‍ۇنى ئۆگىنىشكە  قىزىقمىغان ئ‍ۇيغۇر قىزىنىڭ ئ‍وينالمىغان ئ‍ۇسۇللىرى ۋە ئ‍ېيتالمىغان ناخشىللىرى بولۇشى مۈمكىن.


مەھلىيا قۇرباننىڭ شېئىر ۋە نەسىر تىلى بىرسى-بىرسىگە ئوخشاپ كېتىدۇ، ئۇ بىر قارىماققا نەسىر بىلەن شېئىر ئوتتۇرىسىدىكى كۆرۈنمەس پەردىنى يىرتىۋېتىشكە ئۇرۇنىۋاتقاندەكمۇ كۆرۈنىدۇ، تىلى ئاددىي ئەمما يېقىشلىك، ئىپادىلەش ئۇسۇللىرىدا بەلگىلىك يېڭىلىق ئامىللىرىنى ھېس قىلماق تەس ئەمەس. بىز بۇ ياش ھەۋەسكارنىڭ بۇندىن كېيىنكى ئىجادىي ھاياتىغا نۇسرەت تىلەش بىلەن بىرگە بىر قىسىم شېئىرلىرىنى ھوزۇرۇڭلارغا سۇندۇق.
- مەسئۇل مۇھەررىردىن


ئ‍ۆلمەسلىك

قاراڭغۇ كوچىلارغا كىرىپ،
سېنىڭ يوپيورۇق سىمايىڭنى ئ‍ەسلەپ قايتىپ چىقتىم.
كۆزلىرىمنى يىغلىماس قىلىۋەتسەم،
قەلبىمدىكى يىغامنى بىلمىگەندەك ھېچكىم بىلمىسە،
ئ‍ۇخلاۋاتىمەن،
كېلەچەكنىڭ قاتتىق كارۋىتىنى قۇچاغلاپ.
كۈلكەم بار،
تامغا ئېسىپ قويۇلغان گىلەمدەك.
ئ‍ەربولسام،
"دادامدەك بولاتتىم" دەيمەن ئ‍ۆزۈمگە،
ئ‍ارقىدىنلا،
"ئ‍انامدەك ئ‍ايال بولالارمەنمۇ!؟" دەپ سورايمەن يەنە ئ‍ۆزۈمدىن.

ئ‍ەتراپىمىزدىكى پۇتكۈل جىنايەت، رەسۋالىقلار بۇ قەۋىمنىڭ ئ‍اياللىرىنى شاپىلاقلاۋاتقىنىدا،
كىم بىلىدۇ،
ۋاقىتسىزئ‍اقارغان ، تۆكۈلگەن چاچلارنىڭ "مودا"دىن پاناھ ئ‍ىزلەۋاتقانلىقىنى.
كىم بىلىدۇ،
نۇرغۇن ئ‍ىشىكلەردىن ، دېرىزىلەردىن
ئ‍ېقىپ كېتىۋاتقان ھېسسيات ئ‍ىسراپچىلىقىنىڭ ئ‍ىقتىساد ئ‍ىسراپچىلىقىدىن ئ‍ېشىپ كېتىۋاتقانلىقىنى،
ئ‍ۆز-ئۆزىگە زارلىقىنى
كىملەرگە خارلىقىنى.
كىم بىلىدۇ !؟
بىلمەسلىكلەرنى.



مەن ئ‍ۆلىۋاتىمەن




مەن ئ‍ۆلىۋاتىمەن،
قەلبىمنىڭ سوراقلىرىدا.
مەن ئۆلىۋاتىمەن،
ئ‍ۆچۈپ قالغان ئ‍وتلارنىڭ ئ‍ۇۋاقلىرىدا.
مەن كۆيىۋاتىمەن،
مۇزلاپ كەتكەن دۇنيانىڭ قىرغاقلىرىدا .
"سەن كىمسەن ؟"دەپ سورۇدۇڭ،
مەن ياشاش ئۈچۈن ئۆلىۋاتقان بىر قىزمەن،
مۇردىلار مېڭىپ يۈرگەن دۇنيادا .
مەن ئۆچۈپ كېتىدىغان بىر ئ‍ىزمەن،
"مەشھۇرلۇق كېسىلى"بىلەن يۇقۇملانغان يوللاردا.
مەن سىيىت نوچىنىڭ سەمىمىيلىكىنىڭ قۇربانىمەن،
ئۆز -ئۆزىگە خائىنلىق قىلغان.
مەن مەختۇمسىلانىڭ ئ‍ېقىپ كەتكەن بىر تال چېچىمەن،
ئ‍ۆز-ئۆزىگە ساتقىنلىق قىلغان.
مەن نوزۇگۇمنىڭ كۆزلىرىگە پاتمىغان يېشىمەن،
قەھرىمان قىزلىرىنى قوغدىيالمىغان مىللىتىنىڭ ئ‍ەرلىرى ئ‍ۇچۇن ئ‍اققان.
مەن يەتتە قىزلىرىمنىڭ ئ‍ەڭ ئ‍اخىرقى قارارىمەن،
ھەقىقى قىممەتنى ئ‍ۆلۈمدىن تاپقان.
مەن .يېڭى دەۋىردىكى كونا بىرقىزمەن
قاراڭغۇ كېچىلەردىن يورۇقلۇق ئ‍ىزلەۋاتقان.
بەلكىم مەن بىر زۇلمەتلىك كېچىمەن،
قوياشىنى كۈتىۋاتقان.
مەن نېمە ئ‍ۈچۈن ھېچنىمىنى كۆرەلمەيمەن!؟
چۈنكى مەن بۇئ‍ۆتمۈشنىڭ تەكرارلىنىشىنى خالىمايمەن.
چۈنكى مەن ئ‍ۆلىۋاتىمەن!

مىڭ ئ‍ىككىنچى كېچە

"شەھرىزات"نى چۈشەيمەن قايتا،
مىڭ ئ‍ىككىنچى كېچىگە كىرىپ.
قايتىلانماس كېچە باغرىدىن،
يېڭى ھىكمەت رىۋايەت تېرىپ.
* * *
"مىڭ بىر كېچە"ھېكمىتى بىلەن،
قۇچاقلايدۇ ھەربىر كېچىنى.
چۈشلۈرۇمدە تاراپ چىقىمەن ،
"شەھرىزات"نىڭ ئ‍ۇزۇن چېچىنى.
* * *
قۇرۇپ چىقسام "شەھرىزات" كەبى،
كۈندۇزدىنمۇ يورۇق كېچىنى.
يۈيالىسام پاراسەت بىلەن ،
قاراڭغۇنىڭ ئ‍ىچى تېشىنى.
* * *
يىغلاپ كەلمەس بولسا ئ‍ەتىلەر،
ھېكمىتىنى تاپسا پەتىلەر ،
چۈشۈمىزدىن چۈچۈپ ئ‍ويغۇنۇپ ،
ئ‍ەھدىمىزگە قانسا ۋەدىلەر.
* * *
ئ‍ۆز-ئۆزۈمنى ئ‍ويغاتسام دەيمەن ،
ئ‍ۈيقۇ ماڭا قانغان كېچىدىن.
قايتىپ چىقسام مەيلى ئ‍ۆمىلەپ،
قارا ئ‍ەمەس ،زۇلمەت ئ‍ىچىدىن.
* * *
بەلكىم بۇ بىر ئ‍التۇن رەڭ ئ‍ازاپ،
پارقىرايدۇ كېچە ۋە كۈندۇز.
ئ‍اق رەڭدىنمۇ جەلىپكار ياكى،
مىڭ يىل بۇرۇن"قارا"دىگەن سۆز.
* * *
ھېكايەتكە قانمىغانلار كەل،
مەيلى شاھ يا چاكار بولۇپ كەل.
سەن ئ‍ۇخلىغان مىليۇن كېچىدىن،
بىزگە ھېكمەت،قىممەت سۈزۈپ بەر.
* * *
كەل بۇياققا،بوياقچىلار كەل،
بىزگە رەڭدار كۈندۈز سىزىپ بەر.
مىڭ ئ‍ىككىنچى كېچىگە كىرىپ،
ئ‍ەقىدەڭدىن تېمىتقىن بىر زەر.



خەجلىنىش

تىنىمسىزكۈندۇزلەر ۋاراڭ -چۇرۇڭلىرىنى
قاراڭغۇ كېچىلەرگە نىسى سېتىۋاتقان دەملەردە،
بايلىقنىڭ نامرات قوللىرى ھەممىگە قول ئ‍ۇزىتىۋاتقان كۈنلەردە،
ساتمىساڭلارچۇ ھېچنىمىنى پۇلغا!
مېنىڭ پەلسەپەم، مېنىڭ دۇنيا قارىشىم ھېچنىمىگە ئ‍ەرزىمەيدىغان بىركۈندە،
"پۇلغا ھەممە نەرسىنى سېتىۋالغىلى بۇلىدۇ" دېدى بىرى.
بارلىقىنى پۇلغا تەڭلەۋاتقان كىشىلەرنىڭ ئ‍ارىسىدىن.
ئ‍الىيىپ تۇرۇپ،
ئ‍الدىنىپ تۇرۇپ،
گۆلىيىپ تۇرۇپ،
سەسكىنىپ تۇرۇپ سۆيۆۋاتقىنىمىز پۇل ئ‍ىكەن.
بىز ئ‍اشىقىمىزنى ئ‍ۇنى سۆيگەندەك سۆيمەي تۇرۇپ،
بىز ئ‍اتا-ئانىمىزغا ئ‍ۇنىڭغا ئ‍ىنتىلگەندەك ئ‍ىنتىلمەي تۇرۇپ،
ئ‍ۇلاردىن ئ‍ايرىلىپ قالىدىكەنمىز.
يىراقلاپ كېتىدىكەنمىز.
خەجلىنىپ كېتىدىكەنمىز،
ئ‍ۆزىمىز سېتىۋەتكەن، سېتىۋالغىلى بولمايدىغان ئ‍ەقىدىلەر تەرپىدىن.
ھىممەتسىز بازاردا.


ئ‍ۈنتۇلۇش


سەنسىز ياشاشتىنمۇ ئ‍ازاپلىقى ،
سېنى ئ‍ۇنتۇپ كېتىپ ياشاش.
كىشىلەر نىمە ئ‍ۇچۈن
ھەممىنى ئ‍ۇنتۇپ كېتىپ ياشىماقچى بولىدۇ!؟
ئ‍ۇنتۇۋاتقانلىرى ئ‍ازدەك.
سېنى ئ‍ۇنتۇپ كېتىشىمنى ئ‍ېيتىدۇ،
سەن،كەلمەكچى بولىسەن،
كەتكىنىڭ ھەققىدە ئ‍ۇچۇر كېلىدۇ،
سەن،ھەممىنى بىلىمەن دەيسەن،
بىلمەيدىغانلىرىڭ سېنى ئ‍ازدۇرىدۇ.
مەن كۈلىمەن،
مېنىڭ ئ‍ۇنىڭدىن گۈزەلرەك چىراي ئ‍ىپادەم يوق.

يۇلتۇزلار، ھېكايىسىنىڭ ئ‍ەڭ جەلىپكار نوقتىسىغا سىڭىۋاتقان سەھەرلەردە ئ‍ويغۇنۇپ،
چۈشلۈرۇمدىن سېنى ئ‍ىزلەيمەن.
سىېغىنىشقا ئ‍ىسپات بولالمايدىغان،
كىرپىكلىرىمدەك تۆكىلىۋاتقان ئ‍ىشەنچلەر بىلەن،
ماڭا مۇھەببەت ھەققىدە دەرس سۆزلەۋاتقان ،
مۇھەببەتسىز كىشىلەرنى يانداپ ئ‍ولتۇرۇپ ،
لوگىكىسىز پەلسەپىلەرنى رەتلەيمەن،
ياكى ئ‍ۆزۈمگە ئ‍وخشىتىپ قويىمەن.
ئ‍ەڭ ئ‍ازابلىق بىر مىسرامەن.
راسلقىمدىن ھەممە گۇمان قىلىدۇ.



ھەقىقەتكە ئ‍الدىنىش

يالغان سۆزلەرمۇ ئ‍الدىيالماس بولغاندا مېنى،
راس سۆزلەردىنمۇ تەسىرلىنىپ كەتمىدىم.
پەقەت، مىيىقىمدا كۈلۈشنى ئ‍ۆگەندىم.
"يالغان سۆزلەشمۇ بىر سەنئەت" دېدى بىركۈنى ئ‍ۈستازىم،
قايتا-قايتا ئ‍الدىنشلاردىن كىيىن.
توغرا،
ئ‍ۇ بىزنى ئ‍الدانمىسۇن دېدى.
ئ‍ەمما ئ‍ۇ نۇرغۇن سەمىمى دىللارغا گۇمان سالغانلىقىنى بىلمىدى.
كىم ئ‍ۇ، سەنئەتنىڭ ئ‍ەڭ يۈكسەك چوققىسىنى ياراتقان!؟
مەشھۇر سەنئەتكار ئ‍اتالغان بىر كىم، ساختىلىقلاردىن ھەقىقەت ياسدى.
ئ‍ۆزىنىڭ ئ‍ەڭ كاتتا سەنئەت ئ‍ىكەنلىكىدىن گۇمانلىنىدىغان بىر توپ كىشىلەر،
بۇ ھەقىقەتكە ئ‍الداندى.




خەرىتە


خەرىتىنىڭ ئ‍ەگرى سىزىقى،
ئ‍ايرىۋەتتى سېنى مېنىڭدىن .
كېرەك قىلسام بېرەمسەن ۋەتەن!؟
ئ‍ېقىۋاتقان تامچە قېنىڭدىن.
* * *
كەتتىم يىراق،كەچمەسمەن لىكىن،
بولۇپ ئ‍اقاي باغرىڭدا ئ‍ېقىن.
ئ‍ايرىلش كۆپ، ئۆلۈمدىن باشقا،
ئ‍ۆزۈم يىراق، قەلبىمدۇر يېقىن.

مەن ئ‍ىنتىزار پەيىتلەر


ئ‍ۆز ئ‍ۆزىنى قانماي شورىماقتا،
تاماكىنىڭ قالدۇقىدەك بۇ ئ‍ۆلگۈر ھايات.
ئ‍ەمدى ھېچكىمنى يىغلىتالمايدۇ ،
گۇناھ كانلىرىدا ئ‍ۆزىنى بوغۇزلاۋاتقان مامات.
ياشايمەن دەپ ئ‍ۆلۈمگە كىرىپ كېتىۋاتىسەن،
گۈلدەك ياشاۋاتقان مۇردىلار ئ‍ارسىدا.
كۆز ياشلىرىڭنى قەتلە قىلىۋاتىسەن،
ناھەقچىلىقنىڭ تەڭپۇڭ تارازىسىدا.
مۇزئوكيانسەن،
باغرىڭدىكى ئ‍وتتا ئ‍ېرىيسەن.
ئ‍ەمما ئ‍ېرىۋاتقىنىنىڭ، ئ‍وتنىڭ يېشى ئ‍ىكەنلىكىنى بىلمەيسەن.
ياشاۋاتىسەن ،قەبرىلەرنىڭ ئ‍ۈستىدە ،
كۈندۇزدىكى يۇلتۇزدەك.
كېچىدىكى چاقناشلىرىڭمۇ، ئ‍ويغۇتالمايدۇ ھېچكىمنى.
تىنىمسىز قاۋاۋاتقان ئ‍ىتلار بۇزالمغاندەك شېرىن چۈشلەرنى.
يۇلتۇزسانىمايدۇ ھېچكىم بۈگۈن،
"قىلالماسلىق "بىلەن مەنا تاپىدۇ مۈمكىنسىزلىكلەر.
ئ‍ەتە سېنى تاپالمايدۇ كىشىلەر
چۈنكى،چارچاپ ئ‍ۇخلايدۇ ،كېچىدە.
يەنىلا سېنى ئ‍ىزدەر بەلكىم،چۈشىدە.
ئ‍اھ!..سېنىى يوقۇتۈپ قويىۋاتقان كۈندۇزلەر،
سەن بىلەن تەغدىرداش قاراڭغۇ كېچىلەر.
سالام سىلەرگە،مەن بىلىشكە ئ‍ىنتىزار پەيىتلەر .

سەنسىزلىكنىڭ چېكى

ھاياتنىڭ مەن ئ‍اسقان ئ‍التۇن زەنجىرى، نەپەسلىرىمنى تىنماي بوغىدۇ.
سەنسىز سۆيۈلۈشمۇ يېڭىدىن يېڭى ھەسرەتلەرنى تۇغىدۇ.
ئ‍ۆزۇڭمۇ سەزمىگەن ھەسرەتلەرگە مېنى مەھكۈم قىلىسەن.
سېنىڭ قاراڭ كۆرۈنمىگەن بىكەتلەردىن، ئ‍استا قايتىپ كېلىمەن.
ھاياتىمنىڭ ھېچكىم توختىمايدىغان دوخمچېكىۇشلىرىدا ،سەن ئ‍ۈچۈن مەخپى بىكەتلەرنى قۇرىمەن.
مىنىڭ سىرلىقلىغىم سېنىڭ بىپەرۋالىغىڭ چېكىگە يەتكەندە،
بىرپەرىشتىنى ئ‍الۋاستى دەپ قىياس قىلىسەن.
دات باسقان پىچىغىڭ بىلەن ئ‍ۇنىڭ باغرىنى تىلىسەن.
كۆرگۈنۈڭ،ياش ئ‍اقمايدىغان بىرجۈپ كۆز بىلەن قانسىرىغان يۈرەك بولىدۇ.
شۇندىلا كۆزلۇرۇڭ ياشقا ،قەلبىڭ قانغا تولىدۇ.
سۆيىسەن،سۆيىسەن،سۆيىىسەن...........ئەسەبىلىك بىلەن، مەڭگۈ ئ‍ورنىغا كەلمەيدىغان ئ‍ۆتمۈشنى.
كۈيلەيسەن ،ئ‍ەمدى سېنى باغرىغا باسالمايدىغان كەچمىشنى.
كۈلىسەن،يالغان ئ‍ىكەنلىكىنى چاندۇرماسلىق ئ‍ۈچۈن قاقاقلاپ.
كۆنىسەن،سۈنىۋاتقانلىغىڭنى بىلدۇرمەسلىك ئ‍ۈچۈن قاراسلاپ.
كىتىمەن ،بارلىغىمنى باغاشلاپ.
قالىسەن،"كەتمە"دىيەلمەي ،ئ‍ۆزۇڭنى ھەريان تاشلاپ.


تارىخ


ھەممىنى ئ‍ويۇپ قۇيماقچى بولدۇڭ،
سەندىن ئ‍ۇزۇن ياشىماقچى بولغان،
ھاياتلىقنىڭ دىشۋارچىلىقلىرى چېچەكلەۋاتقان،
كۈندە تالاي قېتم قوياش چىقىپ پاتىدىغان،
ساڭا تەۋە بولغان ياكى بولالمايۋاتقان قەلبىڭگە......
ئ‍ۇبىر تارىختۇر، ھېچكىم ۋاراقلىمايدىغان.
ئ‍ۇ بىر يارلىقتۇر، ئىگىسىنى تاپالمايۋاتقان.
ئ‍ۆزۇڭدىن باشقىسى چۈشەنمەيدىغان ھەم چۈشەندۇرۇلمەيدىغان.
ئ‍ۇلار سورىشىدۇ ،
ئ‍ەتە ھەققىدە.
سەن ياشايسەن،
قەلبىڭدىكى تۈنۈگۈنۇڭدە.
بىر-بىرىمىزنى كۆرەلەيدىغان ۋە مەڭگۈ كېسىشمەيدىغان تۇز سىزىقلار ئ‍ۈستىدە،
باسقان مۇساپىمىزدىن ئ‍ۇزۇن سېلىشتۇرۇشلار ئ‍ىچىدە،
چارچاپ كېتىۋاتىمىز،
ھېچكىم ئ‍اڭلاشنى خالىمايدىغان كۈچلۈك سادالارنى ياڭرىتىۋاتىمىز.
ھېچكىمنىڭ باغرى سېنىڭ باغرىڭدىن كەڭ ئ‍ەمەس ئ‍ىدى ،
كېچىۋاتىمىز، سورىسا تونىيالماسمىز...




ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2015-11-1 19:02:25 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇبارەك بولسۇن مەھلىيا!  ئۈزلۈكسىز تېرىشىڭ! تېخىمۇ گۈزەل مەنزىللەر سىزنى كۈتىۋاتىدۇ!

ۋاقتى: 2015-11-1 19:19:04 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قىزىمىز مەھلىيانىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى ئىجادىيەت يولىنىڭ تېخىمۇ داغدام بولۇشىغا تىلەكداشمەن!

ۋاقتى: 2015-11-1 19:30:26 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قۇت ياغسۇن!
مەھلىيا قۇرباننىڭ بىرەر تەخەللۇسى بارمۇ؟ مەن ئەمدى تونۇۋاتىمەن.

باھا سۆز

ئىسمىمۇ جىسمىغا ئوخشاش گۈزەلكەن، ‹‹ مەھلىيا ›› بولىۋەرسە بولغىدەك.  ۋاقتى: 2015-11-1 09:23 PM
ۋاقتى: 2015-11-1 19:36:57 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇبارەك بولسۇن . كىيىنكى مەنزىللىرىگە يۈكسەك پەللە يار بولغاي .

ۋاقتى: 2015-11-1 19:46:18 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەھىلىيا سىڭلىمىزنىڭ ئوقۇش ، ئېجادىيەت ئىشلىرى تېخىمۇ بەرىكەتلىك بولغاي.

ۋاقتى: 2015-11-1 20:06:53 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تىخىمۇ بەرىكەتلىك بولۇشقا نىسىپ قىلسۇن مەھلىيا ! ئىلگىرى پو ئېتىشقا ئامراق ئىدىم ، تەڭتۇشلىرىم ئىچىدە مېنىڭ ئالدىمغا ئۆتىدىغىنى يوق شېئىردا دەپچۇ ئەمما ئادىلجان ئابدۇرېھىم ۋە سىزدەك تەڭتۇش شائىر ، شائىرەلەرنىڭ ئەسەرلىرىنى ئوقۇپ ھەقىقەتەن خىجىل بولدۇم .ئۇيغۇر ئەدەبىياتى پو ئاتالايدىغانلارغا ئەمەس بەلكى سىلەردەك ئۈن -تىنسىز يىڭىلىق يارىتالايدىغان ، ئۈزلۈكسىز تىرىشىدىغانلارغا مەنسۇپ . قەلەم تۇتقان قولىڭىزغا دەرد بەرمىسۇن ، ئامان بولۇڭ :)

باھا سۆز

سۆزى گۈزەلنىڭ ئۆزىمۇ چىرايلىق، قەلبىمۇ چىرايلىق.  ۋاقتى: 2015-11-2 01:29 PM
ۋاقتى: 2015-11-1 20:35:31 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇبارەك بولسۇن مەھلىيا، ھارمىغايسىز..ئىجادىيەتلىرىڭىزگە ئۇتۇق تىلەيمەن..

مەھلىيانىڭ ئېسىل ئەسەرلىرى بىلەن بىزنى سۇنغان تېما ئىگىسىگە تەشەككۈرلەر بولسۇن

ۋاقتى: 2015-11-1 21:45:01 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئېجادىيەت ئىشلىرىڭىز  بەرىكەتلىك بولغاي.داۋاملىق تىرشىڭ.

ۋاقتى: 2015-11-1 21:53:41 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش




        مۇبارەك بولسۇن!
        باسقان ئىزلىرىڭىز نۇرانە بولغاي !

ۋاقتى: 2015-11-1 22:26:22 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش: يوللىغۇچى چەكلەنگەن. مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
ۋاقتى: 2015-11-1 23:29:08 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، تېمىغا مۇناسىۋەتسىز سوئال سوراپ قويغىنىمدىن ئۆزرە. تېما يوللىيالمايۋاتىمەن، ھەر قېتىم تېما يولاش كۆزنىكىنى باسقىنىمدا، كىرىش كۆزنىكى چىقىدۇ، ئىسمىم ۋە پارولىمنى بېسىپ كىرسەممۇ ھېچقانداق ئىنكاس يوق، تېما يوللاشنى چەكسەم يەنە كىرىش كۆزنىكى چىقىدۇ. مېنىڭ نومۇرۇمدا مۇشۇنداق بولۇۋاتامدۇ ياكى سىستېمىنىڭ ئىشىمۇ؟ ئەقىل كۆرسەتكەيسىلەر! رەھمەت!

ۋاقتى: 2015-11-2 10:05:06 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇبارەك بولسۇن، يېڭى يۇلتۇزىمىزنىڭ تېخىمۇ نۇرلۇق چاقنىشىغا تىلەكداشمەن...

ۋاقتى: 2015-11-2 10:56:50 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەكتەپداش سىڭلىمىزنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى ئىجادىيىتىگە بەرىكەت يار بولغاي!

ۋاقتى: 2015-11-2 11:21:39 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەممىڭلارغا كۆپتىن كۆپ رەھمەت

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家协会网
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش