ئىگىسى: abdurexit eli

مەھلىيا قۇرباننىڭ تىل دۇنياسى (43)

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 2015-12-26 18:34:44 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇبارەك بولسۇن! بۇ يولدا ئاخىرقى مەنزىللەرگىچە  يېتىپ بارغايسىز !

ۋاقتى: 2015-12-26 23:50:05 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەدەبىيات سەھنىسىدە بىر غۇنچىنىڭ پۇراق چېچىۋاتقانلىقىدىن بەكمۇ سۆيۈندۈم. قەلىمىڭىز توختاپ قالمىسۇن .

مەھلىيا سىڭلىمىز تونۇشتۇرۇلغان بۇ تېمىنى كۆرۈپ ، ئۆزەمنىڭ 16-17 ياش چاغلىرىم ئېسىمگە كېلىپ قالدى. تىببى مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان ۋاقتىم ئىدى ، ئوقۇشقا ، يېزىشقا شۇنچىلىك ئىشتىياقىم بار ئىدى. ھەتتا كارۋات يېنىدىكى تامغا چاپلانغان ئاق قەغەزمۇ بوش قالمىغان . «كىروران ژۇرنىلى»مۇ مېنىڭ قىزغىنلىقىمغا مەدەت بەرگەنىدى. ئەپسۇس ، ئوقۇشنى پۈتتۈرۈپ ، خىزمەتكە تەقسىم قىلىنىپلا يېزىشنى تاشلاپ قويدۇم . خىزمەت ، ئائىلە ، يەنە تۈگمەس باھانە سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ئۇدا ئون سەككىز يىل قەلەمنى تاشلاپ قويغىنىمغا بەكمۇ ئۆكۈنىمەن.

شۇڭا ھازىرقى ياش نوتىلارنىڭ مۇشۇ تىرىشچانلىقىنى ئىزچىل ساقلىشىنى ، قەلىمىنى دات باستۇرۇپ قويماسلىقىنى ، ماڭا ئوخشاش ئەپسۇسلۇق ئىچىدە  بۇنداق تېمىغا مۇناسۋەتسىز ئىنكاس يېزىپ ئولتۇرماسلىقىنى ئۈمىد قىلىمەن .

ۋاقتى: 2016-2-27 18:16:41 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەھلىيا،  شىئىر توغرىسىدا  ئىيىتقانلىرىڭىزدىن سۆيۈندۈم.  شىئرلىرىڭىزمۇ  ئۆزگىچە بەدىئى تۈسكە ئىگە.  قۇرداشلاردىنكەنمىز.   ئىجادىيتىڭزگە بەرىكەت تىلەيمەن.

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家协会网
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش