كۆرۈش: 977|ئىنكاس: 28

نېفىتلىكتە چاقنىغان يۇلتۇز-«مايبۇلاق»

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 2015-10-29 20:59:42 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |كۆرۈش شەكلى

7 p2 H# l  }+ k1 K% l0 Y1 f
    نېفىتلىكتە چاقنىغان يۇلتۇز-«مايبۇلاق»
' Z$ S6 Q" o* u: `
«مايبۇلاق» ژۇرنىلىنىڭ 150سان نەشر قىلىنغانلىقىنى قىزغىن تەبرىكلەيمىز.

  k1 |! q. [/ O, [* _  K       2015-يىلى 10-ئاينىڭ 28-كۈنى چۈشتىن كېيىن قاراماي شەھەرلىك ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى مەخسۇس يىغىن چاقىرىپ «مايبۇلاق» ژۇرنىلىنىڭ 150 سان نەشر قىلىنغانلىقىنى تەبرىكلىدى. پىشقەدەم قەلەمكەشلەر، ژۇرنال ئۈچۈن قان-تەرىنى سەرپ قىلىپ پىنسيىگە چىققان مۇھەررىرلەر، يازغۇچى-قەلەمكەشلەر، ياش كۈچلەر بولۇپ 30 غا يېقىن ئادەم قاتناشتى. مۇئاۋىن باش مۇھەررىر ئوسمان قاۋۇل ژۇرنالنىڭ بۈگۈنگە كەلگۈچە بولغان ئارىلىقتا بېسىپ ئۆتكەن تارىخىي مۇساپىسىنى قىسقىچە تۇنۇشتۇردى.: w4 I0 b* A$ [) ?- L* k
زور كۆپچىلىك ئۆزلىرىنىڭ «مايبۇلاق» بىلەن تەڭ ئۆسۈپ يېتىلگەن يېزىقچىلىق ھاياتىنى سېغىنىش ئىچىدە ئەسلىدى، يىغىن قاتناشقۇچىلىرى ژۇرنالدىن سۆيۈنۈش، قەدىرلەش، مەزمونىنى موللاشتۇرۇش،  تېخىمۇ رەڭدارلاشتۇرۇش ئۈچۈن قىممەتلىك تەكلىپ- پىكىرلەرنى بەردى.
, [& f/ [- N7 s' M- gئاخىرىدا قاراماي شەھەرلىك ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى،«مابيۇلاق»ژۇرنىلىنىڭ باش مۇھەررىرى دولقۇن تۇرغۇن ئاپتورلاردىن كۈتىدىغان ئۈمىدى، ژۇرنالنىڭ تەلىپى ۋە بۇندىن كېيىنكى ئىشلىنىدىغان خىزمەتلەر توغرىلىق ئەڭ يېڭى ئۇچۇرلار بىلەن تەمىنلىدى. - F# e* k& P! I: r' E. m5 `0 v2 i

, q" c% G8 A5 O* W# x       «مايبۇلاق» ھەققىدە ئەسلىمە:
" s4 [" w( C; v: k0 l/ `5 T    قاراماي شەھەرلىك ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ قارمىقىدا نەشر قىلىنىۋاتقان «مايبۇلاق» ژۇرنىلىدىن ئىبارەت بۇ قىران مەنىۋىيەت باغچىسى شۇ تاپ 38 يىللىق مۇساپىنى غەلىبىلىك بېسىپ، 150 سان نەشر قىلىنغانلىقىنىڭ تەنتەنىسىنى كۈتىۋالماقتا. ئەمدىلا قوش 60 يىللىق شانلىق مۇساپە نەتىجىلىرى تەبرىكلىنىپ خۇشاللىق ئۈستىگە خۇشاللىق، تەنتەنە ئۈستىگە تەنتەنە قوشۇلىۋاتقان شۇ كۈنلەردە شەھەرلىك ئەدەبىيات- سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى ئۆتكەنكى شەرەپلىك مۇساپىلەرنى ئەسلەپ، نېفىتلىك خەلقىنىڭ روھىيىتى ئۈچۈن تىنماي ئىزدىنىۋاتقان بۇ ھارماس بۇلاقنىڭ ھەر بىر قەدىمىنى ئىپتىخارلىق ئىچىدە ئەسلىمەكتە.
* p! K  w# u4 ~     ھەر قانداق بىر شەيئىنىڭ مەيدانغا كېلىشى مەلۇم تارىخىي جەرياننىڭ مەھسۇلىدىن ئىبارەت. «مايبۇلاق» ژۇرنىلىنىڭ شەكىللىنىش، تەرەققىيات جەريانلىرىمۇ مەلۇم ئىجتىمائىي ئاساسقا، جاپالىق جەريانلارغا، توختىماي ئىزدىنىش روھىغا ئىگە. ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 70-يىللىرىنىڭ ئاخىرىدىكى قىيىن شارائىتتا قاراماينىڭ كېڭىيىشى، نېفىت ئىشلەپچىقىرىشنىڭ مۇقىملىشىشقا يۈزلىنىشى قارامايدا بىر ئەدەبىي سەھنىنىڭ بولۇشى لازىملىقىنى تەقەززا قىلدى. مۇشۇنداق ھالقىلىق پەيتلەردە نېفىتلىكتىكى بىر قىسىم قەلەمكەشلەر، ئەدەبىيات ھەۋەسكارلىرى قولىغا قەلەم ئېلىپ ئىشچىلارنىڭ روھىنى ئۇرغۇتىدىغان، ئۇلارنىڭ قىيىنچىلىقنى يېڭىش ئىرادىسىنى تاۋلايدىغان لىرىكىلىق ئەسەرلەرنى يېزىپ نېفىتچىلارنىڭ ھەقىقى قىياپىتىنى ئەكىس ئەتتۈرۈپ بېرىشكە تىرىشتى. شۇنىڭ بىلەن  1977-يىلى 11-ئايدا ئەسلىدىكى قاراماي شەھەر،شىنجاڭ نېفىت ئىدارە پارتكوم گېزىت شەكلىدە  «نېفىتچىلار ئەدەبىياتى» نامىدا بىر ئەدەبىي سەھنە نەشر قىلىشنى قارار قىلدى. «نېفىتچىلار ئەدەبىياتى»ناملىق بۇ ئەدەبىيات سەھنىسى 1977-يىلدىن 1979-يىلغىچە گېزىت شەكلىدە 18 سان چىققاندىن كېيىن 1979-يىلى «قاراماي ئەدەبىيات- سەنئىتى» دېگەن نام بىلەن رەسمىي ژۇرنال سۈپىتىدە جامائەتكە سۇنۇلدى. 1986-يىلى ژۇرنال نامى «قاراماي ئەدەبىياتى»غا ئۆزگەرتىلدى. 1992-يىلدىن باشلاپ «مايبۇلاق»قا ئۆزگەرتىلىپ تا ھازىرغىچە نەشر قىلىنماقتا. ' h' B; N: b3 Q
     سۆھبىتىمزگە ئىشتىراك قىلىپ ئولتۇرغان كىشىلەرنىڭ ئېسىدە بولسا كېرەك. شۇ ئاساستا تەرەققى قىلىپ كەلگەن ژۇرنىلىمىزنىڭ ئۇتۇقلىرى 2002-يىلى 100 سان نەشر قىلىنغانلىقىنى پاسىل قىلغان ھالدا قاراماي شەھەرلىك كۈتۈپخانىنىڭ دوكلات زالىدا داغدۇغىلىق خاتىرلىنىپ، خاتىرىلەش پائالىيىتى ئاپتونوم رايونلۇق يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ مۇناسىۋەتلىك مەسئۇللىرى ۋە شۇ ۋاقىتتىكى شەھەر، ئىدارە پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مەرھۇم رەھبىرىمىز ئەزىم ئابدىلىم قاتارلىق رەھبەرلەرنىڭ قاتنىشىشى بىلەن تولىمۇ ئەھمىيەتلىك ئۆتكۈزۈلگەنىدى. مانا ھەش-پەش دېگۈچە يەنە ئون نەچچە يىل ۋاقىت ئۆتۈپ بۈگۈنكى كۈندە ژۇرنىلىمىز 150 سان چىقىپ كۆز ئالدىمىزدا جۇلالىنىپ تۇرۇپتۇ. بۇ مۇساپە جەريانىدا ژۇرنىلىمىز ئەتراپىدا نۇرغۇن قابىل ئاپتورلار يېتىشىپ چىقىپ، ئۆزلىرىنىڭ ياخشى ئەسەرلىرى بىلەن ژۇرنىلىمىزنىلا تەمىنلەپ قالماي ئاپتونوم رايونىمىز تەۋەسىدىكى نوپوزلۇق مەتبۇئاتلارنى، جۈملىدىن ھەر قايسى نەشرىياتلارنى تەمىنلەپ تۇرالايدىغان سەۋىيەگە يېتىپ قارامايغا شەرەپ كەلتۈردى. ئەسەرلىرى تۈرلۈك مۇكاپاتلارغا ئېرىشتى. كىتاب-قامۇسلاردىن ئورۇن ئالدى. ژۇرنىلىمىزمۇ «خانتەڭرى ئەدەبىيات مۇكاپاتى» قاتارلىق ھەر دەرىجىلىك مۇكاپات پائالىيەتلىرىگە قاتنىشىپ، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى نوپوزلۇق ئەدەبىي ژۇرناللار قاتارىدا تېگىشلىك ئورۇن ۋە ئوبرازغا ئىگە بولدى. * l, L' p6 O/ I8 a5 i% Y, K: p/ b
      مەملىكەت بويىچە نېفىت سىستېمىسىدىكى بىردىن بىر ئۇيغۇر يېزىقىدا چىقىدىغان، بىر قەدەر كەڭ تەسىرگە ئىگە، نېفىت سانائىتى ۋە كارخانا مەدەنىيىتى جەھەتتە بەلگىلىك ئاكتىپ تەشۋىقاتچىلىق رول ئويناپ،كەڭ نېفىتچىلارنىڭ مەنىۋى تۇرمۇشىنى بېيىتىپ ۋە ئۇلارغا ئىلھام بېرىپ كېلىۋاتقان قويۇق بەدىئىي تۈستىكى ئەدەبىي ژۇرنال «مايبۇلاق» قاراماي نېفىتلىكى، تۇرپان- قۇمۇل نېفىتلىكى، تارىم ۋە پوسكام نېفىتلىكى قاتارلىق شىنجاڭدىكى بارلىق نېفىتلىكلەر دائىرىسىدە تارقىتىلغاندىن باشقا  ھەر دەرىجىلىك ئاخبارات- تەشۋىقات ئورۇنلىرى، قېرىنداش يەرلىك ژۇرنال تەھرىر بۆلۈملىرى ئارا ھەقسىز ئالماشتۇرۇلىدۇ.6 R$ V# y. J# ^' f0 H3 f# O0 I
      مۇساپىلەر قانچە ئۇزۇن، قانچە جاپالىق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر مۇشۇنداق شەرەپ ۋە مۇساپىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئېلىپ 38 يىلنى بېسىپ ئۆتكەن ژۇرنىلىمىز 2002-يىلى 100 ساننى خاتىرلىگەندىن كېينىكى 50 ساندا يەنى 2002-يىلىدىن بۇ يىللىق 3-سانغىچە بولغان ئون نەچچە يىلدا ئۆزىنىڭ رەڭدار سەھىپىلىرىدە جەمئىي 3081 پارچە ئەسەرنى جامائەتچىلىكنىڭ نەزەرىگە سۇندى. بۇ ئەسەرلەرنى ژانىرلار بويىچە ئىستاتىسكا قىلىپ چىققىنىمىزدا تۆۋەندىكىدەك سانلىق مەلۇماتقا ئېرىشىمىز. پوۋېست 23 پارچە، روماندىن پارچە 4، ھېكايە 145 پارچە،    نەسر 304پارچە، شېئىر 1395 پارچە، داستان 12 پارچە، ئەدەبىي ئوبزور، ئىلمىي ماقالە 171 پارچە، خەلق ئېغىز ئەدەبىياتىغا دائىر ئەسەرلەر 23 پارچە، تەرجىمە ئەسەرلەر 211 پارچە، سۆھبەت 33 پارچە، ئەسلىمە 24 پارچە، كىلاسسىك ئەدەبىياتقا دائىر ئەسەرلەر  31 پارچە، ئەدەبىي ئاخبارات 40 پارچە، بالىلار ئەدەبىياتى 75 پارچە، شەھەر ئەدەبىياتىغا دائىر ئەسەر 38 پارچە، تەرمىلەر 16 پارچە، ھۆسنىخەت 117 پارچە، ماي بوياق رەسىم 87 پارچە، بەدىئىي سۈرەت 334 پارچە قاتارلىق. بۇنىڭ ئۆزى ئاز سان ئەمەس. مۇشۇلارنىڭ ھەممىسى ئەمەلىيەتتە مۇشۇ كۆپچىلىكنى ئاساس قىلغان بارلىق كونا يېڭى، يىراق يېقىندىكى ئاپتورلىرىمىزنىڭ ئورتاق ئەجرىنىڭ مېۋىسى، ئەلۋەتتە. شۇنىڭ ئۈچۈن ژۇرنىلىمىز تەھرىراتى كۆپچىلىككە ئالاھىدە رەھمەت ئېيتىدۇ. سىلەرگە كۆپ رەھمەت، جاپا چەكتىڭلار.
- C7 x, n6 ~8 j7 k" ^       ئەسلى مۇشۇنداق نەتىجىلەرنى قولغان كەلتۈرگەن مىنۇتلارنى خاتىرىلەۋاتقان ۋاقتىمىزدا بىر نەچچە پىشقەدەم ئاپتورلارغا ياكى تۆھپىكارلارغا بىر قۇردىن تون يېپىپ، بىر دەستىدىن گۈل تۇتالىغان بولساق تولىمۇ ياخشى بولاتتى. ئەپسۇس نۆۋەتتىكى ۋەزىيەتىنڭ جىددىيلىكى، ۋاقىت قىسلىقى تۈپەيلى ئۇ ئىشنى قىلالمىدۇق. ئەمما بارلىق ئاپتورلار ۋە «مايبۇلاق»نىڭ كونا يېڭى خادىملىرىنىڭ قەلبىدە ئۇنىڭدىنمۇ قىممەتلىك بولغان سوۋغات تەييار تۇرۇپتۇ. ئۇ بولسىمۇ مىننەتدارلىق تۇيغۇسى، رەھمەت تۇيغۇسى، تەشەككۈر تۇيغۇسى! بۇ روھ، كۆيۈنۈش، رازىمەنلىك روھى، خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەشنىڭ، ئاپتورلىرىمىزنىڭ ئىجادىيەتلىرى ئۈچۈن يېشىل چىراغ يېقىشنىڭ ئەڭ ياخشى ئېنىرگىيە مەنبەسى. شۇنىڭ ئۈچۈن ئاپتورلىرىمىزنىڭ ماددىي مەنپەئەتنى كۆپ ئويلاپ كەتمەي، پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، خىرىس  ۋە رىقابەت تۇيغۇسىغا بولغان قارىشىنى مۇسەھكەملەپ بۇنىڭدىن كېينىكى ئىجادىيەتلىرىدە يەنىلا تىرىشىپ ياخشى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشىنى ئۈمىد قىلىمىز.7 M, j$ ?2 V$ V4 ^7 z0 |
       ئىشىنىش كېرەككى، ئەدەبىي ئىجادىيەت ساھەسىدە قاراماي نېفىتلىكىدىكى تۈرلۈك مەدەنىيەت ھادىسلىرىنى بەلگىلىك تارىخىي تەرەققىيات پۈتۈنلىكى ھالىتىدە ئىپادىلەش ۋە زىننەتلەش ئىشى ھەرگىز توختاپ قالمايدۇ. بۇ خىزمەت ئۈزلۈكسىز داۋاملاشقۇسى.  ھەممىمىز بىرلىكتە تەڭ ئىلگىرىلەپ «مايبۇلاق»نىڭ ئەتىسىنى تېخىمۇ گۈزەل مەنزىرىلەرگە تويۇندۇرايلى!
/ q4 C3 e7 k6 l) \, m- ?5 s2 b0 F/ ^' G, M
                2015-يىل  28-ئۆكتەبىر
, C( j( B' O, n) |/ L2 @% z CX012168.JPG 4 ?# [& ]' k; q
, P' s2 ?. {" j. I* w  s
CX012160.JPG
" k0 h7 o) }; p7 _" ^' |/ f: d( i$ ^" G/ Q
CX012166.JPG $ M9 V/ v, T- T/ Z: l* p
" Y5 R4 z) a$ v* X! v' @1 l" n
CX012169.JPG 3 h: J3 ^8 c4 a# m7 N

1 l) @& M" J0 A9 Q* v$ U7 ^- l AC740B2ADB3BCA74ED28D373EFED5051.JPG # \' M5 F7 b$ m2 c

# e: i4 B5 h& O2 }; ?6 H; u2 P 4710026BB16ADE4238AED70E6D45BF7F.JPG
9 d% Q' {1 s/ {. i0 |/ K6 M7 B4 ~6 B; q& }7 Q
82371ABEA91F8A02EFEFA003FCB5C520.JPG 3 c' f* N. R9 w: M& c5 {6 f% {
. p! t' P0 Z' m, ^
{6BKUP$`}LF6~5U7ONZLRHM.JPG
9 p) a. }# N9 b+ F
. l7 z  }5 ?; X8 W 6{LVWU9SCQ00TC~OB`K_{ZB.JPG
+ u9 w0 ]. v, {5 b( X% J4 Q$ g# v; Y" ^) U5 ^+ }
NJ@RVFEJKLM67QE5Z]G00AI.JPG - S9 }. p& W) M7 n  \! b6 [
( \) `4 `5 i. H7 T: _" D' o2 y2 g& f
09F01160BE576AE285A62FC23CF84539.JPG
. X5 U3 D/ J& T) [$ T0 m1 {, Y8 o+ J: i5 u
C37F4192BB16ABB60213D26B00D24CFD.JPG ! D4 j+ \( J! {! }9 u6 f5 x/ t9 j
3 d3 y% S2 p7 C; U/ g$ u
6 g' h% f' O# c
  A  ^/ l5 f5 Z

2 r, m% x8 X+ s) u' C; k# [1 n( k2 s0 [
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   bagyar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-10-29 22:01  + A- w" b/ V  Q" M3 A+ \. o2 E$ x

, f) P3 v" f% K

Q8IZ3`N$P`MB0W4S5M1SYAI.JPG
KLN771J7C77~ANLBH6FZ6RF.JPG
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2015-10-29 22:04:46 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
     مەنمۇ بىر ئوقۇرمەن بولۇش سۈپتىم بىلەن«مايبۇلاق»ژۇرنىلىنىڭ 150 سان نەشر قىلىنغانلىقىنى قىزغىن تەبرىكلەيمەن. ژۇرنالىنىڭ بېسىپ ئۆتكەن مۇساپىسى ناھايىتى ياخشى ئەسلىنىپتۇ، ئەمىلىيەتتە، بۇ مۇساپە بىر خەلق ئەدەبىياتىنىڭ مەلۇم جايدىكى، مەلۇم مەزگىللىك مۇساپە جەريانى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ...

ۋاقتى: 2015-10-29 22:22:57 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مايبۇلاق ئ‍اشكارا تارقىتىلغان بولسا بەك ياخشى بولاتتى، ئ‍ەسەرلىرى ياخشى تاللىنىدۇ.150يېشىغا مۇبارەك بولسۇن!

ۋاقتى: 2015-10-29 22:24:25 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
« مايبۇلاق» ژۇرنىلى مەن ئۈچۈن بىر ئالىي مەكتەپلىك رولىنى ئوينىغان مۇھىم دەرسلىك بولۇپ، مەن ئۇنىڭ باغرىدىن زەمزەم ئىچىپ بۈگۈنگىچە قانماي كېلىۋاتىمەن.  مېنىڭ نىسبەتەن يامان ئەمەس دەپ قارىغان ئەسەرلىرىممۇ مۇشۇ ئانا مەكتەپ قوينىدا روياپقا چىقتى. مەن 150 سان نەشر قىلىنغان بۇ ژۇرنالنىڭ 1500، 15000 سان نەشر، بەلكىي ئۇنىڭدىنمۇ كۆپ نەشر قىلىنىپ، خەلقىمىزنىڭ دىل چاڭقاقلىقىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن سۈيى پۈتمەس بۇلاققا ئايلىنىشىنى ئۈمىد قىلىمەن...

ۋاقتى: 2015-10-29 22:31:31 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

# A- I" @( z$ H  e0 Q
) A! y) J1 Y0 U  `. N* ~5 H
2 `. D0 H! t, K5 [) x& @4 ^. b' E9 y  Y0 ^8 s! T6 z3 s1 V/ m
         «مايبۇلاق»نىڭ 150سان نەشر قىلىنغانلىقىنى قىزغىن مۇبارەكلەيمەن. بۇندىن كېيىنكى مۇساپىسىگە پارلاق ئىقبال تىلەيمەن...

ۋاقتى: 2015-10-29 23:56:37 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
«مايبۇلاق» ژورنىلىنىڭ غەلبىلىك ھالدا 150 سان نەشر قىلىنغانلىقىنى مۇبارەكلەش بىلەن  ژورنال ئۈچۈن ئەجر سىڭدۈرۈپ كەلگەن  مۇھەررىرلەرگە  يۈكسەك ئېھتىرام  بىلدۈرىمەن !
2 _1 A: V- h# s/ D, L0 Sژورنالنىڭ كېيىنكى 50 ساندا ئېلان قىلىنغان  ئەسەرلەرنىڭ تەپسىلىي خۇلاسىدىدىن قارىغاندا   بۇ ژورنالنىڭ نېفىتچىلارغا  ئىلھام بېرىپ، كىشىلەرنىڭ مەنىۋى تۇرمۇشىنى بېيىتىش جەھەتتە قوشقان تۆھپىسى  ئاز ئەمەس، مۇھەررىر يولداشلارنىڭ  ئەستايىدىل ئىزدىنىشى ، قاراماي ئەدىپلىرىنىڭ  يېقىندىن ماسلىشىشى  بىلەن نەشر قىلىنىپ كېلىۋاتقان  بۇ ژورنال نېفىتچىلىك ساھەسىدىكى  بىردىنبىر ئۇيغۇرچە    ژورنال  بولۇپ، سەھىپىسىنىڭ رەڭدار، مەزمۇنلىرىنىڭ سەرخىل بولۇش ئالاھىدىلىكى بىلەن  نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ئىزدەپ سوراپ ئوقۇيدىغان  ئەتىۋارلىق ژورنىلىغا ئايلاندى،«مايبۇلاق» كۆپلىگەن ئاپتورلارنىڭ  ئىلھام بۇلىقى،  ھەۋەسكارلارنىڭ ئالتۇن شوتىسى،چاڭقاق مەنىۋىيەتنىڭ ئارامبەخش شامىلى ! پارلاق ئىستىقبال قۇچاق ئاچسۇن «مايبۇلاق»!!!
% r0 {4 G. A' l" K3 N& | QQ图片20151030001032.jpg بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   شوخ تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-10-30 00:14  
3 h7 Q/ d1 B! C( l" l. f
1 j) n' D! t4 J% g

ۋاقتى: 2015-10-30 01:47:02 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شوخ يوللىغان ۋاقتى  2015-10-29 23:56 1 r  }. ]  D- G
«مايبۇلاق» ژورنىلىنىڭ غەلبىلىك ھالدا 150 سان نەشر قىلى ...
' a7 d7 V* R) I1 C3 ]; d0 q
                      ژۇرنىلىمىزنىڭ 150- سانىنى تەبىرىكلەش ۋە باسقان شەرەپلىك مەنزىلىنى ئەسلەش ھەمدە
4 C! \, D6 i4 r/ a. X1 j0 b دەۋر ھالقىۋاتقان مۇساپىسدىن سۆيىنىۋاتقان دەملەرگە ئاپىرىن !          . X3 `) v0 c2 V/ d# W
                    سەۋەپلەر تۈپەيلىدىن، بۇ مەنىلىك، ئەھمىيەتلىك خاتىرە كۈندە سىرداش، مېھىرداش،دىلداش
" E: C4 D) l1 k, D4 l! |قەلەمكەش دوستلىرىم بىلەن كۆز بېقىشىپ ‹‹ گوڭۇر-مۇڭۇر ›› ئەسرا بولالمىغېنىمدىن  تولىمۇ ئەپسۇسلاندىم." s5 }5 J, E* W* \, y  K6 X5 K' a5 W
                    ژۇرنىلىمىز 1977-يىلى كۈزدە تەسىس قىلىنغاندىن بېرى، بىر قەرنادىن ئوشۇقراق ياشنى ياشاپ، بىرىنچى ئەۋلاد يول ئاچقۇچىلارنى ‹‹ ئۇزۇتۇپ ›› قويۇپ،  ئىككىنچى ئەۋلاد پېشقەدەملەرنى
2 i: x5 z) K2 N- Z, e ‹‹ ئۆيىگە ئاپىرىپ قويۇپ ››، ئۈچۈنچى ئەۋلاد جەڭگىۋار، ئۈمىدۋار ياشلارنىڭ قولىدا ھاياتى كۈچىنى ئۇرغۇتماقتا. ژۇرنال تەھرىر بۆلۈمى قۇرۇلغاندىن تارتىپ، مۇھەررىرلەر ئىككىدىن ئاشقان ئەمەس ،
" G7 _; D* h4 j+ ?8 B[ رەئىسنى ھېسابقا ئالمىغاندا، ھازىرمۇ شۇنداق ] بۇ- يۇقۇرىنىڭ بەلگىلىگەن شىتاتى. شۇنداق تۇرۇقلۇقمۇ
, N( y2 F7 I& B/ t ئەدەبىيات ئاشنالىرى ھەر قانداق قىيىنچىلىق، دوقاللارغا بەرداشلىق بېرىپ، مارافونچە كۈچ بىلەن 9 V3 h% R2 I; R4 `$ U4 j
ژۇرنالنىڭ پارلاق نىشانىنى قولغا ئالماقتا. ژۇرنالنىڭ ئەتىراپىدىكى نەچچە يۈزلىگەن ئاپتورنىڭ
3 T* |$ O( }4 K6 S4 N4 h مىڭلىغان قەلەم ئەجىرىنى يورۇقلۇققا چىقىرىشقا ، سەمىمىيلىك بىلەن ئوڭ قولىنى كۆكسىگە قويۇپ تۇرماقتا.
4 j, ~4 O; c/ T* r        قىرانلىق يېشىغا يەتكەن ‹‹ مايبۇلاق ›› - دىيارىمىزدىكى قەلەمكەشلەرنىڭ  ماي قەلىمىگە8 ]9 d9 v4 C& g( [) K
ئۇزاققىچە كۈچ بەرگۈسى...!
( i9 ~. v: H: Y$ U) l+ w" W9 r9 ^* o6 M' v2 \

! S. g2 q7 @: N) k, C' W4 Y9 L3 L
- T! [; L, V1 @
, J3 u- g, B: |& q* Z

ۋاقتى: 2015-10-30 01:54:49 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
«مايبۇلاق» ژورنىلىنىڭ 38 يىللىق شانلىق مۇساپىسىدە قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلەر، ئىلھام مەدەت بىرىپ شىنجاڭ ئويغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق يازغۇچىلار قۇشۇنىغا سەرخىل يازغۇچىلارنى يىتىشتۈرۈشتە تۆھپىسى ھەقىقەتەن زور. ژورنالنىڭ  150 سانىنىڭ مۇۋەپىقيەتلىك ھالدا  خەلق ئاممىسى بىلەن قىسقىسى ئۇقۇرمەنلەر بىلەن يۈز كۈرۈشۈپ بەدئى زوق ئاتا قىلغانلىقىغا ئالاھىدە رەھمەت ئېيتىمەن. شۇنداقلا ژورنال ئۈچۈن تۆھپە قۇشۇپ  كىلىۋاتقان مۇھەررىرلەرنىڭ تېنىگە سالامەتلىك، ئىشلىرىغا ئۇتۇق تىلەيمەن. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   تۆتتاش تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-10-30 11:57  
0 H/ `' q" P7 a: L: ?3 x% j2 T3 ^2 f8 U) X4 L1 [- j' T

ۋاقتى: 2015-10-30 10:11:22 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
«مايبۇلاق» ژۇرنىلىنىڭ 150سان نەشر قىلىنغانلىقىنى قىزغىن تەبرىكلەيمەن .
0 B8 \' T# f+ S3 O0 N7 F4 O, c* n- V: ?  W% E
مەن «مايبۇلاق»تا چېنىقتىم ھەم ئۇنى ئۇستاز تۇتتۇم .«مايبۇلاق»قا زور ئۇتۇقلارنى تىلەيمەن ،جاپاكەش مۇھەرىرلەرنىڭ تېنىگە سالامەتلىك تىلەيمەن.

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-10-30 11:33:10 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئا.جۇدۇن يوللىغان ۋاقتى  2015-10-30 01:47
$ x6 ?6 I4 W5 s0 Kژۇرنىلىمىزنىڭ 150- سانىنى تەبىرىكلەش ۋە با ...
8 l) r7 T+ F2 D- p# L! w
- [0 c% G& o& b5 n8 J9 Y
ئابدۇۋايىتكا يىغىنغا كېلەلمىدىڭىز، يىغىن ئەھلى ھەممىسى دېگۈدەك سىزنى سورىدى.
0 \2 q1 t' f9 S9 [, a% E& h8 d) V4 Q. G
ژۇرنىلىمىزنىڭ 150 سانىنى تەبرىكلىگەن بارلىق ئۇستازلارغا، قەلەمكەش، ئاپتورلىرىمىزغا، قوللاپ-قۇۋۋەتلىگەن دوستلارغا رەھمەت!
% ]/ V4 X& s% X/ U/ V

ۋاقتى: 2015-10-30 11:55:23 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نېفىتلىك ئەدەبىياتىدىكى خۇشپۇراقلىق گۈل ‹‹مايبۇلاق ›› ژورنىلىنىڭ 150سان نەشىر قىلىنغانلىقىنى چىن قەلبىمدىن تەبرىكلەيمەن .مېنىڭ نەزىرىمدىكى ‹‹مايبۇلاق ›› ژورنىلى يۈكسەك ھۆرمەتكە ھەم قەدىرلەشكە ئەرزىيدىغان ئەھمىيىتى زور بولغان قوراللىق خارەكتىرگە ئىگە ژورنال .ئويلاپ باقسام مەن ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ قاراماي شەھرىگە كەلگەندە(1996-يىلى 7-ئاي) بۇ ژورنالنىڭ مۇھەررىرلىكىنى ئابدۇۋايىت ئوسمان جۇدۇن ئەپەندى بىر قوللۇق ئەجىر سىڭدۈرۈپ ئىشلەۋېتىپتىكەن ، ئۆزۈم ئەدەبىيات فاكۇلتىتىدا ئوقۇغاندىكىن ئەڭ دەسلەپ ‹‹مايبۇلاق ››ژورنىلىنىڭ ئىزدېرىكىنى قىلىپ بىر سانىنى تېپىپ ژورنالغا بېرىلگەن ئەسەرلەرنىڭ بارىنى ئوقۇپ چىقتىم ... كىيىنكى كۈنلەردە ژورنالىست ،شائىر ،ئۇستاز ئابدۇۋايىت ئوسمان جۇدۇن ئاكا بىلەن  پىكىر مۇلاقەتتە بولۇپ ياخشى ئۇستاز -شاگىرتلاردىن بولۇپ قالدۇق ،يازغان ئەسەرلىرىمنى كۆرسۈتۈپ تۇردۇم . ژورنالدىكى‹‹تۇنجى قەدەم تۇنجى ئەسەر ››سەھىپىسىدە ‹‹كونا خەنجەر››،‹‹تەنگە چېكىلگەن ئىسىم››...قاتارلىق ھېكايىلىرىمنى  ئېلان قىلىپ مېنىڭ ئەدەبىياتقا بولۇپمۇ يېزىقچىلققا بولغان قىزغىنلىقىمىنى ئاششۇرۇشقا پىلتە بولۇپ بەردى ،شۇنىڭدىن ئېتىبارەن بىر تەرەپتىن خىزمەت قىلىپ بىر تەرەپتىن يېزىقچىلىق  كوچىسىدا توختىماي ئىزدىنىپ‹‹مايبۇلاق›› ژورنىلىدىن ئىبارەت گۈلزارلىق ئەتراپىدا پەرۋاز قىلىپ ھەرخىل ژانىردا ئەسەرلەرنى يېزىپ ژورنالغا بېرىپ تۇردۇم ،ژورنال مېنى تەربىيلىدى ،ماڭا نۇرغۇن بىلىملەرنى ئاتا قىلدى .مەن بۇ سۆيۈملۈك ژورنلانىڭ ئىلھامى تۈركىسىدە ئارىدىن 20يىل ئۆتكەندىن كېيىن بىرقانچە يىل جاپالىق ئىزدىنىپ يېزىپ چىققان ‹‹كىشلىك دۇنيا ››رومانىمنى ‹‹شىنجاڭ داشۆ نەشرىياتى ›› تەرىپىدىن نەشىر قىلدۇردۇم .دېمەكچى بولغىنىم ‹‹مايبۇلاق ››ژورنىلىنىڭ ماڭا بەرگەن ئىلھامى ھەم مەنپەتى زور بولدى .مەن ‹‹مايبۇلاق›› ژورنىلىنىڭ 150سانى نەشىر قىلىنغان مۇشۇنداق كاتتا ،تەبرىكلەشكەئەرزىگۈدەك پەيتلىرىدە ژورنالغا بولغان ھۆرمىتىمنى ۋە ژورنال ئۈچۈن ئۈنتۈنسىز ئەجىر سىڭدۈرۈپ ئىشلەۋاتقان مۇھەررىر  ئۈستازلارغا ئالىي سالىمىمنى يوللايمەن ھەم بىلدۈرىمەن .‹‹ مايبۇلاق ›› ژورنىلىنىڭ قارامايدىن   ئىبارەت بۇ خسلەتلىك زىمىندا مەڭگۈ  پورەكلەپ ئېچىلىپ تۇرىشىغا تىلەكداشمەن.3 U3 G  K9 F! \/ b) C2 R# `; k
                                                              قاراماي ئىلھامى
6 c2 m9 D$ l) F/ O8 R. u, `0 a9 O                                                           - s, ^# m2 D9 K
                                     گۈزەل دىيار دىلىم يايرار باھارىڭغا قۇچاق ئاچسام ،7 `4 O' H0 ~' _! A9 D8 n! [
                                     ئۇرغۇپ تۇرار ئىلھاملىرىم ۋۇجۇدۇڭنى كۈيگە قاتسام .
" e  f( K* F4 D! w8 Q/ W
) d; X8 [) T; k9 M' y                                      پۇراق چاچتىم قىزىل گۈلدەك قۇچاقىڭدا خوشال يايراپ ،' m. |3 x& y0 M$ f3 T5 G" W
                                      مەيىن شامال سۆيۈپ ئۆتەر جۈرئىتىمدىن ساڭا باقسام ., t7 K& Q6 X7 e' h

" F3 P7 p# a: i6 L0 b( ?- Y( x                                      قانات قاقتىم ئۇرۇپ خەندان شۇڭقار كەبى گۈلىستاندا ،% H4 Z2 g# e7 D
                                      سۆيگۈ تامدى يۈرەكىڭدىن ئارمانىمنى سۆيۈپ ياتسام .
5 B' r1 g0 ]) W  U$ M; L7 D1 E+ \/ Q& H9 e, Q
                                     كامال تاپقان بۈيۈكلۈكتە ئىلىم -ھىكمەت ھۈنەر -سەنئەت ،: q# Z0 i. Y. V* e
                                     جۇلالىنار سەندە شاتلىق شامىڭ بولۇپ نۇرۇم چاچسام .: V9 e/ R/ z; L4 D

: w" F' q+ O2 o: P6 e' \                                     ئەگەر بىلسەڭ ،چىمدىم توپاڭ تامچە سۈيۈڭ تۇتىيادۇر ،
, H( F% K6 c* ]/ ]/ b  N                                     بىھىش كەبى چىمەنلەردىن پەخىرلىنىپ نەزەر سالسام .
* z; M. Q1 m% ^! s. y0 }; J1 C' `
) O0 u' V$ j; r- K$ e2 n4 {# D                                     تاغۇ-دالا ،گۈلىستانلار پاك مىھرىڭنىڭ سىماسى ھەم ،
! w9 @, v# P- W' ?- }5 r                                     ھىممىتىڭگە قۇتلار تىلەپ يۈرەكىمدىن گۈللەر تىزسام .& l. x* l5 o9 Z% _" J2 u+ {( x

" b" C2 p% b' n- E% q                                     نېفىتلىكنىڭ ناۋاسىدىن چاقنايدۇ يۇلتۇز يەردە يېنىپ ،4 |2 Q" j& {4 k0 Q- M/ p
                                     كۈلدى شۇدەم ئىستەكلىرىم ئىقبالىڭدىن ئاينى تۇتسام .. x3 t: n, R- H/ }) E

1 V& S1 y9 s/ Y8 r7 L# u/ p                                     سۈزۈك سۈيۈڭ ،سۈزۈك ئاسمان ،ئۇسۇل ئوينار كاچالكىلار ،
: m7 r& m1 k% c                                     ناخشامدا مىڭ بىر سۆيگۈ بار قىرانلىقتا كۈلۈپ تۇرسام .
' ?: W, ^' C$ |# l6 X4 n9 b; f- K- W% `4 y
                                     گۈل پۇرايدۇ چۆللىرىڭدە ،ساڭا يازغان تەرىپمدە ،$ u2 C4 ?! X  D! O% p4 A5 U
                                      نە ئارمانىم مەرۋايىتتەك جامالىڭنى سۆيۈپ تۇرسام .4 I9 [, E4 A* `! V+ f  f
) S* f% e7 x6 k
                                                                          قاراماي
9 [6 J% {9 H* X2 n6 o+ ?/ o# M) Z( ]) y3 ]
                                                                  قاراماي
, @- {: `0 p. G: F8 ^; Q+ C! k                                                                   قاراماي
) Q4 t+ ^( \* q! M. |( C9 i& u, x3 r                                                                  كۆز يەتكۈسىز چەكسىز ساي
- u  D! h2 O( H0 Q5 O                                                                  چەكسىز ساينى باغ ئەتكەن
$ m' c4 ]% V: q, j                                                                   سېلىم بوۋامدىن ئايلىناي .4 Q- ]4 X( J6 q! E2 a/ Q. o8 W' d
' \$ N" `  F; j% R3 }% J$ p
                                                                    قاراماي/ m$ X9 e9 e4 Q3 f5 J. L
                                                                    قاراماي
: B6 B3 W! j, Q' r/ K, u0 C! p0 x                                                                   مايبۇلاققا قوينۇڭ باي
3 ^; ^8 [* U; W( ?5 I5 E# W                                                                   تەر ئاققۇزغان سەن ئۈچۈن
# O7 l, p4 `1 w                                                                   ئىشچانلىرىڭ ھارمىغاي.# L- d  D4 Q& q# P: m
( ~# d" Y; a* q# q
                                                                    قاراماي
& e4 s; k' L% G; k5 b" y                                                                    قاراماي3 C. M( W0 I) ^& [- g1 J6 D+ v
                                                                    ئەسىر باغچاڭ
( b$ _. F( c0 f" }                                                                    ياخشى جاي .1 x$ K! d$ Z7 f
                                                                    بۇلدۇقلايدۇ ئاستىدا
. m! v' B' I" M1 ^8 X2 A( q! y                                                                    قارا رەڭلىك ئالتۇن ماي.
* P/ \1 d2 ?$ D4 y' M0 s3 J/ @, z' V6 x
% Z  ~/ g5 k+ s: B                                                                    قاراماي
& o- d! ?2 U( R) N                                                                    قاراماي
4 Q8 K4 \+ b) P4 x' O3 }9 j9 e                                                                    كەلسە مېھمان ھارمىغاي
: a* |0 L4 y* d6 m                                                                    زۇمرەت سۇلۇق ئايكۆلدە
) M' X1 u1 ?  i' _( r                                                                    ئۈزۈپ خوشال ئوينىغاي .& E. i9 w2 D, C# |; ^5 n
, r4 L2 p1 J8 h1 Q
                                                                     قاراماي " ]3 y. S2 U2 [3 T0 w2 Q% A
                                                                    قاراماي8 ~5 r* h. _- X0 V/ u* U
                                                                    ئۆستەڭ بويۇڭ گۈزەل جاي # n. l1 r  P9 r* B: }/ B) ^8 A
                                                                   سۇ پەرىسى‹1› ئۇسۇلدا. i1 L" t9 @; N2 D8 Y% s+ Y. F0 z
                                                                  راۋابىمنى مەن چالاي.
( ~9 k& T/ g' Y  f4 E2 ^5 e3 I     ______________________________" s! H; n' J& P. V
  ‹1›سۇپەرىسى -قاراماي ئۆستىڭى بويىدىكى قالپاق بىلەن بېشىدىن سۇ قۇيۇپ تۇرغان قىزنىڭ ھەيكىلى
1 H2 p: j# x! W9 F% }8 M; N. |! ^" A( M8 v+ v* o, h: D6 |3 c0 O8 `
                                                      

ۋاقتى: 2015-10-30 12:12:58 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مايبۇلاق ژۇرنىلىنىڭ 150سان نەشىر قىلىنغانلىقىغا ھەم ئۇنىڭ 38يېشىغا مۇبارەك بولسۇن! ژۇرنال ئەمدى قىران يېشىغا يېتىپتۇ. جۈملىدىن ئابدۇۋايىت ئوسمان ئاكىغىمۇ، رىزۋانگۈل سىڭلىمىزغىمۇ رەھمەت!

ۋاقتى: 2015-10-30 12:34:10 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئېلىپبە يوللىغان ۋاقتى  2015-10-30 11:33 4 o: z: ]' H5 Y; g3 a+ K
ئابدۇۋايىتكا يىغىنغا كېلەلمىدىڭىز، يىغىن ئەھلى ھەمم ...

( Y: {# I' z# V8 r  d. R$ i  P      ژۇرنىلىمىزنىڭ ھاياتى كۈچىنى ئۇرغۇتىۋاتقان، سان-ساناقسىز قەلەمكەش دوستلارغا ئىللىق قۇچىقىنى* ^$ ?5 M- }$ s! {
داۋاملىق ئېچىپ تۇرىۋاتقان دولقۇن تۇرغۇن، ئوسمان قاۋۇل، رىزۋانگۈل مەھمۇد قا  سەمىمىي سالام !- ~$ N7 V% Q1 ^" ]) Q2 m% ~
سىلەرنىڭ بىجانىدىل ئەجىرىڭلار ئۆچمەيدۇ ۋە كۆچمەيدۇ.  تەكلىپ :5 q' G2 I" N- j; n& B# z* {/ p
      
* p  u+ l. F5 {4 I' H- U2 k) }                ئامال بار ژۇرنالنى تەڭرى تېغىنىڭ ئىككى چېتىدىكى چاڭقاق [ كىتابخۇمار ] قەلبلەرگە، شەخسى كىتابخانىلارغا، شەھرىمىزدىكى ئارامغا چىققانلارنىڭ پائالىيەت پونكىتلىرىغا ۋاقتى-قەرەلىدە - d) a9 X# U* ^' q  o. ~
يەتكۈزۈپ بېرىشىڭلارنى ئۈمۈد قىلىمەن. بارچىمىز سىلەرنىڭ ئوي-پىكىرىڭلارنى، نېمە قىلىۋاتقان ھەم قىلماقچى بولىۋاتقانلىغىڭلارغا ھەمنەپەس بولۇشقا تەشنادۇرمىز .

ۋاقتى: 2015-10-30 12:35:46 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئا.جۇدۇن يوللىغان ۋاقتى  2015-10-30 12:34
  a% K' [1 m/ P% a- N. }  c4 n% \; ?ژۇرنىلىمىزنىڭ ھاياتى كۈچىنى ئۇرغۇتىۋاتقان، سان-س ...
: w- Q2 w3 R5 a$ J
       ئەسكە ئالغېنىڭلارغا، سېغىنىشىڭلارغا ۋە سالىمىڭلارغا كۆپ رەھمەت !

باھا سۆز

بۈگۈن قايتتىم.  ۋاقتى: 2015-10-30 01:49 PM
سىلى ھازىر ئۈرۈمچىدە ئىكەنلا-دە! مەن «قارىمايدا» دەپ ئويلاپ يۈرگەن...  ۋاقتى: 2015-10-30 12:42 PM
ۋاقتى: 2015-10-30 13:32:21 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ABLAJAN.BOWAKI يوللىغان ۋاقتى  2015-10-29 22:24
6 }- j, K! K! n$ K/ O« مايبۇلاق» ژۇرنىلى مەن ئۈچۈن بىر ئالىي مەكتەپلىك رولى ...
6 r: I7 P& m. p. V4 t
ھاياجىنىڭىزنى بېسىۋېلىڭ ئاكا. 15 مىڭ سان بولۇش ئۈچۈن ئۈچ مىڭ يىلدىن ئارتۇق ۋاقت كېتىدۇ. بۇ خۇددى «پالانچى تۈمەنمىڭ يىللار ياشىسۇن!» دەپ شۇئار توۋلىغاندەكلا گەپ بولدى. كەلگۈسىگە بولغان چەكتىن ئاشقان ئۈمىدۋارلىق فانتازىيەدىن باشقا نەرسە ئەمەس.8 Z4 k7 u! P8 k0 ~6 N9 g& i
«مايتاغ» ژۇرنىلىنىڭ 150 سان نەشىر قىلىنغانلىقىنى قۇتلۇقلايمىز. تېزراق ئاشكارە ژۇرنال بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن. گەرچە ھازىر بىكارلىق مۇشتەرى بولۇپ كېلىۋاتقان بولساممۇ (ھىجايغان چىراي ئىپادىسى)

باھا سۆز

كەچۈرۈڭ، يارالمىشىم شۇنداقراق...كۆرسەتمە بەرگىنىڭىزگە تەشەككۈر...  ۋاقتى: 2015-10-30 04:00 PM
مايتاغدىمۇ ‹‹گېلتاغ ئەدەبىياتى ›› بار [قەرەلسىز ]،بۇ-‹‹ مايبۇلاق ››.  ۋاقتى: 2015-10-30 01:51 PM
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家协会网
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش