" `: i: a( I" r% s. B/ D, T نېفىتلىكتە چاقنىغان يۇلتۇز-«مايبۇلاق»
& ]/ N1 ?8 M! b$ n* r
«مايبۇلاق» ژۇرنىلىنىڭ 150سان نەشر قىلىنغانلىقىنى قىزغىن تەبرىكلەيمىز.
4 b; R& [) p1 b
2015-يىلى 10-ئاينىڭ 28-كۈنى چۈشتىن كېيىن قاراماي شەھەرلىك ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى مەخسۇس يىغىن چاقىرىپ «مايبۇلاق» ژۇرنىلىنىڭ 150 سان نەشر قىلىنغانلىقىنى تەبرىكلىدى. پىشقەدەم قەلەمكەشلەر، ژۇرنال ئۈچۈن قان-تەرىنى سەرپ قىلىپ پىنسيىگە چىققان مۇھەررىرلەر، يازغۇچى-قەلەمكەشلەر، ياش كۈچلەر بولۇپ 30 غا يېقىن ئادەم قاتناشتى. مۇئاۋىن باش مۇھەررىر ئوسمان قاۋۇل ژۇرنالنىڭ بۈگۈنگە كەلگۈچە بولغان ئارىلىقتا بېسىپ ئۆتكەن تارىخىي مۇساپىسىنى قىسقىچە تۇنۇشتۇردى.
, \+ h, n8 I& B6 F; v" t: {6 K Z
زور كۆپچىلىك ئۆزلىرىنىڭ «مايبۇلاق» بىلەن تەڭ ئۆسۈپ يېتىلگەن يېزىقچىلىق ھاياتىنى سېغىنىش ئىچىدە ئەسلىدى، يىغىن قاتناشقۇچىلىرى ژۇرنالدىن سۆيۈنۈش، قەدىرلەش، مەزمونىنى موللاشتۇرۇش، تېخىمۇ رەڭدارلاشتۇرۇش ئۈچۈن قىممەتلىك تەكلىپ- پىكىرلەرنى بەردى.
& F1 e8 R. k: K- P3 X( vئاخىرىدا قاراماي شەھەرلىك ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى،«مابيۇلاق»ژۇرنىلىنىڭ باش مۇھەررىرى دولقۇن تۇرغۇن ئاپتورلاردىن كۈتىدىغان ئۈمىدى، ژۇرنالنىڭ تەلىپى ۋە بۇندىن كېيىنكى ئىشلىنىدىغان خىزمەتلەر توغرىلىق ئەڭ يېڭى ئۇچۇرلار بىلەن تەمىنلىدى.
7 E [* a, j8 Y- X/ k/ r
, @: h4 A( e5 [. a p2 R' y+ m
«مايبۇلاق» ھەققىدە ئەسلىمە:
/ U; v7 t M; Y قاراماي شەھەرلىك ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ قارمىقىدا نەشر قىلىنىۋاتقان «مايبۇلاق» ژۇرنىلىدىن ئىبارەت بۇ قىران مەنىۋىيەت باغچىسى شۇ تاپ 38 يىللىق مۇساپىنى غەلىبىلىك بېسىپ، 150 سان نەشر قىلىنغانلىقىنىڭ تەنتەنىسىنى كۈتىۋالماقتا. ئەمدىلا قوش 60 يىللىق شانلىق مۇساپە نەتىجىلىرى تەبرىكلىنىپ خۇشاللىق ئۈستىگە خۇشاللىق، تەنتەنە ئۈستىگە تەنتەنە قوشۇلىۋاتقان شۇ كۈنلەردە شەھەرلىك ئەدەبىيات- سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى ئۆتكەنكى شەرەپلىك مۇساپىلەرنى ئەسلەپ، نېفىتلىك خەلقىنىڭ روھىيىتى ئۈچۈن تىنماي ئىزدىنىۋاتقان بۇ ھارماس بۇلاقنىڭ ھەر بىر قەدىمىنى ئىپتىخارلىق ئىچىدە ئەسلىمەكتە.
% q, d# o- ? K( X
ھەر قانداق بىر شەيئىنىڭ مەيدانغا كېلىشى مەلۇم تارىخىي جەرياننىڭ مەھسۇلىدىن ئىبارەت. «مايبۇلاق» ژۇرنىلىنىڭ شەكىللىنىش، تەرەققىيات جەريانلىرىمۇ مەلۇم ئىجتىمائىي ئاساسقا، جاپالىق جەريانلارغا، توختىماي ئىزدىنىش روھىغا ئىگە. ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 70-يىللىرىنىڭ ئاخىرىدىكى قىيىن شارائىتتا قاراماينىڭ كېڭىيىشى، نېفىت ئىشلەپچىقىرىشنىڭ مۇقىملىشىشقا يۈزلىنىشى قارامايدا بىر ئەدەبىي سەھنىنىڭ بولۇشى لازىملىقىنى تەقەززا قىلدى. مۇشۇنداق ھالقىلىق پەيتلەردە نېفىتلىكتىكى بىر قىسىم قەلەمكەشلەر، ئەدەبىيات ھەۋەسكارلىرى قولىغا قەلەم ئېلىپ ئىشچىلارنىڭ روھىنى ئۇرغۇتىدىغان، ئۇلارنىڭ قىيىنچىلىقنى يېڭىش ئىرادىسىنى تاۋلايدىغان لىرىكىلىق ئەسەرلەرنى يېزىپ نېفىتچىلارنىڭ ھەقىقى قىياپىتىنى ئەكىس ئەتتۈرۈپ بېرىشكە تىرىشتى. شۇنىڭ بىلەن 1977-يىلى 11-ئايدا ئەسلىدىكى قاراماي شەھەر،شىنجاڭ نېفىت ئىدارە پارتكوم گېزىت شەكلىدە «نېفىتچىلار ئەدەبىياتى» نامىدا بىر ئەدەبىي سەھنە نەشر قىلىشنى قارار قىلدى. «نېفىتچىلار ئەدەبىياتى»ناملىق بۇ ئەدەبىيات سەھنىسى 1977-يىلدىن 1979-يىلغىچە گېزىت شەكلىدە 18 سان چىققاندىن كېيىن 1979-يىلى «قاراماي ئەدەبىيات- سەنئىتى» دېگەن نام بىلەن رەسمىي ژۇرنال سۈپىتىدە جامائەتكە سۇنۇلدى. 1986-يىلى ژۇرنال نامى «قاراماي ئەدەبىياتى»غا ئۆزگەرتىلدى. 1992-يىلدىن باشلاپ «مايبۇلاق»قا ئۆزگەرتىلىپ تا ھازىرغىچە نەشر قىلىنماقتا.
. g2 k4 ^1 S3 [
سۆھبىتىمزگە ئىشتىراك قىلىپ ئولتۇرغان كىشىلەرنىڭ ئېسىدە بولسا كېرەك. شۇ ئاساستا تەرەققى قىلىپ كەلگەن ژۇرنىلىمىزنىڭ ئۇتۇقلىرى 2002-يىلى 100 سان نەشر قىلىنغانلىقىنى پاسىل قىلغان ھالدا قاراماي شەھەرلىك كۈتۈپخانىنىڭ دوكلات زالىدا داغدۇغىلىق خاتىرلىنىپ، خاتىرىلەش پائالىيىتى ئاپتونوم رايونلۇق يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ مۇناسىۋەتلىك مەسئۇللىرى ۋە شۇ ۋاقىتتىكى شەھەر، ئىدارە پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مەرھۇم رەھبىرىمىز ئەزىم ئابدىلىم قاتارلىق رەھبەرلەرنىڭ قاتنىشىشى بىلەن تولىمۇ ئەھمىيەتلىك ئۆتكۈزۈلگەنىدى. مانا ھەش-پەش دېگۈچە يەنە ئون نەچچە يىل ۋاقىت ئۆتۈپ بۈگۈنكى كۈندە ژۇرنىلىمىز 150 سان چىقىپ كۆز ئالدىمىزدا جۇلالىنىپ تۇرۇپتۇ. بۇ مۇساپە جەريانىدا ژۇرنىلىمىز ئەتراپىدا نۇرغۇن قابىل ئاپتورلار يېتىشىپ چىقىپ، ئۆزلىرىنىڭ ياخشى ئەسەرلىرى بىلەن ژۇرنىلىمىزنىلا تەمىنلەپ قالماي ئاپتونوم رايونىمىز تەۋەسىدىكى نوپوزلۇق مەتبۇئاتلارنى، جۈملىدىن ھەر قايسى نەشرىياتلارنى تەمىنلەپ تۇرالايدىغان سەۋىيەگە يېتىپ قارامايغا شەرەپ كەلتۈردى. ئەسەرلىرى تۈرلۈك مۇكاپاتلارغا ئېرىشتى. كىتاب-قامۇسلاردىن ئورۇن ئالدى. ژۇرنىلىمىزمۇ «خانتەڭرى ئەدەبىيات مۇكاپاتى» قاتارلىق ھەر دەرىجىلىك مۇكاپات پائالىيەتلىرىگە قاتنىشىپ، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى نوپوزلۇق ئەدەبىي ژۇرناللار قاتارىدا تېگىشلىك ئورۇن ۋە ئوبرازغا ئىگە بولدى.
5 K5 T3 E- X9 a/ v
مەملىكەت بويىچە نېفىت سىستېمىسىدىكى بىردىن بىر ئۇيغۇر يېزىقىدا چىقىدىغان، بىر قەدەر كەڭ تەسىرگە ئىگە، نېفىت سانائىتى ۋە كارخانا مەدەنىيىتى جەھەتتە بەلگىلىك ئاكتىپ تەشۋىقاتچىلىق رول ئويناپ،كەڭ نېفىتچىلارنىڭ مەنىۋى تۇرمۇشىنى بېيىتىپ ۋە ئۇلارغا ئىلھام بېرىپ كېلىۋاتقان قويۇق بەدىئىي تۈستىكى ئەدەبىي ژۇرنال «مايبۇلاق» قاراماي نېفىتلىكى، تۇرپان- قۇمۇل نېفىتلىكى، تارىم ۋە پوسكام نېفىتلىكى قاتارلىق شىنجاڭدىكى بارلىق نېفىتلىكلەر دائىرىسىدە تارقىتىلغاندىن باشقا ھەر دەرىجىلىك ئاخبارات- تەشۋىقات ئورۇنلىرى، قېرىنداش يەرلىك ژۇرنال تەھرىر بۆلۈملىرى ئارا ھەقسىز ئالماشتۇرۇلىدۇ.
7 y! }! ?: F- N9 h0 c c0 h
مۇساپىلەر قانچە ئۇزۇن، قانچە جاپالىق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر مۇشۇنداق شەرەپ ۋە مۇساپىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئېلىپ 38 يىلنى بېسىپ ئۆتكەن ژۇرنىلىمىز 2002-يىلى 100 ساننى خاتىرلىگەندىن كېينىكى 50 ساندا يەنى 2002-يىلىدىن بۇ يىللىق 3-سانغىچە بولغان ئون نەچچە يىلدا ئۆزىنىڭ رەڭدار سەھىپىلىرىدە جەمئىي 3081 پارچە ئەسەرنى جامائەتچىلىكنىڭ نەزەرىگە سۇندى. بۇ ئەسەرلەرنى ژانىرلار بويىچە ئىستاتىسكا قىلىپ چىققىنىمىزدا تۆۋەندىكىدەك سانلىق مەلۇماتقا ئېرىشىمىز. پوۋېست 23 پارچە، روماندىن پارچە 4، ھېكايە 145 پارچە، نەسر 304پارچە، شېئىر 1395 پارچە، داستان 12 پارچە، ئەدەبىي ئوبزور، ئىلمىي ماقالە 171 پارچە، خەلق ئېغىز ئەدەبىياتىغا دائىر ئەسەرلەر 23 پارچە، تەرجىمە ئەسەرلەر 211 پارچە، سۆھبەت 33 پارچە، ئەسلىمە 24 پارچە، كىلاسسىك ئەدەبىياتقا دائىر ئەسەرلەر 31 پارچە، ئەدەبىي ئاخبارات 40 پارچە، بالىلار ئەدەبىياتى 75 پارچە، شەھەر ئەدەبىياتىغا دائىر ئەسەر 38 پارچە، تەرمىلەر 16 پارچە، ھۆسنىخەت 117 پارچە، ماي بوياق رەسىم 87 پارچە، بەدىئىي سۈرەت 334 پارچە قاتارلىق. بۇنىڭ ئۆزى ئاز سان ئەمەس. مۇشۇلارنىڭ ھەممىسى ئەمەلىيەتتە مۇشۇ كۆپچىلىكنى ئاساس قىلغان بارلىق كونا يېڭى، يىراق يېقىندىكى ئاپتورلىرىمىزنىڭ ئورتاق ئەجرىنىڭ مېۋىسى، ئەلۋەتتە. شۇنىڭ ئۈچۈن ژۇرنىلىمىز تەھرىراتى كۆپچىلىككە ئالاھىدە رەھمەت ئېيتىدۇ. سىلەرگە كۆپ رەھمەت، جاپا چەكتىڭلار.
/ K" U- J4 e) m ئەسلى مۇشۇنداق نەتىجىلەرنى قولغان كەلتۈرگەن مىنۇتلارنى خاتىرىلەۋاتقان ۋاقتىمىزدا بىر نەچچە پىشقەدەم ئاپتورلارغا ياكى تۆھپىكارلارغا بىر قۇردىن تون يېپىپ، بىر دەستىدىن گۈل تۇتالىغان بولساق تولىمۇ ياخشى بولاتتى. ئەپسۇس نۆۋەتتىكى ۋەزىيەتىنڭ جىددىيلىكى، ۋاقىت قىسلىقى تۈپەيلى ئۇ ئىشنى قىلالمىدۇق. ئەمما بارلىق ئاپتورلار ۋە «مايبۇلاق»نىڭ كونا يېڭى خادىملىرىنىڭ قەلبىدە ئۇنىڭدىنمۇ قىممەتلىك بولغان سوۋغات تەييار تۇرۇپتۇ. ئۇ بولسىمۇ مىننەتدارلىق تۇيغۇسى، رەھمەت تۇيغۇسى، تەشەككۈر تۇيغۇسى! بۇ روھ، كۆيۈنۈش، رازىمەنلىك روھى، خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەشنىڭ، ئاپتورلىرىمىزنىڭ ئىجادىيەتلىرى ئۈچۈن يېشىل چىراغ يېقىشنىڭ ئەڭ ياخشى ئېنىرگىيە مەنبەسى. شۇنىڭ ئۈچۈن ئاپتورلىرىمىزنىڭ ماددىي مەنپەئەتنى كۆپ ئويلاپ كەتمەي، پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، خىرىس ۋە رىقابەت تۇيغۇسىغا بولغان قارىشىنى مۇسەھكەملەپ بۇنىڭدىن كېينىكى ئىجادىيەتلىرىدە يەنىلا تىرىشىپ ياخشى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشىنى ئۈمىد قىلىمىز.
* |$ Q/ m! \/ {% B ئىشىنىش كېرەككى، ئەدەبىي ئىجادىيەت ساھەسىدە قاراماي نېفىتلىكىدىكى تۈرلۈك مەدەنىيەت ھادىسلىرىنى بەلگىلىك تارىخىي تەرەققىيات پۈتۈنلىكى ھالىتىدە ئىپادىلەش ۋە زىننەتلەش ئىشى ھەرگىز توختاپ قالمايدۇ. بۇ خىزمەت ئۈزلۈكسىز داۋاملاشقۇسى. ھەممىمىز بىرلىكتە تەڭ ئىلگىرىلەپ «مايبۇلاق»نىڭ ئەتىسىنى تېخىمۇ گۈزەل مەنزىرىلەرگە تويۇندۇرايلى!
. f* q' K- a7 u& V' `$ j+ Q9 C$ V1 E I
2015-يىل 28-ئۆكتەبىر
" G* S; P! |/ L+ d
$ ^1 @$ o0 b8 w$ O" K' U
6 h4 z" T; b: `% d) N* _; S; k
: x }6 v+ C. m' y! ^' W8 t, u% U
- K) m- P% @8 ]
0 g) {6 ~' Y% {8 Z% u+ L# ]. C: S8 b7 g
' Z: G. I5 a1 ^* O" A, U
1 A7 X8 v4 c0 z! R
! h% Y9 s/ A! M, t" \8 {: @
8 Z4 H2 y% e4 `( [$ n& s, s% z q5 y
: k* F9 L4 Q. g5 v" v. Z2 S1 c. l/ Y0 ^6 K/ Y( s3 R \: n7 A* @/ K u) D5 G* r
' U) i7 l( p. |& s- K7 v
+ T2 ]" O" N) }" R- P* S8 M1 D/ O
. g4 J0 f' ~& Y, O' f
. g6 x0 r" _3 _( {) _
* {; _/ w0 M9 E) I: n
0 H2 D- i9 x0 o; L
- a# a: N0 W# c4 M2 K# e& X6 G/ F: b
0 p6 @' {. `/ r, k7 S& f
* i, B5 K$ d4 @) z+ q2 i( S+ Z
/ V1 R6 Q" P! M' [" ~
; s& ? h+ ~( S6 L8 K
, y- u7 E; `1 O+ X6 H/ h5 r2 k1 x+ ]+ H/ \5 M& e
2 {/ W# i" O. n {7 o) j' \: U+ \- R/ \% \' D" o. l( p6 o0 P
1 l9 e% e0 a# _; b
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا bagyar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-10-29 22:01
5 E8 u" \9 T% u% f
" j& h2 W, h8 W( Z% t+ u