كۆرۈش: 4069|ئىنكاس: 82

شائىر ئابلىز ئوسماننىڭ 50ياشقا تولغانلىقى قۇتلۇقلاندى

  [ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 2015-10-27 02:06:54 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |كۆرۈش شەكلى
ئاقسۇدا شائىر، ژورنالىست ئابلىز ئوسماننىڭ 50ياشقا تولغان خاتىرىسى، ‹‹چۆلدىكى ئۈجمە دەرەخلىرى›› ناملىق كىتابىنىڭ نەشىر قىلىنغانلىقىنى تەبرىكلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى( S# f, t) x( i) F  C
) Z7 Z) e6 q' A5 A% c+ S/ P
1 C. Y5 s$ x- V+ I

* t5 D; |/ Y2 t0 d" w5 j DSCF3807_看图王.jpg
5 C' m4 j8 O% V2 y7 T4 }2 m
  {9 ^( L, s$ e; d- e
3 s0 P5 R, I$ t4 R4 k+ U/ X" l9 p% u  تۇرغۇن مىجىت خەۋەر قىلىدۇ: 2015-يىلى10-ئاينىڭ 25-كۈنى ئاقسۇ شەھىرىدە ئ‍ۇچتۇرپان قەلەمكەشلىرىنىڭ ساھىپخانلىقىدا شائىر،ژورنالىست ئابلىز ئوسماننىڭ 50 ياشقا تولغان  خاتىرىسى ۋە "چۆلدىكى ئ‍ۈجمە دەرەخلىرى" ناملىق كىتاۋىنىڭ نەشىر قىلىنغانلىق مۇناسىۋىتى بىلەن تەبرىكلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزىلىدى.     
+ u6 h# Q9 l! }9 E2 S* A    پائالىيەتكە ۋېلايەتنىڭ ئ‍الاقىدار رەھبەرلىرى، شىنجاڭ ئ‍ۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق يازغۇچىلار جەمىيىتنىڭ كەسىپىي يازغۇچىسى ئ‍ابباس مونياز ۋە ۋېلايەت،ناھيەلەردىن بۇلۇپ 100 دىن ئ‍ارتۇق شائىر، يازغۇچىلار قاتناشتى. ۋېلايەتلىك پارتىكوم تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن  باشلىقى، يازغۇچىلار جەمىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، شائىر ئىلھام روزى ، ئ‍اپتۇنۇم رايۇنلۇق يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ كەسپىي يازغۇچىسى ئ‍ابباس مونىياز، ۋېلايەتلىك يازغۇچىلار جەمىيەتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، شائىرە ئ‍امانگۇل نىيازقاتارلىقلار ئ‍ابلىز ئ‍وسماننىڭ ئ‍ىجادىيەت ئ‍ەھۋالى ،مۇھەررىرلىك پەزىلەت ساپاسى ھەققىدە كۆڭۈل سۆزلىرىنى بايان قىلدى، مۇختار داۋۇت، روزى سۇپى ئ‍ۇچتېكىن، ياسىنجان ئ‍ىمىن ئ‍ۈمىد قاتارلىقلار ئ‍ابلىز ئ‍وسمان ئ‍ەسەرلىرى توغرىسىدا يازغان ماقالىلىرىنى ئ‍وقۇپ ئ‍ۆتتى.    پائالىيەت جەريانىدا يەنە ئابلىز ئوسماننىڭ  يېڭىدىن نەشىر قىلىنغان 500 بەتلىك ماقالىلەر توپلىمى "چۆلدىكى ئ‍ۈجمە دەرەخلىرى " ناملىق كىتابى تارقىتىلدى. ئ‍ەخمەت كىبىر، سالى ئىبراھىم ، ئ‍ابدۇسالام ھۇشۇر قاتارلىق شائىرلار  ئۆزلىرىنىڭ ئابلىز ئوسمانغا ئ‍اتاپ يازغان شېئىرلىرىنى ئ‍وقۇپ ئ‍ۆتتى.
5 R" N! L  }6 e! D; gئابلىز ئوسماننىڭ ئىلگىرى "پۇلسىرات كۆۋرۈكى" ناملىق پوۋېست، ھېكايە، ماقالىلەر توپلىمى، "شۇ كېچە" ناملىق شېئرلار توپلىمى، "پىداكار ئ‍ەدىپ نىمشېھىد" ناملىق بىوگىرافىك كىتاۋى نەشىر قىلىنغان، بۇ قېتىمقى "چۆلدىكى ئۈجمە دەرەخلىرى" ناملىق ماقالىلەر توپلىمى ئ‍ۇنىڭ تۆتىنچى كىتاۋى. ئ‍ابلىز ئ‍وسمان ئ‍ەدەبىياتنىڭ ھەرخىل ژانىرلىرىدا قەلەم تەۋرىتىپ كېلىۋاتقان ئىقتىدارلىق بىر ئەدىب بولۇپلا قالماي مەسئۇلىيەتجان ، پەزىلەتلىك، سەمىمىي، ساپالىق بىر مۇھەررىر .بىز ئۇنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى ئىشلىرىنىڭ تېخىمۇ ئۇتۇغلۇق-سەمەرىلىك بولۇشىنى، تېنىنىڭ سالامەت بولۇشىنى، ئائىلىسىنىڭ يەنىمۇ بەختلىك بولۇشىنى تىلەيمىز.( ^$ l. [9 F2 T2 s4 L2 v+ H

' |, _: v9 v/ F3 {# O) P& |) W6 w9 Z- g- m( E8 q/ K) C
يورۇتقۇچى ئەرچىندىن ئىلاۋە: «ئاقسۇ گېزىتى» ئۇيغۇر تەھرىر بۆلۈمىنىڭ مۇھەررىر ۋە مۇخبىرلىرىدىن توختى ئەرشىدىن، مۇختار ئابدۇقادىرلار يازغان بۇ خەۋەر بىرقەدەر تەپسىلىي يېزىلغان بولۇپ، ئاخباراتنىڭ «ئىز قوغلاپ خەۋەر قىلىش، تېخىمۇ ئىچكىرىلەپ خەۋەر قىلىش، قايتا تەپسىلىي خەۋەر قىلىش...»  دېگەن خۇسۇسىيىتىگە بىنائەن «ئاقسۇ گېزىتى» دە ئېلان قىلىنغان نۇسخىسىنى دوستىمىز تۇرغۇن مىجىت يېزىپ يوللىغان بۇ دەسلەپكى تېما بىلەن بىلەن بىللە يورۇتۇلدى. تۇرغۇنجان ۋە باشقىلار خاۋاتىرلەنمىگەي!
5 t" u! E* s0 l6 P
. ^) x; G+ y; r5 Z& ]- z
2 n) r6 _# P: z
% ?) `4 u3 U  p4 `' v: s! d

6 d- ^* Y5 e' \* b
ئاقسۇدا شائىر،يازغۇچى،ژورنالىست ئابلىز ئوسماننىڭ 50ياشقا تولغانلىق خاتىرسى ۋە «چۆلدىكى ئۈژمە دەرەخلىرى»ناملىق كىتابىنىڭ نەشىردىن چىققانلىقىنى تەبرىكلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى
   «ئاقسۇ گېزىتى» مۇخبىرلىرى توختى ئەرشىدىن، مۇختار ئابدۇقادىر خەۋەر قىلىدۇ: 2015-يىلى 10-ئاينىڭ 25-كۈنى ،ئاقسۇ شەھرىدىكى ئاستانە رېستۇرانىدا ئاپتونوم رايونىمىزدا كۆزگە كۆرۈنگەن شائىر،يازغۇچى ،،ژورنالىست،ئاقسۇ ۋىلايەتلىك يازغۇچىلار جەمئىيتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ،«ئاقسۇ ئەدەبىياتى »  ژورنىلىنىڭ باش مۇھەررىرى  ئابلىز ئوسماننىڭ 50ياشقا تولغانلىق خاتىرسى ۋە «چۆلدىكى ئۈژمە دەرەخلىرى» ناملىق كىتابىنىڭ نەشىردىن چىققانلىقىنى تەبرىكلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى .
شائىر،ئاقسۇ ۋىلايەتلىك پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ئىلھامجان روزى، دۆلەتلىك 1-دەرىجىلىك يازغۇچى،ئاپتونوم رايۇنلۇق يازغۇچىلار جەمئىيتىنىڭ كەسپىي يازغۇچىسى ئابباس مۇنىياز تۈركىيقان،كۆزگە كۆرۈنگەن ئەدىپ،ئاقسۇ ۋىلايەتلىك 1-ئوتتۇرا مەكتىپىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ئەخمەت كىبىر،كۆزگە كۆرۈنگەن شائىر ،ئۇچتۇرپان ناھىيەلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومتېتى قانۇنچىلىق خىزمىتى كومتېتىنىڭ مۇدىرى مۇختار داۋۇت ئۆزيول، شائىرە، نەسىرچى، ئاقسۇ ۋىلايەتلىك يازغۇچىلار جەمئىيتىنىڭ مۇئاۋېن رەئىسى ، ئاقسۇ شەھرى ئىگەچى يېزىلىق قوش تىللىق بالىلار يەسلىسىنىڭ مۇدىرى ئامانگۈل نىياز ،تالانتىلىق ياش ئەدىپ ،«ئاقسۇ ئەدەبىياتى» ژورنىلىنىڭ مۇھەررىرى رۇزى سۇپى ئۈچتىكىن، شائىر ياسىنجان ئىمىن ئۈمىد قاتارلىقلار تەبرىكلەش پائالىيىتىدە ئىلگىرى –كېيىن بولۇپ سۆز قىلىپ، ئوخشىمىغان نوقتىلاردىن شائىر،يازغۇچى ،ژورنالىست ئابلىز ئوسماننىڭ ئىجادىي ھاياتىنى تەپسىلىي تۇنۇشتۇرۇپ، ،ئۇنىڭ ئادىمىلىك پەزىلىتى ۋە ئەدەبىي ئەسەرلىرىگە يۇقىرى باھالارنى بەردى .
ئابلىز ئوسمان 1965-يىلى 8-ئايدا ئۇچتۇرپان ناھىيەسىدە تۇغۇلغان.1988-يىلى 7-ئايدا شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئەدەبىيات فاكۇلتېتىنى پۈتتۈرۈپ كىلىپ، دەسلەپ «ئاقسۇ گېزىتى»ئۇيغۇر تەھرىر بۆلۈمىدە مۇخبىر،مۇھەررىر بولۇپ ئىشلىگەن. 2005-يىلى 8-ئايدا ،«ئاقسۇ ئەدەبىياتى »ژورنىلىغا يۆتكىلىپ ،ھازىرغىچە شۇ يەردە باش مۇھەررىرلىك   ۋەزىپىسىنى ئۆتەپ كەلمەكتە.ئۇنىڭ ھازىرغا قەدەر  500پارچىدىن ئارتۇق شېئر،50نەچچە پارچە ھىكايە،پوۋىست،ئەدەبىي ئاخبارات،ئەدەبىي خاتىرە،25پارچە ماقالىسى ھەر دەرىجىلىك مەتبۇئاتلاردا ئېلان قىلىنغان.شۇنداقلا «پىلسىرات كۆۋرۈكى»(پوۋىست-ئەدەبىي ئاخباراتلار توپلىمى)،«شۇ كېچە»(شېئىرلار توپلىمى)،«پىداكار شائىر نىمشېھىت»(ئوچېرىك)،«چۆلدىكى ئۈژمە دەرەخلىرى» (ئەدەبىي ئاخبارات،ئەدەبىي خاتىرە، ماقالىلەر توپلىمى) قاتارلىق كىتابىي ۋە ئاقسۇ ئەدەبىياتى» نەشىر قىلىنغانلىقىنىڭ 30 يىللىقى مۇناسىىۋىتى بىلەن ئۇ تۈزگەن  «تەكلىماكان چىچەكلىرى »(شېئىرلار توپلىمى)،«تارىمدىكى ئاي»(ھىكايىلەر توپلىمى) قاتارلىق كىتاپلار نەشىر قىلىنغان ،«ئاقسۇ ئەدەبىياتى» نەشىر «20پارچىگە يېقىن ئەسىرى ۋىلايەت ۋە ئاپتونوم رايۇن دەرىجىلىك ئۇيغۇرچە–خەنزۇچە ئەدەبىي توپلامغا كىرگۈزۈلگەن، 30پارچىگە يېقىن ئەسىرى خەنزۇچىغا تەرجىمە قىلىنىپ جۇڭگو يازغۇچىلار جەمئىيتىنىڭ نەشىر ئەپكارى بولغان «مىللەتلەر ئەدەبىياتى »ژورنىلىدا ئېلان قىلىنغان،ئۇنىڭ «تالانت،ئادەم ،كېلىچەك »ناملىق ئەدەبىي ئاخباراتى تۇنجى نۆۋەتلىك «ئالتۇنچاغ »ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ،ئاپتونوم رايۇن بۇيىچە  گېزىت ئەدەبىي بەتلىرىدىكى ئەدەبىي ئەسەرلەرنى باھالاشتا«ئوت  ناخشىسى »ناملىق ئەدەبىي ئاخباراتى بىرىنچى دەرىجىلىك مۇكاپاتقا  ،«كەچكۈز لىرىكىسى»ناملىق شېئىرى ئىككىنچى دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكەن  بىر پارچە ئەسىرى ئاپتونوم رايۇنلۇق مائارىپ نازارىتى تەرىپىدىن ئوتتۇرا مەكتەپ تىل –ئەدەبىيات دەرسلىكىگە كىرگۈزۈلگەن،.1996-يىلى «پىلسىرات كۆۋرۈكى »ناملىق پوۋىستى 6-قېتىملىق «خانتەڭرى ئەدەبىيات مۇكاپاتى»غا ئېرىشكەن،«پىلسىرات كۆۋرۈكى »ناملىق كىتابى ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ «ئون بىر يۇرۇق نوقتا »قۇرۇلۇشىدىكى ياخشى كىتاپ مۇكاپاتىغا،«ئاھ پەرىشتىلەر »ناملىق داستانى 2003 –يىللىق «تارىم باھارى »ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.2015-يىلى 3-ئايدا ئۇ تەرجىمە قىلىپ،«تارىم»ژورنىلىدا ئېلان قىلغان «گىيوتى لىرىك شىئېرلىرى »ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ «تارىم ئەدەبىيات مۇكاپاتى »غائېرىشكەن.ئۇ ھازىر جۇڭگو ئاز سانلىق مىللەت يازغۇچىلىرى جەمئىيىتىنىڭ ،شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيتىنىڭ ئەزاسى ،ئاقسۇ ۋىلايەتلىك يازغۇچىلار جەمئىيتىنىڭ مۇئاۋېن رەئىسى.
   تەبرىكلەش پائالىيىتىنىڭ ساھىپخانلىقىنى ئۇچتۇپان ناھىيەسىدىكى قەلەمكەش دوستلار ئىستىگە ئالغان بولۇپ، ئاقسۇدىكى ئەدىپ،قەلەمكەشلەردىن ئېزىز ساۋۇت، ئەخمەت ۋاھىدى، تۇنىياز مەتنىياز،سالى ئىبرايىم خالىس، ئىمام مۇھەممەت، باتۇر رەخمۇتۇللا، تۇرغۇن مىجىت ، ئېزىز نىياز پاسىل، يۈسۈپجان مۇھەممەت توغيان قاتارلىقلار ھەمدە ئاقسۇ شەھرى، ئۇچتۇرپان، ئونسۇ، ئاۋات، كۇچا، توقسۇدىن كەلگەن قىسمەن ئاپتۇرلاردىن  يۈز نەچچە نەپەر  كىشى قاتنىشىپ ، ئابلىز ئوسماننىڭ بۇيىل دەل 50ياشقا كىرگەنلىكى ۋە  «چۆلدىكى ئۈژمە دەرەخلىرى »ناملىق كىتابىنىڭ نەشىر قىلىنغانلىقىنى قىزغىن تەبرىكلەپ ،ئۇنىڭ بۇندىن كېيىنكى ئىجادىيىتىگە زور  ئۇتۇق تىلىدى .
kitab.jpg 6 j/ I9 _, A6 D  f/ i8 B4 k
+ W, p, B+ D6 h% A2 G. q
kitab2.jpg
5 i  O! j+ w5 Z' |
" A# @* a3 s) E$ i# C7 N; W1 {) N7 q# |. i' Q8 c
m2.jpg
4 u4 o- a1 R4 l9 @. \& E* w* i; B. k/ G8 F! z$ p4 ?
kitab 3.jpg 3 l" d6 A/ u5 t' b% m

8 p$ a: g/ T4 \0 Y. u: q 3 ilham rozi.jpg
, b: p+ C1 U4 d* }
/ P8 {% r" ~9 j- n2 q6 d/ m3 \ 4 abbas muniyaz.jpg , D3 K; j$ M3 e; V( H) [
1 K% n9 F6 e5 p
2.jpg # |+ [5 }1 h  k6 Z2 s  H0 D. F

5 @) P  J( `* M. G 1.jpg ; O' R3 h, j) u( H4 s4 x, G/ L
5 V% ~8 [, e0 Y* H" {- P# q& F
edibler.jpg
% C* E# X0 l# E( t, a$ a  |/ Y
$ c7 \4 j+ B- l3 o% e: K2 R1 x edbiler3.jpg + j4 A+ v) R3 ~2 g
" V2 a5 n( |6 [+ l) |; z" X
dostlar.jpg
1 M( O* S5 o, h& j
* H" A2 y" T4 o" V5 h- P9 g amangul.jpg
3 ?2 _* z; ^# c; l+ j, z" m3 e; s$ q6 i
imamkam.jpg % R  `# G  ?8 t) |/ k
8 \; I. K' ^; w! l6 G+ O' B, N; p
edibler 2.jpg
- q6 O, R4 }8 Q9 y4 ]+ }+ @9 W/ h2 r  m) f, Z6 [
salikam.jpg & W4 ?8 M5 l+ O& A

& u, B  K; K" k& e ozyol.jpg
3 w6 |! X1 L5 Q5 W5 k$ X% P1 N6 r
* F( b0 R6 v1 L" G% j$ z kona hizmetdaxlar.jpg   k& F+ p+ G8 O$ R3 F; M1 S

+ j1 h; Y4 }: _2 U. B( W% r" v sowga6.jpg
0 S' e% c0 R* l
8 i3 f8 i1 U! g9 I5 D sowga5.jpg
3 B. Z/ u: d. `* u# k5 E$ H- S5 U
sowga1.jpg 4 r5 m1 N% C+ ?3 s( r! Z

) V0 [/ V( D* ?  c% @% `  I sowga.jpg
; w; D) \, n" w. G/ e* d3 K# T/ b: n9 r* n+ K
sowga 8.jpg   `2 p2 P  A5 p0 ]( r. Y( \

) Q" k! \% ^+ Y( I( D! _5 x sowga 4.jpg 7 n6 q* }7 J7 V0 h5 S5 b

- Q6 W  g$ s% b9 n% j, T) B- a sowga9.jpg , D9 P% T% T; a

+ G4 b" [1 G+ f sowga7.jpg
: W" X* B( ~9 r
! H9 W7 a9 B" E$ H( R
0 _8 M2 g& A9 V% A, n- i uchtekin.jpg ; |4 i, E0 E) [3 n

- J5 G- U' S5 B% I1 x t metniyaz.jpg 7 f4 z+ V; G4 m
- C- s' z7 x0 {/ N# e- V  a
sowga 10.jpg
$ G+ _- P9 {# g/ |* Z# d
& B; d; C+ t7 j umid.jpg
6 X# f  V9 Q* z# `2 [5 m  U- g$ e9 v, U. n. K* r3 W: ?

3 g" I# {: ~, _- [) ?1 D
' M/ C. y% F1 D: K
. |9 f) S" V$ i- G" i8 V
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Erchin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-10-29 00:05  
0 ]8 R" z/ U( Z+ }
/ x/ n# W  K& A  q/ n- W; g

3 ilham rozi.jpg
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-10-27 03:11:19 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
DSCF3650.JPG ' c6 A! U+ Q' P! U/ L2 b4 ~* q
8 r7 G$ q# G& i" Y
DSCF3740.JPG
, D2 b. v; }& L7 u) ^
: v* y, h: {9 ~& l9 d! g  f1 a! W DSCF3665_看图王.jpg
3 L/ r. s6 ?  T
# Q1 U  M" x1 T* O DSC_a.jpg 2 T' \) E. m' m2 \! Y( }! O
! z2 b; Y  [4 y- T* A
8 X6 S: p. b7 v% w4 v

0 ~( a% @. t! W5 E2 M, k  D  v. i+ h1 ^" w& x2 y$ K8 P0 e& v- w
5 a4 X/ z# o# F8 b6 L
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Erchin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-10-27 23:40  . K$ \' @  [6 g) j! z: e; P
% e  U  F8 d& H. Y

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-10-27 03:24:26 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

  y5 X& t  v6 r DSCF3795_看图王.jpg ..،،،
" J" |) }! w  e0 A9 U: @& u; f: I7 f2 ^$ P
# `6 c6 y  k$ c7 o( A
* C% c/ ^0 Y( n بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   تۇرغۇن مىجىت تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-10-27 08:36  
. b' m/ F+ @2 U' S, k; F# J- H) a' R$ |" t& f8 I1 k

ۋاقتى: 2015-10-27 11:01:05 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دوستىمىز  ئابلىز ئوسماننىڭ 50 ياشقا تولغانلىقىغا مۇبارەك بولسۇن!  بارلىق ئىشلىرىنىڭ خەيرلىك بولۇشىغا، تېنىنىڭ ساغلام بولۇشىغا  تىلەكداشمەن!
* [2 y6 j' k/ f" g& R1 Uبەزى ئوبيېكتىپ سەۋەپلەر بىلەن بۇ پائالىيەتكە قاتنىشالمىغان بولساممۇ، پائالىيەتنى تەشكىللىگەن دوستلارغا ئاپىرىن ئېيتىمەن.

ۋاقتى: 2015-10-27 11:23:17 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سەمىمىي دوستۇم ئابلىز ئوسمان ئەپەندىنىڭ 50 ياشلىق مەۋلۇت كۈنىنى چىن دىلىمدىن قۇتلۇقلايمەن ھەم بۇنىڭدىن كېيىنكى ھاياتىغا تېخىمۇ چوڭقۇر مەنا تىلەيمەن ! ... ئۆزۈمنىڭ خىزمەت سەۋەبى بىلەن بارالمىغانلىقىمدىن تولىمۇ ئەپسۇسلىنىمەن ... قەلب تۆرىدىكى كىشىلىرىنىڭ قەدرىنى قىلىشنى بىلگەن دوستلارنىڭ غەيرىتىگە ئاپىرىن ئېيتىمەن!!.....

باھا سۆز

تەكىتلەشكە تېگىشلىك ئىسىل گەپ،...  ۋاقتى: 2015-12-5 11:49 PM
قەلب تۆرىدىكى كىشىلىرىنىڭ قەدرىنى قىلىش  ۋاقتى: 2015-12-5 11:45 PM
ۋاقتى: 2015-10-27 11:31:21 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئابلىزكامنىڭ ئاتمىش يىللىق خاتىرىسىدە يەنىمۇ زور مۇۋاپىقىيەتلەرنىڭ ئۈجمە دەرىخىنىڭ بەركەتلىك مېۋىلىرىدەك ئەلگە سۇنۇلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز. خوشاللىق ۋە تەنتەنە ئىچىدە ئۆتكەن ئابلىزكامنىڭ مەركىسىگە مۇبارەك بولسۇن.

باھا سۆز

مېنىڭچە، بۇ ئىنكاستا ھېچقانداق خاتا ئۇقۇم يوققۇ؟  ۋاقتى: 2015-10-27 07:29 PM
50 ياش.  ۋاقتى: 2015-10-27 01:59 PM
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-10-27 11:36:13 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئ‍ەكبەرجان، ئ‍اتمىش ئ‍ەمەس ئ‍ەللىك، ئ‍وننى نەدىن قوشىۋالدىڭىز؟

باھا سۆز

مېنىڭ چۈشەنچەممۇ دەل ئۇيغۇرىيە دېگەندەك!  ۋاقتى: 2015-10-27 07:30 PM
يەنە ئون يىلدىن كېيىن دىمەكچى ،مېنىڭچە...  ۋاقتى: 2015-10-27 03:32 PM
ۋاقتى: 2015-10-27 11:36:47 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شۇ كۈندىكى پائالىيەت تولىمۇ ئەھمىيەتلىك ھەم بۇ ئۆمۈرۈمدىكى ئەڭ ئۇنتۇلغۇسىز ئەسلىمىلەرنى قالدۇرغان پائالىيەت بوپ قالدى./ I8 j4 ]+ A; M' ~/ U2 u
پائالىيەتتە شائىر، ژورنالىست ئابلىز ئوسماننىڭ 50يىللىق ھاياتلىق پائالىيىتى، ئىجادىيەت ھاياتى، ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ ئەدەبىيات- سەنئەت ئىشلىرىغا قوشقان ئەجىر- تۆھپىلىرى ھەم ئىنسانىي پەزلەتلىرى كۆڭۈللەرنىڭ يۇقىرى ئورنىدىن مۇئەييەنلەشتۈرۈلۈپ، سەمىمىي يۈرەكتىكى سەمىمىي تىلەكلەر ئارقلىق بۇندىن كېيىنكى ھاياتلىق ھەم ئىجادىيەت قەدەملىرىگە بەركەت، خاتىرجەمىلىك ھەم زور ئۇتۇقلارنى تىلىدى.8 w' u* ^. s) g: D* W
  مەنمۇ چىن يۈرەكتىن چىققان، سەممىي تىلەكلىرىم يۇغۇرۇلغان ئاددى يازمىلىرىم بىلەن شائىر، ژورنالىست ئابلىز ئوسمان ئاكىنىڭ 50يللىق تەۋەللۇت كۈنىنى ھەم يۇرۇق دۇنياغا كۆز ئاچقان «چۆلىدىكى ئۈجىمە دەرەخلىرى» دېگەن كىتابىنى قۇتلۇقلايمەن.
& i, T  F% c; H- Z2 e: z' K6 u& O8 M! h8 v1 {7 y  ~$ b' N
ئۈزۈلمەس دەريادەك ئاقسۇن كۈيلىرىڭ
5 R6 a& j8 y) f! f  e8 a, s7 w* C$ L) l$ S3 X5 o
(شائىر ئابلىز ئوسمان ئاكىنىڭ 50ياشقا تولغان كۈنىگە بېغىشلايمەن)8 L& D6 c/ y8 b6 |$ B

8 t" W2 ~9 t9 h  g. hئەي ئاقسۇ دەرياسى ئاقىسەن ئۇزاق،
( A( r3 r/ f" g4 M. n5 Vشاۋقۇنۇڭ ئىچىگە تولدۇرۇپ بىزنى.: i7 i( G% G) c9 C$ Y. f
ئېقىتىپ ئۆتىسەن تالاي يۈرەكتىن،
% W6 D' A  F6 a9 b( p% e6 X6 Q) V$ v! oشېئىرغا پەرۋانە شائىر كۈيىنى.
$ [; r/ r! k( J1 X
; @, Z0 Y6 X6 m/ G8 M. @/ L" yخىيالىم چايقىلار دولقۇنلىرىڭدا،
2 m& u4 g8 @! x8 k+ uسۆيگەندەك شېئىرنىڭ قىرغاقلىرىنى.& I5 L" \/ G( D0 F* _1 j
ۋاراقلاپ ئەللىك بەت سۈزۈك قۇرلاردىن،
8 }2 D1 h/ X  B8 A& Iسۆزلەيمەن شائىرنىڭ ئىزنالىرىنى.. x: Y. \9 x6 M' I- G1 x

6 l  o& j+ x8 R6 Xئەل ئۈچۈن يۈرىكىڭ تۆكۈپ قەسىدە،2 u8 R. h  @3 r' I% _% O
ئۇنتۇلماس مىسرانى يازدىڭ تالاي رەت.; c" l, N6 ]8 m; a0 B) D
تىڭشىغان يۈرەكلەر تېپىپ تەسەللى،
! L5 Z9 t0 P% t4 jقەھرىتان كۆزىدىن يوقالدى ھەسرەت.
) B; u1 O6 L) l2 V& T2 T
- n- q( E6 Y/ y( O% A. }# m7 nقەدەمدە كىملەرگە بەرمىدىڭ سۆيگۈ،& G! b5 w6 f3 w# h2 @/ _5 K0 a9 f
قەلەمدە ھەق ئۈچۈن قازدىڭ بۇلاقنى،4 }2 g& r. Y0 \# x; |" w
كىملەرنىڭ كېچىسى قالسا يىگانە،
+ H; N3 b( }% V. K: ~شېئىرڭدىن قەلبىگە ياقتىڭ چىراقنى.
# s& g7 y0 y: c  ^" z) K  s6 C5 y) Y2 N
سەن ماڭغان بۇ يوللار  بەكلا ئۇزۇن يول،
% ^( T& C' _! U' Uمۇقەددەس بىر يالقۇن باشلايدۇ تىنماي.
( J6 w3 F: H3 r- {ئۇچىرتىپ قالساڭ گەر بوۋاڭ كۈيىنى،
1 b2 j5 ~1 B( Z: M2 m! a5 s0 h; Uرىشتىنىڭ تارىنى چالىسەن قانماي.1 S6 d% h( r% r: L* X" k
. S$ u+ a; o5 d- ?6 d" M+ r
كەلدىڭ سەن شېئىرنى ياڭراتقىنىڭچە،4 N5 [# o$ C. r! X
ئۈمىدلىك تىلەكنىڭ ئېتەكلىرىدىن.
& t# v5 q9 J2 G' J0 ?. ]+ m; H9 Wبۇ ئەزىز تۇپراقمۇ ياتار خۇش ھىددا،7 W# G1 w( D- r/ b0 i: [
باھاردەك كۈيۈڭنىڭ چېچەكلىرىدىن.
) p, F4 p5 l8 P8 W
$ O7 m0 r: q6 eشۇ ئەللىك قەدەمنىڭ يارقىن بوينىغا،1 w. R8 @2 o# \0 e% o
سۈپسۈزۈك ئىلھامدىن چەگدىڭ لېنتىنى.% i" o5 P" B+ e! L6 w9 D
كېلىسەن يەنىلا تاغلاردەك مەغۇرۇ،
& k6 T7 h: j+ B4 l( q. Rچاپتۇرۇپ شائىرلا ئۇچقۇر ئېتىنى.3 f0 i, a6 v* F9 ?
, D$ n0 Z) `; D. }% E
. H8 j+ }$ m# ?5 ]- y5 u! q
قۇياشنىڭ يۈزىدە ياتار ئارمىنىڭ،$ r$ b7 ^3 k" T- S) n* b
مەنزىلىڭ يولىنى كەشتىلەپ زەردەك.
0 A4 W9 p' d" z5 K0 R( L6 `) ]! P; ^بوغۇم بوپ تۆكۈلەر ھەتتا چۈشلىرىڭ،0 C9 j( e3 x1 d# Q. F7 m
ئۆزۈڭگە پاتماستىن تاشىدۇ سەلدەك.
7 U! A, \. \% ]  E4 Z3 T9 n; L2 d7 S! U! s+ s% }
ئۇپۇقنىڭ ئوت كەتكەن قان رەڭ لېۋىگە،! Z) S' T+ h1 P
سىزىسەن تۈنگىچە ئىلھام قۇشۇڭنى.2 c/ M1 k* P( w+ |; x: U2 C
مىسكىنلەر بېغىدا سايراپ خۇش ئەتسە،: p. r# Y9 u$ r6 [4 F0 `
ئالەمچە بەختىكە قويىسەن ئۆزۈڭنى.
) q& d5 h- Q+ c0 k& l9 c
9 F. M$ y; `( Dسەن تۆكەن ئەجىرنىڭ كۆزى ئىچىدە،3 K. d+ J+ W5 @
چايقىلىپ تۇرىدۇ گۈزەل بىر سەنئەت.9 A# M7 f/ S7 u* N* a
رەڭ تۈزەپ چىقىدۇ قىشنىڭ باغرىدىن،5 V/ H0 {' ~! m0 q( I* h
نۇرۇزنىڭ پۇرقىنى پۇراپ تەبىئەت.) P% U2 ]2 ]0 x# l

2 l0 ?; r7 a# q- Lھاياتلىق چەمبىرى گۈلدە تىزىلدى،" x$ ?+ f  J: J  ~3 |* Q- K
قەلىمىڭ ۋىجداننىڭ قېنىغا چىلانغاچ.
+ _, ]( P0 h* Z* `; mتورنىلار قاتارى ئۇچىسەن يەنە،
, R; u6 K  m4 T, n9 f  _" [/ |  `قۇۋۋىتىڭ ئۆكەشلەپ ئاققان ئەللىك ياش.
  a( O+ K2 S6 Y* P+ ]: R3 c& G0 p/ l! y, s! `3 j
ھەر دەقىق تېڭىرقاپ يۈرمىدىڭ پىنھان،& r5 e6 }+ O" r4 }6 s6 {% b& K9 q
شېئىرغا ئوت ياققان ئاشىق چۆلىدە.
7 c4 B5 T9 A8 x& P! yئۇنتۇلماس نامىڭنى ئۇيۇپ تاشلىدىڭ،+ h; v/ n# a8 _7 W: H  v) j( A
ئەسلىمەم قالسۇن دەپ نەۋرە، چەۋرىدە.
; g! {& c  i3 c/ ?$ F; K* v7 n8 Y0 E* M) ]
سەن ئەزىز ۋەتەننىڭ پەخىرلىك ئوغلى،5 p) a0 O7 ?' @3 y5 U' |
قەلبىڭدە يانىدۇ  بىر ئۇلۇغ سۆيگۈ.# D% U/ l2 W3 j! o3 m7 U# ~
ئىجادتىن بېرىسەن تەشنا دىللارغا،
; B  E- l* x) [3 ^سەھەرنىڭ ھېدىدەك يېقشلىق سەزگۈ.
  z  {7 `) R2 z% X% z# x% n9 r# B: V
سەن يازغان مىسرانىڭ قايناملىرىدا،
( Q1 R# a9 P4 X! G* [5 _بىزلەرمۇ ئاقىمىز بىر كۈن كۆۋەجەپ./ `$ d- r' v& h" I" s' ?2 E  k
ئىز بېسىپ كېلىدۇ بىركۈن ۋارىسىڭ،% T9 T, O0 a  w- o. l
ھاياتلىق يولۇڭغا بەركەتلەر تىلەپ./ s1 q8 p0 y% E* @; }: q9 [: o  S% d. q
! Y# X  B6 p2 \! V, `, ?, n
خەلقنىڭ ئۈمىدى يۇلتۇز مىسالى،: w- K2 C% S$ D
كېچىمۇ يولۇڭدا يانار چاراقلاپ.
3 @& ?$ v. o& w% b$ ^كېتىۋەر مەنزىلگە مەردانە ئەردەك،
' f3 x3 _/ J) u& q$ L$ Jكۈتىدۇ بىر ۋىسال سېنى قۇچاقلاپ.  H* q, e" ^! h  S
9 Q- M9 |$ O( d! t" U( ~, ^: W
ئەي ئاقسۇ دەرياسى ئاققىن توختىماي،# v* m$ R8 |* V5 W/ ^/ h
جۆر بولۇپ كېلىدۇ شائىر كۈيۈڭگە.
/ U" Z5 k" ?& W7 q  t, f* }& Qبۇ ئىزلار ئۆچمەيدۇ، ئۈزۈلمەس مەڭگۈ،
8 \( U- q  m# gبىزلەرنى سۈيۈپ ئۆت سۈزۈك سۈيۈڭدە.8 i, T" I! p8 w# v* V
( u" G, Y1 ~& A6 `
2015-يىلى 10-ئاينىڭ 25-كۈنى

ۋاقتى: 2015-10-27 11:37:54 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
kokbora يوللىغان ۋاقتى  2015-10-27 11:31
- M6 x- u' \7 O* A' w+ _' S0 ~ئابلىزكامنىڭ ئاتمىش يىللىق خاتىرىسىدە يەنىمۇ زور مۇۋا ...
3 I9 v  ~+ D) p+ j! n
ئەكبەركا،ئابلىزكامنىڭ 50 ياشقا تولغان مەۋلۈت كۈنى تەبرىكلەندى جۇمۇ،سىز بىراقلا 10 ياش چوڭايتىۋەتتىڭىزغۇ؟

ۋاقتى: 2015-10-27 11:44:00 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى پائالىيەت بوپتۇ

ۋاقتى: 2015-10-27 11:47:02 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كۆكبۆرە ئەپەندى  «ئابلىزكام  50 يېشىدا بۇ شەرەپلەرگە نائىل بولغان بولسا يەنە 10 يىلدىن كېيىن 60 ياشقا تولغاندا تېخىمۇ زور ئۇتۇقلارنى قازانغاي » دېمەكچىكەن.

ۋاقتى: 2015-10-27 11:50:38 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شۇنداق، ئابلىزكام يەنە 60، 70، 80، .....ھەبىر قوشۇلغان ئون يللىق مۇساپىدە ئۇتۇق ھەم خوشاللىقلار ئۈزۈلۈپ قالماسلىقنى ئۈمىد  قىلىمەن

ۋاقتى: 2015-10-27 11:52:43 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئابلىزكامغا ئۇزۇن ئۆمۈر، ئىجادىيتىگە تىخىمۇ يۇقۇرى پەللە تىلەيمەن

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-10-27 11:53:21 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئ‍ەل سۆيگەننىڭ ھۆرمىتىنى ئ‍ەل قىلار،
+ |* Q, y8 p, X3 G! B2 Xئ‍ەتراپىدا مۇھەببەتنى سەل قىلار. 7 l" X# r9 b# m; W
ساداقەتنى بىلگەنلەرگە تەڭرىمۇ،.
7 G2 H! u$ r3 ]- n% n& _% H$ Nچىن ۋاپادار دوست- يارەننى تەل قىلار

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-10-27 11:59:22 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھە.....دوستۇم ئ‍ەكبەرنىڭ سۆزىنى خاتا چۈشىنىۋالغاندەك تۇرىمىز، ئ‍ۆزرە.
' K  i2 @* A8 _' ]3 \1 [ياخشى كۆڭۈللەرگە ياخشىلىق مەڭگۈ يار بولغاي!!!

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家协会网
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش