ئىگىسى: تۇرغۇن مىجىت

شائىر ئابلىز ئوسماننىڭ 50ياشقا تولغانلىقى قۇتلۇقلاندى

  [ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 2015-11-12 12:38:52 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ۋاقتى: 2015-11-13 00:17:30 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سالام ئابلىز ئاكا !!!!5 A" u% I, \( M) _; E* y: J* d
ئىمكان بولسا بېيجىڭدىكى يەتتە ساۋاقداشلىرىغا ‹‹چۆلدىكى ئۈجمە دەرەخلىرى›› دىن بىر تالدىن ئېۋەتىپ بەرگەيلا ، موبارەك ئىمزالىرىنى قويوشنى ئۇنتۇپ قالمىغايلا !!!
, {+ Q1 N' i& y3 q  q- lماڭا شېئىر توپلاملىرىنىمو قوشوپ ئېۋەتكەيلا !!!

ۋاقتى: 2015-11-13 15:56:21 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شائىر ئابلىز ئوسماننىڭ 50 يشقا كىرگەنلىكى تەبرىكلەيمەن!
( S% ~+ ]8 C* }- R

ۋاقتى: 2015-11-15 08:31:47 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شائىر ئابلىز كامنىڭ 50 يشقا كىرگەنلىكى تەبرىكلەيمەن!
1 r3 O! o8 K6 R- g/ t2 f' eئەپسۇس بۇ خاتىرلەش پائالىيىتىدىن خەۋەر تاپالماي بارالماي قاپتىمەن.

ۋاقتى: 2015-11-19 16:12:00 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تەلەپچان مۇھەرىر، ژۇرنالىېست ئابلىز ئوسماننى قىزغىن تەبرېكلەيمەن!

ۋاقتى: 2015-11-19 17:31:15 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھاياتلىقنىڭ 50 داۋىنىدىن غەلبىلىك ئۆتۈپ كەلگەن ئابلىز ئوسمان ئەپەندىنىڭ تېنىگە سالامەتلىك، ئائىلىسىگە بەخت، ئىجادىيىتىگە يەنىمۇ ئۇتۇقلار يار بولغاي!

ۋاقتى: 2015-11-25 18:56:34 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئابلىز ئوسمان ئاكامنىڭ ئەدەبىي تالانتىمۇ ياخشى ئىدى. پۇلسىرات كۆۋرىكى، بوۋاقنىڭ كۆزى قاتارلىق پىروزا ئەسەرلىرىنى ئوقۇپ قايىللىقىم ئاشقان. شېئىرلىرىدىمۇ بىر خىل سۈزۈكلۈك، يېڭىلىق بار ئىدى. ئەمما كېيىنچە توختاپلا كەتتى.
* H4 ^  L- d* i  }2 w" [ بەلكىم ژۇرنالدا تەھرىر بولۇپ ئىشلىگەچكە ئالدىراشتۇ. ئەمما ئابلىز ئاكامغا تەۋسىيەرىم: ئۆزىڭىزدە بار تالانىتنى كۆمۈپ قوينماڭ ئاكا. ژۇرنالدا ئىشلەپ ئالدىراش يۈرۈش ئەدەبىي ئەسەر يازماسلىقىڭىزنىڭ سەۋەبى بولالمايدۇ. ئىجادىيتىڭزگە بەرىكەت تىلەيمەن! سىزنىڭ قەلىمىڭىزدە يارالغان نادىر ئەسەرلەرنى ئوقۇشنى ساقلايمەن. سالامەت بولۇڭ!!!

ۋاقتى: 2015-12-5 23:06:10 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇستاز ژورنالىست، شائىر ئابلىز ئوسماننىڭ 50 ياشلىق مەرىكىسىگە،چۆلدىكى ئۈجمە دەرەخلىرىناملىق توپلامىنىڭ نەشىر قىلىنغانلىقىغا ئاتاپ سۆزلەنگەن سۆز
' o5 }: M9 E9 C& \
# R0 D, k5 J" b* v* k7 g1 {
ياسىنجان ئىمىن

1 V' X# C& w, ]2 r1 Y" o       ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، يۈرىكى چوغ، مېھرى ئاپتاپ ئەزىز قەدىردانلار-ئۇستازلار، قەلەمداشلار, دوستلار، ھەر بىرىڭلارغا مېھىر  سۆيۈنۈش بىلەن ئىسسىق سالام ۋە ئېھتىرام.....1 _& A0 J7 n% a6 \6 p+ f
       بۈگۈن بىز بۇ يەردە ئەدەبىياتىمىز ،تىل ۋە مەدەنىيەتىمىزنىڭ بۆگۈنى ۋە ئەتىسى ئۈچۈن مىننەت -داۋراڭسىز تەر تۆكۈپ، مەنىۋى بوشلۇقلىرىمىزغا گۈل تەرگەن، ئۆزىنىڭ ئەللىك ياشلىق ھايات مۇساپىسىدە تالاي ئىجادى قۇۋۋىتى ،كۆز نۇرى، زېھنىنى ئاپتۇرلارنىڭ ژورنال يۈزىدىكى ساناقسىز قۇرلىرىغا سىڭدۈرۈپ، مەدەنىيەت بوزلۇقىمىزدا ئۈن-تۈنسىز باغ ياساۋاتقان بىر ئىجىتھادلىق باغۋەننىڭ- ئاددى-ساددا، كېبىرسىز خاراكتىرى، سەمەرىلىك ئەمگىگى، ئىزگۈ نىيەتلىرى بىلەن ئۆزىگە -ئۆزلۈكىگە يۈز كېلىپ ياشاۋاتقان بىر تەبىئىي ئىنساننىڭ يېرىم ئەسىرلىك ھايات تەلقىنلىرىگە شاھىد ۋە تەبرىكتە ئولتۇرۇپتىمىز....
2 Y9 R  l0 W: V& G5 @0 U, R$ f3 E* ?      شۇ تاپتا مەن بالىلىق خاتىرىلىرىمدە چوڭقۇر ئىز قالدۇرغان ئۇچتۇرپاننىڭ شەرقىي شىمالىغا-تەڭرىتېغى ئوتتۇرا بەلباغ باشلىنىش ئېتىگىگە جايلاشقان كىچىككىنە ئەمما مېھرى ئالەمچە ئاشۇ تاغلىق يۇرت ھەققىدە ئويلاپ قالدىم. ...شىمالدا يىل بويى قار ئۆكسۈمەس ھەيۋەتلىك تەڭرىتاغ  سوزۇلۇپ ياتقان، خانتەڭرى ،تۆمۈر چوققىلىرى يېنىمىزدىكىدەكلا كۆرۈنىدىغان، شەرقتە قۇمئېرىق دەرياسى غەرىبىتە توشقان دەرياسى ئارىلىقىغا جايلاشقان بۇ يۇرت ساي-سايلاردىن ئېقىپ كەلگەن كەلكۈن سۈيى توپلىشىدىغان جايدا لاتقا-چۆكۈندىلەردىن بەرپا بولغان يۇرت بولۇپ ئاتا بوۋىلىرىمىز ماياغلىق (ھازىرقى يېڭىئاۋات يېزا بازىرى)دەپ ئاتاشقانىكەن. ھەر تەرەپتىن كەلگەن كەلكۈنگە قارشى يۇرتنى ھىلال ئايسىمان ئوراپ غەربكە ئېقىپ توشقان دەرياسىغا قۇيۇلىدىغانقىيانلىقدەپ ئاتىلىدىغان ئېگىز دامبىلىق ئېقىن، كوچا مەركىزىدىكى پەلەككە بوي سوزغان -بۇ يۇرتنى تۇنجى بەرپا قىلغۇچىنىڭ نامى بىلەن ئاتالغان بەش ئادەمنىڭ غولىچى يەتمەس يوغان قارا تېرەك ، توشقان دەرياسى بويىدىكى دەرياغا يۈزلىنىپ تۇرغان >>جامبىزىم ئاتام مازىرى <<نامىدا ئاتالغان ئېگىز تاغ چوققىسى بۇ يۇرتنىڭ بەلگىسى ۋە كىشلەرنىڭ روھىنى بىر بىرىگە باغلاپ تۇردىغان سىموۋۇل ئىدى...   ئەنە شۇ يۇرتتا 50يىل مۇقەددەم دۇنياغا كەلگەن، يۇلغۇن-خوخىلىقلاردا قىيغېتىپ ئويناپ، قىيانلىق بويىدا يىراقتىكى تاغلارغا تىكىلىپ ھەيۋەتلىك مۇزلۇق چوققىلارنىڭ جەزبىسىدىن مەنىۋىيىتىگە كۈچ ئېلىپ، دوقمۇشتىكى كۆۋرۈك بېشىدا دۇنيا پاراڭلىرىنى تىڭشاپ، يوغان تېرەكتىن ياڭرىغان نورۇز ناغرىسىدا چوڭ مەيداندىكى قاينام تاشقىنلىقلارغا چۆكۈپ، ئەزىم دەريانىڭ سۈيىنى ئىچىپ تالاي دولقۇنلىرىنى يېرىپ چوڭ بولغان، جانبىزىم، مۆلجەر باغرىدىن تەڭرىتاغنىڭ جەنۇب شىمالىغىچە ھايات سەمەرىلىرىدىن ئىز چەككەن مېھنەتكەش ھۆرمەت ساھىبى بۈگۈن ئارىمىزدا ئولتۇرۇپتۇ،.
2 O4 X, ]* O! J7 l* n$ M4 h* a/ E# X       باشلانغۇچ تۇلۇقسىزدىكى چاغلىرىمدا ھەمشە تۆت كوچا ۋە توي تۆكۈندىكى پاراڭلاردىن بۇ يۇرتتىن چىققان ئۈچ كىشى ھەققىدىكى بايانلار قۇلقىمغا چۈشەتتى.‹‹بىرى شىنجاڭ خەلىق رادىيو ئىستانسىسىدىكى توختى نۇر، بىرى بېيجىڭدا ئوقۇغان مەرھۇم  غېنى توختى، يەنە بىرى ئاقسۇ گېزىتىدىكى ئابلىز ئوسمان ››دەيىتتى چوڭلار. ئۇلار يۇرتقا كەلسە كوچىدا ئۇچرىغانلىكى كىشلەر ئىپتىخارلىق ئىچىدە كۆرۈشەتتى،ھۆرمەت بىلدۈرەتتى.... شۇ خىل ئىپتىخارلىق تۇيغۇلىرى ئىچىدە ئەللەيلىنىپ ئاقسۇ دارىلمۇئەللىمىندە ئوقۇش ھاياتىمدا ئاخىرى بالىلىق خاتىرىلىرىمدىكى بۇ ئىپتىخارلىق ئىسىم زاتىنىڭ ئەسلى ئىگىسىنى تونۇش ،بىلىش پۇرسىتىگە ئېرىشتىم...1994-يىلى تۇنجى شېئىرىمنىڭ ئاقسۇ گېزىتى‹‹ جەنۇب شامىلى ››ئەدەبىي بېتىدە ئېلان قىلىنىشى -ئەدەبىيات كوچىسىغا تاشلىغان تۇنجى قەدىمىم بولۇپ قالدى. ...  ل. مۇتەللىپ روھىنىڭ ئۆچمەس مەشئىلى سۈپتىدە داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان جەنۇب شامىلىئەدەبىي بېتىنىڭ مۇھەررىرى-دەل بالىلىق خاتىرىلىرىمدىكى ئىپتىخار ئىگىسى،يۇرت ئوغلانى-بۈگۈنكى ئۇستاز ژورنالست،لىرىك شائىر، ئەدەبىيات-سەنئەت تەشكىلاتچىسى، ئۇيغۇر ئەدەبىياتمىزنىڭ قابىل پەرۋىشكار- پاسبانلىرىدىن بىرى ئابلىز ئوسمان ئاكا ئىدى...ئۇنىڭ بىلەن تۇنۇشقان بۇ نەچچە يىلدا ئۇنىڭ ئاددى ساددا، ئاقكۆڭۈل ،تۈز، زىل خاراكتىرى، ئاشۇ تاغلىق كەنتىمىزگە خاس ئارتۇقچە ئەسئەسەدىن خالىي ساپ-تەبئىيلىگى مەندە ئۆچمەس تەسىر قالدۇردى.
- r- `$ l: {( k0 A0 V0 N) c: Q        ھېلىمۇ ئىسىمدە. ‹قەبرىستاندىكى قۇشلار ناملىق شىئىېرنى يېزىش جەريانىدا مەرھۇم مامۇتجان داۋۇت ئاكىنىڭ قەبرىگاھىغا قارلىق تاڭدا چىققانلىغى، ئۈچ قېتىم قەبرىستانغا چىقىش جەرياندىكى ئازابلىق ھىسلىرىنى ئۆز ئاغزىدىن ئاڭلاپ ئىختىيارسىز كۆزۈمگە ياش كەلگەنىدى. ...نەچچە كېچە ئۇخلىمىدىم. خېلى كۈنلەرگىچە بۇ شېئىر بېسىلغان كۆسەن مەدەنىيىتى ژورنىلىنى يېنىمدىن ئايرىمىدىم... بۇ ھەقىقەتەن بىر ساداقەت شەجەرىسى، چىن دوستلۇق ئابىدىسى ئىدى....
, ^7 T  r; i/ Y) c/ k+ ]" U4 d           ئىنسان ماددى مەئىىشەتلەرنىڭ رەڭگا-رەڭ قورشاۋىدا ئۆزى بولۇپ- چىن ئىنسان بولۇپ ياشىماق ھەقىقەتەن تەس.  ئۆزىگە ،ئۆزلۈكىگە چوڭقۇر چۆكۈپ، ئۆز ھاسىلات- تاكامۇللىغى بىلەن ئۆز قىممىتىنى يارىتىپ ھەقىقىي مەنىدە ئۆزىگە تەۋە بولالىغاندىلا، ئۆزىدىن ھالقىپ مەنىۋىيەت نۇرلىرىنى ئەتراپقا چاچالىغاندىلا ئۇ ئاندىن قەۋمىگە، يۇرت-ۋەتىنىگە تەۋە بولالايدۇ، يۈز كېلەلەيدۇ، ئۆز ئۆزىگە يۈز كېلەلەيدۇ.... ئابلىز ئوسمان ئاكا ئەنە شۇنداق سەمەرىلىك ،ئۆزىگە يۈز كېلەلەيدىغان ھۆرمەت ساھىبلىرىنىڭ بىرى. ئۇنىڭ كەمتەر خۇشپېئىلى ،ئازادە، سەمىمىيلىگى، قابىل تەشكىلاتچانلىقى ياسىنجان سادىق چوغلان، جالالىدىن بەھرام ، ياسىن زىلال قاتارلىق مۇھتىرەم ئۇستازلارنى باشلاپ  ئۇچتۇرپان زىيارىتىنى تەشكىللەش داۋامدىكى پائالىيەتلەردە ھەممىمىزدە ئۇنتۇلماس تەسىرلەرنى قالدۇرغانىدى....
0 A% ?, i4 H) {4 l8 F# P+ {          ئاقسۇ ئەدەبىياتىنىڭ بۈگۈنكىدەك پۈتۈن ئاپتۇنۇم رايۇنىمىزدىكى نوپۇزلۇق نەشىر ئەپكارلار قاتارىدا پۇت تىرەپ تۇرالىشى،جەنۇب-شىمالدىكى ھەممە كىتابخانىلاردىن تېپىلىدىغان، ھەممە سۆيۈپ ئوقۇيدىغان ئىتىبارلىق ژورنالغا ئايلىنالىشى ئاقسۇ ئەدەبىياتى نى بۈگۈنگە يەتكۈزگەن تۆت ئەۋلات ئۇستاز مۇھەررىرلەرنىڭ چىن ئىخلاسى ،جاپالىق ئەجرى ۋە مەسئۇلىيەتچانلىقىنىڭ نەتىجىسى ھەم ئابلىز ئوسما ئاكىنىڭ بۇ ئىزچىللىققا ۋارسلىق قىلىپ ژورنالچىلىق يۈنلىشىدىن تايماي ئۆزلۈكسىز يول ئېچىپ يېڭىلىق يارىتىپ دەۋر روھىغا ماس ھالدا ئۆزىنى بېغىشلاش روھىنىڭ نەتىجىسى .( شۇ مۇناسىۋەت بىلەن بۇ يەردە ئولتۇرغان پىشقەدەم مۇھتىرەم ئۇستاز مۇھەررىرلىرىمىزگە ھۆرمەت ۋە تەشەككۈرلەر بولسۇن .تېنىنىڭ سالامەت ئۆمرىنىڭ ئۇزۇن بولىشىنى تىلەيمەن)...
! r7 I# I6 B6 \6 i/ L* n" T        بۈگۈن مەن بۇ يەردە ئاددىغىنە دىلبايانلىرىم بىلەن ئابلز ئوسمان ئاكىغا ئۇچتۇرپاندىكى تىل ئەدەبىياتىمىزنىڭ ئوتىدا كۆيگەن، غېمىدە ئۆيگەن قەلەمكەشلەر، ئەدەبىيات ئاشيانلىرىنىڭ نامىدىن سالام يوللايمەن.... توغۇلۇپ ئۆسكەن بالىلىق ئەستىلىكلىرى قالغان ماياغلىقكوچىلىرىدىن، جانباز ئاتا چوققىلىرىدىن ، گۈل -گۈلىستان مۆلجەرتاغ باغرىدىن، باغۇ-بوستان توشقان دەريا ۋادىلىرىدىن ، ساناقسىز تارام-بۇلاقلاردىن سالام يوللايمەن... ..
/ F- g3 P: y/ h, I2 Y& X% x3 ~       روھىڭىزغا كۈچ بەرگەن ئىلى-تارىم بويلىرى ،خانتەڭرى چوققىلىرىدىن سىزگە سالاملار بولسۇن، .. ئەل سۆيگەن، ئەلنى سۆيگەن، تىل-مەدەنىيىتىمىزنىڭ ئوتىدا كۆيگەن ھەربىر ئوت يۈرەك ئىگىسىگە ھەم سالاملار بولسۇن...- [# s0 t# ^  M$ W* l; V7 g& |
       50ياشلىق ھايات سەتىرىلىرىڭىزگە يەنىمۇ رەڭدار قۇرلار قوشۇلغاي،5 s' i: ^" B1 Z6 S) D
      50داۋاندىن ئاشقان سەمەرىلىك ھاياتىڭىزغا يەنىمۇ يۈكسەك پەللىلەر يار بولغاي...
, _8 |9 w" K4 n/ S" Q! W+ K. C      تېنىڭىزگە سالامەتلىك،. ئىجادىڭىزغا قۇت،ئىشلىرىڭىزغا ئۇتۇق تىلەيمەن..9 @/ N0 R5 t' h* Z; p

: d( e+ w+ m, G5 f3 V; a+ bئاخرىدا مەن شائىر روزى سوپى ئۇچتېكىننىڭ ئابلىز ئوسمان ئاكىنىڭ 50 يېشىغا بېغىشلاپ يازغۇچىلار تورىدا ئېلان قىلغان تېمىسىغا يازغان ئىنكاسىم بىلەن سۆزۈمنى تۈگەللەي..
' r% Y, z0 h$ \
: T- |% x' W2 Z3 Bسالام...- [5 n: A* }4 |7 G# N
‹‹شائىر ئابلىز ئوسمان، كۆڭلى ئاسمان››*
5 ~0 M- N, F; i8 U8 e
تەبئىي ۋە تۈزلىگىنى يوقاتمىغان كىچىك پىئېل ئىنسان; f" B  K2 {7 l& {6 ~9 d3 ?* k
‹‹چۆلدىكى ئۈجمە دەرەخلىرى››دەك4 S6 s$ M0 e' q
ئەللىكىنچى باھارىڭىز كۈلسۈن باراقسان
( u  W: F0 @+ kتىلەكلەر گۈل4 j; C- P$ U; W% W9 C3 J' T
قەدەملەر قۇت ; M7 L% x# a; [$ h4 ~) n! H
تىنىقىڭىزدىن چۆللەر گۈلىستان
, L" }( e- ~* ]9 {; J- Y" iسالامدا سىزگە  ئانايۇرت- ماكان
) \. \7 ]6 M% y# p9 Vئەجرىڭىزگە نۇر بولسۇن
7 g* V4 {7 R" r# cتوغراق يېشىدا ياشاڭ ئاكىجان...* F9 [/ L9 O# c3 n/ L: k3 ?% T

! E5 d8 k' @9 {1 _................................................................................................................
/ f5 z4 ^: ]7 J0 Y) [*بۇ مىسرا ئۇچتېكىننىڭ# j; ?) K& Q2 G8 }( A" I) K/ T7 d! ^# `

/ D0 T% w; i5 i; z2 X" p2 Q1 e; X$ N7 V6 s# V8 y8 p4 r
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   (ئۈمىد) تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-12-5 23:38  
7 W9 ^8 [. }8 J6 D  z- q$ D! t( L3 _2 V3 q; t, N* ?

ۋاقتى: 2015-12-6 20:33:50 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家协会网
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش