«كروران مەدەنىيىتى» ژورنىلىنىڭ روياپقا چىققانلىقىنى چىن دىلىمدىن قۇتلۇقلايمەن. جۇڭگۇ بويىچە 1- چوڭ ناھىيە بولغان چاقىلىقنىڭ ئەدەبىيات سەنئەت گۈلزارلىقىدا ئېچىلغان بۇ خۇش پۇراق گۈل تېخىمۇ بەھر ئېلىپ باراقسان بولغۇسى.
ھەممىمىزگە مەلۇمكى، بىر ژورنالنىڭ ۋۇجۇتقا چىقىشى ھەرگىز ئاسان ئىش ئەمەس. بۇنىڭدا جاپاكەش مۇھەررىرلەرنىڭ مېھنەتسىز ئەمگىكىدىن باشقا، رەھبەرلەرنىڭ قوللىشى مۇھىم رول ئوينايدۇ. ژورنالنى چىقىرىشتا تېرەك بولغان رەھبەرلەرگە، ژورنال ئۈچۈن يۈرەك قېنىنى سەرپ قىلغان غالىپ بارات ئەرك، قاسىمجان ئۆمەر قاتارلىق ئەزىزلەرنىڭ ئەجرىگە تەشەككۈر.
|