ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قېرىنداشلار، چارقىلىق ناھىيەلىك پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ قوللىشى، پارتكومنىڭ شۇجىسى داڭ فېڭ ئەپەندى ۋە ھاكىم كۆرەش يۈسۈپ ئەپەندىنىڭ زور كۈچ بىلەن مەدەت بېرىشى نەتىجىسىدە ژۇرنىلىمىزنىڭ تۇنجى سانى باسمىدىن چىقتى، ئارىدىن 20 كۈن ئۆتكەندە ژۇرنال رەسمىي تۈردە تارقىتىلدى، ھەممەيلەن ئالەمچە خۇش بولدۇق. ژۇرنالنىڭ مۇشۇنچىلىك چىقىشى ئۈچۈن ماددىي ۋە مەنىۋىي يۆلەك بولغان ھاكىم كۆرەش يۈسۈپ ئەپەندىگە، پارتكومنىڭ دائىمىي ھەيئىتى، تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى جيەن شياۋدۇڭ ئەپەندىگە، مۇئاۋىن ھاكىم ئەركىن دامان ئەپەندىگە، ژۇرنال ئۈچۈن ناھايىتى زور كۈچ سەرپ قىلغان قاسىم ئۆمەر ئەپەندىگە ۋە بىزنى قوللىغان، تەبرىكلىگەن بارلىق قېرىنداشلارغا رەھمەت ئېيتىمەن. ژۇرنىلىمىزنىڭ تۇنجى سانى مىڭ پارچە بېسىلغان (مېنىڭ خاتا مۆلچەرىم بىلەن شۇنداق بولدى)، ژۇرنالغا شىكەر چۈشكەنلىكى ئۈچۈن كەڭ تۈردە تارقىتالمايدىغان بولدۇق. تۈبنۈگۈنكى تارقىتىش مۇراسىمىدا ھاكىم كۆرەش يۈسۈپ ئەپەندى ژۇرنالنى تېخىمۇ ياخشى چىقىرىش، خەلقنىڭ مەنىۋىي دۇنياسىنى بېيىتىش، سوتسىيالسىتىك ئىلغار مەدەنىيەت بىلەن مەنىۋىي دۇنيايىمىزغا يېتەكچىلىك قىلىشنى، ژۇرنال سۈپەتلىك چىقسا 2000، 3000 ھەتتا 5000 نى بېسىشقا بولىدىغانلىقى توغرىسىدا كۆرسەتمە بەردى. ژۇرنالنىڭ 2- سانى كېلەر ئاينىڭ بېشىدا چىقىدۇ، ھازىر ئاخىرقى نۇسخىسىنى كۆرىۋاتىمىز، كېيىنكى ساندىن باشلاپ كەڭ دائىرىدە تارقىتىشقا تىرىشىمىز. ژۇرنىلىمىز 128 بەت، ئۇندىن باشقا 8 بەتلىك رەڭلىك سۆرەت بېرىىدۇ. ھاكىم كۆرەش يۈسۈپنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن كېلەر يىلىدىن باشلاپ پەسىلدە بىر سان چىقىرىمىز. ھەر ساھەدىن ئەسەر قوبۇل قىلىمىز، بولۇپمۇ مىكرو ھېكايە، نەسر ۋە خەلقنى ئىلىم ئۆگىىنىشكە، خۇراپاتلىققا قارشى تۇرۇشقا، ئىناق جەمئىيەت بەرپا قىلىشقا ئۈندەيدىغان پوبىلىستىك ئەسەرلەرگە ئېھتىياجىمىز بار. ژۇرنىلىمىزنىڭ سۈپەتلىك چىقىشى ئۈچۈن ھەمدەم بولغايسىزلەر. ژۇرنىلىمىز يۇرتىمىزدىكى ئىلىم سۆيەرلەرنىڭ ئىشتىن سىرت ھەم خالىس ئىشىلىشىدە چىقىدىغان بولغانلىقى ئۈچۈن قانچە پىششىقلاپ ئىشلەنگەن ئەسەر بولسا شۇنچە خۇشال بولىمىز. خەلقىمىزنىڭ مەنىۋىي دۇنياسىنىڭ بېيىشى ئۈچۈن ھەممەيلەن ئورتاق كۈچ چىقىرايلى. ماددىي جەھەتتىن يۈكسەلگەن خەلقىمىزنىڭ مەنىۋىي جەھەتتىمۇ يۈكسىلىپ، تېخىمۇ بەختيار تۇرمۇش كەچۈرۈشى ئۈچۈن كۈچ چىقىرايلى.
kiroranmedeniyiti9@163.com
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا alpaghut999 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-10-22 09:34