يازغۇچىلار تورى

كۆرۈش: 1024|ئىنكاس: 25

تۆرىبەگ قىزى: زىياپەت زالىدىكى قىزىقچىلىق

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 2015-10-21 14:20:58 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |كۆرۈش شەكلى
زىياپەت زالىدىكى قىزىقچىلىق

پاتىگۈل قاسىم تۆرىبەگ

(بۇ ئەسەر كۆڭلۈڭلارغا خۇشاللىق،چىرايىڭلارغا كۈلكە-تەبەسسۇم بەخىش ئەتسە، بىراۋنى خۇشھال قىلىش بىلەن خۇشھاللىق تاپىدىغان قەلبىم ئۈچۈن شەرەب دەپ بىلىمەن. سەۋەنلىكلىرىمنى ئەپۇ ئېتەكلىرىڭلار بىلەن ياپقايسىلەر ئەزىزلەر!)

ئوتۇنقالار ناھىيە ،توغراقكېسەر يېزا، پاخالپاسار كەنتىدىكى ئوچاق خېنىم- چۈيۈن مەخسۇمنىڭ ئامراق رەپىقىسى مىسكەر ئايىمنىڭ بىردىنبىر قېرىندىشى قازان غوجىنىڭ ئىشقىدا تولا  كۆيۈپ قازان غوجىنىڭ باغرىنى قارايتىۋەتتى.قازان غوجاممۇ كۆيۈك دەردىگە پايلىماي يېڭى سۆيگىنى قاسقان خېنىمنىڭ ئىشقىدا ئوتتەك قىزىپ،سۇدەك قايناپ بۇ قەدىناس ھەمرىيىدىن مېھرىنى ئۈزەلمەي ئىش-پەش تارتىپ يۈرۈۋەردى. قازان غوجىنىڭ ھىيلىسى كۆپ ئىدى. شۇڭا قاسقان خېنىمغا باغرىنىڭ ئۈستۈنكى قەۋىتىدىن ،ئوچاق خېنىمغا باغرىنىڭ ئاستىنقى قەۋىتىدىن ئورۇن بەردى. ياخشى سۆز قۇلاققا ياقمايدىغان، پىتنە-پاسات ھىچيەردە ئاقمايدىغان كۈنلەرنىڭ بىرىدە قازان غوجىنىڭ غوجىلىرى زىياپەتكە تەييارلىق كۆرۈۋاتقانىدى. مانا زىياپەت تائاملىرىنىڭ ئالدى تارتىلىشقا باشلىدى. قازان غوجا بارغانسىرى جىددىيلەشكىلى تۇردى. چۈنكى ئۇ «ئىككى كېمىگە تەڭ دەسسىگەننىڭ چاترىقى يېرىلار»دېگەن ناخشىدىن بەك بىزار ئىدى.ئەمما بۇ ناخشا ھازىر تازا مودا بولۇۋاتقان بولۇپ بۈگۈنكى زىياپەتتە يەنە ئوقۇلدى. قازان غوجىنىڭ قۇلاقلىرى قىزىپ،قىزىل،يېشىل ئۇچقۇنلار تۈكلۈك مەيدىسىگە تەپچىپ چىقتى. ئاتىسىنىڭ كۆكرىكىدە نامايەن بولغان غەزەب ئۇچقۇنلىرىنى كۆرگەن زىلۋا بويلۇق چوكا خانقىز بىلەن ئوغلى كەپكۈر پاناق بۇنىڭ سەۋەبىنى مەخپىي سۈرۈشتۈرۈپ كۆرۈۋىدى«ئاسماننىڭ كۆزى بار،يەرنىڭ قۇلىقى»دەپ قازان غوجىنىڭ ئۈجمە  كۆڭۈل،پوكان مىجەزلىكىنى تۆۋىنى ئوتۇن قاس-قاستىن،يوقىرىسى چاقماق پىس-پاسقىچە ھەممىسى بىلىدىغانلىقىنى، پەقەت ئۆزلىرىنىڭلا بىخەۋەر  ئىكەنلىكىنى بىلدى.بۇ ئىش توغرۇلۇق كەپكۈر پاناق ئۆزى بىلەن بىر سېختا ئىشلەيدىغان لېگەن ئايپاڭغا،چوكا خانقىز سۆيگىنى لەغمەن باپكارغا مەسلىھەت سالدى. لېگەن ئايپاڭ رەندە سالغان تاختىدەك سىيلىق كاسسىسىنى شىرەگە چاپلاپ ئولتۇرۇپ ئەمدىلا ئاغزىنى ئۆمەللىشىگە لەغمەن باپكار ئەۋرىشىم بويلىرىنى تولغاپ تىترەپ تۇرۇپ سۆز باشلىدى :
-        كائىناتتىكى ھەربىر نەرسىنىڭ ئۆزىگە خاس ئارتۇقچىلىقى ۋە كەمچىلىكى بولىدۇ. چوكا خانقىز ئاتىسىنىڭ ئىشىغا رەنجىگىنى بىلەن ئۆزىمۇ بىر ئۈجمە كۆڭۈل،«ھە-ھە»دە بار، ھەمدەمدە يوق. مېنى ئاچچىق ئۈچەي يوللىرىدا سەرگەردان قىلغانمۇ شۇ. سۇ ئۈزۈش كۆلىدە ئەركىن يايراپ يۈرگىنىمدە چويلا سەگەنچۈككە ئالداپ ئېلىپ چىقىپ 32 چىشلىق جادۇغا تاشلاپ بېرىپ، قېچىپ كەتسەم ئىتتىرىپ دۈشكەلەپ سازاڭ قۇرۇتتەك قىلىۋەتكەنمۇ شۇ، ھىم، قازان غوجا ھەر ھالدا ئىنساپلىق جۇمۇڭ.
لېگەن ئايپاڭ لەغمەن باپكارنىڭ سۆزىنى بۆلدى:
-كەپكۈر پاناق ئىككىمىزنىڭ ئۇسۇش-توشۇش سېخىدا ئىشلەۋاتقىنىمىزغا ئون يىلدىن ئاشتى.سىلەر قىسىپ-تىقىش،سېسىتىش سېخىدىكىلەردەك جاڭجاللىشىپ ئىختىلاپ قىلىشمايمىز. سىلەر ياشلار بىزنىڭ ئىناق-ئىتتىپاق بولۇش پرىنسىپىمىزدىن ئاز-تولا ئۆگىنىڭلار، مەن قاسقان خېنىمنىڭ تەربىيىسىدە پىشىپ يېتىلگەن پېتىر مانتا ۋە ئۇنىڭ ھەمشىرىلىرىنى داستىخان مەيدانىغا ئېلىپ چىقماقچى. مەن ئۆز ئىشىمغا مېڭىۋېرەي،بۈگۈن لەغمەن باپكار دەم ئالىدۇ،ئۇنىڭغا گەپ ساتماي ئۆز ئىشىڭلارغا پۇختا بولۇڭلار...لېگەن ئايپاڭ شۇنداق دېگىنىچە ھورى ئۆرلەپ تۇرغان ھورنان، پېتىر مانتا، يۇتازىلارنى مۇزدەك باغرىغا مەھكەم تېڭىپ مېھمانخانىغاكىرىپ كەتتى. بىچارە كەپكۈر پاناق قولغا قۇل بولۇپ ئالدىراش ئىدى. چۈنكى ئۇنىڭ تۈزۈككىنە بىلىمى ياكى ياخشىراق ھۈنىرى يوق ئىدى.مانا موشۇنداق سورۇندا ئەڭ ئەتىۋارلىقى يەنىلا دۇنيا بويىچە سېسىقلىقتا داڭقى چىققان تومۇر چوققا،شىخو،ئىلى قاتارلىق جايلاردا نەچچە ئون نىكاھلىق بولغان،نى-نى ئاقىلنىڭ ئەقلىنى لال، زېرەكلىكىنى گال قىلىپ تەخسىكەشلەر جەمئىيىتىنىڭ باش رەئىسلىكىگە ئېرىشكەن ئىبلىسنىڭ تۇنجى ئاشنىسى مەككار جۇۋان «شاراب شاتراق» ئىدى. ھەيران قالارلىق يېرى بۈگۈنكى سورۇندا ئۇ ھىچ كۆرۈنمەيتتى.
كەپكۈر پاناق ئۆزىگە مېھمانخانىغا كىرىشكە ئىجازەت بېرىلمەيدىغانلىقىنى بىلگەچكە سىڭلىسى چوكا خانقىزنىڭ قۇلاقلىرىغا بىرنېمىلەرنى پىچىرلاپ ئۇنى خام سەي خېنىم ئولتۇرغان تەخسە گىرۋىكىگە قوندۇرۇپ مېھمانخانىغا كىرگۈزىۋەتتى. شۇتاپتا چوكا قاسقانخان ئېلىپ كەلگەن مانتا،يۇتازىلارنى قانداق رەسۋا قىلىشنى ئويلىشىۋاتقاندا ئۇلار تەپتارتماي ، چوڭ سورۇندا يۈزلىرىگە ئەڭلىك،لەۋلىرىگە سۇرۇخ سۈرۈپ مىڭ خىل جىلۋە – ناز بىلەن ئىشتىھا چىگرىسىنىڭ قاراۋۇلىنى بىھۇش قىلىپ تاشلىدى. شۇ ھامان نەپسى دەللال سەۋر ئامبالنى ھىيلە-مىكىر قارمىقىغا ئىلىندۇرۇپ، ئىشتىھا نەغمىسىنىڭ يېڭى ئىجاد بولغان غالدۇر-غۇلدۇر مەرغۇلىغا كۈي-قوشاقلارنى ياڭرىتىۋەتتى. قاسقان خېنىم ئاشخانا دېرىزىسىدىن جامالىنى سىڭايان قىلىپ داستىخانغا تىزىلغان مانتا ،يۇتازىلارغا بىر نەزەر تاشلىدى-يۇ، پەخىرلىنىش ئىچىدە ھاياجىنىنى باسالماي پەشخۇن ئۈستىدىن ئۆزىنى قازان غوجىنىڭ باغرىغا ئاتتى،كۈندەشلىك ئوتىدا كۆيۈپ كېتىۋاتقان ئوچاق خېنىم ھاياسىز قاسقانغا قاراپ مۇنداق نەزمە توقىدى:
مەن «قازان»دەپ كۆيسەم يىغلاپ باغرىمنى كاۋاپ قىلىپ،
نەدىن كەلگەن نومۇسسىز بۇ يۈز-كۆزىنى داپ قىلىپ.
قاسقانمۇ بوش كەلمىدى:
قازاننىڭ جۈپتى بىل ئەزەلدىن قاسقان،
تۇۋىقى،بوۋىقى ماڭا ماسلاشقان.
ئۇلارنىڭ ئوتتۇرىسىدا كەسكىن دە-تالاش بولۇۋاتقان مۇشۇ پەيتتە زىلۋا بويلۇق چوكاقىز مېھمانخانىدا مانتىلارنىڭ پاختىلىق چاپىنىنى سالدۇرۇپ،ھورنان ۋە يۇتازىلارنىڭ رومال،سەللالىرىنى چۇۋۇپ، بارسا كەلمەس ئۆڭكۈرگە تىقىۋەتتى. ھورنان بۈۋىم بىلەن مەرھۇم يۇتازا ھاجىم يۇرتى ھامدىكى غىزا ئەربابلىرىنىڭ ئىچىدە مۆتىۋەرلەردىن سانالغاچ شاھى پولاخانمۇ ئۇلارنى ھۆرمەت قىلاتتى. ئۇلار كامىل تەقۋادارلارنىڭ قاتارىدا خۇدانىڭ دەرگاھىدا شەھىدلىك دەرىجىسىنى تاپتى.بىچارە چۆچۈرقىز ئۇلار بىلەن بىر تەبىقىدىن بولغاچقا،يوقىرىقى ئېچىنىشلىق ھالەتنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرۈپ  قورققىنىدىن دەلدەڭ قۇلاقلىرى سالپىيىپ، كۆزلىرى ياغ سالغان چايدەك پارقىراپ كەتتى.ئۇلارنىڭ ھەقىقى ئەپتى-بەشىرىسىنى ئېنىق سۆزلەپ كەلسەك،بۇ مانتخاننىڭ كىچىككىنە باغرىغا ئىز باسارتالىب پىيازقارى، ئاقمۇش پەشۋا،زىرە ئاغچا،قارىمۇش لەقۋالارمۇ پېتىپ كەتكەنىدى.چوكا خانقىز خام سەيخاننىڭمۇ ئىچكى ئەزا بۆلۈمىنىڭ ئۈچەي لېنيىسىگە كەتكەنلىكىنى پەملەپ،ئۆز غەلبىسىدىن مەغرۇرلىنىپ، تەخسە خۇشامەتچىنىڭ ئىككى بېقىنىغا چىكىپ دەسسەپ ئۇسسۇلغا چۈشكىلى تۇردى. ئۇزاق ئۆتمەي، داستىخان مەيدانىغا داۋانچىڭىلىق ئىككى يۈزلىمە تاۋۇزجان بىلەن شىرىن-شەكەر قوغۇنخان قومۇلدىن ئالاھىدە ئىشتىراك قىلدى.گۈلنىڭ تىكىنى بولغىنىدەك بۇلارنىڭمۇ بىر كۈشەندىسى يېڭىساردىن ئالاھىدە كەلتۈرۈلگەن بولۇپ، ئۇ ئىلگىرى قايسىبىر سورۇندا قانلىق ۋەقە سادىر قىلىپ قويۇپ ئاسما يامۇلغا ھەپسىگە ئېلىنغان پىچاق دورغىنىڭ چوڭ ئاكىسى «ئەسۋابۇل شەمشەر جەمەتى»نىڭ بىردىنبىر نوپۇزلۇق ئىزباسارى خەنجەر غوجى  ئىدى. خەنجەر غىلاپ مەپىنىڭ پەردىسىدىن مۇنداقلا قاراپ قويىۋىدى، ئاتىسىنىڭ قانداق ۋاپات بولغانلىقى ھەرۋاقىت كۆز ئالدىدىن كەتمىگەن بىچارە تاۋۇزجان يۇمىلىغان پېتى داستىخان مەيدانىنىڭ ئۈستۈنكى قەۋىتىدىن ئاستىنقى قەۋىتىگە چۈشۈپ كېتىپ،ئوتقاشتەك گۈزەل خوتەن گىلىمىنىڭ يۈزىنى بۇلغىۋەتتى. خەنجەرنىڭ قۇلاق-بۇرنىنى كېسىپ تاشلىشىدىن قورقۇپ كەتكەن تاۋۇزجاننىڭ ئاقىۋىتى ئەمدى ئېشەك بىزەڭگە يەم بولۇش بىلەن ئاياغلاشتى. قوغۇنخان بولسا قىلچە تەمتىرىمەي نازۇك تەنلىرىنى ئىرغاڭلىتىپ ، خەنجەرنىڭ پارقىراپ تۇرغان كۆزلىرىگە مەنسىتمەسلىك نەزىرىدە قاراپ قويدى.خەنجەر بۇ قۇمۇللۇق ئىززەت ئىگىسىگە يېقىنلاشقاندا قوغۇنخان غەزەپتىن ۋارتتىدە يېرىلىپ كەتتى...
سورۇن ئەھلىنىڭ كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ نازۇ-نېمەتلەرمۇ كۆپىيىشكە باشلىدى.سەۋر ئامبال ھەپسىدە،ئىشتىھا نەغمىسى ئەۋجىدە تۇرغان مۇشۇ پەيىتتە كۆك شىشىدەك سۈزۈك يۈزلىرىنى پارقىرىتىپ سورۇن ئەھلىنىڭ كۆزلىرىنى ئالىچەكمەن قىلىۋاتقان تۇرپانلىق ئۇزۈمخان ھام-ھام دەرۋازىسىنىڭ قاراۋۇلى ھىڭگاڭ چىشقا ھەدەپ خۇشامەت قىلىپ كىرىشكە ئىجازەت سورىماقتا ئىدى. ئۆچرەت كۈتۈشنىڭ نەقەدەر ئازابلىق ئىكەنلىكىنى ھېس قىلغان زەرەپشانلىق قىزىل چاي ھىڭگاڭ چىشتىن رۇخسەتسىز ئۆز ئىشقى-پىراقىدا كۆيۈپ يۈرگەن كاناي بىلەن قىزىلئۆڭگەچكە نەزەرمۇ سالماي غورتىلداپ كىرىپ كەتتى-يۇ، سۈيدۈڭگە كەلگەندە چېگرىدىن ئۆتەلمەي غولدۇرلىغىنىچە تۇرۇپ قالدى. چۈنكى بۇ يەردىمۇ ئاز-تولا كۈتۈشكە توغرا كېلەتتى. ھىچبولمىسا ئىشسىزلار گۈۋاھنامىسىگە "ئىپار-زەپە" ئامبىرىنىڭ «كېرەكسىزلەر»تامغىسى بېسىلمىغۇچە ساقلىماي بولمايتتى.
جاھانغا داڭقى كەتكەن قەشقەرلىك ئانارخان ئۆزىنىڭىمۇ تېخىچە ئۆچرەتتە تۇرغىنىغا غەزەپلىنىپ ۋارتتىدە يېرىلىپ جان ئاچچىقىدا تېرىقتەك چىچىلىپ كەتتى.ھەر قاچان تەخ بولۇپ تۇرغان بوينى يۇمشاق چاكار قەغەز قولياغلىق ئىستاكاندىن تاققىدە سەكرەپ چۈشۈپ ئانارخاننىڭ دۇردانىلىرىنى سىيپاپ سۈرتمەكچى بولغانىدى،ھىڭگاڭ قاراۋۇل ئوتتۇز ئىككى نەۋكەرلىرى بىلەن ئاستى ھەم ئۈستىگە قارىتا يالماپ يۈتۈش چارىسى ئىشلىتىپ قىزىلكۆزنىڭ ھىمايىسى ئىچىدە ئانارخاننىڭ ئاق شايىدەك نىپىز ئىچ كىيىملىرىنىمۇ سالدۇرۇۋېتىپ  ئۇنى خاملا يەۋەتتى. بۇنى كۆرگەن ئاقسۇلۇق ئالمىخان ۋە كورلىلىق نەشپۈتجانلارمۇ بىر-بىرىنىڭ بېقىنلىرىغا دۈشكەللىشىپ ھام-ھام دەرۋازىسىدىن سەددىچىن سېپىلىنىڭ يوللىرىدەك ئەگرى-توقايلىققا قاراپ شۇڭغۇدى.
- ۋايجان،-دېدى ئالمىخان نەشپۈتجانغا ،-قەدىرلىكىم، بۇ يەر زىندانمۇ نېمە، ئەجەپ قاراڭغۇكەن.
   - ياقەي،-دېدى نەشپۈتجان،-بىز يولغا چىققاندا توك كەتكەن بولۇشى مۇمكىن...
سورۇن قاينام-تاشقىنلىققا چۆمگەن بولۇپ  غۇلجىنىڭ باغۇ-بوستانلىرىدىن كەلگەن خۇشناۋا بۇلبۇللارنىڭ كېرىيەنىڭ  قىزىلگۈللىرى بىلەن قايسى باغقا مۇھەببەتلەشكىلى كەتكىنىنى ھىچكىم تۇيمىدى. شۇ تاپتا شىخەنزىدىن كەلگەن نازۇك مىھمان شىكەرقىز ئۆزىنى چەتكە قېقىلغاندەك ھېس قىلىپ قالدى بولغاي،ئۆزىنى تاشلاپ ھام-ھامدىن تەنھا ئۆتۈپ كېتىۋاتقان زەرەپشانلىق دوستى قىزىلچايدىن رەنجىپ، ھوجرىسى پىيالىگە كىرىپ، ئاددي-ساددا دوستى داغ چايغا ئىچ-باغرىنى تۆكۈپ ئېرىپ كەتكۈچە يىغلىدى، داغ چاي دوستىغا ھەمدەمدە بولۇشنى ئويلاپ ئالدى بىلەن ھىڭگاڭ چىشقا پارا بېرىشنى قارار قىلدى ۋە ئالىي دەرىجىلىك چىش پاستىسى بىلەن چوتكا مالاينى ئېلىپ كېلىپ ئۆچرەت كۈتتى.بۇنى كۆرگەن قىزىلكۆز كۆزلىرىنى شورپىنىڭ سۈيىدەك پارقىرىتىپ ھىڭگاڭ چىشقا كۆز قىستى، بۇنداق مەنىلىك تەبەسسۇمنىڭ نېمىدىن دېرەك بېرىدىغانلىقىنى ھىڭگاڭ چىش ئوبدان بىلەتتى. كۆپ ئۆتمەي شىخەنزىلىك شېكەرقىزمۇ سۈيدۈڭگە قاراپ يولغا چىقتى. ئەپسۇس،رەقىبلەر تاريولدا ئۇچرىشىپ قالدى.زەرەپشانلىق قىزىلچاي داغ چاينى كۆرۈپ غالدىر-غۇلدۇر قىلىپ غۇدۇرلىغىلى تۇردى. قورساق باداڭمۇ بوش كەلمەي ئالدىغا كەلگەننى قاچىلاۋېرىپ بارغانسىرى غادىيىشقا باشلىدى.ئاخشاملا تېخى دۆلىتىمىزنىڭ «ئۈچ پادىشالىق» دەۋرلىرىدە چوڭ تۆھپە كۆرسىتىپ شاھلىق تۇغنىڭ نائىبلىقىغا ئۆستۈرۈلگەن نەيزە باتۇرنىڭ كۆكىنەۋرىسى بېگىز بەزگەكنىڭ بەزگەك كېلىسى قوزغىلىپ  قېلىپ ، كەمەر لىڭتاسمىنىڭ يۈرىكىنى داغلاپ ئون يەردىن تۆشۈك ئېچىپ، ئىككى تۆشۈكىنى ئون ئىككى قىلىپ كۆپەيتىپ قويغانىدى،بولمىسا بۇ كەمەر لىڭتاسما تاسمىدەك سوزۇلۇپ بولغۇچە كۈيتۈڭدىن بوران كېلىپ توقسۇننىڭ بورانلىرى بىلەن بىرلىشىپ ئاچماق خالتا مەھەللىسىنىڭ مەركىزى كوچىسى قۇيۇندا قېلىشى ياكى كەمەر كوماكنىڭ ھاۋا تۆشۈكلىرىنىڭ ھالقىلىرى ئۈزۈلۈپ كېتىشى ئېھتىمالغا يېقىن ئىدى. ئاخىرىدا سورۇنغا قەدەم تەشرىپ قىلغان ئاق ھەلەق بىلەن پىۋا سۆيگىنى كەيىپ دىۋىنى قولتۇقلىشىپ ئالچاڭلىغىنىچە كىرىپ كەلدى. ئارقىدىنلا ئۇلارنىڭ قاراسۇ، يارا شۇ، پارا شۇ قاتارلىق جايلاردىكى ئەدەبنى ئەدەبلەپ،ئەقلنى كۆيدۈرىدىغان، غورۇرنى ئۆلتۈرۈدىغان، غىتمەكنى كۈلدۈرىدىغان بىر قانچە دوستلىرى پاكار بويۇنلىرىنى غازدەك سوزۇشۇپ سورۇنغا كىرىپ كەلدى. شۇ ھامان سورۇندىكى ئالىم- ئۆلىما، يۇرت كاتتىلىرىنىڭ قاپىقى تۈرۈلۈپ، قىر-چاپ ۋە ئىسراپ قىلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش توغرىسىدىكى تەپسىر-تەرغىپلىرى بىلەن كەسكىن قارار چىقاردى.
پەرمانى ئالىي؛ ياماندۇر مەسلەرنىڭ ھالى. ئوڭ-تەتۈر دەسسەپ چۈشۈپ قالىدۇ ئايىقىنىڭ نالى. يامغۇر سۈيىنى دەريامىكىن دەپ چوڭ كوچىدا يىشىنىپ يۇيۇنغىلى يېتىش خىيالى. بۇنداق بەدئەخلاق قىلمىشتىن بەزگەندۇر ھەر-بىر زىيالى. سىلەرسىزمۇ خۇشپۇراق ئىچىملىكىمىز مولدۇر،قېنى مۇلازىم پىيالىنى تولدۇر!
شۇ ھامان يېتىپ كەلدى پەتنۇسقارى چەينەك يارى بىلەن. دۇتار، تەمبۇر تارى بىلەن.
بىرى دېدى،-خالايىق سورۇنىمىزدا ئىككى نەرسە كەم، بىرى  ياڭاق، يەنە بىرى قاق.بۇنىڭدىنمۇ بىر ئىككى تال يىمىسەك تويمايدۇ قورساق.
خوپ بولغاي، دەپ يەشىك غۇلاملار ئۇچا بىلەن  كۇچاغا ئاتلىنىپ خۇشھال
دەرھال قايتىپ كېلىشتى بولۇشۇپ ئوسال،- دېدىكى كۇچادا ئۆرۈك تولا، قاق يوقكەن. باراردا ماشىنىدا بارغان، كېلەردە قارىساق چاق يوقكەن. بۇ گەپنى ئاڭلىغان زىياپەت ئەھلى قايتىشقا تەرەددۇت قىلدى. ئالتايدىن كەلگەن ئاتلار ئۈستىگە تېگىشلىك يۈك ئارتىپ يولغا چىقتى.ساھىبخانلار داستىخاندىكى ئىسراپ بولغان، ئاشقان، چاچقان تاماقلارنى بىر تەرەپ قىلالماي باشلىرى قېتىپ، زاتى مۇبارەك ئۆلىمالارغا ھال ئېيتىپ كەلدى.ئالىم-ئۆلىمالار،قازان-قوشۇق، چوكا-كەپكۈر،لەغمەن-يۇتازىلارنىڭ سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشىدىن، قوغۇن-تاۋۇزلار بىلەن خەنجەرنىڭ، داغ چاي بىلەن زەرەپشان چېيىنىڭ قورساق ئۇرۇشلىرىغىچە، ئىسراپچىلىقتىن، ئىنسانچىلىققىچە بولغان ھەممە ئىشلارنى دەڭسەپ كۆرۈپ ئاخىرىدا بىر يىلغىچە ئىتتىپاقسىزلىق ۋە  ئىسراپچىلىققا قارشى پىلان تۈزۈپ، ئىناق،تېجەشلىك،باياشاد جەمئىيەت قۇرۇش نىزامى تۈزۈپ چىقىشقا ۋەدە بەردى. راست دېگەندەك بىر يىلدىن كېيىن يىيىلگەنلەر يىيىلىپ يىيىلمىگەنلەر ئامان بولدى.ئات-ئېشەكنىڭ يەيدىغىنى لەغمەن-پولۇ بولماستىن شاپاق بىلەن سامان بولدى. بۇزۇپ-چاچقاننىڭ ئاقىۋىتى قانۇن بويىچە يامان بولدى. ئاشلىقلارغىمۇ بەرىكەت يېغىپ دۆۋە-دۆۋە خامان بولدى. ناخشا ئېيتقۇمىز كەلسە ئېيتتۇق،«ئەجەب ئوبدان زامان بولدى». شۇنداق قىلىپ بۇ ھېكايىمۇ مۇشۇ يەردە تامام بولدى.


بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Erchin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-10-21 15:44  


باھالاش

قاتناشقانلار سانى 1تىللاسى +64 يىغىش سەۋەبى
پاسىل + 64

باھا خاتىرىسى

ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2015-10-21 16:19:32 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ ئەسەرنىڭ ئاخىرىدىكى ئاياغلاشما شېئىرىي ئۇسۇلدا ياخشى بىر تەرەپ قىلىنىپ، ئوقۇرمەننى «  يەنە بارمۇ؟...» دېگەندەك شېرىن تۇيغۇغا ئېگە قىلىدىكەن. شۇ كۈنلەردە مۇشۇ تۈردىكى بەدئىيەتلەرمۇ دىققىتىمىزگە سۇنۇلۇپ تۇرسا، نەقەدەر ئېسىل ئەمگەكلەر قاتارىدىن سانىلاتتى-ھە!

باھا سۆز

قوللىغانلىقىلىرىغا رەھمەت،تەكلىپ-پىكىرلىرى بولسا ئايىمىغايلا.  ۋاقتى: 2015-10-23 01:34 PM
ۋاقتى: 2015-10-21 16:35:56 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئوتۇنقالار ناھىيە ،توغراقكېسەر يېزا، پاخالپاسار كەنتىدىكى ئوچاق خېنىم- چۈيۈن مەخسۇمنىڭ ئامراق رەپىقىسى مىسكەر ئايىمنىڭ بىردىنبىر قېرىندىشى قازان غوجىنىڭ


ئەگەر نەپسىي سىقىلىدىغان ئادەم ئوقۇسا ماۋۇ جۈملىنى ..ھا..ھا..


مىسرانىم تورىدىن بىر ئەزا سىزنى ياش ھەم ساغلاملىقىغا قارىماي 150 كىرگەن ئادەمدەك  كىلاسسىك سۆزلەرنى بەك كۆپ ئىشلىتىپ ئوقۇرمەنلەردە چۈشىنىكسىزلىك پەيدا قىلىدۇ دەپ غەيۋىتىڭىزنى قىلدى.


ئۈستىدىكى مەلىم ئەسىرىڭىزنى  شېئىرىي تۇيغا بىلەن ئىپادىلەپسىز دېدى.

لېكىن مەن 2015-يىلى 10-ئاينىڭ 21-كۈنى چۈشتىن كېيىن سائەت 4 دە، سىزنىڭ مۇشۇنداق غەلىتە ۋە ئۆزگىچە گەپلەرنى قىلالايدىغانلىقىڭىزغا ھەيران بولماقتىمەن...




باھا سۆز

« تۇيغۇ » دېدىم، « تۇيغا» ئەمەس، ئىنىم...  ۋاقتى: 2015-10-21 04:38 PM
ۋاقتى: 2015-10-21 17:02:39 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇنداق كارامىتىڭىزمۇ باركەن-دە، سىزنىڭ...«دەستۇرخان مەيدانىدىكى جەڭ» نى ئوقۇغاندەك ھۇزۇرلاندىم....

باھا سۆز

ھۇزۇرلانغىنىڭىزدىن خۇش بولدۇم.  ۋاقتى: 2015-10-23 01:58 PM
ۋاقتى: 2015-10-21 17:11:49 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسەرلىرىڭىزنى ياقتۇرۇپ ئوقۇيمەن! بۇ ئەسىرىڭىزنى ۋايىزلىققا تەۋە نۇمۇر قىلىپ ئارتىسلارغا ئۆزگەرتىپ بەرسەم سەھنىدە ئوينىسا قانداق قارايسىز؟

باھا سۆز

بولىدىغان گەپ.  ۋاقتى: 2015-10-21 08:45 PM
ۋاقتى: 2015-10-21 17:26:15 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تام يوللىغان ۋاقتى  2015-10-21 16:35
ئوتۇنقالار ناھىيە ،توغراقكېسەر يېزا، پاخالپاسار كەنت ...

2015-يىلى 10-ئاينىڭ 21-كۈنى ئۇيغۇر ئىلىدە چۈشتىن كىيىن سائەت 3 بولغاندا بۇ ئىنكاسىڭىنى كۆرۈپ سېنى توكيوغا قاچان بېرىۋالغاندۇ دەپ مەنمۇ ھەيران قالدىم.

   ھە راس،بۇ قىزنىڭ مۇشۇنداق چىرايلىق پەلىپەتىش گەپلەرنى قىلالايدىغانلىقىغا بۇرۇنلا ئىشىنەتتىم.

ۋاقتى: 2015-10-21 18:34:51 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
       ئىزدىنىشىڭىزدە ياخشى ئەسەر  مەيدانغا كەپتۇ ، سىزنىڭ كوپ ئىقتىدارلىق قەلەم  بولۇپ

  چىقىپ ، ماھارىتىڭىزنى نامايان قىلىشىڭىزنى قوللايمەن !

     ئەمدى « بىر سېختا ئىشلەيدىغان ...» ۋە « ئۇچ پادىشالىق » دەۋرىدە دىگەننى

ئوزگەرتىپ . تىېخىمۇ يەرلىكلەشتۇرسىڭىز  ، بۇ ئەسەرنىڭ قىممىتى زور  دەرجىدە ئاشاتتىغۇ !

ۋاقتى: 2015-10-21 19:03:49 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ۋاي توۋا ، بۇ ئەسەرنى راستلا تۆرىبەگ قىزى يازغانمىدۇ دەپ ھەيران قالدىم . كۆپ قىرلىق ئىكەنلىكىڭىزنىغۇ بىلەتتىم ، لېكىن بۇنداق « ۋايىغا يەتكەن»لىكىڭىزنى ئويلاپ باقماپتىمەن.

باھا سۆز

رەھمەت شىرىنجان. سىزمۇ قالتىس!  ۋاقتى: 2015-10-25 03:19 PM
ۋاقتى: 2015-10-21 19:11:47 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قانغۇچە ھۇزۇرلاندىم ، تىل ئىشلىتىش قابىليىتىڭىزدىن سۈيۈندۈم !

ۋاقتى: 2015-10-21 20:43:10 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
          نەدىنمۇ  تاپىدىغانسىز  بۇ  ‹‹ گەپ ›› لەرنى.  ئېزىپ-تېزىپ قالماي، جاي-جايىغا چۈشۈرۈپ. ئىككى قېتىم ئوقۇپ چىقتىم. ئىككى ‹‹ بەگ ›› كە  مىڭ كېچە چۆچەك ئېيتپ بەرگىدەك ‹‹ موما ››  بولۇپ قاپسىز .

                              بارچە گۈللەر تەكشى ئېچىلسا،
                              پۇراقلىرى تەكشى چېچىلسا،
                              كۆڭۈللەرمۇ يورۇپ كېتىدۇ ،
                              كۈلكىلەردىن ‹‹ چىراغ ›› يېقىلسا.

ۋاقتى: 2015-10-21 20:54:40 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھۆرمەتلىك تام بىھۇدە ئىنكاسلىرىڭنى تونۇپ يەتكىن.
بۇ تېما ھەقىقەتەن ياخشى ئىكەن.ئاپتورغا تەشەككۇر ئېيتىمەن.

باھا سۆز

ھە ماقۇل.  ۋاقتى: 2015-10-27 04:53 PM
ئۇنىڭ گېپىنى.ئۆمۈر چولپىنى بولۇپ 150ياشقىچە تېمەن تۇرالىغان بولساق-ھە؟!  ۋاقتى: 2015-10-26 06:09 PM
تام ھەيران قاپتۇ،ئۇنىڭ ئىنكاسىنى بىھۇدە دەپ ئويلىمايلى ئاكا،مەن چۈشەندىم  ۋاقتى: 2015-10-26 06:05 PM
ۋاقتى: 2015-10-22 13:05:04 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كۆپ قىرلىق قەلەم ساھىبىنىڭ بۇندىن كىيىنكى ئىجادىيەت كوچىسىنىڭ خۇشپۇراقلىق گۈللە بىلەن تۇلۇشىنى ئارزۇ قىلىمەن.

ۋاقتى: 2015-10-22 15:15:45 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  يائ‍اللاھ پاتىگۇل، گەپ-سۆزگە كارامەت ئ‍ۇستىكەنسىزغۇ، گەپكە ناقىس كىشىلەرنى يىغىپ سۆزمەنلەر كۇرسى ئ‍اچسىڭىزمۇ راۋۇرۇس ئ‍اقتۇرۇپ كەتكۈدەكسىز، مەيلى نېمە ئ‍ىش قىلماڭ بەرىكەتلىك بولۇشىڭىزغا تىلەكداشمەن!

ۋاقتى: 2015-10-22 16:00:18 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  7-قەۋەتتىكى يولداشنىڭ تەكلىپىنى ئويلىشىپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمەن. لېكىن، ئومۇمىي جەھەتتىن قارىغاندا ئەسەر ھەقىقەتەن ياخشى يېزىلىپتۇ، تىل ماھارىتىڭىز، بەدىئىي سەۋىيىڭىز نامايەن بولۇپ تۇرۇپتۇ. سىزگە يەنىمۇ زور بەرىكەت ۋە ئۇتۇق تىلەيمەن. مەغرۇرلانمىغايسىز!

باھا سۆز

نەرى بوپتۇ،كىمنىڭمۇ150ياشقا كىرىپ كەتكۈسى كېلىدۇ،15ياشتاتۇرۇپ قالغۇم بارتى  ۋاقتى: 2015-10-23 01:06 PM
كەتتى مەغرۇرلىنىشنىڭ.مەن 150 ياشقا كىرگەن موماي تۇرسام؟!  ۋاقتى: 2015-10-23 11:55 AM
شۇنداقمۇ؟ ئەمسە بوپتۇ.  ۋاقتى: 2015-10-23 11:54 AM
ئۇزۇن يىل بۇرۇن مەغرۇرلىنىپ بولغانىدىم،ئەمدى ۋاقتى ئاللىقاچان ئۆتۈپ  ۋاقتى: 2015-10-23 11:52 AM
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-10-23 13:52:50 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پاسىل يوللىغان ۋاقتى  2015-10-21 17:02
مۇنداق كارامىتىڭىزمۇ باركەن-دە، سىزنىڭ...«دەستۇرخان مە ...

2000 -يىلى ئېزىز ساۋۇت ئاكىغا تون كىيدۈرۈش مۇراسىمى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىدا سورۇندا ئوقۇش ئۈچۈن يازغان ئىدىم بۇنى. يىغىندىن كېيىن  ئۈرۈمچى قاتارلىق جايلاردىن كەلگەن ئۇستاز ئەدىبلەر- سەنئەتكارلار ئەسەرلىرىنى ئوقۇدى،چاقچاقلىرىنى تۆكتى.شۇنىڭ بىلەن باشقىلارنىڭكىدىن ھوزۇرلىنىشنى تاللىدىم. بۇلبۇل بار يەردە قۇشقاچنىڭ سايرىشى نەھاجەت،دېگەندەكچۇ...

باھا سۆز

سىز بەك كەمتەرلىك قىلىدىكەنسىز...ئورنىڭىزدا مەن بولسام ئوقۇيتتىم...  ۋاقتى: 2015-10-23 04:59 PM
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش