يازغۇچىلار تورى

ئىگىسى: تۆرىبەگ قىزى

تۆرىبەگ قىزى: زىياپەت زالىدىكى قىزىقچىلىق

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-10-23 14:33:40 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئا.ئاتەش يوللىغان ۋاقتى  2015-10-21 18:34
ئىزدىنىشىڭىزدە ياخشى ئەسەر  مەيدانغا كەپتۇ ، سىزنى ...

كۆپ تەشەككۈر ئابدۇللا ئاكا، سىلىنىڭ كەمتەرلىك ۋە سەمىمىيلىك بىلەن بەرگەن تەكلىپ-پىكىرلىرى ئارقىلىق  جىق ھاسىلاتلارغا ئېگە بولدۇم.
سىلىچە «بىر سېختا » دېگەننى «بىر گورۇپپىدا» دەپ ئالساق بولارمۇ يا؟ ئاۋۇ «ئۈچ پادىشالىق» دېگەن  سۆزنىڭ ئورنىغا قايسى سۆزنى قويۇش مۇۋاپىق؟
مەن نەيزىلەرنى ئەڭ كۆپ ئىشلىتىدىغان بىر دەۋرنى ئەكىس ئەتتۈرۈش ۋە بىگىزنىڭ كېلىپ-چىقىشى (ئاتا- بوۋىسى)نى نەيزىگە ئۇلاش ئۈچۈن مۇشۇ سۆزنى ئىشلىتىپتىكەنمەن...
يەنە ھىس قىلغان سەۋەنلىكلەر، جايىغا چۈشمىگەن سۆز-جۈملىلەر بولسا ئايانماي ئېيتسىلا، كەمىنە ئۈچۈن قالىتىس قوللاشتۇر.                 

ۋاقتى: 2015-10-23 15:37:03 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
      تۆرىبەگە قىزىنىڭ شېئىرنى ئوقۇپ تۇراتتىم. بۇ ئەسەرنى(«غىزا مەيدانىدىكى لەتىپە»گە ئوخشاش سۆز ئويۇنى، سۆزمەنلىك، دەپ ئاتاشنى مۇئاپىق دەپ قارايمەن) ئوقۇپ، ھەقىقەتەن ھوزۇرلاندىم. ئەسەردىن ئۆزىمىزنىڭ ئېھتىياجىغا مۇئاپىق مەزمۇن ئىزدىسەك-تېپىلىدۇ. بەدىئىيلىك- مۇئاپىق شەكىلدە، مۇئاپىق سۆزلەرنىڭ مەنا مۇساۋىتى ئارقىلىق مۇددىئانى ئايان قىلىش جەھەتتە بولسا، ئەسەرگە گەپ كەتمەيدۇ. مەن تېخىمۇ تىرىشىڭ، بەرىكەت تىلەيمەن، قەلىمىڭىز ھېرىپ قالمىسۇن، دېگەندەك گەپلەرنى ئانچە ياقتۇرۇپ كەتمەيمەن. شۇنداق بولسىمۇ، مۇشۇ ئىنكاسىم ئارقىلىق سىزگە ئىلھام، مەدەت بەرمەكچىمەن. تېخىمۇ بەردەم بولۇڭ! بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   bagyar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-10-23 15:37  


باھا سۆز

رەھمەت ئاكا،ھەردائىم قوللاپ تۇرۇشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن.  ۋاقتى: 2015-10-25 03:18 PM
ۋاقتى: 2015-10-28 18:57:38 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئالامەت يۇمۇرىستىك چىقىپتىغۇ بۇ. گەپكە بەك ئۇستا ئىكەنسىز جۇمۇ تۆرىبەگ ھەدە.

بۇرۇنقىدەك چاقچاقلىرىڭىزدىنمۇ يوللاپ قويۇڭ.

ۋاقتى: 2015-11-2 17:10:44 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شېئىرلىرىڭىزنى بەك ياقتۇرۇپ ئوقۇيتتىم .ماۋزونى كۆرۈپ «ئۆزگىچە شېئىركەندە »دەپمۇ ئويلىغانتىم.لېكىن بۇ ئەسىرىڭىزمۇ ياخشى چىقىپتۇ.ئەدىبىياتىمىزدا ئونتۇلۇپ كېتىۋاتقان بىر ژانىردا ناھايىتى موۋاپپىقىيەتلىك قەلەم تەۋرىتىپسىز،تىلغىمۇ بەك بايكەنسىز.سىزگە ئوتۇقلار يار بولسۇن.

ۋاقتى: 2015-11-16 15:20:32 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تىل ئىشلىتىش قابىليىتىڭىزدىن سۈيۈندۈم !

ۋاقتى: 2015-11-16 18:45:01 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ناھايتتى ياخشى يېزىلىپتۇ ، ئەمما ئون نەچچە يىل ئىچىڭىزدە ساقلاپ يۈرگىنىڭىز قاملاشماپتۇ ... بۇندىن كېيىن ئۇنچە كەمتەرلىك قىلىپ كەتمەڭ ھە !

ۋاقتى: 2015-11-16 22:02:57 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش



پاتىگۈل سىزنىڭ سۆز قابىلىيىتىڭزگە راستىنلا قايىل بولماي تۇرالمىدىم ،باشقىلار  دەپ بولغاننى دەۋىرىشنى لايىق كۆرمىدىم ،بىر يۈز ئەللىك يىل ياشاش سىزگە نىسىپ بولسۇن ئىلاھىم

باھا سۆز

ئىككىڭلارنىڭكىنى قوشقاندىمۇ؟  ۋاقتى: 2015-11-16 10:09 PM
ۋاقتى: 2015-11-20 01:41:16 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەجرىڭىزگە تەشەككۈر! بۇ كۈلدۈرگىنى  ئوقۇپ بەك ھۇزۇرلاندىم. يەنىمۇ بەرىكەتلىك بولغايسىز. مول ئىلھاملار يار بولغاي.

ۋاقتى: 5 كۈن بۇرۇن | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى چىققان سۆز ئويۇنىكەن. تېخىمۇ ياخشى ئەسەرلىرىڭىزنىڭ ئۈزۈلۈپ قالماسلىقىنى ئۈمىد قىلىمەن.

ۋاقتى: 5 كۈن بۇرۇن يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھا..ھھا..ھا   قالتىسقۇ ھەدە بەك كۈلدۈم قانداقمۇ يېزىپ بوغانسىز ئېزىپمۇ كەتمەي ياقتۇردۇم ھەدە گۈل دەستە تۇتاي

ۋاقتى: 4 كۈن بۇرۇن | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىنتايىن قىززىقارلىق چىقىپتۇ .

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش