جۈمە ئابدۇغېنى (چوققا) ئىنتايىن ئاق كۆڭۈل، سەمىمىي ئادەم بولۇپلا قالماستىن، كۈچلۈك يۇمۇرىستىك خاراكتېرگە ئىگە كىشى ئىدى. كەسىپداشلىرى ۋە دوستلىرى ئارىسىدا مىجەزى ئوچۇق- يورۇق، چاقچاقچى، سۆزمەن دەپ تەرىپلىنەتتى.
جۈمە ئابدۇغېنى(چوققا) نىڭ شېئىر ئىجادىيىتى ئۇنىۋېرسىتېتتا ئوقۇۋاتقان چېغىدا باشلانغان بولۇپ، -1983 يىلىدىن-2013 يىلىغىچە300 پارچىدىن ئارتۇق شېئىر يازغان . ئۇنىڭ ئىجادىيىتىدە ئۇيغۇر ئەنئەنىۋى شېئىر شەكلى بولغان غەزەلگە تەخمىس يېزىش ئاساسىي سالماقنى ئىگىلەيدۇ.
شائىر ھەرقايسى دەۋرلەردە ياشاپ ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللانغان داڭلىق شائىرلارنىڭ مۇنەۋۋەر غەزەللىرىگە تەخمىس يېزىپ، ئەسلىي غەزەلنىڭ مەزمۇنىنى موللاشتۇرۇش ۋە پىكرىنى يارقىنلاشتۇرۇش ھەمدە جەمئىيەتتىكى ھەر خىل تۇرمۇش كارتىنىلىرىغا بولغان قارىشىنى بەدىئىي يوسۇندا ئىپادىلىگەن.بۈگۈنكى دەۋر كىشىلىرىنى ئىلىم- مەرىپەتكە چاقىرىپ، ياخشىلىق بىلەن يامانلىق، گۈزەللىك بىلەن رەزىللىك، مۇھەببەت بىلەن نەپرەت قاتارلىقلارغا سەزگۈرلۈك بىلەن مۇئامىلە قىلىشقا چاقىرغان.
مەزكۇر توپلامغا شائىرنىڭ بىر قىسىم شېئىرلىرى تاللاپ كىرگۈزۈلگەن بولۇپ،بۇ شېئىرلار كەڭ ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئۇيغۇر شېئىرىيىتىنىڭ تەخمىس شەكلىنى بىلىش ۋە شائىرنىڭ بەدىئىي تەپەككۇرىنى چۈشىنىشتە مۇئەييەن قىممەتكە ئىگە.