مەرھۇم ھايات ۋاقتىدا ئىككىمىز قويۇق ئالاقە ئورناتقان ئىدۇق. ھەر قېتىم ئۈرۈمچىگە بارسام ئۇ مېنى ئۆزىنىڭ بىر تۇغقىنىدەك قىزغىن كۈتۈۋالاتتى، سالامەتلىكىمگە تولىمۇ كۆڭۈل بۆلەتتى. پات-پات تېلېفون بېرىپ، قىسقا ئۇچۇر يوللاپ، ئەھۋالىمنى ئۇقۇپ تۇراتتى، بىرگە ئىشلەۋاتقان كەسپداشلىرىنىڭ تەرىپىنى قىلاتتى. يېشى 70تىن ھالقىغان ئانامنى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق دوختۇرخانىسىدا داۋالاتقان مەزگىللىرىمدە، ئۇ دوختۇرخانىغا كۈندە دېگۈدەك بېرىپ ھال-ئەھۋال سورىغان، يۇرتقا قايتار چېغىمىزدا ئۈرۈمچى جەنۇبىي شەھەر ئاپتوبۇس بېكىتىگىچە ئۇزىتىپ بارغانىدى.
2013-يىلى 5-ئاينىڭ 21-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن مائارىپ نازارىتىدىكى ئادىل رېشىت ئاكىنىڭ قىسقا ئۇچۇرىدىن ئۇنىڭ قاتناش ۋەقەسىگە ئۇچراپ قازا تاپقانلىقىنى ئۇقۇپ ھەيران قالدىم، ئۇنىڭغا تولىمۇ قايغۇردۇم. شۇ يىلى 6-ئاينىڭ بېشىدا ئۈرۈمچىگە بېرىپ، مەرھۇمنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتىدىن ھال سورىدىم.
بۈگۈن تاھىر خالىق مۇئەللىمنىڭ تېمىسىدىن مەرھۇمنىڭ شېئىرلار توپلىمى نەشىردىن چىققانلىق ئۇچۇرىنى كۆرۈپ، تولىمۇ سۆيۈندۈم. مەرھۇمنىڭ شېئىرلار توپلىمىنى روياپقا چىقىرىش ئۈچۈن ئالاھىدە كۈچ چىقارغان شىنجاڭ مائارىپ نەشرىياتىدىكى، «شىنجاڭ مائارىپ گېزىتى» ئۇيغۇر تەھرىر بۆلۈمىدىكى تۇنىياز ئىلياس، ئەنۋەر ئۆمەر قاتارلىق رەھبەرلەرگە، ۋاھىدجان ئوسمان، يالقۇن روزى، پەرھاد ئىلياس، مۇختار مۇھەممەد، ئاتىكەم ئابدۇكېرىم ... قاتارلىق كەسىپداشلىرىغا ، مەرھۇمنىڭ ئايالى خەيرىنىسا خانىمغا رەھمىتىمنى بىلدۈرىمەن!...
مەرھۇمنىڭ روھى ئەمىن تاپقاي، ياتقان يېرى جەننەتتە بولغاي!...
|