يازغۇچىلار تورى

كۆرۈش: 1869|ئىنكاس: 21

دەۋر مىلودىيەسى«تارىم»مۇشائىرەسى شېئىر-دېكلىماتسىيە پائالىيىتى ئ

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 2015-10-17 10:35:38 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |كۆرۈش شەكلى
دەۋر مىلودىيەسى«تارىم»مۇشائىرەسى شېئىر-دېكلىماتسىيە پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايۇنلۇق ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى«تارىم»ژۇرنىلى تەھرىر بۆلۈمىنىڭ تەشكىللىشى،خوتەن ۋىلايەتلىك ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ ماسلاشتۇرۇشى بىلەن 12-ئۆكتەبىردىن 15-ئۆكتەبىرگىچە خوتەن ۋىلايىتىنىڭ خوتەن شەھرى،چىرا ناھىيەسى، كېرىيە ناھىيەسى قاتارلىق ناھىيە-شەھەرلەردە بەش مەيدان «دەۋىر مىلودىيەسى‹تارىم›مۇشائىرەسى ئەدەبىيات-سەنئەت پائالىيىتى»ئۆتكۈزۈلدى.پائالىيەتكە باشتىن-ئاخىرى شائىر،«تارىم» ژۇرنىلىنىڭ باش مۇھەررىرى ياسىن زىلال رىياسەتچىلىك قىلدى.
پائالىيەتكە قاتناشقانلار دۆلەت مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ سابىق كومۇسسارى ئىسمائىل ئەھمەد ئەپەندى، خوتەن ۋىلايەتلىك مەمۇرى مەھكىمىنىڭ ۋالىيسى ئەزىز مۇسا، پىراپىسۇر،دوكتۇر يېتەكچىسى غەيرەتجان ئوسمان ئۇتغۇر،تونۇلغان ئوبزۇرچى مۇھەممەد پولات، شائىر،ژۇرنالىسىت  ئەزىزى،شائىر،ژۇرنالىسىت ئابدۇرېشىت بارات ئويغاق،شائىر،ژۇرنالىسىت تۇرغۇن جالالىدىن،شائىر مۇتەللىپ خۇرسەندى، ئەدەبىي ئوبزۇرچى ھەبىبۇللا مىجىت،شىنجاڭ گېزىتىنىڭ مۇخپىرلىرىدىن ئالى مۇخپىر ئۆركەش جاببار،سادىق ئىمىر،خوتەن ۋىلايىتىنىڭ ناھىيە-شەھەرلىرىدىن-خوتەن ۋىلايەتلىك ئەدەبىيات – سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى،«يېڭى قاشتېشى»ژۇرنىلىنىڭ باش مۇھەررىرى دولقۇن ھوشۇر،يازغۇچى،«يېڭى قاشتېشى»ژۇرنىلىنىڭ مۇئاۋىن باش مۇھەررىرى تۇرسۇنجان مۇھەممەد، شائىر ئابدۇللا سۇلايمان،يازغۇچى،ژۇرنالىسىت مەتقاسىم ئابدۇراھمان، ئەدەبىي ئوبزۇرچى ئەنۋەر ھوشۇر،شائىر مۇختەر سۈپۈرگى، ئەدەبىيات تەتقىقاتچىسى سادىر تۇرسۇننىياز ئۇدۇنلۇق،يازغۇچى ھۈسەنجان ئابدۇۋەلى،مۇھەممەد كامال خۇشخۇي، شائىر ئابلىكىم تالىپ، ئۈمىدجان قادىرى،ئىمىننىياز مەتنىياز شەيدائىي، ئۆمەر مەتنۇرى قۇتيار،روزىمۇھەممەد ياقۇپ،دۆلەت قۇربان،ئىلى ئابدۇقادىر،دولقۇن جاببار، مېھرىگۈل نەزەر، ئابدۇقادىر مەتسىدىق، زەيتۇنەم مەمتىمىن،ئالىمجان رەجەپ، مۇھەممەد ئەيسا قۇربان، مەتسەيدى مەتقاسىم، رەھىم نىياز، مەتتۇرسۇن ئوبۇلقاسىم،ھەبىبە مەمەتئەيسا،ئايشەمگۈل بارات ئايتۇلۇن، مەتقاسىم تۇرسۇن، بۇخەلچەم مەتتوختى...قاتارلىق 50 دىن ئارتۇق ئاپتونۇم رايۇننىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن شائىر، يازغۇچى،ئەدەبىي ئوبزۇرچى ۋە ئەدەبىيات تەتقىقاتچىسى قاتناشتى.
مۇشائىرە داۋامىدا ئەدىبلەر ناھىيەلەرنىڭ زامانىۋى سانائەت رايۇنلىرى، يۈرۈشلەشكەن مەكتەپلىرى، بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش ئەھۋالى،دېھقانچىلىق،باغۋەنچىلىك جەھەتتىكى تەرەققىياتىنى كۆزدىن كەچۈردى.ئۇندىن باشقا ناھىيە-شەھەرلەردىكى يازغۇچى،شائىر،ھەۋەسكارلار بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدى.
پائالىيەتنى ھەرقايسى ناھىيە-شەھەرلەرنىڭ پارتىيە،ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى قىزغىن قوللىدى ۋە شارائىت يارىتىپ بەردى.دەۋىر مىلودىيەسى«تارىم»مۇشائىرەسى پائالىيىتىدە شائىرلار ۋەتەننى، ئانا يۇرتنى، ئاتا-ئانىنى،ئىلىم پەننى،سوتسىيالىستىك يېڭى دەۋىرنى كۈيلەيدىغان،قالاقلىقنى، ساختىلىقنى،ئىتتىپاقسىزلىقنى ئەيپلەيدىغان جۇشقۇن شېئىرلىرىنى دېكلىماتسىيە قىلدى،بۇ قېتىمقى پائالىيەتنى  كۆرگەن،قاتناشقان ئادەم سانى ئونمىڭ ئادەم قېتىمدىن ئاشتى.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ARKZAT تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-10-17 12:59  


باھا سۆز

تولىمۇ ئەھمىيەتلىك پائالىيەت بولدى، كۆپلىگەن مول بىلىملەرگە ئىگە بولدۇق .  ۋاقتى: 2015-12-12 07:06 PM
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2015-10-17 12:58:25 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  يېقىنقى بىر-ئىككى يىلدىن بۇيان، ئەدەبىيات-سەنئەت ئىشلىرىمىزنىڭ ئەل-ئاۋامغا مايىللىشىشى خېلىلا ياخشى بولىۋاتىدۇ. دەرۋەقە، ئەدەبىيات-سەنئەت ئۆز مەنبەسىنى دەل ممانا ۇشۇنداق ئەمەلىي تۇرمۇش ئەمەلىيىتىدىن ئىزدىيەلىسە، ئاۋامغا يېقىنلىشالىسا، ئاندىن ئۇ ئۆز قىممىتىنى تېخىمۇ تاپالايدۇ، ئۆز رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارىي قىلدۇرالايدۇ.
  ئىجادكارلارنىڭ قەلىمى بەرىكەتلىك، تەملىك بولغاي.

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-10-17 12:58:58 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىر قىسىم رەسىملەر

1111.jpg

222.jpg

444.jpg

333.jpg


باشقا سۈرەتلەرنى مۇشۇ پائالىيەتكە قاتنىشىپ سۈرەت ئېلىۋالغان دوستلار يوللاپ قويغاي!
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   huxhuy تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-10-17 13:08  


باھا سۆز

باشقا سۈرەتلەرنىمۇ قوشۇپ، كۆپرەك يوللاپ قويسىلا!  ۋاقتى: 2015-10-17 10:04 PM
ۋاقتى: 2015-10-17 17:55:14 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
    ئەھمىيەتلىك ئەنجۈمەن بوپتۇ. ھۈسەنجان ئابدۇۋەلى ئەدەبىي ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللىنىۋاتامدىغاندۇ - ياكى؟ مەن « كۆزگە ئايلانغان كۆڭۈل» رومانىدىن باشقا ئەسەرلىرىنى كۆرۈپ باقمىدىم.
    بۇ ئەنجۈمەنگە قاتناشقان بارلىق ئەدەبىيات ئاشنالىرىغا سالامىم يەتكەي.

ۋاقتى: 2015-10-17 20:22:39 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسەبىي يوللىغان ۋاقتى  2015-10-17 17:55
ئەھمىيەتلىك ئەنجۈمەن بوپتۇ. ھۈسەنجان ئابدۇۋەلى ئەدە ...

   تەڭرىتاغ ژورنىلىنىڭ  بۇ يىللىق 5- سانىغا قاراڭ، ھۈسەنجان ئ‍ابدۇۋېلىنىڭ يېڭى ئ‍ەسىرىنى كۆرەلەيسىز !

ۋاقتى: 2015-10-17 20:52:23 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەقىقەتەن ئ‍ەھمىيەتلىك يىغىلىشكەن، قۇتلۇق قەدەملەر توختاپ قالمىغاي

ۋاقتى: 2015-10-17 21:24:54 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇبارەك بولسۇن !

ۋاقتى: 2015-10-17 22:03:54 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ قېتىمقى شېئىر دېكلاماتسىيە پائالىيىتىنىڭ كۆلىمى ھەقىقەتەن چوڭ بولۇپتۇ.
نۇرغۇن شائىرلار جەم بولۇش پۇرسىتىگە ئېرىشىپتۇ. قۇتلۇق بولسۇن!

ۋاقتى: 2015-10-18 12:45:25 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
     بۇ تونۇش چىرايلارنى كۆرۈپ شۇنداق خوش بولدۇم، بۇ شېئىرىيەت دېكلىماتسىيە پائالىيىتى ناھايىتى ئوبدان ئۆتكۈزۈلۈپتۇ، كۆپلىگەن شائىرلارم، يازغۇچىلار، ئوبزورچىلار جەم بولۇپتۇ، ھەممىڭلارنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى ئىجادىيىتىڭلار تېخىمۇ بەرىكەتلىك، تۇرمۇشىڭلار تېخمۇ بەختلىك ئۆتكەي ئىلاھىم.

ۋاقتى: 2015-10-18 12:48:33 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش



       بىزنىڭ مەكتەپ  ــــ خوتەن پېداگوگىكا ئالىي تېخىنىكومىدىكى ئەڭ قىزغىن ئېلىپ بېرىلدى. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئابدۇرېھىم زۇنۇ تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-10-19 11:47  


ۋاقتى: 2015-10-18 14:38:21 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
     خوتەن دىيارىدىكى قەدىناز  قەلەمكەشلەرنى  كۆرۈپ خۇش بولدۇم. ئىزگۈ كۆڭۈللەرنىڭ شادلىقى ئۈزۈلمىگەي ! خېلى ۋاقىتلارغېچە تۇز-تەمى كەتمەيدۇ. ئەلۋەتتە . يازغۇچى،شائىر نۇرمەمەت توختى بىلەن مۇھەممەتتوختى ئەھمەت كۆرۈنمەيدىيا  .

باھا سۆز

مەنمۇ شۇنىڭغا ھەيران...  ۋاقتى: 2015-10-19 11:48 AM
ۋاقتى: 2015-10-19 11:29:53 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇھەممەد پولات، ئابدۇللا سۇلايمان، ياسىن زىلال، ئابدۇرېشىت بارات ئويغاق، مۇھەممەد كامال خۇشخۇي...قاتارلىق  ئۇستازلار ۋە ئېزىز دوستلارنىڭ قەدىمىدىن گۈللەر ئۈنگەي!

ۋاقتى: 2015-10-19 11:41:51 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ پائالەيەت 9.ئايدا قەشقەردىمۇ ئېلىپ بېرىلغان بىرەرسى ئۇچۇر بەرمىدى بۇ ھەقتە،خۇشخۇي ئەپەندىنىڭ پائالىيەت ئۇچۇرىنى يوللىغىنىغا رەھمەت.

ۋاقتى: 2015-10-19 21:41:22 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يەنە بىر قۇتلۇق ئىش ــ كۆڭۈلدىكى پائالىيەتنىڭ ئۆتكۈزۈلگەنلىكىدىن سۆيۈندۈم. پائالىيەتكە قاتناشقان بارلىق ئەزىزلەرگە ئېھتىرام بولسۇن!

ۋاقتى: 2015-10-20 13:29:43 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
     قۇتلۇق ئىشتىن يەنە بىرسى بولۇپتۇ، مۇھەممەد كامال خۇشخۇي ئەپەندىگە تەشەككۈر.
شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن جەم بولغان شائىرلارغا ئامان-ئېسەنلىك يار بولسۇن!

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش