دەۋر مىلودىيەسى«تارىم»مۇشائىرەسى شېئىر-دېكلىماتسىيە پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايۇنلۇق ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى«تارىم»ژۇرنىلى تەھرىر بۆلۈمىنىڭ تەشكىللىشى،خوتەن ۋىلايەتلىك ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ ماسلاشتۇرۇشى بىلەن 12-ئۆكتەبىردىن 15-ئۆكتەبىرگىچە خوتەن ۋىلايىتىنىڭ خوتەن شەھرى،چىرا ناھىيەسى، كېرىيە ناھىيەسى قاتارلىق ناھىيە-شەھەرلەردە بەش مەيدان «دەۋىر مىلودىيەسى‹تارىم›مۇشائىرەسى ئەدەبىيات-سەنئەت پائالىيىتى»ئۆتكۈزۈلدى.پائالىيەتكە باشتىن-ئاخىرى شائىر،«تارىم» ژۇرنىلىنىڭ باش مۇھەررىرى ياسىن زىلال رىياسەتچىلىك قىلدى.
پائالىيەتكە قاتناشقانلار دۆلەت مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ سابىق كومۇسسارى ئىسمائىل ئەھمەد ئەپەندى، خوتەن ۋىلايەتلىك مەمۇرى مەھكىمىنىڭ ۋالىيسى ئەزىز مۇسا، پىراپىسۇر،دوكتۇر يېتەكچىسى غەيرەتجان ئوسمان ئۇتغۇر،تونۇلغان ئوبزۇرچى مۇھەممەد پولات، شائىر،ژۇرنالىسىت ئەزىزى،شائىر،ژۇرنالىسىت ئابدۇرېشىت بارات ئويغاق،شائىر،ژۇرنالىسىت تۇرغۇن جالالىدىن،شائىر مۇتەللىپ خۇرسەندى، ئەدەبىي ئوبزۇرچى ھەبىبۇللا مىجىت،شىنجاڭ گېزىتىنىڭ مۇخپىرلىرىدىن ئالى مۇخپىر ئۆركەش جاببار،سادىق ئىمىر،خوتەن ۋىلايىتىنىڭ ناھىيە-شەھەرلىرىدىن-خوتەن ۋىلايەتلىك ئەدەبىيات – سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى،«يېڭى قاشتېشى»ژۇرنىلىنىڭ باش مۇھەررىرى دولقۇن ھوشۇر،يازغۇچى،«يېڭى قاشتېشى»ژۇرنىلىنىڭ مۇئاۋىن باش مۇھەررىرى تۇرسۇنجان مۇھەممەد، شائىر ئابدۇللا سۇلايمان،يازغۇچى،ژۇرنالىسىت مەتقاسىم ئابدۇراھمان، ئەدەبىي ئوبزۇرچى ئەنۋەر ھوشۇر،شائىر مۇختەر سۈپۈرگى، ئەدەبىيات تەتقىقاتچىسى سادىر تۇرسۇننىياز ئۇدۇنلۇق،يازغۇچى ھۈسەنجان ئابدۇۋەلى،مۇھەممەد كامال خۇشخۇي، شائىر ئابلىكىم تالىپ، ئۈمىدجان قادىرى،ئىمىننىياز مەتنىياز شەيدائىي، ئۆمەر مەتنۇرى قۇتيار،روزىمۇھەممەد ياقۇپ،دۆلەت قۇربان،ئىلى ئابدۇقادىر،دولقۇن جاببار، مېھرىگۈل نەزەر، ئابدۇقادىر مەتسىدىق، زەيتۇنەم مەمتىمىن،ئالىمجان رەجەپ، مۇھەممەد ئەيسا قۇربان، مەتسەيدى مەتقاسىم، رەھىم نىياز، مەتتۇرسۇن ئوبۇلقاسىم،ھەبىبە مەمەتئەيسا،ئايشەمگۈل بارات ئايتۇلۇن، مەتقاسىم تۇرسۇن، بۇخەلچەم مەتتوختى...قاتارلىق 50 دىن ئارتۇق ئاپتونۇم رايۇننىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن شائىر، يازغۇچى،ئەدەبىي ئوبزۇرچى ۋە ئەدەبىيات تەتقىقاتچىسى قاتناشتى.
مۇشائىرە داۋامىدا ئەدىبلەر ناھىيەلەرنىڭ زامانىۋى سانائەت رايۇنلىرى، يۈرۈشلەشكەن مەكتەپلىرى، بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش ئەھۋالى،دېھقانچىلىق،باغۋەنچىلىك جەھەتتىكى تەرەققىياتىنى كۆزدىن كەچۈردى.ئۇندىن باشقا ناھىيە-شەھەرلەردىكى يازغۇچى،شائىر،ھەۋەسكارلار بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدى.
پائالىيەتنى ھەرقايسى ناھىيە-شەھەرلەرنىڭ پارتىيە،ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى قىزغىن قوللىدى ۋە شارائىت يارىتىپ بەردى.دەۋىر مىلودىيەسى«تارىم»مۇشائىرەسى پائالىيىتىدە شائىرلار ۋەتەننى، ئانا يۇرتنى، ئاتا-ئانىنى،ئىلىم پەننى،سوتسىيالىستىك يېڭى دەۋىرنى كۈيلەيدىغان،قالاقلىقنى، ساختىلىقنى،ئىتتىپاقسىزلىقنى ئەيپلەيدىغان جۇشقۇن شېئىرلىرىنى دېكلىماتسىيە قىلدى،بۇ قېتىمقى پائالىيەتنى كۆرگەن،قاتناشقان ئادەم سانى ئونمىڭ ئادەم قېتىمدىن ئاشتى.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ARKZAT تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-10-17 12:59