يازغۇچىلار تورى

كۆرۈش: 690|ئىنكاس: 18

زۆھرەگۈل ھامۇت: كەنتكە چۈشكەن كادىر

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 2015-10-15 19:34:27 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |كۆرۈش شەكلى
                                                    كەنتكە چۈشكەن كادىر

                                                         
                                                ئاپتورى:زۆھرەگۈل ھامۇت

                                                   (مىكرو تىياتىر)
قاتناشقۇچىلار:
باسىت: مەلۇم ئىدارىنىڭ كادىرى.(40ياش)
ئەزىمەت:باستنىڭ خىزمەتدىشى(25ياش)
تۇراپ ئاخۇن:دېھقان(58ياش)
مەلىكىخان:تۇراپ ئاخۇننىڭ ئايالى(56ياش)
1-        كۆرۈنۈش:ئاپرېل ئايلىرى.
يېزا يوللىرىنىڭ ئىككى قاسنىقىدا كۆك بىلەن بوي تالىشىپ قەد كۆتۈرگەن سۇۋادان تېرەكلەر،سالا ئېتىزلادا ياپيېشىل مايسىلار،بەس-بەستە ۋىچىرلىشىپ سايرىشىۋاتقان نەغمىچى قۇشلار،ئۆستەڭدە شىلدىرلاپ ئېقىۋاتقان سۇلار،شوخ كۈي ياڭرىتىپ ئەتىيازلىق تېرىلغۇغا چۈشكەن دېھقانلار ئېكران ئالدىدا ئۇلانما ھالەتتە نامايەن بولىدۇ.
2-        كۆرۈنۈش:ئاپرېل ئېيىنىڭ بېشى.سەھەر.
ئالدىنقى كۆرۈنۈشتە سۈرەتكە ئېلىنغان يولدىن ئۇياقتىن-بۇياققا تىراكتۇر ھەيدىگەن،موتسىكىلىت مىنگەن دېھقانلار ئاندا-ساندا ئۆتۈپ كېتىۋاتقان كۆرۈنۈش بېرىلىپ،يىراقتىن كادىرلارغا خاس سالاپەتلىك،رەتلىك كىينىگەن باست بىلەن ئەزىمەت ئەرەنچە موتسىكىلىت مىنگىنىچە ئېكران ئالدىغا يېقىنلاپ كېلىدۇ.(ئەزىمەت موتسىكىلىتنىڭ ئالدىدا،باست،كەينىدە ئولتۇرغان.)
باستيولنىڭ ئوڭ قاسنىقىدىكى رەتلىك سېلىنغان بىر يۈرۈش ئۆينىڭ ئالدىدىن ئۆتۈۋاتقاندا ئۆينى ئەزىمەتكە كۆرسىتىپ)ئەزىمەت ئىنىم،بۇ ئالىي سورتلۇق چىلان ۋە ياڭاق تىكىپ ئالدىن بېيىغان دېھقان كامال ئاخۇننىڭ ئۆيى.ئۇ بۇيىل كەنت باشلانغۇچ مەكتەپ مائارىپىغا 20مىڭ يۈەن ياردەم قىلىپ،ھەممە ئادەمنىڭ ھەيران قالدۇردى ھەم ئەل-يۇرتنىڭ يۈكسەك ھۆرمىتىگە ئېرىشتى.ھالال مېھنەت بىلەن بېيىغان ياخشى ئىش-ئىزلىرى يېقىندا رادىئو-تېلىۋۇزۇرلاردا كەڭ تەشۋىق قىلىندى.كامال ئاخۇنكامدەك كىشىلىرىمىزنىڭ ئەجرى ئەل ئىچىدە ھەرگىز ئۇنتۇلمايدۇ دىگىنە.
ئەزىمەت: (باستنىڭ گېپىنى قۇۋۋەتلەپ)توغرا ئېيتتىڭىز باستكا،ئەجىرنىڭ تېگى ئالتۇن دىگەن شۇ-دە.
باست: شۇڭا ھەر كىمنىڭ تەقدىرى ئۆز قولىدا دىگەن گەپنىڭ توغرىلىقى دەل مۇشۇ يەردە ئۇكام.
ئەزىمەت: (مەمنۇنلۇق ئىلكىدە بېشىنى لىڭشىتقاچ)«تىرىشچانلىق سولماس قانات» دىگەن ھېكمەتلىك سۆزنىڭ تېگىگە ئەمدى ھەقىقى يەتكەندەك بولدۇم باستكا.
3-كۆرۈنۈش:
ئۇلار سىرتىدىن ئاددىيراق كۆرۈنىدىغان دەرۋازىنىڭ بىر قانىتى ئېچىپ قويۇلغان،ئەمما ھويلىنىڭ ئىچى-سىرتى پاك-پاكىزە سىيرىپ سۈپۈرۈلگەن بىر يۈرۈش ئۆينىڭ ئالدىغا كەلگەندەباست گەپ باشلايدۇ.
باست:بۇ ئۆيدە ئۆزى ياشىنىپ قالغىنىغا قارىمايۇ ئېتىز-ئېرىق ئىشلىرىنى گۈلدەك باشقۇرۇپ كېلىۋاتقان دېھقان تۇراپ ئاخۇنكام بىلەن مەلىكىخان ئاچاملار ئولتۇرۇشلۇق.ئۇلارنى يوقلىغاچ ئۆتۈپ كەتسەك قانداق؟
ئەزىمەت: (مەمنۇنلۇق بىلەن)بۇ بەك بەلەن گەپ بولدى باستكا،سىز بۇكەنتتكى يۇرتداشلارنىڭ ئەلمى-تەلمىنى مەندىن پىششىق بىلىسىز،قېنى يول باشلاڭ.
4-كۆرۈنۈش:
ئۇلار دەرۋازىدىن«ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!»دەپ قەدەم ئېلىپ ھويلىغا كىرىدۇ.
5-كۆرۈنۈش:
ھويلا ئىچىدە دانلاۋاتقان توخۇلار ئۇ ياقتىن-بۇياققا يۈگۈرۈشۈپ يۈرگەن كۆرۈنۈشى بېرىلىپ،قويلارنىڭ مەرىگەن ئاۋازى كېلىدۇ.
9-كۆرۈنۈش:   
ھويلىدا ئادەم كۆرۈنمىگەندىن كېيىن باست ئۆينىڭ ئىشىكىنى ئەدەب بىلەن ئۇرۇشقا باشلايدۇ.
باست:ئۆيدە ئادەم بارمۇ؟
مەلىكىخان: (يېزا ئاياللىرىغا خاس كىينگەن،قولىدا غەلۋىر كۆتۈرۈۋالغان ھالدا ھويلا بېغى تەرەپتىن چىقىپ قىزغىن كەيپىياتتا)ۋۇي،باستجان ئۇكام،سىزنى بۈگۈن قايسى شامال ئۇچۇرتۇپ كەلدى؟
باست: (كەينىگە بۇرۇلۇپ)ئەلۋەتتە تۇراپ ئاخۇنكام بىلەن ئۆزلىرىنىڭ شامىلى بولمامدۇ؟
مەلىكىخان:ئاتايىن بىزنى ئېسەدەپ كەلگىنىڭلارغا رەھمەت ئۇكىلىرىم.
باست: (ھويلىغا كۆز يۈگۈرتكەچ)مەلىكىخان ئاچا،تۇراپ ئاخۇنكام كۆرۈنمەيدىغۇ؟
مەلىكىخان: كونىلاردا«ئىشنىڭ بېشى سەھەردىن»دەيدىغان گەپ بار ئۇكام،ئۇ ئادەم بامداتتىن كېيىنلا بالىلار بىلەن يەر ئاغدۇرۇپ كېۋەزگە ئۇرۇق سېلىشقا كەتكەن.ئەتىگەنلىك ناشتىغا كېلىدىغان ۋاقتىمۇ بولۇپ قالدىغۇ دەيمەن.
تۇراپ ئاخۇن: (قولىدا كەتمەن كۆتۈرۈۋالغان ھالدا ھويلىغا كىرىپ،ئۇلارنى كۆرۈپ خۇشخۇيلۇق بىلەن غۇلاچلىرىنى كېرىپ كېلىدۇ ۋە قىزغىنلىق بىلەن قول ئېلىشىپ كۆرۈشكەچ)ۋۇي،باستجانغۇ بۇ؟بۈگۈن ئۆيىمىزگە قەدىمىڭىز يېتىپ قاپتۇغۇ؟(ئەزىمەتكە قاراپ)بۇ ئىنىم كىم بولىدۇ؟
باست: (تىنىچلىقمۇ تۇراپ ئاخۇنكا؟ھازىر سىلىنىڭ گەپلىرىنى قىلىشىۋاتاتتۇق،قۇلاقلىرى قىزىپ قالدىمۇ نىمە؟(كۈلۈشىدۇ)ھە...بۇ ئىنىمىز ئىدارىمىزگە يېڭىدىن خىزمەتكە تەقسىم قىلىنغان ئەزىمەتجان بولىدۇ.بۈگۈن كەنتتىكى ئاھالىلەرنىڭ يېقىنقى تۇرمۇش ئەھۋالىنى ئىگەللىگەچ،تۇرمۇشتا ھەل قىلىپ كېتەلمىگەن قىيىنچىلىقلىرىنى ئەمەلىي تەكشۈرۈپ،قىينچىلىقى بارلارنىڭ قىيىنچىلىق ئەھۋالىنى يۇقىرىغا دوكلات قىلىپ،ئاممىغا ئەمەلىي نەپ يەتكۈزۈش ئۈچۈن ھەر قايسىڭلارنىڭ ئۆيىگە قەدەم تەشرىپ قىلىپ قالدۇق.بۇ پارتىيەنىڭ ئاممىۋى لۈشيەن تەربىيە-ئەمەلىيەت پائالىيىتىنىڭ بىر تۈرى.
مەلىكىخان:ھۆكۈمەت بىز دېھقانلارنى ئۇنتۇپ قالماپتۇ(كۆزىگە ياش ئالىدۇ).ھەر نىمە بولسا قانداق ئولتۇردۇڭلار دەپ بىزدىن ھال سوراپ كەپسىلەر،رەھمەت ئۇكىلىرىم.(خىجىللىق ئارىلاش)ۋۇي،مېھمانلارنى ئۆيگە باشلايلى تۇراپ ئاخۇن.ئاۋۇ كاتەكتىكى توخۇدىن بىرنى شارتتىدە بوغۇزلاڭلار،ياخشى مېھماننى ئوبدانراق كۈتۈۋالمىساق بولماس.
باست: (كۈلۈپ)مەلىكىخان ئاچا،كۆڭۈللىرى تېگىل بولدى.ھازىر سىياسەت كۈندىن-كۈنگە ياخشىلىنىپ كېتىۋاتىدۇھۆكۈمەتنىڭ خىلمۇ-خىل تولۇقلىما ياردەم سىياسىتى دېھقانلارنىڭ بېيىش يولىغا داغدام يول ئېچىپ بەردى.ئەمما بەزى ئىجتىمائىي سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ئايرىم ساندىكى پۇقرالارنىڭ تۇرمۇشى يەنىلا قاتمال ھالەتتە تۇرماقتا.پارتىيە خەلقنىڭ سىرداش دوستىغا ئايلىنىپ،ئۇلارنىڭ دەردى-ھالىغا يېتىش،قايغۇ-ھەسرىتىگە كۆڭۈل بۆلۈش،ئاجىزلارنى ي ۆلەش،قىيىنچىلىقى بارلارنىڭ قىيىنچىلىققا ئۇچرىشىنىڭ ئوبىكتىپ سەۋەبىنى تېپىپ چىقىپ،قىيىنچىلىقتىن ئۆتۈۋېلىشىغا يېقىندىن ياردەم بېرىش ئاممىۋى لۈشيەنىدە چىڭ تۇرۇۋاتىدۇ.
ئەزىمەت:باستكام توغرا ئېيتىدۇ تۇراپ ئاخۇنكا،تۇرمۇشتا ھەل قىلىپ كېتەلمىگەن قىيىنچىلىقلىرىنى بىزگە ئىنكاس قىلسىلا بولىدۇ.
تۇراپ ئاخۇن: (ھاياجاندىن لەۋلىرى تىترەپ)ماقۇل،كادىر ئوغلۇم.مۇشۇ ھويلا ئىچىگە يەر تەۋرەشكە چىداملىق ئۆيدىن بىر يۈرۈش سېلىۋېلىش ئويۇم بار ئىدى،ئەمما ئۆي سالغۇدەك يېتەرلىك ئىقتىساد يوق دىسىلە.
باست:يەر تەۋرەشكە چىداملىق ئۆيقۇرۇلۇشىنىڭ دۆلەت بېكىتكەن تولۇقلىما ياردەم سىياسىتى بار،ئىقتىسادتىن غەم قىلىپ كەتمىسىلە.
تۇراپ ئاخۇن: (ھاياجانلىنىپ)ھە...ئۇنىڭ يوللىرى قانداق بۇنى يا بىلمەيدىكەنمىز بىز دېھقان خەق.
باست:بۇنىڭ ئۈچۈن سىلى ئاۋال كەنت كومتىتىغا ئىلتىماس سۇنۇشلىرى كېرەك.
مەلىكىخان:ۋۇي دادىسى،يېقىندا قوشنىمىز بارات ئاخۇنلار ئىلتىماس سۇنۇپتۇدەك،بىزمۇ سۇنايلى دىسەم ئىشەنمىگەن ئىدىلە،قانداق،مېنىڭ دىگىنىم راستمىكەن؟
تۇراپ ئاخۇن: (ساقىلىنى مەمنۇنلۇق ئىلكىدە سىيلاپ)توۋا،ھازىر سىياسەت نىمانداق ياخشىلىنىپ كەتكەن ھە ئاپىسى؟
مەلىكىخان:مەنمۇ شۇنى دىمەكچىدىم.
ئەزىمەت:ھازىر خەلق تۇرمۇشى كۈندىن-كۈنگە ياخشىلىنىپ بېرىۋاتىدۇ.ئۇمۇمىي جەھەتتىن جەمئىيىتىمىز ھاللىق جەمئىيەتكە قاراپ تېز سۈرئەتتە تەرەققىي قىلماقتا.ئەمما ئاز بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ قانۇن ئېڭىنىڭ يۇقىرى بولماسلىقى،ناتوغرا ئىدىيە،ئېزىقتۇرۇشلارنىڭ تۈرتكىسىدە قانۇنسىز دىنىي پائالىيەتكە قاتنىشىپ،جەمئىيەتتە مۇقىمسىزلىق پەيدا قىلىپ،خەلقنىڭ ھاياتى،مال-مۈلكى زىيانغا ئۇچرىماقتا.بىز بۇنداق قانۇنسىز قىلمىشلارنى قەتئىي توسۇشىمىز كېرەك.جەمئىيەت مۇقىم،خەلق ئۆم-ئىناق بولسا خەلق تۇرمۇشى پاراۋان بولىدۇ ئەمەسمۇ؟
تۇراپ ئاخۇن:ئەزمەتجان ئىنىم جېنى بار گەپ قىلدى.كوممۇنا ۋاقتىدىن باشلاپ ھازىرغىچە نۇرغۇن ئىسسىق-سوغۇقلارنى بېشىمدىن ئۆتكۈزگەن ئادەممەن.ئۆتمۈش بىلەن ھازىرقى جەمئىيەتنى سېلىشتۇرسام نۇرغۇن تەرەققىياتلار مەيدانغا كەلدى.خەلق تۇرمۇشى پاراۋان،ئىقتىساد تەرەققىي قىلدى.ئىلگىرى بىر ئائىلىدە موتسىلىكىت تۇرماق ۋەلىسپىتمۇ تەسلىكتە تېپىلاتتى دەڭلار،ھازىرقى تەرەققىياتقا ئادەمنىڭ ئىشەنگۈسىمۇ كەلمەيدۇ.دېھقانلارنىڭ تۇرمۇشى ھاللىنىپ،ھەر بىر ئائىلە بېشىغا بىردىن تىراكتۇر توغرا كېلىدىغان ۋەزىيەت شەكىللەندى مانا!
باست:تۇراپ ئاخۇنكا،بۇ ئىدارىمىزدىكى ئىچى-خىزمەتچىلەرنىڭ كۆڭلى،ئاز بولسىمۇ كۆپلە تاۋاب قىلىپ ئالسىلا.
تۇراپ ئاخۇن: (رەت قىلىپ)رەھمەت ئۇكىلىرىم رەھمەت!كۆڭلۈڭلار تېگىل بولدى.ئېشىنچىمىز بولمىسىمۇ ھەر ھالدا ئۆزىمىزگە يېتىدۇ.
ئەزمەت: (مەلىكىخانغا قاراپ)مەلىكىخان ئاچا،بۇ بىزنىڭ ئازغىنە كۆڭلىمىز،كۆڭلىمىزنى قايتۇرماسلىقىڭلارنى ئۈمىد قىلىمىز.
مەلىكىخان: (خىجىللىق ئىلكىدە باسىتتىن كونۋېرتنى ئېلىپ)رەھمەت ئۇكىلىرىم،ئىدارىدىكى خىزمەتدىشىڭلارغا بىزنىڭ چىن قەلبىمىزدىن رەھمەت ئېيتقىنىمىزنى يەتكۈزۈپ قويۇڭلار...(كۆزىگە ياش ئالىدۇ)
تۇراپ ئاخۇن: (قىزىقچىلىق قىلىپ)«ياق-ياق دەيدۇ،موك-موك يەيدۇ»دەۋاتاتتى،ئالمايمەن دەپ تۇرۇپ موكلا ئالدىڭلارغا ئانىسى خىجىل بولماي؟
باست:تۇراپ ئاخۇنكا،مەلىكىخان ئاچا،ھەرگىز خىجىل بولماڭلار،قانداق قىينچىلىق تارتساڭلار تارتىنماي بىزنى ئىزدىسەڭلار بولىدۇ.سىلەرگە ئەلا مۇلازىمەت قىلىش بىزنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان بۇرچىمىز.تۇراپ ئاخۇن:رەھمەت ئۇكىلىرىم...رەھمەت...ۋۇي،ماۋۇ قائىدىسىزلىكىمىزنى كۆرمەمدىغان؟تەك ئاستىدىكى كارۋاتقا بولسىمۇ كېلىڭلار ئۇكىلىرىم،بىر پىيالە قىزىق چېيىمىزغا بولسىمۇ داخىل بولۇڭلار.
باست بىلەن ئەزىمەت تەڭلا:رەھمەت تۇراپ ئاخۇنكا،مەلىكىخان ئاچا،بىز ھازىر سىلەرنىڭ تېرىلغۇ يېرىڭلارغا بېرىپ يېتىشەلمىگەن ئىشلىرىڭلارغا يېقىندىن ھەمدەمدە بولىمىز.تۇراپ ئاخۇنكا،ناشتا قىلىپ بولۇپ كەينىمىزدىن بېرىڭ.سىلەرنىڭ يېتىشەلمىگەن ئىشلىرىڭلارنى تۈگىتىپ ،بىزنىڭ غەمخورلۇقىمىزغا،كۆڭۈل بۆلۈشىمىزگە مۇھتاج ئائىلىلەرگە بېرىپ ئۇلارنىڭ يۈرەك ساداسىنى ئاڭلىمىساق بولمايدۇ.
تۇراپ ئاخۇن: (خىجىللىق ئارىلاش كۈلۈپ)سىلەرنى ئېتىزنىڭ ئىشىغا سالغىلى بولامدىغان ئۇكىلىرىم؟كەتمەن تۇتساڭلار بىر دەمدىلا ئالقىنىڭلار قاپىرىپ چىقىدۇ.ھېلىمۇ بىزنى ئويلاپ مۇشۇنداق كېلىپ تۇرغىنىڭلارنىڭ ئۆزى بىز ئۈچۈن چوڭ ئىش.
باست: (قەتئىيلىك بىلەن)سىلەر بىزدىن ھەرگىز خىجىل بولماڭلار تۇراپ ئاخۇنكا،بىز ئەمىسە ئالدىلىرىدا مېڭىپ تۇرايلى.
تۇراپ ئاخۇن:يەر تېرىپ باقمىغان ئادەم جاپا تارتىپ قالىسىلەر،ئاتايىن بوسۇغىمىزغا قەدەم باسقاندا ئېتىزغا بارىمىز دىگەن گەپنى قىلماڭلار،بۇ جاپا-مۇشەققەت بىز دېھقانلار بىلەنلا كەتسۇن!(يادىغا بىر ئىش كېلىپ)جىندەك تۇرۇپ تۇرۇڭلار ئۇكىلىرىم.(ئۇ شۇنداق دەپلا كاتەكتىن ئىككى دانە توخۇ تۇتۇپ پۇتىنى باغلاپ ئېلىپ چىقىدۇ-دە،باستقا ئۇزىتىدۇ.مەلىكىخان لىق بىر خالتا ئۆرۈك قېقى ئېلىپ چىقىپ ئۇلارغا تەڭلەيدۇ)بۇنى ئېلىڭلار ئۇكىلىرىم،بۇنداقلا قۇرۇق قايتساڭلار كۆڭلىمىز ئۇنىمايدۇ.ئۆيگە بارغاندا يەرسىلەر...
باست بىلەن ئەزىمەت: (قەتئىي رەت قىلىپ)كۆپ رەھمەت،بىز بڭلارنى ئالالمايمىز،سىلەر ئۇماچ ئىچسەڭلار بىزمۇ ئۇماچ ئىچىپ سىلەرنىڭ دەردۇ ھالىڭلارغا يېتىشكە ھەرۋاقىت تەيياربىز.ھەشەمەتچىلىك،ئىسراپخورلۇق بار يەردە ئىلگىرىلەش بولمايدۇ..(مەلىكىخانغا قاراپ)بىزنى بار دەپ توخۇ-قويلارنىڭ سانى ئازلاپ كەتمىسۇن.چۈشلۈك تامىقىمىز قېتىق بىلەن زاغرا بولسىمۇ بولۇۋېرىدۇ.ئارتۇقچە جۇۋاپ كەتمىسىلە.(ئەر-خوتۇن ئىككىسىگە تەڭ قاراپ)ئەمىسە بىز سىلەرنىڭ تېرىلغۇ يېرىڭلارغا كەتتۇق.(تېز قەدەملەر بىلەن چىقىپ كېتىدۇ،تۇراپ ئاخۇن بىلەن مەلىكىخان قوللىرىدىكى سوۋغاتلارنى كۆتىرىپ ئۇلارنىڭ كەينىدىن يۈگۈرگىنىچەئۆزىنى دەرۋازا سىرتىغا ئاتىدۇ.)
7-كۆرۈنۈش:
ئەر-خوتۇن ئاللىقاچان موتسىكىلىت مىنىپ ئۇزاپ كەتكەن باست بىلەن ئەزىمەتنىڭ كەينىدىن قارىسى يىتكىچە ھەيرانلىق،مەمنۇنلۇق ئىلكىدە قراپ تۇيۇقسىز جىددىيلىشىدۇ.
تۇراپ ئاخۇن:خوتۇن،تېز ناشتىلىق تەييارلاڭلار،بىزمۇ كادىر ئوغۇللىرىمىزنىڭ كەينىدىن يېتىشىۋالايلى.
مەلىكىخان:ماقۇل داددىسى.
ئۇلار ھويلا ئىچىگە كىرىپ كېتىشىدۇ.
8-كۆرۈنۈش:
باست بىلەن ئەزمەتنىڭ يەر تېرىۋاتقان مەيداندا دېھقانلار بىلەن تەڭ كەتمەن چېپىپ ئىشلەۋاتقان،ئامما بىلەن قىزغىن ھال-ئەھۋال سورىشىۋاتقان،ئېتىز قىرىدا سوغۇق سۇ بىلەن گىردە يىگەچ ئاممىدىن ئەھۋال ئىگەللەۋاتقان،ئاممىنىڭ چېھرىدىن رازىمەنلىك كۈلكىسى جىلۋىلەنگەن كۆرۈنۈشى يېقىملىق خەلق ناخشىسىنىڭ ئاھاڭىغا تەڭكەش قىلىنغان مۇزىكا ساداسى ئىچىدە ئاۋازسىز بېرىلىپ فىلىم ئاياقلىشىدۇ.

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   parhat kazim تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-10-15 22:24  


ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2015-10-15 22:25:40 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ مىكرو تىياتىرىڭىزدا،«ئەل رايىنى بىلىش،ئەلگە نەپ يەتكۈزىش،ئەلنى مايىل قىلىش»نى جانلىق ئىپادىلەپسىز.

ۋاقتى: 2015-10-15 22:52:38 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
    ياخشى يېزىپسىز، «ئۈچ ئەل» خىزمەت گۇرۇپىسىنىڭ خىزمەتلىرى يارقىن ئەكىس ئەتتۈرلۈپتۇ.

ۋاقتى: 2015-10-15 23:37:52 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
باھار شامىلى ھەممە يەرنى قاپلىدى،
گۈللەر پورەكلەپ قەلەم تۇلپارى چاپچىدى.

ۋاقتى: 2015-10-16 09:47:22 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى  يىزىپسز。。。

ۋاقتى: 2015-10-16 11:20:04 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
   كۆپكە ماھىر يازغۇچى زۆھرەگۈل ھامۇتنىڭ قەلىمى تېخىمۇ كەڭ ساھەلەرگە ئۇلانغۇسى!

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-10-16 11:35:15 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يازمامغا نەزەرىنى ئاغدۇرغان دوستلارغا قىزغىن سالاملار بولسۇن!

ۋاقتى: 2015-10-16 14:10:13 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مىكرو تىياتىر ياخشى يېزىلىپتۇ. شايار ناھىيىلىك تېلېۋىزىيە ئىستانسىدىكى تاھىرجان نىيازنىڭ ئۆتكەندە بەرگەن بىر ئېلانىدا، مەخسۇس مۇشۇنداق تېمىدىكى مىكرو تىياتىر قوبۇل قىلىپ سۈرەتكە ئالىدىغانلىقىنى دەپتىكەن. شۇنىڭغىلا لايىق بولۇپتۇ....

ئەمدى مەن ئويلىغىنىمنى دەي:

باست بىلەن ئەزىمەت ئەرەنچە موتسىكىلىت مىنگىنىچە...«ئەرەنچە»

كۆپ رەھمەت،بىز بڭلارنى ئالالمايمىز،........ "بىڭلارنى"

خالتا «ئۆرۈك قېقى» ئېلىپ چىقىپ
.....«ئۆرۈك قېقى».

يۇقارقىلار مەن چۈشىنەلمىگەن ياكى ئىملادا خاتالىق بار دەپ قارىغانلىرىم.

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   م.توختى سەببەت تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-10-16 14:10  


 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-10-16 17:43:17 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
«ئەرەنچە»سۆزىنى ئارتۇق ئىشلەتكىنىمنى بىلدىم،«ئالما قېقى»،«شاپتۇل قېقى»دىگەندەك قاقلار بولغاچقا،«ئۆرۈك قېقى»دەپ ئالغان ئىدىم.«بىڭلارنى»دىگەن سۆزدە ھەرپ خاتالىقى يۈز بەرگەن.«سىلەرنىڭ سوۋغىتىڭلارنى»دەپ يازغان ئەسلى.ئەپۇ قىلىڭلار... بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   زۆھرەگۈل ھامۇت تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-10-16 17:44  


ۋاقتى: 2015-10-16 17:49:00 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
م توختى سەببەت ئوتتۇرغا قويغان ئۈچ نوقتا ؛  1- ئەرەنچە موتسېكىلىت. مەنچە «ئەرەنچە»دېگەن سۆز ئارتۇقلىق قىلغان دەپ قارىدىم. ئېلىش كېرەك بولسا موتسېكىلىتنىڭ ماركىسىنى تىلغا ئېلىپ تۇرۇپ «باسىت بىلەن ئەزىمەت (ئېكىس)ماركىلىق موتسېكىلىتقا مىنگەشكىنىچە...»دەپ ئېلىش مۇۋاپىقمىكىن،دېدىم. چۈنكى موتسېكىلىتنى مىنگۈچىلەرئىككى ئەر بولغانىكەن، ئەرەنچە دەپ ئەسكەرتىشنىڭ ئورنى يوق،يەنە كېلىپ سىن كۆرۈنۈش يازمىسىدا.
2- نوقتا: بۇ يەردە ئىملا خاتالىقى يۈز بەرگەن ھەم باشقا سۆز-جۈملىلەردىمۇ بۇنداق خاتالىق خېلى بار.
3- نوقتا ؛ «ئۆرۈك قېقى» بۇ سۆز خاتا ئەمەس، ئادەتتە يەرلىك تىلدا«گۈلە» دەپمۇ ئاتايمىز.
يەنە يازمىنىڭ ئاخىرىدىراق«...قوللىرىدىكى سوغاتلىرىنى كۆتۈرۈپ...»دېگەن جۈملىدىكى «سوغات»سۆزى بۇ يەرگە چۈشمەي قاپتۇ.مېنىڭچە بۇ سۆزنى ئىشلەتمەيمۇ بۇ جۈملىنى راۋانلاشتۇرغىلى بۇلىدۇ،دەپ قارىدىم ئۆزەمچە.
زۆھرەگۈلنىڭ قەلەم تۇتقان مۇبارەك قوللىرى تالمىسۇن، ئىجادىيتىگە ئۇتۇق يار بولسۇن.

ۋاقتى: 2015-10-16 18:00:34 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يېڭى قەدەمگە ئۇتۇقلار يار بولسۇن!!

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-10-16 18:01:21 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تۆرىبەگ قىزى يوللىغان ۋاقتى  2015-10-16 17:49
م توختى سەببەت ئوتتۇرغا قويغان ئۈچ نوقتا ؛  1- ئەرەنچە م ...

كۆپ رەھمەت ئېيتىمەن دوستلار.نەدە كەتكۈزۈپ قويغىنىمنى بىلىۋالدىم.

ۋاقتى: 2015-10-16 21:48:53 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى يېزىپسىز ھەدە ، ھارمىغايسىز!

ۋاقتى: 2015-10-16 22:54:36 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مىنىڭچە «ئ‍ەرەنچە » دىگەن سۆز ئ‍ارتۇقچە ئ‍ەمەس، ئ‍ادەتتىمۇ شۇنداق ئ‍ىشلىتىمىز.

ۋاقتى: 2015-10-19 17:56:28 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
    زوھرە گۇل :  مەن سىزنىڭ ئەسەرلىرىڭىزنى كورۇپ تۇرىمەن ، سىنارىيەلەرنى خېلى ياخشى

ياخشى يازىسىز ، ماۋۇ يازغىنىڭىز قانداق تىياتىرغا مەنسۇپ بولىدۇ ؟ ئېنىق چۇشەنچى بېرىۋتىڭ

    سىڭلىم راس گەپنى قىلسام ، بۇ  سىزنىڭ ئىجادىتىڭىزدىكى ئەڭ  مەغلۇپ بولغان ئەسەر

بولۇپ قالىدىغان ئوخشايدۇ ، كەچۇرىڭ سىڭلىم ، بۇ  مېنىڭ سىز گە ياقمايدىغان سوزۇم

بولىشى مومكىن ، قالغىنىنى ئۇزىڭىز ئويلاپ كورۇڭ !

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش