ئالدى بىلەن بۇ تېمىغا ئاكتىپ پىكىر يۈرگۈزگەن بارلىق دوستلارغا دوستانە سالامىمنى يوللىۋالاي،ئاندىن ئا.ئاتەش ئىسىملىك تورداشنىڭ گېپىگە قىسقىچە ئىزاھات بېرىپ ئۆتەي:
بۇ ئەسەر ژانېر جەھەتتە مىكرو تىياتىر ،ئەسەر بۇلتۇر ناھىيەلىك مەدەنىيەت-تەنتەربىيە،رادىئو-تېلىۋېزىيە ئىدارىسى تەرىپىدىن سۈرەتكە ئېلىنىپ،ۋىلايەتلىك تەشۋىقات بۆلۈمى تەرىپىدىن تەستىقىلىنىپ ،ۋىلايىتىمىزنىڭ ھەر قايسى تېلىۋېزىيە قاناللىرىدا قويۇلغان بولۇپ،ئۇنىڭغا قارىتا ھىچقانداق قارشى پىكىر بولمىغان ئىدى.مەن ئەينى چاغدا سۈرەتلىك نۇسخىسىنى ساقلىۋالمىغان بولغاچقا،مەزمۇنىنى يوللىغان ئىدىم،ئەمەلىيەتتە سۈرەتلىك نۇسخىسىنى يوللاش ئويۇم بار ئىدى.ئەمدى مەقسەتكە كەلسەم:سىزنىڭ ئەڭ مەغلۇب بولغان ئەسىرىڭىز دىگەن سۆزىڭىزگە مەن پەقەتلا قايىل بولمايلا قالماستىن،سىزنىڭ بىر تەرەپلىمە پىكىر يۈرگۈزمەسلىكىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن.
|