يازغۇچىلار تورى

كۆرۈش: 1141|ئىنكاس: 27

ئۆزبېك ياش شائىرلىرىنىڭ شېئىرلىرى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 2015-10-15 16:44:07 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |كۆرۈش شەكلى
ئۆزبېكچىدىن ئۇيغۇرچىلاشتۇرغۇچى:
ئابدۇرۇسۇل مۇھەممەد ئەلتۇغ

ئۆزبېك ياش شائىرلىرىنىڭ شېئىرلىرى

(ئىلاۋە: بۇ شېئىرلارنى ئىلگىرى مۇشۇ مۇنبەرگە پارچە-پارچە ھالەتتە ئۇيغۇرچىغا ئاغدۇرۇپلا، سىدام ھالىتى بويىچە ھېچقانداق ئىش قوشماي يوللىغان ئىدىم. مەقسىتىم: كۆپچىلىكنىڭ بىزنىڭ 80-،90-يىللىق ياش شائىرلىرىمىز بىلەن ئۆزبېك چاغداش شائىرلىرىنىڭ شېئىرلىرىنىڭ ئەھۋالىنى سېلىشتۇرۇشىغا قولايلىق يارىتىش ئىدى. بۇ قېتىم ھەممىسىنى بىر تېما ئاستىغا يىغىپ، بىر قىسىملىرىنى چىقىرىۋېتىپ، قايتا تەھرىرلەپ يوللىدىم. بۇنىڭدىن كېيىنمۇ تەييارلاپ قالسام، مۇشۇ تېما ئاستىغا يوللايمەن. –ئابدۇرۇسۇل مۇھەممەد ئەلتۇغ)

شاھزادە قارابايىۋا

شاھزادە قارابايىۋا 1990-يىلى سېنتەبىردە تاشكەنت شەھىرى يۇنۇسئابادتا تۇغۇلغان. 1997-يىلى مەكتەپكە قەدەم قويغان شاھزادە 2000 -يىلى 1-سىنىپتىن 4-سىنىپقىچە بولغان نەتىجىسى ئالاھىدە بولغاچقا، 6-سىنىپقا ئاتلىتىلغان. 2001-يىلى ئانا تىل ۋە ئەدەبىيات ئولىمپىيەسىدە شەھەر بويىچە بىرىنچى ئورۇندا تۇردى. 2002-يىلى ئىنگلىز تىلى پېنىدىن شەھەر ئولىمپىيەسىگە قاتنىشىپ 2-بولغان. ھازىر كانادادا ياشىماقتا.

ئەيىبىم قايسى دېمىگىن

چېچىمنى يۇلسام، كۆز ياشلار تۆكسەم،
قولياغلىق تۇتمىغىن بوشقىنە سىلاپ.
تەبەسسۇم ئەيلىسەڭ كۆزۈمنى سۈزسەم،
ئەيىبىم نە دېمىگىن، قەلبىڭنى تىلغاپ.

يېنىمغا كەلمىگىن، ئېيتما ھېكمەتلەر،
ئارزۇ دۇنياسىدىن گەپ قىلما ھېچ ھەم.
بېشىمغا ياغدۇرما ئەسلا سوئاللار،
جاۋابسىز قالدۇرسام ھېچ چەكمىگىن غەم.

بولدى بەس، يېنىمغا كەلمىگەن پەقەت،
سۆيگۈم ئىگىلەشكە ئۇرۇنما ئەسلا.
يارامغا ھە دەپ تۇز سەپكەندىن كۆرە،
مېنى تېنچ قويغىن، شۇ كاتتا داۋا.

چۈشەن، ئاخىر سېنى سۆيۈپ قالماسمەن،
يۈرىكىمنى ساڭا تاپشۇرالماسمەن.
قەلبىم يارىلانغان، ئەمدى ھېچقاچان
ئاھ، ھېچ كىشىگە دىل بېرەلمەسمەن.

تۈنلەرنى ئاخىر ئۆتكۈزدۈم بىدار،
ھەر كۈن ئۇنى كۈتتۈم ئىنتىزار.
خارلانغان يۈرىكىكم يىغلايدۇ قان-قان،
غەم-ئەلەم دىلىمنى تىلغايدۇ ھەر ئان...

قوبۇل ئەت ئۆتۈنەي، مەدەت بەر ئۆزۈڭ،
مېنى تىنچ قوي، لېكىن ياشلىما كۆزۈڭ...

كامىلجان ئاسلانوۋ

كامىلجان ئاسلانوۋ 1987-يىلى 6-ئاپرېلدا قەشقەدەريا ۋىلايىتى يەككەبەگ دېگەن جايدا تۇغۇلغان. 2003-يىلدا 15-ئوتتۇرا ئومۇمىي پەن مەكتەپنى ئەلا نەتىجە بىلەن پۈتتۈرۈپ، شۇ يىلى قارشى شەھىرىدىكى «نۇرىستان» ئاكادىمىيىسىگە ئوقۇشقا كىرگەن. ھازىر تاشكەنت ئاخبارات تېخنىكا ئۇنۋېرستېتىنىڭ ئاخبارات تېخنولوگىيەسى فاكۇلتېتىدا ئوقۇماقتا.
ئانا قۇدرىتى

جانزاتلار رەھبىرى ئالىي ئادەمزات،
دۇنيا يارالغان ئانا مېھرىدىن.
ئىنسانلار قەلبىنى ئەيلىگۈچى شاد،
بۇلبۇللار خانىشى ھەقنىڭ سېھرىدىن.

بارلىققا نۇر ئاتا ئەتكۈچى قۇياش،
ۋە تۈننى زىياغا ئالماشتۇرغان ئاي.
ئالغاندۇر ئانىنىڭ مېھرىدىن ئاتەش،
ئانا كۈلكىسىدىن ئالغاندۇر چىراي.

ئانا بىلەن گۈزەل بۇ يورۇق ئالەم،
ئانا بىلەن گۈزەل شائىر شېئىرلىرى.
ئانا سۈتىدىندۇر ھايات نۇرى ھەم،
ۋەتەن ھەم ئانىنىڭ باسقان ئىزلىرى.

تۆتلىكلەر
1
قىلغۇسى ھەر ئىشتا مېڭە بولسا گەر،
ھەتتاكى مەلھەمدۇر بىمارغا زەھەر.
بارىغا شۈكرى قىل، كۆپنى كۆزلىمە،
كەلتۈرەر پالاكەت ئالتۇنۇ-گۆھەر.
2
شاھ بولۇپ تۇغۇلماس ھېچكىم دۇنيادا،
ھايات ئۆزى خارلار، ئەيلەر زىيادە.
شۇڭلاشقا ھەر قىلغان ئىشىغا قاراپ،
كىمدۇر يۈرەر كۆكتە، كىمدۇر پىيادە.
3
راست سۆزلەشنى ئۆزۈڭگە قىلغىن سەن ھەمراھ،
لېكىن يالغاننى راست دېمە، ئېغىر گۇناھ!
ھەتتا شاد بولۇشقا ئىشلەتسەڭ يالغان،
بۇ ئىشىڭنى كەچۈرمىگەي بىلگىن، ئاللاھ!
4
ھەر كىمگە دىل سىرىڭ ئېيتىپ بەرمە سەن،
ھەتتاكىي چىن دوستلارنى ساتمىغىن، لېكىن.
ئىتنى ۋاپا دەپ ئىشەنمە ئاڭا،
ئىت ئىتلىقىنى قىلار ئەتە يا ئۆگۈن.
5
ئېگىز تاغ باغرىدا ئىنسان يوق جايدا،
مەدەنلەر ياتىدۇ قارىشىپ لايدا.
بىلىمىڭ بولسىمۇ گەر ئىشلەتمىسەڭ،
ئېيتقىن بۇ بىلىمدىن ساڭا نە پايدا؟
6
ئويلانغىن گېپىمگە قۇلاق سال بىر دەم،
ئىستىسەڭ ساقلىقنى ئۇخلىغىن سەن كەم.
تائامىڭ مېڭەڭدە، سۆزلىرىڭ كەمراق،
دېمەككى تەن ساقلىق ساڭا دوست-مەلھەم.
7
ئازادلىق ئىشقىدا بىچارە جاندار،
قەپەستە قىلىدۇ تۈنۈ –كۈن پەريات.
ئىنسانچۇ؟ نالىدىن بولۇپ بەھرىمان،
ئۆز كۆڭلىن كۆتۈرۈپ ئېتىدىكەن شاد.
8
كۆكتىكى بۇلۇتنى بولمايدۇ تۇتۇپ،
شاماللار كېلىدۇ، كېتىدۇ ئۆتۈپ.
ئۆمۈر ھەم ئۆتكۈنچى بۇلۇت مىسالى،
ئوقۇغىن، ئىزدەنگىن ئولتۇرماي كۈتۈپ.
8
ھۇشىنى ۋاقتىدا تاپماقلىق دەركار،
پۇرسەتنى ئۆتكۈزۈپ بولما ئەيىبدار.
بىمار ئۆلگەندە بەرگەن دورىنىڭ،
ئەسلا پايدىسى يوق، بولساڭمۇ بىسيار!
9
قەلبىمنى چۇلغىدى ئەلەم-ئىزتىراپ،
ئەھۋالىم بەك ناچار، قىلماقتا بىتاب.
دەردىمنى تۆككەنتىم قەغەز-قەلەمگە،
قەغەزلەر تولدى ۋە يارالدى كىتاب.
10
كۆپ ئوقۇغىن، لېكىن گەپنى قىل ئازراق،
ئىلىم ئېلىشتا سەن بولما قورقۇنچاق.
ئالىم بولاي دېسەڭ ھېچ بولمىغاندا،
دانالار گېپىدىن تىڭشىغىن ئازراق.
11
ئەگەر ئىش قىلماقچى بولساڭ ئەي، ئىنسان،
كىشىلەر گېپىگە قۇلاق سال ھەر ئان.
ئۇلارنىڭ ئۈگۈتىنى يادىڭدا ساقلا،
باشلار سېنى چۈنكى توغرا يول تامان.
12
كىمكى ئەگەر ساڭا يامانلىق قىلسا،
ياخشىلىق قىلى ئاڭا قولۇڭدىن كەلسە.
بىر كۈنى ئىشلىرىدىن ئەپسۇسلىنىپ،
ياردەم قولىنى سوزار غېمىڭنى بىلسە.
13
دۇنيا بايلىقلىرىنى يىغىپ قىلسا جەم،
ھەتتا يەر يۈزىنى تۆھپە قىلسا ھەم.
دەركار ئەمەس ماڭا ئۇلار ھېچبىر،
بارىدىن ئەزىزسەن، ئۇلۇغسەن ئانام.


مۇھەببەت

دۇنياغا كەلدىميۇ سۆيۈپ ئالمىدىم،
سۆيگەندە يۈرەككە قۇلاق سالمىدىم.
ئېيتتتىم، ئېيتقىنىمدىن سىر قالمىدىم،
سېنى چۈشەيمەن، سېنى مۇھەببەت...

ئاھ، ئۇزۇن تۈنلىرىم ئۆتىدۇ بىدار،
ھەر لەھزە دىلىمغا بېرىدۇ ئازار.
يوللىرىڭدا دائىم بولۇپ ئىنتىزار،
سېنى چۈشەيمەن، سېنى مۇھەببەت...

نىھايەت، زەررىچە سەندە يوق شەپقەت،
خەستە يۈرىكىمدە قالمىدى تاقەت.
قەلبىمنىڭ مەلھىمى يالغۇز سەن پەقەت،
سېنى چۈشەيمەن، سېنى مۇھەببەت...

كۆكتە پەرۋاز قىلار بىر جۈپ ئاپئاق قۇش،
مۇھەببەت زەۋقىدىن كۆڭۈللىرى خۇش.
مەندىچۇ، مۇھەببەت پەقەت شېرىن چۈش،
سېنى چۈشەيمەن، سېنى مۇھەببەت...

كېلىشىڭ مۈشكۈليۇ، كېتىشىڭ ئاسان،
يۈرەك-باغرىمنى سەن ئەيلىدىڭغۇ قان.
تاكىي ۋۇجۇدۇمدا بولار ئىكەن جان،
سېنى چۈشەيمەن، سېنى مۇھەببەت...


دىلفۇزە ئاۋېزجانوۋا
(قارا قالپاقىستان رېسپوبلىكىسىدىن)

قەلبىم يەنە... يەنە...

بىردىن قەلبىم لاۋۇلداپ ياندى،
بىلەلمىدىم سەۋەبىن، نېچۈن؟
بىردىن خىيال ئېغىشلىرىغا،
چۆكتى بېشىم ئىگىلگەنچە جىم.

دەردلەرنى ھەر مىسرالىرىمدا،
بايان ئەتتىم ناگىھان يەنە.
قايغۇ-ئەلەم ئىچىدە ھالسىز،
قالدى مىسكىن يۈرىكىم ئەنە...

سېغىنىشتا شۈنچە دەرد –ئەلەم،
بەرداشلىققا يەتمەي يۈرىكىم.
قانغا مېلىپ ئۇ دەردلىك قەلەم،
ھەسرەت چېكەر يەنە بۇ قەلبىم...

بەرداش بىلەن يېتەر بەختكە،
مېنىڭ پەقەت يۈرەكىم ھالى.
ھەسرەت چەكمە يانما ئەلەمدىن،
بېرەلمەيمەن ساڭا تەسەللىي...

سەن ۋاپالىق قەلبىم تۆرىدە،
پەقەت بىرگە بولىمىز ھەر ئان.
تېنىمدىسەن، جېنىمدىسەن يار،
بىرگە ھەسرەت چېكەرمىز، ئېھسان...

چەكمە ھەسرەت سەن يالغۇزلۇقتىن،
قويما مېنى ئازابلارغا سەن.
ئەسلەتمىگىن ئاشۇ دەردىمنى،
قالاي شېرىن  خىياللاردا مەن...

سايە بولماس قايغۇ بىزگە ھېچ،
دەردىمدە ھەم ئوت ئۇلۇغ يانار.
ئۇنتۇپ كېتەي ئاشۇنى پۈتكۈل،
غەمدىن ئادا يۈرىكىم قانار...

قەلبىم يەنە قان بولدى كۆڭۈل،
دەردلىرىم ھەم كۈل بولدى پۈتكۈل.
سەنسىز ئارزۇ قاناتى سۇنۇق،
ئۇچۇپ كەتتى ساماغا يەڭگىل.
قەلبىم يەنە قان بولدى، كۆڭۈل...

مەدىنە ئارىشوۋا
(نەمەنگان ۋېلايىتىدىن)

مېنىڭ ئانام

ئانام مېنىڭ ئاسماندىكى يۇلتۇزۇم،
قۇياشلىرى چاراقلىغان كۈندۈزۈم.
كېسەل بولسام پەرۋانىدۇر قېشىمدا،
سىزگە بولسۇن جىمىكى بار دىل سۆزۈم.

ئانام مېھرى تاغ قەلبنى ئېرىتكەي،
پەرىشتىدۇر، پەرىشتىگە قول تۇتقاي.
ھاياتتىكى غەم-قايغۇنى ئۇنۇتۇپ،
ھەر دائىما ئەقىل بىلەن يول تۇتقاي.

ئانام كۈلسۇن چاراقلىسۇن يەر يۈزى،
گۈلگە تولسۇن ئانام باسقان ھەر ئىزى.
پاناھىڭدا ئاسرا ئۇنى ئەي ئىگەم،
بەختىمىزگە ئامان بولسۇن بىر ئۆزى!

كامىلە ناسىروۋا


    كامىلە ناسىروۋا 1983-يىلى 6-ئاۋغۇسىتتا تاشكەنت شەھرىدە تۇغۇلغان. ئۆزبېكىستان مىللىي ئۇنۋېرستىتېنىڭ ژۇرنالىسىتلىق فاكۇلتىتىنى پۈتتۈرگەن. 2003-يىلىدىن 2013-يىلىغىچە«HORDIQ PLYUS »گېزىتىدە مۇخبىر، 2011-،2012-يىللاردا «HUMU+TV» گېزىتخانىسىدا مۇھەررىر بولۇپ ئىشلىگەن. 2012-يىلىدىن باشلاپ «7+7» گېزىتخانىسىدا تەرجىمە ۋە ئاخبارات بۆلۈمى مۇھەررىرى سۈپىتىدە پائالىيەت قىلماقتا.
ئۇنىڭ «ھامان ئۇچرىشارمىز» (2005-يىلى) ناملىق شېئىرلار توپلىمى ھەمدە «ئۆكۈنۈش»(2008-يىلى) ناملىق ھېكايىلەر توپلىمى نەشر قىلىنغان. «ياشلار كىتابى» ھەمدە «ئاناجان» ناملىق توپلاملاردا شېئىرلىرى ئېلان قىلىنغان. ئاگاتا كىرىستى، بېرم سىتوكېر ھەمدە ھىندى ۋە يېقىن شەرق يازغۇچىلىرىنىڭ ئەسەرلىرىنى تەرجىمە قىلغان.


سۆيىمەن دېمەڭ

ئارتۇق مېنىڭ غېمىمنى يېمەڭ،
سۆيمىگەنمەن ھېچقاچان سىزنى.
قويۇڭ، سېنى سۆيىمەن دېمەڭ،
ئېيتماڭ ماڭا ئەمدى شۇ سۆزنى.

ئەجەبلىنىپ  باقماڭ كۆزۈمگە،
مەن ئۆزگىگە بەرگەنمەن دىلنى.
ئىستىگەنگە ياكى ھەر كىمگە،
تارتۇق قىلىپ بولماس كۆڭۈلنى.

سىز باقىسىز كۆزۈمگە ھەيران،
سۆزىڭىزگە قۇلاق سالمايمەن.
دىلىڭىزنى قىلساممۇ ۋەيران،
سىزنى ئەسلا سۆيۈپ قالمايمەن.

شائىرغا نە كېرەك؟

شائىرغا نە كېرەك ئۆتكۈنچى شۆھرەت،
نە كېرەك ئارتۇقچە شەرەپ، لاۋازىم؟!
ئۇ دەردىن ئېيتماقنى ئىستەيدۇ پەقەت،
دىللارنى تىترەتسە دەيدۇ ئاۋازىم.

شائىرغا نە كېرەك ماختاش، خۇشامەت،
ئۇ سەجدە قىلمايدۇ دۇنياغا، پۇلغا.
تۇتقۇن ياشىماققا قىلمايدۇ تاقەت،
نەپرەتتە باقىدۇ ھەر قانداق قۇلغا.

شائىرنىڭ قەلبىدە مۇھەببەت-نەپرەت،
بىرمۇ بىر يازىدۇ دىلدا بارىنى.
ئۇ دەردىن ئېيتماقنى ئىستەيدۇ پەقەت،
يۈرەككە تاپشۇرۇپ ئىختىيارىنى.


يۈرەكتىن ئايرىلدىم سەندىن ئايرىلىپ

تەقدىرگە پۈتۈلگەچ ئايرىلىش، پىراق،
ھەرگىز يىغلىمىدىڭ، سەن- شۈنچە مەغرۇر!
مەن شۈنچە ئاجىزمەن، شۇنچە قورقۇنچاق،
كۆزۈمدە ياشلىرىم، قەلبىمدە غۇرۇر!

تەقدىر شۇنداق!- دېدىڭ ئازابلىق ھېستا،
-ھە، قىسمەت شۇ ئىكەن،- دېدىڭ ئېزىلىپ.
سەن قىيناقلىرىڭنى بىلدۈردۈڭ سۆزدە،
مەن ھەتتا يۈرمىدىم ئەندىشە قىلىپ.

تەقدىرگە تەن بېرىپ، كەتتىڭ قايرىلىپ،
مەنچۇ؟ قېتىپ قالدىم تۇرغان جايىمدا.
يۈرەكتىن ئايرىلدىم سەندىن ئايرىلىپ،
قارىغىن: يۈرىكىم يىغلار پايىڭدا!


بىلمەيسەنكى...

بىلمەيسەنكى يۈرىكىم ئاغرار،
يۈرەك ئاغرار سېنى ئويلىسام.
بىلمەيسەنكى ئويلىرىم ئېغىر،
خىيال ئېغىر سېنى ئويلىسام.

بىلمەيسەنكى ماڭا مۇھەببەت،
ئەڭ كونا ۋە ئەڭ شېرىن ئارزۇ.
بۇ ئارزۇدىن ئېزىلدىم پەقەت،
يۈرىكىمنى قىيمىلايدۇ ئۇ.

بىلمەيسەنكى كۆڭلۈم ئۈمىدۋار،
نەلەرنىدۇر ئىستەپ يانىدۇ.
گاھى ئېتەر دەردىنى ئاشكار،
گاھى پەقەت «يوق!» دەپ تانىدۇ.

بىلمەيسەنكى ئەھۋالىم زەبۇن،
يۈرىكىمگە ئوت قالار ھىجران.
ئايرىماستىن ئەسلا كۈنۈ-تۈن،
يۈرىكىمنى قىيمىلار ھىجران.


مۇھەببەتنى ئەيىبلەيمۇ؟

كۆزلىرىڭگە كۆزلىرىمنى قادىيالمىسام،
يا ئىسمىڭنى چۈشلىرىمدە ئېيتالمىسام،
خىيالىڭنى ھاياتىمدىن ھەيدەلمىسەم،
مۇھەببەتنى ئەيىبلەيمۇ، يا ئۆزۈمنى؟

يوللىرىڭدا ئاياغلىرىم ئىزى قالسا،
كۆزلىرىڭدە كۆزلىرىمنىڭ سۆزى قالسا،
ئەڭ پاكىزە ھېسلىرىمنىڭ ئۆزى قالسا،
مۇھەببەتنى ئەيىبلەيمۇ يا ئۆزۈمنى؟

يۈرىكىڭدىن ئۆچۈپ كەتسە ئىسمىم بۈگۈن،
ئىشىق رىشتى ئۈزۈلسەيۇ قالسا تۈگۈن-
ئازابلاردا ئۆرتەنگەن بۇ جانىم ئۈچۈن،
مۇھەببەتنى ئەيىبلەيمۇ يا ئۆزۈمنى؟

ۋەيرانىدەك بولۇپ قالسا جانىم مېنىڭ،
ئارمانلارغا تولۇپ قالسا جانىم مېنىڭ.
سوغۇق سۆزدىن ئۆلۈپ قالسا جانىم مېنىڭ،
مۇھەببەتنى ئەيىبلەيمۇ يا ئۆزۈمنى؟

ئارىمىزدا سەرسان بولغان سۆيگۈ ئاخىر،
ئايرىلىشتا ھەيران بولغان سۆيگۈ ئاخىر،
سۆيگۈ ئۆچۈپ يۈرەكلەردە قالسا قەھىر،
مۇھەببەتنى ئەيىبلەيمۇ يا ئۆزۈمنى؟
مۇھەببەتنى ئەيىبلەيمۇ؟...

ئابدۇقاھھار رەھىموۋ
ئابدۇقاھھار رەھىموۋ 1983-يىلى 24-فېۋرالدا مەرغىلان شەھرىدە تۇغۇلغان. 1990-يىلى مەرغىلان شەھەرلىك 3-ئوتتۇرا مەكتەپكە كىرىپ ئۇ يەردە 1993-يىلىغىچە ئوقۇغان. شۇنىڭدىن كېيىن «ئىستىقبال» گىمنازىيىسىدە 5-سىنىپتىن باشلاپ ئوقۇشىنى داۋاملاشتۇرغان. 2000-يىلى تارىخ پېنىدىن  رېسپوبلىكا ئولىمپىك مۇسابىقىسىدە 3-لىكنى ئېلىپ ئوقۇشقا ئىمتىھانسىز كىرىشكە يوللانغان. 2005-يىلى دۇنيا ئىقتىسادىي ۋە دېپلوماتىيە ئۇنۋېرىستېتى خەلقئارا ھوقۇق فاكۇلتېتىنى پۈتتۈرگەن.


مۇھەببەتنىڭ ناخشىسى بار

ۋېسالىڭنى كۆرۈش ئۈچۈن چوغلىنىمەن،
توختىماستىن ئۆز دەردىمدە داغلىنىمەن.
ئىستىمىگىن، لېكىن ھامان باغلىنىمەن،
چۈنكى، مەندە مۇھەببەتنىڭ ناخشىسى بار.

ھەر سۆزۈڭنى دىلدا گۆھەر دەپ بىلىمەن،
خالىساڭ گەر بېشىمغا ھەم دار قىلىمەن.
سېنى دەپلا تۈندە بىدار دىل تىلىمەن،
چۈنكى، مەندە مۇھەببەتنىڭ ناخشىسى بار.

مەجنۇن بولدۇم شاھ مەشرەپتەك دىۋانىمەن،
رازىلىقىڭ ئىستەپ ھەر ئان ئاۋارىمەن.
تاڭ سەھەردە نەرە تارتىپ يالۋۇرىمەن،
چۈنكى، مەندە مۇھەببەتنىڭ ناخشىسى بار.

ئويلىماڭ سىز بۇ سۆزلەرنى ھاۋايى دەپ،
نېمە بولدى، سۆيگۈ دېگەن نەۋايى دەپ.
مەن ئېيتىمەن: مۇھەببەتسىز ياۋايى دەپ،
چۈنكى، مەندە مۇھەببەتنىڭ ناخشىسى بار.

سېنىڭ ئىشقىڭ

سېنىڭ ئىشقىڭ دىلغا ياقار، ھېچ ئىشىققا ئوخشىماس،
بار ۋۇجۇدنى تىترىتىپ گەر بالالاردىن ئاسرىغاي.
بۇنداق ئىشىقتىن ئايرىلىشنى ئىنسان زاتى ئىستىمەس،
گۈزەل نامىڭ ياڭرىغاندا قەلب تارى يايرىغاي.

جامالىڭنىڭ نۇرى مېنى ھۇشيارلىققا چىللايدۇ،
بۇ جامالنى ئارزۇ قىلىپ كىرپىك قاقماي كېچىلەر.
مىڭ شۈكرىكىم، سېنىڭ نامىڭ بۇ يۈرەكنى تىلغايدۇ،
ئېھ، بۇ ئىشىقتىن بىبەھرە بولۇپ قالغان نەچچىلەر.

تا قىيامەت بۇ ئىشىقنى ئاسرىماققا ۋەدەم بار،
ۋۇجۇد يانسۇن، ئىشقىڭغا مەن چىدىماققا تەييارمەن.
ئۇنۇتسام گەر بىر دەقىقە كۆزلىرىمگە دۇنيا تار،
ۋىسالىڭنى ئىزدەپ دائىم دۇنيا كەزگەن سەيياھمەن.

قۇش ھەم ھەۋەس قىلار

ئەپسۇسلۇق ھېس بىلەن قۇشقا تەلمۈردۈم:
-نېچۈن ئۇچۇش كۈچى بېرىلمەس ماڭا؟
قانىتىم بولسىتى ئۇچۇپ پەلەككە،
ئېگىزدىن قارايىتتىم ئانا زېمىنغا!

شۇ دەم يۈرىكىمدىن چىقتى بىر سادا،
پۈتۈن ۋۇجۇدۇمنى قاماپ ئالارغا:
-ئەي ئادەم، ياشىغىن سەبرۇ-ئىماندا،
قۇش ھەم ھەۋەس قىلار ھەر رەت ئىنسانغا!

تۆتلىكلەر


ھايات ئۆزگىرىدۇ كۈن-تۈن ئالمىشار،
ئىنسان خىياللىرى بولار پەرىشان.
ئويلىماي ئىنساننى ۋاقىت تېز چاپار،
لېكىن ئىنسان قەلبىدە ئالتۇن، شەرەپشان!
***
يۈرەكلەرنىڭ ساداقىتى يىغلاپ بوزلىدى،
پەقەت ئالىم دەرگاھىدىن مەلھەم كۆزلىدى.
دەرد قەھرىگە سىڭىپ كەتكەن پۈتۈن ئۆمرىنى،
ياشىدىيۇ، بۇ قاراڭغۇ تۈنگە سۆزلىدى...

گۈلنازە ئوبۇلقاسىم قىزى

دوستۇڭ ئەگەر دۈشمەنلىك قىلسا

يۈرىكىڭنى تىلغايدۇ ئەلەم،
قۇچىقىغا ئالار قايغۇ-غەم.
كۆزۈڭگە تار كۆرۈنەر ئالەم،
دوستۇڭ ئەگەر دۈشمەنلىك قىلسا.

سەن جېنىڭنى بېرىشكە تەييار،
ئۇندىن بىكار كۈتتۈڭ نومۇس، ئار.
بۇ دۇنيادا كىمگە ئىشەنچ بار؟
دوستۇڭ ئەگەر دۈشمەنلىك قىلسا.

بۇ كۈنلەر ھەم ئۆتىدۇ بىشەك،
ئۇ ئۇيىلىپ قالسا ھەم كېرەك.
لېكىن كۈنلىرىڭ قارا كېچىدەك،
دوستۇڭ ئەگەر دۈشمەنلىك قىلسا.

سۆيۈنگىنىڭ سۇنغاندەك ناگاھ،
تەكشى يولدىن چىققىنىدەك چاق.
بىكار بولار قانچە چەكسەڭ ئاھ،
دوستۇڭ ئەگەر دۈشمەنلىك قىلسا.

سېغىنغىنىم ئىشەنچ ھاۋاسى،
ساداقەتتۇر ئۇنىڭ مېۋىسى.
پۈتمەس سۇنغان كۆڭۈل شېشىسى،
دوستۇڭ ئەگەر دۈشمەنلىك قىلسا.

كېتىمەن

بۇ كۆڭۈلدە دەردلىرىمغۇ كۆپ،
مارجان-مارجان سەتىر يازىمەن.
ئىشىق بېغىدا سارغۇچ تەمتىرەپ،
شۇ باغلارغا كېتىپ قالىمەن.

چۇلغاپ ئالار تۈمەن خىل ئويلار،
بىلىمەن ئۇلار نەلەرنى سويلار؟
خىياللىرىم رايىنى بويلار،
يوللىرىغا كېتىپ قالىمەن.

ئارمانلىرىم بولدى خىرامان،
ئارزۇلىرىم گوياكى ئاسمان.
ئاتام قولى تۇتقان ئۇ  كەتمەن،
دالالارغا كېتىپ قالارمەن.

قايتارسىزمۇ قان يىغلاپ ماھىم،
يا ساماغا يەتمىدى ئاھىم؟
كېلەرمىكىن مېنىڭ باھارىم؟
نەۋباھارغا كېتىپ قالىمەن!

مۇھەببەت

مەن ئۈچۈن بۇلبۇل مەست، سايە بولساڭ ھەم،
قەلبىمگە ئەڭ مەغرۇر پايە بولساڭ ھەم،
بارچىنى چۈشىنىپ تۇرساممۇ ھەردەم،
مەن سېنى سۆيىمەن، سېنى سۆيىمەن!

قەلبىمنى تىترەتكەن نازۇك تار ئۆزۈڭ،
خەستە يۈرىكىمنى ئەتكەن زار ئۆزۈڭ،
دۇنيادا يىگانە، تەڭسىز يار ئۆزۈڭ،
مەن سېنى سۆيىمەن، سېنى سۆيىمەن!

كىمگىدۇر «سۆيدۈم» دەپ ئېيتار بولساڭ ھەم،
قولىدىن يېتىلەپ كېتەر بولساڭ ھەم.
سۆيگۈمنىڭ سىرىنى ساتار بولساڭ ھەم،
مەن سېنى سۆيىمەن، سېنى سۆيىمەن!

مۇھەببەت دەردىدە سۇلغاندۇر يۈزۈم،
ياشلىنىپ-ياشلىنىپ قۇرىدى كۆزۈم.
لېكىن، سەن تاش يۈرەككە ئۆتمەيدۇ سۆزۈم،
مەن سېنى سۆيىمەن، سېنى سۆيىمەن...




بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئەلتۇغ تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-10-15 16:45  


باھا سۆز

بىر كىتاب بولغىدەكمۇ-نېمە، ئەلتۇغ ئەپەندى، قۇتلۇق بولۇڭ...  ۋاقتى: 2015-10-15 06:43 PM
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2015-10-15 18:08:27 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ناھايىتى ياخشى ئەمگەك!

ۋاقتى: 2015-10-15 18:18:09 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئ‍ەجىرلىرىگە تەشەككۈر …

ۋاقتى: 2015-10-15 18:24:53 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
راستنى دېگەندە، بۇ شېئىرلار ئوتتۇراھال سەۋىيىدە ئىكەن، بىزنىڭ شۇلارغا تەڭ ياشلىقلىرىمىزنى سېلىشتۇرغاندا كۆپ پەرق يوقكەن، ھەتتا بىزنىڭ ئۈستۈن تەرەپلىرىمىزمۇ باردەك قىلىدۇ. بىر قىسىم يازمىلار ئاممىباب بولغاندىمۇ ھەددىن زىيادە ئاممىباب. بۇنداقلىرىنى بىزدە يازالمايدىغانلار يوق. ئەگەر بىزنىڭ شۇ ياشلىق شائىر-ھەۋەسكارلارنىڭ شېئىرلىرىنى ئۆزبېكچىگە تەرجىمە قىلىپ، شۇلارنىڭ مەتبۇئات ياكى تور بەتلىرىگە يوللىساق ھەم باھاسىنى ئاڭلاپ باقساق ياخشى بولاتتى.
يۇقىرقىلىرى مېنىڭ شەخسىي قارىشىم. مەيلى قانداقلا بولسۇن، تەرجىمانغا رەھمەت. ئىشقىلىپ ئەھۋالىمىز مەن ئويلىغان ياكى ئاڭلىغاندەك ئەندىشىلىكمۇ ئەمەسكەن……

باھا سۆز

قوللايمەن!  ۋاقتى: 2015-10-16 12:22 AM
ۋاقتى: 2015-10-15 18:48:25 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
لېكىن  بىر  ئىىسل مەزمۇن يۇشۇرۇنغان ئىكەن  مەن  ياقتۇردۇم

ۋاقتى: 2015-10-15 19:22:34 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يۈسۈفىيىنىڭ قارشى ۋە تەكلىپىنى ياقلىدىم. مەن بۇ شېئىرلارنىڭ ئىچىدىن «شائىرغا نە كېرەك؟» ناملىق شېئىرنى ياقتۇردۇم.

ۋاقتى: 2015-10-15 19:51:19 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شائىرغا نە كېرەك؟

شائىرغا نە كېرەك ئۆتكۈنچى شۆھرەت،
نە كېرەك ئارتۇقچە شەرەپ، لاۋازىم؟!
ئۇ دەردىن ئېيتماقنى ئىستەيدۇ پەقەت،
دىللارنى تىترەتسە دەيدۇ ئاۋازىم.

شائىرغا نە كېرەك ماختاش، خۇشامەت،
ئۇ سەجدە قىلمايدۇ دۇنياغا، پۇلغا.
تۇتقۇن ياشىماققا قىلمايدۇ تاقەت،
نەپرەتتە باقىدۇ ھەر قانداق قۇلغا.

شائىرنىڭ قەلبىدە مۇھەببەت-نەپرەت،
بىرمۇ بىر يازىدۇ دىلدا بارىنى.
ئۇ دەردىن ئېيتماقنى ئىستەيدۇ پەقەت،
يۈرەككە تاپشۇرۇپ ئىختىيارىنى.


مەنمۇ مۇشۇنى بەكرەك ياقتۇردۇم....

ۋاقتى: 2015-10-15 19:54:34 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەر گۈلنىڭ پۇرىقى باشقا، ھەر كىمنىڭ ئۆزىگە تەۋە يولى بار. سېلىشتۇرۇشقا توغرا كەلسە قارىماققا بىز ئالدىغا كەتكەندەك كۆرۈنگەن بىلەن ئوقۇرمەنلەر توپىنىڭ ئەھۋالىغىمۇ سەل قاراشقا بولمايدۇ. بۇ شېئىرلار قارىماققا مېنىڭ 5 يىل بۇرۇنقى شېئىرلىرىغا ئوخشاپ قالىدىكەن. كارامىتى بارلار بىزدىكى ياشلارنىڭ شېئىرلىرىنى شۇ تەرەپلەردىكى تور ياكى مەتبۇئاتلارغا يوللاپ باھالىتىپ باقساڭلار...

ۋاقتى: 2015-10-15 21:34:37 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياقتۇردۇم. تەرجىمە قىلغۇچىغا  تەشەككۈر.

ۋاقتى: 2015-10-15 21:42:16 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
چەتئەل بولغانلىقى ئۈچۈنلا ھەۋەسلىنىپ كەتمىسەكمۇ بولغۇدەك.

باھا سۆز

قوشۇلىمەن  ۋاقتى: 2015-10-16 10:12 PM
ئۇلارغا نىسبەتەن بىزنىڭ دۆلىتىمىزمۇ چەتئەل ھىساپلىنىدىغۇ؟  ۋاقتى: 2015-10-16 02:12 PM
ۋاقتى: 2015-10-15 21:43:05 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەقىقەتن ياخشى شېئىرلارئىكەن، ئەجرىڭىزگە رەخمەت قېرىندىشىم.

ۋاقتى: 2015-10-15 22:28:19 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئوتتۇز مىليون ئۆزبېكنىڭ ئىچىدە ئون مىليون ئۇيغۇرنىڭ ئىچىدىكى چاغداش ياش شائىرلارنىڭ شېئىرلىرىغا سېلىشتۇرغىلى ئۇلار ۋەكىل قىلىپ كۆرسىتىلدىمۇ؟
ئۇلارنىڭمۇ پاسئان، نۇربەگ ،بوزلان، سەيدۇللا ،يەنە مەمتىمىن ئابلىزدەك پوستمودېرىن شائىرلىرى، پەرھات،تاھىر، مۇتەللىپ ،ئادىلدەك كىلاسسىك مودېرىن شائىرلىرى باردۇر؟
مەن قارىسام بۇلارمۇ ياخشى يازىدىكەن ، سازغا ئالسىلا يىپەك يولى ساداسىدىكى قۇلىقىنىڭ ئىككى يېنىنى قىرىۋېتىدىغان ئىنىلىرىمىز ئوقۇيدىغان ناخشىلارنىڭ تېكىستى بولغۇدەك ، لېكىن مەزمۇن كونا ...

ۋاقتى: 2015-10-15 23:24:01 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كۆپ ئەجىر سىڭدۈرۈپسىز.

ۋاقتى: 2015-10-16 00:31:03 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەنۋەر جۇلانىڭ گېپىنىڭ جېنى بار.

  ئۇلارنىڭ مۇھەممەد يۈسۈف، خۇرشىد دەۋران قاتارلىق كىلاسسىكلىرى بار، ئۇلار بىزگە قانچە قېتىملاپ تۇنۇشتۇرۇلغان بولسىمۇ، ھازىرقى چاغداشلارنىڭ ئەھۋالىنى بىلمەي كەلدۇق.
  بىزنىڭكىلەردىن ئۆمەرمۇھەممەدئىمىن كروران، ئەزىزى، چىمەنگۈل ئاۋۇت، ئابدۇرېشىت ئېلى قاتارلىقلار تونۇشتۇرۇلغان بولسىمۇ، ئۇلاردا تەسىرى قانچىلىك بولدى بىلمەيمىز.

   ئۇلارنىڭ كىلاسسىكلىرى بىزنىڭ بىر قىسىم شائىرلىرىمىزغا ئىنتايىن چوڭقۇر تەسىر قىلغان، قۇربان بارات، مۇھەممەد رېھىم، روزى سايىت، مۇھەممەد ئىمىن، مۇھەممەدجان راشىدىن...ۋەھاكازالار بۇلارنىڭ تەسىرىدىن قۇتۇلالمايلا قالماي، يەنە بىر تۈركۈم ئىزباسارلارنى يېتىشتۈردى، ئۇلارنىڭ ۋەكىللىرى ئابلىكىم ھەسەن، مەھمۇدجان خوجا ئۈمىدۋار، راخمانجان ئاۋۇت ئۆزھال...قاتارلىق تېكىست يازغۇچىلىرى ۋە باشقا مۇشۇ مۇنبەردە  شېئىرى مەزمۇن ۋە شەكىل دەۋاچىلىقى قىلدىغانلار.
   
  ئۇلاردىمۇ كىلاسسىكلارغا سادىق بولۇش ئەنئەنىسى، ھەتتا كانادادا ئوقۇيدىغانلىرىدىمۇ ئوخشاشلا مەۋجۇد ئىكەن دېمەي تۇرالمايمىز.

  مېنىڭ ئۇلارغا قول قويىدىغان تەرىپىم شۇكى، ئۇلاردا شائىرنى قەدىرلەش ۋە خارلاش ھەرقانداق مىللەتتىن ئۈستۈن تۇرىدۇ. بۇ ھەقتە مىساللار كۆپ.

  قىسقىسى، ھەر بىر مىللەت ۋە رايوننىڭ ئۆزگىچە ئالاھىدىكى بولىدۇ. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   قاراتۇغ تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-10-16 00:33  


ۋاقتى: 2015-10-16 00:54:37 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
« پەلەكنىڭ چاقى تۈگمەنمۇ،
ئۇن تارتامدۇ،ئادەممۇ؟»
.....................
«زەيلىدى تام زەيلىدى،
تامدىن ئۆتە جان زەيلىدى».
دېگەندەك  مىسرالارغا سەۋەب بولىدىغان ئىچكى كۈچ (دەرت)-سەنئەتلىك ئادەم (مىللەت)نى ياراتسا كېرەك. سېلىشتۇرۇش مۇشۇنى شەرت قىلسا مۇۋاپىقمىكىن.

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش