قاسىمجان ئاكا ، بۇنى بىر دەبدەبىلىك خەۋەردەكلا يېزىپسىزغۇ . بۇ شۇنچە ھەيران قالغۇدەك ئىشمۇ . مەن سىزنى ھۆرمەتلەيمەن ، سىز بىلەن بىر يۇرتلۇق بولغىنىمدىن پەخىرلىنىمەن ، سىنىپتىكى ھەۋەسكار بالىلارنىڭ ئاغزىدىن سىز ھەققىدە گەپلەر ئاڭلىغىنىمدا ، بىرەر شئېرىڭىزنى ژۇرناللاردا كۆرۇپ قالغانلىرىمدا مەن بىلەن بىر يۇرتلۇق دەپ كىرىلىپ
كىتىمەن . كۆلۇمدىكىنى دىسەم بۇ تېمىڭىزندىن پەقەت رازى بولمىدىم . يەنە كىلىپ سىزنىڭ ، كىشگە دېھقالارنى چۈشۈردىغان ، تۈيغۈنى بىردىغان تېمىنى يوللىغېنېڭىزدىن ئاچچىقىم كەلدى . سىزنىڭ دېھقانلارنى تۆۋەن كۆرمەيدىغانلىقىڭىزغا شەكسىز ئىشنىمەن . لىكىن خۇددى دېھقان كىتاپ چىقارسا بولمايدىغاندەك ، ياكى دېھقاننىڭ كىتاپ چىقرىش ھوقوقى يوقتەك ، ياكى بىزنىڭ دېھقانلرىمىز مەڭگۈ يەرگە ئىشلەپ ئۆتۇپ كىتدىغاندەك،دېھقاننىڭ كىتاب چىقرىشى بىر مۆجۈزىدەك قىلىپ، دەبدەبىلىك ھالدا ‹‹دېھقان ياش كىتاب چىقاردى›› دەپ مۇشۇ نىمۇ تېما دەپ يوللاپسىز .(ئەلۋەتتە سىز ئۇنى كەمسىتىپ ئەمەس ، ئۇنىڭ قىلغان ئىشىدىن سۈيۈنۇپ تۇرۇپ يوللاپسىز . مەخسىتىڭىزنى چۇشەندىم ).<<دېھقان ياش كىتاب چىقاردى >> دەپ ئالغاننىڭ ئورنىغا ، كامىل قەييۇم توپلاپ نەشىرگە تەييارلىغان ‹‹ئابدۇقادىر جالالىدىن مۇنداق دىگەن ›› كىتابقا قارىتا ئۆزىڭىزنىڭ ھىس قىلغانلىرىڭىزنى، كىتابنى تۇزۇش جەريانىدىكى يىتەرسىلىك ۋە ئارتۇقچلىقلىرىنى يېزىش بىلەن بىرگە ، كامىل قەييۇم ۋە ئۇنىڭ يەنە نەشىرگە تەييارلاۋاتقان ، كىتابلىرى ھەققىدە ئۇچۇر بېرىپ ئۆتسىڭىزمۇ بولاتىتى . بۇ تېمىڭىز خۇددى يالغانچى مۇخبىرلارنىڭ بىرنى ئون قىلىپ كۆرسىتىش ئۈچۈن يازغان، دېھقان ياش ئەمەتىنىڭ كالسى قوشكىزەك تۇغۇپ ئۇنى باي قىلۋەتتى ، ياش دېھقان ئىشلەمچى ھاشىخان ئىچكىرگە بېرىپ بىر يىل تىرشىپ ئىشلەپ ئاتا-ئانىسىغا نەق 100مىڭ كوينى ئەۋەتىپ نامراتچىلىقتىن توي قىلالمىغان تۆت ئاكسىنى ئۆيلىدى . دىگەندەك ،كىشنى بىزار قىلدىغان خەۋەرلەردەك يېزلىپ قاپتۇ .(ئەلۋەتتە بىز بۇ ئۇچۇردىن بىزارلىق ھىس قىلمىدۇق )
بىز ، سۆيۈملۈك ئەسەرلىرىمىزدە ، ياڭراق ناخشللىرىمىزدا ؛ ئىشلە دېھقان ئاكا ، ياشا دېھقان ئاكا، سەن ئۇلۇغ دېھقان ئاكا ، سەن بولمىساڭ نان نەدە ، نان بولمىسا جان نەدە ، دېھقان ئاكا ، دەپ . بار ئاۋازىمىزدا ، ئازادە ، سالقىن ئىشخانىلاردە ، ھەيۋەت سەھنىلەردە، مۇڭلىنىپ تۇرۇپ ئۇقۇپ كىتىمىز ، ئەمما شۇ دېھقاننىڭ جەبىر جاپاسىنى قىلچىلىك چۈشەنمەيمىز . شەخسەن سىزنى ئېلىپ ئېىيتساق ، سىز ئاساسىي قاتلامدا دېھقانلار ئارسىدا ئىشلەيسىز ، سىز ئۇلارغا بولىۋاتقان ناھەقچىلىكنىڭ قانچىلىك دەرىجىدە ئېغىر ئىكەنلىكىنى بىلمەيسىز ياكى بىلسىڭىزمۇ بىلمەسكە سالسىز(بىلمەيسىز ئەمەس چۇقۇم بىلسىز ) . شەخسەن سىز ھەممە رەسمىيەتلىرى تۇلۇق بولغان ئىككى دېھقان ياشنىڭ توي خېتىنى500 كويسىز بەرمىگەن سىزگە تۇنۇش خىزمەتدىشىڭىزغا - دېھقانلارمۇ كۈن كۆرسۇن دىمەيسىز ياكى دىيەلمەيسىز . ھۆكۇمەتتىن بەرگەن ئاشۇ ئازغىنە ياردەم پۇلنىمۇ نامراتلارغا بەرمەي ، بايلارغا بېرلىۋاتقانلىقىنمۇ سىز بىلسىز ،لىكىن توسمايسىز ياكى توسىيالمايسىز . كەنىتلەردىكى <زوڭتوڭ> سۇپەت سېكىرتارلارنىڭ دېھقانلارغا قىلغان زۇلمىنى بىلىپ تۇرسىز ياكى بىلمەيسىز .قىسىقىسى سىزنىڭ باشقۇرۇش دائېرىڭىزدە بولسىمۇ ئىككى ئېغىز ھەق گەپنى قىلسىز يا قىلالمايسىز . شەخسەن ئۆزىڭىز بىر زىيالى تۇرۇپ ئىقتىسادى قىيىنچىلىق تۇپەيلىدىن ئالى مەكتەپكە بېرشى قىيىن بولغان بىر ئۇقۇغىچىغا يېزنىڭ تۆۋەن تۇرمۇش كاپالەت پۇلنىمۇ بولسا ئېلىپ بىرەلمەيسىز . ياكى سىز ئامالسىز . ئەمدى بولغاندا چىرايلىق قىلىپ <<دېھقان ياش كىتاب چىقاردى>> دەپ يۈرىكىمىز<<چىممىدە>> مىدىمۇ قىلماي تۇرۇپ ھوزورلىنىپ ئوقۇيمىز . بەزى ئۇقورمەنلەرنىڭ كۆزئالدىغا شۇ ھامان ئىشتىنىنىڭ بىر پۇشقىقىنى پەس بىر پۇشقىقىنى ئېگىز قىلىپ تۇرۋالغان ، دولسىغا كەتمەن سالغان توپاچىراي ئادەم نامايەن بولىدۇ . كامىل قەييۇم ئەپەندىنىڭ بىر قولدا ئېتىز ئىشنى يەنە بىر قولدا قېلىن -قېلىن كىتاپلارنى دۇم يېتىپ كۆرۇپ شۇنچە جاپالىق ھەم بېسىم ئاستىدا تۇرۇپمۇ شۇ كىتابلارنى تۈزگەنلىكىنى خىيالىمىزغا كەلتۇرمەيمىز .
بىر دېھقاننىڭ كىتاب چېقىرشى بىزگە مۆجۈزە تۇيلۇپ كەتكەن بولسا ئۇنداقتا بىز ، يېڭىچە ئۇسلۇپتا ئەسەر يېزىپ ئاتالمىش <<ئۇيغۇر ئەدەبىياتنى پۇتۇن دۇنياغا يۈزلەندۇرۇش>> تىن ئىبارەت ئۇلۇغۋار غايىمىزنى يەنە 100 يىلدىن كىيىن ئويلاشساق بولدىغان ئوخشايدۇ .
قاسىمجان ئاكا مەن پەقەت ئويلىغانلىرىمىنى تەكىلپ تەرىقىسدە بايان قىلدىم ، باشقامەخسىتم يوق ئاقساقاللىق قىلغان بولسام ئەپۇ قىلارسىز .
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا sadakat تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-6-4 23:07
|