يەنە بىر جەھەتتىن ئالغاندا قاسىمجان ئوسماننىڭ مەخسىدىنى توغرا چۈشەنمەي بولمايدۇ.ئالى مەكتەپ ئەدەبىيات فاكۇلتىتىدا 5 يىل ئوقۇپ،يەنە 10 يىللاپ خىزمەت قىلىپمۇ راۋرۇس بىر پارچە ماقالە يازالمايدىغان «ئەدەبىيات ئەھلى» لىلىرىمۇ بار. ئۆزى تىل -ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىسى تۇرۇپ،قوشۇمچە قىلىپ كىتاپ ئوقۇش ئۇياقتا تۇرسۇن،ئۆزى ئەدەبىياتنىڭ نېنىنى يەۋاتقان تۇرۇقلۇق ئەدەبىي كىتاپتىن بىر پارچە سېتىۋالاي،ئۇيغۇر يازغۇچى،شائىرلىرىنى قوللاپ قوياي دېيىشنى بىلمەيدىغان كىشىلىرىمىز نۇرغۇن! شۇڭا بىر دېھخاننىڭ كىتاپ چىقىرىشى كاتتا ئىش! ئۇ روھقا بېرىپ چېتىلىدۇ.بىزنىڭ ھەممە ئادەملىرىمىزدە ئەشۇنداق روھ بولغان بولسا ئىدى نى-نى نادانلىقىمىز بىلەن خوشلاشقان بولاتۇق.
شۇڭا قاسىمجان ئوسماننىڭ بۇ تېمىنى يۈكسەكلىككە كۆتىرىشى ھەقىقەتەن ئەرزىيدىغان ئىش! ئۇ بىر دېھخانلا ئەمەس بەلكى بىر روھ .ئەدەبىيات ساھەسىدە تەشۋىق قىلىدىغان ،كۆككە كۆتۈرىدىغان ئىش بولسا دەل شۇ كىشىنى كۆككە كۆتۈرۈش كېرەككەن.ئۇ دېھخان بولسىمۇ شەخسىيەتچىلىكتىن يىراق تۇرغان ھالدا باشقا كىتاپنى ئەمەس ئۇيغۇرنىڭ زىيالىسى بولغان ئابدۇقادىر جالالدىننىڭ ئەسەرلىرىدىن توپلىغان ھېكمەت جەۋھەرلىرىنى كىتاپ قىلىپ نەشىر قىلدۇرۇپتۇ.بۇ نامدا«زىيالى» ئاتالغان ھەممىلا ئادەمنىڭ قوللىدىن كېلىدىغان ئىش ئەمەس.بۇ ئىشتىن ئالى مەكتەپ ئەدەبىيات كەسپىدە ئوقۇغان ۋە جەمىيەتتىكى تۇتقان ئورنىدىمۇ ئەدەبىياتنىڭ نېنى بىلەن ئۆرە تۇرىۋاتقان قارا قورساقلار خىجىل بولىشى كېرەك. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ئەزىز ھېيت كۈن تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-6-5 13:35
|