كۆرۈش: 1122|ئىنكاس: 31

ئا. جۇدۇن: ئەدەبىياتچىلار ۋە ئوقۇرمەنلەر [مۇھاكىمە ]

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
      ئا.جۇدۇن :

                                      ئەدەبىياتچىلار ۋە ئوقۇرمەنلەر

                                                   [ مۇھاكىمە ]

           ئەدەبىيات- ئۈستىقۇرۇلما ساھەسىدىكى ئاڭ كاتېگۇرىيسىگە تەۋە.ئاڭ ئىنسانلارغىلا مەنسۈپ،ئاڭ-
ئىنسانلارنىڭ بىرەر شەيئىگە تۇتقان پۇزىتسىيىسىنى بەلگىلەيدۇ. پۇزىتسىيە بولسا، قىلماقچى بولغان، قىلىۋاتقان ۋە قىلىپ بولغان ئىشلىرىمىزنىڭ نەتىجىسىنى بەلگىلەپ قويىدۇ. بۇنىڭ بىلەن، بىز تۆلىگەن بەدىلىمىزنىڭ ئاز-كۆپلىكىگە،چوڭ-كىچىكلىكىگە قاراپ مەنپەئەتلىنىمىز ھەم مەنپەئەتسىز قالىمىز،ئەلۋەتتە.
            ئەدەبىيات - ئەدەبىياتچىلار  قولىدىكى ئاش - ناندۇر.
            ئەدەبىيات - ئەدەبىياتچىلار  قولىدىكى مەشئەلدۇر.
            ئەدەبىيات - ئەدەبىياتچىلار  قولىدىكى ئەڭگۈشتەردۇر.
           مۇشۇ مەنىدىن ئېيتقاندا، ئەدەبىيات- بىزنىڭ روھى ئوزىقىمىزدۇر. كۆزئالدىمىزدىكى زۇلمەتنى يورۇتقۇچىدۇر، ئەجدادتىن - ئەۋلادقا، ئەۋلادتىن-ئەۋلادقا قالىدىغان ئەڭگۈشتەردۇر....
           مەھمۇد قەشقىرىنىڭ قولىدىكى ‹‹ تۈركىي تىللار دىۋانى ›› ،  يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ قولىدىكى ‹‹ قۇتادغۇ بىلىك ›› ، ئا.ئۆتكۈرنىڭ ‹‹ ئىز ››ى، زوردۇن سابىرنىڭ ‹‹ ئانا يۇرت ›› ى، گوركىينىڭ ‹‹ ئانا››،
‹‹ دانكو ››سى، لۇشۈننىڭ ‹‹ دورا ›› سى...ئۇندىن باشقا ، بىزلەر ساقلاۋاتقان تەۋەرۈك كىتابلار يۇقىرىقى بايانىمىزنىڭ تىمسالىدۇر.
           يەنە مۇشۇ مەنىدىن ئېيتقاندا، ئەدەبىيات ۋە ئۇنىڭ سېھرى كۈچىدە ئىنسانلارنى ‹‹ ئاپىرىدە
قىلىش›› ، تەربىيىلەش، ‹‹ئادەم›› قىلىپ چىقىش رولى، مەجبۇرىيىتى، ھەم مەسئۇلىيىتى باردۇر.بەزىلەر،
‹‹ ئەدەبىياتنىڭ ئادەم تەربىيلەش ۋەزىپىسى يوق›› ، دىيىشىدۇ. شۇنداق دىگۈچىلەرنىڭ  مۇشۇ خۇلاسىىغا
كەلگۈچە ئۆسۈپ يېتىلىش مەنزىلىنى قانداق چۈشەندۈرۈش مۈمكىن؟!
          باغۋەن  قان تەرى بىلەن يېتىشتۈرگەن شېرىن-شەربەت مېۋىلەرنى شەخسەن ئۆزى يىيىش ئۈچۈنلا پەرۋىش قىلمىغاندەك، ئەدەبىياتچىلارمۇ ئۆز  ‹‹ مېۋە ›› لىرىنى خاس ئۆزى ئۈچۈنلا بېغىشلىمايدۇ، ئەلۋەتتە.
           ‹‹ خېرىدارىڭ بولمىسا، زىبالىقىڭ  نە كېرەك ›› دېگەندەك، ئەدەبىياتچىلار - ئوقۇرمەنلىرى بىلەنلا
ئەدەبىياتچىدۇر. ئوقۇرمەنلەر قاتلىمىمۇ ئۈچ خىل بولىدۇ :
            بىرىنچىسى، تالانتنى ئۆز ئىچىگە ئالغان [ كىتابخۇمار ] ئوقۇرمەنلەر - مەسئۇلىيەتچان، پىداكىرانە
تەپەككۈردىكى ئەدىبلەردۇر.
            ئىككىنچىسى، ئوقۇپ چۈشىنەلەيدىغان ھەم چۈشەندۈرەلەيدىغان -  قەلەمكەشلەردۇر .
            ئۈچىنچىى خىلى، ئوقۇپ، ئاڭلاپ  ھۇزۇرلىنىدىغان مىڭلىغان، تۈمەنلىگەن كىشىلىرىمىزدۇر.
           خۇلاسە كالام :  ئەدەبىياتچىلار  ۋە ئوقۇرمەنلەر- جەمئىيەت ئەزالىرىمىز ھەم قەۋمىمىز ئىچىدىكى  
بىر قىسىم ئاز سانلىق نادان، قاششاق، جاھىل-كاج، ‹‹ ماڭقۇرت ›› لاردىن مىڭ-مىڭ ئەلادۇر -ئەلا !

                                                        2015. 10. 5
           
                                                             قاراماي
           

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Erchin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-10-6 13:39  


ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2015-10-6 15:47:13 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

بۇ مۇھاكىمە مەن ئۈچۈن ياخشى بىر دەرس بولدى .

ۋاقتى: 2015-10-6 16:07:35 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەڭ قىسقا، ئەڭ مەزمۇنلۇق مۇھاكىمە بولۇپتۇ. ئابدۇۋايىت ئاكىمىزنىڭ مۇشۇ خىلدىكى مىكرو مۇھاكىمىلىرىگە قىزىقىپ قالدىم. قولىڭىزغا دەرد كەلمىگەي ئاكا. داۋاملىق تەپەككۇر قىلىڭ! داۋاملىق يېزىپ تۇرۇڭ.

ۋاقتى: 2015-10-6 16:32:38 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەزىلەر، ‹‹ ئەدەبىياتنىڭ ئادەم تەربىيلەش ۋەزىپىسى يوق›› ، دىيىشىدۇ. شۇنداق دىگۈچىلەرنىڭ  مۇشۇ خۇلاسىىغا كەلگۈچە ئۆسۈپ يېتىلىش مەنزىلىنى قانداق چۈشەندۈرۈش مۈمكىن؟!

توغرا ئېيتىسىز. مۇشۇنداق ئاز ھەم ساز مۇھاكىمىلىرىڭىزنىڭ داۋاملىشىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

ۋاقتى: 2015-10-6 16:38:55 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەزمۇنى چوڭقۇر ھەم نىگىزلىك مۇھاكىمە ئىكەن.ئاپتۇرنىڭ ئىجادىيتىگە ئۇتۇق تىلەيمەن!

ۋاقتى: 2015-10-6 16:45:22 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن ئۈچۈن جانلىق دەرىس بولدى. ھارمىغايسىز ئاكا

ۋاقتى: 2015-10-6 17:22:38 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
م :  ئەدەبىياتچىلار  ۋە ئوقۇرمەنلەر- جەمئىيەت ئەزالىرىمىز ھەم قەۋمىمىز ئىچىدىكى  
بىر قىسىم ئاز سانلىق نادان، قاششاق، جاھىل-كاج، ‹‹ ماڭقۇرت ›› لاردىن مىڭ-مىڭ ئەلادۇر -ئەلا

  قارىماققا توغرىدەك قىلىنغان بۇ خۇلاسە-كالامنىڭ قۇرۇلمىسىدا ئازراق مەسىلە بار.
قەۋمىمىز دائىرسىگە پۈتۈن ئوقۇرمەن،ئەدىبىياتچىلار-  جەمىيەت ئەزالىرى كىرىپ كىتىدۇ.
جەمىيەت ئەزالىرىمۇ ئۆز نۆۋىتىدە ئەدىبىياتچىلار دائىرسىگە كىرىپ كىتىدۇ.
بۇ يەردە دىيىلىۋاتقان بىزگە ئوخشاش يا جەميەت ئەزاسى ئەمەس يا ئەدىبىيات سىپىدە بىرە نەتىجە ھاسىل قىلالمىسىمۇ «يوتقانغا بېقىپ پۇت سۇنمايدىغان» ئىنكاسلارنى يېزىپ ،
كېرىلىپ ئولتۇرۇپ كىتىدىغان ئەمما  ئەدىبىياتنى سۆيىدىغان ئوقۇرمەنلەر تىلغا ئىلنىۋاتامدىكىن خوش بوپ قالدىم ئۆزلىرىدىن ئۆزۈمچە.


باھا سۆز

كىشىلىك جەمئىيەتنى كۆزدە تۇتتۇم، ئەپەندىم.  ۋاقتى: 2015-10-6 06:07 PM
ۋاقتى: 2015-10-6 17:32:25 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەلكىم ھەممىمىز ‹‹ماڭقۇرت›› بولىشىمىز مۈمكىن ؟. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئەرزات تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-10-6 17:33  


ۋاقتى: 2015-10-8 10:37:31 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  ئەدەبىيات - ئەدەبىياتچىلار  قولىدىكى ئاش - ناندۇر.
            ئەدەبىيات - ئەدەبىياتچىلار  قولىدىكى مەشئەلدۇر.
            ئەدەبىيات - ئەدەبىياتچىلار  قولىدىكى ئەڭگۈشتەردۇر.



مېغىزلىق ھەم تېتىملىق مۇلاھىزە بوپتۇ .

ۋاقتى: 2015-10-8 11:26:57 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەممىمىز ئۆزىمىزگە يارىشا نەپ ئالالايدىغان بۇ مۇاكىمىدىن دىلىم سۆيۈندى.

ۋاقتى: 2015-10-8 11:35:18 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەزىلەر، ‹‹ ئەدەبىياتنىڭ ئادەم تەربىيلەش ۋەزىپىسى يوق›› ، دىيىشىدۇ. شۇنداق دىگۈچىلەرنىڭ  مۇشۇ خۇلاسىىغا كەلگۈچە ئۆسۈپ يېتىلىش مەنزىلىنى قانداق چۈشەندۈرۈش مۈمكىن؟!
____________________
بەزىلەر كونىراپ جۇلىقى چىقىپ كەتكەن ئەدەبىيات چۈشەنچىسىنى قاچانغىچە بازار سالىدىغاندۇ؟!
ئەدەبىياتنىڭ ئادەم تەربىيەلەش ۋەزىپىسى يوق، لېكىن ئەدەبىي ئەسەرلەردە ئادەمنىڭ ئىستىتىك، ئېتىك، لوگىك قابىلىيەتلىرىنى ئۆستۈرىدىغان مەرىپەت ئېلېمىنتلىرى بولىدۇ. لېكىن بۇ ۋەزىپە سەۋەبىدىن بولمايدۇ. بۇ ئەدەبىياتنىڭ ئۆزىدىكى فۇنكىسسىيە.
بۇ خىل فۇنكىسسىيە ھەممە پەنلەردە بولىدۇ. مەسىلەن، ماتېماتىكا، فىزىكا، خېمىيە...ۋاھاكازالار...
ئورخان پامۇكنىڭ «مېنىڭ ئىسمىم قىزىل» رومانى، گارسىيە ماركىيۇزنىڭ «غېرىبانە يۈز يىل»رومانىدىن سىز ئۆزىڭىزدىكى سولچىل قىزىل ئەدەبىيات چۈشەنچىسىگە ماس كېلىدىغان تەربىيەنى ئالالامسىز؟

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-10-8 13:49:07 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئە.جۇلا يوللىغان ۋاقتى  2015-10-8 11:35
بەزىلەر، ‹‹ ئەدەبىياتنىڭ ئادەم تەربىيلەش ۋەزىپىسى يوق ...

    توپ تېپىشمۇ شېئىر [ئەسەر ] يازغاندەك ئاسان ئەمەس، شېئىر [ئەسەر ] يېزىشمۇ شۇنداق.
    قارىغاندا،سىز  ‹‹توپ تېپىپ ›› پۈتۈن جاھاننى كېزىپ چىققان ئوخشايسىز، مۇشۇ يىللاردىكى‹‹ غېرىب››لىقنى بىلگەن بىلەن، ‹‹ ماركىيۇزىڭىزنى›› بىلمەيدىكەنمەن، شۇنى سەمىڭىزگە سېلىپ قوياي:
‹‹ نوبىلچىلار›› نىڭ كەينىدە بىر ئۆمۈر سوكۇلدىسىڭىزمۇ، سىنزنىڭ ‹‹ ئېمىزگىڭىز ›› ئاتا-ئانىڭىزنىڭ قولىدا،
‹‹ ئېلىپبە ›› رىڭىز مەھمۇد قەشقىرىنىڭ قولىدا. ئۆزىڭىز نەدە ،بۇنىغۇ بىلەرسىز ؟!

ۋاقتى: 2015-10-8 14:25:45 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شىنخۇا كىتاپخانىسىغا كىرسىڭىز ماركىيۇز، ئورخانلار بار. يەنە كېلىپ نەپىس تەرجىمە قىلىنغان. قېرىپ دوك بوپ كەتكۈچە لۇ شۈن، گوركىنىلا قۇچاقلاپ ياتماي ئاۋۇلارنىمۇ ئوقۇپ قويۇڭ، چۈنكى ئاۋۇ داتلىشىپ كەتكەن كاللىڭىز ئېچىلىپ قالىدۇ.

ۋاقتى: 2015-10-8 14:43:43 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەپەندىم ۋاپات بولغىنى 100 يىلدىن ئاشتى.بىر دىھقاننى شۇنداق ئاتىسىڭىز زاڭلىق قىلغاندەك تۇيۇلدىكەن.
مەيلى سىز قايسى جەميەت ئەزالىرىنى دەڭ ئۇ بەرىبىر قەۋمىڭىز دائىرسىدىن ھالقىپ كىتەلمەيدۇ.ئۆزىڭىزنىڭ قانداق ئورۇندا ئىشلەپ پىنسىيەگە چېققانلىقىڭىزنى ئۇنتۇپ قالماڭ. ئازراق توغرىسىزلىقىڭىزنىمۇ  بوينىڭىزغا ئالماي بىزدەك كىچىك نىمىلەر بىلەن تاكاللىشىپ يۈرمەڭ.بۇ بەك سەمىمى تەكلىپ.

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-10-8 22:15:36 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
داڭگال يوللىغان ۋاقتى  2015-10-8 14:43
ئەپەندىم ۋاپات بولغىنى 100 يىلدىن ئاشتى.بىر دىھقاننى شۇ ...

   ئېسىلساڭ  كارل ، فىرېدىرېخلارنىڭ ساقىلىغا ئېسىل،بىزدەك كۇسىلاردىن نەپ چىقمايدۇ، بالاڭزا.

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家协会网
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش