ئە.جۇلا يوللىغان ۋاقتى 2015-10-8 14:25
شىنخۇا كىتاپخانىسىغا كىرسىڭىز ماركىيۇز، ئورخانلار با ...
قىزىم شەھەرلىك كىتابخانىدا ئىشلەيدۇ،ھەر قانداق يېڭى كىتابلارنى ئالدىن ئالالايمەن. لازىملىق كىتاب-ماتىرىيال بولسا دەڭ،ھايال قىلماي ئېۋەتىپ بېرىمەن. پارقىراپ تۇرىدىغان، ئۆتكۈر چوققىڭىز بىلەن يېزىپ نەشىردىن چىقىرالىغان كىتابلىرىڭىزنى بۇ يەردىكى ئوقۇرمەنلەرگە يەكۈزۈشكىمۇ كېپىل بولالايمەن، ئورخان پامۇكمۇ، گارسىيا ماركۇزمۇ قەدىرلىك مېھمان سۈپىتىدە ئۆيۈمدىدۇر.
سىزدەك نېنىنى يەپ، ناۋاينى ئۇنتۇپ قالىدىغان،سۈيىنى ئىچىپ، كوزىسىنى چاقىدىغانلاردىن ئەمەسمەن. داۋاملىق جاھانكەزدىلىك قىلىمەن دەيدىكەنسىز، قۇياشتەك ، تولۇنئايدەك يۇمۇلاق نانلىرىمىزنى قوينىڭىزغا سېلىۋالارسىز، جاھان ئەھلى تىلىڭىزنى بىلمىسىمۇ، نېنىمىزدىن ‹‹ ئۇيغۇر›› لىقىڭىزنى بىلىپ قالسۇن،