بۇ تىمىنى كۆرۈپ ئىنتايىن خۇشال بولدۇم،دوستۇم سۇلايمانننىڭ ياش قەلەم سەھىپىسىدە تونۇشتۇرۇلغانلىقىدىن مەن بەكلا خۇشال بولدۇم،ئۇنىڭ غەزەللىرىدە ھەقىقەتەن چىچەكلەش بار،قاسراق تاشلاش بار،ئۆزىنى يىڭىلاش بار،دوستۇم سۇلايماننىڭ ئالدىراشچىلىق ئىچىدىن ۋاقىت چىقىرىپ يازغان ئىسىل غەزەللىرىنى دائىم ئوقۇپ تۇرىمەن،ھەم مۇنبەرگە يوللاپ بىزنى بەھىرلەندۈرۈپ تۇرىشىنى ئۈمۈد قىلىمەن،
سۇلايماننىڭ غەلبە بوسۇغىسىدىن ئاتلاۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ تۇرۇۋاتىمىز،ھەم بۇ بو مەنزىللەردە ئاڭا ھەمدەم بولىۋاتقان ئۇستاز شائىر ئەخمەتجان تۇرۇپ بەگتۈرۈككىمۇ مىننەتدارلىقىمىزنى بىلدۈرىمىز،
ئابدۇرىشىت ئىلى ئاكىمىزنىڭ ياشلارنى بايقاۋاتقان ئۆتكۈر كۆزلىرىگىمۇ قايىل بىز،
ئاخىرىدا ئاغىنەم سۇلايماننىڭ ئارۇز دۇنياسىنىڭ تىخىمۇ رەڭدار گۈل -چىچەكلەرگە پۈركىلىشىنى ئۈمۈد قىلىمەن، ئامان بول بۇرادەر.
|