كۆرۈش: 1430|ئىنكاس: 23

سۇلايماننىڭ ئارۇز دۇنياسى (42)

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

42

未标题-1.jpg

سۇلايمان سۇببۇس1988-يىلى 11-ئاينىڭ 18-كۈنى گۇما ناھىيە كۆكتېرەك يېزىسىنىڭ ياڭاقلىق كەنتىدە تۇغۇلغان. باشلانغۇچ، تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپلەرنى پۈتتۈرگەندىن باشلاپ ھازىرغىچە يەككە تىجارەت بىلەن شۇغۇللىنىپ كەلمەكتە.
  سۇلايمان سۇببۇس 2003-يىلى «تارىم غۇنچىلىرى» ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغان «قاغا بىلەن كەپتەر» ناملىق مەسىلى بىلەن ئەدەبىي ئىجادىيەت سېپىگە كىرگەن. شۇنىڭدىن بۇيان ئىزچىل ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللىنىۋاتىدۇ.

[ئاپتۇرنىڭ بايانى]: شېئىر مېنىڭ ئەينىكىم. شېئىر مېنى مەڭگۈ راست سۆزلەشكە، پاك ياشاشقا، شەيئىلەرنى چۈشىنىشكە ۋە توغرا مۇئامىلە قىلىشقا ئۈندەيدۇ. مېنى مۇھەببەت شېئىرىيەت قەسىرىگە باشلاپ كىرگەنلىكى ئۈچۈنمۇ، مۇھەببەت تېمىسى مەڭگۈلۈك تېمام. مېنىڭ ۋاپاسىز جانانغا بولغان تىنىمسىز تەلپۈنۈشىم، غەزەپ-نەپرىتىم، ئوتلۇق مۇھەببىتىم يەنىلا شېئىر ئارقىلىق ئۆزىنى ئاشكارلايدۇ. مەيلى بارماق ياكى ئارۇز ۋەزنىدە بولسۇن ئۆزۈمنىڭ ئاۋازىنى ياڭرىتالىغانلىقىمدىن چەكسىز پەخىرلىنىمەن!

سۇلايمان سۇببۇس بىر ئارۇز ھەۋەسكارى بولۇشىغا قارىماي ئۇنىڭ غەزەللىرىدە پىستان چاقىدىغان ئىشلار ئاساسەن كۆرۈلمەيدۇ، غەزەللىرىنىڭ تىلى يېڭى ۋە جەزبىدار بولۇپ كىتابخانلارنى ئۈنسىز جەلىپ قىلىدۇ، سۇلايمان سۇببۇسنىڭ بىر تۈركۈم غەزەللىرىنىڭ 2-قېتىملىق ئىزگۈ تور ئەدەبىياتى مۇكاپاتىنىڭ دەسلەپكى نامزات ئەسەرلەر تىزىملىكىدىن ئورۇن ئېلىشىمۇ ئۇنىڭ ئارۇز ۋەزنى جەھەتتە كىتابخانلارنىڭ ئېتىرابى ۋە ھۆرمىتىگە ئېرىشىۋاتقانلىقىنى دەلىللەيدۇ. بىز سۇلايمان سۇببۇسنىڭ بۇندىن كېيىنكى ئىجادىيىنىڭ تېخىمۇ بەرىكەتلىك بولۇشىغا تىلەكداشلىق بىلدۈرۈپ بىر تۈركۈم غەزەللىرىنى ھوزۇرۇڭلارغا سۇندۇق.

- مەسئۇل مۇھەررىردىن






غەزەللەر


كۆزۈڭدىن قۇم ئىچەر ئالەم


گۈلۈم ئاسمان لېچەكىڭدە چېچىلغان ئارمىنىم تال-تال،

ئۆلۈم داستان چېچەكىڭدە ئېچىلغان پەرمىنىم تال-تال.


كۆزۈڭدىن قۇم ئىچىپ ئالەم سۈزۈلدى قاپقارا تاشتا،

يولۇم بوستان چۆچەكىڭدە چېقىلغان دەرمىنىم تال-تال.


چېچىڭ دار بولمىغان سەلكىن كۆڭۈل بەرگىنى تىندۇرماس،

چۆلۈم ئوكيان چۆنەكىڭدە سېقىلغان مارجىنىم تال-تال.


قورايدەك كىرپىكىڭ باغلام چاقار ئاتەشنى ئىنساندا،

قولۇم كارۋان تۈنەكىڭدە قېقىلغان دەۋرىنىم تال-تال.


لېۋىڭ كاچكۇل بويى ئاچقان باراقسانلىق جۇلا خەنجەر،

كۆلۈم بارخان ئېتەكىڭدە يېقىلغان رەيھىنىم تال-تال.



گۈلۈم تاش ئاتما، تاش ئاتما


گۈلۈم تاش ئاتما،تاش ئاتما، تېشىڭدا ئاينىماس كۆڭلۆم،

ۋاپانىڭ  شاخلىرى  سۇنغان قېشىڭدا ئاينىماس كۆڭلۆم.


چېچىڭنى ئورىغان ياغلىق غۇرۇرۇم تىكلىگەن بايراق،

كىبىرنىڭ تاجى چوقچايغان بېشىڭدا ئاينىماس كۆڭلۆم.


بوۋامنىڭ جامىدا ئىچسەم سوغۇق سۇ يارغۇسى تىلنى،

رەقىبنىڭ ئالدىدىن ئاشقان ئېشىڭدا ئاينىماس كۆڭلۆم.


مۇھەببەت مۈشكۈلى تاۋلاپ چىقار ئىنساننى ئالەمدە،

پۈكۈلسە تىزلىرىڭ كەستىم، يېشىڭدا ئاينىماس كۆڭلۆم.


ھىدايەت نۇرىدىن سالماق ئۈمۈدكە يامىشار تاڭدا،

ساداقەت تەختىنى چاققان مېشىڭدا ئاينىماس كۆڭلۆم.



كاككۇك نالىسى


كەل نىگارىم، ئىللىتاي گۇلخاندا مەن، باغرىمغا چۆك،

قاق لېۋىمنى تامچىتىپ بارخاندا مەن، باغرىمغا چۆك.


بولسا ياندا غەمگۇزار قاقمامدۇ قۇش ئەركىن قانات،

كەڭرى ئالەم سۈپسۈزۈك ئاسماندا مەن، باغرىمغا چۆك.


سايە بەرگەي كىرپىكىم سايلاردا قالساڭ تاش پېتى،

چۆلدە جەۋلان ئەيلىگەن بوستاندا مەن، باغرىمغا چۆك.


تۈنلىرىڭگە نۇر چېچىپ چاقنار دىلىمدا مىڭ قۇياش،

تاڭغا رىشتە باغلىغان چولپاندا مەن، باغرىمغا چۆك.


چاچلىرىڭنىڭ تالىنى چەككەي كۈلۈپ بارماقلىرىم،

جان«سەنەم»گە شوخلىغان كارۋاندا مەن، باغرىمغا چۆك.


مۇڭلىرىڭنى ئەسلىتەر ھىجراندا كاككۇك نالىسى،

قۇت-ۋىسالنى چىللىغان دەۋراندا مەن، باغرىمغا چۆك.


ئاھ، كۈتۈشنىڭ تەكتىدە سالماق ساناقسىز شاخلىدى،

شاخ ئۇپۇقنى سۆيسە دەپ ئارماندا مەن، باغرىمغا چۆك!



كەچمىش جىلۋىسى


مەن ياياق، ئاتىم ئۆلۈپ چۆللەردە قالدى كەچمىشىم،

غۈنچىسى بەرگى خازان گۈللەردە قالدى كەچمىشىم.


چاڭقىغان بارخان لېۋىمگە قونسا تامچە سۇ تىلەپ،

ئىزدىگەنچە قۇپقۇرۇق كۆللەردە قالدى كەچمىشىم.


نالە قىلسام تەمبۇرۇم دەرتلىك كۆزىنى ياشلىدى،

تار بويىدىن سىرغىغان ھۆللەردە قالدى كەچمىشىم.


مەرىگەننىڭ باغرىنى يايلاق نېچۈنكىن تىڭشىماس،

ئىچ-ئىچىدىن ئۆرتىنىپ تۆللەردە قالدى كەچمىشىم.


ئىزلىرىمدىن چاقنىغان ئەسلا ھەقىقەتنىڭ نۇرى،

مۈشكۈلۈمگە بىنەزەر سۆللەردە قالدى كەچمىشىم.



قانايدۇ كىرپىكىم تال-تال


قانايدۇ كىرپىكىم تال-تال گۈلۈمنى ئەسلىگەن دەمدە،

ناھارغا ئىنتىزار ھەر چاغ تۈنۈمنى ئەسلىگەن دەمدە.


ئاقار دەريادا مىڭ تاھىر، كۆزىدە بىر ئۈمۈد زاھىر،

بېغەم تاشلارنى ئويغاتقان ئۈنۈمنى ئەسلىگەن دەمدە.


كېتەر ئارمانلىرىم كىشنەپ، سۈكۈتنى چالغىتىپ چەيلەپ،

ئۇپۇققا لەۋ يېقىپ كۈلگەن يولۇمنى ئەسلىگەن دەمدە.


تۈمەن بۇلبۇل ناۋا قىلغاي، سۈزۈك سالقىن سابا قىلغاي،

قۇياش زۇلمەتنى كۆيدۈرگەن كۈنۈمنى ئەسلىگەن دەمدە.


يۈرەك گۈلخاندا چوغداندۇر، تىلەك تىللاردا ۋولقاندۇر،

ۋۇجۇد رىزۋاندا سەيلاندۇر ئۆلۈمنى ئەسلىگەن دەمدە.



سېنىڭدىن كەچمىدى كۆڭلۈم


مېنىڭدىن كەچسە كەچتىكى، سېنىڭدىن كەچمىدى كۆڭلۈم،

جېنىمدىن كەچسە كەچتىكى، جېنىڭدىن كەچمىدى كۆڭلۈم.


ھىدايەتكە قۇچاق ئاچماي كىشى بوستاننى تاپسۇنمۇ؟

قېنىمدىن كەچسە كەچتىكى، قېنىڭدىن كەچمىدى كۆڭلۈم.


سۈكۈتكە تىغ ئۇرۇپ ئۆتكەن ھامان تاڭلاردا كىشنەيدۇ،

يېنىمدىن كەچسە كەچتىكى، يېنىڭدىن كەچمىدى كۆڭلۈم.


ساپايە چالمىسۇن كىملەر گۆرىستانلىقتا ئاچ قورساق،

نېنىمدىن كەچسە كەچتىكى، نېنىڭدىن كەچمىدى كۆڭلۈم.


ساماغا كۆيسىمۇ قۇشلار بۇلۇتنى ئاشىيان ئەتمەس،

تېنىمدىن كەچسە كەچتىكى، تېنىڭدىن كەچمىدى كۆڭلۈم.



ئايرىلىش خاتىرىسى


سېنىڭدىن ئايرىلىپ دىلبەر، ناۋاسىز قالغىنىم راسىتتۇر،

جۇدالىق كۆكسىدە چاڭقاپ داۋاسىز قالغىنىم راسىتتۇر.


كېپىنەك شاد-خورام يايراپ ئۆزىگە پاتمىغان باغدا،

سىقىلغان دەملىرىم بىسيار، ھاۋاسىز قالغىنىم راستتۇر.


باھارنىڭ مېھرىگە قانغان قىياقنىڭ چاچلىرى سۇمبۇل،

بۇرۇتۇم شاخلىماس توڭلاپ، لاۋاسىز قالغىنم راسىتتۇر.


چىقىۋىقلار تولغىنىپ لەرزان كۆڭۈلنى ئاۋۇتار ئاستا،

ھىدىڭغا زار بولۇپ ھەر تاڭ ساباسىز قالغىنىم راستتۇر.


تولۇنئاي مۈگدىگەن تۈندە خىيالغا چىرمىشىپ تەمبۇر،

قولۇمغا قونسىمۇ ئۈنلەپ، ساداسىز قالغىنىم راستتۇر.


تۇياقى قىززىغان تۇلپار قىيانى كۆيدۈرەر كىشنەپ،

قەدەمنى يۆتكىسەم كەڭرى، دالاسىز قالغىنم راستتۇر.


پىراقىڭ دەشتىدىن سالماق كۆزىدە قاينىبان تاشتى،

مۇھەببەت باغرىدا خەستەك باھاسىز قالغىنىم راستتۇر.



ئىچىم قاينايدۇ، قاينايدۇ


گۈلۈم شاخلارغا قاش ئاتساڭ ئىچىم قاينايدۇ، قاينايدۇ،

سەھەردە نازغىتىپ ياتساڭ ئىچىم قاينايدۇ، قاينايدۇ.


ئوتۇڭغا مىسلىسىز چۆككەچ بېشىمنى يا كەبىي ئەگدىم،

دىلىڭنى كېبرىگە چاتساڭ ئىچم قاينايدۇ، قاينايدۇ.


مېنى سايراتتى ئاشىقلىق چېچىپ يالقۇن بىغەملەرگە،

چوغۇمنى تەلۋىگە ساتساڭ ئىچىم قاينايدۇ، قاينايدۇ.


ئىزىم چۈشسە باياۋانغا تىكەن، يانتاق ئەقىل تاپقاي،

كۆزۈمنى سالمىغا قاتساڭ ئىچم قاينايدۇ، قاينايدۇ.


قۇياش مەڭزىمگە سۆيسۇن دەپ بويۇمدەك تۈزلىدىم تاغنى،

يۈرەككە مىخ بولۇپ پاتساڭ ئىچىم قاينايدۇ، قاينايدۇ.



چاپارمەن ئارغىماقلاردەك


چاپارمەن ئارغىماقلاردەك چېچىپ يالقۇن تۇياقلاردىن،

ئىچىپ كەۋسەر باياۋاندا سۈيى زۇمرەت بۇلاقلاردىن.


ئازابقا يۈزلىنىپ سۆيدۈم تىكەن ئۈنگەن قىزىلگۈلنى،

ئەقىدەم كۆكسىگە پاتقان ئۇچۇپ كەتمەس پىراقلاردىن.


تولۇنئاي مۈگدىگەن تۈنلەر كۆزۈم چولپانغا ئايلاندى،

ئېلىپ قۇدرەتنى سۈبھىدە جۇلا قىلغان چىراغلاردىن.


قۇچاق ئاچتى بەخت ئىقبال قىزى سايراپ ھاياجاندا،

چېكەسىگە قىسىپ ئۆتسەم كۈمۈشتەك تۆتقۇلاقلاردىن.


كۈلۈپ ھەسرەت قىيا باقسا كۈلۈپ شوخلاپ ناۋا قىلدىم،

بىرىپ كۆڭلۈمگە رىغبەتنى تېمەن ئۆسكەن قىياقلاردىن.


غورۇر تەپتىدە چوغلاندىم بوۋام سۈزگەن جاۋاھىردەك،

تېپىپ ئۆزلۈكنى بىر مەررە پاساھەتلىك تۇراقلاردىن.



سۈكۈت قەلئەسى


سەھەر گۈلشەن ئىتەكىدە قىزىلگۈنى پۇراپ چىقتىم،

بۇلاقنىڭ ساپ ھاۋاسىغا ۋوجۇدۇمنى ئوراپ چىقتىم.


چۆنەكتە يانمۇ-يان ئۇچقان قاراپ جۈپ-جۈپ كېپىنەككە،

مېنىڭ تەنھالىقىم چاندى قۇرۇق لەۋنى شوراپ چىقتىم.


گۇلاپ مېھرىڭگە زار بولغان قياقتەك تولغۇنۇپ ھەر يان،

قۇياش سۆيگەن ئۇزارىڭنى چېچەكلەردىن سوراپ چىقتىم.


بۈيۈك نامىڭنى ياد ئەيلەپ ناۋا قىلغان غېرىب قۇشنى،

ئازابقا يۈزلىنىپ مەغرۇر ساداقلاردىن توراپ چىقتىم.


شامالغا مىنگىنشىپ ئۇچقان غۇبارسىز پاك خىيالىمدا،

قىرىق بىر ئۆرۈمە چاچتەك شۋاقلارنى تاراپ چىقتىم.


ئىزىڭنى ساقلىغان بىر تاش ياتار كىرپىكلىرى قان-ياش،

كۈرۈپ، ئوت ئۈكلىگەن قىلدەك راۋابىمدىن خاراب چىقتىم.


كىيىپ جەندەمنى ھىجراندا سۈكۈت قەلئەسىنى چاقسام،

دىلى تاڭلارنى ئويغاتقان باھادىرغا ياراپ چىقتىم.



ياندىشايلى بەيگىدە


كەل جانان،باغرىم لاۋا، گۈلخانلىرىمغا چۆككىنە،

ساپ ھاۋا، شوخ-شوخ سابا، بوستانلىرىمغا چۆككىنە.


پەر قېقىپ ئۇچقاي قۇشۇم بىر رەت تېمىمنى بويلىساڭ،

بۈك-باراقسانلىق سۇبات ئورمانلىرىمغا چۆككىنە.


كىرپىكىڭدىن ئوق يېگەن كۆكسۈم چۆلىدە بىر كىيىك،

ئاھ ئۇرار ئۇندا تۈمەن ئوكيانلىرىمغا چۆككىنىە.


ھىدلىرىڭغا ئىنتىزار لالەمنى تاڭدا بەزلىدىم،

جۈپ كۆزۈمدىن ئوخچۇغان فۇنتانلىرىمغا چۆككىنە.


ئاي ئاۋارە تۈنلىرى تۈڭلۈك بېشىنى ئاختۇرۇپ،

تەلۋە ھىسلار قاينىغان پىنھانلىرىمغا چۆككىنىە.


سەگىتەر مەيىن شامال ياپراق تېنىمنى چالغىتىپ،

مۇڭ لېۋىگە سىغمىغان ئايۋانلىرىمغا چۆككىنە.


قاشلىرىڭنىڭ پەيكىنى تەگسە يۈرەككە ئەم بولۇر،

ياندىشايلى بەيگىدە، كارۋانلىرىمغا چۆككىنە.



قايدا دارىڭ مەن باراي


دىلبىرىم، ماڭدىم ئۇزاق ھىجران چۆلىدە مەن ياياق،

ئىچكىنىم زەرداپ پىراقتۇر، يېگىنىم ئاندىن تاياق.


تولغىنىپ ياتسام كېچە يۇلتۇزلىرىڭغا تەلمۈرۈپ،

قىستىدى تۆت تام مېنى، تەكچەمدىكى گۈلدەك قاپاق.


تارچۇقۇڭدا تەلۋىلىك تاشلاتتى تەننى ئورىغا،

دەشت-باياۋاننى كېزىپ ئۆتتۈم گۈلىستاندىن ساياق.


تاغلىرىڭدا ئاھۇدەك تاقلاپ تۇتۇلدۇم سەبرىگە،

يوللىرىڭدا تاي كەبىي چاپسام چېقىلغاي زەر تاۋاق.


ئىزلىرىڭغا لەۋ يېقىپ شۈكرى-قانائەت ئەيلىدىم،

بىكۆيۈملەر لەۋزىدە ئالغانلىرم ئەسكى ئاتاق.


پۇرقىتىڭدە سايرىدىم خەندان ئۇرۇپ بۇلبۇل مىسال،

قايدا دارىڭ مەن باراي ئۆلمەككە چىن مەشرەپ سىياق.



ئۈمىد پەرۋازى


گۈلۈمنى ئىزدىدىم گۈلشەن ئارا گۈلگۈن چېچەكلەردىن،

شامال مېھرابقا باش قويغان سەھەر تۈپتۈز چۆنەكلەردىن.


كۆزۈم چولپانغا ئايلاندى يېرىپ تۈنلەردە زۇلمەتنى،

زېمىستانغا بېرىپ ئاتەش تارالغان ئىس-تۈتەكلەردىن.


ئىشىققا قانمىغان بۇلبۇل مېنى ھەسرەتتە سايراتتى،

قەدەمدە چوغ يۈتۈپ، چايناپ پىراقتا ئوت يۈرەكلەردىن.


لېۋىنى تەڭلىدى سۈبھى ئۈمىدنى قوندۇرۇپ شاخقا،

سىرىمنى ساقلىسام پىنھان، تىلى ئۇچقۇر «گۆدەك» لەردىن.


مىكىرنىڭ ئايغىرى كىشنەپ سۈكۈتنى قىلسىمۇ پايخان،

سەبىردىن كەچمىدىم زىنھار ئېلىپ ھېكمەت پېلەكلەردىن.


تەبەسسۇم ئەيلىدى كارۋان باياۋاننى كېزىپ چىقسام،

قەدەھكە تولدۇرپ قۇمنى چىقىپ ئايدىڭ تۈنەكلەردىن.


ئۆزىگە چۆكتى تاغ-دەريا سۆيۈپ نۇرلۇق ھەقىقەتنى،

گۈلۈمنى قەلبىدىن تاپسام كېچىپ داستان، چۆچەكلەردىن.



مەجنۇن خىيال


گۈلۈم، ئىشقىڭ ئارا مەجنۇن بولۇپ كەلدىم سەپەرلەردە،

كېرىپ كۆكرەك قانات قاقتىم داۋانلىق مىڭ خەتەرلەردە.


ھىدىڭغا ئاشىنالىقتىن نىھايەت كەچمدىم زىنھار،

شامالنى ئۆكسىمەي سۈيلەپ زۇھەل يانغان سەھەرلەردە.


دىلىم چاڭقاشلىرى بالقىپ تۇرار بارخان ئۇزارىدا،

لېۋىمدىن نۇر، جۇلا ئۆچتى ئۆتەڭ سۇنغان زەھەرلەردە.


غېرىبنى تاۋلىغان كۈلپەت، بېشىمدىن تاپمىدى رىھلەت،

يېتىمغا ئايلىنىپ قالدىم ئىزىڭ چۈشكەن شەھەرلەردە.


قېنى ئېيىتقىن ۋىسالىڭنى قاياقتىن ئىزدىسۇن سالماق،

رەقىبنىڭ باغرىنى داغلاپ چىقارسەنمۇ زەپەرلەردە.



گۈل جۇلاسىدا ئازاب


ئەي جانان، بەختىڭ ئۈچۈن بەختىمنى قۇربان ئەيلىدىم،

تەر تۆكۈپ بىسيار زامان چۆللەرنى بوستان ئەيلىدىم.


يوللىرىڭدا پۇتلىشىپ يۈرسەم باقارىڭ بولمىدى،

دەردلىرىمگە پايلىماي خەنجەردە جەۋلان ئەيلىدىم.


تەمبۇرۇمدىن مۇڭ تۆكۈپ پاتتىم خىيالغا ئاخشىمى،

قىلدى پەرۋاز بۇلبۇلۇم، خانەڭدە خەندان ئەيلىدىم.


كۆزلىرىڭدىن ئوت ئېلىپ گۈلخانغا ئايلاندى جېنىم،

ئوتقا ئوتتەك ھۇۋلىغان باغرىمنى چوغدان ئەيلىدىم.


قاشلىرىڭنىڭ پەيكىنى قوزغاتتى دىلدا زوق، ھەۋەس،

جاننى دوئىلغا تىكىپ مەڭزىڭدە سەيلان ئەيلىدىم.


چاقتى چاقماق ئاھ نىتەي، چىقتىم خىيالدىن باش ئېلىپ،

ئاي توساتتىن يىغلىدى ئاھىمدا ئوكيان ئەيلىدىم.


ئاقتى يۇلتۇز دەممۇ-دەم قەلبىمگە نۇردىن گۈل چېكىپ،

گۈل جۇلاسىدا ئازاب، كىرپىكتە قان-قان ئەيلىدىم.



ئارمىنىم ئاچقاي چېچەك


ئوت دىدىم، ئوتتەك قاناپ بارماق بىلەن،

چوغ تىلەپ  چۆكتۆم سۇغا قارماقبىلەن.


تىترىدىم چەكسىز جۇدالىق كۆكسىدە،

سارغىيىپ تۇرغان سۈزۈك ياپراق بىلەن.


بىلمىدىم ياشلىقتىكى قىسمەت نىمە؟

جان ئاقار جاناندىكى تۇپراق بىلەن.


ئەمچىگە بارسام پۇراتتى قەبرىنى،

دىلدا نۇر جەۋلانى يوق بايراق بىلەن.


رىھلىتىم تاپسا كامالەت چوققىدا،

ئارمىنىم ئاچقاي چېچەك ئامراق بىلەن.


ئەركىسىز يەلدۇر غېرىب نەينىڭ ئۈنى،

كىت تالاپ، ساھىل يىگەن قاسراق بىلەن.


سۆزلىرىم مەنا تاپار تاڭدىن گۈزەل،

چاقنىسام بارخان ئارا توغراق بىلەن.



تاشاي لەۋدىن پىيالەڭگە


تاشاي لەۋدىن پىيالەڭگە قېنى يۇتقىن،

زىمىننىڭ باغرىدەك چاڭقاپ مېنى يۇتقىن.


پايانىڭغا يېتەلمەستىن مۇھەببەتتە،

قۇرۇپ ئۆتكەي تۈمەن ئاشىق جېنى، يۇتقىن.


سىڭىىپ كەتسۇن باياۋانغا يېشىل چۈشلەر،

چىقار كۆكلەپ ھامان توغراق تېنى، يۇتقىن.


ساپايەم بار شاماللارنىڭ ناۋاسىدا،

تۇغار ھېكمەت ھالاللىقنىڭ نېنى، يۇتقىن.


يېتەر سالماق ھاياتلىقنىڭ باھاسىغا،

گۇلاپقا قاندۇرۇپ ئۆلسە سېنى، يۇتقىن ...



سۆكۈلگەن كۆڭۈل


ساقىيا، قۇيغىن شاراپ،قۇيغىن شاراپ،

بارى شۇ مەندە ئازاپ،مەندە ئازاپ.


بىۋاپا دىلبەرگە كۆيدۈم قايسى كۈن،

سورىما ھالىم خاراپ،ھالىم خاراپ.


نازىدا مىڭلارچە قۇۋ شەيتان ئۆلەر،

جىلۋىسى جاننى ماراپ،جاننى ماراپ.


مەست قىلار دىلنى جۇنۇنلۇق دەشتىدە،

قاش ئېتىپ، چاچنى تاراپ،چاچنى تاراپ.


بىلمىدىم ۋەسلى دىدار، شادلىق نىمە؟

ئۆرتىنەر باغرىم كاۋاپ،باغرىم كاۋاپ.


ناتىۋان كۆڭلۈم سۆكۆلدى قاتمۇ-قات،

جەبرىلەر تەننى ساۋاپ، تەننى ساۋاپ.


سۈيلىسەم چەكسىز پىراقنىڭ ۋەجىنى،

بەرمىدى ھەق بىر جاۋاپ، ھەق بىر جاۋاپ...



ئاي خېنىم


«ئاي خېنىم» قەلبىڭ سۈزۇك ئاسمانمىدى،

چاچلىرىڭ تۈندەك قويۇق بوستانمىدى.


چىدىماق مۈشكۈل قىيامەت بىر دەقىق،

ئوت چاچار، باغرىڭ لاۋا، گۈلخانمىدى.


تەمبۇرۇمدىن مۇڭ تۆكەر مىڭ بىر كېچە،

كۆزلىرىڭ نۇرلۇق زۇھەل، چولپانمىدى.


مەن بىتاپ، تامدىن ماراپ، ئېتلار تالاپ،

بۇ ئىشىق سەندىن ماڭا زىندانمىدى.


چىقمىدىڭ گۈللەر تۇتۇپ تاڭ ئاتقۇچە،

كۈتكىنىڭ ئالتۇن ئۈزۈك، ھەميانمىدى.


بۇ كۆڭۈل راھەت تاپارمۇ يارىسىز!

ياكى يار خانەڭدە بار، پىنھانمىدى.


مەن كېتەرمەن باش ئېلىپ، قۇربانىگە.....

كىرپىكىڭدىن سىرغىغان كارۋانمىدى.


جان ئۆلۈمگە قاش ئاتار ۋەسلىڭ ئۈچۈن،

«ئاي خېنىم» بىر باققىنىڭ يالغانمىدى؟



تاڭنى سۆيۈش


كۆندۈم بەك ئۇزاق سار قىلساڭ مېنى،

كۆنمەسمەن بىراق دار قىلساڭ مېنى.


سۆيسەم ئەركىلەپ تاڭنىڭ مەڭزىگە،

قانداق سىغدۇراي پار قىلساڭ مېنى.


ياش تۆكمەس نېچۈن ئىخلاس-ئەقىدەم،

ئازغۇن تۈلكىگە يار قىلساڭ مېنى.


قوزغالماس نېچۈن غەليان-ھەسرىتىم،

تەمبۇرغا ئۈنسىز تار قىلساڭ مېنى.


كىشنەر تۇلپىرىم قارلىق چوققىدا،

نۇرنىڭ بەھرىگە زار قىلساڭ مېنى.


كۆكلەر ئارمىنىم قانداق بىخ سۈرۈپ،

ھىجران تەختىگە غار قىلساڭ مېنى.


كەتكەيمەن قېچىپ، بارىمدىن كېچىپ،

نامەرد ئالدىدا خار قىلساڭ مېنى!؟


تورغىيىم


چۆلگە دىل باغلايدۇ قۇلدەك تورغىيىم،

ھۆسنى يوق ئىززەتتە پۇلدەك تورغىيىم.


قەلبىدە قاتقان ئۇزاق يادنامىلەر،

پەيلىرى كارۋانغا يولدەك تورغىيىم.


ئىيىتسا كۈي، توغراق ياشارغاي شادلىنىپ،

جىلۋىسى تاڭلاردا گۈلدەك تورغىيىم.


تۇمشۇقى بارخانغا چۆكسە، ئەتلىنىپ

تاقلىغاي يايلاقتا تۆلدەك تورغىيىم.


جۇت-شىۋىرغان سوقسا نازۇك قەددىنى،

قاينىغاي گۈلخاندا كۆلدەك تورغىيىم.


كىرپىكى نەملەنسە يۇلغۇننىڭ، بىۋاق

ئۆرتىنەر ئىچ-باغرى «چۇل»دەك تورغىيىم.


چەيلىسە يېشىل پۆپۈكنى قايسى جان،

بوزلىغاي سۇلغان كۆڭۈلدەك تورغىيىم.



سەن ئۈچۈن


تۈز مىڭىپ، يولدىن ئازارمەن سەن ئۈچۈن،

دەستىلەپ گۈللەر تىزارمەن سەن ئۈچۈن.


ئاھ ئۇرۇپ يىغلار تېغىمدا مىڭ كىيىك،

ئاندا مەستلىكتىن «بىزارمەن» سەن ئۈچۈن.


ھۆر-پەرىلەر قىلسا ناز، كىرپىك ئاتار،

ئاڭا جۇت باسقان مازارمەن سەن ئۈچۈن.


ئىزلىسەڭ تەلدۇر مېنىڭدە زەر-گۆھەر،

قوينى دۇر، قايناق بازارمەن سەن ئۈچۈن.


چاڭقىغان لەۋلەر ئارا شاۋقۇن بىلەن،

تاش يىرىپ، كۆللەر قازارمەن سەن ئۈچۈن.


تاڭدىكى چولپان كۆزىدە چوغلىنىپ،

كەل دىبان خەتلەر يازارمەن سەن ئۈچۈن.


قۇم ئېمىپ ئۆسكەن ھاياتنىڭ باغرىغا،

ياپيېشىل كۆكلەم سىزارمەن سەن ئۈچۈن.


بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   abdurexit eli تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-10-5 16:39  


ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2015-10-5 16:43:03 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سۇلايمان سۇببۇسنىڭ غەزەللىرى ياخشىكەن، بۇندىن كېيىنكى ئ‍ىجادىيتىگە ئ‍ۇتۇق تىلەيمەن!

ۋاقتى: 2015-10-5 17:00:36 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش


  1. تۈز مىڭىپ، يولدىن ئازارمەن سەن ئۈچۈن،

  2. دەستىلەپ گۈللەر تىزارمەن سەن ئۈچۈن.


  3. ئاھ ئۇرۇپ يىغلار تېغىمدا مىڭ كىيىك،

  4. ئاندا مەستلىكتىن «بىزارمەن» سەن ئۈچۈن.
مەزمۇننى كۆچۈرۈۋېلىش
غەزەل ياخشى چىقىپتۇ، ياقتۇردۇم

ۋاقتى: 2015-10-5 17:03:56 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش




     مۇبارەك بولسۇن، ئۇكام! ئارۇز يولىدىكى قەدەملىرىڭىزنىڭ تېخىمۇ چوڭ، بارلىق ئىشلىرىڭىزنىڭ ئوڭ بولىشىنى تىلەيمەن.

ۋاقتى: 2015-10-5 17:05:13 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تۈز مىڭىپ، يولدىن ئازارمەن سەن ئۈچۈن،

دەستىلەپ گۈللەر تىزارمەن سەن ئۈچۈن.



ئاھ ئۇرۇپ يىغلار تېغىمدا مىڭ كىيىك،

ئاندا مەستلىكتىن «بىزارمەن» سەن ئۈچۈن.




غەزەل ياخشى چىقىپتۇ،ياقتۇردۇم.ئىجادىيەتلىرىنىڭ تىخىمۇ رەڭدار ۋە نادىر تىمىلار بىلەن رۇياپقا چىقىشىغا تىلەكداشمەن!


ۋاقتى: 2015-10-5 17:19:45 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
«سۇلايماننىڭ ئاروز دۇنياسى» ھەقىقەتەن سۈزۈك ھەم پايانسىز ئىكەن. ئىنىمىز سۇلايماننىڭ تەپەككۇر قۇشلىرى ئاروز ساماسىدا ئەبەدىي قانات قاققاي.

ۋاقتى: 2015-10-5 18:29:17 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
غوجىمۇھەممەد مۇھەممەدتەك ياخشى شائىر بولۇپ چىققۇدەك.

ۋاقتى: 2015-10-5 20:15:17 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دوستۇم سۇلايماننىڭ ئارۇز پايانىدىكى ئىجتىھاتلىق قەدەملىرىگە نۇسرەت تىلەيمەن. ئۇنىڭ بىلەن دىدارلاشقان دەملەردىكى ئەدەبىيات ھەققىدىكى كۆڭۈللۈك پاراڭلارنى سېغىنىدىم. قەلەم تۇلپارىڭ تۇلپارىڭ ھارمىسۇن دوستۇم!!

ۋاقتى: 2015-10-5 22:36:50 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  مۇبارەك بولسۇن! دوستىمىز سۇلايماننىڭ «ياش قەلەم» سەھىپىسىدە تونۇشتۇرۇلغانلىقىدىن خوش بولدۇم. ئاروۇز پايانىدىكى ئىزدىنىشلىرىنىڭ تېخىمۇ بەرىكەتلىك بولۇشىغا تىلەكداشمەن!

ۋاقتى: 2015-10-5 22:38:33 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يۇرىتدىشىم، قەلەمدىشىم، ھەم ئاكا يوللۇق ئاغىينەم سۇلايماننىڭ يازغۇچىلار مۇنبىرىنىڭ ياش قەلەم سەھىيپىسىدە تونۇشتۇرۇلغانلىقىدىن تولىمۇ خۇشال بولدۇم.  بۇندىن كىيىنكى ئىجادىيەتلىرىگە ئۇتۇق تىلەيمەن.

ۋاقتى: 2015-10-6 00:06:19 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش


سۇلايمان سۇببۇسنىڭ ئىجادىي ھاياتىغا ئۇتۇقلار تىلەيمەن.



ۋاقتى: 2015-10-6 02:14:28 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
   سۇلايمان سۇببۇسنىڭ بۇ مۇنبەردە تونۇشتۇرۇلغىنىنى قىزغىن مۇبارەكلەيمەن! تالانتلىق ياشلارنى بايقاۋاتقان مۇھەررىرلەرنىڭ ئۆتكۈر كۆزىگىمۇ ئاپىرىن!
   ئۇنىڭ بىلەن تونۇشقىنىمغا تۆت يىل بوپتۇ. بۇ جەرياندا ئۇ شېئىريەتتە ئىزچىل مېنىڭ ئەڭ يېقىن پىكىردىشىم بولۇپ كېلىۋاتىدۇ. ئۇ گەرچە مەتبۇئاتلارغا ئەسەر ئەۋەتىشنى ئانچە خالاپ كەتمىسىمۇ يېزىقچىلىقنى تاشلاپ قويغىنى يوق. ئۇ نەچچە يىللاردىن بىرى داۋراڭسىز ھالدا تىنىمسىز تېرىشىۋاتىدۇ شۇنداقلا ئىجادىيەتتىن ياخشى مول-ھوسۇل ئېلىپ كېلىۋاتىدۇ. ئۇ پىنھان ھالدا ئۆزىنىڭ روھى دۇنياسىنى قېزىپ كەلمەكتە. ئۇ تولىمۇ كەمتەر. ئۇنىڭدا ئەدەبىي دىت بار. شۇنىڭغا ئىشىنىمەنكى، ئۇ       يېقىن كەلگۈسىدە ئۇيغۇر غەزەلچىلىكىنىڭ غوللۇق ئەزاسىغا ئايلىنىدۇ.
   ئۇنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى تۇرمۇشىغا خاتىرجەملىك ۋە ئىجادىيتىگە بەرىكەت تىلەيمەن! بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئا.ئابدۇرېھىم تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-10-6 02:15  


ۋاقتى: 2015-10-6 20:02:07 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سۇلايماندا بىر ئوت بار . ئۇ بولسىمۇ شېئىرغا ، ئاروزغا بولغان ئوت . ئۇنىڭ قەلبى بىر غەزەل . قەلىمى بىر غەزەل . ئۇ پاك ئەقىدىسى بىلەن غەزەلنى سۆيگىنى ئۈچۈن ، كۈندۈزى سەي قۇرۇغاچ ( ئۇ بىر ئاشپەز ) كەچلىرى ھاردۇقىنى چىقارغاچ ئىزچىل تۈردە غەزەل يېزىپ كەلدى . ھىچقانداق بىر ئۇستاز كۆرمىگەن ، نەزەرىيە دەرىسىگە بىر سائەتمۇ قاتنىشىپ باقمىغان بىر ھەۋەسكارنىڭ تىل ، ۋەزىن جەھەتتىن بىر قەدەر يېڭىلىققا ئىگە غەزەللەرنى يازالىشى بىر ئوتنىڭ كۈچىدۇر . ئۇ تىرىشتى . يەنىمۇ تىرىشىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن .
سۆزۈمنى ئۇنىڭ بۈگۈنكى مۇۋەپپىقىيتىنى تەبرىكلەش بىلەن ئاخىرلاشتۇرىمەن . ھەمدە ئۇنىڭ بۈگۈنكى نەتىجىلىرى ئۈچۈن ئىزچىل كۈچ چىقىرىۋاتقان مەردانە شائىر ئەخمەتچان تۇرۇپ بەگتۈرككە چىن قەلبىمدىن رەخمىتىمنى بىلدۈرىمەن .

ۋاقتى: 2015-10-6 20:45:10 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
چىقىۋىقلار تولغىنىپ لەرزان كۆڭۈلنى ئاۋۇتار ئاستا،

ھىدىڭغا زار بولۇپ ھەر تاڭ ساباسىز قالغىنىم راستتۇر.
غەزەل ئىجادىيىتىدە ئىزچىللىقنى ساقلاپ، مول مېۋە بېرىشىڭىزگە تىلەكداشمەن. يۇقارقى قىزىل بويالغاندەك ئاددىي نۇقسانلارغىمۇ يول قويمىغايسىز!


ۋاقتى: 2015-10-6 22:57:00 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇبارەك بولسۇن،ئۇكام!قەلىمىڭىزگە ئىزچىللىق  تىلەيمەن.
گەرچە يول يىراق،مەنزىل ئۇزۇن بولسىمۇ ، سىزنىڭ  ئاخىرغىچە بەرداشلىق بىرەلەيدىغانلىقىڭىزغا بەك ئىشىنىمەن!

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家协会网
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش