مۇھەببەتنىڭ كەسمە يۈزى
نەسىرلەر
گۈلبانۇم ئابابەكرى
1
ئۇنىڭ يىراققا نەزەر سالغىنىچە تۇرغان جىمجىت ھالىتى خىيال ياپراقلىرى شىلدىرلاپ تۇرغان قىران دەرەخكە ئوخشايدۇ. نادامەتلىك ئورمانلارنىڭ ئۇنىڭغا باش ئەگكەنلىكىنى، گۈللەرنىڭ ھەسرەتلىك مۇھەببەت ناخشىلىرىدا ئۇنىڭغا پىنھان كۆز تاشلاۋاتقانلىقىنى ئۇ بىلەمدىغاندۇر؟
بۇندىن نۇرغۇن - نۇرغۇن ئۇلۇغ ئېھتىراملارنىڭ ئۇنىڭ سەھەرلىرىگە ھەر كۈن ئۇچۇپ كېلىپ ئۇنىڭ دىدارىدىن سۇ ئىچىدىغانلىقىنى ئۇ بىلەمدىغاندۇر؟
كىمدۇر بىرى مېنى سۈرەتكە تارتىۋالدى. قارىغاندا ،ئۇ مېنىڭ چاناقلىرىمدىكى پىنھان ياشلىرىمنى كۆرمىگەن چېغى...
2
گۆش چاناۋاتىمەن، يۈرىگىم چانالغاندەك قاناپ-قاناپ كەتتىم.
3
سۆزلەر ئۇسۇل ئوينىغىنى بىلەن كۆزلىرى ياش.
ئۇنتۇمىغىن، كەينىڭگە قاراشنى، ئىچكىنىڭدە بىر چىنە ئاش...
4
سەن گويا يۇمۇلاق سېھىرلىك شارەككە ئوخشايسەن. نازۇك ،ئىنچىكە بارماقلىرىم بىلەن سېنى ئاۋايلاپ يۇمران ئالقانلىرىمغا ئالغىنىمدا دۇنيا گۈزەللىك ناخشىللىرى بىلەن چايقىلىپ كەتتى. گۈزەل ئالقانلار سېنىڭ مەڭگۈلۈك ئىللىق ماكانلىرىڭ بولۇش ئىستىگىدە ئاستا -ئاستا يۇمۇلماقتا، ناۋا قىلماقتا ئىدى. ئەي دۇنيانىڭ ئۇنتۇلغۇسىز تاتلىق دەقىقىللىرى، چۈش تىزمىللىرىدەك مەۋھۇم قىرغاقلاردا قالغان يىگانە مەخپىيەتلىرى! مېھىر ئالىمىنىڭ مۇھەببەت قۇياشىدا ھەر بىر سېھىرلىك نۇر چاچقىنىڭدا ، تۈمەنمىڭ گۈل پورەكلىرىدەك ساڭا ئىگىلىپ خۇش ھىد چاچقىنىمدا ئىسسىق ياشلىرىمنىڭ مۇڭلۇق تاراملىرى ساڭا تېگىپ كەتتى.زىمىن تولۇن ئاينى قۇچاقلىغاندەك روھىيەت ئالىمى سېنى قۇچاقلىدى .يىراق ۋىساللىرى يېقىن ۋىساللىرىنى بەربات قىلدى.لەۋلەر ئەبەت چاڭقاشلار ئىچىدە قالدى.قوللىرىم قاخشال، قارا سىزىقچىلار ئىچىدە زورۇقۇپ تالدى. ۋاقىت ئۆتمۈش ئىزنالىرى بىلەن قوللىرىمنى بويىۋەتتى.سېنى چىڭ تۇتۇپ تۇرالمىدىم. قوللىرىم ماغدۇرسىز، تالجىققان...ئەي دۇنيانىڭ ئۆمرى قىسقا ئاسىي دەقىقىللىرى! سەن يەرگە چۈشۈپ كەتكىنىڭدە مېنىڭمۇ قان تەپچىرەپ تۇرغان ئىسسىق يۈرۈگۈم يەرگە چۈشۈپ كەتكەندەك يۈرەكسىز تىپىرلاپ كەتتىم.
سەن دومىلاپ-دومىلاپ يىراق-يىراق يەرلەرگە كەتتىڭ.سېنى چاقىرغان ئاۋازلىرىم شاماللاردا، ياپراقلاردا قالدى.
كۆڭۈل دەرىخىم خازان پەسلىگە كىرمەكتە ئىدى.مۇھەببەت گۈللىرىمگە خۇددى ئۈششۈك چۈشۈپ كەتكەندەك قارىداپ كەتكەن ئىدى.دۇنيادا نىمە يامان؟ يازدىكى ئۈششۈك ،كىشىگە دىيەلمىگەن كۆيۈك...
بىر ئايال خازان ياپراقلىرىمنى سۈپۈرۈپ توپا ئارىلاش سۈزۈك ئېقىن سۇلارغا غەرق قىلىۋەتتى.سۇنىڭ ھەسرىتى نىمە، مېنىڭ ھەسرىتىم نىمە؟ ئىككى سۇئال، ئىككى ئالەم بار ئېقىن سۇلاردا...
مەن بىلمەسكە سېلىۋالغان بۇ دۇنيادا...
|