14
تەن دەرگاھىمدا ۋىرۇسلار...
پۈكۈلۈپ - پۈكۈلۈپ يەرگە يىقىلىمەن. ئەمما، شۇنداق پىداكار ھۈجەيرىلەر باركى ،سېنىڭ يۇمۇلغان كۆزلىرىڭنى ھاياتلىق نۇرى بىلەن قايتا ئۇچراشتۇرىدۇ.
كۆزۈمنى ئاچتىم، قاچانلاردۇر، قانداقتۇر مۇقەددەس كىتاپلاردا ئوقۇغان سۈرلۈك بىر سىيما ئالدىمدىن ئۆتتى. ياشاڭغۇرىغان نۇرسىز كۆزلىرىمدە ئۇنى ئىزلىدىم. مەن ئاقارتالماي ئۆتۈپ كەتكەن كونا تاملىرىمدا ئۇ، ئاپئاق نۇر چېچىپ تۇراتتى.
تۇغۇلۇپ تا بۈگۈنگە قەدەر، نە ئىس - تۈتۈن چىقارماي جىمجىت كۆيگەن يۈرىكىمنى يەرگە يېقىپ ھايات ئاتەشلىرىم بىلەن خوشلاشتىم.
سەھەر شامىلىدا ئاق رومالىم سۇس يەلپۈنەتتى. قولۇمدا قەلەم، خۇددى ئۇنىڭ ئۇچۇپ كېتىشىدىن ئەنسىرەپ قەلىمىم چاپماقتا، يېزىقلار ئارقىنى بىلەن ئۇنى چىڭ باغلاپ ئالماقتا ئىدى...
مامات كۈيلىرى سەھەر شامىلىغا خىرىس قىلماقتا ئىدى.
مەن شۇ ياتقانچە ئورنۇمدىن تۇرالمىدىم. خەير، ئەي كاككۇك، مەن ھايات ئۈندەشلىرىڭگە جۈر بولالمىدىم، ئەي يېشىل ئاسمان، سېنىڭ چەكلىرىڭگە جاۋاپ تاپالمىدىم.
توققۇز ياشلىىق قىزىم مارجاندەك كۆز ياشلىرى بىلەن مېنى چىڭ قۇچاقلىماقتا.
تەڭرى قانۇنىيەتلىرى ئالدىدا مەن نىمىمۇ دىيەلەيتتىم،ئۇنۇڭ تۆكىلىۋاتقان دىل ياپراقلىرىغا؟
|