يازغۇچىلار تورى

كۆرۈش: 399|ئىنكاس: 6

مىرئەھمەد مامۇت:مېنى سىغىنغۇچىلارغا

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
مېنى سىغىنغۇچىلارغا
مىرئەھمەد مامۇت

ئاسمىنىڭدا ئاي بولالمىسام ،
ئايۋىنىڭغا ياندۇرغىن چىراغ.
سۈكۈتلەردە كۈلگە ئايلانسۇن ،
ئىشقىمىزدا ئۆرتەنگەن پىراق .

يۇلتۇز بولۇپ چاقنىيالمىسام ،
پۈتىۋالما ئازابلىرىڭغا .
دەرتتەك ئۇزۇن ، يېڭى ھېكايە
سىغىنىشنى ئۇلغايتقان يىغا .

كۆزلىرىڭدە ئۇخلىيالمىسام ،
ياشلىقىڭنى قىلما تەسەددۇق .
سۇلار مۇز بوپ قېتىۋالمىسا ،
قولۋاقلاردا ئۈزۈپ كېلەتتۇق .

ئاھ ، باغرىڭدا كۆكلىيەلمىسەم ،
كېسىۋەتمە يىلتىزلىرىمنى .
تاشتەك قاتتىق خىياللىرىڭغا ،
يېزىپ قويغىن سىغىنىشىمنى .

باھار بولۇپ ئېچىلالمىسام ،
گۈللىرىمنى قىلمىغىن پايخان .
ناخشا بولۇپ قالارمەن بەلكىم
قۇشلار ھەر كۈن مۇڭلىنىپ ئىيتقان .
2013-يىلى 22-نويابىر

ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2015-10-3 23:37:33 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاھ ، باغرىڭدا كۆكلىيەلمىسەم ،
كېسىۋەتمە يىلتىزلىرىمنى .
تاشتەك قاتتىق خىياللىرىڭغا ،
يېزىپ قويغىن سىغىنىشىمنى .




بۇ شېئىرىڭىز ياخشى چىقىپتۇ، ئىلھامىڭىز بەرىكەتلىك بولغاي!

ۋاقتى: 2015-10-4 13:19:34 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىلھاملىرى ئۈزۈلمىگەي.

ۋاقتى: 2015-10-4 13:22:25 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىلھاملىرىڭىز بەرىكەتلىك بولسۇن

ۋاقتى: 2015-10-4 20:52:34 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

قەلبىڭىزدىن ئىلھام،قەلىمىڭىزدىن بەركەت تۆكۈلۈپ تۇرسۇن!!!

ۋاقتى: 2015-10-4 22:59:47 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئېسىل لىرىكىڭىز دىللارنى سۆيۈندۈردى ، بەرىكەت يار بولغاي !

ۋاقتى: 2015-10-5 13:53:19 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مېنى سېغىنغۇچىلارغا دەپ، ماۋزۇنى كۆپلىك قۇشۇمچىسى بويىچە قويۇۋېلىپ، مەزمۇننى بىرلا كىشىگە ئاتاپ يازدىڭىزمۇ نېمە؟


ماۋزۇنى مېنى سېغىنغۇچىغا دەپ ئېلىڭ.

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش