مېنى سىغىنغۇچىلارغا
مىرئەھمەد مامۇت
ئاسمىنىڭدا ئاي بولالمىسام ،
ئايۋىنىڭغا ياندۇرغىن چىراغ.
سۈكۈتلەردە كۈلگە ئايلانسۇن ،
ئىشقىمىزدا ئۆرتەنگەن پىراق .
يۇلتۇز بولۇپ چاقنىيالمىسام ،
پۈتىۋالما ئازابلىرىڭغا .
دەرتتەك ئۇزۇن ، يېڭى ھېكايە
سىغىنىشنى ئۇلغايتقان يىغا .
كۆزلىرىڭدە ئۇخلىيالمىسام ،
ياشلىقىڭنى قىلما تەسەددۇق .
سۇلار مۇز بوپ قېتىۋالمىسا ،
قولۋاقلاردا ئۈزۈپ كېلەتتۇق .
ئاھ ، باغرىڭدا كۆكلىيەلمىسەم ،
كېسىۋەتمە يىلتىزلىرىمنى .
تاشتەك قاتتىق خىياللىرىڭغا ،
يېزىپ قويغىن سىغىنىشىمنى .
باھار بولۇپ ئېچىلالمىسام ،
گۈللىرىمنى قىلمىغىن پايخان .
ناخشا بولۇپ قالارمەن بەلكىم
قۇشلار ھەر كۈن مۇڭلىنىپ ئىيتقان .
2013-يىلى 22-نويابىر
|