لۈشۈن ئەدەبىيات ئىنىستىتۇتىنىڭ ئاز سانلىق مىللەت ئەدەبىي ئىجادىيەت كۇرسىغا قاتناشقان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەسەرلىرىنى تاللاپ نەشر قىلىشى ھەققىدىكى ئۇقتۇرۇش
شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتىگە:
جۇڭگو يازغۇچىلار جەمئىيىتى پارتىگۇرۇپىسىنىڭ بىۋاستە رەھبەرلىكىدە، مۇناسىۋەتلىك ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاستە قاراشلىق شەھەرلىك ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىلىرى، يازغۇچىلار جەمئىيەتلىرىنىڭ زور كۈچ بىلەن قوللىشى ۋە ھەمكارلىشىشى بىلەن لۈشۈن ئەدەبىيات ئىنىستىتۇتىنىڭ ئاز سانلىق مىللەت ئەدەبىي ئىجادىيەت كۇرسىنىڭ خىزمەتلىرى ئوڭۇشلۇق ئېلىپ بېرىلىپ، نۆۋەتتە 19 قارارلىق تەربىيەلەش پىلانى ئۇتۇقلۇق تاماملاندى. بۇ تۈردىكى ئەدەبىي تەربىيەلەش قۇرۇلۇشىنىڭ نەتىنجىلىرىنى ناماييەن قىلىش، ئاز سانلىق مىللەت يازغۇچىلىرىنى تەربىيەلەش قۇرۇلۇشىنى تېخىمۇ كۈچەيتىش ئۈچۈن، « لۈشۈن ئەدەبىيات ئىنىستىتۇتى ئاز سانلىق مىللەت ئەدەبىي ئىجادىيەت كۇرسى ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئەسەرلىرى» دىن 100 كىتاپ تۈزۈپ، نەشر قىلىنىدۇ. تۆۋەندە جەمىئىيىتىڭلاردىن لۈشۈن ئەدەبىيات ئىنىستىتۇتىنىڭ 1-قاراردىن 18-قارارغىچە ئاز سانلىق مىللەت ئەدەبىي ئىجادىيەت كۇرسىغا قاتناشقان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەسەرلىرىنى تاللاپ كۆرسىتىپ بېرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمىز. ئەسەرلەرنىڭ تۈرى، پىروزا، نەسر، شىئېر، ئەدەبىي ئاخپارات قاتارلىق ژانىرلاردىكى ئەسەرلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
كونكىرىت لاھىيە تۆۋەندىكىچە:
1.كۆرسىتىلگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەسەرلىرى دۆلىتىمىزنىڭ ئەدەبىيات- سەنئەت سىياسەتلىرىگە، مىللەت، دىن سىياسەتلىرىگە ئۇيغۇن بولۇشى، ئەسەرلەر بەلگىلىك دەرىجىدىكى بەدىئىي سەۋىيەگە ئىگە بولۇشى كېرەك.
2.ئەسەرلىرى تاللىنىدىغان ئوقۇغۇچىلار مۇنداق ئىككى شەرتنى ھازىرلىغان بولۇشى كېرەك. (1) يېشى 45 ياشتىن تۆۋەن بولۇشى كېرەك. (1970-يىلى 10-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن كېيىن تۇغۇلغان بولۇشى كېرەك. ئالاھىدە مۇنەۋۋەرلىرىنىڭ 1969-يىلى 10-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن كېيىن تۇغۇلغان بولۇشىغا يول قويۇلىدۇ. بۇ ياش چەكلىمىسىدىن ئېشىپ كەتكەنلەرنىڭ ئەسەرلىرى بىردەك قوبۇل قىلىنمايدۇ.) (2) «لۈشۈن ئەدەبىيات مۇكاپاتى»، مەملىكەتلىك ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەدەبىياتى بويىچە «تۇلپار مۇكاپاتى» قاتارلىق مۇكاپاتلارغا ئېرىشكەن، جۇڭگو يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ نۇقتىلىق ياردەم بېرىش تۈرى، جۇڭگو يازغۇچىلار جەمئىيىتى ئاز سانلىق مىللەت يازغۇچىلىرىنىڭ نۇقتىلىق ياردەم بېرىش تۈرى قاتارلىقلارغا ئېرىشكەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەسەرلىرى ئالدىن ئويلىشىلىدۇ. (سەل قىسقارتىلدى)
3.ئەسىرى تاللانغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەسىرى ئايرىم كىتاپ قىلىپ نەشر قىلىنىدۇ. خەت سانىنىڭ 250 مىڭ خەتتىن ئېشىپ كەتمەسلىكى تەلەپ قىلىنىدۇ. خەنزۇچە ئەسەرلەرگە بۇرۇن نەشر قىلىنمىغان، ھەققىقى ئۆزىنىڭ ئەسىرى بولۇش تەلىپى قويۇلىدۇ. نەشر ھوقۇقى ماجىرالىرىغا ئاپتور ئۆزى ئىگە بولۇش تەلىپى قويۇلىدۇ.
4.
جۇڭگو يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ نۇقتىلىق ياردەم بېرىش تۈرى، جۇڭگو يازغۇچىلار جەمئىيىتى ئاز سانلىق مىللەت يازغۇچىلىرىنىڭ نۇقتىلىق ياردەم بېرىش تۈرىلىرىگە كىرگەن كىرگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەسەرلىرى، نۇقتىلىق يار-يۆلەك بولىنىدىغان ئەسەرلەر قاتارىدا نەشر قىلىنىدۇ. (جۇڭگو يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ مۇناسىۋەتلىك تارماقلىرى بىلەن تۈزۈشكەن توختاملار ئۆلچەم قىلىنىدۇ.)5. 20 -قاراردىن (20-قارارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) كېيىن لۈشۈن ئەدەبىيات ئىنىستىتۇتىنىڭ ئاز سانلىق مىللەت ئەدەبىي ئىجادىيەت كۇرسىغا قاتنىشىدىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەسەرلىرى 2018-يىلى 10-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن بۇرۇن ھەرقايسى يازغۇچىلار جەمئىيەتلىرى تەرىپىدىن يوللىنىپ بولۇنىشى كېرەك.
6. بىرىنچى يۈرۈشتىكى 18 پارچە كىتاپ، لۈشۈن ئەدەبىيات ئىنىستىتۇتىنىڭ 19-قارارلىق ئاز سانلىق مىللەت ئەدەبىي ئىجادىيەت كۇرسى ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئەسەرلىرىدىن تاللىنىدۇ. قالغان قاراردىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەسەرلىرى ئۆز تەرتىۋى بويىچە نەشرياتقا تاپشۇرۇلۇپ نەشر قىلىنىدۇ. نەشر خىراجىتىنى لۈشۈن ئەدەبىيات ئىنىستىتۇتى ئۈستىگە ئالىدۇ.
7. ھەرقايسى ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاستە قاراشلىق شەھەرلىك يازغۇچىلار جەمئىيەتلىرى 2016-يىلى 1-ئاينىڭ 15-كۈنىدىن بۇرۇن تەلەپكە ماس كېلىدىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەسەرلىرىنى، مۇكاپاتلارغا ئېرىشكەن گۇۋاھنامە ۋە تۈرلەرگە كىرگەن توختاملارنىڭ فۇيىن نۇسخىسى ھەم «لۈشۈن ئەدەبىيات ئىنىستىتۇتىنىڭ ئاز سانلىق مىللەت ئەدەبىي ئىجادىيەت كۇرسىغا قاتناشقان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەسەرلىرىنى تاللاپ كۆرسىتىش گىراپىسى»نى تولدۇرۇپ، يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ تامغىسىنى بېسىپ، لۈشۈن ئەدەبىيات ئىنىستىتۇتى تەربىيەلەش بۆلۈمىگە يوللاپ بېرىشى كېرەك.8. ئەسەرلەرنىڭ قەغەز نۇسخىسىنى يوللاش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئېل نۇسخىنىمۇ بىرلا ۋاقىتتا لۈشۈن ئەدەبىيات ئىنىستىتۇتى تەربىيەلەش بۆلۈمىنىڭ ئېلخەت ئادرىسىغا يوللاپ بېرىش كېرەك.
9.ئەسەرلەرنىڭ سۈپىتىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، ھەرقايسى ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاستە قاراشلىق شەھەرلىك يازغۇچىلار جەمئىيەتلىرى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەسەرلىرىنى دەسلەپكى تاللاش خىزمىتىنى ئىشلەيدۇ. لۈشۈن ئەدەبىيات ئىنىستىتۇتى ئىككىنچى قېتىملىق تاللاش، سېنزورلۇق خىزمىتىنى ئىشلەيدۇ. ئاخىرىدا يازغۇچىلار نەشرياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنىدۇ.
10.ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەسەرلىرىدىن دۆلەتنىڭ ئالاقىدار قانۇنلىرىغا مۇخالىپ كېلىدىغان مەزمۇنلار بايقالسا ياكى بەدىئىي سۈپىتى تۆۋەن ئەسەرلەر كۆرۈلسە بىردەك نەشر قىلىنمايدۇ.
11.بۇ تۈردىكى كىتاپلارنى نەشر قىلىش ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئەدەبىي ئىجادىيىتىگە ياردەم بېرىشنى مەقسەت قىلغان پاراۋانلىق قۇرۇلۇشى، ئۇنىڭ ئۈستىگە خىراجەتمۇ چەكلىك بولغاچ، ھەر بىر ئاپتورغا بىر كىتاپ ئۈچۈن پەقەت 10 مىڭ يۈئەنلا قەلەم ھەققى بېرىلىپ، 20 پارچە كىتاپ سوۋغا قىلىنىدۇ. ئاز سانلىق مىللەتلەر تىلىدىن خەنزۇچىغا تەرجىمە قىلىنغان ئەسەرلەرگە بولسا لۈشۈن ئەدەبىيات ئىنىستىتۇتىنىڭ قوشۇلۇشى ۋە تەرجىمە سۈپىتىنىڭ تەلەپكە لايىق بولۇشى ئاساسىدا، كىتاپ نەشر قىلىنغاندىن كېيىن دۆلەتنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە تەرجىمە قەلەم ھەققى بېرىلىدۇ.
ئىلاۋە: ۋاقىت مۇناسىۋېتى بىلەن ئاساسى مەزمۇنى تەرجىمە قىلىندى.
بۇ تۈردىكى كىتاپلارغا مۇناسىۋەتلىك ئىشلاردا شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتى تەرىپىدىن ئالاقىلاشقۇچى: ئەيبۇ ياقۇپ. تېلىفۇن: 0991-4527645