كۆرۈش: 2405|ئىنكاس: 25

لۈشۈن ئەدەبىيات ئىنىستىتۇتىنىڭ ئۇقتۇرۇشى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
لۈشۈن ئەدەبىيات ئىنىستىتۇتىنىڭ ئاز سانلىق مىللەت ئەدەبىي ئىجادىيەت كۇرسىغا قاتناشقان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەسەرلىرىنى تاللاپ نەشر قىلىشى ھەققىدىكى ئۇقتۇرۇش


鲁院通知1.jpg
鲁院通知2.jpg
鲁院通知3.jpg
鲁院通知4.jpg

بۇ ئۇقتۇرۇشقا مۇناسىۋەتلىك ئىشلارنى بېجىرگۈچى، ئالاقىلاشقۇچى: ئەيبۇ ياقۇپ، تېلىفۇن نومۇر: 0991-4527645

ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-9-30 11:41:13 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
لۈشۈن ئەدەبىيات ئىنىستىتۇتىنىڭ ئاز سانلىق مىللەت ئەدەبىي ئىجادىيەت كۇرسىغا قاتناشقان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەسەرلىرىنى تاللاپ نەشر قىلىشى ھەققىدىكى ئۇقتۇرۇش

   شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتىگە:

   جۇڭگو يازغۇچىلار جەمئىيىتى پارتىگۇرۇپىسىنىڭ بىۋاستە رەھبەرلىكىدە، مۇناسىۋەتلىك ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاستە قاراشلىق شەھەرلىك ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىلىرى، يازغۇچىلار جەمئىيەتلىرىنىڭ زور كۈچ بىلەن قوللىشى ۋە ھەمكارلىشىشى بىلەن لۈشۈن ئەدەبىيات ئىنىستىتۇتىنىڭ ئاز سانلىق مىللەت ئەدەبىي ئىجادىيەت كۇرسىنىڭ خىزمەتلىرى ئوڭۇشلۇق ئېلىپ بېرىلىپ، نۆۋەتتە 19 قارارلىق تەربىيەلەش پىلانى ئۇتۇقلۇق تاماملاندى. بۇ تۈردىكى ئەدەبىي تەربىيەلەش قۇرۇلۇشىنىڭ نەتىنجىلىرىنى ناماييەن قىلىش، ئاز سانلىق مىللەت يازغۇچىلىرىنى تەربىيەلەش قۇرۇلۇشىنى تېخىمۇ كۈچەيتىش ئۈچۈن، « لۈشۈن ئەدەبىيات ئىنىستىتۇتى ئاز سانلىق مىللەت ئەدەبىي ئىجادىيەت كۇرسى ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئەسەرلىرى» دىن 100 كىتاپ تۈزۈپ، نەشر قىلىنىدۇ. تۆۋەندە جەمىئىيىتىڭلاردىن لۈشۈن ئەدەبىيات ئىنىستىتۇتىنىڭ 1-قاراردىن 18-قارارغىچە ئاز سانلىق مىللەت ئەدەبىي ئىجادىيەت كۇرسىغا قاتناشقان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەسەرلىرىنى تاللاپ كۆرسىتىپ بېرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمىز. ئەسەرلەرنىڭ تۈرى، پىروزا، نەسر، شىئېر، ئەدەبىي ئاخپارات قاتارلىق ژانىرلاردىكى ئەسەرلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

كونكىرىت لاھىيە تۆۋەندىكىچە:

1.كۆرسىتىلگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەسەرلىرى دۆلىتىمىزنىڭ ئەدەبىيات- سەنئەت سىياسەتلىرىگە، مىللەت، دىن سىياسەتلىرىگە ئۇيغۇن بولۇشى، ئەسەرلەر بەلگىلىك دەرىجىدىكى بەدىئىي سەۋىيەگە ئىگە بولۇشى كېرەك.
2.ئەسەرلىرى تاللىنىدىغان ئوقۇغۇچىلار مۇنداق ئىككى شەرتنى ھازىرلىغان بولۇشى كېرەك. (1) يېشى 45 ياشتىن تۆۋەن بولۇشى كېرەك. (1970-يىلى 10-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن كېيىن تۇغۇلغان بولۇشى كېرەك. ئالاھىدە مۇنەۋۋەرلىرىنىڭ 1969-يىلى 10-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن كېيىن تۇغۇلغان بولۇشىغا يول قويۇلىدۇ. بۇ ياش چەكلىمىسىدىن ئېشىپ كەتكەنلەرنىڭ ئەسەرلىرى بىردەك قوبۇل قىلىنمايدۇ.) (2) «لۈشۈن ئەدەبىيات مۇكاپاتى»، مەملىكەتلىك ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەدەبىياتى بويىچە «تۇلپار مۇكاپاتى» قاتارلىق مۇكاپاتلارغا ئېرىشكەن، جۇڭگو يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ نۇقتىلىق ياردەم بېرىش تۈرى، جۇڭگو يازغۇچىلار جەمئىيىتى ئاز سانلىق مىللەت يازغۇچىلىرىنىڭ نۇقتىلىق ياردەم بېرىش تۈرى قاتارلىقلارغا ئېرىشكەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەسەرلىرى ئالدىن ئويلىشىلىدۇ. (سەل قىسقارتىلدى)
3.ئەسىرى تاللانغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەسىرى ئايرىم كىتاپ قىلىپ نەشر قىلىنىدۇ. خەت سانىنىڭ 250 مىڭ خەتتىن ئېشىپ كەتمەسلىكى تەلەپ قىلىنىدۇ. خەنزۇچە ئەسەرلەرگە بۇرۇن نەشر قىلىنمىغان، ھەققىقى ئۆزىنىڭ ئەسىرى بولۇش تەلىپى قويۇلىدۇ. نەشر ھوقۇقى ماجىرالىرىغا ئاپتور ئۆزى ئىگە بولۇش تەلىپى قويۇلىدۇ.
4.جۇڭگو يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ نۇقتىلىق ياردەم بېرىش تۈرى، جۇڭگو يازغۇچىلار جەمئىيىتى ئاز سانلىق مىللەت يازغۇچىلىرىنىڭ نۇقتىلىق ياردەم بېرىش تۈرىلىرىگە كىرگەن كىرگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەسەرلىرى، نۇقتىلىق يار-يۆلەك بولىنىدىغان ئەسەرلەر قاتارىدا نەشر قىلىنىدۇ. (جۇڭگو يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ مۇناسىۋەتلىك تارماقلىرى بىلەن تۈزۈشكەن توختاملار ئۆلچەم قىلىنىدۇ.)5. 20 -قاراردىن (20-قارارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) كېيىن لۈشۈن ئەدەبىيات ئىنىستىتۇتىنىڭ ئاز سانلىق مىللەت ئەدەبىي ئىجادىيەت كۇرسىغا قاتنىشىدىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەسەرلىرى 2018-يىلى 10-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن بۇرۇن ھەرقايسى يازغۇچىلار جەمئىيەتلىرى تەرىپىدىن يوللىنىپ بولۇنىشى كېرەك.
6. بىرىنچى يۈرۈشتىكى 18 پارچە كىتاپ، لۈشۈن ئەدەبىيات ئىنىستىتۇتىنىڭ 19-قارارلىق ئاز سانلىق مىللەت ئەدەبىي ئىجادىيەت كۇرسى ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئەسەرلىرىدىن تاللىنىدۇ. قالغان قاراردىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەسەرلىرى ئۆز تەرتىۋى بويىچە نەشرياتقا تاپشۇرۇلۇپ نەشر قىلىنىدۇ. نەشر خىراجىتىنى لۈشۈن ئەدەبىيات ئىنىستىتۇتى ئۈستىگە ئالىدۇ.
7. ھەرقايسى ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاستە قاراشلىق شەھەرلىك يازغۇچىلار جەمئىيەتلىرى 2016-يىلى 1-ئاينىڭ 15-كۈنىدىن بۇرۇن تەلەپكە ماس كېلىدىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەسەرلىرىنى، مۇكاپاتلارغا ئېرىشكەن گۇۋاھنامە ۋە تۈرلەرگە كىرگەن توختاملارنىڭ فۇيىن نۇسخىسى ھەم «لۈشۈن ئەدەبىيات ئىنىستىتۇتىنىڭ ئاز سانلىق مىللەت ئەدەبىي ئىجادىيەت كۇرسىغا قاتناشقان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەسەرلىرىنى تاللاپ كۆرسىتىش گىراپىسى»نى تولدۇرۇپ، يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ تامغىسىنى بېسىپ،  لۈشۈن ئەدەبىيات ئىنىستىتۇتى تەربىيەلەش بۆلۈمىگە يوللاپ بېرىشى كېرەك.8. ئەسەرلەرنىڭ قەغەز نۇسخىسىنى يوللاش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئېل نۇسخىنىمۇ بىرلا ۋاقىتتا لۈشۈن ئەدەبىيات ئىنىستىتۇتى تەربىيەلەش بۆلۈمىنىڭ ئېلخەت ئادرىسىغا يوللاپ بېرىش كېرەك.
9.ئەسەرلەرنىڭ سۈپىتىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، ھەرقايسى ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاستە قاراشلىق شەھەرلىك يازغۇچىلار جەمئىيەتلىرى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەسەرلىرىنى دەسلەپكى تاللاش خىزمىتىنى ئىشلەيدۇ. لۈشۈن ئەدەبىيات ئىنىستىتۇتى ئىككىنچى قېتىملىق تاللاش، سېنزورلۇق خىزمىتىنى ئىشلەيدۇ. ئاخىرىدا يازغۇچىلار نەشرياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنىدۇ.
10.ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەسەرلىرىدىن دۆلەتنىڭ ئالاقىدار قانۇنلىرىغا مۇخالىپ كېلىدىغان مەزمۇنلار بايقالسا ياكى بەدىئىي سۈپىتى تۆۋەن ئەسەرلەر كۆرۈلسە بىردەك نەشر قىلىنمايدۇ.
11.بۇ تۈردىكى كىتاپلارنى نەشر قىلىش ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئەدەبىي ئىجادىيىتىگە ياردەم بېرىشنى مەقسەت قىلغان پاراۋانلىق قۇرۇلۇشى، ئۇنىڭ ئۈستىگە خىراجەتمۇ چەكلىك بولغاچ، ھەر بىر ئاپتورغا بىر كىتاپ ئۈچۈن پەقەت 10 مىڭ يۈئەنلا قەلەم ھەققى بېرىلىپ، 20 پارچە كىتاپ سوۋغا قىلىنىدۇ. ئاز سانلىق مىللەتلەر تىلىدىن خەنزۇچىغا تەرجىمە قىلىنغان ئەسەرلەرگە بولسا لۈشۈن ئەدەبىيات ئىنىستىتۇتىنىڭ قوشۇلۇشى ۋە تەرجىمە سۈپىتىنىڭ تەلەپكە لايىق بولۇشى ئاساسىدا، كىتاپ نەشر قىلىنغاندىن كېيىن دۆلەتنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە تەرجىمە قەلەم ھەققى بېرىلىدۇ.




ئىلاۋە: ۋاقىت مۇناسىۋېتى بىلەن ئاساسى مەزمۇنى تەرجىمە قىلىندى.
         بۇ تۈردىكى كىتاپلارغا مۇناسىۋەتلىك ئىشلاردا شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتى تەرىپىدىن ئالاقىلاشقۇچى: ئەيبۇ ياقۇپ. تېلىفۇن: 0991-4527645








ۋاقتى: 2015-9-30 11:47:48 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇختۇرۇشنىڭ مەزمۇنىدىن تولۇق خەۋەر تاپالمىغان بولساممۇ، بۇ ئىشتىن ئۆزەمچە خۇشاللىق ھىس قىلدىم. لۈشۈن ئەدەبىيات ئىنىستىتۇتىنىڭ ھەرقايسى قارارلىرىدا ئوقۇغان يازغۇچىلىرىمىزغا ئۇتۇق تىلەيمەن.

ۋاقتى: 2015-9-30 11:49:15 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
لۇشۇن ئەدەبىيات ئىنىستىتۇتى قاتتىق غەيرەتكە كېلىپ،كۇرسانتلىرىغا نۇرلۇق يېشىل چىراق يېقىپ بېرىپتۇ.كاتتا خۇشخەۋەركەن.

ۋاقتى: 2015-9-30 11:56:46 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  نەشىر قىلىنىدىغان كىتاب سانىمۇ ھەقىقەتەن كۆپ بولۇش بىلەن بىرگە، ھۆكۈمەت خىراجىتى بىلەن چىقىرىلىپ ئون مىڭ يۈۋەندىن قەلەم ھەققى بېرىلىدىغانلىقى، تېخىمۇ مۇھىمى كۇرسانتلار ئۈچۈن بۇنداق ياخشى پۇرسەتنىڭ يارىتىلىپ بېرىلىشى-لۇشۈن ئەدەبىيات ئىنىستىتۇتىنىڭ دىللاردىكى ئوبرازىنىمۇ زور دەرىجىدە يۇقىرى كۆتېرىدۇ. ياشقا خېلى قاتتىق چەكلىمە قويۇلۇپتۇ. كۇرسانتلارنىڭ ئىجادىيىتى سەمەرىلىك بولغاي.

ۋاقتى: 2015-9-30 12:19:28 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كاتتا خوش خەۋەركەن،لۇشۈن ئەدەبىيات ئىنىستىتوتىنىڭ ئۇقۇغۇچىلىرىغا ئۇتۇقلار يار بولغاي!

ۋاقتى: 2015-9-30 13:24:32 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياشلىرىمىزغا يېڭى بىر ئۆزىنى نامايەن قىلىش نۆۋىتى كەپتۇ...

ۋاقتى: 2015-9-30 13:33:31 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شەرتكە ئۇيغۇن كېلىدىغانلارغا بىر قېتىملىق ئامەت يېغىپتۇ. قېنى مەرھەمەت...كېيىنكى مۇناسىۋەتلىك ئىشلارنىڭ ئۇتۇقلۇق بولۇشىغا چىن دىلىمدىن تىلەكداشمەن!

ۋاقتى: 2015-9-30 16:22:22 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى پۇرسەتكەن .
مانا بۇ قوللاش .

ۋاقتى: 2015-9-30 17:14:39 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

بورتالا  قەلەمكەشلىرىمۇ  بۇ كۇرسقا قاتنىشامدۇ...؟

ۋاقتى: 2015-9-30 19:22:10 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نىمە دېگەن ياخشى ئۇقتۇرۇش بو مەن ۋە مەندەكلەرگە ياغدەك ياقىدىغان ، مېنىڭغو تەييارلىقىم ئاللا بۇرۇن پۇتكەن موشۇنداق ياخشى پۇرسەتكە ئىرىشەلمەي يۇرۇيتتۇم مانا ئەمدى تەلىيىم ئوڭدىن كەپتو !.

باھا سۆز

مەن ئارخىپىڭىزغا قاراپتىمەن. كىملىكىڭىزنى كۆرمەيلا.  ۋاقتى: 2015-10-2 12:01 PM
ۋاقتى: 2015-9-30 19:38:04 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش: يوللىغۇچى چەكلەنگەن. مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
ۋاقتى: 2015-9-30 19:47:00 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ ھەقىقەتەن ئوبدان ئىشكەن، سۈپەتلىك يازىدىغانلارغۇ بارغانسىرى كەڭ سەھنە ھازىرلىنىۋاتىدۇ.

ۋاقتى: 2015-9-30 22:33:49 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئامىنە يوللىغان ۋاقتى  2015-9-30 19:22
نىمە دېگەن ياخشى ئۇقتۇرۇش بو مەن ۋە مەندەكلەرگە ياغدەك ...

ئەپسۇس،ياشلىرى چوڭ كېلىپ قالغۇدەك...

باھا سۆز

كىملىگىمدا 1973 ئىنىم  ۋاقتى: 2015-9-30 11:46 PM
ۋاقتى: 2015-9-30 22:54:57 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش



         ياخشى ئىش ئىكەن. چاققان بولۇڭلار بۇرادەرلەر...!!

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家协会网
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش