كۆرۈش: 655|ئىنكاس: 16

ئەنۋەر جۇلا(ت)ئەركىنلىك ۋە ئىرادە

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ئەركىنلىك ۋە ئىرادە

     ئەركىنلىككە بولغان تەلپۈنۈش كەلگۈسى ھەققىدە ئويلىنىش ئىقتىدارى بىلەن بىۋاستە مۇناسىۋەتلىك، پەقەت ئىنساندىلا مۇشۇنداق ئىقتىدار بار. ئەركىنلىك ئىنسانىيەتنىڭ بىر تۈرلۈك ئىجادىيىتى، خۇددى قەدىر-قىممەت، ھوقۇق ۋە مۇھەببەتكە ئوخشاش. بىز ئۆزىمىزنىڭ مەۋجۇتلىقىنى تۇيغاندىن باشلاپ ئەركىنلىك بىزنى قورشاپ تۇرغان رېئال مەۋجۇتلۇقنىڭ باشتىن-ئاخىر كەم بولسا بولمايدىغان بىر قىسمىغا ئايلىنىدۇ.
     ئەركىنلىكنى پەلسەپە جەھەتتىن چۈشىنىشتىكى ئەڭ مۇھىم ھالقا ئىرادە ئەركىنلىگى مەسىلىسىدۇر. چۈنكى پەقەت ئىرادە ئەركىنلىگى بولغاندىلا ئاندىن ئادەم تەبىئەت قوينىدىن ۋە دوگمىلار ئاستىدىن مۇستەقىللىققە ئېرىشىپ، ئادەم بولۇش سۈپىتىدە ئادىمىي ئىرادىسىنى يۈرگۈزىدۇ ۋە ئىنسانىي مەسئۇلىيەتنى ئۆز ئۈستىگە ئالىدۇ.


   ئادەمدە ئەركىنلىك بولمىسا كېچە-كۈندۈز ئەركىنلىك چۈشەيدۇ ــــــــ ئەركىنلىك پارادوكىسى

     ئىنساننىڭ ئەركىنلىك ئىرادىسى قانۇننىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرىمىغان شارائىتتا تارىخىي ۋەقەلەرگە تەسىر كۆرسىتەلەيدىغانلىقىنى ئېتىراپ قىلىمەن، خۇددى تارىختىكى ئاسترونوملار ئەركىنلىك كۈچىنىڭ ئاسمان جىسىملىرىنى يۆتكىۋېتەلەيدىغانلىقىنى ئېتىراپ قىلغاندەك.
                                                       ـــــ لېۋ تولىستوي

      ئەركىنلىك ئىنسانىيەتنىڭ سۆز لۇغىتىدىكى ئەڭ گۈزەل سۆز بولۇپلا قالماي يەنە ئەڭ ئىمكانسىز بىر سۆزدۇر.
     19-ئەسىردە ئۆتكەن بۇلغارىيەلىك شائىر پىتوفى ساندور نۇرغۇن ئادەمنىڭ نەزىرىدە مۇھەببەتنى ھەقىقىي چۈشىنىدىغان بىر كىشىدۇر. ئۇنىڭ بىر شېئىرى  كۆپچىلىككە ئىنتايىن تونۇش:
دۇنيادا ھەممىدىن ھايات بەك قىممەت،
ئۇنىڭدىن قىممەتتۇر سۆيگۈ-مۇھەببەت.
لېكىن ۋاز كېچىمەن ھەر ئىككىسىدىن،
ئەركىنلىك ئۈچۈنلا پەقەت ۋە پەقەت.
      پىتوفى ساندورنىڭ بۇ شېئىرىغا قارىساق، مۇھەببەت بىلەن ھاياتنى سېلىشتۇرغاندا مۇھەببەتنىڭ سالمىقى ئېغىر كەلگەن، لېكىن ئۇلارنىڭ ئارىسىغا ئەركىنلىكنى قويغاندا ئەركىنلىك ئالدىدا ئۇ ئىككىسى ھېچنېمىگە ئەرزىمىگەن، چۈنكى ئەركىنلىك بىباھا!
     كىشىلەرنىڭ ھەممىسى ئەركىن-ئازادىلىكنى، كۆڭلى نېمىنى خالىسا شۇنى قىلىشنى ئويلايدۇ. لېكىن دۇنيا ئەزەلدىن ھەرقانداق كىشىنىڭ كۆزىگە قاراپ چۆرگىلىمەيدۇ. ئۇنىڭ ئەكسىچە ھەممىمىز پاسسىپ ھالدا ئۆزىمىز خالىمايدىغان ئىشلارنى قىلىمىز. چۈنكى بىزدە بىز بولۇپلا قالماي يەنە مۇھىتمۇ بار، ھازىر بولۇپلا قالماي يەنە كەلگۈسىمۇ بار، ئۆزىمىزنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنى قوغلىشىپلا قالماي يەنە ئوبرازىمىزنىمۇ قوغلىشىمىز.
     ئەركىنلىككە ئېنىقلىما بېرىش ئىنتايىن تەس، ئۇ ئىككى جەھەتتىن ئويلىنىشنى تەقەززا قىلىدۇ: بىرسى، رېئال جەمئىيەتكە ئۇيغۇنلىشىپ شەيئىلەرنىڭ تەرەققىيات قانۇنىيىتىگە بويسۇنىشىمىز ھەمدە تەرتىپ بىلەن تەدرىجى ئىلگىرىلەپ شارائىتقا قاراپ ياشىشىمىز كېرەك، مانا بۇ بىر خىل ياشاش ئەركىنلىگى؛ يەنە بىرى بولسا رېئاللىقتىن ئايرىلىپ، ئۆزگىچە ئىدىيە، ئۆزگىچە ھېس-تۇيغۇ قوغلىشىپ، دۇنيانى ئۆزىمىزنىڭ ئىستىتىكىسىدا ئوقۇپ، شەيئىلەرنىڭ قانۇنىيىتى بىلەن ئاساسىي ئېقىم پوزېتسىيىسىگە بويسۇنماي ئۆزىمىز خالىغانچە تۇرمۇش كەچۈرۈشتىن بىر خىل مەۋجۇتلۇق ئەركىنلىكىگە ئېرىشىش.
     كىشىلەرنىڭ ئەركىنلىك قوغلىشىشى ۋە ئۇنى قەدىرلىشى ئىنساننىڭ روھىغا يوشۇرۇنغان ئۆلۈم ۋەھىمىسىدىن كېلىدۇ، ھەمدە تەبىئى ئىستەك، تەشۋىش، تايىنىش، بىخەتەرلىك تەلىپى، مۇۋەپپىقىيەت بېسىمى ۋە مەھرۇمىيەتتىن قورقۇش بىلەن چەكلىنىدۇ...كىشىلەر بۇنداق كەيپىيات كەچۈرمىشلىرىدىن قۇتۇلۇپ روھىغا مەلھەم بولىدىغان تۇيغۇنى تېپىشنى ئۈمىت قىلىدۇ. شۇڭا كىشىلەر بەڭۋاش شاماللارنى، ئەركىن ئۈزۈپ يۈرگەن بۇلۇتلارنى، سۇدىكى بېلىقلارنى، پەرۋاز قىلىۋاتقان قۇشلارنى تەرىپلىشىدۇ، چۈنكى ئۇ نەرسىلەر كىشىلەرنىڭ ئەركىنلىك تەسەۋۋۇرىنى قاناتلاندۇرىدۇ.
     ئېيتىشقا بولىدۇكى، ئەركىنلىك ئىنسان ئارمىنىنىڭ مەڭگۈ ياشناپ تۇرىدىغان ئالماش سۆزىدۇر. شۇڭا ئەركىنلىك ئارمىنى يەنە ئىنساننىڭ دۇنياغا بولغان ساددىلىقىنىمۇ كۆرسىتىپ بېرىدۇ. دېمىسىمۇ ئەركىنلىك تۇيغۇسى دەل ساددا تۇيغۇدىن كېلىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن بىز چەكلىنىپ تۇرغىنىمىزنى ھېس قىلالمايۋاتقىنىمىزدا ئەركىنلىكنىڭ بىر خىل ساختا سېزىمىگە ئېرىشىمىز. مەسىلەن، شامال كىلىمات تەرىپىدىن ئىدارە قىلىنىدۇ، بۇلۇت شامال تەرىپىدىن ئىدارە قىلىنىدۇ، قۇش ھاۋا ئېقىمىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرايدۇ، بېلىق سۇ ئېقىمىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرايدۇ، ئۇلارنىڭ ئەركىنلىكى پەقەت بىر خىل ئەدەبىي سىمۋولدۇر.
     ئەركىنلىك ئارمىنى ئەمىلىيەتتە بىرخىل پارادوكسلىق ئەھۋالدۇر، سىز ئەركىنلىككە تەشنا بولغانسېرى  ئەركىنلىكتىن شۇنچە ئاسان مەھرۇم قېلىشىڭىز مۈمكىن. بىز ئەركىنلىككە زىيادە تەلپۈنگەنلىگىمىز سەۋەپلىك ئۆزىمىزنى ھەممە تەرەپتىن چەكلىمىگە ئۇچراۋاتقاندەك ھېس قىلىمىز. بىراق بىز ئەركىنلىكنىڭ ئۇنچە مۇھىم ئەمەسلىگىنى ھېس قىلىپ رېئال قانۇنىيەتكە ئۇيغۇنلىشىۋاتقان چېغىمىزدا، ئەكسىچە مەلۇم مەنىدىكى ئەركىنلىك بىزگە قۇچاق ئېچىۋاتقان بولىشى مۈمكىن.
     ئوخشاشلا ئەركىنلىك قوغلىشىشتىمۇ مەلۇم خىل تىراگىدىيە بار، چۈنكى ئۇ ئەسلىدىن مەۋجۇت ئەمەس. رېئال تۇرمۇشتا ئەركىنلىك ھەمىشە مەسئۇلىيەت، ھەل قىلىش، بېسىمنى ئۈستىگە ئېلىش بىلەن مۇناسىۋەتلىك. بىر ئادەم ئۆزى تەسەۋۋۇر قىلغان مەلۇم بىر ئەركىنلىككە ئېرىشكەن بولسا ئۇنداقتا ئۇ شۇ ۋاقىتنىڭ ئۆزىدە تېخىمۇ كۆپ نەرسىدىن مەھرۇم قالغان بولىشى، ھەتتا «ئېشىگى بىر تەڭگە، توقۇمى تۆت تەڭگە» بولىشى مۈمكىن.
      ئۇنىڭغا قارىتا بىز مۇنداق مەنزىرىنى تەسەۋۋۇر قىلىپ باقساق بولىدۇ: بىر ئادەم مەلۇم ئەركىنلىككە ئېرىشىش ئۈچۈن ئۆزى خالىغانچە ئىش قىلىپ، ھېچكىمنى كۆزگە ئىلماي تەرتىپنى بۇزدى ۋە ئاقىۋەتتە قولغا ئېلىنىپ تۈرمىگە قامالدى. بىراق 5 كۇۋادرات مېتىرغا يەتمەيدىغان بىر كامېرغا قامالغاندا تۇساتتىن مەلۇم خىل ئىلاھىي بىشارەتكە ئېرىشكەندەك بولدى-دە، روھى تېنچلىنىپ، مېجەزى سالماق بولۇپ قالدى. چۈنكى، بۇ يەر دۇنيانىڭ غەلۋە-غەۋغالىرىدىن خالىي ئىدى، بۇ يەردە پەقەت تاماق يىيىش، سالقىنغا چىقىش، ئۇخلاشنىڭلا ئاددى تەرتىپى بار بولۇپ، بۇ ئۇنى تولىمۇ ئازادە ھېس قىلدۇردى.
      بىر تەرتىپلىك دۇنيادا ئەركىنلىك چوقۇم بۇ تەرتىپلىك دۇنيانىڭ قائىدىلىرىگە ئۇيغۇنلىشىشى كېرەك. چۈنكى كىشىلەر باشتىن-ئاخىر تايانغىلى بولىدىغان ۋە ئۇنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرايدىغان قائىدىلەرنىڭ ئىچىدە ياشايدۇ، بۇ خىل پىرىنسىپلار تەبىئەتتىن كېلىپلا قالماي يەنە ئىنسانىيەت مەدەنىيىتىدىنمۇ كېلىدۇ. مەسىلەن، مەدەنىيەت، دىن، مۇھىت، ماددا ۋە كىشىلىك مۇناسىۋەت قاتارلىقلار. شۇڭلاشقا، ئادەمنى ئەركىنلىككە ئوڭايلا ئېرىشتۈرىدىغان پەقەت بىرلا ئامال بارـــــ بىز ئەركىنلىك قوغلىشىشنى ئۇنتۇپ قالغان ۋاقتىمىزدا بىز ئەكسىچە ئۇنىڭدىن بەھرىمان بولىۋاتقان بولىمىز.
     دۇنيادا مۇتلەق سەگەكلىك يوق، خۇددى دۇنيادا مۇتلەق ھەقىقەت بولمىغانغا ئوخشاش. شۇڭا دۇنيادا يەنە مۇتلەق ئەركىنلىكمۇ يوق. ئەركىنلىك بەزىدە بىر قەپەز، بۇ رەددىيەگە بىھاجەت بىر پارادوكستۇر.

     دەرسخانا ھاسىلاتى:
     جەمئىيەت كىشىلەرنىڭ جەمئىيىتىدۇر، قانۇن شەخسنىڭ كىشىلىك ئەركىنلىگىنى ئېتىراپ قىلىدۇ، لېكىن ئۇنىڭ شەرتى بار، شەخسنىڭ ئەركىنلىگى باشقىلارنىڭ ئەركىنلىكىگە تەسىر يەتكۈزمەسلىگى كېرەك. مانا بۇ، ئەركىنلىكنىڭ نېگىزلىك پىرىنسىپى. شۇڭا ئەركىنلىك نىسپىي بولىدۇ، شەخسنىڭ ئەركىنلىگى قانۇنغا، ئاممىۋىي ئەخلاققا، باشقىلارنىڭ ئەركىنلىكىگە خىلاپ بولمىغاندا ئاندىن ئەركىنلىكتىن تولۇق بەھرىمان بولغىلى بولىدۇ. ناۋادا سىز باشقىلارنىڭ ئەركىنلىكىگە تەسىر يەتكۈزسىڭىز ئۇنداقتا سىزنىڭ ئەركىنلىكىڭىزمۇ چەكلىمىگە ئۇچرايدۇ. پەقەت مۇشۇنداق بولغاندىلا جەمئىيەت ئاندىن تەرتىپكە، كاپالەتكە ئىگە بولىدۇ، شۇنداقلا تېخىمۇ كۆپ ئادەمنىڭ ئەركىنلىگى ئەمەلگە ئاشىدۇ.
   

بۇلىداننىڭ ئېشىگى نېمىشقا ئۆلۈپ قالدى؟ ــــــ ئەركىنلىكنىڭ ئارىسالدىلىقى

تاللاش بىر خىل تاللاشقا ئايلانغان چاغدا ئەركىنلىك ئادەمگە نىسبەتەن شەك-شۈبھىسىز بىر جىنايى جازاغا ئايلىنىدۇ.
                                           ـــــــ ھېيدېگىر
ئادەملەرنىڭ ھەممىسى ئەقلىيلىككە ئىگە، ئادەمنىڭ بارلىق ھەرىكىتى «ئەڭ زور چەكتىكى مەنپەئەتكە ئېرىشىش» ئۈچۈندۇر.
ئادام شىمىس ئۆزىنىڭ «دۆلەتنى بېيىتىش نەزەرىيىسى» دېگەن كىتاۋىدا مۇنداق ئېيتقان ئىدى: «بىز ھەركۈنى مۇھتاج بولىدىغان يىمەك-ئىچمەكلەر ھەرگىزمۇ قاسساپ، ھاراق ئېچىتقۇچى ۋە بولكا پىشۇرغۇچى ئۇستاملارنىڭ شاپائىتىدىن كەلگەن ئەمەس، بەلكى ئۇلارنىڭ ئۆز مەنپەئەتىنى كۆزلىگەنلىكىدىن كېلىدۇ. بىز ئۇلارنىڭ باشقىلارنىڭ مەنپەئىتىنى كۆزلىشىنى ئويغىتىدىغان گەپلەرنى قىلمايمىز، بەلكى ئۆزىگە پايدىلىق ئىكەنلىگىنى ئەسكەرتىمىز، بىز ئۆزىمىزنىڭ مۇھتاج ئىكەنلىكىنى ئېيتمايمىز، بەلكى ئۇلارغا پايدىسى بارلىقىنى ئېيتىمىز.
ئادام شىمىسنىڭ نەزەرىيىسىگە ئاساسلانغاندا ئادەم ھەربىر ھەرىكەتنى ۋە تاللاشنى باشلاشتىن بۇرۇن ھامان ئۆز ئىدراكى بىلەن دەڭسەش ئېلىپ بېرىپ، ئۆزىنىڭ قانچىلىك مەنپەئەتكە ئېرىشىپ نېمىلەردىن زىيان تارتىدىغانلىقىنى تەھلىل قىلىدۇ، ئەگەر ئۇنىڭ ئېرىشىدىغىنى يوقىتىدىغىنىدىن كۆپ بولسا ئۇنداقتا ئۇنىڭدا ھەرىكەتلىنىش كۈچى پەيدا بولىدۇ، بولمايدىكەن ئۇ بېرىپ بۇ ئىشنى قىلمايدۇ.
«ئىقتىسادىي ئادەملەرنىڭ پەرىزى» بىر خىل ئىقتىسادشۇناسلىق نەزەرىيىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە، لېكىن رېئال تۇرمۇشىمىزغا نىسبەتەن ئېيتقاندا بىر ئاز قۇرۇق گەپتەك ۋە كىتابىي گەپتەك تۇيۇلىدۇ. ھەقىقىي ئەھۋال شۇكى، بىر قىسىم مۇھىم تاللاشلار ئالدىدا بىز ئەسلا دەڭسەش ئېلىپ بارالمايمىز، ئېرىشىدىغانلىرىمىز ۋە يوقىتىغانلىرىمىز ھەققىدە سېلىشتۇرۇش ئېلىپ بارالمايمىز، بولمىسا ئاتالمىش «تاللاش ئالدىدا تەڭلىكتە قېلىش»تەك مەسىلىلەر تۇغۇلمىغان بولاتتى. يەنە كېلىپ، نۇرغۇن ئەھۋال ئاستىدا ۋاقىتمۇ بىزنىڭ جىددى ئەھۋال ئاستىدا تەھلىل قىلىشىمىز ۋە سېلىشتۇرغاندىن كېيىن ئاندىن قارار چىقىرىشىمىزغا قاراپ ئولتۇرمايدۇ.
پەلسەپە تارىخىدا مۇنداق بىر ئىنتايىن مەشھۇر بىر ھېكايە بار، ئۇ بولسىمۇ، «بۇلىداننىڭ ئېشىگى».
ھېكايىدە بۇلىدان ئىسىملىك بىر پەيلاسوپ بىر ئېشەك باقىدىكەن، بۇ ئېشەكنىڭ باشقا ئېشەكلەرگە ئوخشىمايدىغان تەرىپى ئۇ پىكىر قىلىشنى، ھەمىشە «ئۇ نېمە ئۈچۈن؟»دەپ سۇئال سوراشنى ياخشى كۆرىدىكەن.
بىر قېتىم، ئىگىسى ئۇنىڭ ئالدىغا مىقدارى ۋە رەڭگى ئوپ-ئوخشاش بولغان ئىككى دۆۋە قۇرۇق چۆپنى قويۇپ چۈشلۈك ئوزۇقى قىلماقچى بوپتۇ. بۇ قېتىم ئېشەككە بىر قىيىنچىلىق كەپتۇ، چۈنكى ئىككى دۆۋە قۇرۇق چۆپنىڭ ھېچقانداق پەرقى يوق بولۇپ، ئېشەك ئاۋال قايسى دۆۋىدىكى قۇرۇق چۆپنى ئاۋال يەپ، قايسى دۆۋىدىكى قۇرۇق چۆپنى كېيىن يىيىشنى تاللىيالماي قاپتۇ. ئاقىۋەت بۇ ئېشەك ئىككى دۆۋە قۇرۇق چۆپنىڭ ئارىسىدا جان تالىشىپ ئۆلۈپ قاپتۇ.
ئەلۋەتتە مەزكۇر ئېشەكمۇ شۇنىڭ ئۈچۈن پەلسەپە تارىخىدا مەشھۇرلىنىپ ئورۇن ئالغان.
بۇلىداننىڭ ئېشىگىنىڭ ئۆلۈشىنىڭ سەۋەبى دەل شۇ يەردىكى، چۈنكى ئۇ ئەركىن ئىدى. ئەركىن بولۇش سۈپىتىدە ئۇ، ھامان ئىككى دۆۋە چۆپ ئارىسىدىن بىرنى تاللاش باھانىسى ئىزدەيتتى، لېكىن ئۇ تاپالمايتتى. ئەركىنلىكنىڭ بۇ قەدەر ئېغىر بولىشىدىكى سەۋەپ، چۈنكى ئۇ تاللاشتىن دېرەك بېرىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئەركىنلىك مەسئۇلىيەتتىن دېرەك بېرىدۇ، كىشىلەرنىڭ ئەركىنلىكنى خالىماسلىقى ئەمىلىيەتتە مەسئۇلىيەتنى خالىماسلىقىدۇر.
ئەمىلىيەتتە، ئېشەكنىڭ بېشىغا كەلگەن كۈن بىزنىڭ تۇرمۇشىمىزدا ھەمىشە ئۇچراپ تۇرىدۇ.
ئېيتىشلارقا قارىغاندا،  مەلۇم بىر دۆلەتنىڭ پايتەختىدە ئىلگىرى بىر ئاياللار يىغىنى ئېچىلغان بولۇپ يىغىنغا ھەرساھەنىڭ ئاياللار ۋەكىللىرى قاتناشقان ئىكەن. بىر ياشانغان ئايال يىغىندا ئۆزىنىڭ لايىق تاللاش قارىشىنى سۆزلەپ كېلىپ ئۆزىنىڭ يولدىشىنى ئۇنىڭ ئاتا-ئانىسى تاللاپ بەرگەنلىگىنى، بۇنىڭدىن ئۇ ھازىرغىچە رازى ئىكەنلىگىنى ئېيتىپتۇ.
بىر ئايال ئۇنىڭ كۆز قارىشىنى چۈشەنمەي «نىمىشقا؟» دەپ سوراپتۇ.
ـ چۈنكى،- دەپتۇ ئۇ،- مۇبادا مەن تاللىغان بولسام مەن ئۆمۈر بويى پۇشايمان قىلغان بولاتتىم.
ئەركىنلىك دېگەن نېمە؟ زاغرا تىل بىلەن ئېيتقاندا، ئالدىڭىزدا نۇرغۇن يول بار دېسەك، بىراق سىز ئۇنىڭ ئارىسىدىكى بىرىنىلا تاللايسىز. بۇ چاغدا مەسىلە تۇغۇلىدۇ، ئارىساللىقمۇ يېتىپ كېلىدۇ، چۈنكى سىز ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى بىر يولنىلا تاللاپ باشقا يوللارنى تاللىيالمايسىز، ئۇنىڭ ئۈستىگە سىزنىڭ قايسى يولنىڭ سىزگە تېخىمۇ پايدىلىق ئىكەنلىگىنى تاللاشقا ئامالىڭىز يوق. ئارىساللىق ئىچىدە تاللاش ئېلىپ بېرىش ئادەمنى ئىنتايىن قىينايدۇ، لېكىن تاللاش بەك كۆپ بولۇپ كەتسىمۇ ياخشى ئەمەس، چۈنكى ئەركىنىلىك ئالدىدا سىز چوقۇم ئۆز تاللىشىڭىزنىڭ بەدىلىنى تۆلەيسىز.
شۇڭا ھازىرقى زاماندىكى نۇرغۇن كىشىلەر گەرچە ئەركىنلىككە ئېرىشكەن بولسىمۇ ئەمما ئۇلارنىڭ كۆڭلىنىڭ چوڭقۇر قېتىدا ئەركىنلىكتىن قېچىش تەقەززالىقى بار. چۈنكى ئۇلار ئەركىن ئىدراك ۋە مۇھەببەتنىڭ ئۈستىگە بىر خىل ئەھمىيەتلىك تۇرمۇشنى بەرپا قىلىشقا قادىر ئەمەس، شۇڭا ئۇلار داھى، مىللەت ۋە دۆلەتكە بويسۇنۇش ئارقىلىق يېڭى بىخەتەرلىك تۇيغۇسىغا ئېرىشىشنى ئارزۇ قىلىدۇ.
تاللاش ھامان يا ئۇنداق، بۇ مۇنداق بولۇشتىن دېرەك بېرىدۇ. ئۇنى ھەرگىزمۇ مەن ئەركىن بولغاچقىلا تاللىيالىدىم دېگىلى بولمايدۇ. ئۇنداقتا ئەركىنلىك يوق دېگەن گەپ. ئەگەر سىز خاتانى تاللىسىڭىز ئەركىنلىك بىر جازاغا ئايلىنىدۇ، مۇبادا توغرىنى تاللىسىڭىز ئۇ خۇشاللىققا ئايلىنىدۇ. بۇ ئۆزىڭىزنىڭ تاللىشىغا باغلىق: سىزنىڭ ئەركىنلىكىڭىز جازاغا ئايلانسانمۇ ياكى خۇشاللىققا ئايلانسانمۇ؟ سىزنىڭ تاللىشىڭىز پۈتۈنلەي سىزنىڭ مەسئۇلىيىتىڭىزدۇر. ئېيتىشقا بولىدۇكى، بەزىدە ئەركىنلىك ئانچە ئازادە بولماي ئەكسىچە بىر جازا بولىدۇ. قەدىمقى يۇناندا «ئەركىنلىك» دېگەن سۆز «جىنايى جازا» مەنىسىگە ئىگە. شۇڭا ھېيدېگېر شۇنداق ئېيتقان ئىدى:«تاللاش بىر خىل تاللاشقا ئايلانغان چاغدا، ئەركىنلىك شەك-شۈبھىسىز بىر جىنايى جازادۇر».
دەرسخانا ھاسىلاتى: تەبىئەتنىڭ ئەڭ ئاخىرقى مەقسىدى ئادەمدۇر، تەبىئەتنىڭ بارلىقى ئادەمدىن ئىبارەت بۇ مەركەزنى چۆرىدەپ بىر مەقسەتلىك سىستېما تۈزىدۇ. بىراق تاللاش كۆپۈنچە ھاللاردا ئادەمنى ساقلاپ تۇرمايدۇ، شۇڭا بىز ئەڭ ئاقىلانە، ئەڭ توغرا جاۋاپقا ئېرىشىشنى خامخىيال قىلىپ تاللاشتا ئىككىلەنمەسلىگىمىز لازىم. چۈنكى بىز ئۇ جاۋاپقا مەڭگۈ ئېرىشەلمەيسىز، يەنە كېلىپ ئۇ ئەزەلدىن مەۋجۇت ئەمەس. شۇ پەيتنىڭ ئۆزىدە تۇغما ئىنكاسىڭىز بىلەن توغرا دەپ قارىغان ئاشۇ نەرسىڭىز توغرىدۇر، يەنە كېلىپ مەڭگۈ ئارقىڭىزغا چېكىنەلمەيسىز. مانا بۇ ئىنسان ئەقلىيلىكىنىڭ تاللاش ئالدىدىكى ئامالسىزلىقىدۇر.

ئەركىنىلىكىمىزگە كىم چېقىلدى؟ ــــــ ئەركىنلىك ھامان چەكلىكتۇر

ئەركىنلىككە ئىخلاس قىلماي تۇرۇپ ھۆرلۈككە چىققاندىلا ئاندىن ھەقىقىي ئەركىنلىككە ئېرىشكىلى بولىدۇ.
                                                   ـــــــ مارتىن بۇبېر

رۇسسۇ «ئادەم تۇغۇلىشىدىن ئەركىن بولىدۇ، ئەمما ھەرۋاقىت بويۇنتۇرۇق ئىچىدە» دېگەنىدى.
ئەركىنلىككە تەلپۈنۈش ئىلگىرى كىشىلىك ھاياتتا كەم بولسا بولمايدىغان غايە دەپ قارالغانىدى. ھەتتا كىشىلەر ھەيۋەتلىك ئىجتىمائىي ھەرىكەتلەر بىلەن ئەركىنلىك ئىستىكىنى ئىپادىلەشكەن ئىدى.
ئەمما جەمئىيەتتە ياشاۋاتقان كىشىگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئەركىنلىك ھامان چەكلىك بولىدۇ. سىزنىڭ ئەركىنلىگىڭىز بىلەن باشقىلارنىڭ ئەركىنلىگى سىغىشالمىغان ۋاقىتتا ئاۋۇ «چەكلىمە» دېگەن نەرسە شۇ ھامان پەيدا بولىدۇ. بۇ نەرسە مەيلى «قانۇن» بولسۇن، ياكى «ئويۇن قائىدىسى» دېگەن نەرسە بولسۇن، ئەمىلىيەتتە ھەر ئىككىسى ئاتالمىش «چەكلىمە»نىڭ باشقىچە ئاتىلىشى. قائىدە بولمىسا ئويۇن دېگەن يوق نەرسە، ئوخشاشلا چەكلىمە بولمىسا ئەركىنلىكمۇ يوق نەرسە.
كىنولاردىن ھەمىشە مۇنداق كۆرۈنۈشلەرنى كۆرۈپ تۇرىمىز. مەلۇم بىر ئادەم بىر چوڭقۇر جىلغىدەك يەردىن ئۆمىلەپ چىقىپ كۆككە تاقاشقان بىر چوققىنىڭ ئۈستىدە تىك تۇرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن كامېرا 360 گىرادۇس ئايلىنىدۇ، بىزگە پۈتۈن دۇنيا ئۇنىڭ پۇت ئاستىدا سۇنايلىنىپ ياتقاندەك كۆرىنىدۇ. بۇ چاغدا بىز ئۇ كىشىنىڭ دۇنيانىڭ چېتىگە چىققانلىقىنى ھەم ئەركىنلىككە ئېرىشكەنلىگىنى بىلىمىز.
ئەركىنلىكنىڭ ئادەتتىكى ئېنىقلىمىسى ئەركىن ئىرادىگە تايىنىپ ھەرىكەت قىلىشتۇر، ھەمدە ئۆز ھەرىكىتىگە مەسئۇل بولۇشتۇر. ناھىيىتى رۆشەنكى، كېيىنكى يېرىم جۈملە ئالدىنقى يېرىم جۈملىنى شەرت قىلىدۇ، چۈنكى پەقەت مەسئۇل بولغاندىلا ئاندىن ئۆزى ياخشى كۆرگەن ئىشنى قىلغىلى بولىدۇ، كىشىنىڭ ھەرىكىتى ئۆزىگە ۋە ئۆزگىگە تەسىر پەيدا قىلالىسا بۇ مەسئۇلىيەت ئۆزىگە بولغان مەسئۇللۇق بولۇپلا قالماي يەنە ئۆزگىگىمۇ مەسئۇل بولغانلىق. لېكىن بەزى ئادەملەر پەقەت ئالدىنقى جۈملە «ئەركىن ئىرادىگە تايىنىپ ھەرىكەت قىلىش»نىلا تەشەببۇس قىلىپ، «ئۆز ھەرىكىتىگە مەسئۇل بولۇش»قا سەل قارايدۇ، بىراق ئۇ بۇ پاكىتنى ئۆزگەرتەلمەيدۇ: دۇنيادا مۇتلەق ئەركىنلىك يوق! ئەزەلدىن بولمىغان ۋە بۇندىن كېيىنمۇ بولمايدۇ!
ئەركىنلىك مەسئۇلىيەتتىن كېلىدۇ. ئەڭ كۆڭۈلدىكىدەك ئەھۋال ئاستىدا، ئەگەر ھەممە كىشى ئۆز ھەرىكىتىگە مەسئۇل بولسا كۆپچىلىك باشقىلارنىڭ چەكلىمىسى بىھاجەت بولغان ئەڭ زور ئەركىنلىككە ئېرىشىدۇ. شۇغىنىسى يەر شارى جەننەت ئەمەس، سىزدە سىزنىڭ ئەركىنلىكىڭىز بولسا مەندە مېنىڭ ئەركىنلىكىم بار، مۇبادا ئىككىمىزنىڭ بىرى ئۆز ھەرىكىتىمىزگە مەسئۇل بولمىساق بۇ مۇقەررەرلا ئىككىمىزنىڭ ئەركىنلىكىنىڭ توقۇنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بۇ خىل توقۇنۇش قانداق ھەل قىلىنىدۇ؟ جاۋابى شۇكى، قانۇن بىلەن ئىدارە قىلىش ئارقىلىق! كىشىلەرنىڭ تۇغۇلىشىدىن باراۋەرلىكى بىلەن قانۇن بىلەن ئىدارە قىلىش بىرلەشكەندىلا ئاندىن سىزنىڭ ئەركىنلىكىڭىز بىلەن مېنىڭ ئەركىنلىكىم تېنچلىقتا بىللە تۇرىدۇ.
ئەركىنلىك ئىنسان مەۋجۇتلىقىنىڭ بىر ئالاھىدىلىگىنى ئىپادىلەيدۇ. شۇڭلاشقا، ئۆزىمىزنىڭ مەنپەئەتى تەھدىتكە ئۇچرىغان ۋاقىتتا «كىم مېنىڭ ئەركىنلىكىمگە چېقىلدى؟» دەپ جار سالماسلىقىمىز لازىم، پەقەت تېخىمۇ كەڭ نەزەردە تەڭپۇڭلاشتۇرۇش ئېلىپ بېرىشلا ئەڭ مۇھىم. شۇڭا ئادەم خالىغىنىنى قىلسا بولىدۇ دەپ قارىماسلىقىمىز لازىم، ئادەم پەقەت قائىدە-پىرىنسىپ ۋە چەكلىمە ئالدىنقى شەرت قىلىنغان دائىرىنىڭ ئىچىدىلا ئاندىن رېئال ئەركىنلىككە ئېرىشىدۇ.
ئۇنداقتا كۆڭۈلدىكىدەك ئەركىنلىك قانداق بولىدۇ؟ ئۇ ھەرگىزمۇ كىشىلەر خامخىيال قىلغاندەك «نېمىنى ئويلىسام شۇ بولسا، كىمنى چاقىرسام شۇ كەلسە» دېگەندەك ئەمەس، بەلكى سارتىرى ئېيتقاندەك «تاشلىۋېتىلگەندەك ئەركىنلىك» «مەجبۇرى كەلگەن ئەركىنلىك»تۇر. ھەممە نەرسە سىزنىڭ ئەركىنلىكىڭىزنىڭ چەكلىمىسىگە ئايلىنالمىغان چاغدا ئۆزىڭىز ئۆزىڭىزنىڭ ئەڭ زور چەكلىمىسىگە ئايلىنىسىز. شۇڭا مەلۇم چەكلىمە ۋە مەلۇم ئىدارە قىلىشلار ئەڭ تۈپكى زۆرۈرىيەتلەر جۈملىسىدىندۇر.
ئەركىنلىك ئەتراپىمىزدىكى كىشىلەر بىلەن مۇناسىۋەتلىشىش ئىمكانىيەتلىرىمىزگە قۇرۇلىدۇ. شۇڭلاشقا ئەركىنلىك يالغۇزلۇق بىلەن يۈرۈشمەيدۇ. ئەركىنلىككە ھەربىر ئادەمنىڭ باشقىلارنىڭ ياردىمى ئارقىلىق تۇرغۇزۇلغان ئۆزلىكىنى پايدىلانما قىلىش ئارقىلىقلا ئاندىن ئېنىقلىما بەرگىلى بولىدۇ. شۇڭا ئەركىنلىكنىڭ ئۆزى خالىغانچە ئىش قىلىش مۈمكىنچىلىكى بىلەن مۇناسىۋىتى يوق، كېيىنكىسى پەقەت بىردىن-بىر مۇنۇ سەۋەپتىن كېلىپ چىقىدۇ: چوقۇم ئاشۇنداق قىلىمەن دېيىش. بۇ ئەمىلىيەتتە بىر جاھىللىق.
ئولىۋېر ئۆزىنىڭ «1984» رومانىدا مۇنداق ئېيتقان ئىدى: «ئاتالمىش ئەركىنلىك دەل 2+2=4 نىڭ ئەركىنلىكىدۇر». بۇنىڭ مەنىسى شۇكى، مۇبادا مەلۇم بىر كىشى 2+2=5 بولىدۇ دېسە، ئەمما باشقا جاۋاپلار ئۇنى بىدئەتكە چىقارسا، ئۇنداقتا ئۇنى ئەركىنلىك دېگىلى بولمايدۇ. بۇ جۈملىدىن شۇنى ئايدىڭلاشتۇرالايمىزكى، ئەركىنلىك ھوقۇقى چوقۇم مەلۇم پىرىنسىپلارنىڭ يېتەكچىلىگى ئاستىدىلا ئاندىن كۈچكە ئىگە بولىدۇ.
ئەركىنلىك ھەرگىزمۇ مەڭگۈ داۋاملىشىدىغان نەرسە ئەمەس. ئۇ پەقەت قوغدالغاندىلا ئاندىن يۈرىشىدىغان بىر ئولجا. شۇڭا بىز ئۇنىڭغا توختىماي ئېنىقلىما بېرىشىمىز ۋە ئۇنى ئەمەلگە ئاشۇرىشىمىز، ئۇنى ئۈزلۈكسىز ئۆزگۈرىۋاتقان دۇنيا ۋەزىيىتىگە ئۇيغۇنلاشتۇرىشىمىز كېرەك، مانا مۇشۇنداق بولغاندىلا ئاندىن ئۇ ھەقىقىي ئەركىنلىك بولىدۇ.
دەرسخانا ھاسىلاتى
ئەركىنلىك ئۆزى خالىغىنىنى قىلىش ئەمەس، ئەركىنلىك ھوقۇقى چوقۇم ئەقلىيلىك، قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىش ۋە ئەخلاقىي پىرىنسىپلارنىڭ يېتەكچىلىكى ئاستىدا يۈرۈشىشى، چوقۇم باشقىلارنىڭ ئەركىنلىكىگە توسقۇنلۇق قىلماسلىقنى ئالدىنقى شەرت قىلىشى كېرەك. بولمايدىكەن، جىنايى جاۋاپكارلىققا چېتىلىپ قالسا قانۇننىڭ جازاسىغا ئۇچرىشى مۈمكىن. قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلار جامائەت تەرتىپى ۋە گۈزەل ئۆرپ-ئادەتلەرنى زىيانغا ئۇچرىتىدۇ، شۇڭا كىشىلەرنى ئۇنى رەزىل قىلمىش دەپ ئاتايدۇ. شۇڭلاشقا بىر دېمۇكراتىك جەمئىيەتتە ئەركىنلىك ھەممە كىشىنىڭ مۇقەررەر ھوقۇقىدۇر، لېكىن يەنە چوقۇم قانۇن ۋە ئۆرپ-ئادەتنىڭ قائىدە-قېلىپلىرىغا ئۇيغۇنلىشىشى كېرەك، بۇ خىل قائىدە-قېلىپلار سىرتىدىن قارىماققا بىر خىل چەكلىمىدەك قىلغان بىلەن ئەمما ئەمىلىيەتتە ھەقىقىي بىر كاپالەتتۇر.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئە.جۇلا تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-9-29 12:54  


ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2015-9-29 17:31:05 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئوقۇشقا، چۈشىنىشكە، ھەزىم قىلىشقا تېگىشلىك ئەسەرلەرنىڭ ئىنكاسسىز قېلىۋاتقانلىقىغا قاراپ ئۆزىمىزنىڭ بۈگۈنكى ئەھۋالىدىن قىلچە گۇمانلانمىدىم.

ۋاقتى: 2015-9-29 17:55:47 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كۆيدۈم پىشتىم ...سۆيدۈمەي دەپ يازغان بولسا ئىنكاس دېگەن دۆكىرەپ كېتەتتى

ۋاقتى: 2015-10-1 20:43:26 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
         جۇلا ئەپەندى ئەجىرىڭىزگە رەھمەت. يازمىلىرىمىزغا سىتات كەلتۈرۈشمۇ مۇھىمدۇر، ئۇ، ئەسەرنىڭ مەنا قىممىتىنى ئاشۇرىدۇ. لېكىن، ئەلنىڭ كۆزى ئەللىك...شۇڭا، بۇ جەھەتتە بەكمۇ ئەستايىدىلىراق بولىشىمىز كېرەككۇ. دەيمەن.
                            پېتۇفى شاندۇر بۇلغارىيىلىك ئەمەس، ۋىېنگىرىيىلىك. شېئىرى ئۇنداق ئەمەس مۇنداق:

                                            ھايات مەن ئۈچۈن ھەممىدىن قىممەت،
                                            ھاياتتىنمۇ   قىممەت  مۇھەببەت.
                                            بىراق،  كېچىمەن ھەر ئىككىسىدىن،
                                            ئەركىنلىك،ئازادلىق ئۈچۈنلا پەقەت.



 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-10-1 22:32:51 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پىتوفى ۋېنگىرىيەلىك، مەن ئازغىشىپ كېتىپتىمەن،تۈزىتىش بەرگىنىڭىزگە رەھمەت.
ئەمما شېئىرنىڭ تەرجىمىسىگە كەلسەك، سىز كۆرسەتكەندەك ئېلىش خاتا. ئەسلى تېكىستتە ئازاتلىق دەپ گەپ يوق. ئۇنى دەسلەپتە تەرجىمە قىلغان كىشى شۇنداق كۈچەيتىپ ئالغان بولسا كېرەك. لېكىن مەن ئۇنداق نەيرەڭ ئىشلىتىشنى خالاپ كەتمىدىم.

باھا سۆز

مېنىڭچىمۇ مۇشۇ تەرجىمە پىتوفىنىڭ مەيدانىغا ئۇيغۇن!  ۋاقتى: 2015-10-7 11:30 AM
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-10-1 22:43:40 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەركىنلىكنىڭ قوللىنىش دائىرىسى يالغۇز مەلۇم توپنىڭ ئازات بولىشىغىلا قاراشلىق ئەمەس. ئەركىنلىك ھەر ۋاقىت مۇھتاجلىق  قوزغايدىغان نەرسە.
شۇڭا ئازاتلىق دېگەن گەپنى زورلاپ قېتىپ قويۇش ئەسلى شېئىرنىڭ كۇرسىنى  چۈشۈرىدۇ . ھېلىمۇ ماۋۇ شېئىر قاپىيەگە كېلىپ قالدى. ناۋادا قاپىيەگە كەلـمىسە زورلاپ قاپىيىگە كەلتۈرىمەن دەپ نەيرەڭۋازلىق قىلـماي نەسرىي مەزمۇنىنى بەرگەن ياخشىراق. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئە.جۇلا تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-10-1 22:44  


باھا سۆز

پىتۇفىي سۆزگە شۇنچە ‹‹ گاداي ›› مىدۇ؟[پەقەت-پەقەت ]  ۋاقتى: 2015-10-7 11:16 PM
ۋاقتى: 2015-10-7 00:57:37 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش: يوللىغۇچى چەكلەنگەن. مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
ۋاقتى: 2015-10-7 11:22:13 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئە.جۇلا يوللىغان ۋاقتى  2015-10-1 22:32
پىتوفى ۋېنگىرىيەلىك، مەن ئازغىشىپ كېتىپتىمەن،تۈزىتىش ...

    پىتوفى ماركىس، ئېىگىلىس ياكى لېنىن ئەمەس(پرولېتارىيات ئىنقىلابچىسى ئەمەس)، بەلكى ئەركىنلىك جەڭچىسى. ئۇنىڭ بۇ بىر كۇبلېت شېئىرىنىڭ ئەينى ۋاقىتتا شۇنداق تەرجىمە قىلىنىشىدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى: بىزنىڭ تالاي يازغۇچى-شائىرلىرىمىزغا ئوخشاشلا تەرجىمانلىرىمىزمۇ ئۇزاق يىل ساختىپەزلىك قىلغان! بىزنىڭ ئۇنى «توغرا» دەپ چۈشىنىپ قېلىشىمىزغا كەلسەك: بىز بەك ئۇزاق يىل ساختىپەزلىك ئىچىدە ياشاپ، ساختىپەزلىكنى «سەمىمىيلىك»، «ئالىيجانابلىق» دەپ چۈشىنىپ ئادەتلىنىپ كەتكەن!! ھەتتا دەرسخانىلىرىمىزدىمۇ «ئېغىزىمىزدىن چىقىۋاتقىنى ساپ يالغان بولسىمۇ، ئەمما بۇنىڭدىن قىلچە ئۇيالمىدۇق»(مو يەننىڭ سۆزى). بۇ ھەقتە مو يەن يەنە مۇنداق دەيدۇ: «دەرسلىكلىرىمىزدە بەزى ماقالىلەرنىڭ ئاپتورلىرى ئۆزىنىڭ «بۇرژۇئازىيە» ھېسىياتىنى ئېنىق ئىپادىلىگەن بولسىمۇ، ئەمما بىز ئۇلارغا مەجبۇرىي «پرولېتارىيات»چە ئىزاھاتلارنى بېرىمىز(مو يەن «بىزدىكى ساختا مائارىپ» ، «شىنجاڭ مەدەنىيىتى» 2015-يىل 1-سان 12-بەت).
  

ۋاقتى: 2015-10-7 15:15:57 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئە.جۇلا يوللىغان ۋاقتى  2015-10-1 22:43
ئەركىنلىكنىڭ قوللىنىش دائىرىسى يالغۇز مەلۇم توپنىڭ ئا ...

   جۇلا ئەپەندى توغرا دەيدۇ، ئازادلىق ئۆز نۆۋىتىدە ئەركىنلىككە تەڭ ئەمەس. يەنە بىر جەھەتتىن، بىز ھەمىشە مۇشۇنىڭغا ئوخشاش پىكىرلەرنى بىراقلا بۈگۈنكى رىئاللىققا تەدبىقلىۋالىمىز. شۇنىڭ بىلەن ئاشۇ ئەركىنلىك ھەققىدىكى پىكىرلەر چوڭقۇر پىكىر-تەپەككۇر قىلىنماي تۇرۇپلا خۇلاسە چىقىرىپ قويىمىز. ئەمىلىيەتتە، بەزى پىكىرلەر خۇددى ئارزۇ، ئۈمىدكە ئوخشاش ئۇزۇن مەزگىل ئويلىنىشقا مۇھتاج. ئوي-پىكىرنىڭ رىئاللىشىشى بولسا بۇ باشقا مەسىلە...

ۋاقتى: 2015-10-7 23:08:28 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئە.جۇلا يوللىغان ۋاقتى  2015-10-1 22:43
ئەركىنلىكنىڭ قوللىنىش دائىرىسى يالغۇز مەلۇم توپنىڭ ئا ...

        بۇ يەردە نەيراڭۋازلىق  ئويۇنى يوق ئەپەندى.ھەممە نەرسە ،ھەممە ئىش زامان ،ماكان بىلەن ئىشەنچىلىكتۇر. سىز  دۇنياغا ئاپىرىدە بولماستىن ئۇزۇن يىللار بۇرۇنىسىدا ياشىغان پىتوفىي جەڭگىۋار يىللارنىڭ ھايات-مامات مامىنۇتلىرىدا  ئاشۇنداق ئەركىنلىك-ئازاتلىققا مۇھتاج ، تەشنا ئىدى. سىز ‹‹ قىزىل بايراق›› ئاستىدا چوڭ بولىۋېلىپلا ، قىلچىمۇ رەڭۋازلىقى بولمىغان تارىخقا كۆز يۇمىۋالسىڭىز بولماس،ئەپەندىم.

ۋاقتى: 2015-10-7 23:12:27 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئا.جۇدۇن يوللىغان ۋاقتى  2015-10-7 23:08
بۇ يەردە نەيراڭۋازلىق  ئويۇنى يوق ئەپەندى.ھەممە ن ...

        ھازىرمۇ  كۈن-تۈنلەپ ‹‹ ئىدىيىدە ئازات بولۇش ›› تەكىتلىنىۋاتىدىغۇ، مانا.

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-10-8 11:46:31 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئا.جۇدۇن يوللىغان ۋاقتى  2015-10-7 23:12
ھازىرمۇ  كۈن-تۈنلەپ ‹‹ ئىدىيىدە ئازات بولۇش ›› تە ...


سىزنىڭ قايسى ئىدىيىڭىز ئازات بولدى؟ سىزدە ئازات بولغۇدەك قانداق ئىدىيە بار؟ بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئە.جۇلا تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-10-8 11:47  


ۋاقتى: 2015-10-8 11:59:32 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىزدە باشقا ئەللەردىكىدەك بىر ئەسەرنىڭ نەچچە خىل تەرجىمىسى بارلىققا كېلىدىغان ئەھۋاللار بەك ئاز، قايسىنى بۇرۇن كۆرسەك شۇنى مۇقىملاشتۇرۇۋالىدىغان ئەھۋاللار كۆپرەك، ئەڭ توغرىسى مۇشۇنداق مۇھاكىمە-مۇنازىرىلەر ئارقىلىق ئايدىڭلاشسا ھەممىمىزگە پايدىلىق.

ۋاقتى: 2015-10-8 11:59:41 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىزدە باشقا ئەللەردىكىدەك بىر ئەسەرنىڭ نەچچە خىل تەرجىمىسى بارلىققا كېلىدىغان ئەھۋاللار بەك ئاز، قايسىنى بۇرۇن كۆرسەك شۇنى مۇقىملاشتۇرۇۋالىدىغان ئەھۋاللار كۆپرەك، ئەڭ توغرىسى مۇشۇنداق مۇھاكىمە-مۇنازىرىلەر ئارقىلىق ئايدىڭلاشسا ھەممىمىزگە پايدىلىق.

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-10-8 12:04:36 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
生命诚可贵
爱情价更高
若为自由故
两者皆可抛

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家协会网
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش