زىيارەت ۋە رىيازەت
قەھرىمان تۆمۈر تەۋەككۈل
(ئەدەبىي خاتىرە )
2011 -يىلى 25-مارتتىن5-ئىيۇنغىچە كۇچا ناھىيىلىك مالىيە ئىدارىسىنىڭ سېكىرتارى يولداش خېلىل خالىق باشچىلىقىدىكى يىگىرمە نەچچە كىشىدىن تەشكلىللەنگەن ئېكىسكۇرسىيە ئۆمىگىدىكىلەر بىلەن بىرگە شىمالىي شىنجاڭدىكى بىرقىسىم جايلارنى كۆزدىن كەچۈرۈش ،تەجىربە ئالماشتۇرۇش پائالىتى سەپىرىگە ئاتلانغانىدىم . سەپەر جەريانىدا كۆرگەن ،ئاڭلىغان ، ھېس قىلغان بىرقىسىم ئىشلارنى ئوقۇرمەنلەر بىلەن ئورتاقلىشىشنى تايىن تاپتىم .يازغانلىرىم ئوقۇرمەنلەرگە زەرىچە زوق ئېلىپ كېلەلىسە ئەجەپ ئەمەس، دېگەن ئۈمۈدتىمەن .
ــ ئاپتۇردىن
داستىخان ئۈستىدىكى پاراڭ
مارت ئېيىنىڭ ئاخىرقى مەزگىلى شىمالىي شىنجاڭغا نىسبەتەن ھاۋا تازا ئىلىپ كەتمەيدىغان پەسىل ھېساپلانسىمۇ ، يېقىنقى بىرقانچە كۈندىنبېرى تېمپۇراتۇرا ئىزچىل يۇقىرى بولۇپ كەلگەنىدى .ھاۋا كىلىماتىنىڭ ياخشى بولۇشى سەپىرىمىزدىكى ئەڭ چوڭ خوشاللىقنىڭ بىرسى بولسا ، ساھىپخاننىڭ قىزغىنلىقى خوشاللىق ئۈستىدىكى يەنە بىر خوشاللىق ئىدى .ھېلىتىن ھېلىغا ئۇرۇلۇپ تۇرۇلغان تېلفۇنلار ئۇلارنىڭ يولىمىزغا بولغان تەققەزاسىنى ئىپادىلەيتتى .ئەنە شۇ سەۋەب ،25- مارت كوچادىن يولغا چىققان ئۆمەك ئۈرۈمچى ،شىخەنزە ، قارماي ، بۆرىتالا قاتارلىق شەھەرلەردىكى زىيارەتنى تېز ئاخىرلاشتۇرۇپ ( بىرقىسىم جايلارنى قايتاشىمىزدا كۆرۈشكە قالدۇرۇپ )، 29 – مارت كۈن چۈشتن ئۆتكەندە غۇلجا ئوبلاستىغا يىتىپ كەلدۇق .ئالدىمىزغا ئوبلاستلىق مالىيە ئىدارىسىنىڭ كادىرى نەتىجە مۇراتبېك چىققانىدى .ئۇ بىزنى قىزغىن قارشى ئالدى ،خېلىل خالىقنىڭ غۇلجىدا چۈشكۈن قىلماي ئۇدۇللا جىلىيۈزگە بېرىش ،ئوبلاستا نارات ، كۈنەس قاتارلىق مەنزىرگاھلارنى كۆرۈپ قايتقاندا بىر كېچە تۈنەش تەكلىپىگە بىنائەن جىلىيۈزگە قاراپ يول باشلاپ ماڭدى .
جېلىيۈزدە ناھىيىلىك مالىيە ئىدارىسىنىڭ سېكىرتارى غەيرەت نىزامىدىن باشچىلىقىدىكى مۇناسىۋەتلىك يولداشلار يولىمىزغا قاراپ تۇرۇشقانىدى . ياتاققا ئورۇنلۇشۇپ بولغاندىن كېيىن ، كەچلىك تاماققا چىقتۇق . كەچلىك تاماق ‹‹پاشالىق باغ›› ئارامگاھىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ ، داستىخانغا غۇلجىنىڭ ئۆزگۈچە تائاملىرى كەلتۈرۈلگەندىن سىرت سازاندە ۋە چاقچاقچىلارمۇ تەل قىلىنغان بولۇپ ،ۋايىغا يەتكۈزۈپ چېلىنغان تامبۇر مۇزىكىسىغا تەڭكەش ئېيتىلغان غۇلجا خەلق ناخشىلىرى ،مۇزىكا ئارىلىقىدا ئارىلاپ ئېيتىلغان قىزىقارلىق چاقچاقلار بىلەن قوشۇلۇپ نەچچە مىڭ چاقىرىملىق مۇساپە ھارغىنلىقىنى تېزلا تاراتقانىدى .ساھىپخاننىڭ خۇشچاقچاق قىزغىن مۇئامىلىسىدىنمۇ ياكى گۈل – چېچەكلەرنىڭ دىماققا ئۇرۇلۇپ تۇرغان خۇشبۇي ھېددىنىڭ تەسىرىدىنمۇ ،ئەيتاۋۇر قانداقتۇر بىر سېھرى كارامەت تۈپەيلى خېلى كۆپ ئىچىلگەن شاراپ گويا قۇمغا سىڭگەندەك سىڭىپ كەتكەنىدى ...
سەھەر سۈبھى بىلەن ئورنۇمدىن تۇرۇپ شەھەر كوچىلىرىغا قاراپ يول ئالدىم . كۇچىلار رەت – رەت سېلىنغان ئىمارەتلەر بىلەن قورىشالغان بولۇپ ، كوچا قاسناقلىرىدىكى دەرەخلەرنىڭ بۈك – باراقسانلىقىدىن ئىمارەتلەر كۆزگە ئانچە چېلىقىپ كەتمەيتتى . تۇتاش كەتكەن ئاسفالىت يوللار پاكىزە ھەم ئازادە بولۇپ ، يول بويلاپ ئېلىنغان گۈللۈكلەردىكى رەڭگا – رەڭ گۈللەر بىلەن تېخىمۇ كۆركەم ئىدى .
جىلىيۈز خەلقى يېڭى بىر كۈنلۈك ھاياتلىق ھەركىتىگە ئاتلانغان شۇ دەقىقىلەردە ، بىزمۇ مۇناسىۋەتلىك يولداشلارنىڭ يول باشچىلىقىدا ئۆز ئىشىمىزغا يۈرۈپ كەتتۇق .ناھىيىلىك مالىيە ئىدارىسى ۋە يېقىن ئەتراپتىكى يېزا مالىيە پونكىتلىرىغا بېرىپ ئۆزئارا تەجىربە ئالماشتۇرۇش ئېلىپ باردۇق .سائەت بىرگە ئاز قالغاندا چۈشلۈك تاماق يىيىش ئۈچۈن ناھىيىلىك مېھمانخانىغا قايتىپ كەلدۇق .ماشىنىدىن ئەمدىلا چۈشۈپ تۇرۇشۇم خېلىل خالىق ھەدىسىنىڭ ئۆيىگە پەتىگە بىللە كېرىشنى ئېيتتى .بۇ گەپنى ئۇ سەپەر ئۈستىدىمۇ بىر قېتىم تىلغا ئېلىپ ،جىلىيۈزدە ئانىسىنىڭ نەۋرە سىڭلىسى بارلىقىنى ، ئالدىنقى بىرقانچە قېتىملىق غۇلجا سەپىرىدە ئۇلار بىلەن كۆرۈشمەي قايتقانلىقىدىن ئانىسىنىڭ رەنجىپ قالغانلىقىنى ، بۇ قېتىم كۆرۈشمىسە بولمايدىغانلىقىنى ئېيتقانىدى . مەن تۇققانلار ئارىسىدا قىستىلىپ يۈرۈشنى لايىق كۆرمىگەچكە ، تۇرۇپ تۇرۇشنى ئېيتقانىدىم ،ئۇ ئۇنمىدى :
ــ تاماق يىتىشمەي ئاش قالارمەنمىكىن ،دەپ ئويلاپ قالمىغانلا ، ھەدەمگە ئۈچ ئادەم ئىكەنلىكىمىزنى ئېيتىپ بولغانمەن، ــ دېدى ئۇ چاقچاققا ياڭزاپ .
يەنە تۇزۇت قىلىشقا يۈزۈم كۆيدى .غەيرەت ئەپەندىنىڭ يول باشلىشى توختى غازىنىڭ ئۆيىگە ئاياق باستۇق . تۆردىن ئورۇن ئېلىپ بولغاندىن كېيىن، خېلىل خالىق ھەرقايسىمىزنى ئۆزئارا تۇنۇشتۇرۇپ چىقتى.
توختى غازى ئەر -ئايال ئوچۇق – يورۇق كىشىلەردىن ئىدى . داستىخانغا شاتۇت ، ئۈرۈك ، قۇغۇن – تاۋۇز ۋە قۇرۇق يەل – يىمىشلەرنىڭ ھەممە تۈرىدىن دېگۈدەك تەل قىلىنغان بولۇپ ،بىزنى توختىماي تەكلىپ ئىتەتتى ،‹‹بولدى ›› دېگىنىمىزگە ئۇنماي مىۋە – چىۋىلەرنى ئۆزى قولى بىلەن سۇنىشاتتى... رېسالەت ھەدە بىز بىلەن ھەمداستىخان بولۇپ ئوننەچچە مىنۇتچە ئولتۇرغاندىن كېيىن ، ‹‹بىر پىيالىدىن ھاردۇق ئېشى تەييار قىلغانلىقى ›› نى ئېيتىپ ئاشخانا ئۆيگە چىقىپ كەتتى ۋە ھايال ئۆتمەيلا تاماقنىڭ تەييار بولغانلىقىنى جاكارلىدى .
ــ چۆچۈرىنى غۇلجا پەدىسىگە ئەمەس ، كۇچا پەدىسىگە ئەتتىم ، تېتىپ بېقىڭلار ،ــ دېدى رىسالەت ھەدە پەتنۇسنى سۇنۇپ تۇرۇپ.
‹‹كۇچا پەدىسى ؟! غۇلجا پەدىسى قانداق بولغۇيتتى ؟! بىزنى كۇچادىن كەلدى ،دەپ كۇچا پەدىسىگە ئەتتىمۇ ياكى بۇنىڭدا باشقا بىر سەۋەپ بارمۇ ؟ ...››
رسالەت ھەدىنىڭ ئېيتقانلىرى ئۈستىدە ئويلۇنۇپ ئولتۇراتتىم ، توختى ئاكا ئېغىز ئاچتى :
ــ بىزنىڭ بۇ يەردە چۆچۈرىنى قورۇپ ئىتىدۇ، كۇچادا ئۇنداق ئەمەس ،قېنى تاماققا ئېغىز تىگەيلى،ــ
توختى ئاكا چىنىنى قولىغا ئېلىۋېتىپ سۆزىنى داۋام قىلدى ،ــ كۇچا دېگەن قالتىس يۇرت ،بولۇپمۇ تاماقلىرى ئۆزگۈچە .
ــ قارىغاندا كۇچانى پىشىق بىلىدىكەنلىدە ؟! ــ كۆڭۈل تۈگۈچۈمنى يېشىۋېتىش مەقسىتىدە توختى ئاكىدىن شۇنداق سورىۋىدىم ، ئۇ سەل تۇرىۋېلىپ داۋام ئەتتى :
ــ مىنىڭ كۇچاغا بولغان مېھرى – مۇھەببىتىم ناھايتتى چوڭقۇر .مەن كۇچاغا بارغاندا تېخى ئەمدىلا 16 نىڭ قارىسىنى ئالغان بىر بالا ئىدىم ،كۇچادا يىتىلدىم ، ئائىلىلىك ، بالىلىق بولدۇم ، تاۋلاندىم ، نۇرغۇن ئىسسىق – سوغاقلارنى باشتىن كەچۈردۈم . ئىسىمدىن مەڭگۈ چىقمايدىغىنى ،1961- 1962- يىللىرىدىكى قەھەتچىلىك كۈنلەر . شۇ كۈنلەردە مەن بېھىشباغ يېزىسىغا خىزمەتكە چۈشكەنىدىم . يەيدىغان ئاشلىقنىڭ قىسلىقىدىن قۇناقنىڭ شېخى ۋە پۇستىنى قاينىتىپ تىرپىسىنى چىقىراتتۇق ،ئاندىن بوغداي ياكى قۇناق ئۇنلىرىدىن مەلۇم نىسبەتتە ئۈلەشتۈرۈپ بىرھازا چېلىپ تالقان تەييارلايتۇق ،تەڭلىگە ئېلىپ، قاتقاندىن كېيىن ،ئاز – ئازدىن يەپ قورساقنى گوللايتتۇق ...
ــ توختاخۇن مېھمانلارنى گەپكە تۇتمىسىلا ،تاماقنىڭ بېشى قېتىپ قالدى،ــ دېدى رېسالەت ھەدە .
ھەمىمىز چىنىنى قولىمىزغا ئالدۇق .توخى ئاكا بىرئازدىن كېيىن ،يەنە سۆز ئالدى. تاماققا ئېغىز تەگكەش كەچمىشلىرى ئۈستىدە توختالدى :
ــ غۇلجىغا قايتىپ كەلگەندىن كېيىن ، كۇچاغا بىرقانچە قېتىم باردىم . ئۆزگۈرۈش بەك چوڭ بولۇپ كېتىپتۇ ، ــ دەپ گەپ باشلىدى ئۇ ،ــ بۇنىڭ ئىچىدە 2010-يىلىدىكى سەپىرىمدە تۇرغان ۋاقتىم ئەڭ ئۇزۇن بولدى . ئۇ قېتىمدا ئەينى ۋاقىتتا ئىشلىگەن يۇرتلارنى كۆرۈپ كېلەي ، دېگەن مەقسەتتە بېھىشباغ يېزىسىغا باردىم . ھەممە يەرنى ئاچارچىلىق قاپلىغان ئاشۇ ئېغىر كۈنلەرنى بىرگە ئۆتكۈزگەن سەبداشلىرىمنى سۈرۈشتۇردۈم . بىرقىسملار ئۈلۈپ تۈگەپتۇ ، يەنە بىر قىسىملىرى بەكلا ئاجىزلاپ كېتىپتۇ . كىم ئىكەنلىكىنى پەقەتلا ئىسىمگە ئالالمىدىم ،كەنتىكىلەر بىر بوۋاينىڭ ئۆيىگە باشلاپ كىرىىشتى . ئەينى يىللاردىكى ئشىلاردىن بوۋاينىڭ ئاز – تۇلا خەۋىرى بار بولۇپ ، مەن توختى غازى ھەققىدە خېلى كۆپ نەرسىلەرنى بىلىدىكەن .ھەيران قالارلىقى شۇ بولدىكى ، بوۋايدىن نەچچە ياشقا كىرگەنلىكىنى سورىسام ، ئۇ ئاتمىش ئۈچ ياشقا كىرگەنلىكىنى ئېيتتى .
‹‹يېشىنى تۇللۇق بىلمىسە كېرەك ›› دەپ ئويلىغانىدىم ئىچىمدە ، ئەمما ئەتراپتىكىلەر ئۇنىڭ راستىنلا ئاتمىش ئۈچ ياشقا كىرگەنلىكىنى جەزىم قىلىشتى... ئەپسۇسلىنارلىقى ، بوۋاي مەندىن يەتتە ياش كىچىك ئىدىيۇ،ئەمما قاراشتا مەندىن ئون ياشچە چوڭدەك كۆرۈنەتتى .بوۋاي يەنە سۆز قىلىپ :‹‹توختاخۇن مەن سېلىدىن كېمىدا ئون ياش كىچىك تۇرۇپ قېرىپ مۈكچۈيۈپ كەتتىم ، سىلى مىنىڭ ئوغلۇمدەك تۇرۇپسىلە ، غۇلجا دېگەن ئادەم قېرىمايدىغان يۇرتكەن ››دىۋىدى ئەتراپتىكىلەر كۈلۈشۈپ كەتتى .
ھەمىمىز كۈلۈشۈپ كەتتۇق ...
توختى غازى 1942 - يىلى 4-ئايدا غۇلجا ناھىيىسىنىڭ پەنجىم يېزىسىدا تۇغۇلۇپ ئۆسكەن بولۇپ ،1955-يىلى ئىمتېھان ئارقىلىق ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق كادىرلار مەكتىۋىگە ئوقۇشقا بارغان ،ئىككى يىللىق ئوقۇشنى غەلبىلىك تاماملىغاندىن كېيىن ،1957-يىلى 8-ئايدا كۇچا ناھىيسىگە خىزمەتكە بۆلۈنۈپ ،ناھىيىلىك ھۆكۈمەتنىڭ پىلان – سىتاسىتىكا بۆلۈمىگە ئىشقا چۈشكەن .1966- يىلى بېھىشباغ يېزىسىدا خىزمەتتە تۇرغان كۈنلىرىدە رىسالەت ئېزىز بىلەن تونۇشۇپ قالغانىكەن .رىسالەت ئېزىز 1949-يىلى 11-ئايدا كۇچا كونىشەھەر كۆكچى مەھەللىسىدە ئولتۇرۇشلۇق ئېزىز بەكرىنىڭ ئۆيىدە تۇغۇلۇپ ئۆسكەن ، 1966-يىلى ئاقسۇ مالىيە مەكتەپنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن ، بىھىشباغ يېزا تەمىنلەش كوپراتىپىگە تەقسىم قىلىنغانىدى .توختى غازى بىلەن رېسالەت ئېزىز 1967-يىلى 4-ئايدا توي قىلىپ ، 1975-يىلى 5-ئايدا غۇلجىغا قايتىپ كەتكەنىكەن ...
تاماقتىن كېيىن ،داستىخانغا ئەتكەن چاي ، گۆش قاتارلىق تائاملار كەلتۈرۈلدى .غۇلجىنىڭ ئەتكەن چېيى ئۆزگۈچە بولۇپ ، ‹‹بىر ئىچكەن كىشىنىڭ مەڭگۈ تىلىدا قالىدۇ ›› دېگۈچىلىكى بار ئىدى .پارىڭىمىز چاي ئۈستىگە مەركەزلەشكەن بىر چاغدا توختى غازى ئاكا DVD پىلاستىنكىسىدىن بىرنى قويدى .
ئۇنىڭ بۇ قىلىقى ماڭا خۇددى بىزنى ئۆيدىن قوغلىماقچى بولىۋاتقاندەك بىلىنىپ كەتتى . چۈنكى ، بۇنداق چاغدا پىلاستىنكا قويۇشنىڭ ئۆزىمۇ ئەقىلگە سىغمايدىغان بىر ئىش ئىدى .
‹‹توۋا !›› دەيتىم ئىچىمدە ،‹‹پاراڭنى بۇزۇپ پىلاستىنكا قويغۇنىنى ماۋۇ ئادەمنىڭ .ئاران بىر دېدارلاشقاندا ئوبدان بىر ئەھۋاللىشىۋالماي پىلاستىنكا كۆرۈپ ئولتۇرغۇلۇقمۇ ، كوچىنىڭ ھەممە يېرىدە تۆكمە تۇرسا بۇ نەرسە ...››
ھايال ئۆتمەيلا ئويلىغانلىرىمنىڭ ئارتۇقچە ئىكەنلىكىنى تۇنۇپ يەتتىم .ئۇنىڭ قۇيىۋالغىنى ‹‹قوشىنشدارچىلىق چېيى ›› نىڭ پىلاستىنكىسى بولۇپ ، پىلاستىنكىسىنىڭ قويۇلۇشى بىلەن ھەمىمىزنىڭ دېققىتى تىلۋۇزۇر ئېكرانىغا مەركەزلەشكەنىدى . يېڭى ئولتۇراق رايۇنىدىكى 60 نەچچە ئائىلە ۋەكىللىرى قاتناشقان كاتتا يىغىلىش ....رىياسەتچىنىڭ سۆزلىرى دەبدەبىلىك ھەم قىزىقارلىق ، سورۇن ئەھلى كۆتۈرەڭگۈ روھلۇق بولۇپ ، چىرايىدا كۈلكە تەبەسسۇم جىلۋىسى ئىدى ...
رىياسەتچى ھەر بىر مېھماننىڭ ئىسىم فامىلىسى ،مىللىتى ،يېشى ، لەقەم ( تەخەللۇسى )،خىزمەت ئورنى ،ئائىلە نوپۇس سانى ، ئۆيىنىڭ قانچىنچى بىنا ، قانچىنچى كورپۇس ، قايسى ئىشىكتە ئىكەنلىكىنى،قىزىقىشى ،ئالاھىدىلىكى دېگەنلەرنى تەپسىلى تۇنۇشتۇرۇپ چىقاتتى ، ھەتتا ، لەقىمىگە ياڭزاپ بىرقانچە چاقچاقلارنى كەلتۈرۈپمۇ ئۈلگۈرەتتى ، ئىسمى تىلغا ئېلىنغان مېھمان ئورنىدىن دەس تۇرۇپ ، سورۇن ئەھلىگە ئېھتىرام بەجا كەلتۈرەتتى .تۇنۇشتۇرۇشتىن كېيىنكى كەينى – كەينىدىن ئېيتىلغان يۇمۇرلار ۋە غۇلجا خەلق ناخشىلىرىغا تەڭكەش چېلىنغان يېقىملىق مۇزىكىلار كىشى كۆڭلىنى تەسۋىرلىگۈسىز لەرزىگە سالاتتى .
بىر – بىرىسىمىزگە قاراشقىنىمىزچە كۇسۇرلاشتۇق :
ــ مانا بۇ ھەقىقى چايكەن .
ــ شۇنداق ، نەدىكى بىر بۇلا-بولماس سەۋەبلەر بىلەن قىلىۋاتقان سورۇنلىرىمىزدىن مىڭ ھازا ياخشىدە !
ــ قاتار چاي ئوينىدۇق، دەپ بۇلىشىغا ئىچىپ ،ھۆكۈرەپ ،تىنىمىزنى زەئىپلەشتۈرگەننىڭ ئورنىدا مانا مۇشۇنداق ئەھمىيەتلىك چايلارنى ئۆتكۈزۈپ ، قوشنا – قۇلۇملار ئۆزئارا تۇنۇشۇپ ، كەچمىشلىرىمىزدىن ئورتاقلاشساق نېمىدىگەن ياخشى ھە ؟!
ــ شۇ ئەمەسمۇ ، بىزنىڭ ئولتۇراق رايۇندا مىڭغا يېقىن ئائىلىلىك بولغىنى بىلەن، ئۆزئارا تۇنىشىدىغانلار چاغلىق ،ئادىناسى ئۆزەمنى ئېلىپ ئېيتقاندىمۇ، ئىسمىنى ئاتاپ تۇنۇيدىغانلار ئونغا يەتمەيدۇ ، كۆپۈنچىلىرىمىز ئۇدۇل كىلىپ قالغاندىلا سالام – ساھەت قىلىشىپ قويىمىز- يۇ ، بىر – بىرسىمىزنىڭ ئىسىم– فامىلىسى ،كەسپى ،ئۆي ئادرىسى دېگەندەكلەرنى بىلىشمەيمىز ، ئالىمادىس ياخشى كۈننىڭ يامىنى بولغاندا ، بىرەرسى : ‹‹ سىلەرنىڭ ئائىلىكلەر رايۇنىدا پۇكۇنى قازا قىپتۇ ›› دەپ سوراپ قالدىمۇ ،ئۇ كىشىنىڭ كىم ئىكەنلىكىنى بىلەلمىگەنلىكىمىزدىن تىڭىرقايمىز ، ھەتتا،قىلچە تەپ تارتماستىنلا :‹‹ ئۇ كىشىنى ئاڭلاپ باقماپتىكەنمەن ›› دەپ قۇيۇشلىرىمىزمۇ بار تېخى ...
ــ تۆت بەش ئادەم بىر يەرگە كىلىپ چىلاشقىچە ئىچىپ كاللا قاپاق قىلغاننىڭ ئورنىدا، مانا مۇشۇنىڭغا ئوخشاش ئەھمىيەتلىك يىغىلىش ئارقىلىق ئۆزئارا ھال – مۇڭ بولۇشساق نېمىدىگەن ياخشى ھە ؟!
توختى غازى ئاكىنىڭ تونۇشتۇرىشىچە: بۇ خىل چاي غۇلجىدا خېلىلا ئومۇملاشقانكەن ، ھەرقانداق بىر ئولتۇراق رايۇنىغا يېڭىدىن كۆچۈپ كىرگەنلەر ئالدى بىلەن ‹‹قوشىندارچىلىق چېيى ›› نى ئۆتكۈزۈپ ئۆزئارا تۇنۇشۇش ھاسىل قىلىشىدىكەن ، ئۇنىڭدىن كېيىنكى ئۆزئارا ئىزدىشىشمۇ ناھايتتى قۇيۇق بولىدىكەن .
ئىككى سائەتچە داۋاملاشقان قېزغىن كۈتۈنۈشتىن كېيىن، توختى غازى ئاكا ، رىسالەت ئىزىز ھەدىمىز بىلەن خوشلۇشۇپ قايتىپ چىقتۇق . ‹‹قوشىندارچىلىق چېيى ›› نىڭ سىن كۆرۈنۈشلىرى كۆز ئالدىمدىن زادىلا كەتمىدى ، سەپەرداشلىرىمنى چاينىڭ ئەھۋالىدىن خەۋەردار قىلغانىدىم ، ئۇلارمۇ ، بۇنداق ئەھمىيەتلىك چاينى ئۆتكۈزۈشنىڭ زۈرۈرلىكىنى ھاياجان ئىلكىدە تىلغا ئېلىشىپ، غۇلجا خەلقىنىڭ ئىناق – ئىجىللىقنى تەشەبۇس قىلىشتەك ئىسىل خىسلىتىگە چىن كۆڭلىدىن ئاپىرىن ئوقۇشتى ...
داۋامى بار...........
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ARKZAT تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-9-29 14:43