بىر قانچە كۈننىڭ ئالدىدا تۇللۇق ئۇقۇپ بولغان ئىدىم، ئويلىغانلىرىمنى يېزىشقا ۋاقتىم چىقماي قالغان، بۈگۈن بۇ تېمىنى ئېچىپ شۇ كۈندىكى كاللامدا شەكىللەنگەن پىكىرلەرنىڭ ئاز بىر قىسمىلا قالغانلىقىنى ھىس قىلدىم.
ئومۇمەن، بۇ خاتىرىنىڭ مېنى ھەۋەسلەندۈرگەن يېرى گۈزەل غۇلجا ۋە غۇلجا كىشىلىرىنىڭ خاراكتىرى بولسا ، ماڭا تەسىر قىلغان، تەگسىز خىياللار قاينىمىغا غەرق قىلغان يېرى ئازغۇن قىزنىڭ كەچۈرمىشى. ئاكا، سىز قىزغا ئۆزىڭىزنى يالغان ئىسىم بىلەن تونۇشتۇرۇپسىز، يازغۇچى ئىكەنلىكىڭىزنى ئېيتقان تەرەپنىمۇ خاتىرلىمەپسىز...دېمەك قىز سىزنىڭ يازغۇچى ئىكەنلىكىڭىزنى بىلمەيدۇ. ئۇنداقتا قىز سىزگە تۇنجى كۆرۈشۈشتىلا ئۆز كەچۈرمىشىنى ئۇجۇر-بۇجۇرىگىچە نېمە سەۋەبتىن بايان قىلدى؟ مەن بۇنىڭغا ئۆزۈمدىن مۇنداق جاۋاب ئالدىم، قىز يۇرتىغا قايىتمايدۇ، قايتسىمۇ يۇرتىدا ئۇزۇن تۇرمايدۇ. چۈنكى ئۇ ئۆز كەچۈرمىشى ئارقىلىق ئۆزىنىڭ ئاجىز ، ناباب پىسخىكىسىنى يورۇتۇپ بەرگەن ھەمدە ئۆزى خالاپ- خالىماي تاللىۋالغان بۇ يولدا يەنە داۋاملىق مېڭىش ئېھتىماللىقىنى ئاشكارىلىغان.
ناۋادا مەن بولسام ئۇ قىزنىڭ قولىنى قويىۋەتمەيىتتىم، ئاشۇ تېگى يوق پاتقاقلىقتىن بىرىنى تارتىپ چىقالىسام بىرىنى ، ئوننى تارتىپ چىقالىسام ئوننى تارتىۋالغان بولاتتىم. ۋايسىمايىتتىم، چېكىنمەيىتتىم...ئارىمىزدا شۇنداق يىگىتلەرنىڭ بارلىقىغا ئىشىنىمەن. سىزمۇ مېنىڭ نەزىرىمدە ئاشۇنداق يىگىت.
|