يازغۇچىلار تورى

كۆرۈش: 483|ئىنكاس: 12

دىلئاچار(ت): چەتئەل لىرىكىلىرىدىن تاللانما

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

چەتئەل لىرىكىلىرىدىن تاللانما

تەرجىمە قىلغۇچى: دىلئاچار






يول




سەنجىڭ ئېريېزى



چاچلىرىڭنى تارايمەن،
خىياللىرىڭ يەنىلا رەتسىز.



يۇمران ۋە سالقىن چاچلىرىڭ
توختىماستىن ئۆسىدۇ،
مەن ئۇ يەردە ئەمەس.


لەھزىمىزنىڭ باھار يامغۇرى
تۆۋەنگە تۆۋەنلەيدۇ
ھاياتنىڭ تار يولى
سوزىلىدۇ يەنە ئوزاققا.


خىيالىم شۇ يەردە، قولۇمدا تارغاق
ئەنسىز تىترەيدۇ
ئېھ، ئاشۇ نامەلۇم ئەتىگە قاراپ،



چاچلىرىڭنى تارايمەن
خىياللىرىڭ يەنە رەتسىز.


«ياپونىيە مودىېرنىزىم شېئىرلىرىدىن تاللانما»دىن تەرجىمە قىلىندى. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Erchin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-10-31 20:41  


ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2015-9-18 01:15:29 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاپتور ئىسىمى ياپونچە تەلەپپۇزىدا ئېلىنسا تېخىمۇ ياخشى بولاتتىكەن.

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-9-22 15:22:21 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش




ئەسلى ئىسمى سەنجىڭ نېنزى، 1919-يىلى توكيۇنىڭ شېنتىيەندە تۇغۇلغان. ياپونىيەنىڭ داڭلىق شائىرى شىتىياۋ باشىنىڭ قىزى، 16 يېشىدىن باشلاپ شېئىر يېزىشقا باشلىغان. 1954-يىلى بېيجىڭدىن ۋەتىنىگە قايتقان. شۇنىڭدىن كېيىن شېئىرلىرىنى ئېلان قىلىشقا باشلىغان. ئۇنىڭ «كېيىنكى يېرىم شار»ناملىق شېئىرلار توپلىمى بار.ئون نەچچە خىل تىلغا تەرجىمە قىلىنغان.

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-10-31 19:50:42 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش





بۈگۈن كۆردۈم




ئالاۋ خوج







بۈگۈن كۆردۈم
ئىككى ئاينى،
بىر يېڭى، بىرى كونا.
يېڭى ئايغا بەك ئىشنىمەن،
كونىلىقىنى ئويلايمەن ئەمما.



 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-10-31 19:51:42 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش





ئالاۋ خوج


[نورۋىگىيە]

(1904~1994)




ئۇنىڭ شېئىرلىرى بىلەن تۇرالغۇسى ئوتتۇرىسىدا ناھايىتىمۇ زىچ مۇناسىۋەت بار. ئۇ ھەمىشە سىرتىدىن قارىماققا ناھايىتىمۇ ئاددى نەرسىلەرنى ئىپادىلەيدۇ، بىراق ئوقۇرمەنگە ئاددىي نەرسىلەردىكى قىممەتنى ۋە مەنەنى بىلدۈرىدۇ. كېيىنكى ئەۋلاد نورۋىگىيە ياش شائىرلىرى ئۇنىڭ شېئىرلىرىنى سۆيۈپ ئوقۇغان. ياشلارنىڭ ئەسەرلىرىدە خوجنىڭ تەسىرى ناھايىتى كۈچلۈك. مۇھىم ئەسەرلىرىدىن "كۈل ئىچىدىكى يۇلتۇز" (1946)، "يانبەلدە" (1951)، "شەرىق شامىلىدىكى شەبنەم"(1966) قاتارلىقلىرى بار.




بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئۆز تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-10-31 19:52  


 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-10-31 19:55:00 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش



مۇھەررىرلەردىن بىرەرسىڭلار، ئېغىر كۆرمەي، بۇ تېمىنىڭ نامىنى «چەتئەل لىرىكىلىرىدىن تاللانما  (دىلئاچار   -ت)» دەپ ئۆزگەرتىپ قويساڭلار.

ۋاقتى: 2015-11-1 13:26:04 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش


كۆپرەك تونۇشتۇرۇڭ. كۆپرەك ھوزۇر ئالايلى، ئۇكا،

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-11-1 21:59:19 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

مەقسەتسىز پىكىر





پار لاگىرىكۋىست






پىكىر مەقسەتسىز
ئىبادەت ئاتىسىز
ئوقۇبەتنىڭ دۆلىتى يوق
ئۈمىد ئانىسىز

تۇغۇلۇش بەلباغسىز
ئۆلۈم نامسىز       
يوقلۇقتىن كەلدۇق
يوقلۇققا قايتىمىز.





 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-11-1 22:01:18 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش



نۇقتا ۋە پەسىل





جالمەر گۇلبەرىي




نۇقتا بىلەن پەسىل
مېڭىپ چىقىدۇ بىر ھۇجرىدىن
تام قوشنا باشقا بىر ھۇجرىغا،
نەقەدەر ئاددىي ۋە ئاسان.
قولۇم قولۇڭ ئارىسىدا.

ئۈمىدنى ئېيتقىلى بولمايدۇ،
ئەنسىزلىكنى ئېيتقىلى بولمايدۇ،
يوقلۇقنىڭ قىرغاقلىرىدا
كۈتۈشنىمۇ ئېيتقىلى بولمايدۇ.
كۈننىڭ ئۆتمىكى تەس.

بولۇم بىلەن ئۆلۈمدىن
باراۋەر ئايرىلغان ئارىلىق كېچىكلەردۇر.
ياشام
سەن بولغان يەردە بولىدۇ.





ۋاقتى: 2015-11-1 22:11:35 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
داۋامىنى كۈتىۋاتىمەن.

ۋاقتى: 2015-11-1 22:21:55 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش: يوللىغۇچى چەكلەنگەن. مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-11-6 14:25:30 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش




بۇ يول بەلكىم...





لاس نورېن






بۇ يول بەلكىم
ھېچنەگە تۇتاشمايدۇ
بىراق
ئۇ تەرەپتىن بىر كىم كېلەر.




 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-11-6 14:27:00 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش




ئاڭلا




بو كارپىلان





ئاڭلا
سۈكۈناتنىڭ ئىچى
سۈكۈناتسىز:
تىرناق،
تام.

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش