چەتئەل لىرىكىلىرىدىن تاللانما
تەرجىمە قىلغۇچى: دىلئاچار
يول
سەنجىڭ ئېريېزى
چاچلىرىڭنى تارايمەن،
خىياللىرىڭ يەنىلا رەتسىز.
يۇمران ۋە سالقىن چاچلىرىڭ
توختىماستىن ئۆسىدۇ،
مەن ئۇ يەردە ئەمەس.
لەھزىمىزنىڭ باھار يامغۇرى
تۆۋەنگە تۆۋەنلەيدۇ
ھاياتنىڭ تار يولى
سوزىلىدۇ يەنە ئوزاققا.
خىيالىم شۇ يەردە، قولۇمدا تارغاق
ئەنسىز تىترەيدۇ
ئېھ، ئاشۇ نامەلۇم ئەتىگە قاراپ،
چاچلىرىڭنى تارايمەن
خىياللىرىڭ يەنە رەتسىز.
«ياپونىيە مودىېرنىزىم شېئىرلىرىدىن تاللانما»دىن تەرجىمە قىلىندى. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Erchin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-10-31 20:41
|