11-رەسىم قۇتۇبى ناھىيىسى قىزىلتاش قىيا سىزمىلىرىدىكى خور ئورۇنلاش پائالىيىتى
تاڭ دەۋرى شائىرلىرىنىڭ «قور» نامى ئەكس ئەتكەن شېىرلىرىغا قاراپ باقايلى: چىگرا ناخشىسى (ۋاڭ چاڭلىڭ) (تاكى خەن، چىن دەۋرىدىن قورۇلغا نۇر سەپتى قەمەر،) «秦时明月汉时关,» (يانمىدى چىگرا تامان كەتكەنلىمۇ بېرىپ خەۋەر.) «万里长征人未还。» (ھەددى يوق خور ئېتىنىڭ ئۆتمەككە يىنشەندىن قەدەم،) «但使龙城飞将在,» (بولسىلا لى گۇاڭ كەبى سەركەردىمىز بىزدە ئەگەر.) «不教胡马度阴山。» چېگراغا ھال سوراپ بارغاندا (ۋاڭ ۋېي) (ھارۋىدا جۈييەننى يول ئۆتەڭ قىلىپ،) «单车欲问边,» (ئەلچى بوپ چېگراغا ماڭدىم ھال سوراپ.) «属国过居延。» (بارىمەن تۇرنا، بېسىلغاقتەك ئۇچۇپ،) «征蓬出汉塞,» (خەن يېرىدىن خور دىيارىغا ئۇزاپ.) «归雁入胡天。» يېقىنقى زامان جۇڭگۇ، چەتئەل تارىخچىللىرى ۋە تىلشۇناسلارنىڭ ئۇيغۇر نامىنىڭ جۇڭگۇ تارىخى مەنبەلىرىدە خاتىرىلىنىشىنى مۇنداق تۈگەللىدى: «يۈەنخې (袁纥)»، «ۋېيخې (韦纥)»، «خۇيخې (回纥)»، «خۇيخۇ (回鹘)»، «خۇگۇ (护骨)»، «ۋۇگۇ (乌护)» ۋە «ۋۇخې (乌纥)» قاتارلىقلار. بىز يۇقارقى قارىشىمىز بويىچە «خۇخۇر» ئوغۇزلارنى كۆرسىتىدۇ دەپ قارىغىنىمىزدا، ئىككى ئاتالغۇ (回纥، 回鹘) «خۇزخۇر» نامىنىڭ خەنزۇ تىلىدىكى تىرانسپكسىيىسى بولىشى مۇمكىن. ھەرھالدا يەتتە ئاتالغۇنىڭ ئىچىدىكى بەش ئاتالغۇنىڭ «قور» نامىنى كۆرسىتىشچانلىقى يۇقۇرى. لېكىن، ئوتتۇرا ئەسىردىن كېيىنكى ئۇيغۇر نامىنى كۆرسىتىدىغان، «گۇيگۇ (瑰古)»، «ۋۇگې (乌鸽)»، «خۇي خېئېر (辉和尔)»، «خۇيخې (辉和)» ، «ۋېيۋۇ (畏吾)»، «ۋېيۋۇ (伟兀)» «ۋېي ۋۇئې ر(畏吾而)» «خۇي جياڭ (回疆)» «خۇي بۇ (回部)»، «چەنخۇي (缠回)» «خۇيخۇي (回回)» قاتارلىق ئاتالغۇلارنىڭ يىراق تارىختىكى «قور» نامىنى ئەكس ئەتتۈرىشى بارغانسىزى غۇۋالاشتى. ئەگەر بىز، ئىلگىركىدەك ئوغۇز، ئۇيغۇر ۋە ئۇيسۇن نامىنىڭ تولۇق ئاتىلىشىنى خەنزۇچە تارىخى مەنبەلەردىن ئىزدەيدىغان بولساق، بۇ، مەسىلگە ناھايىتى ئاددى قارىغانلىق بولۇپ قالىدۇ. خەنزۇچە تارىخى مەنبەلەردە، ئۇيغۇردىكى «قور» بىلەن ئوغۇزدىكى «غۇز»، ئۇيغۇردىكى «ئۇي» بىلەن ئۇيسۇندىكى «ئۇي»نىڭ خەنزۇ تىلى تىرانسپكسىيسىدىكى ئوخشاشلىق، بۇ ئۈچ ئاتالغۇنىڭ ئوخشاش بولمىغان تارىخى دەۋرلەردە ھەرخىل تەرىزدە ئاتىلىشىنى ئايرىۋاشلاشتا، بىزگە يىتەرلىك قىيىنچىلىق پەيدا قىلىدۇ. لېكىن، ئوغۇز، ئۇيغۇر ۋە ئۇيسۇنلارنىڭ تارىخى يىلتىزداشلىقىغا نىسبەتەن ئېيتقاندا بۇ ھېچقانچە گەۋدىلىك مەسىلە ئەمەس. ئەجداتلىرىمىز بۇ ئۈچ چوڭ قەبىلىلەر ئىتتىپاقىنى «ئۈچ قورىقان- قور ناملىق ئۈچ قېرىنداش» دەپ ئاتىغان ئىكەن، بىزمۇ بۇ ئەنئەنىۋى ئاتاشنىڭ تارىخى ھوزۇرى بويىچە ئىش ئېلىپ بېرىشىمىز ئەجدات روھىغا مۇخالىپ بولمىسا كېرەك. «تارىخىي خاتىرىلەر»دىكى يەر-جاي نامى ۋە تارىخى شەخسلەر ئىسىملىرىنىڭ ئىچىدىكى «قور»نىڭ تىرانسپكسىيىسى بويىچە ئېلىنغان خەنزۇچە خەتلەر: «كۇي (愧)»، «كۇ (喾)»، «گۇي (鬼)»، «خۇ (胡)»، «خۇۋ (后)»، «گاۋ (高)»، «خۇن (浑)»، «گۇڭ (共)»، «گۇڭ (工)»، «گۈن (鲧)»، «خۇي (会)»، «خۇ (壶)»، «گوۋ (钩)»، «خۇ (户)»، «گۇ (觚)»، «كۈن (昆)»، «خې (赫)»،«خوۋ (侯)»، «گۇڭ (公)»، «گاۋ (镐)»، «خې (河)»، «خۇ (湖)»، «كوڭ (孔)»، «گې (葛)»، «گۇي (邽)»، «گۇي (归)»، «خۇي (回)»، «گۇي (桂)»، «كۈەي (哙)»، «گۈەن (灌)»، «گوۋ (勾)»، «خۇ (狐)»، «خۇي (惠)»، «گۇ (谷)»، «گۇ (孤)»، «خې (貉)»، «خې (纥)»،«گۇ (骨)» ۋە «گۇ (鹘)» قاتارلىقلار بولۇشى مۇمكىن. بۇنداق يېڭىچە قاراشنى ئوتتۇرغا قويىشىمىزنىڭ ئاساسى سەۋەبى، ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكتىكى ھەرقايسى سولالىلەرنىڭ ئەمەلدارلىرى ئىچىدە باشقا مىللەت كىشىلىرى بولغان بولسا، ئۇلارغا يېڭى ئىسىم ھەدىيە قىلىنىپ، ھەدىيە قىلغان ئىسىمدا ئەمەل نامى ۋە مىللەت ئايرىمىسى قىسقارتىلما ئىسىم قىلىناتتى. دىمەك، «قور» نامىنى ئىپادىلەش مۇمكىنچىلىكى بولغان خەنزۇچە تاق سۆزلەرنىڭ كىشى ئىسىملىرى، يەر- جاي نامى ۋە ھەرخىل ھۇنەر- سەنئەت ئاتالغۇلىرىنىڭ ئىچىگە يوشۇرۇنغانلىرىنى قېزىپ چىقىش ئىنتايىن زور ئەھمىيەتكە ئېگە. ئۇيغۇر نامىنى ئوغۇزخان قويغانكەن، ئوغۇزخاننى مۇئەييەن زامان ھالقىسىغا ئېگە قىلىش، ئۇيغۇر نامىنىڭ قويۇلغان ۋاقتىنى تەخمىنلەشتىكى بىردىن-بىر توغرا ئۇسۇل بولىشى مۇمكىن. شۇ ۋەجىدىن ئەبۇل غازى باھادىرخان بىلەن مۆجىزى ئوغۇزخاننىڭ ياشىغان دەۋرى ھەققىدە توختۇلۇپ، بىرى: «ئەجداتلىرىمىز بۇ زىمىندا ياشاۋاتقىنىغا ئالتە مىڭ يىلدىن ئاشتى» («تەۋارىخى مۇسقىييۇن»، 51-بەت) دېسە؛ يەنە بىرى: «ئوغۇزخان بەيغەمبىرىمىزدىن تۆت مىڭ يىل بۇرۇن ئۆتكەن.» دېگەن قاراشنى ئالغا سۈردى. بىرى، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەدنىڭ ياشىغان دەۋرى مىلادى 7- ئەسىرنى بەلدەم قىلغان بولسا، يەنە بىرى، مىلادى 16- ئەسىرنى بەلدەم قىلغان. ئەگەر بىز 7- ئەسىردىن ئىلگىرىكى ۋاقىتنى تۆت مىڭ يىل دەپ قارىساق، مىلادىدىن ئىلگىرىكى 3400 يىل بىلەن مىلادىدىن كېيىنكى 2012 نى قوشساق 5412 يىل بولىدۇ؛ 16-ئەسىردىن ئىلگىرىكى ئالتە مىڭ يىل بىلەن 16- ئەسىرىدىن كېيىنكى 500 يىلنى قوشساق 6500 بولۇپ قالىدۇ-دە ئىككىسىنىڭ قارىشىدا 1100 يىل پەرق شەكىللىنىپ قالىدۇ. بۇ ئىككى خىل قاراش ئىچىدە، ئەبۇل غازى باھادىرخاننىڭ ئوغۇزخاننى 5412 يىل مۇقەددەم قىلىپ تەخمىنلىشى، تۈ*ركى مىللەتلىرى تارىخىدىكى شاھلار نەسەبىنى ئاساس قىلغان بولۇپ، ئۇ ئۆزنىڭ قارىشىنى تۆۋەندىكىدەك دەلىل كۈچىگە ئېگە قىلغان: «شاھ مەلىكنىڭ... باشچىلىقىدا ئىراققا كەتكەن سالۇر خەلقى كۆپ يىللار ئۇ يەردە ئولتۇرغاندىن كېيىن، ئۇلارنىڭ ئىچىدە ئۇگۇرجىق ئاتلىق بىر ئېسىل يىگىت پەيدا بولدى. تۈ*ركمەنلەرنىڭ تارىخ بىلىدىغان كشىلىرى ئۇگۇرجىق ئالىپنى ئون ئالتە ئەۋلاد ئاۋۋالقى ئوغۇزخانغا ئۇلاشتۇرۇپ شۇنداق سانايدۇكى: ئۇگۇرجىق ئالىپ، ... قازان ئالىپ... تاغ خان، ئۇنىڭ ئاتىسى ئوغۇزخان. بۇ سۆز تامامەن يالغاندۇر. بۇ شۇنىڭ ئۈچۈنكى، ئوغۇز زامانىدىن تا بۇ ۋاقىتقا قەدەر بەش مىڭ يىل ئۆتتى. ئۇگۇرجىق زامانىدىن تا بۇ ۋاقىتقىچە بەش يۈز يىل، ئالتە يۈز يىل ئۆتتى. ئوغۇز بىلەن ئۇگۇرجىقنىڭ ئارىسى تۆتمىڭ تۆت يۈز يىل. ئون ئالتە ئەۋلاد تۆت يۈز يىلدا، ھەرقانچە بولسىمۇ تۆت يۈز ئەللىك يىلدا ئۆتۈپ بولىدۇ. خوش، ئۇگۇرجىقنىڭ قالغان تۆت مىڭ يىلدا ئۆتكەن ئاتىلىرىنىڭ ئېتى قېنى؟ بۇ يېزىلغان ئون ئالتە كىشىنىڭ ئوغۇز ئوغۇللىرى بولغىنى توغرا ۋە ئۇگۇرجىقنىڭ ئاتىلىرى بولغىنىمۇ توغرا. ئەمما قايسى كىشى قوۋم ئىچىدە مەشھۇر بولسا شۇ كىشىنى يازغاندۇر. ئاللاھ بىلىدۇكى، بۇ يېزىلغان كىشىلەرنىڭ ھەربىرىنىڭ ئارىسىدا ئون بەش ۋەيا يىگىرمە كىشىنىڭ ئېتى يېزىلماي قالغان. شۇنىڭ ئۈچۈن شۇنداق دەپ ئېيتالايمىزكى، ئوغۇز بىلەن ئۇگۇرجىقنىڭ ئارىسىدا تۆت مىڭ تۆت يۈز يىل ئۆتكەن. ھەرمىڭ يىلدا قىرىق ئەۋلاد ياشاپ ئۆتسە، ئىككى يۈز ئەۋلات ئۆتكەن بولىدۇ. بەس، بۇمۇ يالغانچىلىق بولارمۇ؟ ... ئوغۇزخان بەيغەمبىرىمىزدىن تۆت مىڭ يىل بۇرۇن ئۆتكەن. قازان ئالىپ پەيغەمبىرىمىزدىن ئۈچ يۈز يىل كېيىن ئۆتكەنىدى. ياشانغان چېغىدا مەككىگە بېرىپ ھاجى بولۇپ كەلدى. ئۇ ھالدا سالۇر قازان ئالتە ئەۋلادتا ئوغۇزخانغا قانداق ئۇلىشار ؟ يەنە سالۇر قازان قايى قورقۇت ئاتا بىلەن بىر زاماندا ئىدى...» («شەجەرەئى تەراكىمە»، «بۇلاق»، 1999- يىللىق 3-سان، 115-116-بەت). ئوبۇل غازى باھادىرخان ئوغۇزخاننىڭ دەۋران سۈرگەن پەيتىنى ئۆزى ياشىغان دەۋر (مىلادى 17-ئەسىر)دىن بەش مىڭ يىل ئىلگىرى قىلىپ كۆرسىتىشىدە نېمىنى ئاساس قىلغانلىقىنى پەرىق قىلالمىغان تەتقىقاتلچىلار، بۇ خىل ھۆكۈمنى ئاساسسىز، دەلىلى قايىل قىلىش كۈچىگە ئېگە ئەمەس- دەپ گۇمانلاندى. نامازنى تەرك قىلمايدىغان، تەرەت ئېلىپ پاكلانغاندىن كېيىن قولىغا قەلەم ئېلىپ، يېزىقچىلىققا تۇتىنىدىغان ئوبۇل غازى باھادىرخاندەك مۆتىۋەر دۆلەت ئەربابىنىڭ «ئاللاھ بىلىدۇكى» دېگەن سۆزنىڭ قانداق قەلىبدىن ئۇرغۇپ چىقىدىغانلىقىنى ھەرقانداق كىشى پەرەز قىلالايدۇ- ئەلۋەتتە. شۇنداق بولغان ئىكەن، ئۇنىڭ بۇ جەھەتتىكى قاراشلىرىنىڭ ئاساسى ھۇلى تۆۋەندىكى ئۈچ تەرەپتىن كەلگەنلىكى ئىھتىمال: بىرىنچى، ئوبۇل غازى باھادىرخان شاھ ئەۋلادى بولغاچقا، تۈ*ركى مىللەتلىرى تارىخىدا ئۆتكەن شاھلار تارىخى، نەسەپ خاتىرىسى تەرىزدە ساقلىنىپ قالغان بولسا، ئەشۇ ماتىريالنى مەنبە قىلغان بولىشى مۇمكىن. ئىككىنچى، ئەبۇل غازى باھادىرخان، ئوبول قاسىم فىردەۋسىنىڭ «شاھنامە» داستانىدىكى ئىران پادىشاھلىرىنىڭ سەلتەنەت سۈرگەن يىللار ھىساۋىنى ئاساس قىلغان بولىشىمۇ مۇمكىن. «شاھنامە»نىڭ مۇقەددىمە ئىلاۋىسى ئۈچۈن يېزىلغان («شاھنامە»نىڭ تېماتىكىسى ۋە تۈزۈلىشى)دە، ئالىم ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىننىڭ: « ‹شاھنامە› چوڭ ھەجىملىك داستانلار تۈ*ركۈمى بولۇپ... مىلادىدىن ئىگىرىكى 3223- يىلدىن مىلادىنىڭ 651-يىلىغىچە... بولغان 3874 يىللىق رىۋايەت ۋە ھېكايەت سۆزلەنگەن.» («شاھنامە»، 3- بەت) دېگەن سۆزىدىكى، «مىلادىدىن ئىلگىرىكى 3223 يىل» بىلەن ئەبۇل غازى باھادىرخاننىڭ ۋاستىلىق ھالدا، ئوغۇزخان مىلادىدىن 3400 يىل ئىلگىرى ئۆتكەن دېگەن سانلىق مەلۇمات 177 يىل پەرىق بىلەن، ئىككىلا شەخسنىڭ يىل ھىساۋى ئاساسەن بىردەك. «ئوغۇزنامە»دە ئوغۇزخان پۈتكۈل تۈ*ركى قەۋملىرىنى بىرلەشتۈرۈپ بولغاندىن كېيىن، يات قەۋم ۋە يات ئەلدىن «سىندۇ»، «تاڭغۇت» ۋە «شاغام» تەرەپلەرگە تاجاۋۇزچىلىق ئۇرۇشى ئېلىپ بارغان. بۇ يەردىكى «شاغام» غەرپ تەرەپتىكى ئارال دېڭىزىغا قۇيۇلىدىغان ئامۇ دەرياسىنى، ياكى ئامۇ دەرياسىغا 500 كىلومېتىر كەلمەيدىغان ئىراننىڭ شەر*قى چېگراسىغا تۇتاش «ئاشغابات»نى كۆرسىتىشى مۇمكىن. دېمەك، ئوغۇزخان ئىران زىمىنىغا بېسىپ كىرگەن ۋاقىت، ئىراننىڭ تۈنجى پادىشاسى «كەيۈمەرس» سەلتەنەتى بولۇپ، ئۇرۇشتا «كەيۈمەرس»نىڭ شاھزادىسى سىيامەك ھالاك بولغان. بۇ ۋاقىتتا ئىرانلىقلارنىڭ ئوغۇزلارغا قويغان ھاقارەتلىك نامى «ئەھرىمەن دىۋە» بولۇپ، «شاھنامە»دىكى تۆۋەندىكى بايانلار بۇ قارىشىمىزنى قۇۋەتلەيدۇ: قاتا- قاتار يىللار ئۆتەر باشلىدى، شەھرىيار دۆلىتى گۈللەپ ياشنىدى. دۇنيادا يوق ئىدى ئاڭا بىر دۈشمەن، ئامما پىنھان ئىدى دىۋە ئەھرىمەن. ئەھرىمەن دىلىدا پايانسىز ھەسەت، يامانلىققا ئاستا كۆتىرەتتى قەد. بۆرە بالىسىدەك ئوغلى بار ئىدى، ۋەھشىيلىك يىرتقۇچلۇق ئاڭا يار ئىدى. شاھزادىگە چاڭگال سالدى ئەھرەمەن، مىجىلدى، ئېزىلدى كۈلدەك بۇ بەدەن. («شاھنامە»، 2-، 3- بەتلەر) يامانلىققا ماڭدى پەرزەنتى ئۇنىڭ، نۇمۇسنى ئۇنتىدى ۋارىسى ئۇنىڭ. ئاتىسى قېنىغا بۇلغاندى يۈزى، ئەسكە چۈشتى دانا قېرىنىڭ سۆزى: «پەرزەنت بولسا ھەكمى شىر كەبى گۇشنا، ئاتىسى قېنىغا بولمىغاي تەشنا. ئەگەر باشقىچىرەك بولۇپ چىقسا ئىش، سىرىنى ئانىسىدىن كېرەكتۇر بىلىش.» («شاھنامە»، 12- بەت) پەرزەنتسىزلىكتىن كۆپ ئازاپ چېكىپ سام، دەرت چېكىپ، دىلىغا ئىزدەيتتى ئارام. بىر بوۋاق تۇغۇلدى ئاخىر ئانىدىن، قوياشتەك نۇر چاچار ياتقان جايىدىن. ھۆسنىدە، چىرايدا ئالەمدە بىر تاق، ئەمما ئەيبى بار، چاچلىرى ئاپپاق. «جۈپتى ھالالىڭدىن تۇغۇلدى» دەپ چال، سامغا ئېيتىشقا يوق ھېچكىمدە ماجال. غۇلىچىنى ئاسمانغا يېيىپ سام پېقىر، ياراتقانغا نىدا ئەيلەپ قىلدى پىكىر: «ئەگەر قىلغان بولسام مەن ئېغىر گۇناھ، دىۋىلەرگە ئەگەشكەن بولسام گەر، گۇناھ. بۇ شەرمەندىلىكتىن سىقىلدى جېنىم، نۇمۇستىن تومۇردا قاينايدۇ قېنىم. بۇ بالا مىسالى كىچىك ئەھرىمەن، كۆزلىرى قارايۇ چېچى ياسىمەن...» ياتار پالۋان زاتى، بىگۇناھ گۈدەك، ئاڭا ئاقمۇ بىردەك، قارىمۇ بىردەك. مېھىرسىز ئاتىسى تاشلاپ قىلدى خار، ئەمما ئەزىزلىدى پاك پەرۋەردىگار. («شاھنامە»، 32-، 33- بەتلەر) «شاھنامە» داستانىدىكى بۇ پارچىلار ئوغۇزلارنىڭ مىلادىدىن ئىلگىرىكى 3223- يىللاردا ئىرانلارغا تۈنجى قېتىم تەسىر كۆرسىتىش جەريانى بولىشى مۇمكىن. ئۈچىنچىدىن، ئوبۇل غازى باھادىرخان «ئوغۇزنامە»دىكى ئىشلەپچىقىرىش قۇراللىرى، بولۇپمۇ ئۇرۇش قۇراللىرى ھەققىدىكى تەسۋىر ئارقىلىق، جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ، ئۆزىدىن ياشىغان دەۋدىن 4900 يىل ئىلگىرىكى باسقۇچىنى كۆرۈپ يېتەلىگەنلىكىنىمۇ نەزەرگە ئېلىش كېرەك. تۈ*ركى خەلقلىرىنىڭ بۇنىڭدىن مىڭ يىللار ئىلگىرى بارلىققا كەلگەن تارىخنامىللىرى بىلەن مىلادىدىن نەچچە مىڭ يىللار بۇرۇن شەكىللىنىشكە باشلىغان تارىخى داستانلاردا ئىككى خىل ئالاھىدىلىك ئەكس ئەتكەن؛ تارىخنامىلەرنىڭ مۇقەددىمە قىسمىدا ئىنساننىڭ يارىلىشىغا ئائىت تەپسىلاتلار بېرىلگەندىن سىرت، ئىنسان ئىپتىداسىدىكى مۇئەييەن قەبىلە ۋە مىللەت يىلتىزىنى، ياراتقۇچىنىڭ ئەلچىلىرى (پەيغەمبەرلىرى)گە باغلىغان بولسا؛ تارىخى داستانلاردا ئىشلەپچىقىرىش قۇراللىرى ئارقىلىق جەمىئىيەت تەرەققىياتىنىڭ مۇئەييەن ھالقىسى يورۇتىلغان. تارىخى داستانلاردىكى بۇ خىل ئالاھىدىلىك، ئۇنىڭ ئېغىز ئەدەبىياتى شەكلىدە ئىنساننىڭ ئالاقىلىشىش ۋاستىسى تىل شەكىللەنگەندىن كېيىنلا باشلانغانلىقىنى، شۇنداقلا، جەمىئىيەت تەرەققىياتىنىڭ مۇئەييەن باسقۇچىدىكى ئىشلەپچىقىرىش قۇراللىرىنىڭ كونكىرت ئالاھىدىلىكىنى ئەكىس ئەتتۈرۈپ، تارىخنامىلەردىن تولىمۇ مۇقەددەملىكى ۋە چىنلىقىنى ئىپادا قىلىدۇ. «ئوغۇزنامە»نىڭ ئومۇمى مەزمۇنىدا ئوغۇزخاننىڭ ئاتىسى قىلچە تىلغا ئېلىنماي، ئەكسىچە، ئوغۇزخاننىڭ ئانىسى بولغان «ئايخان» دېگەن ئىسىمغا «ئاي» بىلەن «خان» (پادىشاھ) نامى قوشۇلۇپ، ئايال زاتىنىڭ پادىشا بولغانلىقىدەك، ئىنسانلار جەمىئىيىتى تەرەققىياتىنىڭ ئانا ئۇرۇقى جامائەسى ھۆكۈمرانلىقىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى باسقۇچىنى ئەكىس ئەتتۈرگەن. «... بىر كۈنى ئايخاننىڭ كۆزى يورۇدى، ئۇ بىر ئوغۇل تۇغدى... بۇ ئوغۇل ئانىسىنىڭ ئوغۇزىنى بىر قېتىم ئېمىپلا، ئىككىنچىلەپ ئەممىدى.» دىگەن بايان ئارقىلىق «ئوغۇزخان» ئانا ئۇرۇقى جامائەسىگە ئىسيانكارلىق يولىنى تۇتقان. تارىختىن رىياللىققىچە، جانلىقلار دۇنياسىدىن ئاڭلىق ئىنسانلارغىچە، ئانىنىڭ ئىللىق باغرىدىن ئۆزىنى تارتىپ، بىر قېتىم ئېمىپلا قايتا ئېمىشنى رەت قىلىپ، ئانىغا ۋاپاسىزلىق ۋە تۇزكورلۇق قىلغان ئوغۇلنى پەقەت ۋەپەقەت «ئوغۇزنامە»دىلا ئۇچرىتىش مۇمكىن. ئۇ، رىيال تۇرمۇشتا كۆرۈلىشى مۇتلەق مومكىن بولمايدىغان، بولۇپمۇ، ئەمدىلا تۇغۇلغان ئاڭسىز بوۋاقلاردا تېخىمۇ كۆرۈلمەيدىغان ھادىسە. بۇ بايان، جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ ئانا ئۇرۇقى جامائە ھۆكۈمرانلىقىدىن ئاتا ئۇرۇقى جامائە ھوكۇمرانلىقىغا ئۆتىشنى ئەكس ئەتتۈرۈشتىن باشقا ھېچقانداق ئەمىلى قىممىتى يوق. بۇ مۇناسىۋەتتە، ئەجداتلىرىمىزنى «ئوغۇزنامە»داستانىدا، بەدىئىي ئىپادىلەش جەھەتتە يۈسەك پەللە ياراتقان تىل ئۇستىللىرى دىيىشكە بولىدۇ. ئەجەپلىنەرلىكى شۇكى، ئانىنىڭ ئوغۇز سۈتىنى بىرلا قېتىم ئېمىپ، قايتا ئېمىشنى رەت قىلغان ئوغۇلغا «ئوغۇز» دەپ ئىسىم قويۇش بولسا كېرەك. بۇ، ئوغۇل ئانا ئۇرۇقى جامائە تۈزۈمىنى كەسكىن رەت قىلسىمۇ، ماھىيەتتە، گىن، ئىرسىيەت ۋە ئۇدۇم ئۇلاش قىممىتىدە، ئەجداتلىرىغا ۋارىسلىق قىلىشتا، «ئوغۇز» تېخىمۇ ئۇلۇقلانغان ھالدا، «ئوغۇزخان»دەپ ئاتالغان بولىشى مۇمكىن. تېخىمۇ ئەجەپلىنەرلىكى شۇكى: «... كۆك بۆرى بولسۇن ھەم ئۇران... ئۇ يورۇق ئىچىدىن كۆك تۈكلۈك، كۆك يايلىلىق چوڭ بىر ئەركەك بۆرى چىقتى... ئوغۇز خاقان ئەركەك بۆرىنىڭ لەشكەرلىرى ئالدىدا يول باشلاپ كېتىپ بارغانلىقىنى كۆرۈپ شاتلاندى...» قاتارلىق بايانلاردىكى بۆرە تۇتىمى ئارقىلىق «ئوغۇزخان»، ئانا ئۇرۇقى ھۆكۈمرانلىرىنىڭ تەسەۋۋۇرىدىكى «... ئاشۇنداق بولسۇن دېيىشتى؛ ئۇنىڭ تۇرقى مانا مۇنداق<بۇ قۇرنىڭ ئاستىغا بىر كالىنىڭ رەسىمى سىزىلغان> شۇندىن كېيىن شاتلىققا مۇيەسسەر بولدى...» دېگەن- رايىش، يۇۋاش ئوتخور ھايۋان كالىنىڭ سىياقىدىن ھالقىپ، گۆشخور، يىرتقۇچ بۆرە سىياقىغا كىرگەنلىكىدە. دېمىسىمۇ، ئانا ئۇرۇقى جامائەسى ھۆكۈمرانلىق مەزگىلىنى ئىنسانلار جەمئىىتىنىڭ تىنچلىق مەزگىلى؛ خۇددى كالىنىڭ سۈت بەرگىنىگە ئوخشاش ئىنساننى ئاپىرىدە قىلىش ۋە ئۇنىڭ تولۇق يېتىلىشى ئۈچۈن ئوزۇقلۇق يەتكۈزگۈچى پەرىشتە سۈپەتلىكى؛ ئاتا ئۇرۇقى جامائەسى ھۆكۈمرانلىقى دېيىلگەندە- ئەرلەر ۋە ئاتىلارنىڭ جەڭگىۋارلىقى، غەيۇر ۋە كۈچتۇڭگۈرلىكى، خۇددى بۆرىگە ئوخشاش يىرتقۇچ، ئوۋلىغۇچى ۋە بويسۇندۇرغۇچى رەۋىشتە بولىشى تەبىئى. ئۇنداق بولمىغاندا، «ئوغۇزخان» قەھرلىك ئەر (كۆك بۆرە) سۈپەت، دەبدەبىلىك تۇنجى يۈرىشنى باشلىماس ئىدى. بۇ جەھەتتە، «ئوغۇزنامە»نى نوقۇل رىۋايەت ۋە ئىپوس پۈچەكلىكىدىن، تۇر*كى قەۋملىرىنىڭ ئانا ئۇرۇقى جامائە تۈزۈمىدىن ئاتا ئۇرۇقى جامائە تۈزۈمىگە ئۆتۈپ، مىللەتنىڭ شەكىللىنىشىگە ئەجدات سالاھىتى ھازىرلانغان، ئەڭ قەدىمى ئېتنىك قامۇس يۈكسەكلىكىگە كۆتۈرۈشكە ئەرزىيدۇ. ئىشلەپچىقىرىش قۇراللىرىنىڭ جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ مۇئەييەن باسقۇچىنى ئەكىس ئەتتۈرۈپ بېرىشى ئوبىكتىپ تارىخى ھەقىقەت. كونا تاش قۇرال دەۋرى ئىپتىدائى ئىنسانلارنىڭ پادىلىق ئىجتىمائى تۈزىمىنى ئەكىس ئەتتۈرسە، يېڭى تاش قۇرال دەۋرى ۋە قىسمەن سانجىغۇچى قۇراللار ("جىدا" -تاش، سۆڭەك ۋە ياغاچتىن ياسالغان قىسقا قوزۇقسىمان نەيزە)نىڭ ياسىلىشى، ئوقيا، بال-بال قورچاقلار، ھەم قىسمەن يۇۋاش، رايىش (قوي،كالا پادىلىرى) ھايۋانلارنىڭ تۈنجى قەدەمدە كۆندۈرىلىشى ۋە ئىشلەپچىقىرىش قۇراللىرى سۈپىتىدە ئىشلىتىلىشى ئىنسانلار جەمئىيىتىنىڭ ئانا ئۇرۇق جامائەسى ئىجتىمائى تۈزۈمىنى ئەكىس ئەتتۈرىدۇ. سىپتا تاش قۇراللار بىلەن تۈچ قۇراللار (ئېنېلوئىت)، ئالتۇن بويۇملار بىلەن مىس ۋە تۇچ قۇراللار (بىرونزا) ۋە ئاندا- ساندا تۆمۈر قۇراللارنىڭ ئىشلىتىلىشى، جۈملىدىن چارۋىچىلىق كۆلىمىنىڭ كېڭىيىشى بىلەن ياۋىلىغى بىرقەدەر كۈچلۈك بولغان ئاتنىڭ كۆندۈرۈلىشى قەدىمقى مەرگىزى ئاسىيا تۈ*ركى مىللەتلىرى ئاتا ئۇرۇقى جامائەسى ئىجتىمائى تۈزۈمىنىڭ دەسلەپكى روشەن بەلگىلىرىدىن ئىدى. «ئوغۇزنامە»دىكى: «...ئوغۇز خاقان...قىئاتنى ئوۋلىماقچى بولدى... نەيزە، ئوق، يا، قىلىچ، قالقان ئېلىپ ئاتلاندى...قىئات...گەرچە تۆمۈردەك قاتتىق بولسىمۇ نەيزەم ئاخىر ئۇنى ئۆلتۈردى...» دېگەن قۇرال- ياراق تەپسىلاتىدىن، ئوغۇزلارنىڭ ئەجدادىدىن تارتىپ نەيزە، ئوق، يا، قىلىچ ۋە قالقانلارنى ئىشلىتىپ ئادەتلەنگەنلىكىنى، پەقەتلا تاياق ئۇچىغا بېكىتىلگەن تاش، سۆڭەك، تۈچ ۋە مىستىن سىلىقلاپ (سۈركەپ) ئۇچلانغان نەيزىنى ئىشلىتىشلا ئەمەس، بەلكى، ئەڭ ئۆتكۈر تۆمۈر نەيزىنىڭ تۇنجى ئىختىرا قىلىنىشى بىلەن ئوغۇزخان ئۇنى بەدىنى تۆمۈردەك قاتتىق چوڭ ھايۋان قىئاتقا ئىشلىتىش سىنىقى ئېلىپ بارغان. ئۇنداق بولمىغاندا، ئوغۇزخان «... تۆمۈر نەيزىلەر بولسۇن ئورمان...»دىگەن شۇئارنى توۋلىمىغان بولاتتى. قىممەت نوقتىسىدىن ئېيتقاندا ئىنسانلارنىڭ نەزىرىدە ئالتۇن بىرىنچى ئورۇندا، كۆمۈش ۋە مىس ئىككىنچى، ئۈچۈنچى ئورۇندا. ئەمما، «ئوغۇزنامە»دىكى «... بۇ ئۆينىڭ تېمى ئالتۇندىن، تۇڭلۇكى كۆمۈشتىن، ئىشىكى تۆمۈردىن ياسالغان ئىدى...» تەسۋىرىدىن: ئالتۇن، كۆمۈشنىڭ ئىشلىتىلىش دائىرىسىنىڭ كەڭلىگى، ئالتۇن، كۆمۈشتىن تۆمۈرنىڭ تېخىمۇ ئەتىۋارلىغىدەك تۆمۈر قەھەتچىلىكى ئەكىس ئەتكەن. شۇڭا، «ئوغۇزنامە»دە ئالتۇن-زەرگەر ئۇستىسى تىلغا ئېلىنماي، «...تۆمۈر دوقاغۇل...»نى تۆمۈرچى تەرىزدە ئالاھىدا تىلغا ئالغان. «ئوغۇزنامە»دىكى «...ئوغۇزخان بىر چىپار ئايغىر ئاتقا مىنەتتى. ئۇ بۇ ئايغىرنى ئىنتايىن ياخشى كۆرەتتى. يولدا بۇ ئايغىر كۆزدىن يۈتتى... مۇز تاغ ئىچىگە كىرىپ كەتتى. بۇنىڭ بىلەن ئوغۇزخان ئۇزۇنغىچە ئازاپ چەكتى.» دىگەن بۇ باياننى كۆرگەن ھەرقانداق كىشى: "پادىشا مىنگەن ئاتنىڭ قېچىپ كېتىشى ھىچ ئەقىلغا سىغمايدىغان ھادىسە" دىيىشى تۇرغانلا گەپ. دىمىسىمۇ، نەچچە ئون مىڭ ئارغىماقلار ئىچىدىن تاللىنىپ قانچىلىغان سىناقلاردىن ئۆتۈپ، «شاھ تۇلپىرى» سالاھىتىگە ئېرىشكەن ئات، ئالدىدا تۇرغان مول يەم- خەشەككىمۇ پەرۋا قىلماي، «مۇزتاغ ئىچىگە» قېچىپ كىرىپ كېتىشى كىشىنى تەئەججۈپلەندۈرمەي قالمايدۇ. ناھايىتى ئېنىقكى، بۇ ئات ئەمدىلا كۆندۈرۈلگەن، بىپايان يايلاقنى كۆرگەندە تۇۋىقى قىزىپ، كىشىنەپ ۋە چاپچىپ، يېشىل يايلاقلاردا يايلىغانلىرىنى ئۇنتىيالمىغان ياۋا ئاتتۇر. تارىخشۇناسلارنىڭ: «ئاتا ئۇرۇقى جامائە ھۆكۇمرانلىقىنىڭ ئانا ئۇرۇقى جامائە ھۆكۈمرانلىقىنىڭ ئورنىغا دەسسشى بۇنىڭدىن تۆت-بەش مىڭ يىللار ئىلگىرى يۈز بەرگەن» دەپ تەخمىنلىشى، «ئوغۇزنامە»نىڭ يۇقارقى ئىشلەپچىقىرىش قۇراللىرى تەسۋىرى بىلەن تامامەن بىردەك. ئەمدىلىكتە، ئەبۇل غازى باھادىرخاننىڭ «ئوغۇزخان پەيغەمبىرىمىزدىن تۆت مىڭ يىل بۇرۇن ئۆتكەن» دىگەن ھۆكىمىنىڭ ھەقىقى ۋەزنىنى تولىمۇ كېچىكىپ چۈشەنگەندەك قىلىمىز. ئۇيغۇر نامىنى ئوغۇزخان شەخسەن ئۆزى قويغان تۇرۇقلۇق، بۇ مۇبارەك نام نىمە ئۈچۈن ئۇغۇزلارنىڭ 22 قەبىلىسى، ياكى توققۇز ئوغۇزلارغا تەئەللۇق بولماي، «تارىخى خاتىرىلەر»دىكى «روران»غا ۋەكىللىك قىلغۇچى ئۇيغۇرلارغا تەئەللۇق بولۇپ قالىدۇ ؟ بۇ سۇئالغا ئىككى خىل چۈشەنچە بىلەن قانائەتلىنەرلىك جاۋاپقا ئېرىشىشىمىز مۇمكىن. بىرى، ئوغۇز خاقان تۆت تەرەپكە «مەكتۇپ» ئەۋەتكەندە، ئوڭ تەرەپتىكى «ئالتۇن خاقان» قارشىلىقسىزلا دوسلۇقىنى ئىپادىلىدى. ئەمما، سول تەرەپتىكى ئۇرۇم خاقان قارشىلىق بىلدۈردى. ئوغۇز خاقان دەل ئەشۇ «ئۇرۇم خاقان» ۋە «ئۇرۇم» خەلقىنى خۇددى «قور- كۆنەلگە»دەك ئويۇتتۇرۇش مەخسىدىدە ئۇلۇغ يۈرۈشكە ئاتلانغان. مۇشۇ سەۋەپتىن ئۇيغۇر نامى «ئۇرۇم»لارغا تەئەللۇق بولۇپ قالغان بولىشى مۇمكىن. يەنە بىرى، بىز «ئوغۇزنامە»دىكى مۇنۇ بايانغا قارىساق مەسىلە ناھايىتى ئېنىق چۈشۈنىشلىك بولۇپ قالىدۇ: «... ئوغۇز خاقاننىڭ يېنىدا ئاق ساقاللىق، مۇز چاچلىق، قابىلىيەتلىك بىر قېرى كىشى بار ئىدى. ئۇ بىلەرمەن ۋە لىللا ۋەزىر ئىدى، ئۇنىڭ ئىسمى ئۇلۇغ تۈ*رك ئىدى. كۈنلەرنىڭ بىرىدە، ئۇ چۈشىدە بىر ئالتۇن يا بىلەن ئۈچ كۆمۈش ئوق كۆردى. بۇ ئالتۇن يا كۈن چىقىشتىن تا كۈن پېتىشقىچە سوزۇلغان ئىدى. ئۈچ كۆمۈش ئوقنىڭ ئۇچى شىمالنى كۆرسىتىپ تۇراتتى... ئوغۇز خاقان... ئالتۇن يانى ئۈچ بۆلەككە بۆلدى ۋە ئېيتتىكى: ‹ھەي ئاكىلار (كۈن، ئاي، يۇلتۇز)، بۇ يا سىلەرگە مەنسۇپ بولسۇن›... ئوغۇز خاقان... ئوقلارنى ئۈچكە بۆلۈپ بەردى، ئېيتتىكى: ‹ھەي ئىنىلەر (ئاسمان، تاغ، دېڭىز)، بۇ ئوق سىلەرگە مەنسۇپ بولسۇن، يا ئوقنى توغرىلايدۇ. سىلەر ئوققا ئوخشاش (ياغا بويسۇنۇڭلار)›... ئوغۇز خاقان ئوغۇللىرىغا يۇرتنى ئۈلەشتۈرۈپ بەردى». ئوغۇز خاقاننىڭ «يا ئوقنى توغرىلايدۇ. سىلەر ئوققا ئوخشاش ياغا بويسۇنۇڭلار» دېگەن بۇ سۆزىدىن، بارلىق زىمىننى ئۈچ قىسىمغا بۆلۈپ («يۇقۇرى چىن، ئوتتۇرا چىن ‹ئارچىن›، تۆۋەن چىن ‹ماچىن›)نى («تۈ*ركى تىللار دىۋانى»، 1- قىسىم، 592- بەت) ئۈچ ئوغلى (كۈن، ئاي ۋە يۇلتۇز)غا بەرگەنلىكىنى كۆرۈشكە بولىدۇ. بۇ «ئۈچ چىن»نىڭ ئىككىسى («تۆۋەن چىن» بىلەن «ئارچىن») «سول تەرەپتىكى ئۇرۇم» تەۋەلىكىدە بولۇپ، ئوغۇز خاقاننىڭ ئىككى ئوغلىغا بۆلۈپ بېرىلگەچكە، قالغان بىر ئوغلىغا سېلىشتۇرغاندا، ئۇيغۇر نامى ئىككى ئوغلىغا (كۆپ سانلىققا) تېخىمۇ ئۇيغۇن كەلگەن بولىشى مۇمكىن. بىز «ئوغۇزنامە»دىكى «ئۇرۇم»نىڭ ھازىرقى تارىم ۋە جۇڭغار ئويمانلىقى كۆرسىتىدىغانلىقىنى دەلىللىمەي تۇرۇپ، ئۇيغۇر نامىنى «تارىخى خاتىرىلەر»دىكى «روران»غا تەئەللۇق قىلىپ قويىشىمىز ئاساسسىز بولۇپ قالىدۇ. «ئوغۇزنامە»نى نەشىرگە تەييارلىغۇچى گېڭ شىمىن بىلەن تۇرسۇن ئايۇپ، «ئۇرۇم» ئاتالغۇسىغا سەۋەپسىزلا «شەر*قى رىم»نى كۆرسىتىدۇ-دەپ، ئاددى ھالدىلا ئىزاھات بېرىپ قويغان. ئەمەلىيەتتە «ئۇرۇم» ئاتالغۇسى «ئوغۇزنامە»دىكى «ئالتۇن خاقان» (ئۇيسۇن) نامى بىلەن يانداش ۋە ئايرىلماس قوش گېزەك، ۋەزنى ئەڭ ئېغىر، زور تارىخى ئاتالغۇ. «ئوغۇزنامە»دىكى ئوغۇز خاقان ئۇلۇق يۈرىشىنىڭ بىردىن- بىر مەقسىدى، ئوغۇزلار بىلەن ئالتۇن خاقان (ئۇيسۇن) ۋە «ئۇرۇم»نىڭ ئېتنىك كېلىپ چىقىشىدىكى يىلتىز بىردەكلىگى ئاساسىدا، ئۇلارنىڭ تارىخى ھەمدەملىكىنى قولغا كەلتۈرۈش. ئوغۇز (تۈ*ركى) قەۋىملىرىنىڭ قەدىمكى شەر*قى رىمدىكى ئىتالىيانلار بىلەن قىلچىمۇ تۇققاندارچىلىق مۇناسىۋىتى يوق تۇرۇقلۇق، ئۇلارنى ئوغۇز قەۋملىرى ئىتتىپاقىغا «ئۈچ قورىقان» (ئۈچ قېرىنداش~ 三骨利斡) ۋە «قورىقان» (骨利斡) شەكلىدە كىرگۈزۈش تولىمۇ گۆدەكلىك. ئوغۇز خاقان يۈرۈش لېنىيەسىنىڭ ئوڭ ۋە سول تەرپىدە «ئالتۇن خاقان» ۋە «ئۇرۇم خاقان» بولۇپ، «ئۇرۇم»نىڭ جۇغراپىيىلىك ئورنى سول تەرەپكە توغرا كېلىدۇ. شۇڭا «ئوغۇزنامە»دە «سول تەرەپتە ئۇرۇم دېگەن بىر خاقان بار ئىدى» دېيىلگەن. شەر*قى رىم ئوغۇزخان يۈرۈش لېنىيەسىنىڭ سول تەرپىگە توغرا كېلىشى ھەرگىز مۇمكىن ئەمەس. ئۇنىڭ ئۈستىگە «ئوغۇزنامە»دە پۈتكۈل ئوغۇز (تۈ*ركى) قەۋملىرىنى بىرلىككە كەلتۈرۈش يۈرۈشلىرى تەپسىلى سۆزلەنگەن بولۇپ، تاجاۋۇزچىلىق خاراكتىرىنى ئالغان ئۇرۇش تەپسىلى بېرىلمەي، پەقەت «سىندۇ، تاڭغۇر، شاغام تەرەپلەرگە يۈرۈش قىلىپ باردى.» دېگەن ئازغىنە قىستۇرما بايان كىرگۈزۈلگەن. بۇنىڭدىن قارىغاندا «ئۇرۇم» ھەرگىزمۇ «شەر*قى رىم»نى كۆرسەتمەستىن، بەلكى شەكسىز ھالدا ھازىرقى تارىم ئويمانلىقى بىلەن جۇڭغار ئويمانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. بۇ ئىككى ئويمانلىق بۇنىڭدىن تۆت- بەش مىڭ يىللار ئىلگىرىكى ئەڭ قەدىمكى چاغلاردا «ئۇرۇم» دۆلىتى (يىپەك دۆلىتى) دەپ ئاتالغان بولۇپ، تارىم ئويمانلىقى «كىن ئۇرۇم»- مەرگىزى يىپەك دۆلىتى («كىروران خانلىقى ~ 楼兰国») («خەنزۇچە- ئۇيغۇرچە تارىخى ئاتالغۇلار لوغىتى»، 199- بەت)، جۇڭغار ئويمانلىقى «ئۇرۇمتاي»- كىچىك يىپەك دۆلىتى («ئۇرۇمتاي خانلىقى~ 轮台国») («خەنزۇچە- ئۇيغۇرچە تارىخى ئاتالغۇلار لوغىتى»، 202- بەت) قاتارلىق كونكىرت ناملار بىلەن مەشھۇر. ئۈرۈمچى نامى ھەققىدىكى ماتىرياللاردا، «ئۇرۇمتاي» ۋە ئۇنىڭ قىسقارتىلما شەكلى «رۇمتاي»نى ئۇچرىتىمىز. «تاڭنامە»دە ئۈرۈمچىنىڭ ئەشۇ قىسقارتىلما نامى «رۇمتاي»نىڭ ئەينەن ھالدىكى خەنزۇچە تىرانسىپكسىيەسى «لۈنتەي» (轮台) نامى تىلغا ئېلىنغان. «تارىخى خاتىرىلەر»دىكى «روران» («楼兰»)، «كۇئىنلۇن~ 昆仑» ۋە ھازىرقى كۇئىنلۇن تاغلىرى (昆仑山) تارىم ئويمانلىقىنى نەزەردە تۇتقان بولۇپ، بۇ ئۈچ ئاتالغۇ «كىن ئۇرۇم»نىڭ خەنزۇچە تىرانسىپكسىيە قىلىنىشى ئىدى. «كىن ئۇرۇم»دىكى «كىن» ئاتالغۇسى «تارىخى خاتىرىلەر»دە «كۇي~ 隗» بىلەن ئىپادە قىلىنغان. ئەبۇل قاسىم فىردەۋسىنىڭ «شاھنامە»سىدە «كىن ئۇرۇم»دىكى «كىن» ئەينەن ھالدا ئېلىنغان بولۇپ: تۇتۇپ ھەر تەرەپنى قارا دېۋە- جىن، تۈگەپ ياخشى ئادەت، ئېلىپ ئەۋج كىن. («شاھنامە»، 15- بەت) «شاھنامە»دىكى «ئەۋج ئېلىپ كىن» دېگەن سۆزنىڭ ھەقىقى مەنىسى تۇراننىڭ ئىرانغا تەسىر كۆرسىتىش جەريانىدۇر. «تۈ*ركى تىللار دىۋانى»دا: «كىن يىپار- كىندىك ئىپار» (1-قىسىم، 442-بەت)دىكى «كىن»نىڭ بەدەننىڭ ئوتتۇرىسىدىكى كىندىككە ۋەكىللىك قىلىپ "مەرگەز" ۋە "ئوتتۇرا" ئۇقۇمىنى بېرىدۇ. شۇڭا،«تۈ*ركى تىللار دىۋانى»دا «...كۈن چىقىش تەرەپتىكى ھەربىر شەھەر نامىغا "كىن- كەن" سۆزى قوشىلىدۇ...» (1-قىسىم، 442-بەت)، «ئۇرۇم زۇن- بوياق (يىپەك بويىقى)» (1- قىسىم، 186- بەت) ئىزاھاتلىرى ئارقىلىق بىزگە، «كىن» ۋە «ئۇرۇم» توغرىسىدا تارىخى خاراكتىرلىك خۇشخەۋەر ئاتا قىلىدۇ. بۇنىڭدىن قارىغاندا «كىن»- مەرگەز، ئوتتۇرا؛ «ئۇرۇم»- يىپەك دېگەن مۇنتىزىم يەشمىلەرگە ئېگە. ھازىرقى ۋاقىتتىكى تىل ئىستىمالىمىزدا ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ ئۆرۈلگەن ئۇزۇن چېچىنى «ئۆرۈم چاچ» دەيمىز. «ئوغۇزنامە»دىكى «ئۇرۇم» يىپەكنىڭ ئەڭ دەسلەپكى ئاددى ۋە قوپال توقۇلىشىغا قاراپ «ئۆرۈم چاچ»تىكى «ئۆرۈم»گە تەققاسلانغان بولىشى مۇمكىن. شۇنىڭغا قەتئىي ئىشىنىشىمىز كېرەككى، «ئوغۇزنامە»دىكى «ئۇرۇم» نامى «تارىخى خاتىرىلەر»دىكى «روران»غا زىپچىلاشقان ئىكەن. ئوغۇز ئاتىمىز قويغان مۇبارەك ئۇيغۇرنامى «روران» (ئۇرۇم)لىقلار ئىپتىخارىغا تەۋە. «ئۇيغۇر»دىكى «قور» نامىنى ئوغۇز خاقان قويغان بولسا، ئۇنىڭ ئۇلۇغ نامىنى پەقەت «ئوغۇزنامە»دىلا ئۇچرىتىپ، باشقا تارىخى مەنبەلەردىن ئۇچرىتىش نېمە ئۈچۈن شۇنچە قىيىن بولىدۇ ؟ ئوغۇزخاننىڭ تارىختا باشقىچە نامىمۇ بولغانمۇ ؟ بىز تۆۋەندىكى تارىخى ئۇچۇرلارغا قاراپ بۇ مەسىلىگىمۇ جاۋاپ تاپالايمىز: «تۈ*ركى تىللار دىۋانى»: «ئوغۇز، تۈ*رك قەبىلىلىرىنىڭ بىرى. ئوغۇزلار تۈ*ركمەنلەردۇر. ئۇلار يىگىرمە ئىككى ئۇرۇق بولۇپ، ھەر بىرىنىڭ ئايرىم بەلگىسى ۋە ماللىرىغا باسىدىغان تامغىسى بار. ئۇلار بىر-بىرىنىڭ مېلىنى شۇ تامىغىغا قاراپ تونۇيدۇ...بۇ تامغىلار ئۇلارنىڭ ئات-ئۇلاق ۋە ماللىرىنىڭ بەلگىسى بولۇپ، ئارىلىشىپ كەتسە، شۇ بەلگىلەرگە قاراپ تونىۋالىدۇ...بۇ ئېيتىلغان ئۇرۇقلارنىڭ نامىلىرى ئۇلارنى قۇرغان ئەڭ قەدىمقى بوۋىلىرىنىڭ ئىسىملىرىدۇر... ئۇلار ئۆز ناملىرىنى قەدىمقى ئاتا-بوۋىلىرىغا قاراپ شۇنداق يۈرگىزىدۇ.»(1-قىسىم، 77-80-بەتلەر). «تۈ*ركى تىللار دىۋانى»: «ئاتاساغۇن- تىۋىپ.» (1- قىسىم، 117- بەت). «...ئوغۇزلار ناھايىتى ھاكاۋۇر، ئۇرۇشقاق ۋە قارانىيەت. قىش-ياز ئوت، سۇ قوغلىشىپ يايلاقلاردا كۆچۈپ ياشايدۇ. يايلاقلىرى ئات، كالا، قوي، قۇرال-ياراغ ۋە ناھايىتى ئاز ساندىكى ئوۋ ئولجىللىرىدىن ئىبارەت. ئۇلاردا سۆدىگەرلەر كۆپ، ئوغۇزلارنىڭ ياكى سودىگەرلەرنىڭ بارلىق ياخشى نەرسىلىرى، مەيلى نېمە بولىشىدىن قەتئىينەزەر، ھەممىسى ئىتىقات قىلىش ئوبيېكتى ھېساپلىنىدۇ. ئۇلار تىۋىپلارنى ناھايىتى ھۆرمەتلەيدۇ، مەيلى قەيەردە ئۇچرىشىشتىن قەتئىينەزەر، ئۇلارنى ناھايىتى ھۆرمەتلەپ ئىھتىرام بىلدۈرىدۇ. بۇ تېۋىپلارمۇ ئۇلارنىڭ ھاياتى ۋە مۈلكىنى كونتۇرۇل قىلىپ تۇرىدۇ. ئوغۇزلارنىڭ بازىرى يوق، لېكىن ئۇلاردىن چېدىرلاردا ئولتۇرىدىغانلار كۆپ. ئۇلارنىڭ قۇرال-ياراغ ۋە ئىشلەپچىقىرىش قۇراللىرى بولۇپ، جەڭلەردە ناھايىتى باتۇر. قەھرىمان كېلىدۇ. ئۇلار ئىسلام ئەللىرىگە ئۆزلۈكسىز ھوجۇم قىلىدۇ. ئۇلار ئۇرۇش يولىدا قانداق نەرسە ياكى ئادەم بولىشىدىن قەتئىينەزەر، ھەممىسىنى بۇلاڭ-تالاڭ قىلىپ ماڭىدۇ. ئاندىن ناھايىتى تىزلىك بىلەن چېكىنىدۇ. ئۇلارنىڭ ھەربىر قەبىلىسىنىڭ ئۆز ئالدىغا قەبىلە سەردارى بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى جېدەل- ماجرالارنى ھەل قىلىدۇ.» («ھۇدۇدۇلئالەم»، «19-باپ. ئوغۇز دۆلىتى توغرىسىدا»، 130-بەت). «بۇ يەرنىڭ شەر*قىدە جۇڭگو، جەنۇبىدا تىبەتنىڭ بىر قىسىم جايلىرى ۋ قارلۇق زىمىنى، غەربىدە قىرغىزلار بولۇپ، ئۇلار توققۇز ئوغۇزلارنىڭ پۈتكۈل زىمىنىغا جايلاشقان. تۈ*ركلەرنىڭ نۇرغۇن دۆلەتلىرى ئىچىدە بۇ دۆلەت ئەڭ چوڭ، توققۇز ئوغۇزلار بۇرۇندىنلا ئادەم سانى ئەڭ كۆپ خەلق ئىدى. قەدىمكى زاماندا پۈتكۈل تۈ*ركىستاننىڭ خانلىرى توققۇز ئوغۇز قەبىلىلىرىدىن چىقاتتى. ئۇلار ئۇرۇشقا ماھىر مىللەت، ناھايىتى كۆپ قۇراللىرى بار.» («ھۇدۇدۇلئالەم»، «12-باپ. توققۇز ئوغۇزلار ۋە ئۇلارنىڭ بازارلىرى توغرىسىدا»، 116-بەت). «ياغمىلار دۆلىتىنىڭ شەر*قىدە توققۇز ئوغۇز دۆلىتى، جەنۇبىدا (؟) خورانگىن دەرياسى بار. بۇ دەريا كۇچا دەرياسىغا قۇيۇلىدۇ. غەربىدە قارلىق دۆلىتىنىڭ چىگرا رايۇنلىرى بار. بۇ دۆلەتنىڭ دېھقانچىلىقى تازا روناق تاپمىغان، بىراق يۇڭ- تېرە كۆپ. بۇنىڭدىن باشقا يەنە نۇرغۇن ئوۋ ئولجىسى كۆپ. ئۇلارنىڭ بايلىقى ئات ۋە قوي، ئادەملىرى قەيسەر، كۈچلۈك، ئۇرۇشخۇمار؛ قۇراللىرى ناھايىتى كۆپ، ئۇلارنىڭ پادىشاھى بىلەن توققۇز ئوغۇزلارنىڭ پادىشاھى بىر قوۋمدىن. ياغمىلارنىڭ نۇرغۇن قەبىلىسى بار، ئېيتىشلارغا قارىغاندا ئۇلاردىن نامدار 1700 قەبىلە بار ئىكەن. ئۇلار مەيلى تۆۋەن تەبىقىدىكەر بولسۇن ياكى ئاقسۆڭەكلەر بولسۇن پادىشاھىنى ھۆرمەت قىلىدۇ...» («ھۇدۇدۇلئالەم»، «13-باپ. ياغمىلار دۆلىتى ۋە ئۇلارنىڭ بازارلىرى توغرىسىدا»، 119-بەت ). «تۈ*ركى تىللار دىۋانى» ۋە «ھودۇدۇلئالەم»دىكى ئۇچۇرلاردىن مەلۇمكى، قەدىمكى جەمئىيەتتە كىشىلەرنىڭ ھاياتى ۋە مال-مۈلكىنى كونتۇرول قىلغۇچىلار دىندارلار بىلەن پادىشاھلاردۇر. «تۈ*ركى تىللار دىۋانى»دىكى «ئاتاساغۇن- تىۋىپ» بىرلا شەخس بولغان ئىكەن، ئۇ چوقۇم ھەم دىندار ھەم پادىشاھ سالاھىيىتىدىكى تۈ*ركىي مىللەتلىرىنىڭ شاھ ئاتىسىدۇر. «دىۋان»دىكى «خان- تۈ*ركلەرنىڭ ئەڭ چوڭ پادىشاھى. ئەفراسىياپنىڭ ئوغۇللىرىمۇ” خان “ دىيىلىدۇ. ئەفراسىياپنىڭ ئۆزى ” خاقان “ دىيىلىدۇ.» دېگەن سۆزدىن مەلۇمكى، تۈ*ركىي مىللەتلىرىدىن بىرىنچى بولۇپ «خان» سالاھىيىتىنى ھازىرلىغان كىشى «ئوغۇزنامە»دىكى «ئوغۇرخان»دۇر. «ئوغۇزنامە»دە تەسۋىرلەنگەن «ئوڭ تەرەپتىكى ئالتۇن خاقان» بىلەن «سول تەرەپتىكى ئۇرۇم خاقان»نى تۇنجى قېتىم بىرلەشتۈرگۈچى دەل «ئوغۇزخان». «ئوغۇزخان» تۈ*ركلەر تارىخىدا «ئاتاساغۇن»دىن ئىبارەت بۇ تارىخىي شەخسكە ئەڭ مۇۋاپىق نامزات بولالىشىدا ئىختىلاپ بولمىسا كېرەك. «ئاتاساغۇن»دىكى «ساغۇن» ساكلار بىلەن ھونلار نامىنىڭ قىسقارتىلمىسى بولۇپ، «ئاتاساغۇن»- ساكلار بىلەن ھونلارنىڭ ئاتىسى دېگەنلىك. ئوقۇرمەنلەر بۇ ئاددىي يەشمىگە قاراپ: «”ئاتاساغۇن “ساكلار بىلەن ھونلارنىڭ ئاتىسى ئىكەن. ئۇنداقتا، ”بالاساغۇن “-ساكلار بىلەن ھونلارنىڭ پەرزەنتى دېگەنلىكقۇ ؟»دەپ سورىشى تەبىئىي. ھەرگىز ئۇنداق ئەمەس! «ئاتاساغۇن» بىلەن «بالاساغۇن»دىن ئىبارەت ھەر ئىككى ئاتالغۇدىكى «ساغۇن» يەنىلا ساكلار بىلەن ھونلارنى كۆرسىتىدۇ. ئەمما «بالاساغۇن»دىكى «بالا»نى مەھمۇد كاشغەرى بوۋىمىز مۇنداق ئىزاھلىغان: «بىرلە- بىللە، بىلەن... بەزىدە سۆزنى يېنىكلىتىش ئۈچۈن ” ر“ ھەرپى تاشلىنىپ، ”بىلا، بىلە“ دېيىلىدۇ» («تۈ*ركىي تىللاردىۋانى»، 1-قىسىم، 561- بەت). بۇنىڭدىن قارىغاندا، «بالا»نىڭ ئەسلىي مەنىسى بىللە تۇرغۇچى دېگەن مەناغا ئېگە. شۇنداق بولغاندا، «بالاساغۇن»- ساك بىلەن ھون بىللە، ساك بىلەن ھونلارنىڭ بۈيۈك بىرلىكسېپى دېگەنلىك. (مەن قىسمەن ئوتتۇرا ئەسىر مەنبەلىرىدىن بالغاسۇن دېگەن نامنى ئۇچراتقان، بۇ نام شەھەر دېگەن مەنىدە. بالاساغۇن ئەنە شۇ بالغاسۇننىىڭ تەلەپپۇز ئۆزگىرىشى بولىشى مۇمكىن، ئورقۇن ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ پايتەختى ئوردۇ بالىق – ئۇيغۇر شەھىرى – قارابالغاسۇن ئىدى) تارىختا ھونلار بىلەن ساكلارنى بىرلەشتۈرگىچى «ئاتاساغۇن» نامى پەقەت بىرلا تارىخىي شەخس («ئوغۇزخان»)نى كۆرسەتسە، «ساغۇن» ھونلار بىلەن ساكلارنىڭ بىرلىكسەپ تۈزگەن جاي نامىنى كۆرسىتىدۇ. گەرچە «بالاساغۇن» شەھرى ئىسكەندەر ئىستىلاسىدىن كېيىن بەرپە قىلىنغان شەھەر بولسىمۇ، ئەمما «ساغۇن» ۋە «ئاتاساغۇن» ئاتالغۇسى «بالاساغۇن» ئاتالغۇسىدىن تولىمۇ قەددەم ئاتالغۇ. ھونلار بىلەن ساكلارنى تۇنجى قېتىم قېرىنداشلارچە قۇچاقلاشتۇرۇپ، ئوغۇز قەۋملىرىنى بىرلەشتۈرۈشكە مۇۋەپپەق بولالىغان «ئاتاساغۇن» («ئوغۇزخان») چەكسىز ئىپتىخارلىق ئىلھاملىرىدا «ساغۇن» ئاتالغۇسىنى تۇنجى قېتىم ئوتتۇرىغا قويغان بولىشى مۇمكىن. «ھودۇدۇلئالەم»دىكى چۈشەنچە بويىچە ئېيتقاندا، «ئاتاساغۇن» ساكلار بىلەن ھونلارنىڭ ھاياتى ۋە مال- مۈلكىنى كونتۇرول قىلغۇچى بىردىنبىر شاھىنشاھتۇر. تارىخ قىسمەت لەۋھەسىنى جەۋلان قىلدۇرۇپ، ئوتلۇق قەلەملىرى ئارقىلىق تۇرانلارنىڭ يىپەك يولىدىكى ھەر بىر ئۆتەڭلىرىگە ئۆڭمەس رەڭلىرى بىلەن ئىز سالغاندا، ئوغۇزخان، ئەڭ ئاخىرىدىكى كاتتا يىغىلىشتا، قىرىق غۇلاچ خادا ئۈستىدىكى «ئالتۇن خوراز» ۋە «كۆمۈش خوراز» ئارقىلىق ئۇلارنىڭ بالدۇر ئويغۇنىشىنى تىلەپ، ئۈچكە بۆلۈنگەن « ئالتۇن يا» بىلەن «كۆمۇش ئوق»، «قور» بىلەن «ئۈچ قورىقان» ھىكمىتىدە، ئۇلارغا قېرىنداشلىق رىشتىسى ئۇلىغان ئىدى... بۇ، دەل بۈگۈنكى جۇڭخۇا مىللەتلىرى بۈيۈك بىرلىكىنىڭ تارىخى ئاساسى بولسا كېرەك... . . «قور» ناملىق ھەيكەل ھازىر پېقىرنىڭ قولىدا، مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارنىڭ خېمىيىلىك ئانىلىزى ئارقىلىق، مۇئەييەن دەۋىرگە تەئەللۇق بولۇشنى كۆتۈپ تۇرىۋاتىدۇ. . 2012- يىلى 3- ئاينىڭ 3- كۈنى تاماملاندى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا muhammadbarhan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-6-3 12:52
|