بالىلارنىڭ سۈيۈملۈك دوستى ياسىن ئابدۇقادىر 1977-يىلى 3-ئاينىڭ 13- كۈنى قاراقاش ناھىيىسىنىڭ قاراساي يېزىسىدا ئوقۇتقۇچى ئائىلىسىدە توغۇلغان. 2000- يىلى خوتەن پېداگوگىكا ئالىي تېخنىكومىنىڭ تىل- ئەدەبىيات فاكولتىتىنى پۈتتۈرۈپ قاراساي يېزىلىق 1- ئوتتۇرا مەكتىپىدە خىزمەت قىلغان. 2011- يىلىدىن باشلاپ قاراقاش ناھىيىلىك 1- ئوتتۇرا مەكتەپتە ئىشلەپ كېلىۋاتىدۇ.
ئۇ 2000- يىلى «خوتەن گېزىتى» دە ئېلان قىلىنغان «بەخت» ناملىق نەسىرى بىلەن ئىجادىيەتكە كىرىشكەن بولۇپ، شۇنىڭدىن بۇيان «تارىم»، «تەڭرىتاغ»، «يىڭى قاشتېشى»، «ئىلى دەرياسى»، «قومۇل ئەدەبىياتى»، «تارىم غۇنچىلىرى»، «ئۆسمۈرلەر گېزىتى»... قاتارلىق گېزىت- ژورناللاردا «ئورمان بالا»، «تۇغۇلۇپ ئويناش»، «بالام بولغىن ئەمدى سەن ئانا»، «سەن نۇزۇك، مەن سادىر»، «قىزىمنىڭ قەلبى»، «كېچىدىكى مەشرەپ»، «مەن قەلەم ئوغرىسىمۇ؟»... قاتارلىق 200 پارچىدەك شىئىر، ھېكايىلىرى ئېلان قېلىندى. ئۇنىڭ «رەسسام چاشقان» ناملىق شېئىرى 17-نۆۋەتلىك «خانتەڭرى ئەدەبىيات مۇكاپاتى» غا ئېرىشتى. بىر قىسىم ئەسەرلىرى «ئۇيغۇر بالىلار ئەدەبىياتى ئەسەرلىرىدىن تاللانما»- (بالىلار ھېكايىلىرى)، (بالىلار نەسرلىرى)، (بالىلار قوشاقلىرى) ناملىق ئۈچ كىتابقا كىرگۈزۈلدى.. «ئۇيغۇر بالىلار ئەدەبىياتىنىڭ 100 يىلى» ناملىق ماقالىسى جۇڭگۇ ئۇيغۇر تارىخى- مەدەنىيىتى تەتقىقات جەمئىيىتىنىڭ 5- نۆۋەتلىك ئىلمى مۇھاكىمە يىغىنىدا 1- دەرىجىگە ئېرىشتى. ئۇ 2009- يىلدىن بويان شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى.
ياسىن ئابدۇقادىرنىڭ شېئىرلىرى بالىلارغا ئەڭ يېقىن ۋە يېڭى بولۇشتەك ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە. بىز بالىلارنىڭ بۇ سۆيۈملۈك دوستىنىڭ بۇندىن كېيىنكى ئىجادىيىتىگە تېخىمۇ يۈكسەك پەللىلەرنى تىلەپ بىر يۈرۈش شېئىرلىرىنى دوستلارنىڭ ھۇزۇرىغا سۇندۇق
_ مەسئۇل مۇھەررىردىن
چوڭ بولۇشقا رايىم يوق
بوپ كەتسەمچۇ بىرتال قۇش،
ھېچبولمىسا يوپۇرماق.
چوڭ بولۇشقا رايىم يوق
بالا دېگەن بەك ئوماق.
چوڭ بولساملا قارىماس،
مەن ئوينىغان ۋاللەيلەر.
ئالمىشاركەن تاياققا،
مەن ئاڭلىغان ئەللەيلەر.
سىيگەك قار
چانا ئويناپ دالىدا،
مەندىن تەرلەر ئاقماقتا.
ئويناش ئۈچۈن بىز بىلەن،
ئاپئاق قارلار ياغماقتا.
توڭۇپ قاپتۇ ئاپئاق قار،
مېنى كەتتى قۇچاقلاپ.
ئىسسىتىشقا تىرىشتىم،
قوللىرىمدا ئاۋايلاپ.
ئىسسىق ئۆيگە ئەكىردىم،
قارنى تىزدىن يېتىلەپ.
سىيىپ قويۇپ مۆكۈندى،
ماڭا بىردىن ئەركىلەپ.
تىكتاك توپ
يېقىندىلا كەتكەنتى،
ئاتا- ئانام ئاجرىشىپ.
ئۇلار مېنى ئۆز- ئارا،
ئوينىماقتا ئىتتىرىشىپ.
بولۇپ قالدىم تىكتاك توپ،
بولۇپ قالغاچ مەن قىزچاق.
بىر پالىقى دادامدا،
ئانامدىدۇر بىر پالاق.
ئىككى پالاق ئارىسىدا،
يۈرەكلىرىم پوك، پوك، پوك...
ئەتىۋارلىق بولغۇم بار،
بولغۇم يوقتى تىكتاك توپ.
ئۆچۈرگۈچتۇر چىنتۆمۈر
ماڭا ياغاچ ئات بولدى
بوۋام.
ئالتۇن ساڭقار ئېشىكىم
دادام.
مەن بولدۇم ئۇچار گىلەم،
بوخچامغا.
بوخچام ئېچىل داستىخان،
چاشقانغا.
ئۇرتوقماقتۇر ئاسلىنىم
ئۇنىڭغا.
قەلىمىممۇ دەپتەرگە،
يەتتە باشلىق يالماۋۇز.
ئۆچۈرگۈچتۇر چىنتۆمۈر،
باشلار ئاڭا تاجاۋۇز.
چۆچەك ئادەملەرنى بېسىپ
«گۇف- گۇف!» ماڭغان پاراۋۇز.
رەسىم
«تۇرا- تۇرا تۇرۇشقان،
ئارپىلىقتا ئۇرۇشقان.
بىرتال بۇغداي تالىشىپ،
كاللا- قاپاق يېرىشقان».
بۇ قوشاقنى ئاڭلاپلا،
كۆڭلۈم تازا بۇزۇلدى.
ھېچكىم- ھېچكىم ئۇرۇشماس،
بۇغداي كۆپ- كۆپ بولسىدى.
رەڭدار- رەڭدار قەلىمىم،
يورغىلىدى تاختايدا.
ھايت- ھۇيت دەپلا بۇغدايدىن،
سىزىۋەتتم جىق- جىقلا.
تۇيۇقسىزلا چاشقانلار،
ھۇجۇم قلدى بۇغدايغا.
مەن كەپسىزمۇ بوش كەلمەي،
مۈشۈك سىزدىم سىزمامغا.
تىكىپ بەرگىن قولياغلىق
ئانا، ماڭا تىكىپ بەر،
مېھرىڭ بىلەن قولياغلىق.
قۇياش بوۋام تەرىنى،
سۈرتۈپ قوياي داۋاملىق.
سۈرتۈپ قوياي يامغۇرنىڭ،
قولياغلىقتا يۈزىنى،
ئىس- تۈتەكتىن ياشلانغان،
تەبىئەتنىڭ كۆزىنى.
قولياغلىققا تىكىپ بەر،
چىن تۆمۈرنى كەشتىلەپ.
قونچىقىمنىڭ يېشىنى،
سۈرتۈپ قوياي پەپىلەپ.
يەلپۈگۈچ قىپ ياغلىقنى،
يەلپۈپ قوياي يازلىقنى.
داستىخان قىپ گاھىدا،
مېھمان قىلاي ساغلىقنى.
كېچىدىكى مەشرەپ
چېكەتكە چىرت- چىرت
چالسا مۇزىكا،
تومۇزغا تىرت- تىرت
ئېيتىدۇ ناخشا.
شوخ پەدىگە يۆتكىسە
ناخشىسىنى تومۇزغا ،
مەجنۇنتاللار چۈشىدۇ
بەس- بەس بىلەن ئۇسسۇلغا.
سۇلار شىر- شىر
تەڭكەش قىلىدۇ .
ياپراق پاق- پاق
چاۋاك چالىدۇ.
پاقىلار كۇر- كۇر
ئېيتىشىدۇ خور.
ھۇۋقۇشلار ھۇۋ-ھۇۋ
بولىدۇ جور.
شەپەرەڭ پىر- پىر
ئوينار ئادىنوشكا.
ئىتلارمۇ ھاۋ- ھاۋ
بوپكىتەر كاسكا.
سۇغا سەكرەپ كەپسىز ئاي،
سەھنىگە نۇر چاچىدۇ .
ھاياجاندا مەشرەپكە ،
يۇلتۇزلارمۇ قاچىدۇ .
پىلتىڭ- پىلتىڭ پىلتىڭلاپ
سۇ ئىچىدە بېلىقلار ،
كۆرسىتىدۇ ماھارەت
چىقىرىپ كۆپ قىلىقلار.
غاز غاقىلداپ غاق- غاق- غاق
شوخ ئوينايدۇ « نازىركوم»
بۇ ئۇسسۇلدىن سۆيۈنۇپ،
شامال قىلار تەبەسسۇم .
مۈشۈك بىلەن چاشقانمۇ،
قىزىق ئىتوت قۇيىدۇ.
ئۇخلاپ قالغان بىر بالا،
شۇنداق چۈشنى كۆرىدۇ.
«مەشرەپ كۆر» دەپ خورازجان،
بالىلارنى چىللايدۇ .
«ئىشنى بۇزدۇڭ، خوراز» دەپ،
مىرشاپ ئۇنى تىللايدۇ.
يالغان گۈل
گۈل يېنىدا كېپىنەك،
پورەك بولۇپ ئېچىلدى.
شەبنەم گۈل دەپ قالغاچقا،
ئۇنىڭغىمۇ چېچىلدى.
باھانىدە گۈلنىڭكى،
كۆپ يۇيۇندى كېپىنەك.
بۇ ئويۇندىن سۆيۈنۈپ،
ۋىلىق- ۋىلىق كۈلگۈدەك.
گۈل دەپ قالغاچ ھەرىمۇ،
كېپىنەككە قونغانتى.
شۇرىغاندا «شىرنىنى»
مەخپىيەتنى ئۇققانتى.
ۋايجان- ۋايجان، ۋايجانلاپ،
قېچىپ كەتتى كېپىنەك.
توۋا قىلغاچ ئەمدى ئۇ،
گۈل بولمايمەن دېگۈدەك.
جىن
ئويناپ تۇرسا بىر بالا،
قۇياش بىردىن شوخشىدى.
پەيدا بولۇپ بىر نەرسە،
ئەمدى ئويۇن ئوخشىدى.
ماڭسا ماڭدى ماڭغۇچە،
تۇرسا تۇردى تۇرغىچە.
كۆمۈپ باقتى، كۆمۈلمەس،
تېپىپ باقتى ھارغۇچە.
شىلتىۋېدى قولىنى،
ئۇ نەرسىمۇ شىلتىدى.
قورقۇپ كېتىپ بۇھالدىن
قاچسا يەنە قوغلىدى.
«جىن قورقۇتتى مېنى» دەپ،
ئۆيگە كىردى ئۇ يىغلاپ.
ئانا ئۇقۇپ ئەھۋالنى،
كۈلۈپ كەتتى قاقاقلاپ...
ئالما
بۇرۇن- بۇرۇن، بۇرۇندا،
بىر بۇۋاينىڭ بېغىدا،
بىر تۈپ مېۋە بار ئىكەن،
يېمىگەنلەر ئارماندا.
بالىلارغا بېرىپتۇ،
قوش قول بىلەن مېۋىدىن.
بوۋاي بېشى قېتىپتۇ،
ئالما ئوغرىسى دېۋىدىن.
بالىلارنىڭ رىزىقى،
قىيىلمىسۇن دەپ بوۋاي.
دېۋىلەرگە «ئالما» دەپ،
توۋلايدىكەن: ھاي، ھاي، ھاي!
ئالما دېسە ئېلىپتۇ،
يانچۇقىغا سېلىپتۇ.
شاخ- شۇمبىغا ئىلىنىپ،
ئۇياتلارغا قېلىپتۇ.
شۇندىن بىرى شۇ مېۋە،
ئاتىلىپتۇ «ئالما» دەپ.
ياخشىلارنڭ مېۋىسى،
ئەسكىلەر كۆز سالما دەپ.
ئون بىر
بۇرنى قەلەم ئىكەنغۇ،
ئەلقەمجاننىڭ ئەسلىدە.
دەپتەر ئىكەن كالپۇكى،
چوكىمۇزنى يېگەندە.
بۇرنى قىلىپ شىرت، شىرت، شىرت،
بىرنى يازار دەسلەپتە.
تىرىشىپلا ئون بىرنى،
يېزىۋېتەر بىردەمدە.
يېزىپ بولۇپ ئون بىرنى،
ئېغىزىغا كۆچۈرەر.
ئۆچۈرگۈچكەن بۇرنى ھەم،
خىرت- خىرت قىلىپ ئۆچۈرەر.
توشۇپ كېتىپ دەپتەرلەر،
بولۇپ كەتسە ئاڭا ئۆچ،
كۆڭلىكىنىڭ يېڭىنى،
قىلىۋېتەر ئۆچۈرگۈچ.
بىرنى ياكى ئون بىرنى،
بەك چىرايلىق يازىدۇ.
باشقا ساننى ياز دېسە،
خىجىل بولۇپ ئازىدۇ.
چۆچەك كىتابتىن سەكرەپ چىق
ھەي، مەختۇمسۇلا، مەختۇمسۇلا،
توخۇنى «تاخ» دەپ قويۇپ ،
ئۇيقۇ تولا، ئۇيقۇ تولا.
ھەي، مەختۇمسۇلا، مەختۇمسۇلا،
مۈشۈكنى«پەش» دەپ قويۇپ،
چاشقان تولا، چاشقان تولا.
ھەي، مەختۇمسۇلا، مەختۇمسۇلا،
ئىتنى «چاغ» دەپ قويۇپ،
ئوغرى تولا، ئوغرى تولا.
ھەي، مەختۇمسۇلا، مەختۇمسۇلا،
تالادا چاچ تاراپ قويۇپ
چىگىلىۋالدى چىڭگىلىك،
قىرىق بىرتال ئۆرۈم چېىچىڭغا.
سېھىرلەندى
ئارغىماق ئات «يامان ئات» قا،
ئالغۇر بۈركۈت بەرگۈر بۈركۈتكە،
مىسران قېلىچ ياغاچ قېلىچقا.
سېھىرلەندى
يەتتە باشلىق يالماۋۇز
يەتمىش باشلىق يالماۋۇزغا.
ئىشىك ئالدىدىكى ئېرىقتا،
سۇ ئەمەس ياش ئاقماقتا.
چىن تۆمۈر باتۇر
چۆچەك كىتاب ئىچىدە ياتۇر،
خور... خور... خورەك تارتۇر.
چىن تۆمۈر باتۇر
باتۇر دېگەن جەڭلەردە باتۇر،
چۆچەك كىتابتىن سەكرەپ چىقىپ
ياۋنىڭ گېلىغا قېلىچ پاتۇر.
قۇرسىقى ئاچ قېلىچىم
چىنتۈمۈر
جا ئەمەس ئۇ
جىڭ تۈمۈر.
يالماۋۇزنىڭ يەتتە بېشى،
قېلىچىمنىڭ بىرۋاق ئېشى.
قېلىچىم بەك ئۇرۇق،
قۇرسىقى قۇپقۇرۇق.
كىمگە ئەرىز قىلىدۇ،
ئۆزىدە كۈچ تۇرۇقلۇق.
غىلاپ ئورداڭ ئىدى،
بوپقالدى تۈرمە.
سەن بۇنى
مېنىڭدىن كۆرمە.
خۇراز چىللىدى
قۇق، قۇق، قۇق...
ئويغان قېلىچىم
مەندە ئۇزۇق يوق.
چىققىن شىكارغا،
كەلمەس بىكارغا.
توغۇلۇپ ئويناش
ئىشىك مېنى تۇغدى،
ئۆيدىن تالاغا.
ئاسمان ئاچتى قوينىنى،
مەندەك بالىغا.
ئاسمان تۇغدى خىيالىمنى،
ئاسمان كەينىگە.
ئۇ يەردىكى بالىلار بىلەن ،
چۈشتۈم بەيگىگە.
ئىشىك مېنى تۇغۇۋالدى،
تالادىن ئۆيگە.
چۈشۈم مېنى تۇغۇۋالدى،
چۈشۈم شەھرىگە.
كەتسەم چۈشۈم شەھرىگە،
يوتقان تاپالماس.
مېنى تاپماق بولغانلار،
ئۇخلىمىسا بولماس.
مەن بىر شوخ بالا،
تۇغۇلۇپ ئوينايمەن.
چاشقان تۇغۇپ باقاي دېسە،
ھەرگىز ئۇنىمايمەن.
مۈشۈكتىن تۇغۇلسام،
چاشقاننى ھام قىلسام.
چاشقان قۇرسىقىمدا قالسا،
ئەدەپلىك قىلىپ تۇغسام.
يەتتە باشلىق يالماۋۇزدىن،
تۇغۇلۇپ باقسام.
يەتتە بېشىمنى يەتتە خىل
ئىشلىتىپ باقسام.
سەكرەپ كەلسە چىن تۈمۈر،
دەرھال تۇغۇلمىسام.
تۇغۇلۇپ باقسام
چىن تۈمۈرنىڭ قېلىچىدىن.
ئاتالسام مىسىران بالا دەپ.
تۇغۇلۇپ باقسام
سادىر پالۋان ئانىسىدىن،
ھېچ بولمىسا قالپىقىدىن.
يەتتە باشلىق يالماۋۇزنى
ئۆلتۈرمەيتتىم،
ئۆگۈتەتتىم ئېلىپبە.
چىرىكلەرنى ئۆلتۈرمەيتتىم،
كىرگۈزەتتىم ئەدەپكە.
تۇغۇلۇپ باقسام
ئۇزمۇخنىڭ ئانىسىدىن،
مەختۇمسۇلانى ئېلىپ قاچمايتتىم.
«ماڭا تىگەمسىز» دەپ
خىجىل قىلمايتتىم.
قوياش بولۇپ
تۇغۇلۇپ باقسام قوياشتىن،
چاقچاق قېلىپ كۈندۈزدە،
ئۈچۈۋالاتتىم.
ئېلىپ بېرىپ ئۈچۈۋالغىنىمنى،
كېچىگە ۋىل- ۋىل
ئېسىپ قوياتتىم.
ئورمان بولۇپ يەردىن تۇغۇلسام،
قۇشلار ماڭا قونىدۇ.
دەل شۇ چاغدا تۇغۇلماي،
قۇشنى تۇتىۋالسام.
مىنى تۇغۇپقوي دەپ
قۇشقا ئېسلىۋالسام،
تۇغۇپ قويسا
قوش بولۇپ ئۇچسام.
دەل شۇ چاغدا
قۇش مېنى تۇغمىسا،
ئاسماندىن ياغسام.
قەلەم بولۇپ تۇغۇلۇپ باقسام
ئورماندىن،
ئىشلەپ بولالمىغان تاپشۇرۇقنى
ئىشلەپ قوياتتىم.
ئۇقۇپ قالسا مۇئەللىم،
ئىشلىگەنگە توياتتىم.
تۇغۇلسام قەلەمدىن،
باھارغا خەت بولۇپ،
قىش دەرۋازىسىغا
بولاتتىم قولۇپ.
تۇغۇلۇپ باقسام زاۋۇتتىن،
ئويۇنچۇق بولۇپ،
تۇيۇقسىز گەپ قىلاتتىم.
قورقۇپ كەتسە بالىلار،
شۈك تۇرۇۋالاتتىم.
چۆچەك كىتاب
تۇغسا ئۇرتوقماق،
ئۇرتوقماقتىن تۇغۇلسام
بولمايتتىم ئەخمەق.
پادىشاھنىڭ ئانىسىدىن
پادىشاھ بولۇپ تۇغۇلسام.
يولۋاسنىڭ يۈرىكىدە
بولسا ئوردام.
تۇغۇلۇپ باقسام
ھەممە ھەممىدىن،
ئانام جىق بولسا.
بىر ئانىغا قانمايمەن ھەرگىز،
كۈڭۈل توق بولسا.
كۆپەيتمەك بولۇپ ئانامنى،
قونچىقىمدىن تۇغۇلۇپ باقسام،
ياكى تۇغۇلسام
ئۆگەي ئانامدىن
ئۆز ئانام بولۇپ قالسا.