ئىگىسى: abdurexit eli

بالىلارنىڭ سۆيۈملۈك دوستى ياسىن ئابدۇقادىر (21)

  [ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 2012-12-23 21:18:10 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەسسام  چاشقاننىڭ مىللەتلەر نەشىرىياتىدىن  تېزراق نەشىر قىلىنىشىنى بۇ ئارقىلىق ئۇنىڭ شېرلىرى بىلەن تۇنۇشۇپ چىقىشنى سەمىمىيلىك بىلەن ئۈمۈد قىلىمەن

ۋاقتى: 2013-1-8 16:07:10 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاكا مەن ئەخەتجان13070441926 بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئەخەت تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-1-8 16:07  


ۋاقتى: 2013-1-8 21:44:28 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇبارەك بولسۇن!
بۈگۈن مۈنبەرنىڭ ئېچىلغانلىغىنى كۆرۈپ راستىنلا  خۇشال بولدۇم. نەچچە ۋاقىتتىن بىرى مۇنبەرگە چىقالماي سەل جىلى بولۇپ قالغان ئىدىم. ياخشى بولدى.  بىراق مۇنبەردە  كىيىن ئىلان قىلىنغان بىرقىسىم ئەسەرلەر بىلەن ئىنكاسلار يۇقاپ كىتىپتۇ. «تېمىللىرىم» دىن تاپالمىدىم. بۇنىڭ سەۋەبىنى چۇشەندۈرۈپ قۇيىدىغانلار بارمۇ؟.......

ۋاقتى: 2013-1-8 21:49:06 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇنىڭ ئۈستىگە تىرىشچان ئەزادىن دائىملىق ئەزا دەرىجىسىگە چۇشۇرۇرۇلۇپ كىتىپتىمەن. بۇ نىمە ئىشتۇ؟

ۋاقتى: 2013-1-10 10:37:05 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دائىم مۇشۇنداق چۇچۇك تىللىىزىڭىز بىلەن باللارغا «بازارلىق بېىرىپ تۇرۇڭ».

ۋاقتى: 2013-1-10 17:29:50 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياسىنجان، قەلىمىڭلارغا بەرىكەت، ئىجادىيەت قەدىمڭلارغا ئۇتۇق تىلەيمەن. يەنىمۇ ئىزدىنىپ بالىلىرىمىزنىڭ ھەقىقىي چىن دوستىغا ئايلانغايسىلەر.

ۋاقتى: 2013-1-11 23:02:33 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش: يوللىغۇچى چەكلەنگەن. مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
ۋاقتى: 2013-1-13 12:00:59 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياسىنجان مۇئەللىم مۇبارەك بولسۇن،      بۇنۇڭدىن كىيىنكى تۇرمۇشىڭىز نىڭ كۇڭۇللۇك ،يېزىقچىلىقىڭزنىڭ مۇۋاپىقىيەتلىك بۇلۇشىنى ئۇمۇت قىلىمەن،،،،،،،،،،،،،   
ئۇقۇغۇچىىڭىز ؛ مىرادىل ؛

ۋاقتى: 2013-1-15 18:24:19 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەكمۇ ئەھمىيەتلىك ئىش بوپتۇ ،مۇبارەك بولسۇن.

ۋاقتى: 2013-1-15 19:19:07 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دوستلارغا كۆپ رەھمەت. تەبرىكلەر ماڭا ئىلھام بولغۇسى!

ۋاقتى: 2013-1-23 14:59:48 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىجادىيەتلىرىڭىزگە ئۇتۇق تىلەيمەن .

ۋاقتى: 2013-2-1 13:53:00 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن ياسىن بىلەن قۇرداش، مۇڭداش، كەسىپداش ھەم ھەۋەسداشمەن. ئەلۋەتتە، «يىراقتىكى دامۇللام» دېگەندەك، ياسىنغا، ئۇنىڭ ئەسەرلىرىگە ئۇنچە يۇقىرى باھالارنى ھەم بېرىپ كەتمەيمەن، چۈنكى، مەن ئۇنىڭ تۇنجى ئوقۇرمىنىمەن، ئۇنىڭ ھەربىر مىسرالىرىدىكى تۇيغۇلاردىن تۇنجى بولۇپ زوقلانغۇچىمەن، ئۇ ناھىيە دەرىجىلىك مەكتەپكە «ئۆسۈپ» كەتكەن بىر يىلنى ھېسابلىمىغاندا ئۇنىڭ ھەربىر شېئىرىي توغۇندىلىرى(ئۇ شېئىرنى يازمايدۇ، بەلكى تۇغىدۇ، شۇڭا ئۇنىڭ مىسرالىرى خۇددى يىڭى تۇغۇلغان بوۋاقتەكلا ئوماققىنە ھەم پاكىزغىنە ۋىلىقلاپ كۈلىدۇ) غا قارىتا تۇنجى باھا بەرگۈچى مەن بولۇپ قالىمەن، بۇمۇ بىر تەلەي، مېنىڭچە، ياسىن ئابدۇقادىر، ئۇ مەڭگۈ چوڭ بولمايدىغان بىر بالا، مېنىڭچە، ئۇ «چوڭ» بولۇشى، يەنىمۇ «چوڭ» بولۇشى كېرەك. تۇغۇلغان بالىنىڭ چوڭ بولمايدىغىنى نەدەبار؟ شېئىر يېزىش ئۇنىڭغا ۋەزىپە ئەمەس، لېكىن، ئۇ شېئىر «يېزىش»نى ئۆزى تاللىۋالغان ئىكەن، مەڭگۈ بىر ئېقىمدا ۋىلىقلاپ «كۈلۈپ» يۈرۈۋىرەمدۇ؟ بىزنىڭ بالىلىرىمىزمۇ ۋىلىقلاپ كۈلۈپلا يۈرمەسلىكى كېرەك-تە!

ۋاقتى: 2013-2-1 14:27:27 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھە راست، ئۇ ئاۋۋال بىر ئوقۇتقۇچى، تىل-ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىسىغا نىسبەتەن ئېيتقاندا يېزىقچىلىق بىر قوشۇمچە كەسىپ ھەم ئاساسىي ماھارەت سانىلىدۇ، دەسلەپتىلا ياسىن رەھبەرلىكنىڭ«ئاچچىقى»نى كەلتۈرۈپ قويىدىغان غەلىتە-غەلىتە ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى تاپىدىغان «ياغاچ قولاق» مۇئەللىملەردىن ئىدى، ئو ئوقۇغۇچىلارنى مەكتەپ رەھبەرلىكىنىڭ رۇخسىتىسىزلا ھېلى بازارغا بازار تەكشۈرگىلى قويۇپ بېرىدىغان، ھېلى بىناكارلىق سەنئىتىنىڭ ئالاھىدىلىكلىنى كۈزىتىش ئۈچۈن ئاللىكىملەرنىڭ «ئايۋان-سارايلىرى»غا، مەسجىد-خانىقالارغا، چۆل-جەزىرىلەرگەئېپقاچىدىغان، ھېلى «ئوبۇلھەسەن» ئاخۇن دىگەن مەدداھنى دەرسخانىغا ئەكىرىۋالسا، ھېلى بالىلارغا بۇيرۇپ توخۇ-توشقانلارنى، تۈگە-تايچاقلارنى دەرسخانىغا ئەكىرىۋالىدىغان، ھېلى كىچىككىنە«بالا»لارنى گېزىت-ژورنال ئىشلەيسەن دەپ ئېغىر ۋەزىپىلەرنى ئارتىۋالىدىغان، لېكىن، سان توشقۇزۇش ئۈچۈن تاپشۇرۇق تەكشۈرۈش دىسە بېشى ئاغرىيدىغان ساراڭلاردىن ئىدى.مەن بولسام ھەمىشە دىگۈدەك ئۇنىڭ «چاپانچى»سى ئىدىم، مەسىلەن، ئۇ «سىيت نوچى ئىجابىي پىرسۇناژمۇياكى...» دىگەن مۇنازىرىدە مەن ئۇنىڭ قارشىسىدا ئىدىم، «پۇل مۇھىممۇ بىلىممۇ»دا، يەنە «سەلەي باي ئىجابىي پىرسۇناژمۇ سەلبىي پىرسۇناژمۇ؟»دا ھەم شۇنداق ئىدىم، ئۇ تۈگە ئىزدەپ نەگىدۇر كەتسە مەكتەپتىكى ئىشلارغا قارايدىغىنى بولۇپ قالاتتىم، دىمەكچى بولغىنىم ياسىن قانداقتۇر ئاشۇنداق ئويناپ ئويۇن ئىزدەپلا يۈرىدىغان ئويۇنچىلاردىنلا ئەمەس، بەلكى ئۆزىگە تۇشلۇق مائارىپ قارىشى تۇرغۇزۇپ بولغان «ئويۇنچى پېداگوگ»لاردىن ئىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئىشخانىمىز بىرچاغلاردا مەھكەم كەسپىي ئاساسقا ئىگە بىرتۈركۈم قوشۇنغا ئىگە بولۇپ قالغاچقا  مەكتىپىمىزگە نىسبەتەن بارا-بارا بىرەر تۈگىنى دەرسخانىغا ئەكىرىش دىگەندەك ئىشلار خۇددى بىر ئىنتايىن ئاددىيلا ئىشقا ئايلىنىپ قالغان ئىدى. بۇ ئىشلار ھېلىھەم بىزلەرگە نىسبەتەن ئانچە يىڭى ئىشلار دەپ قارىلىپ كەتمەيدۇ، دىمەكچى بولغىنىم مائارىپ جەمئىيەت تەرەققىياتى بىلەن ماس قادەمدە ئالغا قاراپ تەرەققىي قىلىشى، ئۇ ئەلنىڭ مۇقەررەر رايىغا، خەلقنىڭ زۈرۈرىي تاللىشىغا ئايلىنىشى كېرەك.مائارىپنىڭ خەلق رازى بولىدىغان مائارىپقا ئايلىنىشى ئۈچۈن ئۇنىڭغا ياسىنغا، يەنە نۇرغۇنلىغان«ياسىن»لارنىڭ مىننەتسىز ئىجتىھاتى كېرەك. بەزىدە بىرەر شەخسنىڭمۇ قولىدىن خېلى ئىشلار كېلىپ قالىدۇ، ئۇ پەقەت شۇكىشىنىڭ شەخسىي تىرىشچانلىقىنى مەنبە قىلغان ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىگەباغلىق، خالاس. تەۋپىق روھى دىگەن شۇ بولسا كېرەك.

ۋاقتى: 2013-2-2 12:26:32 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسەلامۇ ئەلەيكۇم ياسىنجان ئابدۇقادىر ئەپەندىم،ئۇماق پەرىشتىلىرىمىز ئۈچۈن توقىۋاتقان ئوغۇز تىلىمىزدىن يۇغۇرۇلغان ئىسىل ئەسەرلىرىڭىزنى ياقتۇرۇپ ياقتۇرۇپ ئوقۇدۇم ھەم بۇ يولدا باسقان قەدەم ئىزلىرىڭىزغا  قاراپ سىزگە چىن دىلىمدىن ئاپىرىن ئوقۇغۇم كەلدى. قەلەم تۇتقان قوللىرىڭىز ھارمىغاي!

ۋاقتى: 2013-2-9 22:16:34 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تۆگىنى سىنىپقا ئەكىرىپ دەرس ئۆتكىنىدىن قارىغاندا شائىر يەنە بىر تەرەپتىن مەدەنىيەت تارقاتقۇچىلىق رولىنىمۇ جارى قىلدۇرۇپتۇ

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家协会网
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش