مەرىپەت ئاسمىنىدىكى يۇلتۇز-مەھمۇدكاشىغەرىي
ئابدۇلئەھەد قاھھاروۋ(ئۆزبېكىستان)
(ئاپتۇر: سوتسىئولوگىيە پەنلىرى دوكتورى، پروفېسسور)
ئوتتۇرا ئەسرلەردىكى بۈيۈك شەر*ق مۇتەپەككۇرى، ئۆز ئىجادى بىلەن ئىجتىما ئىي پەلسەپە، تىلشۇناسلىق،مەنتىق، ئەدەبىياتشۇناسلىق، شېئىرىيەت، ئىجتىما ئىي ئاڭ،تەبىئەتشۇناسلىقنىڭ راۋاجلىنىشىغا زورھەسسە قوشقان،باي مىراسى دۇنيا ئىلىم-پەن تەرەققىياتىغا سالماقلىق تەسىر كۆرسەتكەن مەھمۇدكاشغەر ىينىڭ تۇغۇلغانلىقىغا مىڭ يىلدىن ئاشقان بۇ كۈنلەردە،بۇ پەۋقۇلاددە ئىقتىدار ساھىبى مەھمۇدكاشغەرىينىڭ ھاياتى ۋە ئىجادى ھەققىدە نۇرغۇن ئەسەرلەر ۋە ماقالىلەر يېزىلغان بولسىمۇ، ھالبۇكى بۇ مۇتەپەككۇرنىڭ تەۋەللۇتىنى ھەر ۋاقىت خاتىرىلەش،بىزنى ئۇنىڭ ئاجايىپ تەرجىمھالى ھەمدە، ئۇنىڭ جاھان مەدە نىيىتىنىڭ راۋا جلىنىشىدىكى رولىغا قايتا قاراپ چىقىشقا دەۋەت قىلىدۇ.
مەھمۇد كاشغەرىي 11-ئەسردە تۈ*ركىي قاراخانىيلار دەۋرىدە ياشاپ، ئىجاد قىلدى. تەخمىنەن400 يىلغا يېقىن ھۆكۈم سۈرگەن قاراخانىيلار دەۋرى مەر كىزىي ئاسىيا ۋە يان-ئەتراپتىكى خەلقلەر ھاياتىدا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگەبو لدى.
قاراخانىيلاردۆلىتىدە 10-ئەسردىكى خەلق مىللىي ئېڭىنىڭ راۋا جلىنىشى ۋە ئۆسىشى ئارقىسىدا ئىلىم-پەن ۋە ئەدەبىياتمۇ زور دەرىجىدە روناق تاپتى. قاراخانىلار تەۋەلىگىدە شۇ دەۋرنىڭ مەشھۇر ئالىملىرى -خارەزمىي، خوجەندىي، يۈسۈپ خاس ھاجىپ، ئەل فارابىي، ئىبن سىنا، بېرۇنىي قاتارلىقلار ياشاپ ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇنلاندى. بۇلارغا ئوخشاش دانىشمەن، ئىقتىدارلىق ۋە يۇ كسەك مەنىۋىيەتلىك ئالىملارنىڭ پەيدا بولۇشى شۇنىڭدىن دالالەت بېرىدۇكى، مەر كىزىي ئاسىيادا ئۇيغۇ نۇش دەۋرى ياۋروپا ئۇيغۇنۇش دەۋرىگە نىسبەتەن بىر نەچچە ئەسر ئاۋال باشلانغان.جۈملىدىن،قەشقەر ،خوتەن، بالاساغۇن، تاشكە نت،بۇخارا،سەمەرقەند،ئۆرگەنچ،تېرمىز،مەرۋىلەر ناھايتى گوزەل شەھەرلەرگە ئايلىنىپ، بارا-بارا كېڭىيىشكە باشلىغانلىقىمۇ بۇ پىكىرىمىزنىڭ دەلىلىدۇر.
قاراخانىيلار پايتەختى-قەشقەر ئەينى دەۋىردە يۇكسەك مەدەنىيلەشكەن شەھەر بولۇش سۈپىتى بىلەن پۈتۈن مەركىزىي ئاسىيادا يېتەكچى ئورۇندا تۇراتتى. ئۇ پۈتۈن دۇنياغا ئالىي مەدرس-مەكتەپلەر، تېپىلماس مىمارچىلىق سەنئىتى مۇجەسسەملەشكەن بىنالىرى،كارۋانسارايلىرى بىلەن تونۇلغانىدى. خەلقارا سودا يوللىرى (بۈيۈك يىپەك يولى)نىڭ ئاساسىي نوقتىلىرى قاراخانىيلار چىگىرىسى ئىچىگە جايلاشقانىدى. شەر*قتىن غەرپكە ۋە غەرپتىن شەر*ققە يول ئالغان كارۋانلار ۋە ئەلچىلەر قەشقەر، خوتەن، بالاساغۇن، تاشكەنت، بۇخارا، سەمەرقەند، ئۇرگە نچ، تېرمىز شەھەرلىرى ئارقىلىق ئۆتەتتى،يېڭى خەلقارا سودا يولى قەدىم زاماندىن بۇيان تۈ*ركىي خەلقلەرنىڭ نازارىتى ئاستىدا ئىدى. ئۆز-ئارا سودا مۇناسىۋەتلىرى ھۇنەرۋەنچىلىكنى راۋاجلاندۇرۇش بىلەن بىللە مەدەنىي ئالماشتۇرۇشلارغىمۇ ئىجابىي تەسىر كۆرسەتتى.
قاراخانىيلار دۆلىتى ھۆكۈم سۈرگەن تۆت ئەسر مابەينىدە مەركىزىي ئاسىيا خەلقلىرى نىسبەتەن تىنچ-خاترجەم ۋە پاراۋان ياشىدى. بۇنىڭ بىلەن خانلىق تەۋەسىدە مۇقىم ۋەزىيەت ھۆكۈم سۇرۈپ، ئىلىم-پەن ۋە مەدەنىيەتنىڭ تېخىمۇ روناق تېپىشى ئۈچۈن كۆپلىگەن قولاي ئىمكانىيەتلەر ۋۇجۇدقا كەلدى. نەتىجىدە ئۇلۇغ ئەجداتلىرىمىز-پەيلاسوپلار، تارىخچىلار، ئاسترنوملار، شائىرلار كۆپلىگەن ئەھمىيەتلىك ئىجادىي نەتىجىلەرنى مەيدانغا كەلتۈردى. تۈ*ركىي ئالىملار ئەرەپ ۋە پارس تىللىرىنى، بۇلۇپمۇ، غەرپ ئالىملىرىنىڭ يۇنان تىلىدىن ئەرەپچىگە تەرجىمە قىلىنغان ئەسەرلىرىنى مۇكەممەل بىلىشگەن ۋە تۈ*ركىي ئىسلام مەدەنىيىتىنى بەرپا قىلىشتا ئۇلاردىن پايدىلانغان.
بۈيۈك فىردەۋسىينىڭ«شاھنامە»داستانى بىلەن تەڭلىشىپ تۇرىدىغان يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ«قۇتادغۇبىلىگ» («بەخت-سائادەت كەلتۈرگۈچى بىلىم») – پەلسەپەۋىي-دىداكتىك داستانى ۋە مەھمۇدكاشغەرىينىڭ«دىۋانى لۇغەتىت تۈ*رك »ناملىق ئەسىرى قاراخانىيلار دەۋرىنىڭ يۈكسەك دەرىجىدە راۋاجلانغان مەدە نىيىتگە ھەقىقى گۇۋاھلىق بېرىدۇ.
بۈيۈك تىلشۇناس ئالىم مەھمۇدكاشغەرىينىڭ«دىۋانى لۇغەتىت تۈ*رك»ناملىق ئەسىرى قاراخانىيلار دەۋرىنىڭ تېپىلماس دۇردانىسى بولۇپلا قالماي، بەلكى بىر ئۇ ئۆلمەس ئابىدە ھىساپلىنىدۇ. چۈنكى بۇ ئەسەر ئۆزىدە شۇ دەۋرنىڭ تىلى، ئەدە بىياتى،تىببىياتى،تارىخى،گېئوگراپىيىسى،ئېتنوگراپىيىسى، ھۇنەرۋەنچىلىكى ۋە ئاسترنومىيىسى ھەقىدىكى بىلىملەرنى ئۆزئىچىگە ئالغانىدى.
«دىۋانى لۇغەتىت تۈ*رك»تىكى گېئوگرافىيەگە ئائىت مەلۇماتلار ئىنتايىن مۇھىم ئەھەمىيەتكەئىگە.چۈنكى،بۇ ئەسەردە تۈ*ركىي خەلقلەر جايلاشقان جايلارنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك تونۇشتۇرۇلغان،شۇنداقلا، ئۇ دۇنيادىكى ئەڭ قەدىمىي تۈ*ركىي خەرىتىنىڭ بىرىمۇ دەل مۇشۇ ئەسەرنىڭ مۇئەللىپىگە مەنسۇپ ئىدى. بۇ خەرىتە 11-ئەسردىكى ئاسىيانىڭ ئەڭ قەدىمىي ۋە ئەھمىيەتلىك خەرىتىسى بولۇپ، ئۇنىڭدا تاغلار، كۆللەر ۋە دەريالار ئېنىق گېئومېترىك شەكللەر بىلەن كۆر سىتىلگەن،ئەڭ مۇھىم شەھەرلەر ۋە قەبىلىلەر خاترلەنگەن. يەرنىڭ يۇمىلاق ئىكە نلىگى ھەققىدىكى قاراشلارنىڭ خېلى قەدىمكى دەۋىرلەردىلا پەيدا بولغانلىقىنى بىلەلەيمىز. مەھمۇدكاشغەرىي بۇ ھەقتىكى پىكىرلەرنى ئىلىمىي ئاساستا راۋاجلا ندۇرغان. ئۇ ئىجادقىلغان خەرىتە ئۆز دەۋرى ئۈچۈن يەرنىڭ يۇمۇلاق ئىكەنلىگىنى ئىسپاتلايدىغان ئىنتايىن قىممەتلىك ماتېرىيال ھىساپلىنىدۇ. ۋاھالەنكى،ياۋروپادا 15-ئەسرگەكەلگندىلا ئاندىن كوپېرنىك (1473—1543) مەھمۇد كاشغەرىينىڭ ھەقلىگىنى- يەرنىڭ يۇمۇلاق ئىكەنلىگىنى،ئۇنىڭ ئۆز ئوقى ئەتراپىدا ئايلىنىدىغا نلىقىنى ئىسپاتلاپ بەردى.
مەھمۇد كاشغەرىي قاراخانىيلار دۆلىتىنىڭ ھۆكۈمدارى يۇسۇپ قادىرخاننىڭ ئەۋرىسى ئىدى. بۇ ھەقتىكى خەۋەر «دىۋانى لوغەتىت تۈ*رك»تە ئۇچرايدۇ.
قاراخانىيلار دەۋرىدە تۈ*ركىي تىلدىكى ئەدەبىيات ناھايتى تېز تەرققىي قىلدى. مەھمۇدكاشغەرىي تۈ*ركىي تىللارنىڭ ھەرقايسى شىۋىلىرىنى تەتقىق قىلغۇچى ئەسىرى«دىۋانى لوغەتىت تۈ*رك»ئارقىلىق كىلاسسىك تۈ*ركىي ئەدەبىيات ۋە شېئىر ىيەت،خەلق ئېغزاكى ئىجادىيتنىڭ تېخىمۇ راۋاجلىنىشى ئۈچۈن زېمىن ھازىرلايدىغان تۈ*ركىي خەلقلەر ئەدەبىي تىلىنى ئىشلەپ چىقتى، ئۇنىڭغا زىننەت بەردى. نەتىجىدە تۈ*ركىي شېئىرىيەتنىڭ ئاساسىي ژانىرلىرى شەكىللەندى، راۋا جلانغان شېئىرىي لېكسىكىغائىگە ئىستئارىلەر تىزىمى ۋە نۇتۇق ۋاسىتىلىرى تۇغۇ لدى. شۇ سەپتىن مەھمۇدكاشغەرىينىڭ دۇنيادا تۈ*ركىي تىلنىڭ ئىجتىمائىي ئىستېتىكىسىنىڭ ئاساسچىسى،دەپ تەن ئېلىنىشى ھەقىقەتەن ئورۇنلۇق.
تېخىمۇ مۇھىمى شۇكى،«دىۋانى لوغەتىت تۈ*رك»دە ئاشۇ دەۋرنىڭ ئىلغار كىشىلىرىنى ئويغاسالىدىغان ھەمدە تۈ*ركىي خەلقلەرنىڭ تۈپ مەنپەتلىرىنى ئەكس ئەتتۈرىدىغان پىكىر-غايىلەرجەملەنگەن،شەخس ۋە جەمىيەتنىڭ تېخىمۇ ئىجتىما ئىيلىشش يوللىرى بەلگىلەپ بېرىلگەن. كۆپ قاتلاملىق پەلسەپىۋىي-ئەخلاقىي مەسىلىلەر،بولۇپمۇ، بايلىق ۋە بىلىمنىڭ ئۆز-ئارا باغلىقلىغى ھەققىدىكى پىكىرلەر چۇڭقۇر ئىپادىلەنگەن.
باشقىچە قىلىپ ئېيتقاندا،بۇ دەسلەپكى ئوتتۇرائەسرلەر ئالىمى ۋە ئىجتىمائىي پەيلاسۇپىنىڭ قاراشلىرى ئالەم ۋە خەلقنىڭ تەقدىرى، ئىنسان،مەدەنىيەت، ئىجتىمائىي ئادالەت توغرىسىدىكى مۇھاكىمىلەرگە سىڭدۈرۈلگەنىدى.
بىلىم ۋە بايلىق گوياكى ئەترگۇل ۋە نەرگىس كەبى
گۇللىمەيدۇ گەر تۇرسا يانمۇ-يان.
كىمىكى بايلىقى بىسيار، ئۇنىڭ بىلىمى يوقتۇر،
كىمىكى بىلىم بولسا-بايلىقى يوق ھىسابى.
قەدىمكى تۈ*ركىي شېئىرىدا تىلغا ئېلىنغان بۇ مۇئەمما-بىلىم ۋە بايلىقنىڭ بىر-بىرىگە زىت ئىكەنلىگى توغرىسىدىكى چۇشەنچە ئاشۇ دەۋر ئۈچۈن غايەت زور ئەھمىيەتكە ئىگە بولغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. بۇ مەسلە شەرھى ئوتتۇرا ئەسرلەردىكى كۆپلىگەن شائىرلار، ئالىملار، مۇتەپەككۇرلارنىڭ مىراسلىرىدا ئۇچرايدۇ. ئەينى ۋاقىتتا ئۇ تۈ*ركىي تىل ۋە ئەدەبىياتىنىڭ ئاساسچىسى- مەھمۇدكاشغەرىينىڭ ئەسىرىدە ئالاھىدە تىلغا ئېلىنىدۇ. مەھمۇدكاشغەرىي ئەسىرىدە ۋەقەلىكنى جانلىق مىساللار بىلەن ئەكس ئەتتۈرىدۇ، ئۇنۇملۇك ھايات كەچۈرۈش،ئىنساپلىق بولۇش، ئىلىم ئىگەللەش،بارچە خوشاللىقلاردىن بەھرىمەن بولۇشقا دەۋەت قىلىدۇ. «دىۋا نى لۇغەتىت تۈ*رك»ئىنتايىن يۇكسەك تارىخىي ۋە بەدىئىي ئەھمىيەتكەئىگە بولۇپ، ئۆز دەۋرىدە ئۇ تۈ*ركىي خەلقلەر ۋە ئومۇمەن تۈ*ركىي ئالىمنىڭ ئىجتىمائىي–مەنىۋىي ھاياتىغا كۈچلۈك تەسىر كۆرسەتكەنىدى.
مەھمۇدكاشغەرىينىڭ ھاياتى ھەققىدە تارىخ ۋە تارىخىي-ئەدەبىي مەنبەلەردە ساقلىنىپ قالغان مەلۇماتلار ناھايتى ئاز. مەلۇمكى، ئۇ 1008-يىلنىڭ بېشىدا قەشقەر شەھرى ئەتراپىدىكى ئوپال يېزىسىدا تۇغىلغان. 1105-يىلى 97 يېشىدا ئالەمدىن ئوتكەندىن كېيىن،ئوپالغا دەپنە قىلىنغان. مەقبەرىسى مۇقەددەس ئۇ ستاز مازىرى، دەپ نام ئالغان بولۇپ، ئۇجايغا سانسىز زىيارەتچىلەر كىلىپ تۇرىدۇ ۋە مۇتەپەككۇرنىڭ قەبرىسى ئالدىدا باش ئىگىپ تاۋاپ قىلىشىدۇ.
مەھمۇدكاشغەرىي پۈتۈن شەر*ققە مەشھۇر بولغان ساچىيە مەدرىسىدە ئىلىم تەھسىل قىلىپ ئۇنى تەخمىنەن 1055-يىلى تاماملىدى. كېيىنكى ئوقۇشىنى بۇخارا ۋە نىشاپۇردا داۋاملاشتۇردى. تەھسىل دەۋرىدە ئۇ پەلسەپە، مەنتىق، ئەدە بىيات، ھۇقۇقشۇناسلىق، تارىخ، ئىلاھىيەت، ماتېماتىكا، ئاسترنومىيە، تىببىيات پەنلىرىنى پۇختا ئۆزلەشتۈردى. تۈ*ركىي تىلدىن باشقا ئەرەپ ۋە پارس تىللىرىنى مۇكەممەل ئىگەللىدى، ئۇلارنىڭ گرامماتېكىسىدىن خەۋەردار بولدى ۋە ھەقىقىي قامۇسىي بىلىم ساھىبىگە ئايلاندى.
مەھمۇدكاشغەرىي«دىۋانى لۇغەتىت تۈ*رك»ناملىق بۇ ئەسىرىنى يېزىش ئۈچۈن تۈ*ركىي قەبىلىلەر ياشايدىغان نۇرغۇن شەھەرلەر ۋە يېزىلارنى كېزىپ چىققان. 14 يىللىق (تەخمىنەن 1057-يىلدىن 1071-يىلىغىچە) سەپەر جەريانىدا كەڭ كۆلەملىك تارىخىي ماتېرىياللارنى توپلىدى. بۈيۈك ئالىم ئۆز كىتابىدا 6800 دىن ئارتۇق تۈ*ركىي سۆزنى توپلىدى ۋە تۈرلەرگە ئايرىپ چىقتى،(110 مەملىكەت، كۆل ۋە دەريا، 40 مىللەت ۋە قەبىلە ناملىرى)، تۈ*ركىي تىلدا ئىزاھلارنى يازدى.ئۇنىڭ كىتابدىن 242 شېئىر، 262 ماقال-تەمسىل ئورۇن ئالغان. ھەيران قالارلىقى شۇكى،ئۇ ئىشلەتكەن 875 سۆز،60 ماقال-تەمسىل ھېچ بىر ئۆزگىرىشسىز بۈگۈ نكى زامانىۋىي تۈ*ركىي تىلىمىزغا كىرىپ كەلگەن. بۇ ئەسەر ئەڭ دەسلەپكى فىلو لوگىك تەتقىقات بولۇپلا قالماستىن،بەلكى ئەسەردە تۈ*ركىي سۆزلەرنىڭ ئېتىمو لوگىيەسى مىساللار بىلەن چۈشەندۈرۈلگەن بىرىنچى قىياسىي لوغەتتۇر. ئەينى دەۋ ىردە بۇ ئەسەرنى پەقەت لوغەت دەپلا ھىسابلاش ناتوغرا،چۈنكى ئۇنىڭدا مەركىزىي ئاسىيا خەلقلىرىنىڭ خەلق ئېغزاكى ئىجادىيەت نەمۇنىلىرىگە خاس بولغان نۇرغۇن يارقىن مەلۇماتلارنى كۆرەلەيمىز.
مەھمۇدكاشغەرىي قامۇسى كىتابىنىڭ كىرىش سۆزىدە شۇنداق يازىدۇ: «مەن پەلەكنىڭ تۈ*ركىيلەر زېمىنىدە دۆلەت ياراتقانلىقىنىنى كۆردۈم. پەلەك بۇ خەلقلەر نى«تۈ*ركىي»دەپ ئاتىدى ۋە ئۇلارنى دۆلەت باشقۇرۇشقا قويدى. ھۆكۈمدارلار تۈ*ركىيلەر ئىدى ۋە ھاكىمىيەت ئۇلارنىڭ قولىدا ئىدى،ئۇلار ئادەملەرنى باشقۇردى. ئادەملەر ئۆز ھۆكۈمدارلىرىنىڭ ئەدالەتلىك ئىشلىرىنى قوللاپ-قۇۋەتلەيتتى، ئۇلار بىلەن يانمۇ-يان كۆرىشەر ئىدى ۋە تۈ*ركىيلەر يامان ئىشلاردىن ساقلىنىشقا قادىر ئىدى. ھەرقانداق بىر ئاقىل كىشى تۈ*ركىيلەردىن ساقلىنىش ئۈچۈن ئۇلارغا ئەگىششكە ئىنتىلەتتى. تۈ*ركىيلەرنىڭ قوللاپ-قۇۋەتلىشىشىگە ئېرىشىش ئۈچۈن ئۇلارنىڭ تىلىدا سوزلىشى كېرەك».بۇ پىكىرلەر11-ئەسردە تەشكىل تاپقان قارا خانىيلار دۆلىتى توغرىسىدا ئېيتىلغان ئىدى. ھەقىقەتەنمۇ «دىۋانى لۇغەتىت تۈ*رك »قامۇسىي ئەسەردۇر. ئۇ تۈ*ركىي ئىسلامىي مەدەنىيەتنى يەنىمۇ بېيىتىپ،يۇكسەك پەللىگە كۆتەردى.
مەھمۇد كاشغەرىي ئۆز ئەسىرىدە كىشىلەرنى قانۇن ۋە تەرتىپگە رىئايە قىلىشقا دەۋەت قىلىش بىلەن بىرگە ھاياتنى بىباھا نېمەت سۈپىتىدە قەدرلەشنى تە كىتلىدى،ئىلىمنى توختاۋسىز ئۇلۇغلىدى. بىر ئېغىز سۆز بىلەن ئېيتقاندا «دىۋانى لوغەتىت تۈ*رك» ئۆزىنىڭ پۈتۈن مەنىۋىي بەدىئىي خۇسۇسىيەتلىرى بىلەن بىتەكرار ئابىدىگە، تۈ*ركىي خەلقلەرنىڭ تارىخى توغرىسىدىكى ئالتۇن داستانغا ئايلاندى.
ئەسەرنىڭ تۈپ غايىسى بىرلا پەلسەپەۋىي پىكىرگە مۇجەسسەملەشتۈرۈلگەن. يەنى ئالىم ئەسىرى ئارقىلىق يۇرتنى ئۇلۇغلاش،تۈ*ركىي خەلقلەرنى بىرلەشتۈرۈش، ئىجتىمائىي ئەدالە ت قانۇنلىرىنى قارار تاپقۇزۇشنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلەيدۇ.
مەھمۇد كاشغەرىينىڭ 700 سەھىپىدىن تەركىپ تاپقان«دىۋانى لۇغە تىت تۈر ك»ناملىق بۇ ئەسىرى دۇنيا مەدەنىيىتى ۋە ئىلىم-پەنىنىڭ راۋاجلىنىشىغا قوشۇ لغان زور تۆھپە ھىساپلىنىدۇ. قوليازمىنىڭ يىگانە ۋە ئەڭ قەدىمكى نۇسخىسى 1226-يىلىغا مەنسۇپ بولۇپ،ھازىر تۈ*ركىيە مىللىي كۇتۇبخانىسىدا ساقلىنىۋاتىدۇ.
مەھمۇد كاشغەرىي شۇنى ئىسپاتلىدىكى، تۈ*ركىي تىلنىڭ ئەھمىيىتى ئەرەپ تىلىنىڭكىدىن كەم ئەمەس. تىل ۋە ئەدەبىياتنىڭ قەدىمىي ئابىدىسى-«دىۋانى لۇغەتىت تۈ*رك»دۇنياغا كەلگەندىن بۇيان ئون ئەسردىن ئارتۇق ۋاقت ئۆتتى. ئۇ ھامان تۈ*ركىي خەلقلەرنىڭ تارىخىنى ئۆگۈنۈشتە بىردىن-بىر مەنبە ھىساپلىنىدۇ. بۈيۈك ئالىم،تۈ*ركىي لېكسىكاشۇناسى، گرامماتىست ۋە دىئالېكتولوگ مەھمۇد كاشغەرىينىڭ نامى پۈتكۈل تۈ*ركىي خەلقلەر تارىخىغا قىزىققۇچى بارچە ئىنسانلار ئۈچۈن قەدرلىكتۇر.
شۇنى كۆرەلەيمىزكى، مەھمۇد كاشغەرىي ئۆز دەۋرىدىن خېلىلا ئالغا كەتكەن قامۇسىي بىلىم ۋە ئىقتىدارغا ئىگە ئىنسان بولغان، دۇنيادا تەڭدىشى يوق بىر نادىر لوغەتنى تۈزۈپ چىققان.شۇڭا بۈگۈنكى زامانىۋىي تۈ*ركىلوگىيەنى بۇ ئەسەرسىز تەسەۋۇر قىلىش قىيىن.بۇ ئەسەرنىڭ ئۆزىگە خاس خۇسۇسىيىتى شۇنىڭ بىلەن ئىزاھلىنىدۇكى،ئۇ بىرىنچى تارىخىي-قىياسىي تەتقىقاتتۇر. پۈتكۈل دۇنيا كىتابخا نلىرى ھامان بۇ ئەسەرگە چوڭ قىزىقىش بىلەن قارايدۇ. ئۇنىڭ تولۇق تەرجىمىسى تۈ*ركىيەدە ئەمەلگە ئاشۇرۇلغان. ئەينى چاغدا بۇ ئەسەر ئېنگلىز، گېرمان، فرانسۇز، ئۇيغۇر، قازاق، ئازەربەيجان، تۈ*ركمەن، ئۆزبېك ۋە رۇس تىللىرىغا تەرجىمە قىلىنغان. ماتېرىياللىرىنىڭ كۆپ قىسمى گېرمانىيەدە بېسىلغان قەدىمىي تۈ*رك تىللىرى لۇغىتىدە پايدىلىنىلغان. ئۆتكەن ئەسردە نەشرقىلىنغان «قەدىمىي تۈر كىي لوغەت»ناملىق ئەسەر يۈكسەك شۆھرەت قازانغان بولۇپ، ئۇنىڭغا«دىۋانى لوغەتىت تۈ*رك»ناملىق بۇ ئەسەر ئاساس بولۇپ خىزمەت قىلغان.
ئۆزبېكىستاندىمۇ مەھمۇدكاشغەرىينىڭ ئىجادىي مىراسلىرى مۇپەسسەل تەتقىق قىلىنىپ كېلىنمەكتە. جۈملىدىن، رېسپۇبلىكا پەنلەر ئاكادېمىيەسى تىل ۋە ئەدە بىيات ئىنستىتۇتىنىڭ ئالىملىرى«دىۋانى لوغەتىت تۈ*رك»كە تايانغان ھالدا تۆۋە ندىكىدەك بىر قاتار قىممەتلىك مەلۇماتلارنى توپلىدى:
لوغەت بايلىقى، مەلۇم تۈردىكى لېكسىكا؛ تۈ*ركىي خەلقلەر جايلاشقان يەرلەر ھەققىدە مەلۇماتلار؛تۈ*ركىي تىللارنىڭ گۇرۇپىلاشتۇرۇلىشى؛تارىخىي فونېتىكا ۋە گرامماتىكا ھەققىدە مەلۇماتلار؛ تۈ*ركىي شېئىرىيەت، فولىكلور ھەققىدە مەلۇماتلار؛ قىياسىي تىلشۇناسلىق ھەققىدە مەلۇماتلار؛ تۈ*ركىي خەلقلەرئىجتىمائىي ئېڭىنىڭ ئاساسلىرى توغرىسىدا مەلۇماتلار... ۋە ھاكازا.
شۇنى ئالاھىدە قەيت قىلىش كېرەككى،ئىنستىتۇتنىڭ ئالىملىرى پروفېسسور س.مۇتەللىپوۋنىڭ رىياسەتچىلىگىدە بۇ ئەسەرنى ئۆزبېك تىلىغا ئۆرۈپ،تۆت توم قىلىپ نەشر قىلدۇرۇلدى.(تاشكەنت،«پەن»نەشرىياتى،1967-يىل). ئەينى ۋاقىتتا بۇ تېمىدا يەنە بىر قاتار ئىلىمىي ماقالىلەر ۋە رىسالىلەر نەشرقىلىنغان. ھازىر مۇ ئۆزبېكىستان رېسپۇبلىكىسى شەر*قشۇناسلىق ئىنستىتۇتى قوليازمىلار فوندىدا مەھمۇدكاشغەرىي ئىجادىغا مەنسۇپ كۆپلىگەن قوليازمىلار ساقلانماقتا.
مەھمۇدكاشغەرىي بۈگۈنكى كۈندىمۇ بۈيۈك ئۇستاز، شائىر، ئالىم، مۇتەپەككۇر سۈپىتىدە ئېتىراپ قىلىنىپ ئۇلۇغلانماقتا. ئۇنىڭ تەۋەللۇت كۈنىنى خاتىرلەش پائا لىيەتلىرى،ھەر يىلى تۈ*ركىلوگىيە تەتقىقاتلار ئەنئەنىلىرى راۋاجلانغان گېرمانىيە، فرانسىيە،تۈ*ركىيە،قازاقىستان،ئۆزبېكىستان،قىرغىزىستان،تۈ*ركمەنىستان ۋە جۇ ڭگونىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا تەنتەنە قىلىنماقتا. ئۇ تۈ*ركىي ئالىمنىڭ بۈيۈك ئەللامەسى بولۇپ، ئارىدىن مىڭ يىل ئوتكەن بولسىمۇ، ھامان بىز بىلەن بىللە ياشىماقتا. شۇڭا ب د ت نىڭ پەن ۋە مەدەنىيەت بويىچە خەلقارا تەشكىلاتى مەھمۇدكاشغەرىي تۇغۇلغانلىقىنىڭ 1000 يىللىقىنى پۈتۈن دۇنيا بويلاپ خاتىر لەش ھەققىدە قارار چىقىرىشى ئەجەپلىنەرلىك ئەمەس.
«شەر*ق يۇلتۇزى»ژورنىلىنىڭ2010-يىللىق 1-سانىدىن ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇلدى.
ئۇيغۇرچىلاشتۇرغۇچى؛قاراقاش ناھىيەلىك ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەربىرلەشمىسىدىن
تۇرسۇن ئابدۇللابەگيار