كۆرۈش: 2386|ئىنكاس: 15

ئۇيغۇرىيە: كىملىككە نەقىشلەنگەن مارجان دەرەخ

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

كىملىككە نەقىشلەنگەن مارجان دەرەخ


گۈلبانۇم ئابابەكرى


      بىپايان قۇم بارخانلىرىنى خىيابان ھالدا كېچىپ كېتىپ بارىمەن. خىيالچان شاماللارنىڭ رەھىمسىز ئوت يالقۇنلىرىدا  زىنھار سولاشماي دۇنياغا كۈلۈپ باققان، ھايات كۆكىدىكى پىغان ناخشىلىرىنى مەردانىلىك بىلەن تېنىمسىز ئېيتىۋاتقان ھال رەڭ يۇلغۇن چېچەكلىرى، ئەجدىھار يەڭلىغ يەر بېغىرلاپ ياتقان قەدىم توغراق دەرەخلىرى، تالاي-تالاي ئەسىرلەرنىڭ قىسمەتلىك  ئىزنالىرىنى گاھ سۈكۈتچان دولقۇنلىرى، گاھ قەھىرلىك ئۆركەشلىرى بىلەن ئوتلۇق  باغاشلاپ يىراق-يىراق مەنزىلگاھلىرىغا ئېقىپ كېتىۋاتقان تارىم دەرياسى...مانا بۇلاردىن كۆتۈرۈلىۋاتقان نامەلۇم  يېشىل بارماقلار قەلب تارىمنى چەكمەكتە ئىدى.
     بىر لوپنۇرلۇق ئايال توغراق دەرىخىنىڭ بىر شېخىنى كىچىك پالتىسى بىلەن چاپقان ئىدى. بۇژغۇنلاپ سۇ چۈشۈشكە باشلىدى. ئايال كومزىكىنى ئەكىلىپ چۈشۈۋاتقان سۇلارنى كومزىكىگە قاچىلىۋالدى.
     -نېمە قىلىسىز، بۇ سۇلارنى؟
     - ئىچىمەن، ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈشكە داۋا...
ئايال كەتتى.
مەن يارىلانغان توغراق شېخىغا يۈزۈمنى ياقتىم. دەرەخ شۇئان زۇۋانغا كېلىپ نىدا قىلدى:
     -ھامان بىر كۈنى قۇم دېڭىزلىرى مېنى يەنە يۇتۇۋېلىشى مۈمكىن. شۇ چاغدا غول شاخلىرىم ھازىرقىدەك يارىلىنىدۇ. قۇم تاشلىرىغا تەپچىرەپ چىققان سۇلار كىرىستالغا ئايلىنىدۇ. دۇنيانىڭ ياقۇت- مارجانلىرى دەل ئاشۇ كىرىستال ئۈنچىللىرىدىن  ئاپىرىدە بولغان...
ئازاب دېسە ئازاب ئەمەس، شەرەپ دېسە شەرەپ ئەمەس، شۇنداق بىر مۇرەككەپ تۇيغۇلارغا  سىڭىپ تۇرۇپ توغراق سۈيىدىن بىر يۇتۇم ئىچتىم. دەرەخنى چىڭ قۇچاقلىغىنىمدا مەنمۇ بەئەينى ئەجدىھار قىزىغا ئوخشاپ قالدىم.
-خاتىرەمدىن
                                           يېشىل كارىدور-لوپنۇرغا قەدەم

  مەدەنىيەت بۆشۈكى، سېھىرلىك ماكان لوپنور دىيارىنى مەن تېخى كۆرۈپ باقمىغان ئىدىم. ئۇنداقتا، نېمە ئۈچۈن لوپنورغا قىزىقىپ قالدىم؟ ئەڭ دەسلەپكى تارىخى ماتىرىياللاردىكى ئۆردەككە مۇناسىۋەتلىك رىۋايەتلەر مېنى ماگنىتتەك ئۆزىگە جەلپ قىلىۋالغان ئىدى. قەدىمىي كىروران شەھىرى خارابىسىنىڭ تېپىلىشى 19 - ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدا ئارخئىولوگىيە ساھەسىدىكى ئالامشۇمۇل چوڭ مۆجىزە بولۇپ، بۇ ئۆچمەس تۆھپە لوپنورنىڭ قەدىمىي چارا مەھەللىسىدە ياشاپ ئالەمدىن ئۆتكەن ئۆردەك ئوماققا مەنسۇپتۇر، دېگەن قۇرلارنى ئوقۇغىنىمدا ھەمدە  سېۋىن ھېدىن ئۆز قولى بىلەن سىزغان ئۆردەكنىڭ سۇرىتىگە قاراپ تېگى يوق سوئاللارغا، تېپىشماقلارغا غەرق بولغىنىمدا بۇ نۇقتىنى ھېس قىلغان ئىدىم. تارىخى تۇيغۇنىڭ ئاچچىق پۈۋلەشلىرىدە لوپنور توغرىلىق كىتاب بولسا تالىشىپ ئوقۇيدىغان، مۇلاھىزە قىلىدىغان، خاتىرە قالدۇرىدىغان بولدۇم. دەسلەپكى ئىزدىنىش قەدەملىرىمدە بەزى ئىلمىي ماقالىلەرنى يازدىم. شۇنداق كۈنلەرنىڭ بىرىدە، « 2015-يىللىق ئىككىنچى قېتىملىق لوپنورلۇقلار مەدەنىيىتى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى»غا قاتنىشىش چاقىرىقىنى تاپشۇرۇپ ئالدىم. بىر ئايال بولۇش سالاھىيىتىم بويىچە  ئائىلە، خىزمەت ئالدىراشلىقى بىلەن پەقەت كىتاب يۈزىدىلا يۈز كۆرۈشكەن بۇ قەدىمىي ماكاننى تېخى ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆرۈشكە مۇيەسسەر بولمىغاچقا بۇ خەۋەرنى ئاڭلاپ چەكسىز خۇشال بولدۇم .
                        
                               لوپنوردىكى سەنئەت كېچىلىكى
2015-يىلى  19-ئاۋغۇست، ئىچكىرى ئۆلكە، ئاپتونوم رايوننىڭ ھەرقايسى يەرلىرىدىن كەلگەن ئالىم، تەتقىقاتچىلار، نوپۇزلۇق ژۇرناللارنىڭ مۇھەررىرلىرى، پولكلورشۇناسلار ۋە ئەل ئېغىز ئەدەبىياتى قازغۇچىلىرى لوپنور مېھمانخانىسىدا جەم بولدۇق. كەچتە تىپىك يەرلىك ئالاھىدىلىككە ئىگە لوپنور سەنئەت   كېچىلىكىدىن بەھر ئالدۇق. لوپنور شىۋىسى، لوپنور ئەرەنچە، ئايالچە  كېيىم -كېچەكلىرى، ھازىر جاۋاپ مۇشائىرە قوشاقلىرى، « قىزىل گۈلۈم »     ناخشىلىرى تۆۋەندە ئولتۇرغان ھەر بىر تاماشىبىننى ئىختىيارسىز ئۆزىگە مەھلىيا قىلاتتى. بولۇپمۇ ھېچقانداق مۇزىكا تەڭكەش قىلىنمىغان    « قىزىل گۈلۈم » ناخشىسىنى ئېيتقاندا بۇ ناخشىنىڭ سېھرى كۈچىگە ھەيران  قالدىم.
قىزىل گۈلۈم ئۆچمەس ئوتتۇر نامىڭىز،
كىمگە يېتەر بىزنىڭ پەرياد- نالىمىز.
سىز ئۇ ياقتا، مەن بۇ ياقتا ئىنتىزار،
غارىب باشقا قاچان چۈشەر سايىڭىز.

چىرايىڭنى ياغ قويۇپ ياغلىغاندەك،
قاش -كۆزلىرىڭ پەيغەمبەر سىلىغاندەك.
بۇ ئالەمگە شۇنداق سۈزۈك تۇغۇلدۇڭ،
بەدىنىڭنى ئالتۇندا سىرلىغاندەك.

ھامان بىر كۈنى سېنى ئېلىپ كېتەرمەن،
چېھرىڭ ئۈچۈن ئەزىز جاندىن كېچەرمەن.
خۇشۋاق بولۇپ ئوغۇل تۇغساڭ ئاپپىقىم،
قوڭغۇراقلىق ئالتۇن بۆشۈك ئېتەرمەن.

قارا باتۇر بولسا كەلسۇن قېشىمغا،
ھەر بالانى ئېلىپ قويدۇم باشىمغا.
تىرىك بولسام قۇزغۇنلارنى ھېچقاچان،
قوندۇرماسمەن قىزىلگۈلۈم شاخىڭغا .
  ۋۇجۇدى ئىشىق قوقاسلىرىدا پۇچۇلانغان پىغانكەش  ئاشىق يىگىت پۇشقۇنۇش ئىلكىدە  ھەسرەتلىك ناخشىلىرى بىلەن قولىدىكى مۇھەببەت  چېيىنى مەشۇقى قىزىل گۈلىگە تۇتقىنىدا «جەمشىتنامە » دېگەن  كىتابتىكى بەزى تەسۋىرلەر كۆز ئالدىمدىن يالت قىلىپ ئۆتۈپ كەتتى. جەمشىت پادىشاھ ساتارىنى ئېلىپ شۇنداق نەغمە قىلدىكى،  مەلىكە   دىلسوز پادىشاھنىڭ  تىزلىرىغا باش قويۇپ بىھۇش بولۇپ يىقىلدى . بۇ   قۇرلارنى ئوقۇغىنىمدا پەقەت چۆچەكلەردە شۇنداق تەسۋىرلىنىدۇ دەپ   ئېرەڭسىز ئۆتۈپ كەتكەنتىم. قىزىل گۈلۈم ناخشىسىنى ئاڭلاپ بىھۇش    بولۇپ يىقىلىشنىڭ ھەقىقەتەن مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى بىلدىم. ناخشا   ئېيتقاندىكى قىز -يىگىتنىڭ كىيىنىشى، چىراي ئىپادىسى، روھى - كەيپىياتى، ناخشا تېكىستى، ئۆزگىچە مۇڭ، ئاھاڭ ...مەن ئۆزۈم  پىنھان  تەلپۈنىۋاتقان ھەم يوقىتىپ قويغان بىر نەرسەمنى  تېپىۋالغاندەك پۈتۈن ۋۇجۇدۇمغا ئىللىق بىر سېزىم تاراپ  مەسخۇشلۇق ئىچىدە ئولتۇرۇپ قالدىم.

( داۋامى بار )

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   bagyar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-8-27 22:51  


ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2015-8-27 20:34:14 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كىملىككە نەقىشلەنگەن  مارجان دەرەخنىڭ مۇقەددىمە ناخشىللىرىنى ئاڭلىدىم .قېنى داۋامىنى يوللاڭ !

ۋاقتى: 2015-8-27 23:34:53 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ماۋزۇنڭ ئۆزىلا خېلى بولىدىغاندەك تۇرامدۇ نېمە؟

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-8-28 12:22:52 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ماڭا تەسىر قىلغان بىر جۈملە سۆز

20-ئاۋغۇست، ئىككىنچى قېتىملىق لوپنور مەدەنىيىتى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى.چۇشتىن ئاۋال بەش مۇتەخەسىىس ئۆزلىرى يازغان ئىلمىي ماقالىلىرىنى ئوقۇپ ئۆتتى.
ئىسمايىل ئابدۇرىھىم«لوپنور دىيالىكتىكىنىڭ ئارخىپلاشتۇرۇشى»
ئۆمەر داۋۇت «لوپنور دىيالىكتى ھەققىدىكى بەزى مەسىللەر»
شېرىپ مۇسا«كرورەندە ياشىغان مىللەتلەر ۋە ئۇلارنىڭ كېيىنكى مىللى كىملىگى توغرىسىدا»
ئۆمەر مۇھەممەتئىمىن كرورەن«لوپنۇر قۇشاق- ناخشىللىرىنىڭ قۇرۇلمىسى ھەققىدە»
贾丛江:出士文书所见曹魏,西普,前凉时期的楼兰移民社会  چۇشتىن كېيىن تارىخ ،ئەدەبىيات گۇرۇپپىسى بويىچە ھەرقايسى جايلاردىن كەلگەن تەتقىقاتچىلارنىڭ ئىلمىي ماقالىلىرى ئوقۇلۇپ سۇئال ،مۇلاھىزە ئەۋجىگە چىقتى.بىزنىڭ ئەدەبىيات گۇرۇپىمىزغا ئۆمەر داۋۇت مۇئەللىم رىياسەتچىلىك قىلغان ئىدى. ئۇ خۇلاسە سۆزى قىلىپ مۇنداق دىدى:                        
-ئوقۇلغان ماقالىلەر ئىچىدە لوپنور قۇشاقلىرىدىن باشلىنىپ لوپنور دىيالىكتىكىسى،  لوپنور چۆچەكلىرى ،لوپنور ئۆرپە -ئادەتلىرى ،لوپنور ھۈنەر- سەنئەتكىچە بولغان ماقالىلار خېلى كۆپ سالماقنى ئىگەللەيدىكەن. ئەپسۇس،يوقىلىۋاتقان لوپنور شىۋىسى توغرىلىق قانداق قىلغاندا ئاسراش،قوغداپ قېلىش توغرىسىدا يازغان ماقالىلار ناھايىتى ئاز.كۆپچىلىكنىڭ مۇشۇ ھەقتە ئويلىنىپ بېقىشىنى ئۈمىد قىلىمەن .                                                                                 
ئۇستازنىڭ بۇ تەكلىپ -پىكرى مېنى چوڭقۇر ئويلارغا سالدى.«لوپنۇر دىيالىكتىكىنىڭ ئارخىپلاشتۇرلىشى»«لوپنۇر دىيالىكتى ھەققىدىكى بەزى مەسىللەر » دىگەن ماقالىلاردا مۇشۇ ھەقتىكى يىڭى  قاراشلار ناھايىتى ياخشى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.  مائارىپ ساھەسىگە نەزەر سالىدىغان بولساق نۆۋەتتىكى قوش تىل بولسۇن ياكى ئۇيغۇر تىلىدا بولسۇن، ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىللىرى ئەدەبىي تىلدا دەرس سۆزلەيدۇ.قاتناش،رادىيو،ئۈن -سىن تەرەققىياتى،خىلمۇ –خىل مەدەنىيەت ئېقىملىرىنىڭ بۆسۈپ كىرىشى ...مانا بۇلار لوپنور شىۋىسىنىڭ داۋاملىق  ساقلىنىپ قېلىشىغا مەنپى تەسىر كۆرسىتىدۇ.ماتىريالىستىك پەلسەپە بويىچە قارىغاندا زامانىۋىلىقنى ئىنكار قىلغىلى بولمايدۇ.زامانىۋىلىق بىلەن ئەنئەنە ھەم قارمۇ –قارشىلىق ھەم دىيالىكتىك بىرلىك مۇناسىۋەتتە بولىدۇ.گەپ ئاشۇ دىيالىكتىك بىرلىك مۇناسىۋەت پىرىنسىپى بويىچە لوپنۇر شىۋىسىنى قانداق قوغداش،ئاسراپ قېلىش نۆۋەتتىكى مۇھىم مەسىللەرنىڭ بىرىدۇر.چۈنكى ،بىر مىللەت دىيالىكتىنى قوغداش يالغۇز ئېلىمىزنىڭ تەلىپى ئەمەس، دۇنيا دىيالىكتىكىنىڭ تەلىپى.بۇنۇڭ ئۈچۈن لوپنۇر دىيالىكتى بويىچە يېزىلغان تارىخى ماتىرياللارنى كۆپلەپ  تەتقىق قىلىش،ئەمەلي توپلاش،ساقلاش،خەلقارا ئاۋازلىق تىل ئامبىرىنى قۇرۇش بىلەن بىللە جەمىيەتكە،ئىلىم ساھەلىرىگە، مائارىپقا مۇراجات قىلىش زۆرۈردۇر. لوپنورشۇناسلىق تەتقىقاتىدا بۇ مەسىللەر نۆۋەتتە بىز ئويلىشىدىغان يەنە بىر  تەخىرسىز مەسىلە بولسا كېرەك.            



ۋاقتى: 2015-8-28 16:22:23 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇبارەك گۈلۈم !
ئاياغ ئىزىڭىز تەككەن  جاينىڭ ھىددى باركەن يازمىلىرىڭىزدا .
ئەمما بۇ نەسىرمۇ ياكى ساياھەت خاتىرسىمۇ ژانىرىنى يازماپسىز .
سىزگە ئۇتۇق تىلەيمەن !

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-8-28 18:49:39 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىككىنچى«كروران تىراگدىيەسى»گە ئاگاھلاندۇرۇش سىگنالى

21-ئاۋغۇست«داشى» مۇزېيخانىسى،لوپنور موزېيخانىسى، لوپنور كەنتىنى
زىيارەت قىلدۇق .                                                         
يۇلغۇن ياغىچىغا ئۆتكۈزۈلگەن مېززىلىك  يۇلغۇن كاۋاپلىرى، بېلىق كاۋاپلىرى، جاڭگال كاۋاپلىرى ، يەرلىك قېتىقلار، كۆمۈردە ئەمەس، ئوتۇندا پىشۇرۇلغان لوپنور ئۆي نانلىرى ...لوپنۇر كەنتىدىكى داستىخان ئۈستىدە ئولتۇرۇپ مانا مۇشۇلارغا شادلىق ئىچىدە ئېغىز تەگكەچ  ئالدىمغا نەزەر ئاغدۇرغىنىمدا، چەكسىز كەتكەن قۇم تاغلىرى، توغراقلار، ئۆركەشلەپ ئېقىپ كېتىۋاتقان تارىم دەرياسى، سۇلارغا چېلىنىپ تۇرغان ھال رەڭ يۇلغۇن چېچەكلىرى  كىشىگە ئاجايىپ گۈزەللىك تۇيغۇسىنى بېغىشلايتتى. بۇ گۈزەل يېشىل كارىدورنى تېخىمۇ ياخشى قوغداش ، ئاسراش كېرەكلىگىنى   بارغانچە چوڭقۇرلاپ ھېس قىلدىم.                                                
ئابدۇكېرىم راھمان «لوپنۇر دىيارىدىن تۇغۇلغان ھېسلار» دېگەن ماقالىسىدا شۇنداق قەيت قىلىدۇكى، « ئەگەر ، ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 50- يىللىرىدىن ئىلگىرىكى لوپنۇر يېشىل كارىدورىنىڭ گۈللىنىشى ياكى خارابلىشىشىدا تەبىئىي ئامىللار رول ئوينىغان دېيىلسە، ئۇنۇڭدىن كېيىنكى يېرىم ئەسىرلىك خارابلىشىشىنى ئىنسانىيەتنىڭ تەبىئەتكە قىلغان ۋاپاسىزلىق ، رەھىمسىزلىك پوزىتسىيىسى كەلتۈرۈپ چىقاردى دېيىشكە ھەقلىقمىز. چۈنكى، تارىم ۋادىسىدا 1954-يىلىدىن باشلاپ قاراملىق بىلەن كەڭ كۆلەمدە «بوز يەر ئېچىش»دولقۇنى كۆتۈرۈلۈپ، 1985-يىلغىچە يېشىل كارىدورنى يوقىتىش ھېسابىغا بىر مىليون مو دىن كۆپرەك ئاتالمىش تېرىلغۇ يەر ئېچىلدى. نەتىجىدە ، تەبىئىي توغراقلىق كۆلىمى %75 ئازىيىپ كەتتى.تەكلىماكان قۇملۇقى بىلەن قۇرۇقتاغ قۇملۇقى ھەر يىلى 3-5 مېتىرغىچە سۈرئەت بىلەن يېشىل كارىدورنى يۇتۇۋېلىپ ، ئىككىنچى «كروران تىراگدىيەسى» نىڭ تەكرارلىنىشىغا ئاگاھلاندۇرۇش سېگنالى چېلىندى. بۇ ئاچچىق ھەقىقەتنى چوڭقۇر ھېس قىلغان مەركىزى كومىتېت ۋە ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى تارىم دەرياسى ۋادىلىرىنى تۈزەش، سۇنى راۋانلاشتۇرۇش، يېشىل كارىدورنى قوغداش ۋە كېڭەيتىشنى مۇھىم ئىشلار كۈن-تەرتىپىگە قويۇپ، 1997-يىلى «تارىم دەرياسىنى تۈزەش باش قوماندانلىق ئىشتابى »نى قۇردى ھەم بۇنىڭ ئۈچۈن مەركەز مالىيەسىدىن 10 مىليارد 700 مىليون يۇئەن مەبلەغ ئاجراتتى. » مەدەنىيەت بۆشۈكى بولغان يېشىل كارىدورنى تېخىمۇ ياخشى قوغداشتىكى بۇندىن كېيىنكى پىلان ، مەبلەغ يەنە قايسى رەۋىشتە ئېلىپ بېرىلىدۇ؟ بۇ بىزنىڭ دىققەت ئېتىۋارىمىزنى قوزغايدىغان يەنە بىر مەسىلە.
   
داۋامى بار...

ۋاقتى: 2015-8-29 11:41:04 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
گاچ-گاچلا يوللاڭ ئاخىرىنى !

ۋاقتى: 2015-8-29 13:46:19 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تىزرەك يوللىمامسىز ئاخىرىنى!...

ۋاقتى: 2015-8-29 15:11:03 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ۋاقتى: 2015-8-29 17:29:47 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قەلىمىڭىز بەركەتلىك بولسۇن

ۋاقتى: 2015-8-29 21:39:25 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش: يوللىغۇچى چەكلەنگەن. مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-8-31 15:40:27 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كىملىككە نەقىشلەنگەن مارجان دەرەخ

«داشى» كەنتىدىكى يىڭىلىقلار«شەرىقتە خۇئاشى،غەرىپتە داشى بولۇش» تەك ئۇلۇغۋار پىلانلار كىشىنى سۆيۈندۈرىدۇ.دۇنيا ساياھەتچىللىرىنى ئۆزىگە جەلپ قىلغان«لوپنۇر مۇزىيخانىسى» «لوپنۇر كەنتى»ئۆزىنىڭ سېھىرلىك كۈچى بىلەن بىزگە ھەر باققىنىدا ئۇلاردىن ئايرىلىشقا قىيالماي قالدۇق. بولۇپمۇ لوپنۇر كەنتىدىكى گۈزەل تەبىئەت مەنزىرلىرى بىزنى يىڭىچە شېئىرىيەت دۇنياسىغا باشلايتتى.
ئەتە كىتىمىز   دىگەن كۈنى چۈشتىن كېيىن مىھرىبان نىياز چوغلۇق ،   مەدەنىيەتشۇناس ئەمەتچان ۋە ئۇلارنىڭ لوپنۇر دىيارىدىكى  دىلكەش ساۋاقتاشلىرى  بىلەن يەنە قايتا لوپنۇر كەنتىگە باردۇق. كۈن پېتىش ئالدىدىكى تارىم دەرياسى،يۇلغۇن چېچەكلىرى  باشقىچە گۈزەللىك تۈسىگە كىرگەن ئىدى.  بىز مۇنداق     ئىككى  خىل مەسىلە توغرىلىق پاراڭلاشتۇق.  بىرى، مەن بىر سەھىيە خادىمى بولۇش سۈپىتىم بىلەن ئۇلارنىڭ ساۋاقتاشلىرىدىن ئاپتۇنۇم رايونىمىز ساھەسىدە نۆۋەتتە كەڭ تارقىلىۋاتقان ئەيدىس كېسىلى ۋە سىبلىس كېسىلى توغرىلىق بەزى مەسىللەرنى سورىدىم.
ئۇلار ئېغىر خۇرسىنىش ئىچىدە :
-بۇ يەردىمۇ ئەيدىس كىسىلى ،سىبلىس كېسىلى  بىلەن يۇقۇملانغۇچىلارمۇ بار. بولۇپمۇ سىبلىس كېسىلى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلار كۆپرەك،- دىيىشتى. بۇ گەرچە، سەھىيە تارماقلىرى كۆڭۈل بۆلىدىغان ئىشلار بولسىمۇ ،لېكىن،ساقلىقنى ساقلاش -مۇنداقچە ئېيتقاندا  ،كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش،كونتۇرۇل قىلىش بولۇپ خەلقىنىڭ ھاياتىنى قوغداش، شۇنۇڭدەك ،كېيىنكى ئەۋلاتلارنىڭ سۈپەتلىك، ساغلام تۇغۇلىشى،نوپۇس ساپاسىنى تېخىمۇ  يۇقۇرى كۆتۈرۈشتە  ناھايىتى مۇھىم   ئەھمىيەتكە ئىگە. شۇڭلاشقىمۇ ئاپتۇنۇم رايونىمىزنىڭ ھەرقايسى ئوبلاست،شەھەر ،ناھىيەلىرىدىكى ئانا -بالىلار ساقلىقنى ساقلاش پۇنكىتى، پىلانلىق تۇغۇت پۇنكىتى ،كېسەللىكنڭ ئالدىنى ئېلىش پۇنكىتلىرى تويدىن ئاۋالقى سالامەتلىك تەكشۈرۈش ،پەرزەنت كۆرۈش ئالدىدىكى سالامەتلىك تەكشۈرۈش خىزمىتىنى كۈچەپ ئىشلەۋاتىدۇ. ئارىمىزدا شۇنداق بىر قىسىم جاھىل  كىشىلەر باركى ،ئۇلار  تويدىن ئاۋالقى سالامەتلىك تەكشۈرۈشنى (ئاساسلىغى قان تىپى، ئەيدىس،سېبلىس كېسىلى، يۇقۇملۇق جىگەر كېسىلى تەكشۈرىلىدۇ.)،قانۇنلۇق توي خېتى ئېلىپ توي قىلىشنى خالىمايدۇ. ئۆز ئىچىدىن نىكا ئوقۇتۇپ توي قىلىۋالىدۇ.نەتىجىدە ، قان تىپى ماسلاشمىغان، ياكى بىر تەرەپتە ئەيدىس،سېبلىس كېسىلى بولۇش سەۋەۋى بىلەن سۈپەتسىز پەرزەنىت كۆرۈش ھەتتا بىر ئائىلە كىشىللىرى ۋەيران بولۇشتەك ئېغىر  ئاقىۋەتلەر  يۈز بەرمەكتە.ئىسلاھات -ئېچىۋىتىش مۆلچەرلىگۈسىز مۇۋەپپىقىيەت،شان -شەرەپلەرنى ئېلىپ كەلگەن بولسىمۇ ئۇنۇڭ ئىنسانلارغا كەلتۈرگەن ئازاپ -ئوقۇبىتى، ھەسرىتىمۇ ئاز ئەمەس. بىزمۇ يەھۇدى مىللىتىگە ئوخشاش كاللىمىز ئېچىۋىتىلگەن،ھەرقانداق رىقابەت،سېرتقى رادىياتسىيالەرگە نىسبەتەن ئالدىن  كۈتۈشكە تەييار تۇرىدىغان ھەم جەڭگىۋار ھالەتتىكى ئويغاق روھى قۇرۇلمىمىز بولسىلا،بۈگۈنكىدەك قوبۇل قىلىش بىلەن داۋاملاشتۇرۇش ئوتتۇرسىدا بۇنداق تەڭپۇڭسىز ھالەتكە چۈشۈپ قالمايتتۇق.ھەم مېغىزىنى ھەم شاكىلىنى يەپ ئۆزىمىزگە ئۆزىمىز كېسەل تاپمايتتۇق. مۇنداقچە ئېيتقاندا ،بۇ مىللىي كىملىگىمىزگە چۈشۈرۈلگەن داغ.2014-يىلى 5-ئايدا ئىلى ئوبلاستلىق سەھىيە ئىدارىسى ئورۇنلاشتۇرۇلغان بەش كۈنلۈك «ئەيدىس كېسىلى» كورسىغا قاتنىشىپ قالدىم .ئاپتۇنۇم رايونىمىز بويىچە ئىلى تەۋەسىدە ئەيدىس كېسىلى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلار ئەڭ كۆپ ئىكەنلىگى،ئۇيغۇر،قازاق،خۇيزۇ، خەنزۇ،شىبە قاتارلىق مىللەتلەر ئىچىدە ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ ئەڭ كۆپ سالماقنى ئىگەللەيدىغانلىغى سانلىق مەلۇماتلار ئارقىلىق ئوتتۇرىغا قويۇلدى. يىغىنغا قاتناشقان يولداشلارنىڭ كۆپىنچىسى خەنزۇ يولداشلار ئىدى.سانلىق مەلۇماتلارنى ئاڭلاپ چۆچۈدۈم ،نۇمۇس قىلدىم.جەمىيەتتىن ،تەرەققىياتتىن ئاغرىنىپ يۈرمەي بەزى  ئىشلارنى ئۆزىمىزدىن ئىزدەش كېرەكلىگىنى تېخىمۇ چوڭقۇرلاپ چۈشىنىپ يەتتىم. چۈنكى، بۇ روھتىكى مەسىلە بولۇپ نوقۇل ھالدىكى دورا،گاندۇن قېپى بىلەن ھەل قىلىش مۇمكىن ئەمەس.    شۇڭلاشقا ھەرقايسى دەۋىرلەردىكى بىر قىسىم سەھىيە   ئۇچۇرلىرىغا سەل قاراشقا بولمايدۇ. شۇ دەۋردىكى بىر پۈتۈن مەدەنىيەت ،تارىخ،جۇغراپىيە  كېلىماتىنى بىرلەشتۈرۈپ كۈزىتىشتە قىممەتلىك ماتىريال بولالايدۇ، دەپ قارايمەن. ئىككى يۈز  نەچچە يىللار بۇرۇن  يۈز    بەرگەن ئابدال،قارا قوشۇن تەرەپتىكى ياۋا   چېچەك ئاپىتى بۇنۇڭ دەلىلىدۇر.شۇ چاغدىكى ياۋا چېچەك كىسىلى قانداق پەيدا بولغان؟ نىمە  ئۈچۈن نۇرغۇن كىشىلەر  ئۆلۈپ قىرىلىپ كەتكەن؟مانا مۇشۇنۇڭغا      ئوخشاش بىر  تالاي سۇئاللار ناھايىتى نۇرغۇن ئىجتىمائىي سەۋەپلەرگە  بېرىپ  چېتىلىدۇ.
ئىككىنچى مەسىلە  لوپنۇرشۇناسلىق تەتقىقاتىدا لوپنۇر تارىخىغا بولغان     توغرا  تونۇشنى يېتىلدۈرۈش،ئىلمىي پوزىتسىيە       تۇتۇش،    تارىخنى   بۇرمىلىماسلىق،يۈزەكى دوگما قاراشتىن ساقلىنىش .   مانا مۇشۇ تىمىلاردا بىز ئۇزاق پاراڭلاشتۇق. چۈنكى،     بىزمۇ ئىزدەنگۈچىلەر ،ئۈگەنگۈچىلەر بولۇش سالاھىتىمىز    بىلەن بۇندىن كېيىنكى ئىجادىيەت قەدەملىرىمىزدە مۇشۇ نۇقتىدا تولىمۇ دىققەت       قىلىشىمىز كېرەكلىگىنى بىلىپ يەتتۇق.ماشىنىدا قايتىپ كېلىۋىتىپ خىياللار دېڭىزىغا غەرىق بولدۇم.
تۇرسۇن كېرەم ئەپەندىنىڭ لوپنورنۇقلار توغرىسىدا رېئاللىققا ،تارىخى چىنلىققا ھۆرمەت قىلىش يۈزىسىدىن ئېيتقان مۇنۇ دادىل ،جىگەرلىك سۆزلىرى ئىسىمگە كېلىپ قالدى.
«يىڭى  تاش قۇراللار دەۋرىدىن باشلاپ لوپنوردا ئىنسانلار پائالىيىتى باشلانغان.بىرونزا قۇراللار دەۋرىدە ۋە شۇندىن كېيىنكى ھەر قايسى  تارىخى دەۋرلەردە لوپنورغا يەنە سېرتتىن ھەرخىل ئېرىقتىكى ئىنسان تۈركۈملىرى ۋە بەزى مىللەتلەر كېلىپ -كىتىپ تۇرغان.لوپنورغا كەلگەن بۇ ئاھالىلەرنىڭ بەزىللىرى بۇ يەردە ۋاقىتلىق تۇرۇپ قالغان .بەزىللىرى بولسا ماكانلىشىپ قالغان. مانا شۇلار بۇرۇندىن مۇشۇ جايدا بار بولغان ئاھالىلەر بىلەن بىرلىكتە لوپنورنى ئېچىش داۋامىدىكى ئۇزۇن مۇددەتلىك ھايات مۇساپىسىدە ئۆز-ئارا ئۇچرىشىش،ئۆز -ئارا سىڭىشىش ۋە ئۆز-ئارا قوشۇلۇپ كېتىشتەك تەرەققىيات جەريانىنى باشتىن كەچۇرۇپ ،ھەرخىل ئېرىق،ھەرخىل مىللەت تەركىپلىرىنىڭ يۇغۇرۇلىشى،تەدرىجى ئۆزگۈرۈشى ۋە تەرەققىياتى بىلەن لوپنور ئاھالىسى شەكىللەنگەن.لوپنورلۇقلار ئەنە ئاشۇلارنىڭ    كېيىنكى ئەۋلاتلىرىدۇر.
لوپنورلۇقلار ھەرگىزمۇ چىڭ دەۋرىدە شەكىللەنگەن دېھقانچىلىق ،چارۋىچىلىقنى بىلمەيدىغان ،بېلىقلا يەيدىغان ئىپتىدائى ،ياۋايى،غەلىتە قالاق خەلق بولماستىن ،بەلكى،شىنجاڭنىڭ ئەڭ قەدىمىي دەۋىرلەردىن باشلاپلا شەھەرلەشكەن،ئىقتىساد ،مەدەنىيەتنى گۈللەندۈرۈپ قەدىمكى زامان كىروران مەدەنىيىتىنى ياراتقان ئۆزگىچە مەدەنىيەتلىك خەلقتۇر.»                                    
ئايرۇپۇلان ئاسمان كۆكىگە كۆتۈرۈلگەندە    كىچىك پېئىل،مېھماندوس ،ئۆز ئىشىغا مەسئۇلىيەتچان  زۇلخۇمار ئىلھام،ئابدۇقېيۇم ئابدۇرېھىم  ،ئۇستاز شېرىپ مۇسا قاتارلىق ئىللىق چىرايلارغا قىيالماي قالدىم.كۆزۈمنى يۇمۇۋالدىم .كىملەردۇر قۇلىغىمغا  توختىماي شىۋىرلايتتى. بۇنداق شىۋىرلاشلىرىدىن بۇ ئۆمرۈمدە  بىر كۈنمۇ خالى بولالمىدىم.
-مېنى يازماقچى بولساڭ تەييارغا ھەييار بولما.راستچىل،  ئەستايىدىل بولغىنكى شەخسىيەتچى،تۇزكور بولما!
بىر لوپنۇرلۇق مېنى قۇشاققا قېتىپ راستچىللىق بىلەن بايان ئەيلىسە،   ئۇنۇڭ مۇبارەك ئسمىنى ئۇنتۇپ قالما.ئۆز ئىسمىڭ بىلەن قېتىپ ياز.خۇددى سىۋىن ھېدىن ئۆردەكنى قېتىپ يازغاندەك.سەنمۇ ئۇنى قەلەم   جەۋھىرىڭگە  قات!
ئۇ ساڭا ئاش بېرىدۇ، نان بېرىدۇ. ئاتا –بوۋىللىرىڭنىڭ   ماڭغان يوللىرىنى،كەچكەن دەريالىرىنى، قۇم بىلەن تەڭ كۆيۈشلىرىنى ، ،ئاي بىلەن تەڭ      ئۇخلاشلىرىنى،كۈن بىلەن تەڭ پارلاشلىرىنى ساڭا ئېيتىپ بېرىدۇ.
قاقاقلاپ كۈلۈپ كېتىمەن.ھەسرەت چېكىمەن. ئۇ يىغلاپ  سۆزلىسە سەن كۈلۈپ يازدىڭ.ئۇنۇڭ دىگەنلىرى سېنىڭ بولدى...
ئۇ كىم؟
ئۇ ئەسلى  سەن ئەمەسمۇ؟ ئەجىبا ،ئۇنۇڭ ئىسمىنى يېزىشتىن نۇمۇس قىلامسەن؟ بىلگىنكى،تارىخ رەھىمسىز، ئۇ نۇمۇس قىلشنى بىلمەيدۇ. قۇم دېڭىزلىرىنىڭ ئاستىغا قارغىنە ،ئۇ يەردە بىر مارجان دەرىخى بار. مارجان چېچەكلىرىنىڭ يېرىلغان چاغدىكى ئۇچۇچان تۈكچىللىرى يەنە قەيەرلەردە سەرسان ئۇچۇپ يۈرىدۇ؟ يەنە قانداق زىمىن ئۈستىدىن يېشىل مايسا بولۇپ ئۈنۈپ چىقىدۇ؟
ئۇنى قۇچاقلاپ ياتقىنى بىر قوڭۇر  چاچلىق چىرايلىق بالا. كېيىنكى بالىلار      ئۇلارنى رەسىمگە تارتمايدۇ.   ئەكسىچە، ئۆزىنىڭ فوكۇس نۇقتىسىغا   نەققاش قىلىپ      چېكىۋالىدۇ.

كۆزۈمنى ئاچتىم. كېچە ئاللىقاچان شىمالغا ئۇزاپ كەتكەن ئىدى...

تۈگىدى


2015-يىل، ئاۋغۇست،كەچ.

ۋاقتى: 2015-8-31 18:35:57 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ماقالىنىڭ ئىزدىنىش قاتلاملىرى مائارىپ ،سەھىيە سېستىمىسىغا تۇتىشىدىكەن. زىيارەت،تەسىرات، سۈكۈت ...دىگەندەك ئارلاشما تۇيغۇلاردىن قەلەم ئىگىسىنىڭ روھىناتىدا خېلى سىلكىنىش بولغاندەك تۇرىدۇ. كېيىنكى ئىجادىيەت قەدەملىرىگە ئۇتۇق تىلەيمەن.

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-9-1 09:53:14 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ ئاددى تەسىرات  قەدەملىرىمگە نەزەر ئاغدۇرغان تورداشلارغا تەشەككۈرىلەر بولسۇن!

ۋاقتى: 2015-9-26 00:39:09 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يىڭى يازمىللىرىڭىزدىن خەۋەرسىز قاپتىمەن. نەسىرلىرىڭىزنى تولىمۇ سېغىندىم.

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家协会网
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش