كىملىككە نەقىشلەنگەن مارجان دەرەخ
گۈلبانۇم ئابابەكرى
بىپايان قۇم بارخانلىرىنى خىيابان ھالدا كېچىپ كېتىپ بارىمەن. خىيالچان شاماللارنىڭ رەھىمسىز ئوت يالقۇنلىرىدا زىنھار سولاشماي دۇنياغا كۈلۈپ باققان، ھايات كۆكىدىكى پىغان ناخشىلىرىنى مەردانىلىك بىلەن تېنىمسىز ئېيتىۋاتقان ھال رەڭ يۇلغۇن چېچەكلىرى، ئەجدىھار يەڭلىغ يەر بېغىرلاپ ياتقان قەدىم توغراق دەرەخلىرى، تالاي-تالاي ئەسىرلەرنىڭ قىسمەتلىك ئىزنالىرىنى گاھ سۈكۈتچان دولقۇنلىرى، گاھ قەھىرلىك ئۆركەشلىرى بىلەن ئوتلۇق باغاشلاپ يىراق-يىراق مەنزىلگاھلىرىغا ئېقىپ كېتىۋاتقان تارىم دەرياسى...مانا بۇلاردىن كۆتۈرۈلىۋاتقان نامەلۇم يېشىل بارماقلار قەلب تارىمنى چەكمەكتە ئىدى.
بىر لوپنۇرلۇق ئايال توغراق دەرىخىنىڭ بىر شېخىنى كىچىك پالتىسى بىلەن چاپقان ئىدى. بۇژغۇنلاپ سۇ چۈشۈشكە باشلىدى. ئايال كومزىكىنى ئەكىلىپ چۈشۈۋاتقان سۇلارنى كومزىكىگە قاچىلىۋالدى.
-نېمە قىلىسىز، بۇ سۇلارنى؟
- ئىچىمەن، ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈشكە داۋا...
ئايال كەتتى.
مەن يارىلانغان توغراق شېخىغا يۈزۈمنى ياقتىم. دەرەخ شۇئان زۇۋانغا كېلىپ نىدا قىلدى:
-ھامان بىر كۈنى قۇم دېڭىزلىرى مېنى يەنە يۇتۇۋېلىشى مۈمكىن. شۇ چاغدا غول شاخلىرىم ھازىرقىدەك يارىلىنىدۇ. قۇم تاشلىرىغا تەپچىرەپ چىققان سۇلار كىرىستالغا ئايلىنىدۇ. دۇنيانىڭ ياقۇت- مارجانلىرى دەل ئاشۇ كىرىستال ئۈنچىللىرىدىن ئاپىرىدە بولغان...
ئازاب دېسە ئازاب ئەمەس، شەرەپ دېسە شەرەپ ئەمەس، شۇنداق بىر مۇرەككەپ تۇيغۇلارغا سىڭىپ تۇرۇپ توغراق سۈيىدىن بىر يۇتۇم ئىچتىم. دەرەخنى چىڭ قۇچاقلىغىنىمدا مەنمۇ بەئەينى ئەجدىھار قىزىغا ئوخشاپ قالدىم.
-خاتىرەمدىن
يېشىل كارىدور-لوپنۇرغا قەدەم
مەدەنىيەت بۆشۈكى، سېھىرلىك ماكان لوپنور دىيارىنى مەن تېخى كۆرۈپ باقمىغان ئىدىم. ئۇنداقتا، نېمە ئۈچۈن لوپنورغا قىزىقىپ قالدىم؟ ئەڭ دەسلەپكى تارىخى ماتىرىياللاردىكى ئۆردەككە مۇناسىۋەتلىك رىۋايەتلەر مېنى ماگنىتتەك ئۆزىگە جەلپ قىلىۋالغان ئىدى. قەدىمىي كىروران شەھىرى خارابىسىنىڭ تېپىلىشى 19 - ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدا ئارخئىولوگىيە ساھەسىدىكى ئالامشۇمۇل چوڭ مۆجىزە بولۇپ، بۇ ئۆچمەس تۆھپە لوپنورنىڭ قەدىمىي چارا مەھەللىسىدە ياشاپ ئالەمدىن ئۆتكەن ئۆردەك ئوماققا مەنسۇپتۇر، دېگەن قۇرلارنى ئوقۇغىنىمدا ھەمدە سېۋىن ھېدىن ئۆز قولى بىلەن سىزغان ئۆردەكنىڭ سۇرىتىگە قاراپ تېگى يوق سوئاللارغا، تېپىشماقلارغا غەرق بولغىنىمدا بۇ نۇقتىنى ھېس قىلغان ئىدىم. تارىخى تۇيغۇنىڭ ئاچچىق پۈۋلەشلىرىدە لوپنور توغرىلىق كىتاب بولسا تالىشىپ ئوقۇيدىغان، مۇلاھىزە قىلىدىغان، خاتىرە قالدۇرىدىغان بولدۇم. دەسلەپكى ئىزدىنىش قەدەملىرىمدە بەزى ئىلمىي ماقالىلەرنى يازدىم. شۇنداق كۈنلەرنىڭ بىرىدە، « 2015-يىللىق ئىككىنچى قېتىملىق لوپنورلۇقلار مەدەنىيىتى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى»غا قاتنىشىش چاقىرىقىنى تاپشۇرۇپ ئالدىم. بىر ئايال بولۇش سالاھىيىتىم بويىچە ئائىلە، خىزمەت ئالدىراشلىقى بىلەن پەقەت كىتاب يۈزىدىلا يۈز كۆرۈشكەن بۇ قەدىمىي ماكاننى تېخى ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆرۈشكە مۇيەسسەر بولمىغاچقا بۇ خەۋەرنى ئاڭلاپ چەكسىز خۇشال بولدۇم .
لوپنوردىكى سەنئەت كېچىلىكى
2015-يىلى 19-ئاۋغۇست، ئىچكىرى ئۆلكە، ئاپتونوم رايوننىڭ ھەرقايسى يەرلىرىدىن كەلگەن ئالىم، تەتقىقاتچىلار، نوپۇزلۇق ژۇرناللارنىڭ مۇھەررىرلىرى، پولكلورشۇناسلار ۋە ئەل ئېغىز ئەدەبىياتى قازغۇچىلىرى لوپنور مېھمانخانىسىدا جەم بولدۇق. كەچتە تىپىك يەرلىك ئالاھىدىلىككە ئىگە لوپنور سەنئەت كېچىلىكىدىن بەھر ئالدۇق. لوپنور شىۋىسى، لوپنور ئەرەنچە، ئايالچە كېيىم -كېچەكلىرى، ھازىر جاۋاپ مۇشائىرە قوشاقلىرى، « قىزىل گۈلۈم » ناخشىلىرى تۆۋەندە ئولتۇرغان ھەر بىر تاماشىبىننى ئىختىيارسىز ئۆزىگە مەھلىيا قىلاتتى. بولۇپمۇ ھېچقانداق مۇزىكا تەڭكەش قىلىنمىغان « قىزىل گۈلۈم » ناخشىسىنى ئېيتقاندا بۇ ناخشىنىڭ سېھرى كۈچىگە ھەيران قالدىم.
قىزىل گۈلۈم ئۆچمەس ئوتتۇر نامىڭىز،
كىمگە يېتەر بىزنىڭ پەرياد- نالىمىز.
سىز ئۇ ياقتا، مەن بۇ ياقتا ئىنتىزار،
غارىب باشقا قاچان چۈشەر سايىڭىز.
چىرايىڭنى ياغ قويۇپ ياغلىغاندەك،
قاش -كۆزلىرىڭ پەيغەمبەر سىلىغاندەك.
بۇ ئالەمگە شۇنداق سۈزۈك تۇغۇلدۇڭ،
بەدىنىڭنى ئالتۇندا سىرلىغاندەك.
ھامان بىر كۈنى سېنى ئېلىپ كېتەرمەن،
چېھرىڭ ئۈچۈن ئەزىز جاندىن كېچەرمەن.
خۇشۋاق بولۇپ ئوغۇل تۇغساڭ ئاپپىقىم،
قوڭغۇراقلىق ئالتۇن بۆشۈك ئېتەرمەن.
قارا باتۇر بولسا كەلسۇن قېشىمغا،
ھەر بالانى ئېلىپ قويدۇم باشىمغا.
تىرىك بولسام قۇزغۇنلارنى ھېچقاچان،
قوندۇرماسمەن قىزىلگۈلۈم شاخىڭغا .
ۋۇجۇدى ئىشىق قوقاسلىرىدا پۇچۇلانغان پىغانكەش ئاشىق يىگىت پۇشقۇنۇش ئىلكىدە ھەسرەتلىك ناخشىلىرى بىلەن قولىدىكى مۇھەببەت چېيىنى مەشۇقى قىزىل گۈلىگە تۇتقىنىدا «جەمشىتنامە » دېگەن كىتابتىكى بەزى تەسۋىرلەر كۆز ئالدىمدىن يالت قىلىپ ئۆتۈپ كەتتى. جەمشىت پادىشاھ ساتارىنى ئېلىپ شۇنداق نەغمە قىلدىكى، مەلىكە دىلسوز پادىشاھنىڭ تىزلىرىغا باش قويۇپ بىھۇش بولۇپ يىقىلدى . بۇ قۇرلارنى ئوقۇغىنىمدا پەقەت چۆچەكلەردە شۇنداق تەسۋىرلىنىدۇ دەپ ئېرەڭسىز ئۆتۈپ كەتكەنتىم. قىزىل گۈلۈم ناخشىسىنى ئاڭلاپ بىھۇش بولۇپ يىقىلىشنىڭ ھەقىقەتەن مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى بىلدىم. ناخشا ئېيتقاندىكى قىز -يىگىتنىڭ كىيىنىشى، چىراي ئىپادىسى، روھى - كەيپىياتى، ناخشا تېكىستى، ئۆزگىچە مۇڭ، ئاھاڭ ...مەن ئۆزۈم پىنھان تەلپۈنىۋاتقان ھەم يوقىتىپ قويغان بىر نەرسەمنى تېپىۋالغاندەك پۈتۈن ۋۇجۇدۇمغا ئىللىق بىر سېزىم تاراپ مەسخۇشلۇق ئىچىدە ئولتۇرۇپ قالدىم.
( داۋامى بار )
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا bagyar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-8-27 22:51