جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 1361 تال  

مىكروبلوگ يېڭىلىقلىرى

كۆرۈش: 99|ئىنكاس: 1

جەمىئىيىتىمىزنىڭ ھەيئەت رىياسەت يىغىنى ئېچىلدى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 20Rank: 20Rank: 20Rank: 20Rank: 20

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1
يازما سانى: 70
نادىر تېمىسى: 10
تېللا: 771
تۆھپە : 4
توردا: 381
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-5-26
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-9 03:37:07 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمىئىيىتىنىڭ 2012-يىللىق ھەيئەت رىياسەت يىغىنى 2-ئاينىڭ 16-كۈنى ئېچىلدى. يىغىنغا يازغۇچىلار جەمىئىيىتى ھەيئەت رىياسىتىنىڭ ئەزالىرى،يازغۇچىلار جەمىئىيىتىنى ئورگىنىدىكى خىزمەتچى، خادىملار قاتناشتى.يىغىنغا شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمىئىيىتىنىڭ رەئىسى ئازات سۇلتان رىياسەتچىلىك قىلدى.يىغىندا يازغۇچىلار جەمىئىيىتىنىڭ دائىمىي مۇئاۋىن رەئىسى، باش كاتىپى دوڭ لىبو يازغۇچىلار جەمىئىيىتىنىڭ 2011-يىللىق خىزمەتلىرىدىن خۇلاسە دوكىلاتى بەردى ۋە 2012-يىللىق خىزمەت پىلانىنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرىنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتتى.جۇڭگو يازغۇچىلار جەمىئىيىتى ۋە ئاپتونۇم رايۇنلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمىگە يوللايدىغان«شىنجاڭ ئازسانلىق مىللەتلەر ئەدەبىياتىنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالى، ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەر، ھەل قىلىش چارىلىرى» ھەققىدىكى دوكلاتنىڭ دەسلەپكى لاھىيەسىنى يىغىننىڭ مۇزاكىرىسىگە سۇندى.ئاخىرىدا 2012-يىلى يازغۇچىلار جەمىئىيىتىگە قوبۇل قىلىنىدىغان يېڭى ئەزا نامزاتلىرىنىڭ ئىسىملىكى، ئۇلارنىڭ ئىجادىيەت ئەھۋاللىرى تونۇشتۇرۇلۇپ، ھەيئەت رىياسەتنىڭ مۇزاكىرىسىگە قويۇلدى.



شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمىئىيىتىنىڭ 2011-يىللىق خىزمەتلىرىدىن خۇلاسە



   2011-يىلى ئۆتۈپ كەتتى، بۈگۈنكى كۈندە ئارقىمىزغا قارايدىغان بولساق، ئىدارە رەھبەرلىكى ۋە ئورگاندىكى بارلىق خىزمەتچىلەرنىڭ تىرىشچانلىقى نەتىجىسىدە يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ خىزمەتلىرىدە بەلگىلىك ئىزلارنى قالدۇرغانلىقىمىزنى كۆرىمىز.



    2011-يىلىدا ئىشلەنگەن مۇھىم خىزمەتلەر تۆۋەندىكىچە:



1. شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمىئىيىتى 2011-يىلى1-ئاينىڭ 26-كۈنى ئۈرۈمچى «جەنۇپ ئاۋاتسىيە خەلقئارا مېھمانسارىيى»دا كاتتا يىغىلىش ئۆتكۈزۈپ، «شىنجاڭ يازغۇچىلىرىنىڭ چاغاننى كۈتىۋېلىش چاي سۆھبىتى ۋە3-نۆۋەتلىك شىنجاڭ «ياش يازغۇچىلار مۇكاپاتى»نى تارقىتىش مۇراسىمى»نى ئۆتكۈزدى.مۇراسىمغا ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق پارتىكومنىڭ دائىمى ھەيئىتى، تەشۋىقات بۆلۈمنىڭ باشلىقى خۇ ۋېي، ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق ئەدەبىيات ـ سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى پارتىگۇرۇپىسىنىڭ شۇجىسى خۇاڭ يوڭجۈن، رەئىسى ھېيتەم ھۆسەيىن، شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمىئىيىتىنىڭ ئۈرۈمچىدە تۇرۇشلۇق ھەيئەت رىياسەت ئەزالىرى ۋە ھەر مىللەت يازغۇچىلىرى،مۇكاپاتقا ئېرىشكەن ئاپتورلاردىن بولۇپ 150تىن ئارتۇق كىشى قاتناشتى.



2. 2010-يىللىق شىنجاڭ يازغۇچىلىرىنىڭ يىللىق تاللانما ھېكايىلەر، پوۋېستلار، نەسرلەر توپلىمى  (خەنزۇچە) نەشر قىلىنىپ تارقىتىلدى. توپلامغا شىنجاڭ يازغۇچىلىرىنىڭ مەملىكەت ۋە ئۆلكە دەرىجىلىك ژۇرناللاردا ئېلان ئەسەرلىرى كىرگۈزۈلۈپ ياخشى ئىجدىمائىي ئۈنۈم يارىتىلدى.



3.پارتىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 90 يىللىقىنى خاتىرلەش مۇناسىۋېتى بىلەن «ھايات كەچۈرمىشلىرىم ۋە ئەدەبىيات»تېمىسىدا ئەسەر قوبۇل قىلىش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى.قوبۇل قىلىنغان ئەسەرلەر «يازغۇچىلار تورى» ۋە «شىنجاڭ يازغۇچىلىرى» ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىندى.



4. 2011-يىلى2-ئاينىڭ 25-كۈنى شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمىئىيىتىنىڭ 7-نۆۋەتلىك 5-قېتىملىق ھەيئەت رىياسەت يىغىنى چاقىرىلدى. يىغىندا مۇئاۋىن رەئىس، قوشۇمچە باش كاتىپ دوڭ لىبو شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمىئىيىتىنىڭ 2010-يىللىق خىزمەتلىرىدىن خۇلاسە دوكىلاتى بەردى ۋە 2011-يىللىق خىزمەتلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇش پىكرىنى ئوتتۇرغا قويدى. يىغىندا يەنە ئەزا تەرەققى قىلدۇرۇش، تەرجىمە قۇرۇلۇشى قاتارلىق جەھەتلەردىكى مەزمۇنلار مۇھاكىمە قىلىندى.



5. 2011-يىلى3-ئاينىڭ6-كۈنى «شىنجاڭ يازغۇچىلار لېكسىيەخانىسى» پائالىيىتى ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق كۇتۇپخانىدا رەسمى باشلاندى. ئۇ ئوقۇرمەنلەر بىلەن يازغۇچىلارنىڭ ئالماشتۇرۇش سەھنىسىلىك،يازغۇچىلارنى ئوقۇرمەنلەرگە يېقىنلاشتۇرۇش ۋە ئوقۇرمەنلەرنىڭ يازغۇچىلارنى چۈشىنىشى جەھەتلەردە ئىجابىي رول ئوينىدى. ھەر ئايدا بىر نۆۋەت ئېلىپ بېرىلغان بۇ پائالىيەتتە، ياڭ لەن، جوۋ تاۋ، جاۋ گۇاڭمىڭ،ئىمىن ئەھمىدى، ليۇ بىڭ، ئەكپەر مىجىت قاتارلىق داڭلىق ئەدىبلەر لېكسىيە سۆزلەپ ياخشى ئۈنۈمگە ئېرىشتى.



6. 4-ئايدا شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ نەنسەندىكى «ئىجادىيەت،ماتىريال مەركىزى»نىڭ قۇرۇلۇش ئىشى ئىشلىنىپ، ھەر مىللەت يازغۇچىلىرىنىڭ قىزغىن قارشى ئېلىشى ۋە قوللىشىغا ئېرىشىلدى.ياش كۈچلىرىمىزنى تەربىيەلەش ۋە ئەدەبىي پائالىيەتلەرنى ئۇيۇشتۇرۇشنى ئاساس قىلغان بۇ «مەركىزى»مىز ئۈرۈمچى ناھىيەسىنىڭ شۈيشىگو بازىرىدا رەسمىي قۇرۇلدى.



7. 2011-يىلى 4-ئاينىڭ 28-كۈن شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمىئىيىتى، شىنجاڭ نېفىتلىك شىركىتى پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى، قاراماي ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى بىرلىشىپ ئۇيۇشتۇرغان «ئارسلان تالىپ ئەسەرلىرى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى» ئۈرۈمچى نۇرباغ ئىش باشقارمىسى مېھمانخانىسىدا ئۆتكۈزۈلدى.يىغىنغا 140تىن ئارتۇق كىشى قاتناشتى.



8. 5-ئاينىڭ 30-كۈنىدىن 6-ئاينىڭ 6-كۈنىگىچە شىنجاڭنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن كەلگەن 12 نەپەر ياش شائىر شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ «ئىجادىيەت، ماتېرىيال  مەركىزى»دە تۇنجى نۆۋەتلىك «شىنجاڭ ياش شائىرلىرىنىڭ كىتاب ئوقۇش سىمنارىيەسى»گە قاتناشتى. بىر ھەپتىلىك پائالىيەت جەريانىدا ئۇلار ئىجادىيەت ھەققىدە قاراشلىرىنى ئالماشتۇردى، ژۇرنال مۇھەررىرلىرى،يازغۇچى، شائىرلار بىلەن سۆھبەت، ئۈگىنىشلەردە بولدى. چۈشىنىش، دوستلۇقنى چوڭقۇرلاشتۇردى.



9. شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمىئىيىتى ئەدەبىي تەرجىمانلار شۆبە جەمىئىيىتىنىڭ«3-قېتىملىق ئەدەبىي تەرجىمانلارنى تەربىيەلەش كۇرسى» 2011-يىلى 6-ئاينىڭ 20-كۈنىدىن 26-كۈنىگىچە  يازغۇچىلار جەمىئىيىتىنىڭ شۇيشىگودىكى «ئىجادىيەت، ماتىريال مەركىزى»دە ئېچىلدى. كۇرۇسنىڭ باشلىنىش مۇتاسىمىغا رەئىس ئازات سۇلتان، مۇئاۋىن رەئىس دوڭ لىبو، ئۇرۇمچىگە خىزمەت مۇناسىۋېتى بىلەن كەلگەن مىللەتلەر نەشرياتىنىڭ مۇئاۋىن باش مۇھەررىرى ئەركىن قادىر، «مىللەتلەر ئەدەبىياتى»نىڭ مۇھەررىرى ئەكپەر غۇلام قاتارلىقلار قاتناشتى. كۇرۇسقا ئاپتۇنۇم رايۇنىمىزنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن ئۇيغۇر تىلىدىكى ئەسەرلەرنى خەنزۇ تىلىغا تەرجىمە قىلىدىغان ۋە خەنزۇ تىلىدىكى ئەسەرلەرنى ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلىدىغان ياش ئەدەبىي تەرجىمانلاردىن  12 نەپەر كۇرسانت قاتناشتى.



10.ئىچكى ۋە تاشقى جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىش، يازغۇچىلىرىمىزنىڭ نەزەر دائىرىسىنى كېڭەيتىش ئۈچۈن يازغۇچىلىرىمىزنىڭ چەتئەللەرگە ۋە ئىچكى ئۆلكىلەرگە بېرىپ زىيارەت ۋە ئۈگىنىش پائالىيەتلىرىدە بولۇشىغا ئاكتىپلىق بىلەن شارائىت يارىتىپ بېرىلدى.



11.شىنجاڭ يازغۇچىلىرىنىڭ 2011-يىللىق ئەسەرلەر توپلىمى (خەنزۇچە) ئەسەر ئۇيۇشتۇرۇش، «ماۋدۇن مۇكاپاتى»غا ئەسەر كۆرسىتىش، ئۇيغۇرچە، خەنزۇچە «شىنجاڭ يازغۇچىلىرى»ژۇرنىلىنى چىقىرىش،يېڭى«ئەزالىق گۇۋاھنامىسى»نى ئالماشتۇرۇش خىزمەتلىرى تەرتىپلىك ئىشلەندى.«شىنجاڭ يازغۇچىلار تورى»غا مۇلازىمېتىر سەپلەپ بېرىلدى.بولۇپمۇ ئۇيغۇرچە «شىنجاڭ يازغۇچىلار تورى» ئۆز ئەتىراپىغا نۇرغۇن ياش ئەدىبلەرنى، ياش كۈچلەرنى ئۇيۇشتۇرۇپ ياخشى تەسىر پەيدا قىلدى،دەسلەپكى قەدەمدە كۆزلىگەن ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈردى.



12. 7-ئاينىڭ 4-كۈنىدىن 16-كۈنىگىچە جەمىئىيىتىمىزنىڭ ئۇيۇشتۇرىشى بىلەن قاراماي، بۆرتالا،ئىلى قاتارلىق جايلاردىن تەشكىل تاپقان «شىمالى شىنجاڭ ياش يازغۇچىلىرىنىڭ جەنۇبىي شىنجاڭنى زىيارەت قىلىش،تۇرمۇش ئۈگىنىش پائالىيىتى» ئېلىپ بېرىلدى. بۇ قېتىمقى پائالىيەت، نۆۋەتتە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان سوتسىيالىستىك يېڭى يېزا قۇرۇلۇشى ۋە شىنجاڭغا ياردەم بېرىش قۇرۇلۇشىنى ئىكىسكۇرسىيە ۋە زىيارەت قىلىشنى ئاساسى يۆلۈنىش قىلغان ئاساستا،  ئاپتۇنۇم رايۇنىمىز ئىچىدىكى ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەردىكى ياش يازغۇچىلىرىمىزنى ئۆزئارا ئۇچراشتۇرۇش، پىكىر ئالماشتۇرۇش، ئىجادىيەت ھەققىدىكى تەسىراتلىرىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش قاتارلىقلارنى ئاساسىي مەقسەت قىلغان بولۇپ، پائالىيەت ئاقسۇ، قەشقەر، خوتەن، بايىنغولىن ئوبلاستى قاتارلىق جايلار ۋە شۇ جايلارغا قاراشلىق ئايرىم ناھىيەلەردە يۈرگىزىلدى، تەسىرى زور بولدى.



13. 2011-يىلى 7-ئاينىڭ 31-كۈنى شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمىئىيىتى بىلەن شاڭخەي يازغۇچىلار جەمىئىيىتىنىڭ ھەمكارلىق مۇنەسىۋېتى خىزمەت سۆھبەت يىغىنى «شىنجاڭ ئالى مېھمانسارىيى»دا ئېچىلدى. يىغىنغا شىنجاڭدا ئېكىسكۇرسىيە ۋە زىيارەت پائالىيىتىدە بولىۋاتقان شاڭخەي شەھەرلىك سىياسى كېڭەشنىڭ رەئىسى فېڭ گوچىڭ، ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق سىياسى كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى خۇاڭ چاڭيۈەن ، ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق ئەدەبىيەت سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ پارتىگۇرۇپا شۇجىسى خۇاڭ يوڭجۈن، رەئىس ئازات سۇلتان، شاڭخەي تەرەپتىن شاڭخەي يازغۇچىلار جەمىئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى،«شاڭخەي ئەدەبىياتى»نىڭ باش مۇھەررىرى جاۋ لىخوڭ، شاڭخەي يازغۇچىلار جەمىئىيىتىنىڭ پارتىگۇرۇپىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، باش كاتىپى زاڭ جەنمىڭ ۋە شىنجاڭدا  ئېكىسكۇرسىيە ۋە زىيارەت پائالىيىتىدە بولىۋاتقان شاڭخەي شەھەرلىك سىياسى كېڭەشنىڭ ئەزالىرى،«ئەدەبىيات گېزىتى»،«شاڭخەي يازغۇچىلىرى»،«ھوسۇل»، «شاڭخەي شىئېرىيىتى»، «بىخ»، «شاڭخەي مەدەنىيىتى»،«باجىن ئەدەبىيات تەتقىقات جەمىئىيىتى»، «تاللانمىلار» قاتارلىق داڭلىق گېزىت ـ ژۇرناللارنىڭ مەسئۇللىرىدىن بولۇپ 70تىن ئارتۇق ئادەم قاتناشتى.  يىغىندا ئىككى تەرەپ بۇندىن كېيىنكى ئىجادىيەت، ئالماشتۇرۇش، تەربىيەلەش جەھەتلەردىكى بەزى ھەمكارلىق تۈرلىرى بېكىتىلدى. بۇندىن كېيىنكى قوللاش سالمىقىنى ئاشۇرۇش، ئۇسۇل، چارىلەرنى كۆپەيتىش قاتارلىق مەسىلىلەر ئۈستىدە پىلانلار تۈزۈلدى. شاڭخەي يازغۇچىلار زىيارەت ئۆمىكى ئۈرۈمچى، تۇرپان، ئالتاي، قاراماي، بۆرتالا قاتارلىق جايلاردا ئۈگىنىش ۋە زىيارەتتە بولدى، ئۈرۈمچىدە بىر مەيدان مەخسۇس ئەدەبىيات لېكسىيەسى ئۇيۇشتۇردى.



14. 2011-يىلى 9-ئايدا شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمىئىيىتى لۈشۈن ئەدەبىيات ئىنىستىتۇتى «ئەدەبى تەرجىمە شىنجاڭ ئالى تەتقىقات سىنىپى»غا   نامزات ئوقۇغۇچى تاللاش، ئالدىنقى تەييارلىق خىزمەتلىرىنى ئىشلەشكە مەسئۇل بولدى ۋە شىنجاڭدىن ھەر مىللەتتىن بولۇپ 44 نەپەر ئوقۇغۇچىنى ئۈگىنىشكە ئەۋەتتى.



15. 2011-يىلى 10-ئاينىڭ 12-كۈنى 18-نۆۋەتلىك «خانتەڭرى ئەدەبىيات مۇكاپاتى»نى تارقىتىش يىغىنى، ئۈرۈمچى «كوئېنلۇن مېھمانسارىيى»دا غەلبىلىك ھالدا ئېچىلدى.يىغىننىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا ئاپتونوم رايۇننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى تىلىۋالدى ئابدۇرىشىت، ئاپتونوم رايۇنلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ئادىل خالىق، ئاپتونۇم رايۇنلۇق ئەدەبىيات – سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ پارتىگۇرۇپپا شۇجىسى خۇاڭ يوڭجۈن، رەئىس ئازات سۇلتان قاتارلىق رەھبەرلەر ۋە ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن يازغۇچى،شائىرلار، مۇھەررىر، ئەدەبىي تەرجىمانلار ۋە مۇكاپاتقا ئېرىشكەن ئاپتورلاردىن بولۇپ 100 دىن ئارتۇق كىشى قاتناشتى.



16. 2011-يىلى 10-ئاينىڭ 13-كۈنى  3-نۆۋەتلىك «ئەركىن روزى ئەدەبىي ئاخبارات مۇكاپاتى»نى تارقىتىش يىغىنى، ئۈرۈمچى «كوئېنلۇن مېھمانسارىيىدا غەلبىلىك ھالدا ئېچىلدى.يىغىنغا ئاپتونۇم رايۇنلۇق ئەدەبىيات – سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى، يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئازات سۇلتان، ئاپتونۇم رايۇنلۇق ئەدەبىيات – سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى غەيرەت ئاسىم، ئاپتونۇم رايۇنلۇق ئەدەبىيات – سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ پەخرى رەئىسلىرى غازى ئەھمەد، ھېيتەم ھۆسەيىن ۋە بۇ مۇكاپاتنى مەبلەغ بىلەن تەمىنلىگۈچى، ئۈرۈمچى «مەشئەل» ئادۋۇكاتلىق ئورنىنىڭ باشلىقى، ئەدەبىي ئاخبارات يازغۇچىسى ئەركىن روزى قاتارلىقلار ۋە ئەدىبلىرىمىزدىن بولۇپ 100 دىن ئارتۇق كىشى قاتناشتى.



17. 10-ئاينىڭ 24-كۈنى شىنجاڭنىڭ سوتسىيالىستىك ئەدەبىيات ئىشلىرىنى ئىلگىرى سۈرۈش ۋە گۈللەندۈرۈش،ئاپتۇنۇم رايۇنىمىزنىڭ ئاز سانلىق مىللەت يازغۇچىلىرىنىڭ ئەسلى ئىجادىيەتنى ئاساس قىلغان ئەسەرلىرىگە يار ـ يۆلەك بولۇش ۋە ئىلھام بېرىش،ھەر مىللەت يازغۇچىلىرى، ئەسەرلەر ئوتتۇرسىدىكى تەرجىمە ۋە ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىش،ئىدىيىۋىلىك، بەدىئىيلىك ۋە بەدىئي زوق بىرلىككە كەلگەن نادىر ئەسەرلەرنى كۆپلەپ ۋۇجۇتقا چىقىرىش، ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ مەنىۋىي، مەدەنىيەت ئېھتىياجىنى موللاشتۇرۇش ۋە قامداش ئۈچۈن ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق پارتكوم ۋە خەلق ھۆكۈمىتى يولغا قويغان  «شىنجاڭ ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەدەبىي ئىجادىيىتى ۋە تەرجىمە ئەسەرلەر قۇرۇلۇشى»نىڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتىدە تەسىس قىلغان ئىشخانىسى رەسمى ئىش باشلىدى. نۆۋەتتە بىرىنچى تۇركۈمدە قوبۇل قىلىنغان ئەسەرلەر ئاخىرقى ئوقۇپ – تەكشۈرۈشكە يوللاندى.



18. شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمىئىيىتىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى ۋە شىنجاڭ ياشلار _ ئۆسمۈرلەر نەشرياتىنىڭ يېقىندىن ھەمكارلىشىشى بىلەن چاقىرىلغان "ئالىمجان ئىسمائىل ئەسەرلىرى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى'' 2011-يىلى 11-ئاينىڭ 3-كۈنى چۈشتىن ئاۋال "شىنجاڭ ئاخبارات سارىيى'' يىغىن مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلدى.



19. 11-ئاينىڭ 19-كۈنىدىن26-كۈنىگىچە شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمىئىيىتىدىن 18 نەپەر ۋەكىل جۇڭگو يازغۇچىلار جەمىئىيىتىنىڭ مەملىكەتلىك 8-قۇرۇلتىيىغا قاتناشتى.



20. 11-ئاينىڭ 14-كۈنى كۆكتوقاي ناھىيەسىدە قازاق يازغۇچى بېردىبەگ ئەسەرلىرى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى.



21. جايلارنىڭ ئەدەبىي ئىجادىيەت ئىشلىرىنى ئىلگىرى سۈرۈش،ئاپتۇنۇم رايونلۇق ئەدەبىيات ـ سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ «خوشاللىق يەتكۈزۈش، ئاساسى قاتلاملارغا بېرىش»پائالىيىتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇش روھىغا ئاساسەن يازغۇچىلار جەمئىيىتى 2011-يىلى 12-ئاينىڭ 16-كۈنى قەشقەردە،19-كۈنى ئاقسۇدا، 21-كۈنلىرى كۇچاردا ئۇيغۇر ۋە خەنزۇ تىللىرى بويىچە «شىنجاڭ يازغۇچىلار لېكسىيەخانىسى» پائالىيىتىنى ئېلىپ باردى.جەمىي ئالتە مەيدان لېكسىيە ئۇيۇشتۇرۇلۇپ، قاتناشقان ئادەم 1000 دىن ئاشتى.



22.ئەدەبىي تەرجىمانلار شۆبە جەمىئىيىتى 2011-يىلدا ھەر مىللەت يازغۇچىلىرىنىڭ ئۈچ مىليۇن خەتتىن ئارتۇق تۈرلۈك ژانىرلاردىكى ئەسەرلىرىنى تەرجىمىگە ئۇيۇشتۇردى.بۇ ئەسەرلەرنىڭ كۆپ قىسىمى ئېلان قىلىندى ۋە نەشر پىلانىغا كىرگۈزۈلدى.




Rank: 2

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  4
يازما سانى: 18
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: -3
تۆھپە : 1
توردا: 2
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-4-5
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-10 15:42:43 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家网
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش