كۆرۈش: 325|ئىنكاس: 8

شائىر مۇھەممەتجان راشىدىننىڭ ئۆيىمۇ بىزنىڭ دەرسخانىمىز [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1159
يازما سانى: 45
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 185
تۆھپە : 0
توردا: 22
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-3

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-6-1 11:28:49 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شائىر مۇھەممەتجان راشىدىننىڭ ئۆيىمۇ بىزنىڭ دەرسخانىمىز
ئابدۇرېشىت ئوسمان
( غۇلجا شەھەر 3- ئوتتۇرا مەكتەپ )
ئوقۇغۇچىلارنىڭ قەلبىدە تىل - ئەدەبىيات دەرسىگە بولغان چوڭقۇر قىزىقىش، ھەۋەس ئوتىنى ياندۇرۇپ، تىل - ئەدەبىيات دەرىسىنىڭ ئۆزگىچە سېھىرىي كۈچى ۋە قۇدىرىتىنى نامايەن قىلىش مەقسىتىدە غۇلجا شەھەرلىك 3- ئوتتۇرا مەكتەپ قۇش تىللىق تولۇق ئوتتۇرا 1- يىللىق 13- سىنىپتىكى ئوقۇغۇچىلارنى 2011- يىل 9- ئاينىڭ 12- كۈنى بۈگۈنكى دەۋر ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدىكى تۆھپىكار ئەدىب مۇھەممەتجان راشىدىن ئاكىنىڭ ئۆيىگە ئاپاردىم .
چۈنكى شائىر مۇھەممەتجان راشىدىننىڭ « ياشىسۇن » ناملىق نادىر شېئىرى ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ دەرس ئۆلچىمى تەجرىبە دەرسلىكى تىل – ئەدەبىيات ( زۆرۈر دەرسلىك 1- كىتاب ) نىڭ ئىككىنچى بۆلىكىگە كىرگۈزۈلگەنىدى . مەن بۇ دەرسنى دەرسخانىدا ئۆتمەي شائىر مۇھەممەتجان راشىدىن ئاكىنىڭ ئۆيىدە ئۆتۈشنى مۇۋاپىق كۆردۈم . بۇ نۆۋەتتە يولغا قويۇلىۋاتقان يېڭى دەرس ئىسلاھاتىنىڭ ئىھتىياجى ئىدى . ئېچىۋىتىلگەن تىل - ئەدەبىيات دەرسخانا مۇھىتىنى بەرپا قىلىشنىڭ زۆرۈر تەلىپى ئىدى. يۇرتىمىزدىكى تىل - ئەدەبىيات دەرس بايلىقىنى ئېچىش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلنىشنىڭ ئەۋزەللىكىنى نامايەن قىلىش ئىدى.
مەن بىر كۈن بۇرۇن شائىر مۇھەممەتجان راشىدىن ئاكىغا تېلېفون قىلىپ، مەقسەت - مۇددىئايىمنى ئېيتىم. شائىر مۇھەممەتجان راشىدىن ئاكا خۇشاللىق بىلەن تەكلىپىمنى ماقۇل كۆردى. دەم ئېلىش كۈنىگە توغرلاپ بىر سىنىپ ئوقۇغۇچىلارنى تەشكىللەپ غۇلجا ناھىيىسى جېلىليۈزى بازىرى دۆڭمەھەللىدە ئولتۇرۇشلۇق شائىرنىڭ ئۆيىگە باردۇق. بىز شائىر مۇھەممەتجان راشىدىن بىلەن بىللە « ياشىسۇن » ناملىق بۇ شېئىرنى ھەممىمىزنىڭ ئىسىمىزدىن كۆتۈرۈلمىگۈدەك دەرىجىدە ئۆتۈپ، شائىرنىڭ ئۆيىنى ئەركىن – ئازادە ، بەس – مۇنازىرىگە تولغان، قىزىقىش- ھەۋەسنىڭ ئۇچقۇنلىرى چاچىرىغان ، ھاياجان، ئېپتىخارلىققا چۆمگەن قاينام - تاشقىنلىق دەرسخانىمىزغا ئايلاندۇرۋالدۇق.
تۆۋەندە مەن « ياشىسۇن » ناملىق دەرسنىڭ ئوقۇتۇش جەريانىنىڭ خاتىرىسنى قىستۇرۇپ ئۆتىمەن.
ئوقۇتقۇچى : ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، مۇھەممەتجان راشىدىن ئاكا، مەن ئالدى بىلەن سىزنىڭ « ياشىسۇن » ناملىق شېئىرىڭىزنىڭ ئوتتۇرا مەكتەپ تىل – ئەدەبىيات دەرسلىكىگە كىرگۈزۈلگەنلىكىنى تىل - ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىلىرى ۋە ئوقۇغۇچىلار نامىدىن قىزغىن تەبرىكلەيمەن .
مۇھەممەتجان راشىدىن : رەھمەت، بۇ ئۇچۇرىڭىز ماڭا خۇشخەۋەر بولدى. مىنىڭ« ياشىسۇن» ناملىق شېئىرىمنىڭ ئوتتۇرا مەكتەپ تىل - ئەدەبىيات دەرسلىكىگە كىرگۈزۈلگەنلىكىدىن خەۋىرىم يوق ئىكەن.
ئوقۇغۇچى: مۇھەممەتجان راشىدىن بۇۋا، بىز ئوقۇغۇچىلار « ياشىسۇن » ناملىق بۇ شېئىرىڭىزنى ئۆز ئاغزىڭىزدىن ئاڭلاشنى تولىمۇ ئارزۇ قىلىمىز.
مۇھەممەتجان راشىدىن : بولىدۇ، بۇ شېئىرىمنى سىلەرگە دېكلاماتسىيە قىلىپ بېرەي، ( دېكلاماتسىيە قىسقارتىلدى )
ئوقۇغۇچى: مۇھەممەتجان راشىدىن بۇۋا، سىز « ياشىسۇن » ناملىق بۇ شېئىرىنى قاچان، قانداق مەقسەت - مۇدېئا بىلەن يازغان ؟
مۇھەممەتجان راشىدىن : ھەر قانداق ئەسەرنىڭ يېزىلىش تارىخي ئارقا كۆرۈنۈشى بولىدۇ. ياخشى يېزىلغان بىر پارچە شېئىر ئىدىيىۋىلىك ۋە بەدئىيلىك جەھەتتە ئۈستۈن بولۇشى كېرەك، ، دەپ قارايمەن. « ياشىسۇن » ناملىق بۇ شېئىرنىڭ ئۆز ئىدىيىسى بار. مەدەنىيەت زور ئىنقىلابىدا شەخسكە خۇراپىيلارچە ، قارىغۇلارچە چوقۇنۇش ناھايتى ئەۋج ئالغانىدى. شۇ چاغدىكى سىياسەت، تەشۋىقاتنىڭ كۈچى بىلەن مەتبۈئاتلارنى شۇئارسىمان شېئىرلار قاپلاپ كەتكەنىدى. « تۆتنى ئۇلۇغلاش» يەنى ئۇلۇغ داھىي، ئۇلۇغ رولچى، ئۇلۇغ قۇماندان ، ئۇلۇغ ئۇستاز تېمىسىدىكى ئەسەرلەرنى يېزىش ناھايتى ئەۋج ئالغانىدى. بۇ تېمىلاردىكى ئەسەرلەر ئەلۋەتتە كىشلەر قەلبىگە ياقمايدۇ. لېكىن شۇ چاغلاردا بۇنىڭغا قارىشى ئىنكاس قايتۇرۇش مۇمكىن ئەمەس يىللار ئىدى. بۇ دەۋردە بۇنداق تېمىدىكى شېئىرلار خەلققە زورلاپ تېڭىلغانىدى، كېيىن دەۋر ئۆزگەردى. ئىسلاھاتنىڭ باشلىنىشى بىلەن بۇنداق قۇرۇق مەدھىيە، شۇئارسىمان شېئىرلار يوقالدى.
مەن يازماقچى بولغان « ياشىسۇن » ناملىق شېئىرىمدا يېزىشقا تېگىشلىك ئادەملەر قانداق ئادەملەر بولۇشى كېرەك، دېگەن سوئال مېنى چوڭقۇر ئويلاندۇردى. مېنىڭچە « ياشىسۇن » دەپ يېزىشقا تېگىشلىك ئادەملەر ئۆزىدە ئادىمىي ئەخلاق – پەزىلەتلەرنىڭ ھەممىسى بولغان، جۈملىدىن ئۆز خەلقى، مىللىتى، ۋەتىنىگە بولغان سەمىمى – ساداقىتى كۈچلۈك، ھەر قايسى كەسىپ – ساھەلەردە تۆھپە ياراتقان، خەلقنىڭ ئالقىش، ھۆرمىتىگە ، ئىززىتىگە ئېرىشكەن كىشلەر بولۇشى كېرەك، مانا مۇشۇنداق كىشلەرنى «ياشىسۇن » دەپ مەدىھىيلەش كېرەك، دېگەن مەقسەتتە بۇ شېئىرىنى يېزىپ چىققان. مەن بۇ شېئىرىنى قانداقتۇر بىر كېچىدىلا يازغان ئەمەسمەن، مەن بۇ شېئىرىنى خېلى ئۇزاق كۈنلەر  ئويلىنىشتىن، خېلى كۆپ جاپادا يازغان. بىر نادىر شېئىرىغا نىسبەتەن شائىرنىڭ ئويلايدىغىنى بەدىئىي كامالەت ۋە بەلگىلىك ئىدىيىدىن ئىبارەت. شېئىرنىڭ تىلىغا كۆپ ئىشلەش كېرەك، ھېكىمەتلىك سۆزلەر، ماقال- تەمسىللەردىن پايدىلىنىش كېرەك. ئىستىلىستىكىلىق ۋاستىلەردىن كەڭرى پايدىلىنىش كېرەك. مەن ئادەتتە بۇلارنىڭ ھەممىسىگە مۇراجئەت قىلىپ شېئىر يازىمەن. تۆۋەندە « ياشىسۇن » ناملىق شېئىرىمدىكى مۇنۇ مىسرالارنىڭ  قانداق پەيدا بولغانلىقىنى سۆزلەپ بېرەي :
« سۇغارغاندەك سايە بەرگەن چىنارنى ،
ئاتا ئاجرىنى تۆلىگەنلەر ياشىسۇن .»
ئاپتونۇم  رايونلۇق يازغۇچىلار جەمئىيتى 1985- يىلى خوتەندە يېزا ئىگىلىك تېمىسىدىكى ئەسەرلەر مۇھاكىمە يىغىنى ئاچقاندا مەنمۇ تەكلىپ بىلەن قاتناشقانىدىم . بىز يىغىننى تۈگىتىپ خوتەننىڭ بىر قىسىم ناھىيە- يېزىلىرىنى زىيارەت قىلدۇق، قاراقاش ناھىيىسىگە بارغاندا بىر تۈپ ھەيۋەت چىنارنى كۆرۈپ ھەممەيلەن ھەيران قالدۇق. بۇ چىنارنىڭ شاخلىرى ئۈچ تارتىپ بىر مۇدەك يەرنى ئىگەللەپتۇ، نۇرغۇن كىشلەر بۇ چىنار تۈۋىدە سايدايدىكەن ، « ياشىسۇن » ناملىق شېئىرىمنى يېزىۋاتقاندا مانا مۇشۇ كۆرگەن – بېلگەنلىرىم ئاساسىدا يۇقارقى مىسرالارنى يازغان.
« ئېتى ھارسا ئانا چۈشكەن ھارۋىنىڭ،
ئۆزى ئات بوپ سۆرىگەنلەر ياشىسۇن ! »
دېگەن مىسرالارغا كەلسەم، 1966- يىللىرى ئاپام ئاغرىپ ئورۇن تۇتۇپ يېتىپ قالدى، ئاپام بەزىدە ئانا يۇرتىمىز ئونياريۈزىدىكى ئۆيدە ، بەزىدە غۇلجا شەھىرىدىكى ئۆيدە تۇراتتى. شۇ قېتىم ئاپام ئاغرىغاندا ئونياريۈزىدىكى ئۆيدە ئىدى، ئاپام بىزگە « شەھەردىكى ئۆيگە ئەكىرىپ قويۇڭلار » دەپ تۇرىۋالدى. بىز بىر ئىشەك ھارۋىسى تېپىپ كېلىپ، ئاپا ھارۋىغا چىقىڭ، شەھەرگە ئەكىرىپ قويايلى دېسەك، ئاپام ئۇنىمىدى. سەۋەبى ئىشەك سوكۇلداپ ماڭسا، ھارۋا جالداقشىپ، ئاپامنىڭ مەيدىسى غىلغىيدىكەن، بىئارام بولىدىكەن، بىز تۆت قېرىنداش قانداق قىلىمىز دېيىشىپ، ئاخىرى ئاپىمىزنى شەھەرگە ھارۋىدا سۆرەپ ئەكىرىشنى مەسلىھەتلەشتۇق. ئونياريۈزىدىن شەھەرگىچە بولغان 38 كېلومېتىر يولنى ئاپىمىز چۈشكەن ھارۋىنى تۆت قېرىنداش نۆۋەت بىلەن سۆرەپ ئەكىرىدۇق. مەن « ياشىسۇن » ناملىق شېئىرىمنى يېزىۋاتقاندا مانا مۇشۇ كەچمىشلەر يادىمغا كېلىپ، ئاشۇ مىسرالارنى يازدىم . بۇ قانداقتۇر ئۆزۈمنى ۋە بىزنىڭ ئائىلىدىكى تۆت قېرىنداشنى « ياشىسۇن » دەپ ماختىغانلىقىم ئەمەس، ئاتا - ئانىلىرىغا ، ئۇرۇق- تۇغقان، قېرىنداشلىرىغا راپاۋات كۆرسەتكەنلەرنىڭ ھەممىسى ياشىسۇن دېگەنلىكىمدۇر. چۈنكى بۇ ئاتا - ئانىنى ئەزىز كۆرگەنلىك ، قەدىرلىگەنلىكتۇر.
« چاۋاك چالماڭ، بىزدەك شائىر تۈمەن مىڭ،
ئادالەتنى كۈيلىگەنلەر ياشىسۇن !»
دېگەن مىسرالارغا كەلسەك، شائىرغا قويۇلغان تەلەپ ئۇ ئالدى بىلەن ھەققانىيەت تۇيغۇسى مول كىشى بولۇشى كېرەك. ھەقىقەت ئۈچۈن ياشايدىغان، ۋىجدان، غورۇرنى ھەممىسىنىڭ ئالدىغا قويۇدىغان كىشى بولۇشى كېرەك. يەنە جەمئىيەتتە ئۆزى شائىر بولمىسىمۇ ۋىجدان، غورۇر بىلەن ياشايدىغان، ھەقىقەت ئۈچۈن تىك تۇرىدىغان، خەلقنىڭ مەنپەئەتىنى ھەممىدىن ئۈستۈن بىلىدىغان نۇرغۇن ئېسىل، ئالىيجاناپ كىشلىرىمىز بار. ۋىجدانى بار دەپ يالغۇز شائىرلارغىلا چاۋاك چالماڭ، جەمئىيەتتە ئادالەتنى كۈيلىگەنلەر ، ھەتتا جېنىدىن كەچكەنلەر ، قۇربان بولغانلار ، بىر ئۆمۈر ھەق – ئادالەتنى ياقىلاپ خىزمەت قىلغان كىشلەر بار، مانا مۇشۇنداق كىشلەر ياشىسۇن ، دېمەكچى.
« ئۇنتۇلمىسۇن ئارمان بىلەن كەتكەنلەر،
ئۈمىدلىرى ئۆلمىگەنلەر ياشىسۇن ! »
دېگەن مىسرالارغا كەلسەك، بۇ مىسرالاردىكى ئىدىيىۋى مەزمۇن بىر تارىخىي مۇقەررەرلىك، بىزنىڭ بۈگۈنكى بۇ بەختىيار كۈنلىرىمىز ئۆتمۈشتىكى نۇرغۇن پېداكار قەھىرىمانلارنىڭ قۇربان بېرىش بەدىلىگە كەلگەن. ھازىر جاي – جايلاردا ھەققانىيەت ئۈچۈن قەھرىمانلىق بىلەن قۇربان بولغانلارنىڭ خاتىرە تاشلىرى بار، مەقبەرە، ھەيكەل، خاتىرە سارايلىرى بار، مانا مۇشۇنداق ئەل تەرىپىدىن قەدىرلەنگەنلەر، كىشلەر قەلبىدە ياشاپ كېلىۋاتقانلارنى ياشىسۇن دېمەكچى .
ئوقۇتقۇچى : شائىر مۇھەممەتجان راشىدىننىڭ « ياشىسۇن » ناملىق بۇ شېئىرى بىر پارچە قەسىدە بولۇپ، شائىر بۇۋاڭلار ئۆزىنىڭ قىممەت ئۆلچىمى بويىچە كىشلىك ھايات سەھنىسىدىكى بىر قاتار پەزىلەت ئىگىلىرىگە مەدھىيە ئوقۇغان. شائىر بۇۋاڭلار مەدھىيە ئوقۇغان كىشلەرنىڭ بىر ئورتاقلىقى شۇكى، ئۇلارنىڭ ھەممىسى باشقىلار ئۈچۈن ياشاش روھىغا ئىگە كىشلەردۇر. باشقىلار ئۈچۈن ياشاش ئالىيجاناپ كىشلەرگە خاس ئېسىل ئەخلاق – پەزىلەتتۇر. بۇنداق روھتىكى كىشلەر ئىنسانىيەت جەمئىيتىنى ئىللىقلىققا تولدۇرىدۇ، گۈزەللىككە چۆمدۇرىدۇ. باشقىلارغا ئۈمىد- ئىشەنچ ئاتا قىلىدۇ.
ساۋاقداشلار، « ياشىسۇن » ناملىق بۇ شېئىر سىلەرنى قانداق ياشاش، كىم ئۈچۈن ياشاش مەسىلىسىدە ئويلىنىپ بېقىشقا دەۋەت قىلىدۇ. بۇ خىل دەۋەتنىڭ كۈچى ئاخىرقى ھىساپتا سىلەرنىڭ جەمىئيەتتىكى ،خەلىققە، مىللەتكە مەسئول بولۇش روھى بىلەن ياشاش ئادىتىڭىزنى شەكىللەندۇرۈشكە تۈرتكە بولغۇسى !
ساۋاقداشلار، مۇھەممەتجان راشىدىن بۇۋاڭلارنىڭ نۇرغۇن نادىر شېئىرلىرىغا مۇزىكا ئىشلىنىپ ، ناخشا قىلىپ ئېيتىلغان. مانا بۇ « ياشىسۇن » ناملىق شېئىرىمۇ ناخشا قىلىپ ئېيتىلغان. قېنى ئەمىسە ، ھەممىمىز بىرلىكتە بۇ « ياشىسۇن » ناملىق ناخشىنى ئېيتايلى ! ( ناخشا تېكىستى قىسقارتىلدى )
« ياشىسۇن » ناملىق دەرس ئاياقلاشقاندىن كېيىن ئوقۇغۇچىلار شائىر بىلەن كۆرۈشكەن بۇ پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، بەس - بەستە سوئال سوراشتى. شائىرمۇ ئوقۇغۇچىلارنىڭ سورىغان سوئاللىرىغا ئەستايىدىل ، ئەتراپلىق ،  قايىل قىلارلىق جاۋاب بەردى. ئەدەبىي ئىجادىيەتكە قىزىقىدىغان ئوقۇغۇچىلارغا ئىلھام، رىغبەت بەردى، ئوقۇغۇچىلارنىڭ خاتىرە دەپتەرلىرىگە ئىمزا قويۇپ بەردى . شائىر ئوقۇغۇچىلارنىڭ كۈچلۈك  تەلىپى بىلەن « ۋىجدان ۋەجىدىن » دېگەن شېئىرىنى دېكلاماتسىيە قىلىپ بەردى. بىز ئاخىرىدا شائىر بىلەن بىللە خاتىرە سۈرەتكە چۈشۈپ، ئۆز ئارا بىر – بىرىمىزگە سالامەتلىك تىلەپ، ئاپتوبوسقا ئولتۇرۇپ غۇلجا شەھرىگە قاراپ يۈرۈپ كەتتۇق. مەن ئاپتوبۇستا كېتىۋېتىپ كومپىيۇتېر مەشغۇلاتىغا ماھىر ئوقۇغۇچىلارنى بىر گۇرۇپپا قىلىپ تەشكىللەپ، بۇ پائالىيەتنىڭ سىن خاتىرىسى ۋە فوتۇ خاتىرىسىنى كىرىشتۈرۈپ، فىلىم ئىشلەشنى تاپشۇردۇم. قالغان ئوقۇغۇچىلارغا بىر پارچە تەسىرات ماقالىسى يېزىپ كېلىشنى تاپشۇردۇم. كېيىنكى سائەتتە ئوقۇغۇچىلار ئۆزى قول سېلىپ ئىشلىگەن بۇ فىلىمىنى سىنىپتا ھاياجان ئىلكىدە كۆردۇق. ئوقۇغۇچىلارنىڭ يازغان تەسىرات ماقالىلىرىنى سىنىپتا ئاڭلاپ ئۆز ئارا پىكىر ئالماشتۇردۇق.
مەن تۆۋەندە ئوقۇغۇچىلار يازغان تەسىرات ماقالىلىرىدىن ئۈزۈندىلەرنى دېققىتىڭلارغا سۈنىمەن :
دىلنار ئابلەت : ئىنسان ھاياتىدا كۈنلەرنى مەنىلىك ، ئەھمىيەتلىك ئۆتكۈزۈشنى تولىمۇ ئارزۇ قىلىدۇ. مېنىڭمۇ كۈنلەرنى مەنىلىك ئۆتكۈزسەم دەيدىغان ئارمىنىم بار ئىدى. 2011- يىلى 9- ئاينىڭ 12- كۈنىنى ھاياتىمدىكى ئەڭ ئەھمىيەتلىك كۈن دەپ ئويلايمەن. چۈنكى بۇ كۈنى تىل - ئەدەبىيات مۇئەللىمىمىزنىڭ يىتەكچىلىكىدە ئىلگىرى گېزىت - ژۇرناللاردا ،  كىتابلاردا ۋە تېلېۋىزورلاردا شېئىرلىرىنى ئوقۇپ، ئاڭلاپ يۈرگەن ھۆرمەتكە سازاۋەر شائىر مۇھەممەتجان راشىدىن بۇۋىمىزنى ئۆز كۆزىمىز بىلەن كۆردۇق، دەرقەمدە تۇرۇپ سۆھبەتلەشتۇق.
ئىمران بۇرھان : تىل - ئەدەبىيات مۇئەللىمىمىز بىزنى غۇلجا ناھىيە جېلىليۈزى بازىرى دۆڭمەھەللىدىكى بىر ئۆينىڭ ئالدىغا ئەكىلىپ، « مانا مۇشۇ ئۆي شائىر مۇھەممەتجان راشىدىن بۇۋاڭلارنىڭ ئۆيى ! » دېگەندە كۆز ئالدىمدىكى مەنزىرىگە ئىشەنمەي قالدىم. مانا بۇ ئۆيدە ئەلنى سۆيگەن، ئەلمۇ سۆيگەن شائىر بۇۋىمىز مۇھەممەتجان راشىدىن بار .
گۈلزار روزى : ھويلىدا ئاددىيغىنە بىر ئۈستەل – ئورۇندۇق تۇرۇپتۇ، ئۈستەلدە بىر نەچچە دانە كىتاب ۋە يېزىقچىلىق ئارگىناللىرى تۇرۇپتۇ. قارىماققا شائىر مۇھەممەتجان راشىدىن بۇۋىمىز بۈگۈنمۇ ئەدەبىي ئىجادىيەت بىلەن ئالدىراشتەك تۇرىدۇ، مەن ئىختىيارسىز ئاشۇ نادىر شېئىرلارنىڭ مانا مۇشۇ ئاددىي ئۈستەلدە پۈتۈپ چىققانلىقىنى ھېس قىلدىم، ئىنسان ئۈچۈن روھىي بايلىقنىڭ نەقەدەر زۆرۈرلىكىنى چۈشەندىم .
ئىلفىرە نۇرمۇھەممەت : بىزنىڭ تىل - ئەدەبىيات دەرسلىك كىتابىمىزغا كىرگۈزۈلگەن « ياشنىسۇن » ناملىق بۇ شېئىر شائىر مۇھەممەتجان راشىدىن بۇۋىمىزنىڭ ھايات مۇساپىسىنىڭ جۇغلانمىسى ئىكەنلىكىنى  چوڭقۇر ھېس قىلدىم. بۈگۈن بۇ شېئىرىنى شائىرنىڭ ئۆز ئاغزىدىن ئاڭلىغىنىمدا قەلبىم ئېيتىپ تۈگەتكۈسىز ھاياجانغا چۆمدى .
نەۋبەر ئابدۇخېلىل : شائىر مۇھەممەتجان راشىدىن بۇۋامنىڭ ھەر بىر ئېغىز سۆزى ماڭا ناھايتى قاتتىق تەسىر قىلدى. بولۇپمۇ ئۇنىڭ « ئادەم چوقۇم كەمتەر، كېچىك پېئىل، ئېسىل مىجەز - خارەكتېرلىك بولۇشى كېرەك. شۇنداق بولغاندىلا باشقىلارنىڭ ھۆرمىتىگە ۋە ئىززىتىگە ئېرىشكىلى بولىدۇ » دېگەن سۆزلىرى ماڭا جانلىق دەرس بولدى. شائىر ئۆزىدىن تەلىم ئالغان شاگىرىتلىرى ھەققىدە سۆزلەپ كېلىۋېتىپ « شائىر بولۇش، شېئىر يېزىش، بىر ، ئىككى كۈنلۈك ئىش ئەمەس، چىش چۈشمەي، چاچ ئاقارماي تۇرۇپ شائىر بولغىلى بولمايدۇ، چوقۇم بەل قويماي تىرىشىش كېرەك » دەپ ئېيتقانلىرى مېنى تەسىرلەندۇردى.
زۇلپىقار مىرزەكىم : بۈگۈنكى سۆھبەتتىن ھەقىقىي ئادەم بولۇشنىڭ يولىنى، قانداق كىشلەرنى مەدھىيلەش كېرەكلىكىنى ، ھەقىقى شېئىرىنىڭ نېمىلىكىنى چوڭقۇر ھېس قىلدىم .
نادىرە نۇرمۇھەممەت : بۈگۈن شائىرنىڭ ئۆز ئاغزىدىن ئاڭلىغان « ياشىسۇن » « ۋىجدان ۋەجىدىن » دېگەن شېئىرلار مەن ئۈچۈن ئۇنتۇلماس ئادىميلىك تەربىيىسى بولۇپ قالدى. بۈگۈنكى سۆھبەت بىزنىڭ تۇرمۇشىمىزغا ئۆگىنىشىمىزگە زور تۈرتكە بولىدۇ.
پەزىليەم ئابدۇقېيۇم : بۈگۈنكى سۆھبەتتىن شائىر بۇۋىمىزنىڭ يۇمۇرىستىك، تىلى ئۆتكۈر، سۆزگە باي، تۈز، ئاددي- ساددا،  كەمتەر خاراكتېرىدىكى كىشى ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدىم. مەن قايتىش ئالدىدا پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ شائىرغا ئىمزا قويغۇزۋالدىم، مەن مۇشۇ چاققىچە ئۇنداق پۇرسەتلەرگە نائىل بولغان ئەمەس، ئۆيگە قايتىپ كىلىپلا خۇشاللىقىمدا شائىرنىڭ ئىمزاسىنى ئاتا - ئانامغا كۆرسىتىپ پەخىرلىنىپ كەتتىم .
مەدىنە تۇرسۇن : مەنمۇ ساۋاقداشلىرىم قاتارىدا شائىر بۇۋامنىڭ ئىمزاسىنى قويدۇرۋالدىم، شۇ ئىمزا قويۇلغان ۋاراقنى تىل - ئەدەبىيات خاتىرەمنىڭ بىرىنچى بېتىگە چاپلىۋالدىم، ھەر قېتىم تىل - ئەدەبىيات دەرىسىدە شۇ ئىمزانى كۆرسەم، تىل - ئەدەبىيات دەرسى ۋە ئانا تىلغا بولغان قىزىقىش - ئىشتىياقىم ھەسسىلەپ ئاشىدۇ .

mukam.cn

Rank: 2

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  914
يازما سانى: 18
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 35
تۆھپە : 0
توردا: 2
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-1-27
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-1 21:45:52 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇھەمەتجان راشىدىننىڭ شېرلىرىنى بەك ياقتۇرىمەنمەن.ئاللاھ شائىرىمىزنىڭ ئۆمرىنى ئۇزۇن قىلغاي

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  244
يازما سانى: 312
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 1294
تۆھپە : 0
توردا: 268
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-7
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-1 22:08:52 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ پائالىيەتنىڭ ئەھمىيىتى ھەقىقەتەن ياخشى بۇلۇپتۇ،مۇمكىن بولسا پائالىيەت جەريانىنىڭ سىن ۋە فۇتۇ سۆرىتىنى كۆرسەك بۇلاتتى.

ئادەم ئۈچۈن ئەڭ چوڭ خۇشاللىق،ئەڭ زور بەخت ئۆزىنىڭ مەنىۋى كۈچىنى باشقىلارغا تەغدىم قىلىشتۇر.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  265
يازما سانى: 72
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 207
تۆھپە : 7
توردا: 51
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-8-29

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-6-1 22:35:34 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش: يوللىغۇچى چەكلەنگەن. مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  15
يازما سانى: 142
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 793
تۆھپە : 46
توردا: 483
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-5
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-1 22:52:22 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەك ياخشى دەرس بوپتۇ. مۇشۇنداق دەرسلەرنى ئۈنۈملۈك ئۆتۈش ئۇسۇللىرى توغرىسىدا ئىزدەنسە ئوقۇغۇچىلار ئەمەلىي نەپ ئالىدىكەن. بۇ دەرسىڭىز ماڭا بەك ئىلھام بولدى.

بىكارچىلىقتا بەكرەك زىرىكىپ كىتىدىغىنىمنى بايقىدىم.

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  718
يازما سانى: 118
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 693
تۆھپە : 2
توردا: 176
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-8-27

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-6-2 00:07:39 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەمەلىي ،بىر مەيدان جانلىق دەرس بوپتۇ.بۇ دەرسكە قاتناشقان ئوقۇغۇچىلار بۇ دەرسنى بىر ئۆمۈر ئۇنۇتمايدۇ،بەزىىلرىنىڭ قەلبىدە شائىرلىق بىخى يىلتىزلايدۇ.ئوقۇتقۇچىنىڭ ئىزدىنىش روھىغا بارىكاللا.
مۇھەممەتجان راشىدىن تاغىمىزنىڭ تېنى ساغلام ،ئۆمرى ئۇزۇن بولغاي!
قەدىرلەشكە ،ھۆرمەتلەشكە ئەرزىيدىغان شائىرىمىزدىن تولىمۇ پەخىرلىنىمىز.

سۇغا سالسام ،سۇ كۆتۈرمەس ،مىسقال تۆمۈرنى؛ئالتۇن بىلەن ئېلىپ بولماس ،قالغان كۆڭۈلنى.

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  832
يازما سانى: 32
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 152
تۆھپە : 0
توردا: 14
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-7

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-6-2 10:17:53 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئوقۇتقۇچى مۇنبەر ئارقىلىق قەددىنى تىكلەيدۇ.  ئوقۇتقۇچىلار ئۇنداق باھالاش، بۇ خىزمەت بىلەن بېسىم كۆپ، دەرسنى مۇنداقلا ئۆتۈپ قويمىساق بولمايدۇ دەپ قارايدۇ. لېكىن، نېمە ئىش بولۇپ كەتسۇن دەرسنى ئوقۇتقۇچىلىق ۋىجدان، مىللىي روھ بىلەن راۋۇرۇس ئۆتۈش كېرەك. دەرسىڭىزنى ئاڭلىغاندەك بولدۇم، دەرسنى مۇشۇنداق ئۆتسە بولىدۇ. تىرىشىڭ.

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  371
يازما سانى: 72
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 355
تۆھپە : 0
توردا: 101
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-2

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-6-2 22:18:58 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
     سالام ئابدۇرېشىت ئوسمان مۇئەللىم !

       بۇ دەرسىڭىز ماڭىمۇ بەك ياقتى . ئوقۇغۇچىلىرىڭىزغىلا ئەمەس بىزگىمۇ بىر قېتىملىق ئۇنتۇلغۇسىز دەرسلىك بوپتۇ . مەن مۇھەممەتجان ئاكىنىڭ شېئىرلىرىنى بەك ياقتۇرغىنىمدىن بولسا كېرەك ، خېلى بۇرۇندىنلا ئۇنىڭ شېئىرلىرىنى گېزىت - زورناللاردىن قىيىۋېلىپ يىغىپ ساقلايتتىم . كېيىنچە توپلاملىرىنى يىغىپ ساقلىدىم . مېنىڭمۇ ئىلى دىيارىغا بېرىش نېسىپ بولسىلا تۇنجى بولۇپ مۇھەممەتجان ئاكا بىلەن دىدارلىشىپ ئۇنىڭ قىممەتلىك پىكىر -تەكلىپلىرىنى ئاڭلىغۇم ، توغرىسىنى ئېيتقاندا سىز ئورۇنلاشتۇرغاندەك ئۇنىڭ دەرسىنى يۈزتۇرانە ئاڭلاش ئۈمۈدىم بار ئىدى . ئەپسۇس ، 2011-يىلى ئىيۇلدا ئىلىغا بېرىش نىسىپ بولسىمۇ ، مۇھەممەتجان ئاكا بىلەن كۆرۈشۈش نېسىپ بولمىغىنىدىن ھازىرغىچە ئىچىمنى مۈشۈك تاتىلىغاندەك بىئارام بولىمەن .
       سەۋەبى :
     ئائىلەمدىكىلەر  ئەدەبىي ئىجادىيەت ئىشلىرىغا زادىلا قىزىقمايدىغان بولغىنى يەنە كېلىپ غۇلجىدىكى ساۋاقداشلىرىمىزمۇ  ئاساسەن ئەدلىيە سېستىمىلىرىدا خىزمەت قىلىدىغان بولغاچقا شۇلارنىڭ تاللىشى ، يول باشلىشىغا بېقىنمايمۇ مەندە باشقا ئىلاج بولماي قالدى . بولۇپمۇ ساۋاقداشلىرىمنىڭ بىزنى جىلىلىيۈزىگە ئەچىقىپ ، ئەل نەغمىچىلەرنى تەكلىپ قىلىپ ، ئالمىلىق باغدا «ئىلى خەلق ناخشىلىرى»نى تىڭشىغىنىمىزدا ، بىر قىسىم ناخشىلارنىڭ تېكىستى يەنىلا مۇھەممەتجان ئاكىنىڭ ئىدى  ...شۇ چاغدا ماڭا ئاشۇ ناخشىلارنىڭ ھەر بىر مىسرالىرىمۇ باشقىچە تەسىر قىلغان ئىدى . چۈنكى كۆز ئالدىمدا مۇھەممەتجان ئاكا نەپەسلىنىۋاتقان ئىلىنىڭ گۈزەل باغلىرى ، جۇشقۇن ، شوخ ناخشىلار ، سورۇندىكى قىزىقچى ، چاقچاقچىلار ...يەنە نۇرغۇن -نۇرغۇن نەرسىلەر ماڭا ئۇنتۇلغۇسىز تەسىرلەرنى قالدۇرغان ئىدى ...
دىمەكچىمەنكى : مۇشۇنداق سىنىپتىن ھالقىغان جانلىق دەرس ئۆتۈش ئۇسۇلىنىڭ ئۈنۈمى ھەقىقەتەن يۇقۇرى بولىدۇ . يەنە كېلىپ مۇنەۋۋەر ، ئىستىداتلىق كىشىلىرىمىزنىڭ بالىلار پىسخىكىسىغا كۆرسىتىدىغان تەسىرى تېخىمۇ يۇقۇرى بولىدۇ .

     مېنىڭمۇ ئەدەبىي ئىجادىيەتكە قىزىقىپ قېلىشىمغا تۈپ سەۋەپ بولغان . تولۇقسىزدا ماڭا ئەدەبىيات دەرسى بەرگەن بىر ئوقۇتقۇچۇمنى ھازىرمۇ ئۇنتۇمايمەن . 14 ياشلاردىكى چاغلىرىم بولسا كېرەك ، مەن شۇ چاغدا ئۆگىنىش باشلىقى ئىدىم . ئەدەبىياتتىن بېرىلگەن تاپشۇرۇقلارنى كۆرۈپ بولغان مۇئەللىم مېنى چاقىرىپ ، تاپشۇرۇقلارنى ئوقۇغۇچىلارغا تارقىتىپ بېرىشىمنى ئېيتتى ، مەن تاپشۇرۇقلارنى تارقىتىپ بولۇپ جايىمغا كېلىپ ئولتۇرىشىمغا يېنىمدا ئولتۇرغان پارتىدىشىم تاپشۇرىقىنى ۋاراقلىغاچ غوتۇلداپ مۇئەللىمنى بىرنېمىلەرنى دەپ كەتتى . قارىسام ئۇ قىزنىڭ تاپشۇرۇق دەپتىرى باسمىخانىدىن چىققاندىلا  رەتسىز تۈپلەنگەن بولۇپ ، ئىچىدىكى بەتلىرى ئىگىز -پەس ، جۇلدىقى چىقىپ كەتكەندەك كۆرىنەتتى . شۇڭا مۇئەللىم ئۇنىڭ تاپشۇرىقىنى كۆرمەيلا قىزىل رەڭلىك قەلەم بىلەن :

ئۆزىڭىز خېلى قاملاشقان ،
دەپتىرىڭىز ۋەيرانە .
تاپشۇرۇقنى رەتلىك تۇتۇڭ ،
تەكشۈرگەن ئادەم ئاۋارە . دەپ يېزىپ قويغانكەن . دېمىسىمۇ بۇ ساۋاقدىشىم ئۆزى شۇنداق چىرايلىق ، ياسانچۇقراق قىز ئىدى . ئۇ چاغلاردا تېخى نەزمىي ئەسەرلەردىن ھېچقانداق ساۋات سۆزلەنمىگەن چاغلار بولغاچقا ئاشۇ كىچىككىنە بىر كوپلىت شېئىرغا يۇغۇرۇلغان مەنا، پارتىدىشىمغا بۇ بىر كوپلىت شېىرنىڭ تەسىرى ،غوتۇلداشلىرى ،  ماڭىمۇ قاتتىق تەسىر قىلىپ ، شېئىرىيەت سەيناسىغا باشلاپ كىرگەن ئىدى ... بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ھەبىبە.ت.دىدار تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-6-2 22:24  


Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1159
يازما سانى: 45
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 185
تۆھپە : 0
توردا: 22
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-3

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-6-4 12:39:22 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
rasim2.jpg

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家网
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش