خەنزۇ ئەدەبىياتىدىن ھېس قىلغانلىرىم(1)
ئەھەدجان تۇردى
خەنزۇ ئەدەبىياتىنى سېستىمىلىق ئۆگۈنىشكە باشلىغان ئۈچ ئايدىن بۇيان، قانچە قېتىملاپ ھەيران بولغىنىمنى بىلمەيمەن. ئالىي مەكتەپتىكى ۋاقتىمدىمۇ جۇڭگو ئەدەبىياتىدىن خېلى ساۋادىم بولسىمۇ، ئۇ پەقەت ئاپتۇرلارنىڭ ئىسمى ۋە ئەسەرلىرىنىڭ نامى بىلەنلا چەكلىنىپ قالغان ئىدى. ئۇنىڭ ئۇستىگە ئۇ چاغدىكى ئۈگۈنۈشۈم سېستىمىلىققا ۋە ئىزچىللىققا ئېگە بولالمىغان ئىدى. ئاشۇ ۋاقىتلاردىلا خەنزۇ ئەدەبىياتىغا ئائىت600 پارچىدىن ئارتۇق كىتاب- ماتىريال سېتىۋېلىپ،بىر قىسمىنى كۆرگەن ئىدىم. خىزمەتكە چىققان كۈنۈمدىن باشلاپ، ئۆزۇمگە ئۈچ يىللىق پىلان تۈزۈپ، جۇڭگو ئەدەبىياتىنى سېستىمىلىق ئۆگۈنىشكە باشلىدىم. ھەر بىر يازغۇچىنى ئۆگەنگەندە، ئۇ يازغۇچىنىڭ ئەڭ ۋەكىللىك ئەسىرىنى، چەت ئەل تىللىرىغا تەرجىمە قىلىنغانلىرىنى تەپسىلى كۆرۈپ چىقىش جەريانىدا ھېس قىلغانلىرىم بەكلا كۆپ بولدى.
خەنزۇ ئەدەبىياتى 80- يىللاردىن باشلاپ دۇنياغا يۈزلەنگەن بولۇپ، بۇ نوقۇل چەت ئەل تىللىرىغا كۆپلەپ تەرجىمە قىلىندى، دېگەنلىك ئەمەس. ئۇلار ئۇسلۇب،تىل جەھەتتىن دۇنيا ئەدەبىياتى بىلەن بەيگىگە چۈشەلىگۈدەك سەۋىيەگە ئېگە بولۇپ بولغان.مەسىلەن، بۇ دەۋرگە تەۋە يازغۇچىلاردىن ۋاڭ شىياۋبو ئەپەندى بىلەن مويەن ۋەكىللىك يازغۇچىدۇر. ئۇلارنىڭ «ئالتۇن دەۋر»، «كۈمۈش دەۋر»، «قىزىل قوناق جەمەتى» قاتارلىق ئەسەرلىرى ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىكى بىلەن ئادەمنى قايىل قىلىدۇ. 90-يىللاردا خەنزۇ ئەدەبىياتى تېخىمۇ تەرەققىي قىلدى. «ياشاش ئۈچۈن»، «بەيلۇ تۈزلەڭلىكى»، «تاشلاندۇق پايتەخت»، «قۇياش نۇرىغا چۆمۈلگەن يىللار» قاتارلىق ئەسەرلەر شۇ دەۋردىكى رومانچىلىقنىڭ ئەڭ يۇقىرى سەۋىيەسىنى ياراتقان ئەسەرلەردۇر.90- يىللارنىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن باشلاپ،«تولغان بەدەن»، «ئەڭ ئاخىرقى قىز زىيالى»، «كۆپۈك»، «شىسەنگۈەننىڭ قان سېتىشى» قاتارلىق رومانلار نەشىر قىلىنىپ، خەنزۇ رومانچىلىقى بىر بالداق يۈقىرى كۆتۈرۈلدى.
يېڭى ئەسىر كىرگەندىن بۇيان خەنزۇ ئەدەبىياتىدا رومانچىلىق ۋايىغا يېتىپ، بىر تۈركۈم دۇنياۋى سەۋىيەگە ئېگە رومانلار بارلىققا كەلدى. بۇلاردىن «چاڭ توزان بېسىققاندا»، «پاراغەت قورۇقى»، «قېرىنداشلار»، «نىقابلىقلار شەھرى»، «كېچىدىكى ئىشىك»، «قۇرۇقتاغ»، «زۇمرەت قىز»، «غەربىي تىبەت خاتىرىلىرى»، «قەسىدە»، «چىنچىياڭ ئەلنەغمىسى»، «ھايات- ماماتلىق ھارغىنلىق»، «ئىلاھى ساقلانما»، «نىقابلىق يۈز»،«ئالتە كىشىلىك كەچلىك تاماق»، «كاڭبا»، «قىرغاق»، «شىزاڭ تىرولوگىيسى»، «گېسار شاھ»، «ئېرگۇن دەرياسىنىڭ ئوڭ قىرغىقى»، «كېچىلىك پويىز»، «يېمىرلىش تەزكىرىسى»، «تۆت دەستۇر»، «ئۈچ قېتىلىق تەڭكەش»، «ئېرۇسالىم» قاتارلىق مەن ئوقۇپ كۆرگەن رومانلاردىكى ئالاھىدىلىك شۇكى، ئاپتۇرلار ھەر بىر ئەسەردە يېڭىلىق يارىتىشقا ئىنتىلگەن. مەيلى ئۇسلۇب، مەيلى ۋەقەلىك بولمىسۇن بىر- بىرىگە ھەرگىز ئوخشىتىپ قويمىغان.ھەممىسى ئۆز ئالدىغا بىر ئەدەبىيات دۇنياسى ياراتقان.
2014-يىلى 6-ئايدا تاساددىپىي پۇرسەتتە ۋاڭ مىڭ ئەپەندىنىڭ بىر قېتىملىق لېكسىيەسىنى ئاڭلىدىم. ئۇنىڭ لېكسىيەسىنىڭ تېمىسى «جۇڭگو مەدەنىيتىنىڭ بىر نەچچە ئالاھىدىلىكى »دېگەن تېمىدا بولۇپ، لېكسىيە ئاخىرلاشقاندا، ۋاڭ مىڭ ئەپەندىدىن «بۆرە توتېمى» رومانى ھەققىدىكى سۇئالىمنى سوراپ بولغاندىن كېيىن ، ئۇنىڭدىن يەنە بۈگۈنكى خەنزۇ ئەدەبىياتىدىكى ئەڭ داڭلىق ئەدىبلەر قايسىلار؟ دەپ سورىغان ئىدىم. ۋاڭ مىڭ ئەپەندى مېنىڭ بۇ لېكسىيەگە قاتناشقان بىردىنبىر ئۇيغۇر ئىكەنلىكىمنى بىلگەندىن كېيىن مەن بىلەن ئون نەچچە مىنۇت ئۇيغۇرچە پاراڭلاشقان ئىدى. مەن ۋاڭ مىڭ ئەپەندىنىڭ دېگىنى بويىچە ئۇ تەۋسىيە قىلغان خەنزۇ يازغۇچىلىرىغا شۇ چاغلاردىن باشلاپلا دىققەت قىلىشقا باشلىغان ئىدىم.
(ئاپتور ۋاڭ مىڭ ئەپەندى بىلەن پىكىر ئالماشتۇرماقتا. 2014-يىلى 6-ئاي)
نىڭ كىن، لۈشىن قاتارلىق يازغۇچىلارنى ئاشۇ ۋاقىتتا ۋاڭ مىڭ ئەپەندى تەۋسىيە قىلغان ئىدى. مەن شۇ كەمگىچە بۇلارنىڭ ئەسەرلىرى تۈگۈل ئىسمىنىمۇ ئاڭلاپ باقمىغان ئىدىم.كېيىن ئۇلارنىڭ رومانلىرىنى توردىن سېتىۋېلىپ ئوقۇدۇم. بۇ كارامەت رومانلار مېنى خېلى ئۇزۇنغىچە ھاياجانغا سالغان ئىدى.
مەن تۆۋەندە يېقىندىن بىرى ئەسەرلىرىنى ئوقۇپ ئۆگەنگەن، ئوقۇرمەنلىرىمىزگە ئانچە تونۇش بولمىغان بىر قىسىم خاس ئۇسلۇبى بار يازغۇچىلاردىن نەچچىسىنى قىسقىچە تونۇشتۇرۇپ ئۆتەي.
1.گې فېي-1964- يىلى تۇغۇلغان. جۇڭگو مۇدېرنىزىم ئەدەبىياتىنىڭ بايراقدارى ۋە ئەڭ ۋەكىللىك يازغۇچىسى.ئۇنىڭ ئەسەرلىرى بىر قەدەر مۇرەككەپ بولۇپ، چەت ئەل ئەسەرلىرى بىلەن بەيگىگە چۈشەلىگۈدەك سەۋىيەدە يېزىلغان. 6-نۆۋەتلىك لۈشۈن ئەدەبىياتى مۇكاپاتىغا، دېڭجۈن قوش يىللىق رومان مۇكاپاتىغا، 9- نۆۋەتلىك ماۋدۇن مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. ئەپسۇس بۇ مۇنەۋۋەر يازغۇچىنىڭ بىرمۇ مۇنەۋۋەر ئەسىرى تىلىمىزغا تەرجىمە قىلىنمىغان. ھەتتا ئۇنىڭ ئىسمى تىلغا ئېلىنىدىغان ماقالىلەرمۇ يوق.
2.يەن لىيەنكې- 1958-يىلى خېنەندە تۇغۇلغان.«ھايات لۇشۈن»، «جۇڭگونىڭ كافكاسى»، «جۇڭگونىڭ چىخوفى»، «جۇڭگونىڭ ماركوزى»، «ھايات ھېمىڭۋاي»، «جۇڭگو بىمەنىچىلىك ئەدەبىياتىنىڭ پېشۋاسى دەپ تەرىپلەنگەن بۇ ئۇستاز ئۆز ئەسەرلىرىدە جۇڭگو جەمىيتىدىكى رېئال مەسىلىلەرنى بىمەنىلىك ئىچىگە قويۇپ،ناھايىتى يۇقىرى ماھارەتتە سۈرەتلەپ چىققان. شۇڭا ئۇنىڭ ھەر بىر ئەسىرى نەشىردىن چىققاندىن كېيىن بۇ ئەسەرنىڭ مۇنازىرىسى تاكى يېڭى ئەسىرى نەشىردىن چىققۇچە بېسىقمىغان. ئۇنىڭ ئۆتكۈر مەسىلىلەر تىلغا ئېلىنغان 4 پارچە كىتابى مەركىزى تەشۋىقات بۆلىمىدىن مەخسۇس نومۇرلۇق ھۆججەت چۈشۈرلۈپ چەكلەنگەن. يەن لىيەنكې ئەپەندىنىڭ ئەسەرلىرى چەت ئەللەردىمۇ بەكلا قارشى ئېلىنغان بولۇپ، نۇرغۇن دۆلەتلەردە ئۇنىڭ كىتابلىرى لۇشۈن ئەسەرلىرى بىلەن بىر جازىغا قويۇلغان. چەت ئەللەردە ئۇنىڭ ئەسەرلىرى توغرۇلۇق خاس يېغىنلار ئېچىلغان. خاس كىتابلار نەشىر قىلىنغان.2014- يىلى يەن لىيەنكې ئەپەندى«جۇڭگو جەمئىيتىدىكى مەسىلىلەرنى بىمەنىلىك ئىچىگە يۈغۈرۈپ، يۇقىرى ماھارەتتە يازغانلىقى»ئۈچۈن فىرانىز كافكا خەلىقئارالىق ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن ھەم بۇ تۈردىكى مۇكاپاتقا ئېرىشكەن تۇنجى جۇڭگو يازغۇچىسى بولۇپ قالغان،ئۇ ئاسىيادىنمۇ بۇ شەرەپكە ئېرىشكەن 2- يازغۇچى ھېسابلىنىدۇ. ئۇنىڭ 2003-يىلى نەشىر قىلىنغان «پاراغەت قورۇقى» ناملىق رومانى جۇڭگو رومانچىلىقىدىكى بىر مۆجىزە بولۇپ، «جۇڭگودىكى‹يۈز يىل غېرىبلىق›»، «30 يىللىق جۇڭگو رومانچىلىقىنىڭ چوققىسى»، «مەڭگۈ ئۆلمەس نادىر ئەسەر» دەپ تەرىپلەنگەن.
(ئاپتور يەن لىيەنكې ئەپەندىنىڭ ھوزۇرىدا. 2015-يىلى 7- ئاي، بېيجىڭ)
3.لۈشىن- 1963-يىلى تۇغۇلغان. جۇڭگو ئاۋانگارت يازغۇچىلىرىنىڭ بىرى.ئۇنىڭ ئەسەرلىرىمۇ ئۆزىگە خاس ئاۋازغا ئېگە. ئۇنىڭ «نىقابلانغان يۈز» دېگەن رومانى چوڭ مۇنازىرىلەرگە سەۋەب بولغان.
4. مايۇەن- «جۇڭگونىڭ جامىس جويىسى» دەپ تەرىپلەنگەن بۇ سەردار يازغۇچى ھازىرغىچە «گاندىسنىڭ ئىزىقتۇرىشى»، «چېگىش»، «ھاشارەت» قاتارلىق ئۈچ ئېسىل رومانىنى نەشىر قىلدۇرغان. ئۇنىڭ ئەسەرلىرىنىڭ چېتىلىش دائىرسى بەك كەڭ. ئېنسىكىلوپىدېك تۈس ئالغان. ئۇ يەنە پىروزا تەتقىقاتى بىلەنمۇ شۇغۇللىنىپ، «پىروزىنىڭ شىفېرىنى يېشىش» قاتارلىق ئېسىل نەزەرىۋى كىتابلارنىمۇ يازغان. كەم ئۇچرايدىغان ئۆتكۈر يازغۇچى.
5- جېن دا(تىبەت) بۇ ئەدىبنىڭ قويۇق تىبەت پۇرىقىغا ئېگە «كاڭبا» ناملىق رومانى «چاڭ توزان بېسىققاندا» رومانى بىلەن قوشۇلۇپ، جۇڭگو ئەدەبىياتىدا «تىبەت ئەدەبىيات بورىنى» شەكىللەندۈرگەن.
(بۇ ماقالىدە تونۇشتۇرۇلغان يازغۇچىلارنىڭ خەنزۇچە ئىسمى)
格非,吕新, 阎连科, 真达، 马原
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا parhat kazim تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-8-18 13:23