ئالدى بىلەن ئەخەتجاننىڭ ئىزدىنىش، تىرىششلىرىغا ئىلھام بېرىمەن. خەنزۇ ئەدەبىياتىنىڭ ئەدەبىي تەنقىد ساھەسىمۇ خېلى قالتىس. قىسقىسى ئەدەبىي تەنقىدنىڭ ئەدەبىياتتىكى مۇھىملىقىنى خەنزۇ ئەدەبىياتى خېلى ئوبدان بىلىدۇ. ئالدىنقى ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدا خەنزۇ ئەدەبىياتىدا ليۇشاۋبو ئىسىملىك بىر ئەدەبىي تەنقىدچى بولغان. ئۇنىڭ «شىنجىن ياشلار گېزىتى»گە بېسىلغان «جۇڭگو ئەدەبىياتىدىكى بۆھران» دېگەن ماقالىسى ئازادلىقتىن بېرىقى پۈتكۈل جۇڭگو ئەدەبىياتىنى رەھىمسىز مۇھاكىمە ئاستىغا قويغانلىقى بىلەن پۈتكۈل مەملىكەتنى(ئەدەبىيات ساھەسىنى) زىلزىلىگە سالغان.
يۇقۇرىدا بۇلبۇل ئەكرەم مۇئەللىم توغرا دەيدۇ؛ بىر ئەلنىڭ ئەدەبىياتىنى ئۇنىڭ بىر نەچچە پارچە رومانلىرىنى ئوقۇش بىلەنلا بىلىپ كەتكىلى بولمايدۇ. ئالىي مەكتەپلىرىمىزدىكى خەنزۇ ئەدەبىياتى دەرىسلىكلىرى بولسا، ھەر ھالدا نىسپەتەن كونا. مەسىلەن؛ ئۆتكەن ئەسىرنىڭ ئەڭ ئاخىرىدا خەنزۇ ئەدەبىياتى دەرىسلىكلىرىدىكى ئەڭ داڭلىق ئەسەرلەر «ئەڭ ئاخىرقى بىر ھۇن»، «زىڭگوفەن»، «خارابە شەھەر» رومانلىرى. «كەچكى شەپەق تارقىغاندا»، «تاغ باغرىدىكى گۈلچەمبىرەك» پوۋېستلار. «دەسلەپكى سىنىپ مۇدىرى» ۋە ۋاڭ مىڭنىڭ مىكرو ھېكايىلىرى ئىدى. ھەتتا شۇ چاغدا مويەننىڭ «قىزىل قۇناقلىقتا» ناملىق پوۋېستى نەشر قىلىنغان بولسىمۇ، دەىسلىكلەردە يوق ئىدى، ھەتتا سۆزلەنمەيتتى. شېئىرىيەتتە بولسا، بېيداۋ بەزى-بەزىدە تىلغا ئېلىپ قويۇلاتتى. ئەمما بۇلار يېڭى ئەسىردىكى خەنزۇ ئەدەبىياتىنىڭ جانلىنىشى ھەتتا شىددەت بىلەن ئىلگىرلىشىگە ئاساس بولغان بولسىمۇ، بىزنىڭ دەرىسلىكلىرىمىز تېخىچە لۇشۈننىڭ «بەخت تىلەش»، ساۋيۈينىڭ «گۈلدۈرماما»لىرىنى سۆرەپ يۈرىيدۇ. خەيىر بۇلارمۇ ئۆتۈپ كېتەر.
ئەمدى ئەخەتجانغا مۇنداق بىر تەكلىپ بەرگۈم كېلىدۇ؛ ئەخەتجان خەنزۇ ئەدەبىياتىنى تەتقىق قىلىشنى ئوقۇرمەنلىك نۇقتىسىدىن باشلاپتۇ، بۇ ئەڭ مۇھىم ئىدى. ئەمدى ئۇ ئالدى بىلەن لىللا مەيدان ھازىرلىۋېلىپ يېڭى ئەسىر 15 يىللىق خەنزۇ ئەدەبىياتىنى پىروزا، شېئىرىيەت ۋە ئەدەبىي تەنقىد ساھەسىگە يىغىنچاقلاپ؛ ئەسەر، ئاپتۇر، باھا...سېستېمىسى بويىچە بىر تەرەپتىن مۇشۇنداق قىسقا ماقالە شەكلىدە تەتقىقات ئېلىپ بارسا، ئاخىرىدا بۇ يېڭى ئەسىردىكى خەنزۇ ئەدەبىياتىنى تونۇشىمىزدىكى بىر قوللانما كىتاب بۇپ قالاتتى. بۇنىڭ بۈگۈنكى ئۇيغۇر ئەدەبىياتى ئەمەلىيىتى ۋە نەزىرىيەسى ئۈچۈن قانچىلىك ئەھمىيەتلىك ئىش بولىدىغانلىقىنى كۆپچىلىك ئەستايدىل ئويلاپ باقسا تونۇپ يىتەلەيدۇ، دەپ قارايمەن. چۈنكى بۈگۈنكى دۇنيا ئەدەبىياتىدا خەنزۇ ئەدەبىياتىغا ھەقىقەتەن سەلقارىغىلى بولمايدۇ.
ئەمدى ئۇيغۇر ئەدەبىياتى ھەققىدىمۇ كۆڭلۈمدە بارىنى چولتا بولسىمۇ دەپ باقاي؛ بۈگۈنكى ئۇيغۇر ئەدەبىياتىمۇ ھېچقانداق ئەدەبىياتتىن قېلىشمايدۇ. لېكىن بىزدە ئۆزىمىزنى تۆۋەن كۆرۈش، ئۆزىمىزنى -ئۆزىمىز كۆزگە ئىلماسلىق. تازا بىلىپ كەتمىسىمۇ «قوشنىسىنىڭ قوش كۆرۈنەر» دېگەندەك ھالەت تېخى ئوبدانلا بار. سېلىشتۇرۇپ ئوقۇشقا ھېچكىم قىزىقمايدۇ.(ھەتتا ئوقۇشقا قىزىقمايدۇ). ئۇيغۇر شېئىريىتىنىڭ سەۋيىسىنى مەلۇم دەرىجىدە مۇئەييەنلەشتۈرىدىغان يەرگە كېلىپ قالغان ئىدى. بۇنى سېستېمىلىق تەتقىق قىلىدىغانلار تېخى يوق. پىروزىدا يىلتىز ئىزدەش، تارىخى رومانلارنىڭ تەسىرى ھېلىھەم كۈچلۈك. ساپ ئەدەبىيات بىلەن ئاممىباب ئەدەبىيات پەرقلەندۈرۈلمىدى. مەسىلەن؛ مەن ساپ ئەدەبىيات ئېقىمىغا تەۋە يازغۇچى دەپ ھېسابلاپ كەلگەن تۇرسۇن مەخمۇتنىڭ «تاغامنىڭ شاپتۇللىرى» دىن كېيىنكى ھېكايە، رومانلىرى خەنزۇ ئەدەبىياتىدىكى ئاۋانگارت ئەسەرلەرنىڭ سەۋيىسىدىن قېلىشمايدۇ. ئەدەبىي تەنقىدنىڭ پالەچلىكىنى يالقۇن روزىغا بولغان نارازىلىقلاردىنلا كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. بىراق بۇلار خۇددى رامىزان ئايلىرىدىكى ئىپتار يۇلتۇزىدەك غىلپال كۆرۈنگەن ئۇچقۇن... شۇنداقتىمۇ ئۇيغۇر ئەدەبىياتى گۈللەندى دېگەن قاراشقا مەن تېخى قوشۇلالمايمەن...
|