كۆرۈش: 1091|ئىنكاس: 24

ﻣﯘﮬﻪﻣﻤﻪﺗﺌﯧﻠﻰ ﮬﯧﻠﯩﻢ: مانا بۇ -غوجامۇھەممەد مۇھەممەد

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]


ﻏﻮﺟﯩﻤﯘﮬﻪﻣﻤﻪد ﻣﯘﮬﻪﻣﻤﻪد ﺋﻪﮔﻪﺭ ﻧﺎﺧﺸﯩﭽﻰ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥﺑﻮﻟﺴﺎ ...


ﻣﯘﮬﻪﻣﻤﻪﺗﺌﯧﻠﻰ ﮬﯧﻠﯩﻢ






ﻏﻮﺟﯩﻤﯘﮬﻪﻣﻤﻪﺕ ﻣﯘﮬﻪﻣﻤﻪﺗﻨﯩﯔ ﺷﯧﺌﯩﺮﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ﺗﻮﻟﯩﻤﯘ ﻳﺎﻗﺘﯘﺭﯗﭖ ﺋﻮﻗﯘﻳﻤﻪﻥ. ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺷﯧﺌﯩﺮﻯﺋﻪﻗﯩﻞ ﻛﯚﺯﯨﺪﻩ ﺗﯘﺭﯗﭖ، ﻣﻪﻧﻪ ﺑﻮﺷﻠﯘﻗﻠﯩﺮﯨﻐﺎ، ﺋﯩﺴﺘﯧﺘﯩﻚ ﻗﺎﺗﻼﻣﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﻗﺎﺭﯨﻐﯘﭼﯩﻼﺭﻧﯩﯔﻣﻪﻳﻠﯩﻨﻰ ﺗﺎﺭﺗﯩﺸﻰ ﺑﻪﺭﮬﻪﻕ. ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺷﯧﺌﯩﺮﻟﯩﺮﻯ ﯞﯗﺟﯘﺩﯗﻣﻨﻰ ﻟﻪﺭﺯﯨﮕﻪ ﺳﯧﻠﯩﭗ، ﺋﯧﻐﯩﺮﺋﯚﻛﺴﯜﺷﻠﻪﺭ ﺋﯩﭽﯩﮕﻪ ﻏﻪﺭﻕ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ. ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺷﯧﺌﯩﺮﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﻮﻗﯘﯞﯦﺘﯩﭗ ﮔﺎﮪ ﭼﯩﻠﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﻳﺎﻝﺷﺎﺋﯩﺮﻯ ﻣﯩﺴﺘﯩﺮﺍﻟﻨﯩﯔ ﺷﯧﺌﯩﺮﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﻪﺳﻠﻪﭖ ﻗﺎﻟﺴﺎﻡ، ﮔﺎﮪ ﭘﯘﺷﻜﯩﻦ ﺭﻭﮬﯩﻤﻨﻰ ﻛﯧﺰﯨﺪﯗ. ﻳﻪﻧﻪﺋﺎﻟﻠﻠﯩﻘﺎﻧﺪﺍﻗﺘﯘﺭ ﺩﯗﻧﻴﺎﯞﻯ ﺷﺎﺋﯩﺮﻻﺭﻧﯩﯔ ﻧﻪﻣﯘﻧﯩﻠﯩﻚ ﺷﯧﺌﯩﺮﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻗﯘﺩﺭﯨﺘﻰ ﺑﺎﺭﺍ - ﺑﺎﺭﺍﺋﺎﺟﯩﺰﻻﭖ ﮔﯘﯕﮕﯩﻠﯩﺸﯩﺪﯗ...

ﻣﯧﻨﯩﯖﭽﻪ، ﺋﯚﺯ ﺋﯩﭽﯩﺪﯨﻦ ﭼﯩﻘﻘﺎﻥ ﮬﻪﻡ ﭼﯩﻘﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﺷﺎﺋﯩﺮﻻﺭﻧﻰ ﮬﻪﻣﯩﺸﻪ ﮬﻪﯞﻩﺳﻜﺎﺭ ﺋﻮﺭﻧﯩﻐﺎﺗﯘﺭﻏﯘﺯﯗﭖ ﻣﯘﺋﺎﻣﯩﻠﻪ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺋﻪﻗﯩﻠﺪﺍﺭ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﻗﺎﺭﯨﺸﻰ ﺋﻪﻣﻪﺱ. ﺷﯘ ﻧﻪﺭﺳﻪ ﺳﻪﻣﯩﻤﯩﺰﺩﻩﺑﻮﻟﺴﯘﻧﻜﻰ، ﺋﯚﻟﮕﻪﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﻣﻪﺩﮬﯩﻴﻪ ﺋﻮﻗﯘﺵ، ﺟﯘﺩﺍﻟﯩﻖ ﮬﻪﺳﺮﻩﺗﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺷﯧﺌﯩﺮ -ﻗﻮﺷﺎﻗﻠﯩﺮﯨﺪﺍ ﺑﺎﻳﺎﻥ ﺋﻪﻳﻠﻪﺵ، ﺗﯘﻏﯘﻟﻐﺎﻥ ﻛﯜﻧﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺧﺎﺗﯩﺮﯨﻠﻪﭖ ﻣﯘﺭﺍﺳﯩﻢ ﺋﯚﺗﻜﯜﺯﯛﺵ ﺭﻭﮬﯩﻲﻛﻪﻣﺘﯜﻙ ﺑﯩﺮ ﻗﻪﯞﻣﻨﯩﯔ ﻣﻪﻧﯩﯟﻯ ﺳﺎﭘﺎﺳﯩﺪﯨﻦ ﺩﯦﺮﻩﻙ ﺑﯧﺮﯨﺪﯗ. ﺑﯩﺰ ﻛﯚﭖ ﮬﺎﻟﻼﺭﺩﺍ ﭼﻪﺕ ﺋﻪﻟﻠﯩﻚﭘﺎﻻﻧﭽﻰ ﺷﺎﺋﯩﺮ ﻳﺎﺵ ﭼﯧﻐﯩﺪﯨﻼ ﺩﯗﻧﻴﺎﻏﺎ ﺗﻮﻧﯘﻟﯘﭖ ﺑﻮﭘﺘﯩﻜﻪﻥ، ﺭﯨﻤﺒﻮ 20 ﻳﯧﺸﯩﺪﺍ«ﻣﻪﺳﺖ ﻛﯧﻤﻪ»ﻧﻰﻳﯧﺰﯨﭗ، ﺩﯦﮭﻘﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻛﯧﺘﻪﻱ، ﺩﻩﭖ ﻳﯧﺰﯨﻐﺎ ﭼﯩﻘﯩﭗ ﻛﯧﺘﯩﭙﺘﯩﻜﻪﻥ، ﺩﯦﻴﯩﺸﯩﭗ ﺷﯧﺌﯩﺮﻟﯩﺮﯨﻨﻰﺳﯚﻳﯜﻧﯜﭖ ﺋﻮﻗﯘﭖ ﻛﯧﺘﯩﻤﯩﺰ - ﻳﯘ، ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺋﯚﺯﯨﻤﯩﺰﺩﯨﻦ ﭼﯩﻘﻘﺎﻥ ﯞﻩ ﭼﯩﻘﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﻳﺎﺵﺷﺎﺋﯩﺮﻻﺭﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮﻩﺭ ﻣﯩﺴﺮﺍﺳﯩﻨﻰ ﺋﻮﻗﯘﭖ ﺑﯧﺮﯨﺸﻜﻪ ﺗﯩﻠﯩﻤﯩﺰ ﻛﯚﻳﯩﺪﯗ. ﺧﯘﺩﺩﻯ ﺑﯩﺰ ﺋﯘﻧﯩﯔﺋﯩﺴﻤﯩﻨﻰ ﺗﯩﻠﻐﺎ ﺋﺎﻟﺴﺎﻕ، ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﺎﺑﺮﻭﻳﻰ ﺋﯚﺳﯜﭖ، ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﺷﯚﮬﺮﯨﺘﯩﻤﯩﺰ ﻳﻪﺭﮔﻪ ﺋﯘﺭﯗﻟﯘﭖﻛﯧﺘﯩﺪﯨﻐﺎﻧﺪﻩﻙ. ﺑﯘ ﺧﯩﻞ ﺭﻭﮬﯩﻲ ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﻜﻠﻪﺭ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺑﯩﺰﺍﺭﻟﯩﻘﯩﻨﻰ ﻗﻮﺯﻏﺎﭖ، ﺷﯧﺌﯩﺮﻛﺮﯨﺰﯨﺴﯩﻨﻰ ﭘﻪﻳﺪﺍ ﻗﯩﻠﯩﺸﺘﺎ ﻣﻪﻟﯘﻡ ﺭﻭﻝ ﺋﻮﻳﻨﯩﻤﺎﻳﺪﯗ ﺩﯦﮕﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ.

ﻏﻮﺟﯩﻤﯘﮬﻪﻣﻤﻪﺕ ﻣﯘﮬﻪﻣﻤﻪﺕ ﺷﯧﺌﯩﺮﻟﯩﻨﯩﯔ ﻣﻪﻧﺴﻪ ﭘﺎﻳﺎﻧﻰ ﭼﻪﻛﺴﯩﺰ، ﺋﺎﭼﭽﯩﻖ ﮬﻪﺳﺮﻩﺕ، ﺳﯩﻘﯩﭗﺗﯘﺭﻏﺎﻥ ﺋﺎﺯﺍﺏ، ﯞﯨﺴﺎﻟﻐﺎ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺋﺎﺭﻣﺎﻧﻠﯩﻖ ﺋﯧﭽﯩﺮﻗﺎﺷﻼﺭ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺷﯧﺌﯩﺮﯨﺪﺍ ﺋﯩﺴﺘﯧﺘﯩﻚ ﺋﯜﻧﯜﻡﮬﺎﺳﯩﻞ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ. ﺋﺎﺯﺍﺏ ﺷﺎﺋﯩﺮﻧﻰ ﺗﺎﯞﻻﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﻮﭼﺎﻕ! ﮬﻪﻗﯩﻘﯩﻲ ﺷﺎﺋﯩﺮ ﻗﺎﻳﻐﯘ - ﺋﻪﻟﻪﻡ، ﺩﻩﺭﺩ- ﺑﺎﻻﻻﺭﻧﻰ ﻣﺎﻛﺎﻥ ﺋﯧﺘﯩﺪﯗ. ﯞﻩﺗﻪﻥ، ﻣﯩﻠﻠﻪﺕ ﺋﻮﺗﯩﺪﺍ ﻛﯚﻳﯜﭖ ﭘﯘﭼﯩﻼﻧﻤﯩﻐﺎﻥ ﺷﺎﺋﯩﺮﻧﯩﯔﺷﯧﺌﯩﺮﻟﯩﺪﯨﻦ ﺋﯘﭘﺎ - ﺋﻪﺗﯩﺮ ﮬﯩﺪﻯ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﺗﯘﺭﯨﺪﯗ.

ﻏﻮﺟﯩﻤﯘﮬﻪﻣﻤﻪﺕ ﻣﯘﮬﻪﻣﻤﻪﺗﻨﯩﯔ ﺳﯚﮬﺒﻪﺕ ﺧﺎﺗﯩﺮﯨﻠﯩﺮﻯ ﯞﻩ ﻗﯩﺴﻤﻪﻥ ﺋﯘﭼﯘﺭﻻﺭﺩﯨﻦ ﺑﯩﻠﯩﺸﯩﻤﭽﻪ،ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺗﯘﺭﻏﯘﺩﻩﻙ ﺗﯘﺭﺍﻗﻠﯩﻖ ﻣﺎﻛﺎﻧﻰ، ﻣﯘﻗﯩﻢ ﺧﯩﺰﻣﻪﺕ ﺋﻮﺭﻧﻰ ﺑﻮﻟﻤﯩﻐﺎﻧﻨﯩﯔ ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪ ﺑﯩﺮﺑﺎﻟﯩﻨﻰ ﻳﯧﺘﯩﻢ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺑﻪﺩﯨﻠﯩﮕﻪ ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﺴﯩﻤﯘ ﻗﯘﺵ ﭼﺎﯕﮕﯩﺴﯩﺪﻩﻙ ﺗﻮﺯﯗﭘﺘﯘ. ﺋﻪﮔﻪﺭ ﺋﯘ ﺑﯩﺮﻧﺎﺧﺸﯩﭽﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ، ﺋﯘ ﺧﯩﻞ«ﯞﻩﻳﺮﺍﻥ»ﭼﯩﻠﯩﻖ ﻛﻮﭼﯩﺴﯩﻐﺎ ﻛﯩﺮﯨﭗ ﻗﺎﻟﻤﺎﺱ ﺑﻮﻟﻐﯩﻴﺘﺘﻰ،ﺩﻩﭖ ﺋﻮﻳﻠﯩﺪﯨﻢ. ﺳﻪﯞﻩﺏ ﺷﯘﻛﻰ، ﺑﯩﺰ ﺋﻪﻗﯩﻠﮕﻪ ﻗﺎﺭﯨﻐﺎﻧﺪﺍ ﮬﯧﺴﺴﯩﻴﺎﺗﻘﺎ ﺑﻪﻛﺮﻩﻙ ﺋﻪﮬﻤﯩﻴﻪﺕﺑﯧﺮﯨﺪﯨﻐﺎﻥ ﻣﯩﻠﻠﻪﺕ. ﺷﯘ ﯞﻩﺟﯩﺪﯨﻦ ﺋﻪﻗﯩﻠﺪﺍﺭﻻﺭ ﻳﯧﺘﯩﻢ ﻗﯧﻠﯩﭗ، ﻗﺎﭘﺎﻕ ﻧﻮﭼﯩﻼﺭ ﯞﻩ ﺑﯩﺮﻩﺭﻧﺎﺧﺸﯩﺴﯩﻨﻰ ﺋﻪﭘﻠﻪﺷﺘﯜﺭﯛﭖ ﺋﯧﻴﺘﯩﭗ ﻗﻮﻳﻐﺎﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﻧﺎﻣﻰ ﺗﻮﻟﯩﻤﯘ ﺗﯧﺰ ﺗﺎﺭﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥﺋﻪﮬﯟﺍﻟﻼﺭﻣﯘ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﺗﯘﺭﯨﺪﯗ. ﺑﻪﺯﯨﻠﻪﺭ ﺑﻪﺯﯨﺒﯩﺮ ﺗﯘﺗﺎﻣﻰ ﻳﻮﻕ ﻧﺎﺧﺸﯩﭽﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﺳﯜﺭﻩﺗﻠﯩﺮﯨﻨﻰﺧﺎﺗﯩﺮﯨﻠﯩﺮﯨﮕﻪ ﺳﯚﻳﯜﻧﯜﭖ ﺗﯘﺭﯗﭖ ﭼﺎﭘﻠﯩﺸﯩﺪﯗ. ﺑﻪﻟﻜﯩﻢ ﮔﺎﮬﯩﺒﯩﺮﻟﯩﺮﻯ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺳﯜﺭﯨﺘﯩﮕﻪ ﻗﺎﺭﺍﭖﺋﺎﺷﯩﻖ ﺑﯩﻘﺎﺭﺍﺭﻟﯩﻘﺘﯩﻦ ﺋﯜﻧﺴﯩﺰ ﻳﺎﺷﻤﯘ ﺗﯚﻛﯩﺪﯨﻐﺎﻧﺪﯗ؟ ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﻗﯩﺰﯨﻘﻰ ﮬﻪﻡ ﺋﯘﭼﯩﻐﺎ ﭼﯩﻘﻘﺎﻥﺋﻪﺧﻤﻪﻗﻠﯩﻘﯩﻤﯩﺰ، ﻣﻪﺯﻛﯘﺭ ﻧﺎﺧﺸﯩﭽﻰ ﻗﯩﺴﻘﺎ ﻣﻪﺯﮔﯩﻞ ﺳﻪﮬﻨﯩﻠﻪﺭﺩﻩ ﻛﯚﺭﯛﻧﻤﻪﻱ ﻗﻮﻳﺪﯨﻤﯘ، ﺑﻮﻟﺪﻯ:«ﺋﺎﺷﻨﯩﺴﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﯘﺗﯘﻟﯘﭖ ﻗﺎﭘﺘﯩﻜﻪﻥ، ﻳﻮﻟﺪﯨﺸﻰ ﭼﺎﻧﺎﭖ ﺋﯚﻟﺘﯜﺭﯛﯞﯦﺘﯩﭙﺘﯘ»« ﺋﺎﻕ ﺗﺎﻣﺎﻛﺎ ﺳﯧﺘﯩﭗﺗﯘﺗﯘﻟﯘﭖ ﻗﺎﭘﺘﯘ . »«ﺋﯘﻧﻰ ﻛﯚﺭﻩﻟﻤﯩﮕﻪﻥ ﺑﯩﺮﻯ ﺗﯩﻠﯩﻨﻰ ﻛﯧﺴﯩﯟﯦﺘﯩﭙﺘﯘ »ﺩﯦﮕﻪﻧﺪﻩﻙ ﺋﺎﺩﻩﻣﻨﯩﯔﻏﯩﺪﯨﻐﯩﻨﻰ ﻛﻪﻟﺘﯜﺭﯨﺪﯨﻐﺎﻥ ﻻﯞﺯﺍ ﭘﺎﺭﺍﯕﻼﺭﻧﻰ ﺯﻭﻗﻠﯩﻨﯩﭗ ﺗﯘﺭﯗﭖ ﺗﺎﺭﻗﯩﺘﯩﻤﯩﺰ.

ﻏﻮﺟﯩﻤﯘﮬﻪﻣﻤﻪﺕ ﻣﯘﮬﻪﻣﻤﻪﺕ ﺋﻪﮔﻪﺭ ﮬﺎﺯﯨﺮﻗﻰ ﺷﺎﺋﯩﺮﻟﯩﻖ ﺋﻮﺭﻧﯩﺪﯨﻦ ﻧﺎﺧﺸﯩﭽﯩﻠﯩﻖ ﺋﻮﺭﻧﯩﻐﺎﺋﺎﻟﻤﺎﺷﻘﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎ، ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﮔﻪﭘﻠﻪﺭ ﺗﺎﺭﻗﯩﻼﺭ ﺑﻮﻟﻐﯩﻴﺘﺘﻰ؟ ﺑﻪﻟﻜﯩﻢ ﺋﯘ ﻗﯩﺮﯨﻖ، ﺋﻪﻟﻠﯩﻚ ﺧﻮﺗﯘﻥﺋﯧﻠﯩﭗ ﻗﻮﻳﯘﭘﻤﯘ ﺑﻪﺭﮔﻪﻥ، ﺗﯜﺭﻟﯜﻙ - ﺗﯜﻣﻪﻥ ﺳﯚﺯ - ﭼﯚﭼﻪﻛﻠﻪﺭﮔﻪ ﻛﯚﻣﯜﻟﮕﻪﻧﻤﯘ ﺑﻮﻻﺗﺘﻰ، ﻟﯧﻜﯩﻦﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎﺩﺗﯩﻦ ﻗﯩﻴﻨﺎﻟﻤﺎﻳﺘﺘﻰ. ﻣﺎﺩﺩﯨﻲ ﺋﯧﭽﯩﺮﻗﯩﺸﻰ ﭘﻪﻟﻪﻛﻜﻪ ﻳﻪﺗﻜﻪﻧﺪﻩ، ﺑﯩﺮﻩﺭ ﺭﯦﺴﺘﻮﺭﺍﻧﺪﺍﻧﺎﺧﺸﯩﭽﻰ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺟﯧﻨﯩﻨﻰ ﺟﺎﻥ ﺋﯧﺘﯩﭗ ﺋﯚﺗﯜﯞﯦﺮﻩﺗﺘﻰ... ﺋﯘ ﮬﻪﺭﮔﯩﺰ ﺑﻮﻳﯘﻥ ﻗﯩﺴﯩﭗ ﻳﯜﺭﻣﻪﻳﺘﺘﻰ.ﭘﻼﺳﺘﯩﻨﻜﯩﻠﯩﺮﻯ ﺑﺎﺯﺍﺭﻏﺎ ﺳﯧﻠﯩﻨﯩﭗ، ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﯗﺷﻼﺭﻏﺎ ﻧﯧﺰﯨﻘﺎﭖ ﺑﯧﺮﯨﭗ ﺋﯚﺭﯨﻤﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﮬﻪﺭﮬﺎﻟﺪﺍ ﺑﯩﺮ ﺑﺎﻳﯟﻩﭼﭽﻪ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻗﺎﻻﺗﺘﻰ. ﺋﯘ«ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﻤﻪﻥ»ﺩﯦﺴﯩﻤﯘ ﺗﻮﻟﯩﻤﯘ ﮬﯧﺴﺴﯩﻴﺎﺗﭽﺎﻥ ﺑﯘ ﻗﻪﯞﻡﺯﯨﻨﮭﺎﺭ ﺋﯘﻧﯩﻤﺎﻳﺘﺘﻰ...

ﺋﻪﭘﺴﯘﺱ، ﺋﯘ ﻧﺎﺧﺸﯩﭽﻰ ﺋﻪﻣﻪﺱ، ﺷﺎﺋﯩﺮ! ﺭﯗﺳﻼﺭ ﭘﯘﺷﻜﯩﻨﻨﻰ ﺋﯘﻟﯘﻏﻼﭖ، ﺋﯘﻧﻰ ﺋﯚﺯﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﭘﻪﺧﺮﻯﺩﻩﭖ ﺑﯩﻠﮕﻪﻥ ﺑﯩﻠﻪﻥ، ﺑﯩﺰ ﺩﺍﺋﯩﻢ ﺑﯧﻠﯩﻨﻰ ﺗﻮﻟﻐﺎﭖ ﻗﯘﻻﻗﻘﺎ ﺋﺎﻧﭽﻪ ﺧﯘﺵ ﻳﯧﻘﯩﭗ ﻛﻪﺗﻤﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻥﻧﺎﺧﺸﯩﻼﺭﻧﻰ ﺋﯧﻴﺘﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﻧﺎﺧﺸﯩﭽﯩﻨﻰ ﺑﯧﺸﯩﻤﯩﺰﺩﺍ ﻛﯚﺗﯜﺭﯛﺷﻜﻪ ﺋﺎﻟﺪﯨﺮﺍﻳﻤﯩﺰ. ﭼﯜﻧﻜﻰﮬﯧﺴﺴﻴﺎﺕ ﺋﻪﺳﻪﺑﯩﻴﻠﻪﺷﻜﻪﻧﺪﻩ ﻛﯚﺯﮔﻪ ﮬﯧﭻ ﻧﻪﺭﺳﻪ ﻛﯚﺭﯛﻧﻤﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﮔﻪﭖ! ﺷﯘﯕﻼﺷﻘﯩﻤﯘﺗﯧﻠﯧﯟﯨﺰﻭﺭﺩﺍ ﺷﺎﺋﯩﺮﻻﺭﻧﻰ ﺗﻮﻧﯘﺷﺘﯘﺭﯗﺷﺘﯩﻦ ﻧﺎﺧﺸﯩﭽﯩﻨﻰ ﻧﺎﻣﺎﻳﺎﻥ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺳﻪﮬﯩﭙﯩﻠﻪﺭ ﻛﯚﭖﺑﻮﻟﯩﯟﺍﺗﯩﺪﯗ. ﺑﯩﺮ - ﺑﯩﺮﯨﻨﻰ ﺳﺎﺯ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﺪﻩﻙ ﺋﯘﺩﯗﻟﻤﯘ - ﺋﯘﺩﯗﻝ ﻣﺎﺧﺘﯩﺸﯩﭗ ﮬﻮﺯﯗﺭﻟﯩﻨﯩﺪﯨﻐﺎﻥﭘﺮﻭﮔﺮﺍﻣﻤﯩﻼﺭﻏﺎ ﻧﯧﻤﻪ ﺩﻩﻱ... ﺑﯘﻧﺪﺍﻕ ﺑﻮﻟﯘﺷﯩﺪﯨﻜﻰ ﺳﻪﯞﻩﺑﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮﻯ، ﺷﺎﺋﯩﺮ ﺋﯚﺯﺧﻪﻟﻘﯩﻨﯩﯔ ﺋﻮﺗﯩﺪﺍ ﮬﻪﻣﻤﯩﻨﻰ ﺋﯘﻧﺘﯘﭖ، ﺳﻮﻳﻐﺎﻥ ﭘﯩﻴﺎﺯﺩﻩﻙ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ. ﺋﯘ ﮔﻮﻳﺎﮬﯧﺴﺴﯩﻴﺎﺗﻘﺎ ﺑﺎﻱ ﺋﺎﺩﻩﻣﻠﻪﺭ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﺪﯨﻦ ﺋﯘﻧﺘﯘﻟﯘﭖ ﻛﯧﺘﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻧﺪﻩﻛﻼ... ﺋﯚﺯﮔﯩﭽﻪ ﺋﯘﺳﻠﯘﺑﺘﺎﺷﯧﺌﯩﺮﻟﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺋﻮﺗﻠﯘﻕ ﺑﯩﺮ ﺗﯩﻠﻪﻛﻨﻰ ﻳﺎﯕﺮﯨﺘﯩﭗ، ﺷﯧﺌﯩﺮﯨﻴﻪﺕ ﭼﯚﻟﯩﺪﻩ ﺷﺎﮪ ﻣﻪﺷﺮﻩﭖ ﻛﻪﺑﻰ ﺑﯩﺮﺳﺎﺋﯩﻞ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻳﯜﺭﮔﻪﻥ ﻏﻮﺟﯩﻤﯘﮬﻪﻣﻤﻪﺕ ﻣﯘﮬﻪﻣﻤﻪﺗﻨﯩﯔ ﺷﯧﺌﯩﺮﻟﯩﺮﻯ ﺗﻪﺑﯩﺌﯩﻲ ﺋﺎﺯﺍﺏ ﯞﻩ ﯞﯨﺴﺎﻝﺋﯩﺸﻘﯩﺪﺍ ﻳﯜﺭﯨﻜﯩﺪﯨﻦ ﺑﯘﻻﻗﺘﻪﻙ ﺋﻮﺧﭽﯘﭖ ﭼﯩﻘﻘﺎﭼﻘﯩﻤﯩﻜﯩﻦ، ﮔﻮﻳﺎ ﻏﻮﺟﯩﻤﯘﮬﻪﻣﻤﻪﺕ ﻣﯘﮬﻪﻣﻤﻪﺕﺷﯧﺌﯩﺮﻧﻰ ﻳﯩﻐﻼﭖ ﺗﯘﺭﯗﭖ، ﯞﻩﻳﺮﺍﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﻛﯜﻟﺒﯩﺪﻩ، ﺧﯜﻧﯜﻙ ﻧﯘﺭ ﺗﯚﻛﯜﭖ ﺗﯘﺭﻏﺎﻥ ﺟﯩﻨﭽﯩﺮﺍﻍﺗﯜﯞﯨﺪﻩ ﻳﯧﺰﯨﯟﺍﺗﻘﺎﻧﺪﻩﻙ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺷﻠﻪﺭ ﻛﯚﺯ ﺋﺎﻟﺪﯨﻤﺪﺍ ﺯﺍﮬﯩﺮ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ. ﮔﺎﮬﯩﺪﺍ ﺋﯘﻧﯩﯔﺷﯧﺌﯩﺮﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ﻣﻪﻥ ﻳﺎﺯﻏﺎﻧﺪﻩﻙ ﮬﯧﺴﺴﯩﻴﺎﺗﺘﯩﻨﻤﯘ ﺧﺎﻟﯩﻲ ﺑﻮﻻﻟﻤﺎﻳﻤﻪﻥ. ﭼﯜﻧﻜﻰ، ﺋﯘ ﻗﻪﻟﺒﯩﻤﺪﯨﻜﻰﺗﯘﺯ ﺳﯜﻳﯩﺪﻩﻙ ﮬﻪﺳﺮﻩﺗﻠﯩﺮﯨﻤﻨﻰ ﭘﯩﭽﯩﺮﻻﭖ ﺑﯧﺮﯨﯟﺍﺗﺎﺗﺘﻰ. ﺗﯘﻳﯘﻗﺴﯩﺰ ﺋﯚﺯﯛﻣﮕﻪ ﺳﻮﺋﺎﻝ ﻗﻮﻳﺪﯗﻡ:ﺷﯧﺌﯩﺮ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺋﯘﻧﯩﯖﺪﻩﻙ ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﺑﺎﺭﻟﯩﻘﯩﻨﻰ ﺋﺎﺗﯩﻐﺎﻧﻼﺭﺩﯨﻦ ﻗﺎﻧﭽﯩﺴﻰ ﺑﺎﺭﺩﯗﺭ؟ ﻣﺎﺩﺩﯨﻲﺋﯧﭽﯩﺮﻗﺎﺵ ﺳﻪﻟﻼ ﻛﺎﺭﻛﯩﺮﺍﺗﺴﺎ، ﻗﻪﻟﯩﻤﯩﻨﻰ ﺗﺎﺷﻼﭖ، ﺳﻮﺩﺍ ﺑﺎﺯﯨﺮﯨﻐﺎ ﭼﺎﭘﯩﺪﯨﻐﺎﻥﺷﺎﺋﯩﺮﻟﯩﺮﯨﻤﯩﺰﻧﯩﻤﯘ ﻛﯚﺭﯛﭖ ﺗﯘﺭﯗﯞﺍﺗﯩﻤﯩﺰﻏﯘ؟ ﺑﯩﺮﺍﻕ ﻏﻮﺟﯩﻤﯘﮬﻪﻣﻤﻪﺕ ﻣﯘﮬﻪﻣﻤﻪﺕ ﺋﯘﻧﺪﺍﻕ ﻗﯩﻠﻤﯩﺪﻯ.ﺑﯩﺮ ﻗﻮﻟﯩﺪﺍ ﻗﺎﺗﺘﯩﻖ ﺯﺍﻏﺮﯨﻨﻰ، ﺑﯩﺮ ﻗﻮﻟﯩﺪﺍ ﻗﻪﻟﻪﻣﻨﻰ ﺗﯘﺗﯘﭖ، ﺷﯧﺌﯩﺮ ﺋﯩﺸﻘﯩﺪﺍ ﻗﺎﻥ ﻗﯘﺳﯘﭖ،ﺑﯘﻟﺒﯘﻟﺪﻩﻙ ﮔﯜﻟﻨﯩﯔ ﺋﯩﺸﻘﯩﻐﺎ ﭘﻪﺭﯞﺍﻧﻪ ﺑﻮﻟﺪﻯ. ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻏﻪﻡ - ﻏﯘﺳﺴﯩﻠﻪﺭﺩﻩ ﺩﺍﻏﻼﻧﻐﺎﻥ ﻗﻪﻟﺒﻰﺷﯧﺌﯩﺮ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻣﻪﮬﻠﻪﻣﻠﯩﻨﯩﺪﯗ. ﺷﯧﺌﯩﺮ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻣﻪﺷﯘﻗﻰ، ﺷﯘﯕﺎ ﺋﯘ ﻛﯧﭽﻪ - ﻛﯜﻧﺪﯛﺯ ﺷﯧﺌﯩﺮﺋﯩﺸﻘﯩﺪﺍ ﻳﯧﻨﯩﭗ ﻛﯚﻳﯩﺪﯗ. ﺑﯩﺰ ﺋﻪﺯﯨﺰﻟﻪﭖ ﻳﯜﺭﯛﯞﺍﺗﻘﺎﻥ ﺑﺎﻳﺮﯗﻧﻤﯘ ﺷﯧﺌﯩﺮ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺷﯘﻧﭽﯩﻠﯩﻜﻼﻛﯚﻳﮕﻪﻥ ﺑﻮﻟﻐﯩﻴﺘﺘﻰ؟! ﮬﻪﻗﯩﻘﯩﻲ ﺷﺎﺋﯩﺮ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺷﯧﺌﯩﺮﻧﯩﯔ ﺋﯚﺯﻯ ﯞﻩﺗﻪﻥ. ﺷﯧﺌﯩﺮﻧﯩﯔ ﺋﯚﺯﻯ ﺋﺎﯞﺍﻡﭘﯘﻗﺮﺍﻧﯩﯔ ﺷﺎﺩﻟﯩﻘﻰ ﯞﻩ ﻛﯚﺯ ﻳﯧﺸﻰ!

ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺷﯧﺌﯩﺮﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻣﻪﻧﻪ ﭼﻮﯕﻘﯘﺭﻟﯩﻘﯩﻐﺎ ﻧﻪﺯﻩﺭ ﺳﺎﻟﻐﯘﻡ ﻛﻪﻟﺪﻯ: ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺷﯧﺌﯩﺮﻟﯩﺮﯨﺪﻩ ﮔﺎﮪﺗﻪﻛﻠﯩﻤﺎﻛﺎﻧﻨﯩﯔ ﺑﻮﺭﺍﻧﺪﺍ ﭼﯚﻟﺪﻩﺭﯨﮕﻪﻥ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺷﻰ، ﺋﻪﺧﻼﻗﻨﯩﯔ ﻳﯩﻤﯩﺮﯨﻠﯩﭗ، ﺋﺎﺩﻩﻣﻠﻪﺭﻧﯩﯔﻳﺎﻟﯩﯖﺎﭼﻠﯩﻨﯩﺸﻰ، ﺋﻪﺭﻟﯩﻚ ﻏﯘﺭﯗﺭﯨﻨﯩﯔ ﭘﺎﻳﺨﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﺷﻰ، ﻧﻪﻟﻪﺭﺩﯨﻨﺪﯗﺭ ﺋﺎﯕﻠﯩﻨﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥﻧﺎﺭﯨﺴﯩﺪﯨﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﻧﺎﻟﻪ - ﺯﺍﺭﻯ، ﻣﯘﺯﻻﯞﺍﺗﻘﺎﻥ ﺳﯚﻳﮕﯜ- ﻛﯚﺯ ﺋﺎﻟﺪﯨﻤﺪﺍ ﺯﺍﮬﯩﺮ ﺑﻮﻟﺪﻯ .

... ﺋﯘ ﻧﺎﺧﺸﯩﭽﻰ ﺋﻪﻣﻪﺱ ﺋﯩﺪﻯ، ﺑﻪﻟﻜﻰ ﺷﯧﺌﯩﺮﯨﻴﻪﺕ ﻛﻮﭼﯩﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﺑﯩﺮ ﺳﻪﻳﻴﺎﮪ، ﺋﻪﮔﻪﺭ ﺋﯘﻧﺎﺧﺸﯩﭽﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎ، ﮔﯜﻝ- ﭼﯧﭽﻪﻛﻠﻪﺭﮔﻪ ﭘﯜﺭﻛﯩﻨﻪﺗﺘﻰ. ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺴﯩﻤﻼﺭ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻧﺎﺧﺸﯩﻠﯩﺮﯨﻨﻰﺩﯨﻤﯩﻘﯩﺪﺍ ﭘﺎﺷﯩﺪﻩﻙ ﻏﯩﯖﺸﯩﭗ ﺩﻩﺭﺩﻟﯩﻚ ﻛﯚﯕﯜﻟﻠﯩﺮﯨﮕﻪ ﺗﻪﺳﻜﯩﻦ ﺗﯧﭙﯩﺸﺎﺗﺘﻰ. ﺋﻪﭘﺴﯘﺱ، ﺋﯘ ﺷﺎﺋﯩﺮ!ﺋﯚﺯ ﺧﻪﻟﻘﯩﻨﯩﯔ ﻛﯜﻟﻜﯩﺴﯩﻨﻰ ﺗﻪﯓ ﻛﯜﻟﯜﭖ، ﻳﯩﻐﯩﺴﯩﻨﻰ ﺗﻪﯓ ﻳﯩﻐﻼﭖ ﻳﯜﺭﮔﻪﻥ ﺑﯩﺮ ﺷﺎﺋﯩﺮ. ﺋﯘ ﺳﺎﺧﺘﺎﺗﻪﺳﻪﻟﻠﯩﻴﮕﻪ ﻣﻮﮬﺘﺎﺝ ﺋﻪﻣﻪﺱ. ﺋﯘ ﭘﺎﻙ ﺳﯚﻳﮕﯜﻧﻰ ﺷﯧﺌﯩﺮﻟﯩﺮﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻗﻪﺩﯨﺮﻟﻪﻳﺪﯗ. ﺋﯘ ﺷﯘﻧﺪﺍﻕﺑﯩﺮ ﺷﺎﺋﯩﺮﻛﻰ، ﻗﻪﻟﺒﻰ ﻳﯧﻨﯩﭗ ﺗﯘﺭﻏﺎﻥ ﺋﻮﺗﻘﺎ ﺋﻮﺧﺸﺎﻳﺪﯗ. ﺋﻪﻧﻪ ﺷﯘ ﺋﻮﺗﻨﯩﯔ ﮬﺎﺭﺍﺭﯨﺘﯩﻨﻰﺧﻪﻟﻘﻘﻪ ﺯﯨﻨﮭﺎﺭ ﺋﺎﻳﯩﻤﺎﻱ ﺗﺎﺭﻗﯩﺘﯩﺪﯗ. ﺷﯘﻧﯩﻤﯘ ﺋﻮﻳﻼﭖ ﻗﺎﻟﺪﯨﻢ: ﺋﯘ ﺑﻪﻟﻜﯩﻢ ﻛﯚﺯ ﻳﯘﻣﻐﺎﻧﺪﺍﺋﺎﻧﺪﯨﻦ ﺧﻪﻟﻘﯩﻤﯩﺰ ﺋﯘ ﮬﺎﻳﺎﺕ ﯞﺍﻗﺘﯩﺪﺍ ﺗﯘﺗﺎﻟﻤﯩﻐﺎﻥ ﮔﯜﻟﺪﻩﺳﺘﯩﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻗﻪﺑﺮﻩ ﺑﯧﺸﯩﻐﺎﻗﻮﻳﯘﺷﺎﺭ، ﺋﯘﻧﻰ ﻣﻪﺩﮬﯩﻴﯩﻠﻪﭖ ﺷﯧﺌﯩﺮ - ﻗﻮﺷﺎﻗﻼﺭﻧﻰ ﺗﻮﻗﯘﺷﺎﺭ، ﺷﺎﺋﯩﺮﻧﻰ ﺳﯚﻳﮕﻪﻥ، ﻗﻪﺩﺭﯨﮕﻪﻳﻪﺗﻜﻪﻥ ﺳﯩﻴﺎﻗﻘﺎ ﻛﯩﺮﯨﯟﯦﻠﯩﭗ ﺋﯜﻧﺴﯩﺰ ﻳﺎﺷﻤﯘ ﺗﯚﻛﯜﺷﻪﺭ... ﭼﯜﻧﻜﻰ، ﺑﯘ ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﻗﺎﻥ -ﻗﯧﻨﯩﻤﯩﺰﻏﺎ ﺳﯩﯖﮕﻪﻥ ﺋﺎﺩﯨﺘﯩﻤﯩﺰﺩﻩﻙ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ. ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﮬﮭﯧﻜﻤﻪﺗﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰﻧﯩﻤﯘ ﻗﻪﻳﺖ ﻗﯩﻠﯩﭗﺋﯚﺗﯜﺷﻜﻪ ﺋﻪﺭﺯﯨﻴﺪﯗ : « ﯞﺍﻗﺘﻰ ﺋﯚﺗﻜﻪﻧﺪﻩ ﻗﯩﻠﯩﭽﯩﯖﻨﻰ ﭘﻮﻗﻘﺎ ﭼﺎﭖ» « ﺗﯩﺮﯨﻜﻠﯩﻜﺘﻪ ﺋﻪﺗﻤﯩﺪﯨﯔﻳﺎﺩ، ﺋﯚﻟﮕﻪﻧﺪﻩ ﭼﻪﻛﺘﯩﯔ ﭘﻪﺭﻳﺎﺩ » .


« ﻗﯘﻣﯘﻝ ﯬﺩﻩﺑﯩﻴﺎﺗﻰ » 2005 - ﻳﯩﻠﻰ ، 2 - ﺳﺎﻥ


بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   parhat kazim تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-8-5 17:44  


باھا سۆز

مەندە بەزى ماقالىلارنىڭ خېتى نورمال كۆرۈنمىدى.  ۋاقتى: 2015-8-5 07:33 PM
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-8-5 15:47:19 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

مانا بۇ غوجىمۇھەممەد مۇھەممەد







مۇھەممەتئېلى ئىلياس ئەلپىدا


2004.12.20 0:30




يىقىندا ئۇيغۇر تور ئەدەبىياتىدىكى تىرىشچان دوستىمىز ئابدۇرېشىت سۇلايماننىڭ كەڭ ئاپتۇرلارنى تالانتلىق ،يېتىلىۋاتقان ، ياش شائىر غۇجىمۇھەممەد مۇھەممەدنىڭ يېقىنقى بىر - ئىككى يىل ئىچىدە ئاپتۇنۇم رايۇنىمىزدىكى ھەر قايسى مەتبۇئاتلاردا ۋە مەزكۇر تور بېتىدە ئېلان قىلغان شېئىرلىرىغا قارتا مۇھاكىمىگە ئۇيۇشتۇرغانلىق توغرىسىدىكى خەۋەرنى كۆرۈپ تولىمۇ خۇشال بولدۇم . مېنىڭچە ھەممە ئادەم ئۆز ماددى ھەلەكچىلىگىدە تىنىمسىز تىپىرلاۋاتقان نۆۋەتتىكى ماددى ئىستىمال شارائىتىدا ، ئۆزى ھالاللاپ سۆيۈپ ، غېرىب ھاياتىغا بىردىنبىر ھەم مەڭگۈلۈك مەنە قىلىپ تاللىۋالغان شېئىرىيەت ئۈچۈن تۈرلۈك بەدەللەرنى تۆلەپ ، ئۈن تىنسىز قۇربانلىق بېرىۋاتقان ، ئاناخەلقىگە ، ئانا تىلدا ئۆز - ئۆزىنى تونۇتۇش ، ئۆز مەۋجۇدلۇقىنى ھىس قىلدۇرۇش ئۈچۈن مىننەتسىز ھالدا بىر - بىرىدىن پاساھەتلىك ،يېڭىدىن يېڭى شېئىرلارنى ئۈزۈلدۈرمەي ئېلان قىلىپ بېرىۋاتقان بىر شائىرنىڭ ئەدەبى ئىجادىيىتى ھەققىدە بۇنداق مۇھاكىمە ۋەمۇنازىرىلەرنى ئۇيۇشتۇرۇش تولىمۇ رېئال ئەھمىيەتكە ئىگە . بۇ ھەم نەشرى ئەپكارلىرىمىزنىڭ ئۆزىنى ياخشى ئەسەرلىرى بىلەن تەمىنلەپ كېلىۋاتقان تۆھپىكار ئاپتۇرلار ئالدىدىكى ئۆتەشكە تېگىشلىك مەسئۇلىيىتىدۇر . يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئۆز ئىجادى ئەمگەكلىرىدە بەلگىلىك مۇۋاپىقىيەت قازانغان نۇرغۇنلىغان ئاپتۇرلار يېتىشىپ چىقتى .غۇجىمۇھەممەد
ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى ۋەكىللىك خارەكتىرگە ئىگە بىر شائىر . ئۇنىڭ شېئىرلىرىدىكى كىشى قەلبىنى لەرزىگە سالدىغان سېھرى كۈچ ، ئۆز ئىچىگە ئېلىپ ياتقان ئىچكى تىندۇرمىلار ، سىموۋۇللۇق ئىما- ئىشارەتلىرىگە يوشۇرۇنغان سىرلىق مەنالار كىتابخاننى ئىختىيارسىز ئۆزىگە جەلىب قىلىۋالىدۇ . شائىر ئاتا قىلغان ئىستىتىك تۇيغۇدىن ھەربىر ئوقۇرمەن شېرىن بىر ئازاب ئىچىدە پۇچۇلىنىدۇ ، شائىرغا مىڭلاپ تەھسىن ئوقۇيدۇ . ئۇنىڭ ھەر بىر پارچە شېئىرى بىر دۇنيا ،ھەر بىر پارچە شېئىرىدىن شائىرنىڭ چوڭقۇر مۇھەببەت ۋە ئازاب سۇيىدە يۇغۇرىلغان جاراھەتلىك يۈرىكىنىڭ دۈپۈلدەشلىرى ئاڭلىنىپ تۇرىدۇ . ھەر بىر مىسرادا بۈيۈك بىر قەدىمى مىللەتنىڭ زامانىمىزدىكى ئازابلىق رېئال قىسمەتلىرى ئۆزىنى ئاشكارلايدۇ . . .
لېكىن ئەنە شۇنداق ئۆزىنىڭ يۈرەك قانلىرى بەدلىگە ئۆلمەس ئوبرازلارنى يارىتىپ ،يوقۇلىشقا قاراپ يۈزلەنگەن مىللەت روھىنى ئۈن تىنسىز قېزىپ چىقىرۋاتقان غېرىب شائىرنىڭ مىننەتسىز ئەجرى باھاسىز قېلىۋاتسا، زامانداشلىرى ئۇنىڭ ئېسىل ئەسەرلىرىدىن زۇق ئېلىشنىلا بىلىپ ، ئوبزورلاشقا ، ئىلمى جەھەتتىن شەرھىيلەشكە توغراكەلگەندە بولسا قۇلىقىنى يۇپىرۋېلىپ يۈرىۋەرسە . . . ئەجىبا بۇ شائىرىمىزمۇ «« ئۆزىنىڭ قاسساپلىقىنى ئۆزى قىلسۇنمۇ ؟ »» دەرھەقىقەت ، «« ئادەملەر ھوقۇق ، پۇل ، كەسىپ قاتارلىقلارغا بولغان ساددىلىقىنى ئىجتىمائى ئەخلاقنىڭ ئاساسىغا ئايلاندۇرۋالغان دەۋىردە ، بىز شائىرغا بېرىلگەن رىغبەتنىڭ كەملەۋاتقانلىقىنى كۆرىۋاتىمىز . »» . ««ئابدۇقادىر جالالىدىن »»( تۇپراقۋە گۈل - گىياھ روھى ) مېنىڭچە بىزنىڭ نەشرى ئەپكارلىرىمىز بۇنداق ئىشقا كەلگەندە تەشەببۇسكار بولۇپ زۆرۈر بولغان مۇھاكىمە ۋە سۆھبەتلەرنى ئۇيۇشتۇرۇشى ، ئىزگۈ نىيەتلىرىگە يارىشا دىققەت ئېتىبارىنىمۇشۇنداق كونكىرىت ئىشلارغا قارىتىشى كېرەك . بۇ نۇقتىدا بىز سۇمرۇغ - ئىزدەن تور گۇرپىسىدىكى تەھرىرلەرنىڭ ئىزدىنىشلىرىگە ، بۇ قېتىم دادىللىق بىلەن ئېلىپ بارغان ئىش - ئەمگەكلىرىگە ئۆز تەشەككۈرىمىزنى بىلدۈرمىز.
مەن بىر ئاددى ھەۋەسكار ، شائىرنىڭ ئادەتتىكى بىر ئوقۇرمەنى . شائىرنىڭ ئىجادىيەت ئۇسلۇبى ، شېئىرلىرىدىكى پەلسەپىۋى ۋەسىموۋۇللۇق مەنە قاتلاملىرى ، بەدىئى ، ئىجتىمائى قىممەتلىرى توغرىسىدا گەپ
ئېچىشتا ئۆزۈمنى ھەقىقەتەن ئاجىز ھېسابلايمەن . مېنىڭچە شائىر غۇجىمۇھەممەدنىڭ ئۆزىلا ئەدىبلىرىمىزنىڭ تەتقىق قىلىشىنى كۈتۈپ تۇرغان بىر تېما . مۇشۇبويىچە ئېلىپ ئېيتقاندىمۇ مېنىڭ بۇ يازمىلىرىم مۇھاكىمىدىن تېخى يېراق تۇرۇپتۇ . بۇ يەردە مەن پەقەت شائىرنىڭ بىر قىسىم شېئىرلىرىنى ئوقۇپ چقققاندىن كىيىنكى ھىس - تۇيغۇلىرىمنى شائىرنىڭ كەڭ ئوقۇرمەنلىرى بىلەن ئورتاقلاشماقچى . مېنىڭ شائىرغا بولغان ھەقىقى تۈردىكى قىزىقىشىم ئۇنىڭ «« تەڭرىتاغ »» ژورنىلىنىڭ 2002 - يىللىق 1 - سانىدا ئېلان قىلىنغان «« شائىر دىل چۆلىدە قىلىدۇ نىدا »» دىگەن تېما ئاستىدىكى «« تاك . تاك . تاك . . . »» ( جېنىمغىنە،
جېنىم ئامرىقىم ) دىگەن شېئىرىدىن باشلانغان . بۇ يەردە شائىرنىڭ بۇ شېئىرىدىن كەڭ ئوقۇرمەنلەر بىلەن يەنە بىر قېتىم ھۇزۇرلانساق ، ھەقىقەتەن ئارتۇقلۇق قىلمايدۇ .

تاك ، تاك ، تاك ، مەن كەلدىم
جېنىمغىنە ، جېنىم ئامرىقىم
ئەينەك سۇنۇقلىرىدىن چىرايىڭنى ئىزلەۋاتامسەن ؟
ياغاچ ئوچاقتا ماڭا ئۇماچ ئېتىۋاتامسەن ؟
چار مىخلارنى تېنىڭگە سانجىپ تاماكا خالتىسى كەشتىلەۋاتامسەن ؟
مەن يالىڭاچ ، ئۇياتچان ،
يۈزۈڭگە تەبەسسۇمدىن ئارتىۋال رومال
كىرپىكىڭنى قېقىپ ئولتۇر يات ئىقلىمنىڭ بورانلىرىدەك
ئېتىكىڭ ئاستىغا يوشۇرۇپ قوي خازانلىرىڭنى
ئىشتانسىز سەمىمىيىتىڭ ئالدىدا ئۇيۇلۇپ قالىمەن .

تاك ، تاك ، تاك ، مەن كەلدىم
چىقمىساك ئۆگزەڭگە چالما تاشلايمەن،
تۈڭلۈكۈڭگە پوتاباغلايمەن
تاملىرىڭنىتېشىۋېتىشىمدىنقورقمامسەن ؟
تال چىۋىق ئېتىمغا مىنىپ كەلدىم
بىر دەمدىلا قېرىپ كېتىمەن ،
مەيدە تۈكلىرىمدە قۇشقاچ ئۇۋلايدۇ
بالىلار بۇرتۇمغا چالما تىزىپ ئوينايدۇ.
ئىشىك تۈۋىڭدە
ھاسام كۆكلەپ چىنار بولىدۇ
قۇنىۋېلىپئۇنىڭغا
سېنى قورقىتىپ قاغا قاقىلدايدۇ.

جېنىمغىنە ، جېنىم ئامرىقىم
چىمەن دوپپاڭنىڭ قاقاس ئېتىزلىرىنى سۇغرىۋاتامسەن ؟
قىرىق كۇكۇلاڭنىڭ غايىپ بولغان ئوتتۇز توققۇزىنى ئىزلەۋاتامسەن ؟
قېشىڭدا ئوسما مايسىسى ئۆستۈرۋاتامسەن ؟
تىرنىقىڭدا خېنە گۈللىرى ئېچىلدۇرۋاتامسەن ؟
قەپەستىكى تورغاينى قويىۋەتتىم
قاقاس يەرلىرىڭگە ئاقاي دەيمەن ،
تاك ، تاك ، تاك ، مەن كەلدىم .

ئۆز ۋاقتىدا مەن بۇ شېئرنى تۇنجى قېتىم ئوقۇپلا چوڭقۇر ھاياجانلىق ھىسقا چۆمۈلگەنئىدىم . ئالدى بىلەن بۇ شېئىردائىپادە تاپقان تىل ۋە ئۇسلۇب ئۆزگىچىلىگى ، شېئىرى رېتىمدىكى تەبئىيلىك ئوقۇرمەننىڭ كۆڭلىنىئىختىيارسىز ئۆزىگە مايىل قىلدۇ . شائىر ئۆزىنىڭ چىن ھېسىياتىنى ، روھىدىكى نازۇك ھىس - تۇيغۇسىنى ناھايتىئوبرازلىق ، كونكىرىت ئەكىس ئەتتۈرۈپشېئىرنىڭ ئىستىتىك مەنە قاتلاملىرىنى ناھايتى گۈزەل بىر مەنىۋى ھالەتتە روياپقا چىقارغان . بۇشېئىر باشتىن - ئاخىر بىر خىل ياۋايىلىق ، يەنە كېلىپ ئايال زاتىغا شۇنچىلىك مېھىرلىك بولغان ئەركەكلىك روھى بىلەنسۇغرىلغان بولۇپ ، زامانىمىزدىكىشالغۇتلاشقان مەدەنىيەت مۇھىتىدىن روھى سىقىلغان ، مۇھەببەتلىك ، غېرىب بىر شائىرنىڭ ساپ ،قەدىمى ئۇيغۇر مەدەنىيەت چەمبىرىكى ئىچىدىكى پاك ، گۈزەل بىر قىزغا بولغان چەكسىز زارىقىش ، ئېچىرقاش روھى ھالىتىناھايتى يۇقىرى بەدىئى ماھارەت بىلەنئىپادىلەنگەن .. .
شۇنىڭدىن كىيىنئىمكانىيەتيار بەرگەن دائىرە ئىچىدە شائىرنىڭ ئەسەرلىرىگە ئىزچىل دىققەت قىلىپ كەلدىم . ئۇنىڭ ««تۇرپان»» ژورنىلىنىڭ 2003 - يىللىق 2 - سانىدا ئېلان قىلىنغان «« ئەرنىڭ ئىپپىتى »» دىگەنماۋزۇ ئاستىدىكى نەسىرلىرى قۇچاقلاپ ياتقان غايەت زور مەزمۇننىڭ ۋەزنىگە چىداپ بولماق ھەقىقەتەن تەس ئىدى . ئەسەردەخۇددى ۋولغان لاۋلىرىدەكئۆز ئىچىدىن ئېتىلىپ چىققان بۈيۈك بىر مەنىۋى قۇدرەت زامانىمىزدىكى ئۆز ۋۇجۇدىدىكى شۇنچىلىكئەجەللىك روھى كىرزىسلىرى بىلەن كارى يوق ، ئىجتىماىئي رېئاللىقنىڭ قۇلى بولۇپ ، ئۇنىڭ رەڭدار ئالۋۇنلىرىنىڭ كەينىدىنئىشەكتەك سوكۇلداپ يۈرگەنبىھىساپ «« ئەقىل ۋە بوپۇز ئىگىلىرى »» نىڭ يۈزىنى يەرگە قارىتاتتى . زامانىۋىلىشىىش، دۇنياۋىتەرەققىيات ۋە مەدەنىيەت بىلەن بىر گەۋدىلىشىش ئېقىمى جەريانىدا يۈز بەرگەن بىنورمال ئىجتىمائى ھادىسىلەرگە قاراپگاڭگىرىغان ، سۈكۈتكە چۆككەن ياكىئۇنىڭ ئالدىدا ئۆزىنىڭ مۇستەھكەم مەنىۋى توساقلىرىنىڭ ئاساسىنى تەۋرىتىپ قويۇپ پوككىدەتىزلانغانلارنىڭ روھىيىتىگە بىر قاتار سوراق ۋە ئۈندەش بەلگىلىك سىرتماقلارنى ئاساتتى . «« ئەركەك بىز »» دەپ مەيدەمۇشتلاپ ، شۇنچىلىك ئاچ ۋەقۇپقۇرۇق روھى غالبىيەتچىلىگىدە پۈۋلىگەن شاردەك يوغىناپ ، پاكىز تۇپراقتا ناپاك ئاياقلىرىنى سۆرەپ، گۈلگۈن چىمەنلەرنى چەيلەپ يۈرگەنلەرنىڭ ۋىجدانىغا بولسا «« چاڭ ، چۇڭ »» قىلىپ ۋەزمىنلىك تەستەكلەرنى سالاتتى .
شۇنداق ، شائىر شۇنداق ئويلايدۇ . «« ئەرنىڭمۇ ئىپپىتى بولىدۇ ، ئۇ - ۋەتەن . »» يەنەشۇنداق ئويلايدۇ ، ««ۋەتەنسىزلەرنىئاللاھ كەچۈرمەيدۇ ، ئۇلار جەننەتتىن ئۈمۈد كۈتمىسۇن . جىنايەت روھتىكى يېڭىلمەس كۈچتۇر، ھەققانىيەتنى ئاشۇ كۈچ يارىتىدۇ . . . ۋەتەنسىز ئەرلەر - ئىپپەتسىز ئەرلەردۇر ، ئۇلارنى دۇنيا كەچۈرمەيدۇ ، شۇڭا ئۇلارباراۋەرلىكتىن ئۈمۈد كۈتمىسۇن . .. »» شائىر يەنە ئويلايدۇ، «« چۆلدە كارۋان ناخشىسى ئەمدى قايتا ياڭرىماس ، ئەمدى يولباشلاپ ساڭا جەڭلەردە بۆرە ئۇچىرماس،
قەدىمى جەسەد ، باش سۆڭەكلىرى شاھىد ، لېكىن مىڭ توۋلىساڭمۇ بىر لەبزە زۇۋانچىقماس، سەن ئۆزۈڭگە قالدىڭ ، ئەر. قاغا مىڭ يىل ياشىسىمۇ رەڭگى قارا ، بەختى قارا . قۇش ئالتۇن قەپەزدە تۇرۇپمۇ كۆككەئىنتىلەر . سەن ئۆزۈڭنىڭ قۇلى ھەم زىندانىسەن . سەن ئۆزۈڭگە قالدىڭ ، ئەي ئەر. خوتۇنۇڭغا تۆلەپ تۈگەتكۈسىز قەرىزدارسەن .باللىرىڭنىڭ پىشانىسىدىكىمۇشتلىرى تۈگۈلگەن قىسمەت سايىسىنى كۆردۇڭمۇ ؟ ئەي ئەر ! . . . »» شائىر شۇنداق ئويلايدۇ . . . ئويلىرى شۇنچىلىكئېغىر ، قاشاقلىققا كۆنۈپ قالغانۋۇجۇدلارشائىرنىڭ ئويلىرىنى كۆتۈرەلمەي غال - غال تىتىرەيدۇ . شائىر يەنە شۇنداق ئويلايدۇ . . . ئويلىرىشۇنچىلىك جەڭگىۋار ، ئۆز سېزىمىنى تېخى تولۇق يوقۇتۇپ ئۈلگۈرمىگەن يۈرەكلەر ئازاب ۋە سىقىلىشتىن ئاچچىق تىپچەكلەيدۇ. ئەزايى بەدەنلەردىن چىپىلداپتەرلەر قۇيۇلىدۇ . ۋۇجۇدلار قايتىدىن لەرزىگە كېلىپ ، مۇشتلار تۈگۈلىدۇ . قوشۇمىلار تۈرۈلۈپ ،لەۋلەر چىشلىنىدۇ . . . ئارقىدىن شائىر ھەيۋەتلىك تەڭرىتاغلىرىدەك بۈيۈك بىر ئاتىنىڭ ئوبرازىغا كىرىپ قوينىداخۇددى يۇلتۇزدەك چېچىلىپياتقان باللىرىنى ئۆز ئەتىراپىغا يىغىپ ، كۆزلىرىدىن ئۈمۈد ئۇچقۇنلىرىنى چاچىراتقىنىچە ئۇلارغائېتىغاد ھەققىدە سۆزلەيدۇ . «« ئەي ئوغلۇم ، قارغاينىڭ جەسۇرلۇقى ، قىشمۇ - ياز ياپيېشىل تۇرۇشى نېمىدىندۇر؟توغراقنىڭ جەزىرە - باياۋانلارداياشناپ تۇرۇشى نېمىدىندۇر ؟ مەن بۈگۈن ئېتىقاد ھەققىدە سۆزلەيمەن ، ئېتىقاد - جاننى خەجلەشدېمەكتۇر ، ئېتىقاد - مەخسەت ئۈچۈن كۈرەش قىلىش دېمەكتۇر . . . ئېتىقاد - ۋەتەننىڭ روھتىكى تۆرەلمىسى ، زېمىندىكىيىلتىزى . ئۇ مەشرەپنى دارغائاستۇرغان، ئادىلنى دارغا چىقارغان. بىلىم ئال ، ئۆگەن ، ئالىم بول . لېكىن ئېتىقادىڭنى بىل ،بولمىسا بىلىمىڭ - رەقىبىڭنىڭ سېنى يوقىتىشتىكى ئەڭ ئەپچىل قۇرالى خالاس . »» بۇ چاغدا شائىرنىڭ كۆز - چاناقلىرى نەملىندۇ. ھاياجانلىق تىنىقىنىتەستە بېسىۋېلىپ ، ئۆزىگە قىزىقسىنىپ قاراپ تۇرۇشقان باللىرىنىڭ بېشىنى نۇرلۇق ئالقانلىرى بىلەنسىيلاپ قويۇپ ئەبەدىيلىك ئۈگۈتىنى باشلايدۇ . «« ھەر كىم پادىشاھ بولۇش ئۈمۈدىدە بولسۇن ، بۈ جىنايەت ئەمەس ، ھەر كىمئۆز ۋەتىنىنى قۇرسۇن ھەم ئۇنىقىزغىن سۆيسۇن ، بۇ جىنايەت ئەمەس . ھەر كىم ئۆز ئېتىقادى ئۈچۈن كۈرەش قىلسۇن ، بۇ جىنايەتئەمەس. جىنايەت - ئۈمۈد قىلماسلىق ، قىزغىن سۆيمەسلىك ، كۈرەش قىلماسلىق . ئوغلۇم ،ئىتنىڭ سۆڭەك ئۈچۈن زەنجىرگە رازى بولۇشى نىمەئۈچۈندۇر ؟ كالىنىڭ سامان ئۈچۈن ساپانغا رازى بولۇشى نىمە ئۈچۈندۇر ؟ »»
مېنىڭچە ياخشى چىققان بىر ئەدەبى ئەسەرنىڭ رولىنى ، ئىجتىمائى رېئاللىقىىمىزنى ئەكىسئەتتۈرۈپ بېرىشىدىكى قىممەت ھەمكۈچىنى ھەرگىزمۇ سەل چاغلاشقا بولمايدۇ . «« ئەرنىڭ ئىپپىتى »» نۆۋەتتىكى سىياسى ، ئىقتىساد ، مەدەنىيەتتە بىر گەۋدىلىشىشدولقۇنىدا يوقۇلىشقا قاراپيۈزلەنگەن ، ئەمەلىيەتتە رېئال مەۋجۇدلۇقىمىزدا كەم بولسا بولمايدىغان ئۆزىمىزگە خاس كىشلىكدۇنيا قاراش ، قىممەت قاراشلىرىمىز ،ئەنئەنىۋى ئەخلاق قارىشىمىزنى تېپىۋېلىشقا ، كۈنسىرى پۈچەكلىشىپ كېتىۋاتقانئادىمىيلىك قىممىتىمىزنى رۇسلىۋېلىشىمىزغا، كەڭ تەبىئەتكە ، چىن ئىنسانلىق تەبىئىيتىمىزگە قايتىشقا ، زامان ۋە ماكان ئالدىدىكىدىشۋارچىلىقتىن ئۆزىنىڭ ئورنىنى ، ئادىمىيلىك قىممىتىنى يوقۇتۇپ قويىۋاتقانئەركەكلىرىمىزنىڭ ئۆز رولىنى تۇلۇق تونۇپ ، تارتقۇزۇپ قويغان بىباھا گۆھەر - ئەرلىك ئىپپىتىنىتېپىۋېلىشقا چاقىرىق قىلىدۇ .
ئۇنىڭدىن كىيىن «« تۇرپان »» ژورنىلىنىڭ 2003 - يىللىق 3 - ۋە 4 - سانلىرىدا «« تامغاسۆزلەش»» ، «« بۇ ناماز شام مەن يەنە. . . »» دىگەن ماۋزۇ ئاستىدا شائىرنىڭ بىر يۈرۈش نادىر ئەسەرلىرى ئېلان قىلىندى . شائىر بۇشېئىرلىرى ئارقىلىق مەيلى شېئىرى تىل ياكى شەكىل قوللىنىش جەھەتتە بولسۇن ، ۋە ياكى پەلسەپىۋى پىكىر ، تەپەككۇرىنىئوبرازلىق ئىپادىلەش جەھەتتەبولسۇن ئۆزىگە خاس بىر ئۇسلۇبتىن كەڭ كىتابخانلارغا ئالدىن بىشارەت بەرمەكتە ئىدى . دەرۋەقە، «« شېئىر ئەڭ پىنھان ، ئەڭ ئىچكى تەرجىمھالدۇر . »» «« ئابدۇقادىر جالالىدىن »» ( ئوتتۇز بەش يېشىم ۋەشېئىر ) شائىرنىڭ بۇ بىر يۈرۈششېئىرلىرىدىنبىز شائىرنىڭ مەنىۋىيتىنى ، يەنى ئۇنىڭ قەلىب دۇنياسىدىكى ئازاب ۋە سىقىلىشلارنى ، گۈزەللىكۋە مۇھەببەت قاراشلىرىنى ، يۇرت - ۋەتەن سۆيگۈسىنى ، يەنە بىر خىل ياۋايىلىق ، ئەركەكلىك ، ئېسيانكارلىقتىن ئىبارەتتوسقۇنسىز بىر روھنى ، يەنى شائىرمەشرەپ روھىنى كۆرۈشكە باشلىغانتۇق . ئۇنتۇلۋاتقان ئەجداد روھى يىراقلاردىن بىزگە قولپۇلاڭلىتىپ كېلىۋاتقاندەك قىلاتتى. ئۇنىڭ شېئىرلىرىدىن بىز يوقۇتۇپ قويغان ئۆزۈمىزنى ، مىللى روھىمىزنى شېرىن بىر ئازابئىچىدە كۆرۈۋاتاتتۇق . شۇنىڭ بىلەنبىرگە ئۆز شېئىرلىرى بىلەن بىزگە ئۈمۈد ۋە ئىشەنچ ئاتا قىلىۋاتقان بۇ سۆيۈملۈك شائىرىمىزنىڭئائىلە ، خىزمەت ، تۇرمۇش ئەھۋالىغا ، ھايات مۇساپىسىگە بولغان قىزىقىشىمىز كۈنسىرى كۈچۈيۈپ بېرىۋاتاتتى .ئارزۇيىمىزغا يارىشا «« تەڭرىتاغ»» ژورنىلىنىڭ2004 - يىللىق تۇنجى سانىدا مۇتەللىپ ئىقبالنىڭ شائىر بىلەن ئېلىپ بارغان سۆھبەتخاتىرىسى««غۇجىمۇھەممەدنىڭ بايانى »» بىلەن يۈز كۆرۈشتۇق . رېئاللىقتىكى شائىرنىڭ شېئىرىيەتكە بولغان كۈچلۈك مۇھەببىتى ،ئۆزىنى بېغىشلاش روھىدىنقەلبىمىز لەرزىگە كەلدى . مۇشۇ سەۋەپ يولۇققان ئازابلىق كەچمىشلىرىدىن ( ماكانسىزلىق،ئىشسىزلىق ، ئىقتىسادى بېسىم ، ئۆمۈر جۈپتى بىلەن ئاجىرشىپ كېتىش ) ئىچىمىز ئاچچىق ھىسلارغاتولدى . «« مېنىڭ ئېتىقادىم - ھاياتىمنىڭ مۇھىم بىر قىسمى بولغان ، مېنىڭ ياشىشىمنى قىممەتكە ئىگە قىلىپ تۇردىغانيېزىقچىلىقلا بولىدىكەن ، ئۇنۇڭغا مەڭگۈئۆزۇمنى بېغىشلايمەن »» دەيدۇ شائىر بۇ سۆھبەت خاتىرسىدە ، «« مەن ئەزەلدىن ئېتىقادىم -ھاياتىم بولغان شېئرىيەتكە ئاسىيلىق قىلمىدىم ، ئۆزۈمگە ئاسىيلىق قىلمىدىم . بۇ يەردە بەدەل تۆلەش ئانچە مۇھىم ئەمەس»» كاللىمزدا سانسىزلىغانسۇئال ۋە ئۈندەش بەلگىلىك جۈمۈلىلەر ئەگىيتى . شۇنداق ، شائىرلىق - بىر ئىلاھى ئىشىق ، كىشىھاياتىدا ئۆزى خالاپ دۈچ كەلگەن ئۇلۇغۋار قىسمەت. بىر شائىر ئۈچۈن ئۆزىدىن ھالقىغان ، بىر مىللەتنىڭ ، ھەتتا بىر پۈتۈنئىنسانىيەتنىڭ بەخىتسىزلىگىھەم غېرىبلىقىدىن ، ھەسرەتلىك رېئىللىقىدىن كېلىدىغان ئازابنىڭ ئۆزى يېتەرلىك ئەمەسمۇ ؟زامانىمىزدىكى ئەقىللىق كىشلەر توپى ماددى مەنپئەتنى بىردىن- بىر ئورۇنغا قويۇپ ، ئىنسانىي ھس - تۇيغۇسىدىن كۈنسىرىياتلىشىپ كېتىۋاتقان مۇشۇ كۈنلەردىمۇشائىرلارنىڭ ھىچبىرسىنىڭ تاپشۇرۇقىسىزلا بىر پۈتۈن مىللەتنىڭ قەلىب پايانىغا ئىچكىرلەپ كىرىشى، پۈتكۈل ئىنسانىيەت روھى ئۈچۈن ئۈنتىنسىز بەدەل تۆلىشىنىڭ ئۆزىلا يەتمەمدۇ ؟ كور زاماننىڭ ئۇنى يەنە خۇسۇسىيغەم - قايغۇنىڭ ئازگاللىرىغائىتتىرىپ ، ماددى مۇھتاجلىقنىڭ ئىسكەنجىسىگە تۇتقۇن قىلىشى نىمە ۋەجىدىن ؟ سۆيگۈنىڭھىجران ئوتىدا يۈرەك - باغرىنى داغلاپ ، تىرىكچىلىكتىكى بىھۇدە ئىشلار بىلەن زېھنىنىخورىتۋېتىشى نىمە ۋەجىدىن ؟ شائىر بوغدا ئابدۇللا «« شائىر تەبىئەتنىڭ ئۆگەي پەرزەنتى ئەمەس »» دىگەن . ئۇ بۇ سۆزنىقىلغاندا ئەلۋەتتە شائىرلىرىمىزنىڭئۆز ئىجادىيىتىدە ئانا تەبىئەتنى ئەكىس ئەتتۈرۈشىنى ، ئۇنى چۈشۈنىشنى ، كۆز ئالدىدىكى ھازىرقى شەيئى ۋە ھادىسىلەردىنقەدىمقى ھالەتلەرنى كۆرۈپ يېتىشنى كۆزدەتۇتقان . بىز بۇ يەردە بۇ جۈمىلىدىكى «« تەبىئەتنىڭ »» دىگەن سۆزنى ئۆز ئېھتىياجىمىزغاماسلاشتۇرۇپ «« زاماننىڭ »» دەپ ئۆزگەرتىمىز ۋە «« شائىر زاماننىڭ ئۆگەي پەرزەنتى ئەمەس »» دەپ خىتاپ قىلىمىز. شۇنداق ،شائىر زاماننىڭ ئۆگەيپەرزەنتى ئەمەس ، ئۇمۇ مۇشۇ ئوبىكتىپ جەمئىيەتتە ياشاپ تۇرىۋاتقان ئىكەن ، چوقۇم باشقا كەسىپتىكىلەربىلەن ئوخشاش كىشلىك تۇرمۇشنىڭ خىلمۇ - خىل بەختىدىن ھوزۇرلىنىشى كېرەك. «« قۇرسىقى ئاچ ، ئۇچى يالىڭاچ »» قالماسلىقى،ئادەملەر ئۇنىڭغا يات بىر نەزەربىلەن قارىماسلىقى كېرەك . بەلككىم بىز بۇ يەردە سۆزلەۋېرىپ تولىمۇ رومانتىك ، خىيالى بىرمەنزىرنى چۈشەۋاتقاندىمىز . ۋە بەلكىم شائىرلىق قىسمىتى دىگەن شۇندق بولار ، ۋە بەلكىم بىزنىڭ شائىرىمىز ئۆزىدىكىزىدىيەتلىك ئامىللارنى ياخشى بىرتەرەپ قىلىپ ، بۈگۈنكى بۇ مۇرەككەپ ، رىقابەت بىلەن تولغان جەمئىيەتكە ئاكتىپ ماسلىشىپ ،ئۆزىنىڭ ھەر جەھەتتىكى ئىقتىدارىنى تولۇق نامايەن قىلىشقا ئۈلگۈرەر . . . مەن شائىرنىڭ بۈگۈنكى رېئاللىقىدىن ئەتەمھەققىدە ئىزتىرابلىق خىياللارغاچۆمۈلدۇم .
ئىقتىدارلىق بىر ئاپتۇر ئۆزىنى سۆيىدىغان ، ئەسەرلىرىنى ياقتۇرۇپ ئوقۇيدىغان ،ئەسەرلىرىدىكى كۆپ قاتلاملىق، چوڭقۇر پەلسەپىۋى مەنەيوللىرىدا ئۆزى بىلەن ياندىشالايدىغان تەپەككۇرى ئوچۇق ، يۇقىرى سەۋىيىلىك كىتابخاننى ئۆزى يارىتىدۇ . شائىرغۇجىمۇھەممەد يېقىنقى مۇشۇ بىرنەچچەيىلدىن بۇيان ئۆزىنىڭ يېڭىچە قاراش، ئۆزگىچە تەسەۋۋۇر قىلىش ئۇسۇلى بىلەن شەكىل ۋە بەدىئي جەھەتتىنبىر قەدەر يۇقىرى بولغان كۆپلىگەن ئەسەرلەرنى ئېلان قىلىپ ئۆزىنىڭ كەڭ كىتابخانىلىرىنى ياراتتى ۋە ئۇلارنىڭ بىردەكئېتىراپ قىلىشىغا ئېتىشتى . ئۇنىڭ «« غېرىبنىڭناخشىسى »» ، «« ئات ، ئونسەككىز ياش»»، «« قايتىش »» ، «« دەھشەتلىك خىيال »» ، ««قانىغان قان »» ، «« شېئىر يېزىۋاتىمەن »» قاتارلىق بىر يۈرۈش شېئىرلىرىدىن
«« مەن ۋەتىنى يوق پادىشاھ ياكى پادىشاھىنى ئىزدەۋاتقان بۈيۈك قۇل
ئون ئىككى مۇقام ياكى تىلى كېسىلگەن گاچا بۇلبۇل
تەكلىماكان ياكى تارىمنىڭ قۇرۇش جەريانى
ئۇيغۇر ياكى قارغۇ قۇياشنىڭ نۇر ھەققىدىكى بايانى . . .
مەن ئۆزۈم يازغان شېئىرلاردىكى
ئورنىدىن تۇرىۋالغان جەسەت
تىرىكلەرنىڭ كۆزىدىكى ئۇلۇغ ھەسرەت
ئېگىز پىچاق ،
ئورۇق ئوق ،
بۇرۇتلۇق قان! . . . »»
دىگەنگە ئوخشاش بايان تۈسىنى ئالغان شېئىرى جۈمۈلىلەرنى ئۇچۇرتىمىز . ئۇنىڭ بۇشېئىرلىرىدا شېئىرى شەكىل بىلەن مەزمۇن، لىرىك ھىسىيات بىلەن پەلسەپىۋىلىك شۇ قەدەر جىپسىلىشىپ كەتكەن بۇلۇپ ، روشەن خاسلىققا ئىگە . شائىر ئۆز تەسەۋۋۇرىنى بۇ خىل شېئىرلىرىداھەر خىل سۈنئي بېزەكلەردىنخالى ھالدا ناھايتى ئەركىن - ئازادە قانات يايدۇرىدۇ ، ۋە ئىجادى پىكىر قىلىدۇ . ئۆز ئىجادىپىكىرلىرىنى باشتىن -ئاخىر لىرىك بىر كەيپيىياتتا شېئىرنىڭ بىر پۈتۈن گەۋدىسىگەسىڭدۈرۋېتىدۇ . ئۇنىڭ تەسەۋۋۇرىدا شائىرلار ئىپادىلەشكە تېگىشلىك بولغان ھەر خىل شەيئى ۋەھادىسىلەر مۇئەييەن بىرئىجادى پىكىرنىڭ ئاچقۇچىدۇر.

. . . . . . . .
توپ - توپ بولۇپ ئۆلمەكتە كىپىنەكلەر بازاردا
چىۋىنلەرنىڭ قىساسى ھەممە جاينى قاپلىغان.
ھىلال ئەمەس ئايپالتا ، يۇلتۇز ئەمەس ئوت ئوقيا ،
قۇياش ئەمەس نان، ۋەتەن بېرىشكە بولمايدىغان جان.
چاپالماس ئەبەدىي رەسىمدىكى ئات،
ئېچىلماس مەڭگۈ چۈشتىكى رەيھان.
ئۆلۈم ئۈچبۈرجەك
تۆمۈر قان ، شۈك ئەمگەك ، تۆت چاسا نان.
قىزىل تاكسى بۇزۇق قىز ، تىرەكتۇرلار ھاشاردا ،
يىرتىق ئىشتان ھاياجان ،
روھ تۇپراق ، تەن ئاسمان .
. . . . . . . .

مانا بۇ شېئىرلاردىن بىز شائىرنىڭ شېئىر بىلەن بىر تەن بىر جان بولۇپ كەتكەن ھاياجانلىقۋۇجۇدىنى كۆرەلەيمىز . بۇ شېئىرلارنىبىز ھەر بىر قېتىم ئۇقۇغىنىمىزدا ئۇنىڭدىكى مەنە بوشلۇقىنىڭ كۆپ قاتلاملىق ھەم چوڭقۇرلىقىدىن ، شېئىردىكى لىرىك كەيپىياتنىڭ چىنلىقىدىن ھەر قېتىم يېڭىدىن - يېڭى لەززەتلەتنى ئالىمىز . شائىرنىڭ تەسەۋۋۇر ئالىمىنىڭ كەڭلىكىدىن قەلبىمىز ھاياجان -ئىزتىرابلاغا چۆمۈلىدۇ . ئۇيغۇر تىلىمىزنىڭ سېھىرلىك ھەم گۈزەل ئىپادىلەش كۈچىگە مەپتۇنبولىمىز . . .
مانا بۇلار مېنىڭ شائىرنىڭ ئەدەبىي ئىجىدىيىتىگە بولغان يۈزەكى كۆز قاراشلىرىم .باشتا دەپ ئۆتكىنىمىزدىكىدەكشائىر غۇجىمۇھەممەدنىڭ ئۆزىلا ئەدىبلىرىمىزنىڭ تەتقىق قىلىشىنى كۈتۈپ تۇرغان بىر تېما .مېنىڭچە بىزدە بىر يازغۇچى ياكى شائىر ئۆز ئىجادى ئەمگەكلىرى ئارقىلىق بىر دەۋىر كىشلىرىنىڭ ئورتاق ئېتىراپقىلىشىغا ئېرىشكەن ئىكەن ، ئەدەبىيات نەزىرىيەچىلىرىمىز چوقۇم ئۇنىڭ ئىجادى ئەمگەكلىرىنىىمۇئەييەنلەشتۈرىشى ، ژورناللار ئۇنىڭ ئۈچۈن مەخسۇس مۇھاكىمە - سۆھبەتلەرنى ئۇيۇشتۇرۇپ، ئەسەرلىرىنى ئىلمىجەھەتتىن شەرھىيلەپ چىقىشى كېرەك . بۇنداق بولغاندا ئالدى بىلەن شۇ ئاپتۇر ئۆزىنىڭ نۆۋەتتىكى ئەدەبىيئىجادىيىتىدىكى ئورنىنى بىلۋالالايدۇ . بۇنىڭدىن كىيىنكى ئىجادىيەت ، تەرەققىيات يۆنىلىشىنى بەلگىلىيەلەيدۇ . ئۆزىنىئىگىسىز ھىس قىلمايدىغانبولىدۇ . بىر مىللەتنىڭ روھى شۇ مىللەتنىڭ يازغۇچى - شائىرلىرىدا ئەڭ يۈكسەك دەرىجىدەمۇجەسسەملەنگەن بولىدۇ . مۇشۇ مەنىدىن ئېيتقاندا بىر مىللەتنى دۇنياغا تونۇتۇشتا شۇمىللەتنىڭ يازغۇچى - شائىرلىرىنىڭ رولىغا ھەرگىز سەل قاراشقا بولمايدۇ . چىڭغىز تۆرەقۇل ئوغلى ئايتماتوفنىڭ يازغان ھېكايە ،پوۋىست ، رومانلىرى شۇ كۈنلەردەمىللەت ۋە دۆلەتلەر چېگرىسىدىن ھالقىپ ئۆتۈپ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى قەدىمىي چارۋىچىلىقمىللەت بولغان قىرغىزلارنى پۈتۈن دۇنيا جامائەتچىلىكىگە تونۇتمىدىمۇ ؟
شېئىر تەنھالىقتىن تۇغۇلىدۇ . ئۇ شائىرنىڭ ئۆز - ئۆزىگە پىچىرلىشى ، غېرىپقەلبىنىڭ ئازابلىق تىتىرشىدىن ئىبارەتتۇر . ئادەملەر ئۆزلىرى ئىجاد قىلىشقان ئەقىل ۋە تېخنىكا پىرىنسىپلىرىنىڭ قۇلىبولۇپ ، ئىنسانلىق ھىس - تۇيغۇسىدىن پۈتۈنلەي ئايرىلىپ ياشاۋاتقان مۇشۇ كۈنلەردە ، پەقەت شائىرلا ئۆزىنىڭ غەم -ھەسرەتكە تولغان روھى دۇنياسىداتەنھا ياشىماقتا . ھالبۇكى ، ئىنسانىيەتنىڭ ئۆز - ئۆزىدىن ياتلىشىش سەپىرىدىكى ھاياجانلىق ،مەغرۇرانە تىنىقلىرى تېخى پەسەيگىنى يوق . قانداق قىلىش كېرەك ؟ شېئىرنىڭ بۇ جەھەتتىكى ئۇلۇغۋار روھىنى ھەقىقى مەنىسىبىلەن تونۇپ يەتكەن شائىرلارلا بۇسۇئالغا ئۆز قان - تەر بەدلىگە ئەبەدىيلىك جاۋاپ بېرەلەيدۇ .


مەنبە -سۇمرۇغ مۇنبىرى .2004-يىلى 12-ئاينىڭ 20-كۇنى كېچە سائەت  1:30 دا يوللانغان ھەم شۇ ۋاقىتتا ئىلان قىلىنغان



بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   jallat تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-8-6 09:38  


 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-8-5 15:56:28 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ئەركەكلىكنىڭ چىللىشى



نۇرمۇھەممەت ئۆمەر ئۇچقۇن



نەچچە مىڭ يىللىق مەدەنىيەت تارىخىمىز ۋە يازۇ-پۈتۈكلىرىمىز بىزگە خەلقىمىزنىڭ پىسخىكىسى ۋە ھاياتلىق مىزانى ھەققىدە قىممەتلىك تەلقىن ئېيتىپ بېرەلەيدۇ. بىز تارىخنىڭ سارغايغان بەتلىرىنى قانچە كەينىگە ۋاراقلىغانسېرى شۇنچە ئىپتىخار ۋە ھاياجانغا چۆمىمىز. گەرچە نېمە ئۈچۈنلىكىنى دەپ بېرەلمىسەكمۇ، ئۇزاق تارىخنىڭ سەلتەنەتلىك شانۇ-شەۋكىتى دىللاردا كەيىپ، تىللاردا كۆپۈك قايناتماي قالمايدۇ. مەن ھون تەڭرىقۇت چەۋەندازلىرى، ئوغۇزخان، ئاتىللا، چىنتۆمۈر باتۇر... لار ھەققىدە گەپ بولغاندا كۆزلىرى ھەۋەس، شادلىقتا چاقنىمىغان، قېنى قىزىپ، ھاياجىنى تاشمىغان بىرمۇ ئۇيغۇرنى كۆرمىدىم. «سىپارتاك»، «سۇ بويىدا»، «ئۈچ پادىشاھلىق ھەققىدە قىسسە» فىلىملىرىگە مىختەك قادىلىپ ئولتۇرۇپ، باھادىر ئەزىمەتلەرنىڭ ھەق-ناھەق پاسىلى ئۈستىدىكى غەزەپ-زارىغا، قورقۇمسىز شىر يۈرەكلىكىگە ئاپىرىن ئېيتىپ تىل چاكىلداتقان ئادەملەرنىڭ قانچىلىك ئىكەنلىكىنى ھېچكىم ساناپ بېرەلمەسلىكى مۇمكىن. تارىخ نوقۇل يىللار دۆۋىسى ئەمەس. يالغۇز ۋەقەلەرنى دەلىللەش ۋە قاتىرىسىغا يىلنامە، جەڭ خاتىرىلىرىنى تىزىپ كۆرسىتىشلا ئەمەس. ئۇ مەلۇم بىر دەۋرنىڭ مەۋجۇدلۇق ئۈچۈن كۈرەش تارىخىلا ئەمەس، بەلكى بىر قەۋمنىڭ مەدەنىيەت، تۇرمۇش ئەندىزىسى، ئېتىقاد، روھىيەت ئارخىپى. بىز ئەمدى تارىخ تەتقىقاتىنى مەدەنىيەت پىسخىكا تەتقىقاتى دەرىجىسىگە كۆتۈرۈش ئۈستىدە ئىزدىنىشىمىز لازىم. چىنتۆمۈر باتۇر بەلكىم سىڭلىسى مەختۇمسۇلانى قۇتقۇزۇش ئۈچۈنلا يەتتە باشلىق يالماۋۇز بىلەن ئېلىشمىغان بولغىيتتى؟ ئۇنىڭ مىسران قىلىچىنىڭ غەزەپ بىلەن ھەر بىر ئۇرۇلۇشىدا ئۆز قېرىندىشى، ئائىلىسى، قەۋمىنىڭ ئار-نومۇسى، قىز-خوتۇنلىرىنىڭ ئىپپەت-ھاياسى، نەسەب شەجەرىسىنىڭ ئۇلۇغۋار-مۇقەددەسلىكىنى ساقلاش ئۈچۈن جان تىكىپ كۈرەش قىلىش ئەقىدىسى يالىلداپ تۇرىدۇ. دېمەككى، ئۇ بىزنىڭ روچىيەت تىندۇرمىمىزدا چۆچەك ئىچىدىكى بىر قەھرىمانلا ئەمەس، بەلكى ئەخلاق، ئەقىدە ئىمپېراتورىغا ئايلىنىپ كەتكەن. مۇشۇنىڭغا ئوخشاش مەنىۋىيەت يۇلتۇزلىرىمىزنى قايتىدىن، يېڭى-يېڭى روجەكلەردىن جۇلالاندۇرۇپ تۇرۇش، پۈكۈلگەن قەددىمىزنى رۇسلاپ، چىرىگەن قەلبىمىزنى پاكلاشتا پەۋقۇلاددە ئەھمىيەتكە ئىگىدۇر. راستىنى ئېيتقاندا، بىزنىڭ رېئال تۇرمۇشىمىزدىمۇ ئادەم سۈرەتلىك يەتتە باشلىق يالماۋۇزلار كۈنسايىن كۆپەيمەكتە.
  
   چۆچەكتە ئاران بىرسى بولسا، بىزنىڭ چۆچەكتەك خىيالى، رىۋايەتلەردىكىدەك بىغەم، ئەپسانىلەردىكىدەك بەدىۋىي رېئاللىقىمىزدا تۈرلۈك ئىجتىمائىي سىياقتا نىقابلانغان مۇنداق ئادەم سۈرەتلىك يالماۋۇزلار ئاز ئەمەس. ھۇشيار بولمىساق ماڭدامدا بىر پۇتلىشىپلا تۇرىمىز. بەلكىم مەن، سىز، بىز ... بىلىپ- بىلمەي يەتتە باشلىق يالماۋۇزلارغا ئوخشاپ قېلىۋاتقاندىمىز ياكى بولمىسا ئۇنىڭ مەلۇم بىر بېشىغا ... ئەمما چىنتۆمۈر باتۇر قېنى؟ مىسران قىلىچى بارمىدۇ؟ كاپكاپ كۈچۈكى تەييارمىدۇ؟ ئارغىماق ئېتى تەقمىدۇ؟... نازۇكۇم يېتىم بوتىلاقتەك ئايانچلىق ئاۋازدا شۇنداق قوشاق قېتىشقا مەجبۇر بولغانىدى: تاغدىن چۈشكەن لاي سۇنى، سۈزۈپ ئىچەر ئەر بارمۇ؟ نازۇك باشقا كۈن چۈشتى، ئېلىپ قاچار ئەر بارمۇ؟ ئۇنىڭ ھەسرەتلىك نىداسىغا ئېزىلگەن، خورلانغان پۈتكۈل قىز- ئاياللىرىمىزنىڭ مۇڭى قېتىلىپ كەتتى. ئەمما نازۇك باشلارغا كۈن چۈشكەندە ئەسقاتىدىغان ئەر نازۇكۇمغىمۇ، نازۇك قىزلىرىمىزغىمۇ چىقمىدى، چىقسىمۇ يوق ھېسابتا بولدى. ئاچچىق تارىختىن قېپقالغان ئازاپلىق سوئال ئۇيغۇرنىڭ ئاڭ بوشلۇقىغا يەنە شۇنداق ئېسىلغان پېتى قالدى: ئەر بارمۇ؟ ئەر بارمۇ؟؟؟ نەچچە مىڭ يىل ئۆتۈپ كەتتى. ئىنسانىيەتنىڭ قەھرىمانلىق دەۋرى جىمجىت ئاخىرلاشتى. بىز ئەمدى بىر چاغلاردىكى ئاقار يۇلتۇزدەك ئۇچۇپ بارىدىغان تۇلپار- ئارغىماقلارنى تار، بېكىك ئىشخانىلاردا يۇمشاق ئورۇندۇقلاردا ئولتۇرۇپ خىيالەن ئويلايدىغان بوپقالدۇق. بىر قوۋمم، ئەل ئۈچۈن نەچچە مىڭ باھادىر سۈپەت يىگىتنىڭ كۆزىنى مىتمۇ قىلىپ قويماي جان تەسەددۇق قىلىشلىرى كىتابلاردىكى ساماۋىي چۆچەكلەرگە، كىشىلەر ھەۋەس بىلەن ئېغىزىنى تامشىتىدىغان كەتسە كەلمەس ئۆتمۈش ئەپسانىلىرىگە ئايلاندى. بىز ئەمدى بۇنداق باتۇرلۇق داستانلىرىنى ھوللىۋود، جۇڭگو، شياڭگاڭنىڭ ئۇرۇش فىلىملىرىدىن كۆرىدىغان بولدۇق. ئەمما كۆرۈپ ھۇزۇرلىنىش ھامان كىشىلەرنىڭ ئىچكى تۇيغۇسىدىن چەتتە قالىدۇ، ئۇ مەڭگۈلۈك ئەس بوشلۇقىدىن قارار تاپالمايدۇ. كىنوخانىدىن چىقساقلا، تېلېۋىزورنىڭ ئالدىدىن قوپساقلا ھەممە يوق. ئالدىمىزدىكى بىر- بىرىدىن ئالدىراش، پەرۋاسىز ئادەملەر، ھەممەيلەن ياشاش ئېھتىياجىنىڭ ئايىغى چىقماس ھەلەكچىلىكىدە قالغان. تېخى بايىلا قارام ئەركەكچىلىكنىڭ ھۇزۇرلۇق ئېقىنىدا ئاققانلار يېنىدىلا بىر قىزنىڭ ناجىنسلارچە دەپسەندە قىلىنىشى، خورلىنىشى ياكى بوزەك قىلىنىشىغا پەرۋاسىز كۆز يۇمۇپ، قۇلاق يۇپۇرۇپ ئۆتۈپ كېتىشى مۇمكىن.
     مۇمكىنلا ئەمەس، تۇرغان گەپ. سىز، مەن ئۇنداق قىلمىدۇق دېيەلەمدۇق؟... روھىيەتتىكى ئەركەك ۋە ئەركەكتىكى روھ... قەھرىمانلىق ئەپسەنىسى ۋە ئەپسانىۋى قەھرىمانلىق... كىشىلەر ئايال مىجەزلىشىۋاتاتتى، ئاياللىشىش پۈتكۈل يەر شارى خاراكتېرلىك ئورتاق ئاپەت ئىدى... غايە بىلەن رېئاللىق، ئارزۇ بىلەن ئەمەلىيەت ئوتتۇرىسىدىكى تار قىسىلچىلىقتا پۈتكۈل ئىنسانىيەتنىڭ ناھايىتىمۇ ئېغىر پاجىئەلىك تەڭقىسلىقى مىچىلداپ تۇراتتى: ئەركەكلىك!!! ئات يايلى ئۆچتى سارغۇچ بەتلەردىن، باتۇرلۇق كۆچتى قىلىچلىق ئەردىن. - ئادىل تۇنىياز : «ئۇيغۇر كوچىغا چىققاندا» دىن بولار ئىمىش ئەرلەرنىڭمۇ ئىپپىتى، ۋەتەنسىزلەر كىرەلمەسمىش جەننەتكە. - غوجىمۇھەممەت مۇھەممەت : «ناخشا» دىن بىز قەھرىمانلىق دەۋرى ئەپسانىلەرگە ئايلانغان تالاي يىلدىن كىيىن توساتتىنلا كىملەرنىڭدۇ قەھرى بىلەن توۋلاشقانلىقىنى ئاڭلاپ قالدۇق. «ئەركەكلەر، قېنى سىلەر؟» دەيتتى بىرى ئادەم پاتماي قالغان ئۈرۈمچى كوچىلىرىدا ئەلەڭشىپ ۋارقىراپ يۈرۈپ. كىشىلەر ئۇنىڭغا قاراپ قويۇشاتتى-يۇ، يەنىلا ئۆز ئىشلىرى بىلەن بەند ئىدى. ۋارقىرىغانلا ئادەمگە قاراپ تۇرۇپ ۋاقىت ئىسراپ قىلىشقا بولمايتتى. پۇل تېپىش كېرەك ئىدى. تىجارەت قىلىش، خىزمەتكە بېرىش ئۈچۈن چاپمىسا بولمايتتى. پۇل تاپقاندا كىمنى قانداق چىرقىرىتىپ، ۋارقىراتقۇسى كەلسە شۇنى قىلالايدىغىنىغا ئۇلار سۆزسىز ئىشىنەتتى. ۋارقىرىغۇچىنىڭ ئەتراپىدىكىلەر بىلەن كارى يوقتەك ئىدى. ئۆز خىيالىدا ۋە ئۆلچىمىدە ئۇ يالىڭاچلىنىۋاتقان ئاياللارنى، ھىسسىياتىسىز، بېسىقىپ كەتكەن بىچارە ئەرلەرنى، كوچىلاردا كەلكۈندەك دەۋرەپ، قۇتراپ كېلىۋاتقان شەھۋەتنى، ھايانىڭ قات-قات چۈمپەردىسىنىڭ جارتىلداپ يىرتىلغىنىنى ئېنىق كۆرەتتى ۋە يەنىمۇ چىڭقىلىپ، بوغۇلۇپ ۋارقىرايتتى. «ئادىل تۇنىياز» دەپ قوياتتى كىملەردۇ ئېچىنىپ. ئۇنىڭ ئاڭلارغا چولىسى يوق ئىدى. ئۇ ئۆزى ئوبدان بىلەتتى، ناھايىتى ئېنىق، ھەغدادىغا يەتكۈزۈپ ئۆزىنىڭ كىملىكىنى بىلگەنىدى. ئۇنىڭغا، ياق، ئۇنىڭغا ئەمەس، ئۇنىڭ ئالدىدىكى بەتبەشىرە رېئاللىققا ئەر كېرەك ئىدى، ئەركەكلىك تۇزدەك لازىم ئىدى. ئۇنىڭدىن نەچچە مىڭ چاقىرىم يىراقلىقتا چاچ-ساقىلى ئۆسۈپ كەتكەن، خۇنۇك كۆزلىرىدىن جاھانغا بولغان ئاچچىق، سوغۇق مەسخىرەچاچراپ تۇرىدىغان ئېگىز بوي، ئاۋاق بىرى جىنازىدەك ئورۇق گەۋدىسىنى لەپەڭشىتىپ تۇرۇپ سەۋدايىلارچە توۋلايتتى. قەرز... قەرز... ئەرلەردىكى يوقالغان ئىپپەت... - غوجىمۇھەممەت مۇھەممەت: «ئەرلەرنىڭ ئىپپىتى» دىن ئۇ ئارقىدىنلا مەسخىرىلىك ھىجىيىپ تاشلايتتى. تولىمۇ تار، قاراڭغۇ سولاقمىغا ئوخشايدىغان زەيكەش ئۆيىدىن يۈگۈرۈپ چىقىپ شەھەر قىزغىنلىقىدا كەلكۈندەك ئېقىۋاتقان، ھەممىنى ئۇنتۇغان خوتەنلىكلەرگە قاراپ: كۆزۈڭنى ئاچ، قۇياش ساڭا پاتماقتا، ئۆزۈڭنى تاپ، ئىسمىڭنى ئېيت دۇنياغا. - غوجىمۇھەممەت مۇھەممەت: «غېرىپ» دىن دەپ توۋلايتتى. كىشىلەر ئۇنىڭ سوپى چىراي تەلەتىگە قاراپ «ساراڭ» دەيتتى ۋە ئالدىراپ كېتىپ قېلىشاتتى. ئۇ بېشىنى چايقاپ قويدى. قارىداپ كەتكەن چىرايىدا ئەلەملىك ھەسرەتنىڭ سوغۇق ئۇچقۇنى قېتىپ قالدى. «ئەمدى ئۆزۈڭگە قالدىڭ ئەر» دېدى ئۇ بوش پىچىرلاپ. نەچچە يىل ئىلگىرى ئۇ توساتتىنلا قەلبىگە پاتماي كۈۋەجەپ تۇرغان ھىسسىياتىنى باشقۇرالماي بىر پارچە يىرتىق قەغەزنىڭ بۇرجىكىگە شۇنداق مىسرالارنى پۈتۈپ قويغانىدى: ئۇدۇن ئەڭ ئاخىرقى ئەرلەر شەھىرى. ئۇ ئەمدى بۇ گېپىنىڭ راست-يالغانلىقىغا ئىشەنچ قىلالمىدى. تارىختىكى تەۋەررۈك جاھىللىقىغا مەھكەم يېپىشقان، شۇنداقلا يېڭى مەدەنىيەت ئېقىنىغا ئاچ پاقىدەك تاشلىنىشنىمۇ ئۇنتۇمىغان ساددا خوتەنلىكلەر ئۇنىڭغا يىلىكى قۇرۇۋاتقاندەك كۆرۈندى. ئەنئەنە بىلەن يېڭىلىقنى تەڭشەكنىڭ ئىككى ئۇچىغا قوندۇرۇۋېلىپ دەلدۈگۈنۈپ كېتىۋاتقان دارۋازدەك ھالدا قالغان زور بىر خەلق ئۇنىڭ كۆزىنى ھەيرانلىقتىن ھاڭ قىلىپ، يۈرىكىنى زىڭىلداتقانىدى. ئۇ ئەسەبلىرىگە پاتمىغان ھالدا ئۆز باياۋىنىدا جار سېلىپتوۋلاپ ماڭدى. (ئۇ ئىشتىن قالغان) – ئۇنى تاشلىۋەتكەن سېخ ئارقىدا قالدى. ئائىلە ئۇنى تاشلىۋەتتى.
     ئۇمۇ ئائىلىنى ... «يازغان شېئىرىڭدا كۆتۈمنى ئېرتاي، پۇل كېرەك، پۇل» دېگەنىدى بىر چاغلاردا ئۇ بار مۇھەببىتى بىلەن سۆيگەن ئايالى ئۇنىڭغا غەزەپتىن لاغىلداپ تىترەپ تۇرۇپ. «بەكلا يىغلاڭغۇ» دېدى نۇرغۇن زەكىي ئۇنىڭ شېئىرلىرىغا باھا بېرىپ. نەچچە يىلدىن كىيىن نۇرمۇھەممەت ئۆمەر: «ئەجەبا، بىز ئۇنىڭ سەۋەبىنى سوراشتۇرۇپ، يىغىسىغا ھەمجور بولماقتا يوق، يىغلاڭغۇلۇقتا ئەيىبلەپ يۈرەمدۇ» دېدى. سوپى مىجەز يىغلاڭغۇ ئاداشمۇ باشقىلارنىڭ زورى بىلەن ھەپتە دېگۈدەك ئەينەككە قاراپ كۈلۈشنى مەشىق قىپتۇ. «كۈلەلمىدىم، يىغلاپ سالدىم» دېدى ئۇ بىر كۈنى نۇرمۇھەممەتكە. نۇرمۇھەممەت يىغلاپ سالغىلى تاس قالدى. ئۇ، چۈشەنگەنىدى. تۇرمۇشتا يەتكۈچە ھەرەج تارتقان، قەلبى دائىم گۈرۈلدەپ كۆيۈپ تۇرىدىغان بۇ شائىرنىڭ قەلبى ئۇنىڭغا يول بەرگەنىدى... شۇندىن كىيىنلا ئۇ «ئىپپەت... ئىپپەت...» دەپ بولۇشىغا جار سالغىلى تۇردى... « غوجىمۇھەممەت» دېدۇق بىز ... بىر ئاۋاز ئۈرۈمچىدە، بىر ئاۋاز خوتەندە ئىدى... ئىككى ئاۋازنىڭ نەرىسى شەرقتىن غەربكە، جەنۇبتىن شىمالغىچە يېتىپ باراتتى. ئوخشاش بىر روھ، ئوخشاش بىر سادانىڭ ئىككى خىل لەرزىسى دولقۇنلاپ كېلىپ بىر توچكىدا بىر- بىرىگە ئۇرۇلاتتى: ئەركەكلىك! * * * «مەڭگۈ تاشلار» دىن تارتىپ تارىخى قوشاقلىرىمىز ئەپسانە- چۆچەكلىرىمىزگىچە ھەممىسىدىن قەھرىمانلىق، مەردلىك، ۋاپا تۆكۈلۈپ تۇرىدۇ. قەھرىمانلىقنى كۈيلەش، مەدھىيىلەش ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا يېڭى تېما ئەمەس. دۇنيا ئەدەبىياتىدىمۇ تارىخىمىزىدىكى ۋە رېئاللىقىمىزدىكى قەھرىمان تىپلارنى يورۇتۇپ، ئۇلارنىڭ جەسۇر ئوبرازىنى تىكلەش مەلۇم كۆلەم سەۋىيىدە ئېلىپ بېرىلدى.
     شېئىرىيىتىمىزدە قەھرىمانلار ھاياتىغا بېغىشلانغان ۋەقەلىك شېئىرلار ۋە باتۇرلۇقنى كۈيلەيدىغان خېلى- خېلى لىرىكىلار مەيدانغا كەلدى، ئەمما ئۇ ئىزچىللاشمىدى. ئۇيغۇر شېئىرىيىتىنىڭ كىيىنكى مەزگىللىك ئازابلىق جىمىشىغا ئەگىشىپ بۇ ھەقتە قەلەم تەۋرەتكەن، تەۋرىتىۋاتقان شائىرلىرىمىزمۇ ئاستا- ئاستا غايىپ بولۇشقا باشلىدى. شېئىرىيىتىمىزدە ئېلىپ بېرىلغان دە- تالاشلارنىڭ ئايىغى ئەمدىلا بېسىقىۋېدى، بىر چاغلاردا چوڭ غۇلغۇلىلارغا سەۋەب بولغان شۇ شېئىرلارمۇ، شائىرلارمۇ مەتبۇئاتلاردا توساتتىن ئازلاپ كەتتى. شېئىر ئازابلىق سۈكۈتكە پاتتى. ئۇنىڭ جىمىشى شەك-شۈبھىسىزكى، تويۇنغانلىقتىن ئەمەس، ھەقىقى، چىن شىئېرغا بولغان كۈچلۈك ئېچىرقاشتىن ئىدى؛ ئۆزىگە بىردەملىك غىلجىڭ ھېسسىيات بىلەن ئەمەس، تەۋرەنمەس ئەقىدە، ھالال نىيەت ۋە ئېزگۈ قەلب بىلەن ياندىشالايدىغان شائىرلارغا بولغان تەقەززانىڭ سۈكۈتىدىن ئىدى. راست گەپنى قىلغاندا، كىيىنكى كۈنلەردە شېئىرىيىتىمىزدە تېخنىكا، سۆز ئويۇنى ھەددىدن زىيادە ئېغىرلىشىپ كەتتى. شېئىر پاساھەت، چوڭقۇرلۇق ۋە مەنە- ماھىيەتتىن كۆرە چۈشەنگىلى بولمىغۇدەك تۇتۇق تەسۋىر، ئىپادىلەشلەر قاينىمىغا كىرىپ قالدى. شائىرلىرىمىزمۇ بىر- بىرىدىن ئۆتە مەۋقەسىزلەشتى. ئىجادىيىتىدە ئۈزلۈكسىز ھالقىش پەيدا قىلىپ ماڭغان شائىرلار بەكلا ئاز قالدى.
      مېنىڭچە، ئىجادىيىتىدە بىر قەدەر خاسلىق ھاسىل قىلغان ياش شائىرلارنىڭ ۋەكىلى سۈپىتىدە ئادىل تۇنىياز ۋە غوجىمۇھەممەت مۇھەممەتلەرنى كۆرسىتىپ ئۆتۈش مۇمكىن. ئۇلارنىڭ ئىجادىيەت ئالاھىدىلىكلىرى ئۈستىدە ئايرىم- ئايرىم توختىلىش جەزمەن قىلىشقا تېگىشلىك ئىش. ئەمما بىز بۇ ئىككى شائىرنى بىر نۇقتىغا ئەكېلىشكە تۈرتكە بولغان تېما ئۈستىدە توختىلىشنى بەكرەك مۇھىم بىلدۇق. گەرچە ئىككى شائىرنىڭ زۇۋانى ھەر خىل ياڭرىغان، يەتكەن پەللىسىدە مۇئەييەن پەرقلەر بولسىمۇ، ئەمما ھەر ئىككىلىسنىڭ كۆزى بىر قۇياشنىڭ ھارارىتىدە يورۇغان ۋە شېئىر، مىسرالىرىنى ئوخشاش بىر تىنىق، ئىستەكتە يۇيۇپ چىققان. ھەر ئىككىسىنىڭ شېئىرىيەت ئارقىلىق ئىنسانغا قىلغان، قىلىۋاتقان پىچىر- پىكرىدە بۇ قەدىمىي قەۋمنىڭلا ئەمەس، پۈتكۈل ئىنسانىيەتنىڭ مەۋجۇدلۇقىدىكى تۇزدەك زۆرۈر نەپەسلەر مۇجەسسەم تاپقان ۋە ئۆزگىچە شېئىرىي يۈكسەكلىكنىڭ كامالىتىدە قايناپ- شوخشىغان. بىز شائىرنى تاڭ چىللىغان خورازغا ئوخشاتساق، بۇ بىر جۇپ خورازنىڭ چىللىشىدا شۇنداق بىر ئورتاق سادا ياتىدۇ: ئەركەكلىك! * * * غوجىمۇھەممەت: «ئەرنىڭ ئىپپىتى بولىدۇ، ئۇ - ۋەتەن»، دەپ يازىدۇ. بۇ بىزگە ئەرنىڭ ئىپپىتى-ئەرلىكى، ئەركەكلىكى ھەققىدە ئىنتايىن قىممەتلىك مەنىلەرگە باي يىپ ئۇچى بېرىدۇ. ئۇنىڭچە، «ساقال – بۇرۇت قويغانلارنىڭ ھەممىسىلا ئەر ئەمەس ئىدى؛ بۇغداي تېرىپ زاغرا ناندا قورساق توقلايدىغانلارمۇ ئاز ئەمەس ئىدى؛ ئاھ، خەلقىم، دەپ دەرت يۇتۇپ مەيخانىدا تۈنەيدىغانلار ئەر ئەمەس ئىدى؛ ‹ئېتىقاد› ۋە> توغرا يول< ھەققىدە سۆزلەپ قويۇپ، ئىچ- ئىچىدىن قۇرۇپ ئۆتكەنلەرنىڭ ھەممىسىنىلا ئەر دېيىشكە بولمايتتى؛ قىلىچتىن قورقۇپ بېشىنى ئېگىپ، كاستۇم ئىچىدە تىترەپ يۈرگەنلەرنىڭ ھەممىسىنىلا ئەر دەۋېرىشكە بولمايتتى.
     ئۇلارنىڭ جاينامازدا ئىمانى، ئەل ئالدىدا ۋىجدانى، يۈرىكىدە پىغانى، سەپ ئالدىدا مەيدانى، تىغ ئالدىدا تەن- جېنى، تومۇرىدا دولقۇنلۇق قېنى، ھاياتىدا ئۆلۈم ھەم شان- شەرىپى نېسى ئىدى. بىز باتۇرلۇق، قەھرىمانلىق ھەققىدە ئېغىز ئاچساقلا، كۆز ئالدىمىزغا دەررۇلا «كۆكسى ئېيىقنىڭكىدەك، مۈرىسى قارا بۇلغۇننىڭكىدەك، بېلى بۆرىنىڭكىدەك، پۇتى بۇقىنىڭكىدەك» يوغان، بەقۇۋۋەت ئەرلەرنىڭ كېلىشى تۇرغانلا گەپ. بىز بۇلارنى ھەقىقى ۋايىغا يەتكەن ئەردە بولۇشقا تېگىشلىك جىسمانىي شەرت دەپ قارايمىز. ئەمما شائىرچە، بۇنداقلارنىڭ ھەممىسىنى ئەركەكلىكى ئېشىپ- تېشىپ تۇرغان ئەر دېيىشكە بولمايدىغاندەك قىلاتتى. شائىر «ئەر» دېگەن بۇ ئۇقۇمغا «ئادەم» ئۇقۇمىنى پاراللېل قويۇپ تۇرۇپ، ئادىمىيلىكتىكى بارلىق ئەقەللىي شەرتلەرنى ئۇنىڭ ۋۇجۇد كالامىغا يۈكلىگەندەك تۇراتتى. بىزنىڭ ئاقىل تەپسىرچىلىرىمىز «ئىنسان»، «ئادەم» ئۇقۇمىغا ھە دېسىلا «ئازغۇچى، خاتالاشقۇچى، سەۋەنلىك ئۆتكۈزگۈچى، ئازغۇن، خام سۈت ئەمگەن» دېگەندەك تەبىرلەرنى بېرىشىدۇ ۋە ئۆزلىرىنىڭ، باشقىلارنىڭ خاتالىق ئۆتكۈزۈشىگە، خاتالىق ئۆتكۈزگەندىن كېيىنكى نومۇس تۇيغۇلىرىنى يېپىپ- يۆگىشىگە يوچۇق ئېچىپ بېرىدۇ. مەن دۇنيادا بىرەر ئىنساننىڭ «مەن ئادەم، تەبىئەتنىڭ ئەڭ يۈكسەك سەمەرىسى. مەن ئادەم بولغاندىكىن مۇنۇ ئىشنى قىلماي» دېگىنىنى ئاڭلاپ، كۆرۈپ باقمىدىم. ئەمما شائىر «ئادەم»، «ئەر» دېگەن بۇ ئىككى ئۇقۇمنىڭ ۋەزنىنى بىر ئېغىرلىق مەركىزىگە جۇغلاپ تۇرۇپ ئىنسانىي تاكامۇللۇقنى ئىزدەۋاتقاندەك قىلاتتى. «ئەر»دىن ئىنسانىيلىققا ۋە ئادىمىي مۇكەممەللىككە يېتىشنى تەلەپ قىلىۋاتاتتى. تەبىئەت دۇنياسىدىكى ھەر بىر تاش- توپا، گۈل- گىياھقىچە ھەممسىنىڭ ئۆزىگە يارىشا مەۋجۇدلۇق قىممتى ۋە رولى بولىدۇ. جاھاندا ئارتۇقچە يارىتىلغان نەرسىدىن بىرىمۇ يوق. ھەممە ئۆز جىسمى زاتىدا مۇئەييەن سىر- ھېكمەتنى مۇجەسسەم قىلغان.
         ئۇ ئىگە بولغان سىر- ھېكمەت ئۇنىڭ مەۋجۇدلۇقى ئۈچۈن جەزمەن بولمىسا بولمايدىغان تەقەززانى شەكىللەندۈرگەن بولۇپ، ئېشەككە تۆت پۇت، لاچىنغا ئىككى قانات مىسلىسىز ئاقىلانىلىك بىلەن تەقسىملەنگەن. بىزنىڭ بۇ مۆجىزات دۇنياسىدىكى ئۇنى بۇنداق بولسا بوپتىكەن ياكى بۈركۈتتىكى قاناتنى تۆگىگە بەسە بوپتىكەن دەيدىغانغا ھەققى- ھوقۇقىمىز يوق. قۇسۇرغا قىلچىمۇ يوچۇق قالدۇرۇلمىغان. كىمكى دۇنيانىڭ بۇ ئاقىلانە قازىلىقىغا قارشى چىقىپ ئەزەلىي مۇتلەقتە ئۆزلىرىگە تالىق قىلىپ بېرىلمىگەن نەرسىلەرگە ئىنتىلىدىكەن، ئۇ ھەر قاچان تېگىشلىك جازاغا ئېرىشىپ تۇرىدۇ. بۈركۈتنىڭ ياق، مەن توخۇدەك كاتەكتە تەييار داننى تىرىپ يەپ، تۇخۇم تۇغۇپ ياشايتتىم، دەيدىغانغا ھەققى يوق. قىلىمەن دېسىمۇ قاملاشتۇرالمايدۇ. ئۇنىڭ قانىتى بىپايان كۆكتە دەخلىسىز پەرۋازغا لايىق يارىتىلغان. ئۇ تاشلاپ بېرىلگەن داننى يەپ مەڭگۈ قانائەت تاپالمايدۇ. بۈركۈتنىڭ كۈنى كۆكتە تۇغۇلىدۇ. ئادەممۇ شۇنىڭغا ئوخشاشلا ئۆزىگە يارىشا تەن، روھ بىلەن يارىتىلغان بولۇپ، ئۇنىڭدىكى ھەر بىر ئەزا، ھەر بىر ھۈجەيرە ئۇنىڭ مەجبۇرىيەت، ئىش- ئەمەلىگە يۈكسەك دەرىجىدە ماسلاشتۇرۇلغان.
     ئەرلەرنىڭ تېنى كۈچلۈك، قاۋۇل، چەبدەس بولغاچقا ئۇلارنىڭ زىممىسىگە ئائىلىنى قامداش، بېقىش، ئاسراش، قەبىلە- قەۋمىنى قوغداش، خوتۇن- بالىلىرىنى ھىمايە قىلىش ۋەزىپىسى تەبئىيلا يۈكلەنگەن. ئاياللارنىڭ تېنى بىر قەدەر نازۇك، ئاجىز (بۇنى ئاياللىرىمىزنىڭ مۇتلەق كۆپچىلىكى تەن ئېلىشتىن شۇ قەدەر قورقىدۇ. ئەمما، ھەق سىزنىڭ تەستىقىڭىزغا مۇھتاج ئەمەس. ئۇ بەرىبىر مەڭگۈلۈك پاكىت). مىجەزى مۇلايىم، ئىللىق، تۇغۇش، پەرزەنت تەربىيىلەشكە مۇۋاپىق قىلىپ يارىتىلغان بولغاچقا ئۆي تۇتۇش، پەرزەنت تەربىيىلەش، ئەرلەرنى كۈتۈش... تەك مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالغان. بۇ خىل ئىش تەقسىماتى قانداقتۇر ئەرلەر زوراۋانلىق يۈرگۈزۈپ ياكى ئاياللارنى خارلاپ، خورلاپ، قۇل قىلىپ ئايىغى چىقماس ئۆي ئىشىغا بەنت قىلىش مۇددىئاسىدا غەرەزلىك شەكىللەندۈرگەن ئىجتىمائىي يوسۇن بولماستىن، بەلكى تەبىئەتنىڭ ئۆز قانۇنىنىڭ ئۆز يولىدا جارى بولۇشى ئىدى. ئۇنى باشقىچە قىلىپ ئورۇنلاشتۇرۇشمۇ ئەسلا مۇمكىن ئەمەس ئىدى. ئەرنى ئۆي ئىشلىرىنى قىلىپ، ئايالىڭنى كۈت دېيىش ئۇنچىۋالا ئەقىلگە ئۇيغۇن كەلمەيتتى. ئۇنىڭ قول- پۇتىنىڭ يارىتىلمىسىغىلا ئېغىر ئەمگەك، چىدام، قوپاللىقنىڭ تامغىسى بېسىلىپ كەتكەنىدى. بىر قىزنىڭ تەبىئىتىدە تۇغما ھالدا ئۆي تۇتۇش، ئاش- تاماق ئېتىش، باشقىلارغا كۆيۈنۈشنىڭ ئەڭ ئىپتىدا خۇرۇچلىرى تېپىلاتتى. ئاياللار سىرتنىڭ ئىشلىرىغا قېپقالغاندا كۈچەشكە، ئىنجىقلاشقا توغرا كېلەتتى. بۇنداق چاغلاردا ئۇلارنىڭ نازاكىتى، زىلۋالىقى يوقايتتى، نازۇك تېنى مۈكچىيەتتى. ئۇلار ئۆز تېنى، روھىياتىغا سوۋغا سۈپىتىدە بەخشەندە قىلىنغان ئەڭ مۇقەددەس تۇيغۇ، سۈلكەتنى بېسىپ قويۇپ لەۋ چىشلەپ خىزمەت ئۈچۈن ئالدىرىشى كېرەك ئىدى. مۇكاپات مائاشى، خىزمەت باھالىشى، مەنىسىدىن قالغان ئالدىراش ئولتۇرۇشلار، ئۇزۇنغا يۈگرەش مۇسابىقىسى، ئاياللار ھوقۇقى، ئاياللار ئازادلىقى، ئېغىرلىق كۆتۈرۈش چېمپيۇنلىقىنى تالىشىش ...
     ئۈچۈن كېچە- كۈندۈز پالاقلىمىسا بولمايتتى. ئاياللار ئاياللىق روھىناتىدىن ئايرىلىپ قۇرغاقلىشىپ، مەنىسىزلىشىپ كېتەتتى. ھارغىنلىق، زېرىكىش، بىكاردىن- بىكار ئىچى پۇشۇش، ئەھمىيەتسىز جىددىيلىشىپ، بىسەرەمجان بولۇش... ئاياللارنى قىينايتتى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار پۇخادىن چىقىش، روھىنى كۆتۈرۈش، تۇرمۇشتىن شادلىق، مەنە ئىزدەش ئۈچۈن كىيىملەرگە يېلىناتتى.گىرىم بۇيۇملىرىغا تەزىم قىلاتتى، بەزمىخانىلارغا قاترايتتى. ئەسەبىيلىك، زوراۋانلىق تۈسۈنى ئالغان ئىچ پۇشۇقىنى چىقىرىش شەكىللىرى يۇرمۇشنىڭ چىن مەنىسىنى تاپالماي قالغان ئاياللارنىڭ بىردىنبىر تاللىشى بوپقالاتتى.شەھەرلەردىكى رىستۇران، كۆڭۈل ئېچىش كۇلۇبلىرى، رەستە بازارلاردا پاتماي دەۋرەپ كېتىپ بېرىشقان ئاياللارنىڭ كۆزلىرىنىڭ تەكتىدە بېسىپ بولغۇسىز يىغا،ھەسرەت، مەنىسىزلىك ياتىدۇ.ئۇلار نىمىگىدۇر تەقەززا بولىدۇ،ئالدىرايدۇ، تاپالمايدۇ، قەلبىدە تولدۇرۇپ بولغۇسىز مەنىۋى ئاچارچىلىق، قۇرغاقچىلىق باردەك سىزىدۇ، ئەمما دورىسىنى قىلىشنى بىلمەيدۇ. ئاياللارنىڭ ساپ خۇشلىقى ئۇلارغا قورقۇنىچلىق نەرسە دەپ چۈشەندۈرۋېتىلگەن. شۇڭىمۇ بۈگۈنكى رەڭگارەڭ دۇنيا رىئاللىقىداچۈشكۈنلەشكەن بەزى ئاياللار ئۆز جىسمى، قېنىدا، جېنىدا بار خوشلۇقنى تالادىن، ئاشنا ئويناشتىن، قوش جىنىسلىقلار مۇھەببىتىدىن، جىنسىي زوراۋانلىقلاردىن، ئەسەبىيلىكتىن، كىيىمدىن، يالىڭاچلىنىشتىن ئىزدەيدۇ.كۈلىدۇ.ئەمما شۇقەدەر ھەسرەتلىك. يىغلايدۇ، ئەمما ھىسسىياتسىز . سۆيىدۇ، ئەمما تامدەك..... ئەرلەرنىڭ ئاياللارنىڭ خورلىنىشىغا،جاپا تارتىشىغا قاراپ تۇرىشىغا بولمايتتى. چۈنكى قىز ئاياللار بىر ئۇرۇقتىكى مەنىۋىي كۈچ، كۆۋرۈك ۋە غۇرۇر ئىدى.ئەرلەرنىڭ تۇرمۇشتىكى يۆلىكى، روھىي تەسەللىسى، ئىپتىخارى، شۇنداقلا نۇمۇسى ئىدى.شۇڭا ئۇنىڭ ئايالنى جان تىكىپ قوغداش، ئاسراش، ئار-نۇمۇسىنى، شەرم-ھاياسىنىساقلاش، ئائىلىنى قامداش، قوۋمىنى، مىللەت، ۋەتىنىنى قوغداش ئارقىلىق ئەلگە پاراۋان، بەخىتلىك تۇرمۇش يارىتىش ئەرنىڭ ئىلكىدىكى مۇقەددەس ۋەزىپە ئىدى. باش تارتىپ بولماس قەرز ئىدى.
      شۇنى قىلمىسا نىمە قىلىدۇ؟ بالا تۇغالامتى؟ ئىمىتەلەمتى؟ ئۇنىڭ پۇت قوللىرى بىكارغا مەزمۇت، چىڭ، قوپال، يىرىك، قاتقان، روھى ئۈستۈن، بەردەم يارىتىلغانمىتى؟ بىز غوجىمۇھەممەتنى مۇشۇ مۇقەددەس قانۇنىيەتنى بىلمەيدۇ، دىيەلەمدۇق؟ شۆبھىسىزكى، ئەرنىڭ، ئەركەكلىكنىڭ ئىپتىداسىغا ئۇل قويغان مىزان شائىرغا ئەرلىكنىڭ ئۇلۇغۋار بۇرچىنى كۆز-كۆز قىلغانىدى. ئېستىتىكىدا دېيىلىدىغان نەپىسلىك ئۇنىڭ كۆزىگە خانىم- قىزلارنىڭ ھايالىق، مىھىرلىك تەلپۈنۈشلىرى، ئەرگە بولغان شەرتسىز ساداقىتى، ئىپپەت ئالدىدىكى بوشاشماس مەغرۇرلىقىنى كۆرسەتكەن بولسا، يۈكسەكلىك دەل ئەرلەردىكى كەم -كۈتسىز جان پىدالىقنى، ۋاپانى نامايىش قىلغانىدى. ئۇ، شېئىرنىڭ ھىس تۇيغۇلار ئەۋجىدە قاينايدىغان چوڭقۇر قاينام ئېغىزىدا تۇرۇپ ئەرلەرنىڭمۇ ئىپپىتى بولىدىغانلىقىنى خۇلاسىلاپ چىققانىدى.نېكاھتىن كېيىنلا ھالاللاپ بېرىلىدىغان ۋە ئاۋايلاپ ئېلنىدىغان《ئىپپەت》ئۇنىڭ نەزىرىدە باراۋەر تەقسىملەنگەنىدى. قىز ئاياللار ئۇنى يۇقاتسا، ئىككى دۇنيالىق ھالال جۈپتىنىڭ توغرائىتائىتىدىن چىقسا، ھارامغا يول قويسا ھاياسىز، نۇمۇسسىز، شەرمەندە، ***قا، رەسۋاغا ئايلىناتتى. ئۇنى جانان چىنىدەك ئەتىۋارلاپ ساقلاپ ئىززىتىنى قىلسا خان- ئايلا، مەلىكە-ئاغىچا، خېنىم-جېنىمغا ئايلىناتتى. غوجىمۇھەممەت ئۇنى ئەرگە تەققاسلىۋىدى، ئەرلەرنىڭ ئەخلاقى، ساداقىتى، ئىش-ئەمىلىگە يېڭى ئۆلچەم كەلدى:ئۆزىنىڭ ئەرلىك بۇرچىدىن باش تارتقانلارنى نېمە دېيىش كېرەك؟ ۋەتەن، ئەل، ئائىلە، خوتۇن-قىزلىرى ئالدىدىكى مەجبۇرىيىتىگە كۆزىنى يومۇۋالغانلارنى ئەر، ئادەم دېيىش كېرەكمۇ؟ بىر ئاچچىق سوئال ئۇنى ئەلەم گىردابىغا قىستىغانىدى.
      يىگىت، ئەر سۆزى قەدىمقى ئۇيغۇر تىلىدا جەڭچى دېگەن مەنىنى بېرەتتى. شۇبويىچە بولغاندا، ئەر دېگەن ۋەتىنىنى، ۋەتىنىنىڭ ئار نۇمۇسىنى قوغدىشى، خەلقى ئۈچۈن ھەر ۋاقىت جان تەسەددۇق قىلىشقا تەييار تۇرالىشى كېرەك; ئائىلىسىنىڭ يۈزىنى تۆكمەسلىكى،قىز-ئاياللىرىنى تاشلىۋەتمەسلىكى،خارلىماسلىقى، خارلىنىشىغا، ياتلارنىڭ بوزەك قىلىشىغا يول قويماسلىقى، ئۇلارنىڭ ئىپپەت نۇمۇسىنى قوغدىشى، ئائىلىسىنى راۋرۇس قامدىشى، قەيسەر باش ئەگمەس، ئۆزىنىڭ توغرا مەۋقەسىدىن يانمايدىغان بولۇشى كېرەك بولمىسىچۇ؟ غوجىمۇھەممەت«ئىپپەتسىز!»دېدى. دېمەككى، ۋاپاسىز، بۇزۇق، شەرمەندە، نائەھلى، مۇناپىق، خىيانەتكار، ھېجىقىز..... شائىر «ئەركەكلىك»نى ئىنسانىي مۇكەممەللىك دەپ قارىغانىدى. ئۇنىڭ بۇخىل قارىشىدا ئىنسانىيەتكە ئورتاق بولغان بارلىق ئېسىل مەنىۋىي،مەدەنىي مىراسلار مۇجەسسەم ئىدى.ئەخلاق، غايە، ئىتقاد، ھايا، نۇمۇس.....بۇلارنىڭ ھەممىسى «ئەركەكلىك» -«ئەرنىڭ ئىپپىتى» گە سىغدىلىپ كەتكەنىدى. ئىپپەتسىز ئەرلەريامرىغان جەمئىيەتتە ئاياللار باشپاناھسىز قالاتتى، ئۇلارنى ئەيمىندۈرىدىغان، تەپ تارتقۇزىدىغان كۈچنىڭ قەدرى قالمايتتى. شۇنىڭ بىلەن ئاياللار ۋەھشىيلىشەتتى، تاپتىن چىقاتتى.ئەخلاق يىمىرىلەتتى، ئىتىقاد سۇناتتى.جەمئىيەت بۇقىسى كاردىن چىققان بىر تەلۋە پويىزغا ئوخشاپ قالاتتئ.تىزگىنسىز غالجىر ئات ۋەيرانچىلىقتىن بۆلەك نېمە ئەكەلسۇن؟
     شائىر كۆزىنى ئۆزىنىڭ ئۆلچەم دۇنياسىدىن ئېلىپ ئەتراپقا باققىنىدا پاجىئە ئالەمنى بىر ئالغانىدى. بەزى ئاياللار يالىڭاچ دېگۈدەك كوچىغا چىقىۋالغانىدى؛ بەزمىخانىلاردا، بۇلۇڭ-پۇچقاق، كوچا-كويلاردا ئەرلەرگە قىلغان مەسخىرىسىنى پەلەككە يەتكۈزگەنىدى. ئەرلەرنىڭ خېلى كۆپى ۋەتەن، ئەل ئەمەس، بىر خوتۇن ئالدىدىكى قەرز-مەجبۇريىتىنىمۇ ئادا قىلالماي بارغانچە شۈمشۈيۈپ، بىچارىلىشىپ كېتىۋاتاتتى. بىر چاغلاردىكى زەبەردەست تۇرىقىدىن ئەسەرمۇ قالمىغان، يۈرۈش- كېيىنىشلىرىمۇ ئاياللارنىڭكىدىن پەرق قىلماس ھالغا كەپقالغانىدى.ئۇلۇغ سانىلىدىغان ھايامۇ، نۇمۇسمۇ مۇھەببەت نامىدا يىرتىلماقتا، ھەيلەنمەكتە ئىدى. كوچىلاردا ئاپئاشكارا سۆيۈشۈشلەر، جىنسىي نۇمۇسسىزلىقلار ئەۋجىگە چىقماقتا ئىدى. بۆگۈنكى دۇنيا رىئاللىقىدا، بولۇپمۇ غەرىپتە ياراتقۇچىغا ھاقارەت كەلتۈرۈپ ئەرلەر بىلەن ئەرلەرنىڭ، ئاياللار بىلەن ئاياللارنىڭ جىنسىي بۇزۇقچىلىقى باش كۆتەرگەن، ئۇلار نۇمۇس قىلماي ئۇنى قانۇنلاشتۇرۇش ئۈچۈن بولۇشىچە جار سېلىشماقتا ئىدى. خەقلەرمۇ ئېغىر ئالماس بوپكەتكەنىدى.... ئاشۇ بوشلۇقتا ئەقىدە- ئىتىقادسىز كىشىلەر مەدەنىيەت، تەرەققىيات، يىڭىلىق، زامانىۋىلىق دەپ تەنتەنە قىلىشقىنىچە، شات-خوراملىقتا قايناپ تاشماقتا ئىدى.
      ئارىلاپ ئەڭ پەسكەش كوچىلار ئارا، توۋلايمەن مانا بۇ بىزنىڭ شەھەر دەپ. مەسخىرە قىلىمەن مەدەنىيەتنى ، قۇسۇقلار ئىچىدىن چىقىپ ئۆمىلەپ. - غوجىمۇھەممەت مۇھەممەت: «ۋاز كېچىش» تىن شائىر مەسخىرىلىك ھىجىيىپ قويدى. ئارقىدىنلا كۆرەڭ مەغرۇرلۇق بىلەن:«شەھەرنىڭ يۈزىگە تۈكۈردۈم راسا»، دېدى. ئارقىدىنلا ئادىل تۇنىياز يېتىپ كەلدى. ئۇ ئۆزىگە ھەمجور بولالايدىغان شېرىك تاپقىنىدىن خۇشھالدەك ئىدى. ئۇنىڭ كۆزىگە ھەممىلا نەرسە دەۋرەپ، قۇتراپ تۇرغان ئاياللاردەك كۆرۈنۈپ كېتىۋاتاتتى. شائىر دوستى ئېيتقان ئىپپەتلىك ئەرلەر، ئەركەكلەر ئۇلارنى بېسىقتۇرۇپ، ئالەمنى يېتىپ كىلىۋاتقان بالا-قازادىن ساقلاپ قالالايتتى. جاھانغا ئەردەك ئەر كېرەك ئىدى. شۇندىلا ئەۋج ئېلىۋاتقان ئاياللىشىش، بۇزۇلۇش، يىمىرىلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش مۇمكىن ئىدى. ئەر ئەردەك بولالمىغان جايدىن بەرىكەت كۆتۈرۈلۈپ كېتىدۇ. ۋاھالەنكى، ئەرلەرنىڭ ئەرلىكى قۇرۇپ كېتىۋاتاتتى. ئۇلار ئاياللارنى ئۆزلىرىدىن تەپ تارتقۇزالمايۋاتاتتى، ئەيمەندۈرەلمىگەنىدى. ھەقىقىي ئىشەنچ ھۆرمەت بىلەن قورقۇشنىڭ تەڭلىكىدىن تۇغۇلىدۇ. شۇنداق بولغاندىلا ئاياللار ئاياللارغا ئوخشاپ، ئەرنىڭ ئىتائىتىدىكى مۇلايىم خوتۇن، مۇنەۋۋەر ئانىلاردىن بولاتتى. چىن ئادەم، ئايالغا ئوخشايتتى.
      پاراڭچى خوتەنلىك بوۋايلار ئۇنىڭغا ھىكايە قىلىپ بەرگەنىدى: «ئاياللاردا گال ئۈچ: بىرى، يىمەك-ئىچمەك يەنى قورساق، بىرى،كىيىم ئۈستىباش، يەنە بىرى،....» گەپ شۇ يەرگە كەلگەندە بوۋايلار خىرىلداپ كۈلۈپ، توختىۋېلىشقانىدى ۋە قوشۇپ قويغانىدى: « باشتىكى ئىككىسى تويمىسىمۇ مەيلى، ئەمما ئۈچۈنچىسى قانمىسىزە.... ئىش چاتاق. ئالەمنى ۋەيرانچىلىق باسىدۇ». شائىر ھەممە نەرسىنىڭ ئاياللارنىڭ ئۆزلىرىنى ئېچىش، ئاشكارىلاش ئۈچۈن بولۇۋاتقىنىنى كۆرەتتى. تەننى يۆگەش ئىھتىياجى ئۈچۈن كېيىلىدىغان كىيىملەر ئاتايىن تەننىڭ ئەڭ گەۋدىلىك قىسىملىرىنى نامايىش قىلىش ئۈچۈنلا تىكىلىدىغان بولدى. ئېچىلدى ئەخلاق يىرتىلدى، ئەرنىڭ كۈۋەجەپ تۇرغان ھىسياتى تىنماي غىدىقلىنىپ، بىكارغا ئاقتى، تاشتى، ئاندىن يىگىلەپ كەتتى. تويماس ئاچكۆزلۈك رەستىلەردە ھاپىلداپ يۈگۈرۈپ تۇرۇپتۇ. كۆزگىمۇ، ئېغىزغىمۇ، بۇرۇنغىمۇ، سەزگۈگىمۇ، تېرىلەرگىمۇ نەمخۇش بىر شاللاق ھىسيات سۈركىلىپ تۇرسا تاشمايدىغان، ھەددىدىن ئاشمايدىغان نېمە بار؟ كېيىم ۋە جان-تەن ئىستېلاسى ئەقىدە ئىتىقادى ئۆلگەن ئەرلەرنىڭ جەسۇر تۇرۇقىنى ئەۋرىشىملەشتۈرۈپ، خېنىم مىجەز- لاتاغىلاپلاشتۇرىۋەتتى. ئاۋاز، يۈرۈش تۇرۇشىدىكى جاراڭلىق تۈس، ئۆز-ئۆزىگە ھۆددە قىلالايدىغان ئىشەنچ، غۇرۇر تەركىپلىرىمۇ سۇسلاپ كەتتى. ئەر بىلەن ئايالدىكى مىجەز- خارەكتىر ، كېيىنىش- ياسىنىش پەرىقلىرى بارا-بارا يوقىلىپ، قېتىلىپ، ئەر بىلەن ئايالنى دەررۇ ئايرىشمۇ تەسكە چۈشكىدەك بىر ھال ئەۋج ئېلىشقا باشلىدى. شۇنداق، توختاۋسىز غىدىقلىنىش ئەرلەرنى ۋەيران قىلىۋەتتى. كاللىسىدا شەھۋەتتىن ئوماچ قايناتتى، زېھنىنى چاچتى.
       نۇمۇس دەرىخىنىڭ ياپراقلىرى سارغىيىپ كەتتى.... ئەركەكلەر قېنى سىلەر؟؟؟.... شائىر غەزەپ بىلەن ئوقۇشقا كېرىشتى. نۇرغۇن ئادەم ئاڭلىدى، جىممىدە تىڭشىدى، ئاندىن ئۈن-تىنسىز كېتىپ قېلىشتى. ئۇلار خورلۇققا قېلىشتىن خېلى بورۇنلا بۆرىنى بىلىپ بىلمەي قوتانلىرىغا باشلاشقانىدى. ئەرلەردىكى بۇلغانغان روھ، ئۆلچىمىنى يوقاتقان تۇرمۇش شەكلى مەيدانغا چىقارغان جىسمانىي يىگىلەش، روھى سۇلغۇنلۇق، پەرۋاسىزلىق ئايالنى قوزغاتقانىدى. ئايالنىڭ ئەمدىكى نەرسىگە ئەر نېمە دېيىشى، نېمە قىلىشنىمۇ بىلەلمەي سۈكۈتكە پاتقانىدى. جىمىپ قالغان، بوينى ئىگىلگەنىدى. دوختۇرخانىلاردا، دورىخانىلاردا ئۇلارنىڭ نائىلاجلىقى، ھەسرىتى پەلەككە يەتتى. ئىككى شائىر يىگانە قالدى. ئادىلنىڭ ئاۋازى يەنە ياڭرىغىلى تۇردى: ئەرلەر ھاۋادا توپا – چاڭدەك، ئەرلەر خورلۇقتا تۇرىدۇ تامدەك. ئەرلەر يۇمشاق ئېرىگەن شامدەك... -ئادىل تۇنىياز:«يۇلتۇزلارمۇ ئۆلىدۇ» دىن ئۇ، ئاياللارنىڭ ھەددىدىن ئېشىشىنى ئەرلەرنىڭ بوشاڭلىقىدىن كۆرەتتى. شېرىكى غوجىمۇھەممەت: خوتۇنغا قارىيالماي تىك، ئىككىنچى قۇللۇقنى ھىس قىلار ئەرلەر. -غوجىمۇھەممەت مۇھەممەت :«ئەرنىڭ ئىپپىتى» دىن دەپ پىچىرلاپ قويدى ۋە بىر كۈچلۈك ھەۋەس بىلەن ئوقۇشقا كىرىشتى: جىنسىيەت ئېلانى چاپلانغان تامدا، قاقاقلاپ كۈلىدۇ رەھىمسىز ئايال. دەھشەتلىك بوۋامنىڭ يەتتە خوتۇنى، مەن موماڭ ئەمەس، دەپ تىترىشەر غال- غال. - غوجىمۇھەممەت مۇھەممەت :«سەرسان كۆڭۈل» دىن ئەمدى ئادىل چۈشتى.
       ئۇ ئەرلەرگە قارىماستىن ئاياللارغا قادىلىۋالغانىدى. ئەي غەرىبتىن كەلگەن يېشىل نۇر، ئەي، ئايال دەپ ئاتالغان بومبا. ئەي بۈيۈك ئايال بىز ئەرلەر ئەما. بىز قولۇڭدا ئەما نىھايەت، ھالاك قىلما شەھەرنى ئەمما ھەممىمىزگە يېقىن قىيامەت. - ئادىل تۇنىياز: «ئەبۇ زەبى» دىن ئانا دىسە ئۇنىڭ ئالدىغا كېلىدۇ ئاياغئاستى قىلىنغان يەرلەر. ۋەتەن دىسە ئۇنىڭ ئالدىغا، كېلىدۇ ئىپپىتى بوزۇلغان ئەرلەر. -غوجىمۇھەممەت مۇھەممەت :«غوجىمۇھەممەت» دىن بۇ كۈنلەردە سۆڭەكسىز ئەرلەر، سۇدەك ئۇستا يۇمشاق ياشاشقا. - ئادىل تۇنىياز:«سۆزلىگۈم كېلىۋاتىدۇ» دىن ئەركەك پاشىمۇ تاپىدۇ بالا... - ئادىل تۇنىياز:«يۇلتۇزلارمۇ ئۆلىدۇ» دىن غوجىمۇھەممەت ئەسەبىيلەشكەندەك قىلاتتى. ئۇنىڭ مىسرالىرىدىكى تىلمۇ بارغانسىرى جەڭگىۋارلىشىپ، ئۆتكۈرلىشىپ، قوپاللىشىپ كەتكەنىدى. ھىسسىيات كەلكۈندەك جىددىي، كەسكىن داۋالغۇيتتى. شېئىرىي نەپەس ئوت بولۇپ يانماقتا ئىدى.
      ئۇنىڭچە ئەر دېگەن تىنىم تاپماسلىقى، ھەرىكەتتە، ئىش-ئەمەلدە؛ جىمجىت ئەمەس، ھاياتلىق ئۈچۈن كۈرەشتە، ئېلىشىپ - چېلىشىشتا جان بېرىشى كېرەك ئىدى. جىنازىنى كۆتۈردى تۆت ئەر ئارقىسىدىن ئەگەشتۇق يۈز ئەر يەتتە كەتمەن توپا تاشلىدۇق، قىلدى روھى دوزاخقا سەپەر. چۈنكى پىچاق غىلاپتا، ئۇ ئۆلۈپتۇ كارىۋاتتا. - غوجىمۇھەممەت مۇھەممەت :«ئۇ ئۆلۈپتۇ كارىۋاتتا» دىن شائىر ئادىل بولسا ۋەزمىن، ئېغىر – بېسىق كەيپىياتىنى باشتىن- ئاخىر ساقلاشنى بىلىۋالغانىدى. ئۇ ئۆزىنىڭ «قەشقەردىكى يەر شارى» («شىنجاڭ مەدەنىيىتى» ژورنىلى 1995- يىل 5 – 6 قوشما سان )، «سۈزۈك سەپەر»، «ئەركەكلەر، قېنى سىلەر» ناملىق داستانلىرىدا ۋە ھەر بىر شېئىرىدىكى بىر ھەرپ، بىر سۆز، جۈملە ئارقىلىقمۇ ئادىمىيلىك، ئەخلاق، ئېتىقاد ھەققىدە نازۇك بىشارەتلەرنى بەرگىنىچە كېتىپ قالغانىدى. غوجىمۇھەممەت پىكىرىنى ئوچۇق، ئاچچىق ئىپادىلەشكە بەكرەك مەپتۇن ئىدى.
        ئادىل بولسا ئۆز تۇيغۇلىرىنى ھەرىپلەر، مەنزىرىلەر ۋە تەسۋىرلەرنىڭ قىسىلچىقىغا تاشلاشقا ئامراق ئىدە. ئۇ سەنئەتلىك ئېقىنىغا بەكرەك مايىل كۆرۈنەتتى. ئەمما ئۆزى ئەقىدە قىلغان چىن ھەقىقەتلەرگە بولغان مەدھىيە -- ئىخلاسى ئۇنىڭ پۈتكۈل شېئىرلىرىنىڭ تىنىق – تىنىقىغا يوغۇرۇلۇپ كەتكەن بولۇپ ناھايىتىمۇ پاكىز ۋە غەرەزسىز سۆيۈش، سۆيۈنۈش، مەستخۇشلۇق، ئىنسانىيەتنىڭ مەۋجۇدلىقى ۋە ھالاكىتى ئۈستىدىكى جىددىي ئويلۇنۇش، ۋەھىمىلىرى كىشىگە قىسقا ئەمما كۈچلۈك بېشارەت بېرىپ ئۆتىدۇ. ئۇنىڭ شېئىرلىرىدا سۇنىڭ ئېقىشى، ئاتنىڭ تۇرقى، يايلى، رەڭلەر... ھەممە – ھەممىلا نەرسە ئۇنىڭ مەنىلەر نەھرىگە باي كۆزىدە تىلغا، دىلغا، دىنغا، تىنغا ئايلىنىپ ئالەمىي مەۋجۇدلۇق ۋە ھەقىقەتلەر ھەققىدە رىسالىلەر سۆزلەيدۇ.
     ئۇبىر زەررە قۇمدىن ئالەمنىڭ يارىتىلمىسىدىن تارتىپ قىيامىتىگىچە بولغان تارىخىي جەرياننى ئايان قىلىپ بىرەلەيدىغان شائېر. تىل، سۆز، گىرامماتىكا ئۇنىڭ ئىقلىمىدا تەرتىپ ئىنتىزامىنى يوقاتقان، خالىغانچە پۈۋلىسە بولىدىغان رەڭدار شارلاردەك جىلۋىگەر، مەپتۇنكار. ئۇ سىز، مېنى جۈملىلەرنىڭ قاتتىق قامالىدىن قۇتۇلدۇرۇپ تۇرۇپ، راھەتبەخش، يىنىك سىلكىپ تالاپ قويالايدۇ. سىزنى تۇيدۇرماي تەبەسسۇمغا باشلاپ، يەنە شۇنداق تۇيدۇرماي قانىتىدۇ. ئەمما مەيلى ئىقرار قىلىڭ - قىلماڭ، ئۇنىڭ شېئىرلىرى سۇزۇلغان بوشلۇقنىڭ چەك – چېتى شۇنداق بىر مۇئەللەققە تۇتىشىپ تۇرىدۇ: ئادىمىيلىك - ئەركەكلىك! غوجىمۇھەممەت ئاشۇ بوشلۇقتا مەشرەپتەك بوغۇلۇپ، ئاچچىق توۋلاپ، ۋارقىرايتتى. شېئىرىيەتتىن قۇرۇپ چىققان ئۆزىنىڭ روھ دارىغا پولاڭلاپ ئېسىلىپ تۇرۇپ تىنمايشېئىرىي ئىسيان كۆتۈرمەك بولاتتى. يايلىنى سىلكىگەن ئەركەك شىردەك ئۇزۇن، قاسماقلىشىپ كەتكەن چاچلىرىنىڭ ھەر بىر سىلكىنىشىدە بىر ئاچچىق نىدا ئەتراپقا تارايتتى: ئىپپەت... ئەر... ئادەم – ئىنسانىي كامالەت!!! بىلىش، ئۇنتۇماسلىق كېرەككى، «ئادەم» دېگەن سۆزگە ئىنساندا بولۇشقا تىگىشلىك بارلىق ئېسىل پەزىلەت مۇجەسسەملەنگەن. ئەرمۇ، ئايالمۇ ئادەم بولغانىكەن، ئۇنىڭ تۇرغان – پۈتكىنىگە پۈتۈلگىنىمۇ شۇ كامالەتنىڭ ئىپتىداسى. ئادەم تۇغۇلغاندا كەم – كۈتسىز، مۇكەممەل، يارىتىلىدۇ دېيىلىدۇ. ھەممەيلەن ئاقىۋەتتە بەخشەندە قىلىپ بېرىلگەن نەرسىلەرنىڭ ھەقلىق جاۋابكارلىرى. جاۋابنى سىز، بىزنىڭ ئېغىزىمىز ئەمەس، ئەمىلىمىز بىرىدىغان كۈنلەر كېلىدۇ.
      «ئەركەكلىك» توغرىسىدا ئىككى شائىرنىڭ ئىككى ياندا تۇرۇپ بار ئاۋازى بىلەن ۋارقىرىشىمۇ، بىزنىڭ ئۇزاقتىن – ئۇزاق سۆزلەشلىرىمىزمۇ بىرلا نەرسە ئادەمدەك ياشاش ئۈچۈندۇر. غوجىمۇھەممەت ناھايىتى توغرا دەيدۇ: شېئىر يېزىش ئەمەس مۇددىئا. - غوجىمۇھەممەت مۇھەممەت :«قويۇۋەتتىم خىيال قوشۇمنى» دىن ئادىلمۇ دۇرۇس گەپ قىلىدۇ: ئادەم ئۆلدى، قاراپ بېقىڭلار، ئۆلمەكتە بىر ۋاستىگە مەقسەت. ئۆلمەكتىمىز ھەي ئىنسانىيەت! - ئادىل تۇنىياز:«سۈزۈك سەپەر» دىن قاراپ بېقىش، ئوقۇپ قويۇش، تەستىقلاش بىلەنلا ئىش پۈتمەيدۇ. ئىنسانىي كامىللىقنى قوغلىشىش - مانا بۇ مەڭگۈلۈك، ئۆزگەرمەس نىشان! ئەمما بۇمۇ ئەركەكلىك تەلەپ قىلىدۇ – دە!



مەنبە -«شىنجاڭ مەدىنىيتى » ژورنىلى




بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   jallat تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-8-5 15:58  


 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-8-5 16:01:48 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
روھ دارىدا تېرىلگەن ئىسيان


غوجىمۇھەممەد  مۇھەممەد ۋە ئۇنىڭ شېئىرىي دۇنياسى ھەققىدە ئىككى ئىغىز گەپ


نۇرمۇھەممەد ئۆمەر ئۇچقۇن







ئۇ− غوجىمۇھەممەد، يەنە داۋاملاشتۇرساق غوجىمۇھەممەد مۇھەممەد، يىغىپ كەلسەك بىرلا ئىسىم− مۇھەممەد.
        گۇما ناھىيىسىنىڭ قوشتاغ يېزىسىدا بىر ئۆمۈر دوختۇرلۇق كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىپ باشقىلارنىڭ كېسەلمەن تېنى ۋە كېسەللىكتىن ئازار يېگەن روھىنى داۋالاپ ئۆتكەن مۇھەممەد ئىسىملىك ئاتىنىڭ 1971- يىلى 9- ئايدا توغۇلغان ئوغلىغا غوجىمۇھەممەد دەپ ئىسم قويۇلدى. بەلكىم ئىسىمنى ئاخۇنۇم «كىتابتا بار» دەپ ئۆزى تەشەببۇسكارلىق بىلەن تاللاپ قۇيۇپ بەرگەن بولۇشىمۇ، ئۇلۇغلار، ئۇرۇق- تۇغقان، قۇلۇم- قوشنىلار تەۋسىيە قىلغان بولۇشىمۇ ۋە ياكى مۇھەممەد دوختۇر ئۆزى تاللاپ بەرگەن بولۇشىمۇ مۇمكىن. لېكىن نېمىلا بولمىسۇن، ئىسىم قويغۇچىلار «غوجى» سۆزىنىڭ ئەسلى تەلەپپۇزىنىڭ «خوجا» بولىدىغانلىغىنى؛ ئۇنىڭ «ئۇستاز، خوجايىن، ئىگە» دېگەن مەنىلەرنى بىلدۈرسىمۇ؛ قىسمەن كۆچمە ھاللاردا  مۇبارەك ئاللاھنى كۆرسەتسىمۇ، لېكىن مۇتلەق كۆپ ھاللاردا ئەرەب تىلىدا «سەييىد»(سېيت) تەلەپپۇزى بىلەن كېلىپ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈپەتلىرىنى كۆرسىتىدىغانلىغىنى، دېمەك، «غوجىمۇھەممەد» دېگەن ئىسىمنىڭ يەنىلا «مۇھەممەد» دېگەن ئىسىم بىلەن ئوخشاش مەنە ۋە سۈپەتنى ساقلاۋىرىدىغانلىغىنى بىلىشمىدى، بىلسىمۇ ئېرەن قىلىشمىدى. شۇنداق قىلىپ ئۇنىڭ ئىسىم- فامىلىسىدا ئۈچ مۇھەممەد ئارقىمۇ- ئارقا كېلىۋەردى.
        مۇھەممەد ئاكا دۇختۇرلۇق بىلەن ئاساسەن تەندىكى زەئىپلىكنى داۋالىغان بولسا، رەھمەتلىكنىڭ غوجىمۇھەممەد ئىسىملىك بۇ ئوغلى «روھتىكى زەئىپلىكنى داۋالايدىغان شېئىر يازىمەن» دەپ يۈردى ھەم بىر تۈركۈم نەرسىلەرنى يېزىپ باقتى. ئۇنى باشقىلارنىڭ «شېئىر» دەپ ئاتاش- ئاتىماسلىقى بەرىبىر. ئىشقىلىپ ئۇ «شېئىر» دەپ يازدى. باشقىلار مەيلى كىشىگە خۇشاللىق، روھىي ئازادىلىك بېرەلەيدىغان، كۆتۈرەڭگۈ روھ بىلەن تۇيۇنغان مەردانە، جۇشقۇن، ھاياتنى، تۇرمۇشنى، زاماننى قىزغىن مەدھىيلەيدىغان شوخ، لېرىك شېئىرلارنى قانچىلىك يازسۇن، نېمىشقىدۇر غوجىمۇھەممەد مۇھەممەدتىن ئىبارەت بۇ بىچارە شائىر ھەرقانچە قىلىپمۇ خۇشاللىق، كۆتۈرەڭگۈ روھ، جۇشقۇن ھېسسىيات بىلەن كۈيلىيەلمىدى، كۈلەلمىدى ھەم كۈلدۈرەلمىدى. يامغۇر، قار ياغسىمۇ ھېسسىياتى تۇتۇپ كېتىدىغان؛ باھار كەلسە كۈلۈپ، مايسا بىلەن تەڭلا ياشىرىپ، كۆكلەپ كېتىدىغان؛ ھەرقانداق بىر بايرام كەلسىلا شېئىرىي خۇشاللىقى ئاسمانغا يېتىدىغان «ھېسسىياتقا باي» بىر قىسىم، ياق، كۆپ قىسىم شائىرلارغا قارىغاندا ئۇ بەلكىم ھېسسىياتقا بېخىلراقتۇ؟! تەبىئەتتىكى ھەربىر ئۆزگىرىش، سىياسەت، تۈزۈمدىكى ئازراقلا داۋالغۇشتىنمۇ مىسلىسىز گۈزەل كېلىچەكنى كۆرۈپ يېتىپ شادلىنالايدىغان ھېسسىي تەسەۋۋۇر ۋە شاللاق تەپەككۇرغا ئۇ بەلكىم گالدۇر. ئۇ ئۆزىمۇ بىر قېتىم ماڭا:« بەلكىم دۆتراق بولسام كېرەك» دېگەنىدى. راست، ئۇ مەكتەپتە ئوقۇۋاتقىنىدا ماتېماتىكىدىن ھېچنەرسە بىلمەيتتى، ئوقۇشىمۇ ئانچە ياخشى ئەمەس ئىدى. بولمىسا تۇلۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى تاماملىغۇچە ئوقۇغان ئادەم ئالىي مەكتەپكە ئۆتسە بولاتتىغۇ؟ تېخى قايتا ئوقۇغىنىنى نېمە دەيلى؟ دۆت بولمىسا قايتا ئوقۇغاندىن كېيىن ئۆتسە بولاتتىغۇ؟ ئەمدى ئۆتۈپ كېتىمەن، ئوقۇيمەن، پۇخادىن چىققۇچە ئۆگىنىمەن دەپ يەڭ تۈرۈپ تەييارلىق قىلىپ ئىمتىھان مەيدانىغا كىرگىنىدە قىزىق ھەم ئېچىنىشلىق ھالدا «تەلەيسىزگە سۇ كەلسە، ئاللاكۇدىن يار كەتتى» دېگەندەك ئىش بولدى. ئاللاكۇدىن يار كەتمىدى، ئەمما كاساكۇنى كەلكۈن- سەل باستى. ھۆكۈمەتنىڭ تۆمۈر تاۋىقىدىن تەلىيى يوق شائىرنىڭ قۇرسىقى جەھلى بىلەن ئاغرىپ، قىيناپ زادىلا ئولتۇرغىلى قويمىدى. «خان يارلىغى يامانمۇ، قوڭ يارلىغىمۇ؟». ئۇنىڭ قانچىلىك ئازابلانغىنىنى يېزىش ھاجەتسىز. ئۇ ئىمتىھان مەيدانىدا چىداپ ئولتۇرالمىدى. كەلگۈلۈكنى ئىشتانغا شاتراقلىتىپ قۇيىۋېتىپ جاۋابنى يېزىۋەرگەن بولسا بەلكىم قانۇنغا خىلاپ بولماسلىغى مۇمكىن ئىدى. ئەمما بىزدە ئادەم بار يەردە يەل قۇيىۋېتىشمۇ ئەيىپ ئىش- تە!؟ «يېرىم سائەتكىچە ئىمتىھان مەيدانىدىن ئايرىلىشقا بولمايدۇ» دېگەن بەلگىلىمىلەر شۇ چاغدا بولغۇسى شائىرغا كارغا كەلمەي قالدى. ئادەم دېگەن نەرسە تۈزۈم، سىياسەت، بەلگىلىمىلەرگە بۆشۈككە بۆلەنگەندەك خاتىرجەم كۆنىۋەرگەن بىلەن قۇرساق، ئاغرىقنىڭ تۈزۈم بىلەن پەرۋايى پەلەك ئىدى. ئۇ راستىنلا ئۆزىگە بەگ، ئۆزىگە خان بولدى. لېكىن شائىرچۇ؟...كېيىنكى يىللاردىمۇ ئۇنىڭ دۆتلۈكىگە ئىسپات بولىدىغان تالاي ئىشلار يۈز بەردى. ئېگىلىشنى، خەقكە ئاغزى تاتلىق بىلەن ئىككى ئېغىز گەپ قىلىپ كۆڭلىنى ئېلىشنى بولسىمۇ ئۆگىنىپ قويغان بولسا ئۇ بەلكىم باشقىچە كۈن كەچۈرۈشى مۇمكىن ئىدى. شېئىر دەپ قۇرۇق قەغەزگە جىجاپ، سىزىپ، بارلىقىنى شۇنىڭغا ئاتاپ ئولتۇرماي كوچىغا چىقىپ تاماكا ساتقان بولسىمۇ بەلكىم بىر بالا يېتىم، بىر ئائىلە ۋەيران بولماس ئىدى. شېئىرىدىن ھەسرەت، مۇڭ، يىغا ئەمەس كۈلكە تۆكۈلەر ئىدى. ۋەھالەنكى، بىز ئۇ چاغدا بۈگۈنكى غوجىمۇھەممەدنى كۆرەلەمتۇق؟ بەلكىم غوجىمۇھەممەدنىڭ دۆتلۈكلىرى ئۇيغۇر ئەدەبىياتى ئۈچۈن كەم تېپىلىدىغان بەدىئىي ئىستىدات ۋە شېئىرىي يۈكسەكلىككە ۋاستە بولغاندۇ!
        ئۇنى كىچىك چېغىدىن باشلاپلا كۈلەلمىگەن دېسەك خاتالاشقان بولىمىز ھەم ھازىرمۇ كۈلمەيدۇ، كۈلەلمەيدۇ دېسەك رېئاللىقنى نومۇسسىزلارچە ئىنكار قىلىپ قويغان بولىمىز. ئۇ ھازىرمۇ كۈلىدۇ، لېكىن شېئىرنىڭ ئىچىدە ئەمەس. ئۇ ھازىرمۇ كۈلىدۇ، ئەمما شېئىر يېزىۋاتقاندا ئەمەس. ئۇ ھازىرمۇ كۈلىدۇ، ئەمما شېئىر ئىچىدە ياشاۋاتقاندا ئەمەس. تېخى ئۇ بەزىدە ئۆزىنىڭ بەك كۆپ كۈلۈپ كەتكىنىدىن ھەيران قالىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام :«ئەگەر سىلەرمۇ مەن بىلگەننى بىلىپ، مەن كۆرگەننى كۆرەلىگەن بولساڭلار، ئاز كۈلۈپ، كۆپ يىغلىغان بولاتتىڭلار » دېگەن ئىكەن. بەلكىم غوجىمۇھەممەد مېنىڭ نام- ئېتىم پەيغەمبەرنىڭكىگە ئوخشايدۇ، دەپ ئەتەي شۇنداق سۈرلۈك، پەرىشان، غەمكىن قىياپەتكە كىرىۋالمىغاندۇ. لېكىن ياراتقۇچىنى بىزنىڭ شائىرىمىزغا مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭكىدەك ئەقىل، كۆز، تەپەككۇر، ئەخلاق، ئېتىقاد ۋە ئاجايىپ ئۇلۇغۋار ساداقەت بەرمىگەن بىلەن ھېچبولمىسا مەسىلىلەرنى سەل باشقىچىرەك كۆرۈپ كۆزىتىدىغان كۆز، ئىنساننىڭ ئىنسانىلىغى ئۈچۈن ۋىجدان بىلەن سوقىدىغان ئىسسىق يۈرەك بەرگەن بولسا ئەجەپ ئەمەس. كۆز، قۇلاق، بۇرۇن، ئېغىز، مېڭە، يۈرەك.... بۇلار ھەربىر ئىنساننىڭ يارىتىلمىسىغا مۇۋاپىق نىسبەتتە تەڭشەپ ئورۇنلاشتۇرۇلغان ۋە ئىقتىدارى تۇلۇقى بېرىلگەن. لېكىن ھەربىر ئەزانىڭ ئۆز قۇدرىتىنى قانچىلىك جارى قىلدۇرۇش شۇ ئەزانىڭ ئىگىسىگە باغلىق. سەن بىر ئەزانىڭ كامالەت ئىشىكىنى ئاچساڭ ئېچىلۇر، ياپساڭ يېپىلۇر. ھومېر كۆزىنىڭ نۇرىنى يۇلۇپ ئېلىپ تەپەككۇر ۋە سەزگۈسىگە سىغداپ كۆرىۋىدى، ئۇ ئالەم پونكىتىدىكى ھەربىر ئۇششاق زەررىچىنى قۇياش باراۋىرىدە كۆرەلەيدىغان مىكروسكۇپقا ئايلاندى. نېكولاي ئوستروۋىسكى كۆزى كۆرىۋاتقاندا ئەمەس، بەلكى قۇياشنىڭ ئىللىق مېھرىنى كۆرۈشتىن مەھرۇم بولۇپ مەڭگۈلۈك زۇلمەتنى ھېس قىلغىنىدا چەكسىز قاراڭغۇلۇق ئىچىدىكى تولىمۇ نۇرانە بىر توچكا ئىچىدىن پولاتنىڭ قانداق تاۋلىنىدىغانلىغىنى بىلىپ يەتتى ۋە «بوران بالىلىرى» بولۇپ قاراڭغۇ زۇلمەت ئىچىدىن جار سېلىپ چىقىپ كەتتى. ۋەھالەنكى بىزدە ھەربىر ئەزانىڭ روھىي قۇدرىتىنى ھېس قىلىپ ئۇنى چىن ئىنسانىلىقى ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرالايدىغان ئادەملەر كۆپ ئەمەس. شۇڭا بىزدە كۆزى ئوچۇق قارىغۇ كۆپ، قولىقى ئوچۇق گاس تولا، پۇت- قولى ساق چولاق كۆپ، دۈپۈلدەپ سوقۇپ تۇرىدىغان سېسىق گۆشى بار، ئەمما ئىسسىق يۈرىكى يوق ۋىجدانسىز نائەھلىلەر ساماندەك. غوجىمۇھەممەد باتىنى ۋە زاھىرىي كۆزلىرى بىلەن ھادىسىلەرنىڭ تاشقى پوستىدىن ئىچكى ماھىيىتىگىچە كۆرۈپ يەتتى- دە، تەپەككۇرىنى دادىل قۇيىۋەتتى. تەپەككۇردىكى يۈكسەكلىك بىلەن رېئاللىقتىكى بەدبەشىرىلىكنىڭ دەھشەتلىك سوقۇلۇشىدىن تەپەككۇر ئەسلىگە قايتىش پەيدا قىلدى، ئاجايىپ ئېغىر تەنھالىق ۋە غېرىپلىق يىتىپ كەلدى. غوجىمۇھەممەدمۇ، ئۇنىڭ شېئىرلىرىمۇ، شېئىرلىرىدىكى مۇھىتمۇ كۈلەلمىدى. كۈلمىگەن جاندا گۇناھ بارمۇ؟
        بىزدە ھەممىلا نېمىدىن خۇشاللىق تاپالايدىغانلار، مۇسىبەتنىمۇ چاقچاققا يۆلەپ ئۆتكۈزىۋېتىشكە خۇشتار كۈلكە مەستخۇشلىرى ئاز ئەمەس. لېكىن بىر ئادەم يىغلاۋاتسا ئۇنىڭ قەلبىدىكى پىغان بىلەن ئۆز كەلمىش- كەتمىشىدىكى مەنبەداشلىقنى تۇنۇپ ئورتاق بىر ئىنسانىي ئازاب ئىچىدە ھەمدەرد بولۇپ ياشىيالايدىغانلار تولىمۇ ئاز. شۇڭا بىزدە ۋەھىمىنى، خرىسنى، بېسىمنى، كرېزىسنى ھېس قىلالايدىغانلار ئاز، ھېس قىلسىمۇ ئۇنىڭدىن قوتۇلۇشنى ئىزدەپ ئەمەلىي ئىش قىلىدىغانلار كۆپ ئەمەس. رەڭدار تۇرمۇشنىڭ سوپۇن كۆپىكىدەك يەڭگىل، ئالدامچى پەردىسىنى قايرىپ ئۇنى ئىخلاسى ۋە ئىمانى بىلەن كۆزىتىپ باقىدىغانلار يوقنىڭ ئورنىدا. مۇشۇ خىل تەنتەك روھىي كەيپىيات ۋە ھەدېسىلا ياسىما خۇشاللىق، زورلام كۈلكە تەۋسىيە قىلىدىغان غىلجىڭ تەپەككۇر تەسلىمچىلىكى، سۈنئىي كەيپىياتنىڭ مەپتۇنكار شەرەندازلىرى تەرىپىدىن غوجىمۇھەممەدنىڭ شېئىرلىرى دىققەتتىن خالىي ھالدا قېلىۋەردى، يىغلاڭغۇ دەپ تام تۈۋىگە ھەيدىلىۋەردى. شېئىرنىڭ ھەقىقىي يۈرىكىنى تۇتۇپ باقىدىغانلار چىقمىدى. ئەكسىچە « پارتىيىنىڭ شۇ قەدەر ئادىل سىياسىتى ئاستىدا ھەممەيلەن بەختلىك كۈن كەچۈرىۋاتسا، سەن ‹يىغلاڭغۇ ئادەم› دەپ بىر نەرسە يېزىپ يۈرۈپسەنغۇ» دەپ ھەيۋە بىلەن سوراقلايدىغانلار چىقتى. غوجىمۇھەممەدنىڭ يىغلاپ تاشلىمىغىنىغا ھەيرانمەن. ھەقىقەتەنمۇ، سىياسەت، قانۇن، تۈزۈم دېگەن تۆمۈردەك قاتتىق، ھېسسىز كېلەتتى. ئۇ روھىيەتتەك ئىنچىكە يەرلەرگە چوڭقۇرلاپ كىرىش بەختىدىن مەھرۇم ئىدى. نوقۇل سىياسىي ئاڭ، كاللا بىلەن ئەدەبىيات- سەنئەتكە ھۆكۈمرانلىق قىلىش مەدەنىي دۇنيادىكى مۇشتۇمزور فاشىزمدىن ئىبارەت. ئەي چېڭ شۇڭا : «شائىرغا ئەركىنلىك» دەپ توۋلىغانىدى. غوجىمۇھەممەد بۇنى ناھايتى چوڭقۇر بىلەتتى. ئەمما زاكۇنلىشىشنىڭ پايدا بەرمەيدىغانلىغى ئۇنىڭغا ئايدىڭ ئىدى. زاكۇنلاشسا  خىزمەتتىن نان تىلەشتىن باشقىنى بىلمەيدىغان، جاھالەتكە پاتقان بۇ بىر توپ قۇرساق بەندىلىرى يوق گەپلەر بىلەن ئۇنى پۇتلاپ قويۇشىمۇ مۇمكىن ئىدى. بولمىسا ئەشۇنداق بىمەنە، تېتىقسىز سوئاللارنىمۇ سوراپ يۈرەتتىمۇ؟ غوجىمۇھەممەد باشقىچىرەك يول بىلەن چۈشەندۈرۈشكە مەجبۇر بولدى. لېكىن «شېئىر» دېسە «پۇل» دەپ چۈشەكەپ توۋلايدىغان، بىچارە شائىرنىڭ دەردىنىڭ مىڭدىن بىرىگىمۇ ھەمدەم بولالمايدىغان ئەشۇ سابىق ئايالى «سەن ھەمىشە ھومىيىپلا يۈرىسەن، كۈلەلمەمسەن؟» دەپ تەكرار- تەكرار تاپا- تەنە قىلىۋەرگەندە ئۇ چىداپ تۇرالمىدى.
- ماكسىم گوركىمۇ پۈتۈن ئۆمرىدە ئاران ئىككى قېتىم كۈلگەن ئىكەن، بىرى رۇسىيە ئاقلاردىن تازىلانغاندا، يەنە بىرى تويى بولغاندا. مەن ھېلىمۇ بەك كۆپ كۈلۈپ كەتتىم، بىلەمسەن؟
مانا بۇ ئۇنىڭ كۈلكە مەستخۇيلىرىغا بەرگەن زەردىلىك جاۋابى ئىدى. ئۇنى كۈلدۈرەيلىمۇ؟ مېنىڭچە ئەڭ ئالدى بىلەن غوجىمۇھەممەد روھىي دۇنياسى ۋە شېئىر ئالىمى بىلەن تۇنۇشۇپ چىقساق، جاۋاب ئۆزلىگىدىن چىقىشى مۇمكىن.

                        - شېئىر يازماق ئەمەس مۇددىئا.
                                         «قۇيىۋەتتىم خىيال قۇشۇمنى»دىن




«ئەركەكلىك»كە قىلاي مىڭ تازىم




بىز مەلۇم مەنىدە قەھرىمانلىق، ئەركەكلىكنى ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدىكى ئانا باش تېمىلارنىڭ بىرى دەپ ئېيتالايمىز. خەلق ئېغىز ئەدەبىياتىدىكى ناخشا- قوشاق، ئەپسانە- رىۋايەتلەردىن  تارتىپ ئۇيغۇر خەلق يازما ئەدەبىياتىنىڭ نەمۇنىلىرى ھېسابلىنىدىغان «ئوغۇزنامە»، «مەڭگۈ تاش»، «ئىككى تېكىن ھېكايىسى»... قاتارلىق مەنبەلەرگىچە خەلقىمىزنىڭ ئادەملەر ئارىسىدىكى باتۇرلۇق، قەھرىمانلىق، چىن ئىنسانىي پەزىلەتلەرگە بولغان ئىخلاس- ئېتىقادى پەۋقۇلئاددە چوڭقۇر دەرىجىدە ئەكس ئەتكەن. بۇ ئانا باش تېما ئەسىر بورانلىرى ئىچىدە ئۈزۈلۈپ، خوراپ كەتمەستىن مەزمۇن، مەنە، شەكىل ۋە ئىستېتىك قاتلام جەھەتتىن ئىزچىل كېڭەيدى ۋە چوڭقۇرلاشتى. دېمەككى خەلقىمىزنىڭ ئىنساننىڭ ئىنسانىي تاكامۇلىغا بولغان مەدھىيە- ئىخلاسى ئۈزۈلۈپ قالمىدى. ئەدەبىياتنىڭ ئىپىك، لېرىك ژانىرلىرىدا بۇ ھال ئوخشىمىغان تۈستە ئايان بولۇپ كەلدى. بىز غوجىمۇھەممەد مۇھەممەدنى خەلقىمىزنىڭ «ئەركەكلىك» چۈشەنچىسىگە قارىتا مەنە، مەزمۇن، قاتلام جەھەتتىن زور دەرىجىدە ئومۇملاشتۇرۇش خاراكتېرلىك بەدىئىي سەۋىيە ياراتتى، دەپ كېسىپ ئېيتىشقا تامامەن ھەقلىقمىز.
بىز باتۇرلۇق، قەھرىمانلىق ھەققىدە ئېغىز ئاچساقلا، كۆز ئالدىمىزغا دەررۇلا « كۆكسى ئېيىقنىڭكىدەك، مۈرىسى قارا بۇلغۇننىڭكىدەك، بىلى بۆرىنىڭكىدەك، پۇتى بوقىنىڭكىدەك » يوغان، بەقۇۋۋەت ئەرلەرنىڭ كىلىشى تۇرغانلا گەپ. چىرايى كوسا، پارقىراپ تۇرىدىغان، كىيىمىنى قىرلاپ، پاكىز كىيىنىۋالىدىغانلار غىتمەك، خېنىم، چوكان مىجەز دەپ قارىلىدۇ. ھەتتا بۇ خىل قەھرىمانلىق چۈشەنچىسى بىزنىڭ ئەدەبىيات- سەنئىتىمىزگىچە چوڭقۇر تەسىرلەرنى كۆرسەتكەن بولۇپ، بىزنىڭ بەدىئىي قەھرىمانلىرىمىزنىڭ ئارىسىدىن ئورۇق، ئاۋاق، كىيىنىشكە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىدىغان بىرەرىنى تېپىش ئەسلا مۇمكىن ئەمەس. شۇنداقلا، چىرايلىق گالىستۇك تاقاپ، قاملاشتۇرۇپ، سىلىق- سىپايە گەپ قىلىپ يۈرىدىغان بىرەرىنى « مانا بۇ خېلى جىگىرى بار، قورقماس ئەزىمەت يىگىت » دېسە ھېچكىم ئشەنمەيدۇ. دېمەككى بىزنىڭ نەزىرىمىزدە ئەزىمەت دېگەن يارمىغان كۆتەكتەك بەستلىك، ئاچچىقى پۇراپ تۇرىدىغان، دەسسىسە يەر تىترەيدىغان، ئېغىزىدىن چىرايلىق گەپ چىقمايدىغان، ھە دېسىلا خەقنى سېسىق گەپ بىلەن تىللايدىغان بەڭگى، خوتۇنپەرەس، ياۋا مىجەز بولىدۇ ۋە شۇنداق بولۇشى كېرەك. بىز بۇلارنى ھەقىقىي ۋايىغا يەتكەن ئەردە بولۇشقا تىگىشلىك جىسمانىي شەرت دەپ قارايمىز. ئەمما شائىرچە بۇنداقلارنىڭ ھەممىسىنى ئەركەكلىكى ئېشىپ- تېشىپ تۇرغان ئەر دېيىشكە بولمايدىغاندەك قىلاتتى. شائىر « ئەر » دېگەن بۇ ئۇقۇمغا « ئادەم » ئۇقۇمىنى پاراللېل قۇيۇپ تۇرۇپ ئادىمىيلىكتىكى بارلىق ئەقەللىي شەرتلەرنى ئۇنىڭ ۋۇجۇد كالامىغا يۈكلىگەندەك تۇراتتى.
شائىرچە :« ساقال- بۇرۇت قويغانلارنىڭ ھەممىسى ئەر ئەمەس ئىدى؛ بۇغداي تېرىپ زاغرا ناندا قۇرساق توقلايدىغانلار، يەنى ئۆز ھەققىياتى ئۈستىدە كەسكىن پۇت تىكىپ تۇرالمايدىغانلارمۇ ئەر ئەمەس ئىدى؛ ئاھ خەلقىم، دەپ دەرد يۇتۇپ دەردىنى مەيخانىدىن، ئىشرەتخانىلاردىن ئالىدىغانلار ئەر ئەمەس ئىدى؛ ‹ ئېتىقاد › ۋە ‹ توغرا يول › ھەققىدە سۆزلەپ قويۇپ، ئەمەلگە چېكىت چاچمايدىغان، ئىچ- ئىچىدىن قۇرۇپ، قاقشاپ ئۆتكەن، ئۆتىدىغان، ئۆلىدىغانلارنىڭ ھەممىسىنىلا ئەر دىيىشكە بولمايتتى؛ قىلىچتىن قورقۇپ بېشىنى ئىگىۋالىدىغان، كاستيۇم كىيىپ ئەپتىنى پارقىراتقان بىلەن رەپتى ساماندەك ساپسېرىق تىترەپ يۈرگەنلەرنىڭ ھەممىسىنىلا ئەر دەۋىرىشىكە بولمايتتى. ئۇلارنىڭ جاينامازدا ئىمانى، ئەل ئالدىدا ۋىجدانى، يۈرىكىدە پىغانى، سەپ ئالدىدا مەيدانى، تىغ ئالدىدا تەن-جېنى، تومۇرىدا دولقۇنلۇق قېنى، ھاياتىدا ئۆلۈم ھەم شېنى نىسى ئىدى... ».
ئۇ «ئەر» ئۇقۇمىنى «ئىنسان» ئۇقۇمىغا تەڭ، پاراللېل قويغان ئىدى. ئۇ ئەرلەردىلا ئەمەس، ئاياللاردىمۇ، ساقاللىق يۈزلەردىلا ئەمەس، كوسا چىراي، ئىنچىكە بەللەردىمۇ «ئەركەكلىك» بار دەپ قارىغان ئىدى ۋە «ئەركەكلىك» تىن ئىبارەت بۇ سەمەرىنى چىن ئىنسانىلىققا تەڭداش سۈپەتتە كۆرۈپ يەتكەن، پۈتۈن ئىشقى بىلەن ئۇنى مەدھىيلىگەن ئىدى. شەمسىدىن تەبرىزى «ئىنساننىڭ ياشىمىقى نە ئۈچۈندۇر؟» دېگەن سوئالغا «ئىنسانىي كامىل بولماق ئۈچۈن» دەپ جاۋاب بەرگەن ئىكەن. بىزنىڭ بۇ مىستېتىك شائىرىمىزمۇ «ئەركەكلىك»نى مەدھىيلەش ئارقىلىق ئىنساندىن ئىنسانىي تاكامۇل ئىزدەيدۇ. بارلىق ئاجىزلىق، روھىي غالىبىيەتچىلىك، مۇرەسسەچىلىك، تەسلىمچىلىك خاھىشىدىن خالىي بولغان كەسكىن، ئوچۇق مىجەز بولۇشنى ھەقىقىي «ئەر»، «ئەركەك»، «ئادەم»، «ئىنسان» بولۇشنىڭ يولى دەپ بىلىدۇ. مۇشۇ يولغا قەدەم ئالغان ھەرقانداق بىر باش ئىگىسىنى «ئەركەك»، «ئوغۇل بالا» دەپ ئاتايدۇ. بولمىسىچۇ؟
قەرز... قەرز...قەرز....
ئەرلەردىكى يوقالغا ئىپپەت.
                              -«ئەرنىڭ ئىپپىتى»دىن
شائىرئىستېتىك مەنىلەر قاينىمىدا تۇرۇپ ئەرگە «ئىپپەت» تارتۇقلايدۇ. بىزدە ئىپپەت قىزلارنىڭ ئەڭ بۈيۈك ئامانىتى، پەقەت نىكاھ، جامائەت گۇۋاھلىقى ۋە يېتەرلىك مەھر، شەرت- ئەھكاملار بىلەن كەلمىش- كەتمىشىگە ئىككى دۇنيالىق ئىگە بولالىغۇدەك لايىق بىرىگە ھالاللاپ بېرىلىدىغان مۇقەددەس تارتۇق. يۈكسەك دەرىجىدە ئاۋايلاپ ئاسرىلىدىغان ئەتىۋارلىق بايلىق. ئىپپەتنىڭ يوقىلىشى ھايا، نومۇس، ۋىجدان، ئىمان، ئەخلاقنىڭ يوقىلىشىدىن دېرەك بېرىدۇ. ئىپپەتنىڭ يوقىلىشى مەلىكە قىزلارنى دېدەك چۆرىلەردىنمۇ ئۆتە قەدىرسىز ھالغا كەلتۈرىۋېتىدۇ. ئىپپەت- ھاياسىنى خالىغان بىرىگە بېرىۋىرىدىغان تېگى پەسلەر جالاپ، پاھىشە، بۇزۇق، شەرمەندە، نومۇسسىز... دەپ قارىلىدۇ. ئەسكى چاپانچىلىك ئېتىبارى قالمايدۇ. بۇ بىزدىكى قىز- ئاياللىققا بولغان ناھايتىمۇ يۇقىرى، پاكىز ۋە مەڭگۈ قەدىرلەپ ساقلاپ، داۋاملاشتۇرۇشقا تېگىشلىك بىباھا قىممەت ئۆلچىمى. غوجىمۇھەممەد بۇنىڭغا يانداش ھالدا «ئەرلەردىمۇ ئىپپەت بار، ئۇ- ۋەتەن» دەپ يازىدۇ. شۈبھىسىزكى، شائىر دۇنياسىدىكى «ۋەتەن» ئۇقۇمى ناھايتىمۇ ئىنچىكە، زىللىشىپ كەتكەن ئىدى.
شائىرنىڭ دۇنياسىدا «ۋەتەن» ساڭا تىنىق بېرەلەيدىغانلىكى ھەرقانداق بىر مەۋجۇداتقا يۈكلەنگەن ئىدى. كىچىكى ئادەمنىڭ ئۆزىدىن تارتىپ چوڭى پۈتكۈل كائىناتقىچە ھەممىسى سېنىڭ ۋەتىنىڭ ئىدى. ئۇ شۇنداق يازغانىدى:

بولمىغاندا «ۋەتەن» دېگەن سۆز،
«دۇنيا» ئىدى ئۇنىڭ ۋەتىنى.
بولمىغاندا «مىللەت» دېگەن سۆز،
«ئادەم» ئىدى ئۇنىڭ مىللىتى.

قايتقۇم كېلەر قەدىم زامانغا،
بولسا دەيمەن دۇنيا بىر ۋەتەن.
ئەتراپىمغا قاراپ- قاراپ ئاھ،
ئادەم بولغۇم كەلمەيدۇ بەزەن.
- «ئادەم»دىن
ئۇنىڭ كېيىنكى شېئىرلىرىدا ئەكس ئەتكەن «ۋەتەن» ئۇقۇمىنى قاتلاممۇ- قاتلام كونكرېتلاشتۇرغاندا تۆۋەندىكىدەك مەنىلەر پايانىغا مەنبە بولاتتى:
سەن ئۆزۈڭگە بىر دۇنيا، بىر ۋەتەن. ئۆزۈڭنى يامان كۆزدىن، ھارام تىلدىن، بەدقىلىق ھوجۇمدىن، ئۆكتەم نوپۇزدىن ساقلا. سەندە مېھىرمۇ، قەھىرمۇ بولسۇن. چۈنكى سەن يارىتىلىشىڭدىلا كامىل ئىنسان. كامالەت مېھىر بىلەن قەھىرنىڭ بىرلىكىدە. يارىتىلىشىڭدىكى كامىللىقنى يىللارنىڭ ئۆتۈشى بىلەن ئۆلتۈرۈپ، خورىتىۋەتمە. ۋۇجۇد- كالامىڭدىكى يۈكسەكلىك سەمەرىسىگە پاسىقلىقنى راۋا كۆرمە، ئۆزۈڭنى، ئۆزۈڭ مۇتلەق مەنسۇپ ۋەتىنىڭنى قوغدىيالمىساڭ سېنى ھېچكىم قوغداپ قالالمايدۇ، خارلىق قارا سايىدەك ئەگشىپ بېشىڭدىن نېرى كەتمەيدۇ.
ئائىلەڭنى، قان- قېرىنداشلىرىڭنى قوغدا. ئائىلە ئىللىق بىر ۋەتەن. ئاتا- ئاناڭ، خوتۇن- بالىلىرىڭ، قېرىنداشلىرىڭ ساڭا ئامانەتتۇر. ئۆز ئائىلەڭنىڭ شان- شەرىپىنى، خوتۇن- بالىلىرىڭ، ئاچا- سىڭىللىرىڭنىڭ ھاياسىنى، نومۇسىنى قوغداشنى مۇقەددەس بىل. ئائىلەڭگە ياتلارنىڭ ھارام كۆزى قادىلىدىكەن، يۈرىگىڭنىڭ بېغىشىغا تىغ سۈركەلگەن بولىدۇ. خوتۇن- بالىلىرىڭ، ئاچا- سىڭىللىرىڭ يەرگە قاراپ قالىدىكەن، باشقىلارغا بوزەك بولىدىكەن، سېنىڭ ھېچيەردە ئىناۋەت- ئېتىبارىڭ قالمايدۇ. بولۇپمۇ، قىز- ئاياللىرىنىڭ ھاجىتىنى تەلتۈكۈس راۋا قىلىپ ئۇلارنى مۇتلەق خاتىرجەم قىلالمىغان ئەردە قىممەت يوق، ئىپپەت يوق، ئىززەت يوق، ھەرىكەت- ئەمەلىدە بەرىكەت يوق!
قەۋمىڭ سېنى ئوراپ تۇرغان بىر ۋەتەن. ئۇنىڭ مەۋجۇتلۇقىغا سېنىڭ خاسلىقىڭ مۆكۈنگەن. قەۋمىڭنىڭ ئالدىدا سەن بىر جەڭچى. قەۋمىڭنىڭ ئار- نومۇسىنى، ئىززىتىنى قوغدىيالمىساڭ سەن ئۆلۈمگە مەھكۇم.
يۇرتۇڭ سېنىڭ ۋەتىنىڭ. ئۇنىڭدا سېنىڭ ئەجداد- بوۋىلىرىڭنىڭ ئىسسىق قېنى، سۆزلەپ تۈگەتكۈسىز ئەجىر- مېھنىتى بار. ئۇنى قوغدا، ياتلارنىڭ پاسىق تاپىنى تۇپرىقىڭنى بۇلغىمىسۇن، ئەجدادلىرىڭنىڭ بېشىنى يانچىمىسۇن. ئەۋلادلىرىڭغا خورلۇق، نومۇس، ساڭا ھاقارەت كەلتۈرمىسۇن.
پۈتكۈل ئىنساننى، تەبىئەتنى سۆي، قەدىرلە. دۇنيا سېنىڭ ۋەتىنىڭ، ئائىلەڭ. كائىناتتا بىرلىك بولمايدىكەن، مەۋجۇتلۇقۇڭ ئەرزىمەس نەرسىگە ئايلىنىپ قالىدۇ. تەبىئەتتە ئەزەلى يارىتىلما بىر پۈتۈنلۈك مەۋجۇت. مۇقەددەس قانۇنلارغا چېقىلىپ ھەددىڭدىن ئاشما. شۇندىلا ئادەمگە، ئىنسانغا ئوخشاپ زېمىندا پاراغەت كۆرىسەن. تەپەككۇر قىلغۇچى ئىنسانغا ياخشىلقنىڭ دەرۋازىسى داغدام ئېچىلغان.
شائىرنىڭ پەلسەپىۋىي شېئىر دۇنياسىنىڭ تەگ- قاتلىمى ئىنساننىڭ، كائىناتنىڭ يارىتلىمىسىدىكى ھېكمەت- پۈتمەتكە بېرىپ تاقىلىدىغان مەنە- مەزمۇنغا باي ئىدى. ۋەھالەنكى، شائىر شېئىر دۇنياسىدىن ئاجرىغىنىدا كۆرىدىغىنى زەيپانىلىشىپ كەتكەن بىر توپ ئەر، ئەقىدە- ئېتىقادىدىن ئادىشىپ ھاياتلىقتىكى ئەرزىمەس رەڭدار، ئازغۇن شارەكلەرگە دۈم چۈشكەن توپ- توپ ئادەم دېڭىزى بولاتتى. شائىر شېئىرىي دۇنيا بىلەن زاھىرىي دۇنيا ئوتتۇرىسىدىكى كېلىشتۈرۈپ بولغۇسىز توقۇنۇش كۈچىنىڭ لەرزىسىدە پەرىشانلىق ۋە ئەسەبىلىكىنى باسالماي شېئىر ئوقۇشقا، توقۇشقا چۈشۈپ كېتەتتى.

ۋەتەن
ياتار پۈتكۈل ئەركەكلەرنىڭ قەلبىدە
ياتقىنىدەك خەنجەر مەھكۇم غىلاپتا.
- «ئۆزگىرىشچان ھاۋا»دىن

بولار ئىمىش ئەرلەرنىڭمۇ ئىپپتى،
ۋەتەنسىزلەر كىرەلمەسمىش جەننەتكە،
- «ناخشا»دىن

ئانا دېسە ئۇنىڭ ئالدىغا،
كېلىدۇ ئاياغ ئاستى قىلىنغان يەرلەر.
ۋەتەن دېسە ئۇنىڭ ئالدىغا،
كېلىدۇ ئىپپىتى بوزۇلغان ئەرلەر.
- «غوجىمۇھەممەد»تىن
ئۇ ئۆز خوتۇنىنىڭ ئالدىدا ئەڭ ئەقەللىي مەجبۇرىيىتىنىمۇ ئادا قىلالماي تىرناق تاتىلاپ تۇرغان بىچارە ئەرلەرنىڭ زەيپانە تۇرقىدىن ئېغىر قۇللۇقنىڭ بەلگىلىرىنى كۆرەتتى. ئېچىلىۋاتقان، يالىڭاچلىنىۋاتقان نومۇسلۇق جايلارنىڭ توپانىدا يەنە ھېچنەرسە بولمىغاندەك تىۋىشسىز، بەخىرامان ئۆتىۋاتقان، ئۆلىۋاتقان ئەرلەر، ئۇلارنىڭ تەڭقىسلىق قاپلىغان بىچارىلىكى شائىرغا ئۆتمۈشتىكى ئەرلەرنىڭ نوپۇزى ۋە ھەيۋىسىنى، جەمئىيەتنىڭ ئىجتىمائىي ئادالىتىنى تەڭشەپ تۇرۇشتىكى مەردانىلىكىنى كۆز- كۆز قىلاتتى. ئۇ ئەرلەر ئاۋۋال  بۇزۇلغان، رولىنى يوقاتقان، ئاياللارنى، ئاياللارنىڭ جەزىبىسىنى قايىل قىلىش، باش ئەگدۈرۈش كۈچى خورىغان دەيتتى. ئاياللار شۇڭا ئەرلەردىن تەپتارتىپ قالمايتتى، ۋەھشىيلىشەتتى، كوچىلارغا يالىڭاچ دېگۈدەك ئاقاتتى. ئۆزلىرىنىڭ قۇتراپ تۇرغان ھايۋانىي ھېسسىياتىنى ئەسەبىلىكتىن ئىزدەيتتى، بىر مەھەللىك ئارامغا، روھىي بېسىلىشقا، پۇخادىن چىقىشقا تىرىشاتتى- دە، بۇنىڭ دورىلىرىنى كىيىم- كېچەكتىن، بولۇشىچە ياسىنىشتىن، ئەسەبىلەرچە قىقاس سېلىپ بەزمىخانىلارنى ئاۋات قىلىشتىن ئىزدەيتتى، ئەمما روھىي جەھەتتىن تېخىمۇ قۇرۇپ، غالجىرلىشىپ كېتىشەتتى. قەدىمدە ئاياللار بەگقۇلىدەك ئەرلەرگە قاراپ ھەسرەت، تەلمۈرۈش بىلەن نازغىپ ناخشا غىڭشىغان بولسا، بۈگۈندە ئەرلىرىمىز ياسانچۇق سەتەڭلەرنىڭ كەينىدىن يىغلاپ ناخشا ئېيتىپ رەھىم تىلەيدىغان بولۇشتى. بىر چاغلاردا پۇت- قولى، ئەقلى بىلەن خوتۇن- قىزلارنى ۋاي غوجام  دېگۈزۈپ، قايىل قىلىپ، ئۇنىمىسا ئېلىپ قېچىپ بولسىمۇ ئەمرىگە ئېلىپ ئارمىنىغا يېتىپ پۇخادىن چىقىش بىلەن مەيدە قېقىپ جاھان كېزىپ يۈرگەن پۈتۈنسۈرۈك بىر ئەر مىللەتنىڭ بۈگۈنكى قالدۇق ۋارىسلىرى يېلىنىپ- يالۋۇرۇپ قىزلارغا ئېرىشىشنى ئىستەيدىغان، ئالالمىسا ئۆلۈۋالىدىغان، سارغىيىپ دەرد يۇتۇپ يىغلاپ ياتىدىغان بولۇشتى. ئەرلەر بوشىدى، بۇزۇلدى، ئاندىن ئاياللار تاپتىن چىقىپ ئەرلەرنىڭ گەدىنىگە مىندى. ئەرلەر بۈگۈن ئۆزلىرىنىڭ ئەڭ ئىپتىدائىي، يادا تاشتەك مۇقىم- پۈتۈك ئىقتىدارىنى بولسىمۇ ساقلاپ قېلىشنىڭ غەم- ئەندىشىسىدە تىپىرلاپ قالدى... بۇنى قىيامەت، ئەرنىڭ، ئەركەكلىكنىڭ، ئىنساننىڭ قىيامىتى، قورقۇنچلۇق ھالاكەت ئالدىدىكى پۇت ئېتىپ تىپىرلاشلىرى دېمەي نېمە دېگۈلۈك؟ ئۆزىنىڭ ئەڭ ئەقەللىي ئىقتىدارىغا دوختۇرخانىلاردىن، قۇۋۋەت دورىلىرىدىن ھاسا تاياق ئىزدەۋاتقان ئەرلەرگە ۋەتەن، ئەل، مىللەت، ئائىلە، ئايال ئالدىدىكى ئېغىر بۇرچ، مەسئۇلىيەتنى ئىشىنىپ ئارتىش مۇمكىنمۇ؟ تىنى، جېنى، قېنى بۇزۇلغان ئەرلەر شەك- شۈبھىسىزكى روھى، ئىمانى كاردىن چىققان يارامسىز ئەرلەردۇر. تەن- روھ كامىل بولمىسا پەرز قەرزگە ئايلىنىپ ماڭىدۇ. ئەي ئەرلەر... ئەي ئىنسانلار........
قەرز... قەرز...قەرز...
ئەرلەردىكى يوقالغان ئىپپەت...
- « ئەرنىڭ ئىپپىتى» دىن

جىنسىيەت ئېلانى چاپلانغان تامدا،
قاقاقلاپ كۈلىدۇ رەھىمسىز ئايال.
دەھشەتلىك بوۋامنىڭ يەتتە خوتۇنى،
مەن موماڭ ئەمەس، دەپ تىترىشەر غال- غال.
- « سەرسان كۆڭۈل » دىن

ۋەتەنمۇ ھەم ئايالدۇر بەزەن،
ئىپپىتى بار، ئار- نومۇسى بار.
ئەرلەرنى چۈچۈتكەن جىنسىي كېسەل ئېلانى
ئېلان ئەمەس
ئەسەبىلەشكەن رەھىمسىز ئايال
- «يىغلىما ئەر»دىن

رەستىنى تىترىتىپ كىلەر ئۇ گۈس- گۈس،
ئۆلگىلى ماڭغاندەك ئۆلتۈرگىلى ھەم.
كۆڭلىكى ۋەرت- ۋەرت يىرتىلىپ تۇرار،
چىڭقالغان بەدىنىگە چىدالماي ھەردەم.

سەن كىم دەپ سوراشقا بولمايدۇ ئەسلا،
ئۇنىڭچۈن ئانا يەر بېرىدۇ جاۋاب.
ئۇ يۈز يىل بۇرۇنقى پىچاق ئاسقان ئەر،
ۋە يۈز يىل كېيىنكى ئەسلەنگەن ئازاب.
- «پىچاق ئاسقان ئەر»دىن

زېمىن يۈرىگى تىنماي داڭ ئۇرار،
تىپتىنچ قەدىمىي يوتقان خارابە.
يارى خەنجەر سوۋغا قىلغان بىر يىگىت،
ئۆلۈۋالدى مۇشۇ سەھەردە.
-« يارى خەنجەر سوۋغا قىلغان بىر يىگىت»تىن
بىر قىز، ئۆز ئامانىتىنى ھەقلىق يوسۇندا تاپشۇرۇشقا رازى بولغان بىر قىز ئۆز يىگىتىگە خەنجەر سوۋغا قىلدى. ئەينەك- تاغاق ئەمەس، لاتا- پۇتا، گۈل، تورت ئەمەس خەنجەر سوۋغا قىلدى. خەنجەرگە بىر ئەرنىڭ توپ، ۋەتەن، ئەل، ئائىلە، ئايال ئالدىدىكى بارلىق ھەققىياتى سىڭىپ كەتتى. خەنجەر قوغداش- قوغدىنىشقا تىمسال ئىدى. ۋەھالەنكى، يىگىت يارى سوۋغا قىلغان ئەشۇ خەنجەر بىلەن ئۆلۈۋالدى. بىزدە ئۆلۈۋېلىش ناھايتى ئېغىر، ھار ئېلىنىدىغان ئىش سانىلىدۇ. لېكىن يىگىت ئۆلۈۋالدى. بەلكىم ئۇ ئەر ئۈچۈن ھەممە- ھەممە نەرسىسىنى قۇربان قىلىشقا ھەرقاچان تەييار تۇرىدىغان نامۇسى ساق، ھاياسى پاك قىز- مەزلۇمەلەرنىڭ ئۈمىد- ئارمىنىغا يۈز كېلەلمىگەندۇ؟! ئائىلە، ئەلنىڭ ئەمەس ئاتا- ئانىسىنىڭ رازىلىقىنمۇ يېلىنىپ- يالۋۇرۇپ تۇرۇپ ئالىدىغان لىڭتاسما بەدبەخلەرگە ئوخشاپ قالغاندۇ؟! ئايالىنىڭ ھەرقانداق تەلىۋىنى راۋرۇس قاندۇرۇپ ئۇنى تەڭرى دەرگاھىغا بارىدىغان نۇرانە يولنىڭ ئالتۇن شوتىسىغا ئايلاندۇرالماي ئۇنى خارلىغان، ئالدىدا تىرناق تاتىلاپ تۈگىشىپ كېتىۋاتقان ئەرلەرگە ئوخشاپ قالغاندۇ؟! ۋەياكى ئۆز ھاياسىنى تەئەللۇق بىرىگە ھالاللاپ بېرەلمەي ئەرزىمەس، پۈچەك ھېسسىياتلارنىڭ ئالدىدا مىچىلداپ ئېرىپ، بولا- بولماس بىرىنىڭ ئاستىدا پايماللىنىپ كېتىۋاتقان نامەلۇم قىز- چوكانلىرىمىزنىڭ بىرىگە ئوخشاپ قالغاندۇ؟! ئەرگە خىيانەتنى نومۇس ھېس قىلمايدىغان دەرىجىدە ئىمان- ئېتىقادى زەيپانىلىشىپ كەتكەندۇ؟! ... خەنجەرگە، مۇقەددەس ئامانەت، ئۈمىد- ئىشەنچكە يۈز كېلەلمىگەن ئىكەن خەنجەردە ئۆلۈش كېرەك. شائىرنىڭ «يارى خەنجەر سوۋغا قىلغان بىر يىگىت»ى ھېچبولمىسا نومۇستىن ئۆلۈۋېلىشقا بولسىمۇ جۈرئەت قىلالىپتۇ، ئامانەتكە، ھەققە يۈز كېلەلمەيدىغىنىنى بولسىمۇ تۇنۇپ، ئازابلىنىپتۇ ۋە خورلۇقتىن ئۆلۈمنى ئەۋزەل كۆرۈپتۇ. بىزنىڭ خەنجەر ئەمەس خەنجەردىن بۈيۈك، مۇقەددەس سوۋغاتلىرىمىزنى ئالغان پالۋان سۈپەت نى- نى يىگىتلىرىمىز ئۆزلىرىنىڭ چاكىنا، تۇترۇقسىز، بىمەنە قىلىقلىرىدىن ئۇيىلىپمۇ قويمايدۇ. ئۇلار يۈزى قىزىرىشنىڭ نېمىدىن دېرەك بېرىدىغانلىغىنى بىلسە ئىدى، يارەب، بۇ جەمئىيەتتە باشقىچە ئىجتىمائىي كەيپىيات ھۆكۈم سۈرگەن بولاتتى.
ھەتتا، ئەركەكلىككە چەكسىز مەپتۇن بولغان شائىرنىڭ نەزىرىدە تىپتىنچ، ھېچقانداق تىۋىشسىز، نام- نىشانسىز، ئەھمىيەتسىز ھالدا، مۇنداقچە ئېيتقاندا، خامۇشلۇق ئىلكىدە جان تالىشىپ ئۆلۈشمۇ ھېچنەرسىگە ئەرزىمەيتتى، ئېنىقكى ئەشۇنداق ئۆتكەن، ئۆلگەن ئەر دوزاخقا مەھكۇم ئىدى.

جىنازىنى كۆتۈردى تۆت ئەر
ئارقىسىدىن ئەگەشتۇق يۈز ئەر
يەتتە كەتمەن توپا تاشلىدۇق
قىلدى روھى دوزاخقا سەپەر.
چۈنكى پىچاق غىلاپتا
ئۇ ئۆلۈپتۇ كارىۋاتتا.
- « ئۇ ئۆلۈپتۇ كارىۋاتتا»دىن
شائىر شۇلارنى ئويلاپ يەتكەن ئىدى. ئەرلىرىمىز، يىگىتلىرىمىز، بارلىق ئادەملىرىمىز چىرايلىق، پاكىز كىينسىمۇ ئىنسانىي ۋىجىدانىغا يۈز كىلەلىگۈدەك ياشىسا بولاتتى. تەرەققىيات كىيىمدە ئەمەس، ئاڭدا، ساپادا ئېلىپ بېرىلىشى، ئىشقا ئېشىشى كېرەك ئىدى. بىزدە بولسا قانچىلىك تەرەققىلەشكەنسىرى كىندىكلەر شۇنچە ئوچۇق ئېچىلىۋاتاتتى؛ ئىشرەتخانىلار شۇنچە ئاشكارا، ھەشىمەتلىك، ئاۋات بولۇۋاتاتتى؛ ئەخلاقى بۇزۇقچىلىق چىڭىغا چىقىپ كىتىۋاتاتتى؛ ئادەم ھاياتنىڭ چىن ئەسلى مەنىسىدىن يىراقلاپ كىتىۋاتاتتى. شائىر مەدەنىيەتنىڭ بۇ خىل چۈشكۈن يۈزلىنىشىگە قاراپ سوغۇق ھىجىيىپ قوياتتى:

ئارىلاپ ئەڭ پەسكەش كوچىلار ئارا،
توۋلايمەن مانا بۇ بىزنىڭ شەھەر دەپ.
مەسخىرە قىلىمەن مەدەنىيەتنى،
قۇسۇقلار ئىچىدىن چىقىپ ئۆمىلەپ.
- «ۋاز كېچىش»تىن
ئۇنىڭ مەنە- ماھىيەت قالمىغان بەدبەشىرە تۇرمۇشقا پۈتۈن ئەسلى- ۋەسلى بىلەن دۈم چۈشكەن ئەھلى ئىنسانغا قاراپ ۋارقىرىغۇسى كېلەتتى:

كۆزۈڭنى ئاچ، قۇياش ساڭا پاتماقتا،
تىلىڭنى تاپ، ئىسمىڭنى ئېيت دۇنياغا.
- «غېرىب»تىن
ئۇ بوش پىچىرلاپ شۇنداق دېگەنىدى :«ئەمدى ئۆزۈڭگە قالدىڭ ئەر». شۇنداق ھەممە ئۆزىمىزگە قالدى، ھەممىمىز ئۆزىمىزگە قالدۇق.

مەن شېئىر يازىمەن ئۆلۈپ ئولتۇرۇپ

بىز غوجىمۇھەممەدنىڭ شېئىر دۇنياسىنى تىنتىپ باقىدىغان بولساق، ئۇ ئىپادىلىگەن مەنە- مەزمۇن «ئەركەكلىك» ئىچىدىلا توختاپ قالمايدۇ. بىز «ۋەتەن»، «ئادەم»، «جىنايەت»، «مۇھەببەت» ئۇقۇملىرىنىڭ غوجىمۇھەممەد شېئىر دۇنياسىدا ئۆزگىچە ئىپادە، مەزمۇن ئىزچىللىقى پەلسەپىۋى تېرەنلىك ۋە خېلىلا يۇقىرى ئىستېتىك چوڭقۇرلۇق ھاسىل قىلغانلىغىنى تۇنۇپ يېتەلەيمىز. بۇ قانچىلىك تەتقىق قىلساق، ئىزدەنسەك ئەرزىيدىغان تېما. ئەمما يەنە بىر پاراڭ تېمىسى ھەققىدە ئاز- تولا گەپ سېتىش ئۇنىڭ شېئىرلىرىغا يۈزلىنىشتە تېخىمۇ ئەھمىيەتلىك بولۇشى مۇمكىن. «غوجى شېئىرلىرى نېمىشقا پۇراق، تىنىق، ئىپادىلەش جەھەتتىنلا باشقا شائىرلارنىڭ شېئىرلىرىدىن ئالاھىدە پەرقلىنىپ تۇرىدۇ؟».
مەن نۇرغۇن ئوقۇرمەننىڭ بۇ ھەقتىكى ھەيرانغا پاتقان زوقمەنلىكىىنى ئاڭلىدىم. مېنىڭچە بۇنى تۆۋەندىكى تەرەپلەردىن كۆرىۋېلىش مۇمكىن:
1. تىل
غوجىمۇھەممەد تىل، سۆزنىڭ ئىستېتىك تۇيغۇ بىلەن ماسلىشىشىغا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىدىغان شائىرلارنىڭ بىرى. ئۇنىڭ شېئىرلىرىدىكى تىل شېئىرىي كەيپىياتقا ناھايتىمۇ ئەپچىللىك بىلەن ماسلىشىپ كەتكەن. شېئىرىي رېتىم تېز، نەپەس ئىتتىك، شېئىرىي كەيپىيات پەۋقۇلئاددە چىڭىغا چىققان بىر تۈركۈم قايناق، ئىسيان پاتقان  شېئىرلىرىدىكى شېئىرىي تىل شۇ قەدەر قوپال، كەسكىن ۋە جەڭگىۋار. ئۇنىڭ قوپاللىقىغا غەزەپ بىلەن سۆيۈش سىڭىپ كەتكەن. غەمكىن، يىغلاڭغۇ شېئىرلىرىدىكى تىلمۇ ۋە شېئىرىي مۇھىتمۇ ئۆزگىچە مۇڭلۇق، ئېغىر. ئۇ تىل ئىشلىتىشتە كەيپىياتقا بېرىپ تاقىلىدىغان، شۇنداقلا كىشىلەرگە ئەنئەنىنى، قەدىمنى ئەسلىتىدىغان، سېلىشتۇرما بايان ئارقىلىق ئۆتكۈر روھىي، مەنىۋىي زىددىيەتنى ئېچىپ بېرىدىغان تىل ۋە جۈملە تۈزۈش ئۇسۇلىنى قوللاندى. سۆزلەرنىڭ قوپاللىق، مەنتىقى زىتلىق ئىچىدىكى بىرىكىشىدىن گۈزەل، مۇڭلۇق، شۇنداقلا ئاچچىق غەزەپ- زار تولغان مىسرالار چەشمە بولۇپ تۆكۈلدى.

تىترەپ تۇرارمەن ئوتخانىلەردە،
چاڭقاپ ئۆلەرمەن مەيخانىلەردە.
جانغا جان يىغلار، نانغا نائىلاج،
ھالىم ئاياندۇر دىۋانىلەردە.
ئوتخانىدىكى تىترەش، مەيخانىدىكى چاڭقاش، جانلار ئارىسىدىكى نانسىراش، قانسىراش... بىز بۇ يەردە تولىمۇ ئوبرازلىق، ئەمما يۈرەكنى ئەزگۈدەك ئېچىنىشلىق تەڭقىسلىق، بىچارىلىكنى ھېس قىلىپ بوغۇزىمىز غىققىدە بولىدۇ.
شائىرنىڭ قولىدا سۆزلەر تۇيغۇ غەمزىسىنىڭ تەڭكىشىگە ئايلاندى. تىل كەيپىياتلاشتى، يەنى مېھىر- قەھرى بار، كۈلۈپ، يىغلىيالايدىغان تىرىك جانغا ئايلاندى- دە، غوجىمۇھەممەدنىڭ كۈلپەت- نادامىتىنى، ئازاب- ھەسرىتىنى، غەزەپ- زارىنى ئوخشىمىغان تۈس- ئەستە بايان قىلدى. ئۇ ئىشلەتكەن سۆزلەر ئاجايىپ- غارايىپ ئەمەس، بەلكى، شۇ قەدەر ساددا، زاغرىۋىي، سىدام. تېخنىكىلىق سۆز ئويۇنى يوق. بۇ خىل ساددىلىق، تەبئىي تەسۋىرلەش ئىچىدىكى بەدئىي چوڭقۇرلۇق ئۇنىڭ شېئىرلىرىغا ئۆزگىچە قەدىمىي، كلاسسىك پۇراق ۋە پىكىر تىرەنلىكى بەرگەن بولۇپ، ئۇ كۆڭۈلنىڭ ھارغان، ئاچقان يېرىگە نەخ بېرىپ تىگەلەيدۇ ۋە كىشىنى ھاياجانلىق زوققا ئورىيالايدۇ.
غوجىمۇھەممەد شېئىرلىرىدىكى تىل ئۇسلۇبىنى ھېس قىلىش مۇمكىن، دەپ بېرىش ئىنتايىن تەس. بەرھەقكى، تىلغا تىل قىسىق!
2. كەيپىيات ئىنتايىن گەۋدىلىك. بىز بەزى شېئىرلارنى ئوقۇغان ۋاقتىمىزدا قەلبىمىزدە ھېچقانداق قوزغىلىش ياكى زىلزىلە پەيدا بولمايدۇ. دېمەككى، شېئىردا شېئىرىي ھېس- كەيپىيات ۋايىغا يېتەلمىگەن، ئوقۇرمەننىڭ داۋالغۇشقا تەشنا قەلبىگە ھېچقانچە قوزغاتقۇچ سوققا بېرەلمەيدۇ. ئەمما غوجىمۇھەممەدنىڭ ناھايتى كۆپ شېئرلىرى تراگېدىك تۈس، سەمىمىي ئازاب، ئىسيان- چوقان، مۇھەببەت، غەزەپ- زار تۇيغۇسىنىڭ ئىنتايىن روشەن، ئېنىق ۋە كۈچلۈكلۈكى بىلەن ئالاھىدە خاراكتېرلىنىدۇ. نۇرغۇن شېئىرلارنى يىغلىيالماي يا كۈلەلمەي تەڭقىسلىقتا قالغان دېمىق بوغۇلۇشقا تىمساللاش مۇمكىن. غوجىمۇھەممەد شېئىرلىرىدا مۇڭلانسا كىشىنىڭ ئىچى سىيرىلغۇدەك دەرىجىدە يىغلاپ مۇڭلاندى؛ يىغلىسا ئەتراپتىكىلەرنىڭ ئەس- ھۇشلىرىنى تىترىتىپ كۆزىنى كەلكۈن باستۇرغىدەك ئېچىلىپ يىغلىيالىدى؛ ئاچچىقلىسا پۈتۈن تېنىنى غەزەپتىن لاغىلداپ تىترىتىپ تۇرۇپ ئەسەبلىرىگە پاتماي چىڭقىلىپ ۋارقىرىيالىدى، تەلۋىلىكى، ئەسەبىلىكى چىڭىغا چىقالىدى؛ ئاچچىق غەزەپ- مەسخىرىسىنىڭ زەھەرخەندە تۈتەكلىرى ۋۇجۇد ئالىمىنى بىر ئالدى.
كىتابخانلارنىڭ يۈرىكىنىڭ بېغىغا تەگكەن شېئىرلار دەل شېئىرىي ھېسسىيات، كەيپىيات قىيامىغا چىقالىغان شېئىرلاردۇر.  بىز نۇرغۇن شېئىرلارنى ھەددىدىن زىيادە يىغلاڭغۇ، چۈشكۈن دەپ ئاغرىندۇق، ھەقىقەتەنمۇ، ئۇلار يىغلىدى، ئەمما يىغىسى ھېچكىمنى تەسىرلەندۈرەلمىدى، ئويلاندۇرالمىدى. قاملاشتۇرۇپ يىغلاشمۇ بىر سەنئەت. غوجىمۇھەممەد راستىنلا ناھايتى چىرايلىق يىغلىدى. ئۇنىڭ يىغىسىدەك چىرايلىق، سەمىمىي يىغا ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا كەم تېپىلىدۇ. ئۇنىڭ شېئىرلىرىدىكى ئازاب تۇيغۇسى، چوڭقۇر تراگېدىك لەھزە، چىدىغۇسىز توقۇنۇش، كەسكىن ئىسيان پۇرىقى، مول پەلسەپىۋى پىكىر- زىكىر قاينىمى، شۇ قەدەر ئەپچىللىك بىلەن جۈملە تۈزۈش سەنئىتى، چىرايلىق شېئىرىي مۇھىت ئۇيغۇر شېئىرىيىتىدىكى مۇئەييەن بىر پەللىگە بەلگە بۇپقالغۇسى!
ھەقىقەتەنمۇ:
شائىرلىق ئۇ دېگەن سەلتەنەت ئەمەس،
يۈرەكنى ئازابنىڭ ئوتىغا قاقلاش.
- «ئايرىلىش»تىن

شائىر ئەمەس كۈلدۈرەلمىسە،
شېئىر ئەمەس ئۆلتۈرەلمىسە.
- «غېرىبلىققا يەتمەس ھېچنىمە»دىن


كۆز يېشىغا بولدۇم پەيغەمبەر

غوجىمۇھەممەد مۇھەممەدتىن ئىبارەت بۇ يىغلاڭغۇ شائىر ھەققىدە مۇشۇنچىلىك توختىلىش مېنىڭچە كۇپايە قىلمايدۇ. لېكىن مەن مۇشۇنچىلىك بولسىمۇ توختىلىپ بىزنىڭ مۆھتىرەم شائىرلىرىمىزغا، تەتقىقاتچىلىرىمىزغا ۋە شېئىر ئىخلاسمەنلىرىگە ئارىمىزدا 30غا ئەمدىلا توشقان بىر تىرىك شائىرنىڭ بارلىقىنى، شۇنداقلا ئىقتىساد ئۆزىنىڭ شەپقەتسىز شەپشەكلىكىنى راسا ئاشكارىلاۋاتقان، ئىنسانىي قان- قېرىنداشلىق، مېھىر- مۇھەببەت تۇيغۇسى رەھىمسىزلەرچە چەيلىنىۋاتقان موشۇنداق بىر بەدىۋىي زاماندا غۇربەتچىلىكتىن قان يۇتۇپ ئولتۇرۇپمۇ شېئىر ۋە پاكىز ئىنسانىي تۇيغۇلار ئۈچۈن جان بېرىۋاتقان بىر چىن شائىرنىڭ بارلىقىنى بىلدۈرۈپ قويۇشنى ۋىجدانىي قەرز دەپ قارىدىم. بۇ پەقەت شائىرنىڭ روھىي دۇنياسى ۋە شېئىر- تۇيغۇ ئالىمى ھەققىدىكى كىچىككىنە بىر قىردىن ئىبارەت. بىز تېخى شائىر دۇنياسىنىڭ ئىستېتىك مەنالارغا ئالاقىدار تەرەپلىرىگە ھەم شېئىرىنىڭ پايانسىز قاتلاملىرىغا دېگۈدەك چوڭقۇرلاپ كىرىپ بولالمىدۇق. غوجىمۇھەممەد ۋە ئۇنىڭغا ئوخشاش نۇرغۇن «بوز»لار بىزنىڭ داۋاملىق ئېچىشىمىزنى، تەتقىق قىلىشىمىزنى كۈتۈپ تۇرۇپتۇ. تەكرار- تەكرار ئاگاھلاندۇرۇش كېرەككى، شېئىر ئويغىنىشى كېرەك. بۇنىڭ ئۈچۈن ئەڭ ئالدى بىلەن شائىرنىڭ ئويغىنىشى بەرھەقتۇر.
غوجىمۇھەممەد كۈلۈشى كېرەكمۇ؟
بۇ بىر قىزىقارلىق ھەم ئەھمىيەتلىك پاراڭ تېمىسى بولۇشى مۇمكىن. ئۇ بىر قېتىم مەن بىلەن كۆرۈشكەندە :« ئايالىمنىڭ ۋە باشقىلارنىڭ تاپا- تەنىسىگە چىدىماي ئەينەككە قاراپ 15 كۈن ئەتراپىدا كۈلۈشنى مەشىق قىلدىم. لېكىن زادىلا كۈلەلمىدىم. بىر بولسا ھىجىيىپ كېتىمەن ياكى تېخىمۇ ئاچچىقلاپ يىغلاپ كېتىمەن» دېگەن ئىدى.
بىز ئۇنى كۈلدۈرەيلىمۇ؟
ئۇنىڭ نېمىشقا شۇنچىۋىلا يىغلاڭغۇلۇقىنىڭ سەۋەبلىرى ئۈستىدە ئىزدەنمەي، بىراۋنى ھەدېسىلا كۈلكىگە زارلاش ئۇچىغا چىققان ئەخمەقلىقتىن باشقا نەرسە ئەمەس. تىنتىپ باقايلى: ئۇ نېمىشقا يىغلاڭغۇ؟
گەپنىڭ جىڭىنى قىلغاندا، شېئىر، شائىر پۈتكۈل بارلىقىنى ئاتاپ، ھەممە- ھەممە نەرسىسىنى بېغىشلىۋەتكەن شېئىر شائىرنى يەپ كەتتى. ئۇ كېچە- كۈندۈز شېئىرنىلا ئويلىدى، شېئىر ئىچىدىلا ياشىدى. كەچلىكى شېئىر يازغان شائىر تۇيغۇ دۇنياسىدىكى پىكىر- شېئىر قايناملىرىدىن قۇتۇلالماي ئۇخلىيالماي چىقاتتى. ئۇ ئىلھام پەرىشتىسىنى ئىزدەپ ھالسىرايتتى، تاپاتتىيۇ، قۇتۇلالماي قىينىلاتتى، بوغۇلۇپ، تولغىنىپ چىقاتتى. شېئىر ئۇنى تۇتىۋېلىپ قانغىچە بوغۇزلاپ ئوينىدى. شېئىر يېزىپ ئىلھامىدىن قۇتۇلالمىغان، كېچىلىرى تۈزۈك ئۇخلىيالمىغان شائىرنىڭ كۈندۈزلىرىمۇ قاپىقى چۈشۈك، كەيپىياتى شېئىر ئىچىدە غەمكىن داۋاملىشىۋەردى، شۇنداقلا ئەتراپتىكى دۇنيانىڭ ئۆزگىرىش رەپتارى بىلەن ئۇنچىۋىلا كارى بۇپكەتمىدى. دۇنياغا شېئىرغا قارىغان كۆز بىلەن قارىغان شائىر دۇنيا ۋە زامانىۋى ئالاقە شەكلى، تۇرمۇش تەرتىۋى تەرىپىدىن مەسخىرىلىك ئەخمەق قىلىندى. ئۇ بارا- بارا مىجەز، كەيپىيات جەھەتتىنمۇ ئىلاھىي ئىشىق، ھەق ۋۇجۇدىغا يەتمەگلىك ئۈچۈن بارلىغىنى ئاتىۋەتكەن، جاھاننى، دۇنيا ئىشلىرىنى تەرك ئىتىپ ئۆز روھىي دۇنياسىنىڭ بىكىك تارچۇقىغا بېشىچىلاپ كىرىپ كەتكەن ئازغۇن سوپىلارغا ئوخشاپ قالدى. شائىر شېئىر بولسىلا بولدى، دەپ ئويلىدى. ئەمما دۇنياغا شېئىرلا، مەنىۋىي پىچىرلا ئەمەس، نانمۇ، مەنىۋىي پىچىرغا قۇۋۋەت، يۆلەك، تىرەك بولغۇچى ئەقلىي زىكىر، ماددىي سېھىرمۇ جاندەك لازىم ئىدى. ئىدىيىسى ھەقىقىي ساغلام، ئادىمىلىكى بىلەن دۇنياغا يۈزلىنەلەيدىغان بىر ئەمەلىي شائىرغا شېئىر، شېئىر يېزىشلا ئەمەس ئائىلە، خىزمەت، تۇرمۇش، ھاياتمۇ زۈرۈر ئىدى. تۇرمۇشنىمۇ شېئىردەك گۈزەل مۇھەببەت بىلەن كۈيلەش، ھاياتقا شېئىرغا يۈزلەنگەندەك قىزغىنلىق ۋە جەڭگىۋار جۇش بىلەن قاراش كېرەك ئىدى. قۇرساق ئاچ توقۇلغان شېئىر ئاچ كالىنىڭ مۆرىشىگە ئوخشايدۇ. ئەمما چىن شېئىر شائىردىن ھاياتى كۈچى ئۇرغۇپ تۇرىدىغان بۇقا بولۇشنى تەلەپ قىلىدۇكى، ئارمىنى بار دەرمىنى يوق، سۇپرىسى بار بىر نېنى يوق بىچارە خىيالپەرەس، غايىۋى شاتۇت بولۇشنى ئەسلا ياقتۇرمايدۇ. ئۆزىنى مۇھتاجلىقتىن ساقلىغۇدەك ماددىي مەئىشەتنى ئۆزىگە تىرەك، سەرمايە قىلالمىغان بىر شائىرنىڭ شېئىرى بەلكىم كارامەت ئىستېتىك سەۋىيە، بەدىئىي پەللە يارىتىپ باشقىلارنى زوقلاندۇرالىشى مۇمكىن، ئەمما شائىرنىڭ ئۆزىنى تېخىمۇ ئىچ مىجەز، غەمكىن، چۈشكۈن، رەسۋا قىلىۋېتىدۇ. مۇتلەق كۆپ ساندىكى ئادەم چىن شېئىر ۋە گۈزەل تۇيغۇلارنىڭ كىشىنى ھاياجانغا سالىدىغان ئىستېتىك پەرۋازىنى يوقسۇللۇق، غۇربەتچىلىك، ئىزىلىش، تەڭسىزلىكتىن تۇغۇلىدۇ، دەپ ئىشىنىدۇ. توغرا، ئىجتىمائىي ئادالەتسىزلىك كىشىلەردە ھەق- ناھەق تۇيغۇسىنى ئەڭ كۈچلۈك ئويغىتىدىغان قوزغاتقۇچ ئامىل. ئەمما شېئىرنى دەپ ئۆزى بىلىپ، كۆرۈپ تۇرىۋاتقان قاراڭغۇ مەھكۇملۇققا ئۆزىنى خالاپ تۇتۇپ بېرىشكە، جاھالەتتىن قاقشاش بىلەنلا بۇپكېتىپ جاھالەتنىڭ ئۆزىنى، ئۇنىڭدىن قۇتۇلۇش كېرەكلىكىنى ئۇنتۇپ قېلىشقا بولمايدۇ-دە. يازغۇچى- شائىردا ناھەقچىلىك، زۇلۇم- زالالەت ئۈستىدىن شىكايەت قىلىش، زارلاش، غەزەپلىنىشلا بولۇپ، ئۇنى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن جان تىكىپ كۈرەش قىلىش ئىرادىسى ۋە ئەمەلىي ھەرىكەت بولمىسا ئۇنىڭ يازغان- تىزغىنىنىڭ زادى نېمىگە پايدىسى؟ باشقىلار ئۇنىڭ يازۇلىرىدىن ئىلھام- مەدەتلىنىپ نۇرغۇن ئىشلارنى قىلىدۇ، دىيىشىمىز مۇمكىن. ئەمما سەن جان بەرگەن ئىدىيە سېنى بولسىمۇ قۇتقۇزالمىسا باشقىلارنى قانداق قۇتقۇزسۇن؟ زارلاپ- زارلاپلا قويۇپ، ئۆزىنى قاپساپ تۇرغان بەدبەشىرىلىكنى بىتچىت قىلالماسلىق سېپى ئۆزىدىن روھىي غالىبىيەتچىلىكتىن ئىبارەت. بىزدە شۇنداق بىر مەسخىرىلىك ئىپادىلەش بار: « ئويغان، ئويغان دېدى بىر مەست، ئاندىن ئۇخلاپ قالدى». خەقنى تىنەپ- تەمتىرىمەي ئادەمدەك تۈزۈك ياشاشقا تىنماي دالالەت قىلىپ تۇرىدىغان شائىر ئۆزى ئۆزىنىڭ ئەڭ ئادەتتىكى تۇرمۇش ھاجەتلىرى ئالدىدا بۇيۇن قىسىپ قالسا، بۇنى ئۆزى يازغان، ئەقىدە قىلغان شېئىرغا قىلىنغان ئەڭ چوڭ يۈزسىزلىك، خائىنلىق دىمەي ئامال يوق. يەنە كېلىپ شېئىر، شېئىرىي تۇيغۇ، چىن ئادىمىي ھېسسىياتلار پۇل- مال بىلەن قەتئىي كېلىشەلمەيدۇ دېسە، مەن ئىللا- بىللا ئىككى دۇنيا  ئىشەنمەيمەن. يېتەرلىك مەئىشەتنى رەت قىلىدىغان ئىدىيىدە جەزمەنكى ئېغىر مەسىلە بار، بۇنداق ئىدىيىگە جان بەرگەن قەۋم، مىللەت، دۆلەت دۇنيادىن قۇل پېتى ئۆتسە ئۆتىدۇكى، ئۇلارنىڭ مەدەنىيىتىدە، سانائىتىدە، ئومۇمىي ساپاسىدا ئىلگىرىلەش بولمايدۇ. بەختىنىڭ ئومۇمىي پۈتۈنلۈكىگە ئارقىسىنى قىلىۋالغانلاردىن سائادەت تۆت پۇتلاپ قاچىدۇ.  ئابدۇقادىر داموللام، مەمتىلى ئەپەندى، ئابدۇخالىق ئۇيغۇرىلار مۇرەسسە تەلەپ قىلمايدىغان ئۇلۇغ شائىرلاردۇر. ئۇلارنىڭ ھاياتى بولسا تراگېدىك تۈس پەۋقۇلئاددە زور دەرىجىدە چىڭىغا چىققان، ئىسيان بىلەن تولۇپ- تاشقان، دەۋرنىڭ بارلىق ئەپتىبەشىرىسىنى ئۆزىگە تۇلۇق مۇجەسسەم قىلغان ناھايتىمۇ ئۇلۇغ، گۈزەل شېئىرلاردۇر. ئۇلار شېئىر يازدى، ئەمما شېئىردەك ياشاشنى ھەممىدىن ئەۋزەل بىلدى. رېئاللىقنى ئۆزگەرتىپ زۇلۇمنى يوقىتىشنى، ئومۇمىي توپ ئۈچۈن ھەقىقىي، رېئال ئەرك ئىزدەشنى ئۆز ھاياتىدا يېزىشقا تېگىشلىك بىردىنبىر مۇقەددەس شېئىر دەپ بىلدى ۋە قەلەمنىمۇ، ئەلەمنىمۇ تەڭ ئىشقا سالدى. مېنىڭچە رېئاللىقنى ئۆزگەرتىش يولىدا بېسىلغان مۇۋەپپىقىيەتلىك بىر قەدەم بىر گۈزەل شېئىر. باستۇرۇپ كېلىۋاتقان دۈشمەننى كۆرۈپ «دۈشمەن كەلدى» دەپ ۋارقىراش ۋە ئۇنى تىللاپ، قارغاپ، سۆكۈپ پايتمىسىنى پېتەك قىلىۋېتىش نۇرغۇن ئادەمنىڭ قولىدىن كېلىدۇ. ئەمما دۈشمەننى قانداق يوقىتىش ھەققىدىكى پىلان- تەدبىر ۋە ئەمەلىي جانپىدالىق خالىغان ئادەمنىڭ قولىدىن كېلىۋەرمەيدۇ. بىزگە ئېغىزىدا شەھەر ئالىدىغان ئۇلۇغ غايىشۇناسلار ئەمەس، يولدا پۇتلاشقان كىچىككىنە تەمەچنى ئېلىۋېتىشنى بولسىمۇ چىن دىلىدىن ئىستەيدىغان، قىلىۋاتقان ئىشى ھەققىدە ۋارقىراپ ئالەمگە سۈرەن سالمىسىمۇ قول سېلىپ، باش چۆكۈرۈپ ئەمەلىي ئىشلەشنى ئەۋزەل بىلىدىغان ئادەملەر بەكرەك كېرەك. بىزنىڭ زىيالىيلىرىمىز بار كۈچ





مەنبە -جاللاتنىڭ كومپىيوتىرى .ئۇچقۇندىن سوراپ ئىلىنغان ماقالە
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   jallat تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-8-5 16:04  


 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-8-5 16:06:07 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش



ناۋائىينىڭ  قاراڭغۇ كىچىسى




ئابدۇرېشىت سۇلايمان



(تالانىتلىق شائېر  غوجامۇھەممەد مۇھەممەدنىڭ شېئىريەت دۇنياسىغا ئىچكىرلەپ كىرىش  )


ناۋائىي ھەزرىتىم ياققان چىراغمەن،
شاھ مەشرەپ چۆلىدە يالاڭ ئاياغمەن .
----غوجىمۇھەممەد مۇزھەممەد(غەزەللەردىن)


گۇما قەلەمكەشلىرى بولۇپمۇ گۇمىدىكى شائېرلارنىڭ تەپەككۇرىدىكى قىممەت، شەكىل جەھەتتىكى قىممەت ئەمەس .گۇما شائېرلىرىنىڭ ئوزلىرىگە تەۋە بولغان سوبىكتىپ تەسەۋۋۇردىكى بارلىق- «قۇملۇقنىڭ ئۇيغۇردىكى ئاۋازى »،قۇملۇقتىكى فولىكلور ماتىريالى ئۇلارنىڭ ئەسەرلىرىدىكى بىرلىكنى باغرىغا بىسىپ تۇرۇپ ئوقۇرمەنلىرىنى تەڭدىشى يوق گۇزەللىك تىراگدىيەسى –شېئىريەت بىلەن تارتۇقلاپ كىلىۋاتىدۇ .ئۇيغۇر شېئىريىتىدىكى تارىخ چىكىنىش بىلەن بەلگە سىلىۋاتقاندا قۇم شەھرى گۇمىدىكى شېئىريەت تارىخنىڭ ئوزگىچە تەرەققىيات پۇرسىتى ياراتقانلىغىنى بىلەلەيمىز .ئۇيغۇر تەمسىللىك شېئىريىتىدىكى روزى سايىت ،مامۇت زايىت ،مۇھەممەت كامال خۇشخۇي ،...ئۇيغۇر سىمۇۋۇللۇق شېئىريىتىدىكى مۇختەر مەخسۇت ،غوجا مۇھەممەد مۇھەممەد ،ئەخمەتجان تۇرۇپ ،...مۇقىملاشقان ماھىيەتتىن يىڭى تەپەككۇرغا كوچۇپ ئويغۇر مىڭىلىرىدىن ماتىريال يىغىۋاتقان، تەسەۋۋۇرغا باي شائېرلارغا ئايلانغاندا رىئاللىقتا مەۋجۇت بولغان مۇققەدەس يارالمىشىمىزدىكى كىملىكىمىزنى شېئىريەتتىن تىپىش شەرىپىگە مۇيەسسەر بولدۇق .
بولۇپمۇ غوجى مۇھەممەد مۇھەممەد شېئىرلىرىنى ئوقۇغۇچى ئوقۇرمەننىڭ جىھرىدىكى كۇلكە تارتىنىپ تۇرۇپ كۇلگەن كۇلكىگە ئوخشىمايدۇ .شېئىر ئوقۇغۇچى ئوزىنىڭ نىمە ئۇچۇن كۇلگەنلىكىنى بايقاشتىن بۇرۇن بىز يەنە بىر قىتىم شائېرىمىز غوجىمۇھەممەدنى ئوقۇپ باقايلى .
مۇھەممەت كامال خوشخۇي غوجىمۇھەممەد مۇھەممەدنى مۇنداق ئوقۇيدۇ .

غوجىمۇھەممەد شېئىريەتتە سەۋىيە يارىتىشنىڭ زۇرۇللىگىنى ھىس قىلىشقا  باشلىغان شۇ يىللاردىن بىرى شېئىرلىرىدا ئىزچىل تالانىت غالجىرلىغىنى ئاشكارلاپ كەلدى .ئىجادىيەتلىرىدىكى ئاۋاز ئۇچۇن ئۇنى مەشرەپكە يىقىنلاشتۇرۇشقا مايىلمەن ،شېئىرلىرىدىكى دەلىللەردىن ئەنئەنە روھى ،ئەنئەنىدىكى تەبىئەت قورغاقچىلىغى -چۇشەندۇرۇش تەلەپ قىلمايدىغان ماھىيەتلىك جەۋھەر .ئۇيغۇر كىلاسسىك شېئىريىتىدىكى تەسەۋۋۇپ بەركەتلىرىنى شائېرىمىز غوجىمۇھەممەدنىڭ شېئىرلىرىدىن تىپىشقا بولۇدۇ ،گۇگۇم تاۋۇشلىرى بىلەن تاناسىپ تۇزگەن شائىرىمىزنىڭ ئوزىگە خاس بىر زامانى ۋە ماكانى بار .بىز ئۇنىڭ شېئىرلىرىدىن قۇياشنىڭ پەرقىنى تاپالايمىز ھەم ئاڭلىيالايمىز ،ئۇنىڭ شېئىرلىرى پۇراق ،تەم ئالاھىدىلىكىنى تولۇق ھازىرلىغان .

ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ئەدىبىياتى بويۇچە تىما ياقلاۋاتقان ئاسپارانىت نۇرمۇھەممەت ئۇچقۇن شائېرىمىز غوجىمۇھەممەد مۇھەممەد ھەققىدىكى قاراشلىرىنى مۇنداق شەرھىلەيدۇ .


ﻛﯚﺯﯛﯕﻨﻰ ﺋﺎﭺ،ﻗﯘﻳﺎﺵ ﺳﺎﯕﺎ ﭘﺎﺗﻤﺎﻗﺘﺎ،
ﺋﯚﺯﯛﯕﻨﻰ ﺗﺎﭖ،ﺋﯩﺴﻤﯩﯖﻨﻰ ﺋﯧﻴﺖ ﺩﯗﻧﻴﺎﻏﺎ.
مانا بۇ غوجىمۇھەممەد ،كىشىلەر ئۇنىڭ سوپى چىراي تەلەتىگە قاراپ ئۇنىڭ چاقرىقلىرىنى مەنسىتمەسلىك بىلەن رەت قىلدى ،«روھتىكى زەئىپلىكنى داۋالايدىغان شېئىر يازغۇچى»رەت قىلىندى .غوجىمۇھەممەد كىشىلەرگە خۇشاللىق ،روھى ئازادىلىك بىرەلەيدىغان كوتىرەڭگۇ روھ بىلەن تويۇنغان مەردانە ،جۇشقۇن ،ھاياتنى ،تۇرمۇشنى ،زاماننى مەدىيلەيدىغان شوخ لىرىك شېئىرلارنى قانچىلىك يازسۇن نىمىشقىدۇر غوجىمۇھەممەد مۇھەممەدتىن ئىبارەت بۇ بىچارە شائېر ھەر قانچە قىلىپمۇ خۇشاللىق ،كوتىرەڭگۇ روھ ،جۇشقۇن ھىسيات بىلەن كويلىلەنمىدى .كۇلەلمىدى ،ھەم كۇلدۇرۇلمىدى .يامغۇر ،قار ياغسىمۇ ھىسياتى تۇتۇپ كىتىدىغان ،باھار كەلسە كۇلۇپ ،مايسا بىلەن تەڭ ياشىرىپ ،كوكلەپ كىتىدىغان ،ھەر قانداق بىر بايرام كەلسىلا شېئىرىي خۇشاللىغى ئاسمانغا يىتىدىغان «ھىسياتقا باي »بىر قىسىم ،ياق كوپ قىسىم شائېرلارغا قارىغاندا ئۇ بەلكىم ھىسياتقا بىخلراقتۇ ؟!تەبىئەتتىكى ھەر بىر ئوزگىرىش ،سىياسەت ،تۇزۇمدىكى ئازراق داۋالغۇشتىنمۇ مىسلىسىز گۇزەل كىلىچەكنى كورۇپ يىتىپ شادلىنالايدىغان ھىسسىي تەسەۋۋۇر ۋە شاللاق تەپەككۇرغا ئۇ بەلكىم گالدۇر .ئۇ ئوزىمۇ بىر قىتىم ماڭا «بەلكىم دوتراق بولسام كىرەك»دىگەنتى .لىكىن غوجىمۇھەممەد دوت ئەمەس .كىسىپ ئىيىتقاندا مىلىلتىمىزگە غوجىمۇھەممەددەك شائېر بولماق تەس .قىزىق يىرى «تەلەيسىزگە سۇ كەلسە ،ئالاكۇدىن يار كەتتى »دىگەندەك ئۇنىڭ 36يىللىق ھاياتى خەۋىپ ئىچىدە ،ئازاپ ئىچىدە ئوتتى.«كىچىنىڭ بارمىقىدىكى يارقىن ئۇزۇكمەن »دەپ جار سالغۇچى شائېرنىڭ ئوز نۇرى ئىچىدە قۇياش كەينىدىكى كەنىتكە دادىل قەدەم بىسىشىنى ئۇمىد قىلىمەن .

ئۇيغۇر ئەدىبىياتىدىكى بىر ھادىسە دەپ ئىتراپ قىلىنغان ئۇيغۇر يىڭى شىئېرنىڭ ئالدىنقى قاتاردىكى ۋەكىلى ،ئەرەپ شېئىريىتىدىكى تالانىتلىق شائېر ،ئەخمەتجان ئوسمان غوجىمۇھەممەدنىڭ سەزگۇسىگە ۋە تالانتىغا مۇنداق باھا بىرىدۇ .

مىنىڭ غوجىمۇھەممەد مۇھەممەدنى بايقىشىم ئۇنىڭ «تاك،تاك،تاك،مەن كەلدىم »شېئىردىن باشلانغان .بۇ شېئىر ئىلان قىلىنغاندا ئۇيغۇلارنىڭ ئىچىدىن مەندە تەسىر قالدۇرغۇدەك بۇ دەرجىدىكى تەسەۋۋۇر ھەم تەپەككۇرغا باي شائېرنىڭ چىققانلىغىدىن سويۇندۇم .ئۇيغۇر يىڭى شېئىريىتىدىكى يول ئاچقۇچىلار ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق ئەدىبىيات سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىدىكى ئەنۋەر ئابدۇرىھىم ئوتكۇزگەن سوھبىتىم «شائېرنىڭ مەسۇلىيىتى ،يىنىش ،ۋە كويۇش»تە قەيىت قىلىنغان ئىستىكام قۇربانلىرىغا ئايلانغاندىن كىيىن مۇشۇ يولدا تارتىماي .تۇز ،ھەم راۋرۇس ماڭالايدىغانلارنىڭ چىقالماسلىغى ئۇيغۇرلار ئۇچۇن سەت ئەمەسمۇ ؟مەن غوجىمۇھەممەد مۇھەممەدنىڭ زامان تۇيغۇسىنى پەخىرلىنىپ تۇرۇپ تىلغا ئالىمەن .شىئېرلىرىدىكى –ھايات ،ئولۇم،سويگۇ ھەم جىنسىيەت بىرلىكىدىن باشقا مۇشۇ بىرلىكنىڭ يادرۇسى بولغان زامان تۇيغۇسى بىزنىڭ دىققەت قىلىشىمىزغا ئەرزىيدۇ .بۇنىڭدىن باشقىلىرى شېئىرنىڭ تەپسىلاتلىرى ...مەن قەپەزدىكى تورغاينى قويىۋەتتىم دېگەن جۈملە بەك يارىدى. ماۋۇ گۇينى قارا، ئۇيغۇر شېئىرىيىتىدە، ھەتتاكى دۇنيا شېئىرىيىتىدىمۇ ئەرلەرنىڭ جىنسىي ئەزاسى ھەققىدىكى بۇنداق مەجازنى ئۇچراتمىغانمەن»،
بىز ئۇيغۇر شېئىريىتىدە ناۋىيىنى بەش يۇز ساقلىدۇق ،يىقىنقى چارەك ئەسىردە ئۇيغۇر شېئىريىتىدە ئادىل تۇنىياز بىلەن غوجىمۇھەممەد مۇھەممەددەك شاھىمەردان چىقتى ،چارەك ئەسىرگە نىسپەتەن 2 دېگەن سان ھەقىقەتەن ئاز سان ئەمەس .بولۇپمۇ مەن غوجىمۇھەممەد مۇھەممەددىن كوپ ئۇمىد كۇتىمەن .

ئۇيغۇر سىمۇۋۇللۇق شېئىريىتىنىڭ ۋەكىلى ،پىشقەدەم شائىرىمىز بۇغدا ئابدۇللا مۇنداق قارايدۇ .
يىراقتىكى قۇملۇقنىڭ ئاۋازىدىكى  غوجىمۇھەممەد مۇھەممەد شېئىرلىرىنى يىقىندىن بىرى مەتبۇئاتلاردىن كوپ ئۇچراتتىم .شېئىرلىرىدىكى كوزگە تاشلىنىپ تۇرىدىغان ئالاھىدىلىك قۇملۇق مەدىنىييىتىمىزدىكى قۇرغان ھەم يىپىشقاق تەپەككۇر .شېئىرلىرىنىڭ تىمىسى ئوزگىچە ،شېئىرلىرىدىكى مەنا چۇشكۇن گۇزەللىك ئەمەس ،بۇ دۇنيانىڭ ماھىيتى ھەم ھەقىقىتى ئوتتۇرسىدىكى جان تالىشىش جەرياننى بۇ ياش شائېرنىڭ شېئىرلىرىدىن بايقاشقا بولۇدۇ
خەلىقنىڭ ھورمىتىگە ئىرىشكەن ،ئۇيغۇر تەمسىللىك شېئىريىتىدىكى تالانىتلىق شائىرىمىز ئىمىن ئەخمىدى غوجىمۇھەممەت تۇغۇرسىدا مۇنداق دەيدۇ .
بوران چاپقۇنسىز مەۋھۇم دۇنيا ۋە ۋاكۇئۇم بوشلىقى شائېرنىڭ ھاياتىدا مەۋجۇت ئەمەس .كىتاپخانلىرىنىڭ ئازابى بىلەن تاناسىپ تۇزەلىگەن شائېرنىڭ روھىدا مەۋجۇت .غوجىمۇھەممەد مۇھەممەد شېئىرلىرىدىكى ئىستىلىسكىنىڭ ،شائېرنىڭ تەپەككۇرى بىلەن بىرلىشىپ كەتكەن مۇكەممەلكىدىن سويىنىمەن .بۇرۇچ تۇيغۇسى كۇچلۇك شائېر غوجىمۇھەممەدنىڭ ئىجادىيىتىگە ئۇتۇق تىلەيمەن .
شائېرىمىز غوجىمۇھەممەد مۇھەممەد بىلەن زامانداش ،مول –ھوسۇللۇق ،تالانىتلىق شائېرىمىز ئەخمەتجان تۇرۇپ بەگتۇرىك مۇنداق قارايدۇ .

«دەرىتسىز ئادەم ئادەم ئەمەس ،مۇنى ئاڭلاڭ .ئىشىقسىز ئادەم ھايۋان جىنسى ،مۇنى ئاڭلاڭ .»بۇ نەقىلدىن ئاتلاپ ئوتۇپ ۋاستىلەر قورشاۋىدىكى تالانىتلىق شائىرىمىز غوجىمۇھەممەدكە كوچەيلى .غوجىمۇھەممەدنىڭ تەپەككۇرغا ،تەسەۋۋۇرغا ،تۇيغۇسىغا ،ئەقلىگە باھا بىرىش مۇشكۇلرەك .ئۇنىڭ غالجىرلىق يىغىپ تۇرغان مىسرالىرىىدىن «قۇياش ئۇيقىسىدا »ياتقان تەنلىرىمىز تىترەپ توختىدى .نىمە ئۇچۇن تىترەپ توختىدى .چۇنكى غوجىمۇھەممەدنىڭ مىسرالىرىغا كىرىپ كەتتۇق .ئۇنىڭ شېئىرلىرىنىڭ تەمى ئۇنىڭ دەرىتسىز ،ھەم ئېشىقسىز ئەمەسلىكىنى ئىسپاتلاپ تۇرغاندا ئەنئەنىنى نىگىز قىلغان شېئىرلىرىدىن تەمسىللىك شېئىريەت ،ھەم سىمۇۋۇللۇق شېئىريەت ئۇچقۇنلىرىنى تىپىشقا بولۇدۇ .مەن ئۇنىڭ مۇنداق بىر  شېئىر يازغانلىغىنى شەرەپ بىلەن تىلغا ئالىمەن .بۇ شېئىرلاردىن چوللۇك ئىچىدىكى بەندىنىڭ بۇلاقنىڭ كوزلىرىدىن تامچىغان سۇ تامچىلىرىدەك تامچىلاۋاتقان مۇڭلۇق يىشىنى ،ئازاپلىق كەچۇرمىشلىرىنى چۇشىنىشكە بولۇدۇ .
كەزسەم خوتەننى ،قەشقەردە ئاھىم ،
ياش تۆكتى ئاقسۇ،مىڭ ئەردە ئاھىم .

ئىزدەپ تىنچلىق بارسام ئىلىغا ،
قانىتى بوغۇق كەپتەردە ئاھىم .

ئاتۇشقا چىقسام تاشلار يېرىلدى ،
جاندا بىلەنگەن شەمشەردە ئاھىم .

تۇرپاندا قەبرە ، بولدۇم ھازىدار ،
شائىرنى چاپقان خۇمپەردە ئاھىم .

كەزدىم ۋەتەننى ئون بەش چۆرگىلەپ ،
ئون بەش تامچە قان مەھشەردە ئاھىم .
بىز ئاچالغا كەلدۇق .شېئىريەتتىكى سەپەرنىڭ ھاياتقا بولغان  چىقىلىشى قۇياش نۇرىنىڭ قەلىپكە كوچىشى .بىپايان چوللۇك ...نۇر ئىچىدىن ،قەلىپكە كوچۇپ چىققىنىمىزدا شېئىريەتتىكى ئىزدەشنىڭ ھامان بىر كۇنى مىنى ھەم سىنى تاپالايدىغانلىغىغا ئىشىنىمەن .

ياش شائېر ئابلەت ئەخمەت مۇنداق قارايدۇ .

«كىچە بارمىقىدىكى يارقىن ئۇزۇكنىڭ »ھىچكىم ئۇچۇن ئازاپ چەكمەسلىكىنى تىلەيمەن .كويىۋاتقان شاراپ تەببەسسۇمىدىكى ئوز روھىنى دادىل ئىپادىلەش  گۇزەللىكىدە  يەنىلا غوجا مۇھەممەد مۇھەممەددىن سەمىمىلىكنى سەزدۇق .ئۇنىڭ شېئىرلىرىدىكى خاسلىق قىيامىغا يىتىۋاتقان شۇ يىللاردا شائېردىكى ئازاپنىڭ چىكى يىراقلاپ كەتكەندەك قىلاتتى .ئاھ !!كوكسۇم .....دەپ يۇرىكىنى قاماللاپ ئازاپ چىكىپ يۇرگەن شائېرنىڭ نۇسرىتى بۇ ئوقلارنى قانداق قىلىپ بوي سۇندۇرغانلىغىنى تەسەۋۋۇر قىلالمايمەن .ئۇنىڭدىكى تالانىت بىلەن سەرگەردان تەنلىرى ئوتتۇرسىدىكى مۇۋازىنەت مۇشۇ يولىنىش بىلەن تەرەققى قىلىپ ماڭسا ئومرىنى باشقىلارغا چۇشەندۇرۇشنىڭ ھاجىتى قالمايدۇ .چۇنكى ئۇنىڭغا شۇنداق بىر ھىكمەت تاشلاقلىق .

قەشقەر پىداگۇگا ئىنىستوتىدىكى يىتىلىۋاتقان ياش شائېر تۇرسۇنجان ئەخەت مۇنداق قارايدۇ:

ئادەم خۇدانىڭ زىمىندىكى بويۇك موجىزىسى ،بەندىچىلىكتە شائېرلىق يولى ئوزلۇكتىكى كائىنات بىلەن مۇڭدىشىش ئالاھىدىلىكى بىلەن مەلۇم نۇسرەتكە ۋە قىممەتكە ئىگە .تۇرسۇنبەگ ئىبرايىمنىڭ «شائېر ۋە پەيغەمبەر »ئاسىمجان ئوبۇلقاسىمنىڭ «شائېرلىق ئەركىنلىكى قايەرگىچە »...قاتارلىق تەتقىقاتلىرىدىكى ھەقىقەتلەردىن بىلەلەيمىزكى شائېرلار كىشىلەرنى ئوزىنىڭ ئىمان ئىتىقاتى ،ئەمىلىيىتى ۋە ئەخلاقى بىلەن نۇر ئىچىگە ،پارلاق بىر مەنزىلگە باشلىغۇچىلاردۇر .زىمىندىكى ئازاپ دەشتىدە ،ھىجران قىسمىتىدە ئۇلار پەيغەمبەرلەر بىلەن ئوخشاش بىر يولدا .شائېرلار رەڭدار قاناتلىرى بىلەن ۋۇجۇت باياۋانىمىزدا كىزىپ يۇرگۇچى كارۋان بولۇش نۇسرىتىنى نامايىش قىلغاندا بىزنىڭ ئازاپلىرىمىزنى بايقاشتىن ئىبارەت يۇكسەكلىككە  ئىگە  بولۇدۇ .بويۇكلۇكتە ئۇلار پەيغەمبەردىن كىيىن تۇرۇدۇ .ئاللاھ زىمىننى گۇزەل بىر پارچە شېئىر قىلىپ ياراتقاندا ۋۇجۇتتىكى مەجھۇل تۇيغۇلار رەڭدار ياسىنىش بىلەن بىرگە بەندىچىلىكتىكى ئەلەم ۋە يالغۇزلۇق  شائېرلارغا بەخىش ئىتىلگەن .ھىجراندىكى ئىزگۇلۇكنى تەڭرى تىلى بىلەن شەرھىلەش شائېرلارغا تەنھالىقنىڭ قىممىتىنى تۇنۇتقاندا قەدەملەردىكى ئازغۇنلۇققا ھەيران بولۇپ تىكىلگەن كوز پەقەت نۇرنىڭ كوزى .روھى سۇزۇك بۇ ئىنسانلار ئوت ئىچىدىن تەڭرىنىڭ بارمىقىنى ئىزلەيدۇ .مانا بۇ غەليان كوتىرگەن ئىنسان –شائېرلىقتىكى نۇسرەت .
بارچە جانلىقلار ،تاغ –دەريالار ،چۆل –جەزىرلەر ،بوستانلىقلار ،باغلار، بۇلاق –ئىكىنلەر ..شائېر قىنىدىن مىسرالارغا كوچكەندە يارتىلىش بىلەن بۇزۇشنىڭ قورشاۋىدا قالغان بەندىچىلىكتىكى گۇناھتىن مەيۇسلىنىش ،ئازاپلىنىش ئىجادىيەت كۇچىگە ئايلىنىپ ۋۇجۇتتىكى سەنئەت ئىرادىسىنىڭ جىددىلەشكەن تىنىقلىرىنى سوزلەيدۇ .دەل مۇشۇ تىنىقنىڭ ئىگىسى –شائېرلار .غوجىمۇھەممەد مۇھەممەد ئىجادىيىتىنىڭ يۇزلىنىشى مۇشۇ تىنىق ئاساسىدا بولدى دەپ قارايمەن .
مەن مۇنداق قارايمەن .

گۇلسىز گۇلزارلىق ئىچىدىكى شائېر غوجىمۇھەممەد مۇھەممەد بىزنىڭ قەلىپ دەرۋازىمىزنى شېئىر بىلەن چەككۇچى ھەم ئاچقۇچى چەۋانداز .ئىككى كوزىمىزدىكى ياش تامچىلىرىنى سۇرتۇپ تۇرۇپ ئۇنىڭ روھى دۇنياسىغا ئىچكىرلەپ كىرگەندە ئۇنىڭ قەلبىنىڭ ،ئۇنىڭ روھى دۇنياسىنىڭ كىشى يىغلاپ تۇرۇپ ئوقۇيدىغان ئاجايىپ مۇڭلۇق شېئىر ئىكەنلىكىنى بايقاشقا بولۇدۇ .

ﺟﯧﻨﯩﻢ ﻫﺎﻳﺎﺗﻘﺎ ﺋﯧﻴﺘﺘﻰ ﯬﺯﺍﻥ
ﻧﺎﻣﺎﺯﻏﺎ ﯮﻟﺘﯘﺭﺩﻯ ﺩﻩﭘﺘﻪﺭﺩﯨﻜﻰ ﻗﺎﻥ .
ﻛﯜﻧﺪﯛﺯﻟﻪﺭ ﻗﯘﻝ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻛﻪﺗﺘﻰ ﻗﻮﻳﺎﺷﻘﺎ
ﺩﯗﻧﻴﺎ ﺋﯧﺰﯨﻘﯩﭗ ﻳﯜﺭﻩﺭ ﻛﯩﺘﺎﭘﺘﺎ
ﺑﻪﺗﻠﯩﺪﯨﻢ ﯲﺯﯛﻣﻨﻰ ﺭﻩﺯﯨﻞ ﻫﺎﻳﺎﺗﻘﺎ
ﺳﻪﯞﺩﺍﻳﻰ ﯪﺷﯩﻘﻤﻪﻥ ﯲﻟﯜﭖ ﻗﺎﻧﻤﯩﻐﺎﻥ !
ﻛﻪﻟﻤﻪﻣﺴﻪﻥ ؟
ﯬﻱ ﭼﯧﭽﻰ ﭼﯘﯞﯗﻟﻐﺎﻥ ﺷﻪﺭﻣﻪﻧﺪﻩ ﺧﯩﻴﺎﻝ
ﺗﯧﻨﯩﺪﻩ ﯴﭼﺒﯘﻟﯘﯓ ﺗﯜﯕﻠﯜﻙ ﺑﺎﺭ ﯪﻳﺎﻝ
ﻳﯘﻟﺘﯘﺯﻧﯩﯔ ﻧﯘﺭﯨﺪﺍ ﯲﻟﯜﻙ ﻳﯘﻏﯘﭼﻰ
ﻛﯚﯕﻠﯩﺪﻩ  ﻫﯧﭽﻜﯩﻢ  ﻳﻮﻕ ﺩﯨﯟﺍﻧﻪ ﺷﺎﻣﺎﻝ ...
ﻣﻪﻥ ﻫﺎﺯﯨﺮ ﯮﺕ ﻛﻪﺗﻜﻪﻥ ﺳﯘﻧﯩﯔ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ .

ﺗﻮﻏﺮﺍﻗﺘﺎ ﻫﯧﭽﻨﯩﻤﻪ ﻗﺎﻟﯩﻤﯩﺪﻯ ﺩﻩﻳﺪﯗ
ﻛﯚﻙ ﺑﯚﺭﻩ ﻳﻮﻝ ﺑﺎﺷﻼﭖ ﻛﻪﻟﻤﻪﻳﺪﯗ ﺩﻩﻳﺪﯗ .
ﺑﺎﺭﺧﺎﻧﻼﺭ  ﯪﺳﯩﺘﯩﺪﯨﻦ ﭼﯚﭼﯜﭖ ﻗﻮﭘﯩﻤﻪﻥ
ﺋﯩﺰﻟﯩﺮﯨﻢ ﺗﻪﻛﺘﯩﺪﻩ ﯪﺗﻼﺭ ﻛﯩﺸﻨﻪﻳﺪﯗ
ﻣﺎﺷﻨﺎ ﺟﺎﺭﺍﯕﻼﭖ ﺗﯘﻏﯘﻟﯘﭖ ﺗﯘﺭﺍﺭ
ﻗﯩﺰﯨﻞ ﮔﯜﻝ ﯲﻟﯩﺪﯗ ﻗﯩﺰﯨﻞ ﺳﻪﻫﻪﺭﺩﻩ .
ﯬﺭﻟﻪﺭ ﯬﺧﻼﻗﺴﯩﺰ ﻳﺎﺷﯩﻴﺎﻟﻤﺎﻳﺪﯗ
ﺋﯩﺸﺘﺎﻥ ﻛﯩﻴﻤﯩﮕﻪﻥ ﯪﻳﺎﻝ ﺷﻪﻫﻪﺭﺩە.
ﻛﻪﻟﻤﻪﻣﺴﻪﻥ ؟
ﻣﻪﻥ ﻫﺎﺯﯨﺮ ﻗﯩﻠﯩﭽﺘﻪﻙ ﺑﻮﻟﺪﯗﻡ  ﻳﺎﻟﯩﯖﺎﭺ
ﻣﻪﻥ ﻫﺎﺯﯨﺮ ﻳﺎﻏﺎﭼﺘﻪﻙ ﻗﯘﺭﯗﺩﯗﻡ ﺳﺎﯕﺎ .
ﯬﻱ ﺋﯩﺸﺘﺎﻥ ﺑﯧﻐﯩﻨﻰ ﻳﯩﺘﺘﯜﺭﯛﯞﻩﺗﻜﻪﻥ ﻗﯩﺰ
ﯬﻱ ﻛﯚﺯﻯ ﺗﯧﺸﯩﻠﮕﻪﻥ ﻗﺎﺭﺍﯕﻐﯘ ﻣﻪﺷﯘﻕ .
ﯬﻱ ﻟﯧﯟﻯ ﺩﯦﯩﯖﯩﺰﺩﻩﻙ ﺩﻭﻟﻘﯘﻧﻠﯘﻕ ﻗﯘﻣﻠﯘﻕ
ﯬﻱ ﻣﻪﻧﺪﻩﻙ ﯪﭺ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ ﻣﯘﻗﻪﺩﺩﻩﺱ ﺗﺎﻏﻼﺭ
ﯬﻱ ﻣﻪﻧﺪﻩﻙ  ﻳﺎﺭﯨﻐﺎ ﻗﺎﻧﻤﯩﻐﺎﻥ ﺑﺎﻏﻼﺭ
ﻛﻪﻟﻤﻪﻣﺴﻪﻥ
ﯞﺍﺭﻗﯩﺮﺍﭖ ﺗﺎﺷﻼﻳﻤﻪﻥ ﺑﯩﺮﺩﻩﻣﺪﯨﻦ ﻛﯩﻴﯩﻦ
ﺷﯧﺌﺮ ﻗﻪﻏﻪﺯﮔﻪ ﻛﯩﺮﯨﯟﺍﻟﯩﺪﯗ
ﻫﺎﻳﺎﺟﺎﻥ
ﻗﻪﻏﻪﺯﮔﻪ ﭘﺎﺗﻤﺎﻳﺪﯗ ، ﯲﻟﯩﯟﺍﻟﯩﺪﯗ
ﻗﺎﻟﯩﺪﯗ ﭘﺎﻳﺎﻧﺴﯩﺰ ﺟﯘﺩﺍﻟﯩﻖ ، ﻫﯧﺠﺮﺍﻥ ...

----------------------------قانىغان قان






        






بوران –چاپقۇندىكى ئازاپلىق قۇملۇققا ئايلانغان شائېرنىڭ قەلبىنى ئۇيغۇر كىتاپخانلىرى بابا رەھىم مەشرەپكە تەققاسلىدى .بۇ يەكۇننىڭ ئىلمىكى چوڭ ،روھى جەھەتتىكى قاتمۇ –قات زەربە .ئەندىشە ،تەشۋىش ئىچىدىكى شائېرنىڭ قەلبىمىزدىكى پىغان بىلەن مەنبەداشلىقىنى تۇنۇپ ئازاپلىرىمىزنى يىغلاپ تۇرۇپ يىزىققا پۇتىشى ،ئۇنىڭ نەپەسلىنىشىدىكى بىر جەريان .بىزگە قالدۇرۇلغان جەننەت بىلەن دوزاق ئارىسىدىكى پاسىلدا تىراگدىيە سەزگۇرلىكىگە ئىگە شائىر – شېئىرلىرىدىكى شەكىل بىلەن ،مەزمۇن بىلەن بىزگە ئىپار تەقدىم قىلغان شۇ پەيىتلەرنى شائېر غوجىمۇھەممەدنىڭ ئازاپلىق پەيتى دەپ قاراش كىرەك ،چۇنكى ئۇ غەزەپ بىلەن ياش توكىۋاتقان يىغىلىرىنى كوتىرىپ قوشتاغدا پەيدا بولغاندا كوككە سىڭىۋاتقان مەشرەپ روھى بىلەن بىرلىشىپ كەتكەن چۇقان بىزنى چاقىردى .بىز ئۇنى مۇزىكا دىڭىزىنىڭ ئىچىدە بايقىدۇق .ئۇنىڭ ئوز خىياللىرىنىڭ سۇرىتىنى مۇنداق سىزغانلىغىنى بايقىغاندا ئوزىمىزنىڭ ئەرلىكىگە گۇمان چۇشتى « ﻣﻪﻥ ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺋﻮﻳﻼﻳﻤﻪﻥ ، ﺋﻪﺭﻧﯩﯖﻤﯘ ﺋﯩﭙﭙﯩﺘﻰ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ ، ﺋﯘ -ﯞﻩﺗﻪﻥ . ﻳﻪﻧﻪ ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺋﻮﻳﻼﻳﻤﻪﻥ ، ﯞﻩﺗﻪﻧﺴﯩﺰﻟﻪﺭﻧﻰ ﺋﺎﻟﻼ ﻛﻪﭼﯜﺭﻣﻪﻳﺪﯗ . ﺋﯘﻻﺭ ﺟﻪﻧﻨﻪﺗﺘﯩﻦ ﺋﯜﻣﯩﺪ ﻛﯜﺗﻤﯩﺴﯘﻥ . ﺟﯩﻨﺎﻳﻪﺕ-ﺭﻭﻫﺘﯩﻜﻰ ﻳﯧﯖﯩﻠﻤﻪﺱ ﻛﯜﭼﺘﯘﺭ ، ﻫﻪﻗﻘﺎﻧﯩﻴﻪﺗﻨﻰ ﺋﺎﺷﯘ ﻛﯜﭺ ﻳﺎﺭﯨﺘﯩﺪﯗ ، ﻳﻪﻧﻪ ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺋﻮﻳﻼﻳﻤﻪﻥ ، ﯞﻩﺗﻪﻧﺴﯩﺰ ﺋﻪﺭﻟﻪﺭ -- ﺋﯩﭙﭙﻪﺗﺴﯩﺰ ﺋﻪﺭﻟﻪﺭﺩﯗﺭ ، ﺋﯘﻻﺭﻧﻰ ﺩﯗﻧﻴﺎ ﻛﻪﭼﯜﺭﻣﻪﻳﺪﯗ ، ﺷﯘﯕﺎ ﺋﯘﻻﺭ ﺑﺎﺭﺍﯞﻩﺭﻟﯩﻜﺘﯩﻦ ﺋﯜﻣﯩﺪ ﻛﯜﺗﻤﯩﺴﯘﻥ .

ﺑﺎﻟﻠﯩﻠﻘﯩﻤﺪﺍ ﯞﻩﺗﯩﻨﯩﻢ --ﻣﻪﻫﻪﻟﻠﻪﻡ ﺋﯩﺪﻯ ، ﭼﻮﯓ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪﺍ ﺋﯘﻧﻰ ﺷﻪﺭﻗﺘﯩﻦ ﺗﺎﭘﺘﯩﻢ . ﺑﺎﻟﻠﯩﻘﺘﯩﻜﻰ ﯞﻩﺗﯩﻨﯩﻤﻨﻰ ﻗﯩﺰﯨﻠﺒﺎﻳﺮﺍﻕ ﺋﺎﺳﺘﯩﻐﺎ ﻛﯚﻣﯜﭖ ﻗﻮﻳﺪﯗﻡ . ﻳﻪﻧﻪ ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺋﻮﻳﻼﻳﻤﻪﻥ ، ﺋﯧﺘﯩﻘﺎﺩ--ﺋﻮﻕ ﺋﯚﺗﻤﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﻗﺎﻟﻘﺎﻥ ، ﻣﻪﻛﻜﯩﮕﻪ ﺑﺎﺭﺳﺎﯕﻤﯘ ﺋﯩﻤﺎﻥ ﺗﯧﭙﯩﻠﻤﺎﻳﺪﯗ . ﭘﻪﺭﯞﺍﻧﻪ ﺷﺎﻡ ﺋﺎﻟﺪﯨﺪﺍ ﺋﯚﻟﺪﻯ . ﻫﻪﻳﻴﺎﻡ  ﺑﯩﺮﺋﯚﻣﯜﺭ ﺷﺎﺭﺍﭖ ﺋﯩﭽﻤﻪﻱ ﺟﺎﻡ ﺋﺎﻟﺪﯨﺪﺍ ﺋﯚﻟﺪﻯ . ﺩﯨﯟﺍﻧﻪ ﻧﺎﻥ ﺋﺎﻟﺪﯨﺪﺍ ﺋﯚﻟﺪﻯ .ﻳﯩﯖﻨﻪ ﻗﯘﻟﯩﻘﯩﺪﯨﻦ ﻛﺎﺭﯞﺍﻥ ﺗﺎﺭﺗﻘﺎﻧﻼﺭ ﺋﺎﭘﺌﺎﻕ ﺋﯘﺳﺘﯩﺨﺎﻧﻼﺭﺩﯨﻦ ﻧﯘﺭﻟﯘﻕ ﺋﺎﻳﯟﺍﻧﻼﺭﻧﻰ ﻗﯘﺭﯗﭖ ، ﺩﺍﭖ ﻫﺎﻟﻘﯩﺴﯩﺪﯨﻦ ﺋﻪﺳﻪﺑﯩﻲ ﺯﺍﻣﺎﻧﻼﺭﻧﻰ ﺋﯚﺗﻜﯜﺯﯛﭖ ، ﺳﺎﭘﺎﻳﯩﺴﯩﺪﺍ ﺑﺎﺵ ﺳﯚﯕﻪﻛﻠﻪﺭﻧﻰ ﺷﺎﺭﺍﻗﻠﯩﺘﯩﭗ ﺟﻪﺯ  ﻗﯩﻠﯩﭗ ، ﺋﺎﺧﯩﺮ ﯞﻩﺗﯩﻨﯩﻨﻰ ﻗﯘﻣﻼﺭ ﺋﺎﺳﺘﯩﻐﺎ ﻛﯚﻣﯜﭖ ﻗﻮﻳﺪﻯ-ﺩﻩ ، ﺋﯚﺯ ﻳﯧﺮﯨﺪﻩ ﺳﻪﺭﺳﺎﻥ ﺋﯚﻟﺪﻯ .
ﻳﻪﻧﻪ ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺋﻮﻳﻼﻳﻤﻪﻥ ، ﺳﺎﻗﺎﻝ - ﺑﯘﺭﯗﺕ ﻗﻮﻳﻐﺎﻧﻼﺭ  ﻣﻪﻥ ﺋﻪﺭ ﺩﯦﻤﯩﺴﯘﻥ ، ﺑﯘﻏﺪﺍﻱ ﺗﯧﺮﯨﭗ ﺯﺍﻏﺮﺍ ﻧﺎﻧﻐﺎ ﺗﻮﻳﻐﺎﻧﻼﺭ ﻣﻪﻥ ﺋﻪﺭ ﺩﯦﻤﯩﺴﯘﻥ ، ﺋﺎﻫ ﺧﻪﻟﻘﯩﻢ ﺩﻩﭖ ﺩﻩﺭﺩ ﻳﯜﺗﯜﭖ ﻣﻪﻳﺨﺎﻧﯩﻼﺭﺩﺍ  ﻗﻮﻧﻐﺎﻧﻼﺭ ﺋﯚﺯﻧﻰ  ﻣﻪﻥ ﺋﻪﺭ ﺩﯦﻤﯩﺴﯘﻥ ، ﺋﯘﻻﺭ ﺟﻪﻳﻨﺎﻣﺎﺯﺩﯨﻦ ﻧﯧﺴﻰ ، ﺋﻪﻝ ﺋﺎﻟﺪﯨﺪﺍ ﯞﯨﺠﺪﺍﻧﯩﺪﯨﻦ ﻧﯧﺴﻰ .
ﺳﯚﻳﮕﯜ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺟﺎﻥ ﺑﯧﺮﯨﻤﻪﻥ ﺩﻩﭖ ﻣﻪﺳﺖ ﺑﯚﺭﯨﺪﻩﻙ ﻫﯚﺭﻛﯩﺮﻩﭖ ، ﺋﻪﺭﻟﯩﻚ ﻏﯘﺭﯗﺭﻯ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺩﻩﭖ ﻣﯘﺷﺘﻼﺷﻘﺎﻧﻼﺭ ﻣﻪﻥ ﺋﻪﺭ ﺩﯦﻤﯩﺴﯘﻥ ، ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﻳﯜﺭﯨﻜﯩﮕﻪ ﭘﯩﻐﺎﻧﻰ ﻧﯧﺴﻰ ، ﻣﻪﺷﺮﻩﭖ ﻛﻪﺑﻰ ﺯﺍﺭﯗ -ﺯﺍﺭ  ﭼﯚﻟﻠﻪﺭﺩﻩ ﻫﯩﺠﺮﺍﻧﻰ ﻧﯧﺴﻰ .
<< ﺋﯧﺘﯩﻘﺎﺩ >> ﯞﻩ << ﺗﻮﻏﺮﺍ ﻳﻮﻝ >> ﻧﻰ ﺳﯚﺯﻟﻪﭖ ﻗﺎﻳﺎﺷﻨﻰ ﺗﺎﭖ ، ﺷﻪﺭﯨﻘﻘﻪ ﻗﺎﺭﺍﭖ ﻣﺎﯓ ﺩﻩﭖ ﯞﻩﺯﺧﺎﻧﯩﻠﯩﻘﺘﺎ ﺷﺎﻥ - ﺷﻪﺭﻩﭖ ﻛﯚﺯﻟﻪﭖ ، ﺋﯩﭻ-ﺋﯩﭽﯩﺪﯨﻦ ﻗﯘﺭﯗﭖ ﺋﯚﺗﻜﻪﻧﻠﻪﺭ ﻣﻪﻥ ﺋﻪﺭ ﺩﯦﻤﯩﺴﯘﻥ ، ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺳﻪﭖ ﺋﺎﻟﺪﯨﺪﺍ ﻣﻪﻳﺪﺍﻧﻰ ﻧﯧﺴﻰ ، ﺗﯩﻎ ﺋﺎﻟﺪﯨﺪﺍ ﺗﻪﻥ ، ﺟﯧﻨﻰ ﻧﯧﺴﻰ .
ﻧﺎﺧﺸﺎ - ﻧﺎﯞﺍﻻﺭﺩﺍ ﺋﺎﺯﺍﺑﻨﻰ ﻫﻪﻳﺪﻩﭖ ، ﻏﯩﻠﺠﯩﯔ - ﻧﺎﺯﻻﺭﺩﺍ ﻳﯩﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﻗﯘﺭﯗﺗﯘﭖ ، ﺋﻪﺭﻛﯩﻨﻠﯩﻜﺘﻪ ﭘﯘﺕ-ﻗﻮﻟﯩﻨﻰ ﭼﯩﺮﻣﺎﭖ ، << ﻗﯩﻠﯩﭽﺘﯩﻦ ﻗﻮﺭﻗﯘﭖ ﺑﯧﺸﯩﻨﻰ ﺋﯧﮕﯩﭗ >>  ﻛﺎﺳﺘﯘﻡ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ ﺗﯩﺘﺮﻩﭖ ﻳﯜﺭﮔﻪﻧﻠﻪﺭ ﻣﻪﻥ ﺋﻪﺭ ﺩﯦﻤﯩﺴﯘﻥ ، ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺗﻮﻣﻮﺭﯨﺪﺍ ﺩﻭﻟﻘﯘﻧﻠﯩﻐﺎﻥ ﻗﺎﻥ ﻧﯧﺴﻰ ، ﻫﺎﻳﺎﺗﯩﻐﺎ ﺋﯚﻟﯜﻡ ﻫﻪﻣﺪﻩ ﺷﺎﻥ ﻧﯧﺴﻰ .

ﻣﻪﻥ ﻳﻪﻧﻪ ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺋﻮﻳﻼﻳﻤﻪﻥ ، ﭼﯚﻟﺪﻩ ﻛﺎﺭﯞﺍﻥ ﻧﺎﺧﺸﯩﺴﻰ ﺋﻪﻣﺪﻯ ﻗﺎﻳﺘﺎ ﻳﺎﯕﺮﯨﻤﺎﺱ ، ﺋﻪﻣﺪﻯ ﻳﻮﻝ ﺑﺎﺷﻼﭖ ﺳﺎﯕﺎ ﺟﻪﯕﻠﻪﺭﺩﻩ ﺑﯚﺭﻩ ﺋﯘﭼﺮﯨﻤﺎﺱ . ﻗﻪﺩﯨﻤﯩﻲ ﺟﻪﺳﻪﺕ ،ﺑﺎﺵ ﺳﯚﯕﻪﻛﻠﻪﺭ ﺷﺎﻫﯩﺪ ، ﻟﯧﻜﯩﻦ ﻣﯩﯔ ﺗﻮﯞﻟﯩﺴﺎﯕﻤﯘ ﺑﯩﺮ  ﻟﻪﻫﺰﻩ ﺯﯗﯞﺍﻥ ﭼﯩﻘﻤﺎﺱ . ﺳﻪﻥ ﺋﯚﺯﯛﯕﮕﻪ ﻗﺎﻟﺪﯨﯔ ﺋﻪﺭ .
ﻗﺎﻏﺎ ﻣﯩﯔ ﻳﯩﻞ ﻳﺎﺷﯩﺴﯩﻤﯘ ﺭﻩﯕﮕﻰ ﻗﺎﺭﺍ ، ﺑﻪﺧﺘﻰ ﻗﺎﺭﺍ . ﻗﯘﺵ ﺋﺎﻟﺘﯘﻥ ﻗﻪﭘﻪﺯﺩﻩ ﺗﯘﺭﯗﭘﻤﯘ ﻛﯚﻛﻜﻪ ﺋﯩﻨﺘﯩﻠﻪﺭ . ﺳﻪﻥ ﺋﯚﺯﯛﯕﻨﯩﯔ ﻗﯘﻟﻰ ﻫﻪﻡ ﺯﯨﻨﺪﺍﻧﯩﺴﻪﻥ . ﺳﻪﻥ ﺋﯚﺯﯛﯕﮕﻪ ﻗﺎﻟﺪﯨﯔ ، ﺋﻪﻱ ﺋﻪﺭ . ﺧﻮﺗﯘﻧﯘﯕﻐﺎ ﺗﯚﻟﻪﭖ ﺗﯜﮔﻪﺗﻜﯜﺳﯩﺰ ﻗﻪﺭﺯﯨﺪﺍﺭﺳﻪﻥ ، ﺑﺎﻟﻠﯩﺮﯨﯖﻨﯩﯔ ﭘﯧﺸﺎﻧﯩﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﻣﯘﺷﺘﻠﯩﺮﻯ ﺗﯜﮔﯜﻟﮕﻪﻥ ﻗﯩﺴﻤﻪﺕ ﺳﺎﻳﯩﺴﯩﻨﻰ ﻛﯚﺭﺩﯛﯕﻤﯘ ؟ ﺋﻪﻱ ﺋﻪﺭ !...  ﻣﻪﻥ ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺋﻮﻳﻼﻳﻤﻪﻥ  .»....ئەي شائېر!!!قەلبىڭدىكى ئازاپ گۇللىرى ئىچىلىشقا باشلىغاندا مۇشرەپتىكى تەنھالىققا قايتىپسەن ،قۇش ئۇۋىسى بىلەن سىنىڭ مۇساپەڭ ئوتتۇرسىدىكى بوشلۇقتا تۇرۇپ جاناننىڭ قارىداپ كەتكەن يۇرىكىگە نەزەر سالغىنىڭدا «روھ يۇيۇندۇرۇش؛دىن ئىبارەت مۇشاقەتلىك ئەمگىگىڭگە ھەمدۇ –سانا ئوقۇشقا باشلىدۇق .ھەي !!تەنھالىق قەسىردىكى يولۇچى ...قانسىز يۇرىكىڭدە قان داغلىرى تازلانماي تۇرۇپ قىزىل يۇلغۇن پوپىكى ئاستىدا ئۇخلاپ ياتقان جانان يۇرىكىڭنى ئوغۇرلاپ قاچتى .بىزنىڭ ئولۇمگە بولغان سەپىرىمىز كىچىلەرگە بولغان سىغىنىشنىڭ نەقەدەر سويۇملۇك ئىكەنلىكىنى باشقاشتىن بورۇن كىچىنى باغرىڭغا  چىللا .....چۇنكى بىز نۇرغا قەرىزدار .

ئەي !!!شائېر -«رىئاللىقىمدا ھەسەلدىن ئازغىنا يىدىم ،ئەمما لەززىتىنى ئالالماي ئولۇپ كىتىۋاتىمەن .»دىدىڭسەن .-چۇچۇپ كەتتۇق .سەندىكى ھەقىقى شائېرغا خاس تەپەككۇر .ھەقىقى شائېرغا خاس ياشاش ئۇسۇلى. سىنىڭ شەرەپ بىلەن  ھىجرانغا كىرىپ كىلىشىڭ ئىجادىيىتىڭنىڭ ئوزلۇك بىلەن ئاستا –ئاستا ئۇچرىشىش دەۋرىدە  خاسلىققا ئىگە بولىۋاتقاندا ئازاپ كوۋرىكىدىن يەنە مەغرۇر ئوتەلەرسەنمۇ ؟كۆچىدىكى ئىشىكلەر تاقالدى ،نامازغا ئولتۇردى دەپتەردىكى قان... ،
دەرىزە ئەينەكلىرى چىقىلغان دەملەردە قىلىچتەك يالىڭاچلىنىپ قىنىڭ بىلەن يىزىۋاتقان شېئىرلىرىڭنى ئوقۇشقا باشلىدۇق ......ئىگىز –ئىگىز تاغ بىشىدىن سىنىڭ ئاۋازىڭ يەنە ئاڭلاندى .ئوزىمىزنى تىڭشاشتىن بۇرۇن تەنلەر يىنىشىدىكى قانلارنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلايلى
2-غوجىمۇھەممەدنىڭ بايانى ۋە ئەركەكلىكنىڭ چۇقانى


تالانىتلىق شائېر غوجىمۇھەممەد مۇھەممەد ئوزىنىڭ تۇغما تالانتى ،ۋە بەدىي ئىستىداتى بىلەن ئۇيغۇر شېئىريەت كىتاپخانلىرىنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئىرىشىپ كىلىۋاتقان ،ئۇيغۇر ئەدىبىياتىدىكى بىر ھادىسە –ئۇيغۇر يىڭى شېئىريىتىدىكى يىڭى بىر ئەۋلاد شائېرلاردىن كىيىن يىتىشىپ چىققان ،شېئىرلىرىدىكى سوزلەر تىلسىمى بىلەن ئىنسانلارنىڭ  قەلب  تەكتىگە يوشۇرۇنغان سىرلارنى يىڭىچە تەپەككۇر شەكلى بىلەن ئىچىپ بىرىۋاتقان ئىستىداتلىق شائېر .
غوجىمۇھەممەد مۇھەممەد شېئىرلىرىنىڭ شېئىرى تىل قۇرۇلمىسىدىن ئوزگىچە مەنا كەڭلىكى ،تارىخنىڭ شېئىرى تىلدىكى مۇزىكىلاشقان سۇرىتى .تىل بەلگىلىرىدىكى  شائېر ئۇسلۇبىنىڭ خاسلىقى ،شەكىلدىكى ئوزگىچە قۇرۇلما ...قاتارلىقلارنى بايقاش تەس ئەمەس .ئىستىتىك دىققىتىمىزنىڭ مەركىزىدىكى شائېرنىڭ شېئىرلىرىدىكى ئوزگىچە رىتىم گۇزەللىكنىڭ قارا سۇرەتلىرىدىن غوجىمۇھەممەد مۇھەممەدنىڭ تىل بەلگىرىدىكى ئوزگىچە ئۇسلۇبىنى كورىمىز .

قاتتىق ھاقارەتتىن يۈزلىرىم چىم - چىم
ئانا گۆشى ساتماقتا بىر كىم
سەن تېخى قاندىن قورقىدىغانلىقىڭنى بىلمەيتتىڭ.
دەرەخ شېخىدىكى ھىجرانكار كاككۇك
مېنىڭ ساڭا چاڭقاشلىرىمنى چۈشىنەر بەلكىم.

سەن بىلمەيسەن، بۇ يەردە
ئۇر توقماق ئەسەبىيلىشىپ ئۆز ئىگىسىنى ئۆلتۈرۈپ قويدى.
ئېچىل داستىخان ئېچىلىۋېرىپ قۇرۇتىۋەتتى ئېتىزدىكى ئاخىرقى داننى.
ساڭقاڭ ئىشىكىم ئوغرىلاندى، تەڭگىلەرنىڭ شاراقلاشلىرىدىن
كېلەر ئۇنىڭ تاياق ئازابىدا ھاڭرىغان ئۈنى.
---------------------«ئەرنىڭ ئىپپىتى »دىن
شائېر تارىخ داستىخىننى يايدى .يۇقارقى شېئىردىكى تۇيغۇ كەڭلىكى مەلۇم زامان بىلەن بولغان قانداشلىغىنى زوراۋانلىق بىلەن ئىسپاتلاۋاتقان دەقىقىلەردە چۇشۇمىزدىكى زامان ھەم ماكان ھەركەتكە كەلدى .بىز ئوتمۇشكە قايىتتۇق .زامان سىلىشتۇرمىلىرى بىلەن بولغان ئارلىق پاسىل ئايرىغان ماكان چەكلىمىسى بىلەن بىزگە سۇئال تاشلىدى .بۇ سۇئالدىكى جان تالىشىش بىلەن سىھىرلەنگەن تىنىمىزدىكى ئاڭلاش ۋە كورۇش سەزگۇسى شېئىر ئوقىۋاتامدۇ .؟ياق .شائېرنىڭ يىزىققا جان كىرگۇزۇش شاپاتى بىلەن بۇ شېئىر بىزنى ئوقىدى .
شېئىرنىڭ تىل قۇرۇلمىسىدىكى يىڭىلاش بىلەن مەنا كەڭلىكى يارىتىش مىللەت روھىنى دادىل ئىپادىلەۋاتقان شائېردىكى ھالقىلىق نۇسرەت بولۇشتىن سىرىت سەنئەت قۇرۇلمىسى بىلەن ئىرسىيەتلەنگەن ئەنئەنىمىزدىكى ھالقىلىق جەۋھەر .شائېر بۇ جەۋھەرنى ئىزلەش باسقۇچىدا شەيئىلەر ماھىيتىدىكى يىڭىچە شەكىلگە ماراجەت قىلىشتىن سىرىت تەنھالىققا قايتىپ يىڭى تىل شەكىللىرىنى ئىزلەيدۇ .يىڭى تىل شەكىللىرىدىكى ئىستىتېك بەلگە ئارقىلىق ۋۇجۇتنىڭ شېئىريەتتكى گۇزەللىكىنى ئىزلەيمىز .بۇ گۇزەللىكتىكى  پارىتلاش بىلەن رىئالىقنىڭ قان –يىرىڭلىرىغا قايتىپ كەتكەن شائېر ۋۇجۇدى تەسەۋۋۇرلىرىدىكى ئازاپنىڭ يوقىتىپ قويغان خاتىرلىرىنى ۋاراقلاشقا باشلايدۇ .

چۈشۈپ ئاسماندىن ياغاچ ئاتقا مىنگەن شاھزادە
سېتىۋەتتى ئاچلىقتىن ئېتىنى ئوتۇن بازىرىدا.
پادىچى تازنىڭ مەلىكىنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب ئىزدەپ
تۇرغىنىنى كۆردۈم كىتابخانىدا

پەرھاد ئون يىل تەشتى بىتون ئەمەس شېرىن تېغىنى،
غېرىب پالاندى چۆلگە ئەمەس سەنەمنىڭ مۈشكۈل مۇھەببىتىگە.
تاھىر ئاقتى دەريادا ئەمەس زۆھرەنىڭ كۆز ياشلىرىدا
چۈشەنمەيدۇ بۇنى مەڭگۈ ئاشىقتىن ئۆزگە.

سەن نەدە قەدىمدىنمۇ يىراق بىر يەردە
دەرەخ كاۋىكىدا مېنى ساقلاپ تۇرامسەن؟
ئاسمان، دېڭىز، تاغ
تۇغۇلامدۇ ئۈچ ئوغلۇم قايتا؟...
ئۇلارنى سەن تۇغۇپ بېرەمسەن؟!...
مەن ئورۇق، ئاچ
مەن ساڭا خۇمار
ئەرلەر ئىپپىتىنى يوقاتقىلى بولدى يۈز يىللار.
رادىئو جىنسىي كېسەل توغرۇلۇق بەرمەكتە ئېلان
ئەرلەرنى چۆچۈتكىنى ئېلان ئەمەس
قەرز سۈيلەۋاتقان تەلۋە ئاياللار.

ۋەتەن
ئەرنىڭ ئىپپىتى.
ۋەتەن
ئەرنىڭ ياتلاشقان ئېتىقادىدا
سۇسلاشقان ئىمانىدا
داتلاشقان پىچىقىدا
چاڭقاپ ياتقان بىر سىقىم تۇپراق
قانغا، ۋىجدانغا.

قورقۇپ كەتتىم
ئۈمىدسىزلىكنىڭ يۈرىكىمنى لەختە - لەختە قىلىپ ئۇھسىنىشىدىن
ئايال كۆز يېشىنىڭ مۇشتۇملىرىنى تۈگۈشىدىن
ئىشتان بېغىغا قول ئۇزاتقاندا
پۈتمەس قەرزلەرنىڭ ئەسەبلىرىمنى بوشىتىشىدىن.

ئاھ، مېنىڭ گۈزەل مەلىكەم
كۈلمەي، يىغلىماي، ماڭماي مېنى ساقلاپ تۇرامسەن
ئۇيغۇر خەلق چۆچەكلىرىدە.

بۇ ئەسەبىي بىر نالە
جىمجىت ئاخشام زۇلمىتىدە كىيىندىم
رەزىللىككە چوڭقۇر چۆكۈپ ئىزدەپ ئابى ھاياتنى.
ئاتا مەڭگۈ مۇڭلۇق يىغلار، ئاتا ئىزدەر ئىرادە،
كۆردۈم بوۋاق چۈشلىرىدىن سانسىز يۇمران قاناتنى.

ئەرلەر ياسار جىنازا
بۆشۈك بىلەن تەڭ تەۋرىنىپ ئۇخلىماقتا ئاياللار.
ئاھۇ قانداق جان تاپشۇرغان سەييادقا
قېنى بۆرە ئوشۇقى؟
قىمارۋازنىڭ تاۋكاسىدا سەكرەپ يۈرەر بىقارار.

سىم - سىم گۇگۇم تېرەك ئۇچىدىن سەكرەپ چۈشەر ئاق ئۆچكە
ئوتتىن قېچىپ ئادەملەرگە كىرەر جىنلار پاتپاراق.
يالغان سۆزنىڭ راستلىقىنى ئىسپاتلاشقا چارە كۆپ،
ئەيلەر كۆز ياش رېئاللىقنى يىرگىنىشلىك ۋە پاتقاق.

مايمۇن كىشى ئۇسسۇل ئوينار خۇشال - خۇرام قامچىغا،
تۆگە كېلەر مەردانە ھەم قوتۇر ئېشەكنىڭ كەينىدە.
كۆڭلەك سالار ئاي ئىچىدە ئەپسانە قىز نازلىنىپ
مىليون ئاشىق قۇرۇپ ئۆلەر نېسى لەززەت ئەۋجىدە.

مۇھەببەتنىڭ رەسۋالىقى شۇنچە ئايان بولسىمۇ
قەسەملەردەك قاتتىق قاندىن قاچار خىيال يولۋاستەك.
كونا ئايال يامار جۇل - جۇل يىرتىلغان شۇ كۆڭلىنى
قارا قاغىنىڭ مەدھىيىسىدە قاقاقلاپ ئېچىلىۋاتقان تاز گۈلدەك.

كۈندىن - كۈنگە ئېگىزلىمەكتە بىنا كەبى جىنايەت،
تۈزلەنمەكتە جان دۆڭلىرى زەنجىر تاپان ئاستىدا.
بىر كىشىدىن باشقا ھېچكىم يوق
بىر كىشىگە تولۇپ كەتكەن چەكسىز دۇنيادا.

كېلەر كىمنىڭ ئاتقا مىنگۈسى
كېلەر كىمنىڭ نەزمە ئاڭلاپ سۇيۇقلانغۇسى.
ئۆلۈك ئادەم كۆتۈرمەيدۇ تىرىكلەرنىڭ جىنازىسىنى،
كېلەر كىمنىڭ جەينامازدا ۋارقىرىمىغۇسى.

بۇ ئەسەبىي بىر نالە
بۇ كۆڭۈلدىن سۇ ئىچەلمەي چىقىلغان تاش پىيالە.
تاڭ ئاتىدۇ غەرب قىزارسا،
كۆز ﺗﯩﻜﻪﺭﻣﻪﻥ ﺷﻪﺭﻗﻜﻪ
                                                   -(ئەرنىڭ ئىپپىتى )دىن
ئەنئەنىگە قايتىش غوجىمۇھەممەد شېئىرلىرىدىكى شەكىل جەھەتتىكى تاللاش بولماستىن يىڭى يۇزلىنىشنى مەقسەت  قىلغان  مەزمۇندىكى تاللاش .
مەزمۇندىكى چۇڭقۇرلۇق بىلەن بىر گەۋدىلىشىپ كەتكەن ئۇيغۇر خەلىق داستانلىرى ،ئۇيغۇر خەلىق چوچەكلىرىدىكى بىشارەتلىق سوزلەر سىھرى -ئوقۇرمەننى ئوتمۇش بىلەن ئۇچراشتۇرۇپ زامان بىرلىكلىرىدە «ئادەم »ئۇستىدە ئىزلىنىشنىڭ ئوتكۇنچى يۇزلىنىشىنى مۇكەممەل كورسىتىپ بىرىۋاتقاندا ۋۇجۇدىمىزنىڭ بىر قىسمىغا ئايلانغان قوزغىتىش كۇچىنىڭ شىئېر بىلەن باغلىنىشلىق ئىكەنلىكىنى بىلەلەيمىز .
ئۇيغۇر كىلاسسىك شائېرلىرى بىلەن ھازىرقى شائېرلار ئوتتۇرسىدىكى باغلىنىش دەۋرىنى نۇرغۇن تەتقىقاتچىلار ئىككى ۋەزىن (ئارۇز ۋەزىن ،بارماق ۋەزىن )بىرلىكىدە شەرھىلەيدۇ .شەكىلدىكى بىردەكلىك بىلەن ئەنئەنىگە بولغان مايىللىقنى ئىسپاتلاش مىنىڭچە شېئىريەتتىكى توغرا تەتقىقات ئەمەس .شىئېريەت كىرزىسى ئەنئەنە بىلەن پاسىل ئايرىغان شۇ يىللاردا شىئېريەتتىكى بىشارەت كىلاسسىكلارنىڭ تۇيغۇسىدا يۇيۇنۇش ،ئۇلارنىڭ تەسەۋۋۇرىغا مەزمۇن جەھەتتىن ياندىشىش ،ئىپادىلىرىدە بولغان بولسا «شېئىريەت ئۇچۇن شېئىريەت »ئاساسىدىكى ساقتا كورۇنۇش بىلەن كىتاپخانلارنى ئالدىمىغان ،ھەم ئۇلارنى شېئىريەتتىن يىراقلاشتۇرمىغان بولاتتۇق .
شىئېريەت مىتودىكىسى نوقتىسىدا شائېر غوجىمۇممەد مۇھەممەد نىڭ روھى دۇنياسى رىئاللىق بىلەن مەۋجۇت بولۇش ئالدىدا تۇرغان رىئاللىقنىڭ كىسىشمە نۇقتىسدا ئازاپ بىلەن تۇقۇنۇشۇپ ئوزىگە خاس پىسخىك خاسلىق شەكىللەندۇرگەن شۇ يىللاردا ئوزىنىڭ ئەخلاق پەزلىتى بىلەن مۇققەددەسلىك ئىچىدە بىزار بولۇش ئۇچۇن بىزار بولۇش خائىشىنى ئىپادىلەپ ئوز شەكلىنى ھەم رەڭگىنى ئوزگەرتىشكە باشلىغان جىنىس ئوتتۇرسىدىكى مۇھەببەتكە بولغان غەزەپلىرىنى پەدازسىز ھەم نۇقسانسىز ئىپادىلەيدۇ .
ﻗﻪﻏﻪﺯﮔﻪ ﭘﺎﺗﻤﺎﻳﺪﯗ ، ﯲﻟﯩﯟﺍﻟﯩﺪﯗ
ﻗﺎﻟﯩﺪﯗ ﭘﺎﻳﺎﻧﺴﯩﺰ ﺟﯘﺩﺍﻟﯩﻖ ، ﻫﯧﺠﺮﺍﻥ ...
                                     «قانىغان قان»دىن
ﺗﯘﻳﯘﻗﺴﯩﺰ ﯬﻳﻨﻪﻛﻜﻪ ﻗﺎﻟﺪﯨﻢ ﺩﯗﭺ ﻛﯧﻠﯩﭗ
ﺳﺎﻗﺎﻟﻠﯩﻖ ﭘﻪﺭﯨﺸﺘﻪ ﻳﺎﻛﻰ ﺑﯩﺮ ﺑﺎﻻ .
ﺗﯘﺭﺍﺗﺘﻰ ﯰﻧﯩﯖﻜﻰ ﻏﻪﻣﻜﯩﻦ ﻛﯚﺯﯨﺪﻩ
ﯰ ﺩﯗﻧﻴﺎ ، ﺑﯘ ﺩﯗﻧﻴﺎ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﺑﯩﺮ ﺩﯗﻧﻴﺎ .
     «رەزىل ئاپتاپ»دىن

رېئاللىق شۇ قەدەر ئاددى بولسىمۇ،
ئورىغان ئۇلۇغلۇق قاتمۇ قات سېنى.
مۇھەببەت دۇنيادا بولار بىردەملىك،
تۈگىمەس ۋە لېكىن ئۇنىڭ ھەسرىتى.
             «گۇل »دىن
بارچە كېيىملەر يىرتىلار ئاخىر ،
ئىرىشەر ئادەملەر يالىڭاچ تەنگە .
بارچە ئەينەكلەر چېقىلار ئاخىر ،
ئىرىشەر ئادەملەر ئەسلى ئۆزىگە.

قەلىبدىكى ئۆمۈرلۈك ئازاب،
ئىككى مىسرا شېئىردۇر پەقەت .
سۆيۈشكەندە قىلغان پۇشايمان ،
ئايرىلغاندا چەككەن نادامەت .

يول بەلگىسى خاتالىشىدۇ ،
كەتكەن كۆڭۈل قايىتماس بەرىبىر .
كۈيلەر مەڭگۈ ئۆز ئۆلۈمىنى ،
ھاياتقا ئىزاھات بەرمەيدۇ شائىر .
              «يول بەلگىسى خاتالىشىدۇ »دىن
شائېرنىڭ جىمجىتلىغىدىكى غىرىپلىق شېئىريەتتتىكى تاللاشنىڭ ھەسرىتى ئەمەس .ئۇنىڭدا مۇقەررەرلىك مەۋجۇت .ئىرىشىش خۇشاللىقى شېئىر بىلەن باشلىنىپ شېئىر بىلەن ئاخىرلىشىۋاتقاندا ئەبەدىلىك چۇقانىدىكى نىكاھ شائېرنى ھىجران چولىگە تاشلايدۇ .شائېرنى قۇتقۇزۇپ قالىدىنى شېئىريەتنىڭ گۇزەللىكى ،بۇ گۇزەللىكتىن نىجاتلىق ئىزلەۋاتقان تەندىكى پۇكلىنىش «شېئىريەتتىكى ھىجران –غوجىمۇھەممەد »ئۇچۇن ھىجران سىناقلىرىغا بەرداشلىق بىرىش ئىمۇنىتىنى يىتىشتۇرۇپ چىقىش ئىنتايىن مۇشكۇل بولىۋاتقان شۇ يىللاردىكى كوز ياش تەنھا كىچىلەرگە شىئېر بولۇپ ئاقتى .شېئىريەت ئۇچۇن پۇتكۇل ۋۇجۇدى بىلەن بىرلىك ھاسىل قىلىش سىرلىق جاڭگالدىكى ئىككىنجى مەشرەپگە تالىق نۇسرەت .گەرچە ئۇ تەننىڭ  نۇرغۇن سىناقلىرىغا دۇچ كەلگەن بولسىمۇ يەنىلا قاراڭغۇ چۇشەتتى ،ھەم تاڭ ئاتاتتى .
بۇ قاقاس كۇنلەردە مەن ھىچكىم ئەمەس ،
يىنىمدا بىر دەريا ئاقار سۇسىراپ .
قۇلۇمدا دۇتار قىز ،قارنى يىرىلغان ،
تىلىمدا بىر ناخشا ئولەر چىقىراپ .

ماشىنا نەقەدەر يىقىمسىز ئادەم ،
ئادەم نەقەدەر ئاجىز ماشىنا .
ئەرلەرنىڭ ئەسلىدە پادىشاھى يوق ،
تەلپۇنەر ئاياللار بالا –قازاغا .

قىزلارنى ئەينەكلەر يەيىتتى سۇندۇرۇپ ،
ئەرلەرنى پارچىلاپ يەيىتتى خىزمەت ،پۇل ...
تۇيۇقسىز چىقىپ مەن تىرەم ئىچىدىن ،
قاچتىم ئەڭ خىلۋەت بىر ئوڭكۇرگە ئۇدۇل .
                «ماي»دىن
كىچىلەردىكى خۇشال بولۇش ،تاڭدىكى شاۋقۇن –سۇرەن ،ئاستا-ئاستا غەزەپلىنىش ،ئوتكۇر كوز ....غوجىمۇھەممەدنىڭ ئاچچىق كۇلكىلىرىدىكى شەپقەتسىز غەزەپ ئۇنىڭ شۇ يىللاردىكى شېئىرلىرىدا ئوز مۇشكۇلچىلىكنىڭ سۇرەتلىرىنى ئازاپلىرىنى چۇشىنىشكە  تىگىشلىك بىر قىسىم بەندىلەرگە تەقدىم ئىتىلدى «نۇر چاچار ھەسرىتىم ياغاچ ساندۇققا »«تۇزغا ماڭغان ئالتە ئىشەكلىك »«دۇتارچى ئايال »«ئىباگۇل »«بىر كۇنى »«بۇ ناماز شام مەن يەنە »«قايتىش »«ئۇسساپ كەتتىم كاككۇكتەك »«ئىككى قىز »«تەنھالىقنىڭ ئاىىرقى ئىزى »«سەرگەردان »«ھىچكىم ئۇچۇن »«رەسىمدىكى دىڭىز »«كەچ »«كىتىمەن ».....قاتارلىق شىئېرلىرىدا سوغۇق ھەم شەپقەتسىز بىرلىكنىڭ ئوزلۇكتىكى چۇقانلىرى چوڭقۇر ئىستىتىك مەنىلەر بىلەن ئىچىپ بىرىلدى .شائېر شېئىرلىرى بىلەن ھىجران مانۋىرى ئوتكۇزۇپ ئوزىنىڭ روھى جەھەتتىكىى قۇدرىتىنى نامايەن قىلدى .ھىجراندىكى ھەقىقى ماھىيەت ۋە ھەقىقەت مەدىنيەت پەرىزلىرىدىكى ئوزلۇكنى شېئىر ئارقىلىق گەۋدىلەندۇرۇپ دۇنيانىڭ روھتىدىكى ئىككىگە پارچىلىنىش دەۋرىگە كىردى .بۇ بابا رەھىم مەشرەپتىمۇ كورۇلگەن سوپىستىك تۇيغۇ .بۇ ئىككى شائېردىكى بىردەكلىك ھەم كامالەتكە يىتىش زاماندىن چىكىنگەن ۋۇجۇتنىڭ ھەقكە بولغان خىتابى .
كەچكۈدەك جانۇ- جاھانىم قالمىدى،
يەتكۈدەك ياكى ۋىسالىم قالمىدى.
سارغىيىپ ئۇچتۇم سامان رۇخسارىدا،
سۈرگىدەك شىرىن خىيالىم قالمىدى.
ئىككى ئالەم مۈلكىنى يۈردۈم يۈدۈپ،
ساتقۇدەك قايناق بازارىم قالمىدى.
كېچىسى ياتتىم جەسىەدنىڭ قەلبىدە،
ئۆلگىدەك باشقا ئامالىم قالمىدى...
ئەي غوجى قوپ،ساڭا ئىچ ئاغرىتمىغان،
ئادىمى،ھەتتا خۇدايىم قالمىدى.
                       غوجىمۇھەممەد مۇھەممەد (غەزەللەر)دىن
ﻗﻪﻟﻪﻧﺪﻩﺭ ﻣﻪﺷﺮﻩﺑﯩﯖﻤﻪﻥ،ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺋﺎﻟﻪﻣﻨﻰ ﺗﺎﭘﯩﭗ ﺋﯚﺗﺘﯜﻡ،
ﺑﯩﮭﯘﺷﺘﯘ ﮬﯘﺭﻯ ﻏﯩﻠﻤﺎﻧﯩﯔ ﭘﯜﭼﻪﻙ ﭘﯘﻟﻐﻪ ﺳﺎﺗﯩﭗ ﺋﯚﺗﺘﯜﻡ.

ﻧﻪ ﺋﻪﻳﻠﻪﻱ ﺋﺎﺑﻰ ﻛﻪﯞﺳﻪﺭﻧﻰ ﻧﯩﮕﺎﺭﯨﻢ ﺑﻮﻟﻤﺎﺳﻪ ﺳﺎﻗﻰ،
ﺧﻪﺭﺍﺑﺎﺕ ﺋﯩﭽﺮﻩ ﺑﺎﺭﺩﯨﻢ ﻗﻪﺗﺮﻩ ﻣﻪﻱ ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ ﺗﺎﺗﯩﭗ ﺋﯚﺗﺘﯜﻡ.

ﺋﺎﻳﺎ،ﺩﻩﯞﺯﻩﺥ ﻣﯧﻨﻰ ﻛﯚﻳﺪﯛﺭ،ﺧﻪﻻﻳﯩﻖ ﻛﯚﻳﻤﻪﺳﯘﻥ ﮬﻪﺭﮔﯩﺰ،
ﺗﺎﻣﯘﻏﺪﯨﻦ ﺋﯩﺸﯩﻖ ﺋﻮﺗﻰ ﭘﯘﺭ ﺯﻭﺭ،ﺋﺎﻧﯩﯔ ﺯﻩﮬﺮﯨﻦ ﻳﯜﺗﯜﭖ ﺋﯚﺗﺘﯜﻡ.

ﻛﻰ ﺟﺎﻥ ﺋﺎﻟﻐﯘﭼﯩﻨﻰ ﻛﯚﺭﺩﯛﻡ،ﺩﯦﺪﯨﻢ:<ﺋﺎﻟﻐﯩﻞ ﺑﯘ ﺟﺎﻧﯩﻤﻨﻰ>،
ﺋﻪﺟﻪﻝ ﻗﺎﭼﺘﻰ،ﺋﯘﺭﯗﭖ-ﻗﻮﻏﻼﭖ ﻣﻪﻥ ﺋﺎﻧﻰ ﻗﻮﺭﻗﯘﺗﯘﭖ ﺋﯚﺗﺘﯜﻡ.

ﺳﺎﻟﯩﭗ ﺑﺎﺯﺍﺭﻯ ﺋﯩﺸﻘﯩﯖﻐﻪ ﻣﻪﺗﺎﺋﻰ ﺟﯩﺴﻤﯘ ﺟﺎﻧﯩﻤﻨﻰ،
ﺧﻪﺭﯨﺪﺍﺭ ﺳﻮﺭﻣﺎﺩﻯ ﮬﻪﺭﮔﯩﺰ،ﺑﯘ ﺟﺎﻧﯩﻤﺪﯨﻦ ﻛﯧﭽﯩﭗ ﺋﯚﺗﺘﯜﻡ.

ﯞﯨﺴﺎﻝ ﺋﻪﻳﻴﺎﻣﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪﺍ،ﻛﯚﺯﯛﯓ ﺑﻪﺧﺘﻰ ﺳﯩﻴﺎﮬﯩﻤﻨﻰ،
ﺑﺎﺷﯩﻤﻐﻪ ﻛﻪﻟﺴﻪ ﻳﺎﺭﯨﻢ،ﻣﻪﻥ ﻳﺎﻧﯩﭗ ﺋﯘﺧﻼﭖ،ﺑﯘﻛﯜﭖ ﺋﯚﺗﺘﯜﻡ.

ﻛﯚﻳﯜﭖ ﺋﻮﺗﻘﻪ ﻣﻪﻧﻰ ﺩﯨﯟﺍﻧﻪ ﻣﻪﺷﺮﻩﺑﻨﻰ ﺳﻮﺭﺍﺭ ﺑﻮﻟﺴﺎﯓ،
ﻧﻪ ﻳﻪﺭﺩﻩ ﺋﻪﮬﻠﻰ ﺩﻩﺭﺕ ﺗﺎﭘﺪﯨﻢ،ﻛﯚﺯﯛﻡ ﻳﺎﺷﯩﻦ ﺳﯧﭙﯩﭗ ﺋﯚﺗﺘﯜﻡ.
                      بابا رەھىم مەشرەپ (ئۆتتۇم )   دىن
ﺷﺎﯻﺮ ﻣﻪﺷﺮﻩﭖ ﯲﺯ ﻫﺎﻳﺎﺗﯩﺪﺍ ﺗﻪﺳﻪﯞﯞﯗﭖ ﭘﻪﻟﺴﻪﭘﯩﺴﯩﮕﻪ ﭼﻮﯕﻘﯘﺭ ﺑﯧﺮﯨﻠﮕﻪﻥ ﯞﻩ ﻫﺎﻳﺎﺗﯩﻨﯩﯔ ﻛﯚﭖ ﻗﯩﺴﻤﯩﻨﻰ ﺳﻮﭘﻰ-ﯻﺸﺎﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﺩﻩﺭﮔﺎﻫﯩﺪﺍ ﯲﺗﻜﯜﺯﮔﻪﻧﻠﯩﻜﯩﮕﻪ ﻗﺎﺭﯨﻤﺎﺳﺘﯩﻦ، ﺑﺎﺷﺘﯩﻦ-ﯪﺧﯩﺮ ﺳﻮﭘﻰ-ﯻﺸﺎﻧﻼﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻗﺎﺭﯨﻤﯘ ﻗﺎﺭﯨﺸﻰ ﻣﻪﻳﺪﺍﻧﺪﺍ ﺗﯘﺭﺩﻯ. ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭ ﯪﺭﯨﺴﯩﻐﺎ ﺗﺎﺭﻗﺎﻟﻐﺎﻥ ﺳﺎﻥ - ﺳﺎﻧﺎﻗﺴﯩﺰ ﻟﻪﺗﯩﭙﯩﻠﻪﺭ ﺩﻩﻟﯩﻠﻠﻪﭖ ﺑﻪﺭﮔﯩﻨﯩﺪﻩﻙ ، ﻓﯧﻮﺩﺍﻝ ﻛﯜﭼﻠﻪﺭ ﯞﻩ ﻣﯘﺗﻪﯬﺳﺴﯩﯩﭗ ﺭﻭﻫﺎﻧﯩﻴﻼﺭ ﯴﺳﺘﯩﺪﯨﻦ ﻛﯜﻟﯜﺷﻨﻰ ﻗﻪﺗﺌﻰ ﺩﺍﯞﺍﻣﻼﺷﺘﯘﺭﯗﭖ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﻠﯩﻜﻰ ﯴﭼﯜﻥ، ﯰﻻﺭ ﺑﯘ ﯬﺭﻛﯩﻦ ﭘﯩﻜﯩﺮﻟﯩﻚ ﺷﺎﺋﯩﺮﻏﺎ ﻧﻪﭘﺮﻩﺕ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻗﺎﺭﺍﭖ ، ﯰﻧﻰ ﺗﻪﻗﯩﭗ ﯪﺳﺘﯩﻐﺎ ﯪﻟﺪﻯ ﻫﻪﻣﺪﻩ ﯰﻧﯩﯖﻐﺎ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﺑﯩﺮﻟﻪﺷﻤﻪ ﺳﯘﻳﻘﻪﺳﺖ ﭘﯩﻼﻧﻼﭖ ، << ﯲﺯﯨﻨﻰ ﺧﯘﺩﺍ ﺩﯦﺪﻯ>> ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺗﯚﻫﻤﻪﺗﻨﻰ ﭼﺎﭘﻼﭖ ، ﻣﻮﻟﻠﯩﻼﺭﻏﺎ ﭘﻪﺗﯩﯟﺍ ﻳﺎﺯﺩﯗﺭﯗﭖ،ﯬﺷﺘﻪﺭﺧﺎﻧﻼﺭﺩﯨﻦ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺑﻪﻟﯩﺦ ﻫﺎﻛﯩﻤﻰ ﺯﺍﻟﯩﻢ ﻣﻪﺧﻤﯘﺕ ﻗﯘﺗﯘﻏﺎﻧﯩﻐﺎ ﭼﯧﻘﯩﭗ ﺑﺎﺭﺩﻯ. ﺧﯘﺩﺩﻯ ﺷﺎﯻﺮﻧﯩﯔ ﯲﺯﻯ : << ﻫﯧﭻ ﻗﻪﻳﻪﺭﮔﻪ ﺳﯩﻐﻤﯩﺪﯨﻢ ، ﺩﯗﻧﻴﺎ ﻣﺎﯕﺎ ﺯﯨﻨﺪﺍﻥ ﺑﻮﻟﺪﻯ>>- ﺩﻩﭖ ﻗﻪﻳﺖ ﻗﯩﻠﻐﯩﻨﯩﺪﻩﻙ، ﻣﯘﺭﺗﻪﺩﻟﯩﻚ ﯞﻩ ﺩﻩﻫﯩﺮﻟﯩﻜﺘﻪ ﯬﻳﯩﭙﻠﻪﻧﮕﻪﻥ ﺷﺎﯻﺮ ﯪﺧﯩﺮﻯ ﺟﺎﻫﺎﻧﻐﺎ ﺳﯩﻐﻤﺎﺳﺘﯩﻦ، 1711- ﻳﯩﻠﻰ54يىشىدا  ﻣﻪﻫﻤﯘﺕ ﺷﺎﻫﻨﯩﯔ ﺑﯘﻳﺮﯨﻘﻰ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﺑﻪﻟﯩﺦ ﺷﻪﻫﺮﯨﺪﻩ ﺩﺍﺭﻏﺎ ﯸﺴﯩﭗ ﯲﻟﺘﯜﺭﯛﻟﺪﻯ .
زامان پەرقىدىكى زۇرۇريەت شىئېريەت بىلەن تەڭرى ئوتتۇرسىدىكى بوشلۇقتا شائېر غوجىمۇھەممەدكە سوپىزىم نەزىريەلىرىنى بىلىش ئىمكانىيىتىنى ياراتقان بولسىمۇ 1971-يىلى 9-ئاينىڭ 27-كۇنى شىئېريەت يۇرتى گۇمىدا تۇغۇلغان شائېر ئۇچۇن بۇگۇنىمىزدىكى تەسەۋۋۇپنىڭ ھەققى دەرۋىشىگە ئايلىنىش مومكىنچىلىكىنى تەقدىم قىلالمايدۇ .ئىككى شائېرىمىزدىكى تەسەۋۋۇر ،تالانىت  يىقىنلىقنى يەنىلا گىن نۇقتىسىدىن ،ئىرسىيەت نۇقتىسىدىن دەلىللەپ چۇشەندۇرۇش كىرەك ،بىزنىڭ ۋۇجۇدىمىزدا ئىسيان قىلغۇچى شائېرنىڭ شىئېرلىرىدىكى نۇسرەت بارماقلىرى بىلەن پۇتۇلگەن ۋاپا .تىنىقلىرىدىكى تەڭرىنىڭ تاتلىق پىچىرلىشى ،شىئېرلىرىدىكى تەنھالىق يىپلىرىدا باغلانغان بويۇك روھنىڭ چۇقانى ،.....قاتارلىقلار بىلەن شېئىريىتىمىزدە چوڭقۇرلۇققا قاراپ سەپەر قىلىۋاتقاندا شىئېريەت بىلەن مەۋجۇدىيەت ئوتتۇرسىدىكى سەپەرلىرى «ئۇيغۇر سوپىزىمى »دىكى مەنىۋى ئىنتىلىش پەللىسى بىلەن خۇلاسىلىنىدىغاندەك تۇرۇدۇ .شائېرنىڭ يىقىندا ئىلان قىلىنغان غەزەللىرىدىكى
ئۆي قىلىپ ئالەمنى،ئۇخلاپ خالىسا،
غەزىپى كەلسە ئۇنى بۇزغان ساراڭ.
سارغىيىپ ئۇچتۇم سامان رۇخسارىدا،
سۈرگىدەك شىرىن خىيالىم قالمىدى.
گۈل بىلەن ياپراق ئارا قەتلە بايان،
مۇڭ بېرىپ يىغلاپ ساتارىم كەلمىدى.
ئىگىسىز ئىتمەن ئىشىق سەھراسىدا،
ئالغىلى باغلاپ نىگارىم كەلمىدى.
------------------------------------------------------
...............................
.......................................
ھىجران ،ئازاپ خائىشلىرىدىن شىئىريەتتىكى مەڭگۇلۇك سەپەرگە چىققان شائېرنىڭ كىلاسسىك روھ بىلەن ئوزلۇككە قايتىۋاتقانلىغىنى بىلىشكە بولۇدۇ .شىئېرلىرىدىكى رىئاللىق تۇسىدە ئەخلاق ،گۇزەللىك مەنىلىرى چوڭقۇرلاپ رىئاللىق ئەكسىدىن چىقىپ كەتكەن چىركىندىلارغا بولغان نەپرىتىنى شەپقەتسىزلىك بىلەن ئىپادىلىۋاتقان شائېرنىڭ ئىچكى مەنىلەرگە تۇيۇنغان مىسرالىرىغا رەھمەت ئىيتىمىز .

2007-يىلى 8-ئاينىڭ 15-كۇنى (يەكەن )

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   jallat تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-8-5 16:19  


 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-8-5 16:23:31 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىلدۇرگۇ -:يۇقارقى ماقالىلەر شائېر غوجامۇھەممەد مۇھەممەدنىڭ يىقىندا نەشىر قىلىنغان كىتاپلىرىغا كىرگۇزىلگەنلىگى ئۇچۇن مۇنبەرگە يوللاپ قويۇلدى

ۋاقتى: 2015-8-5 18:49:39 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
jallat يوللىغان ۋاقتى  2015-8-5 16:23
بىلدۇرگۇ -:يۇقارقى ماقالىلەر شائېر غوجامۇھەممەد مۇھەم ...

تولىمۇ ۋاقتىدا يوللانغان ئەسەرلەر بولۇپتۇ. بۇلارنىڭ 2-3نى مەن ئۆز ۋاقتىدا ئوقۇغان ئىكەنمەن.لېكىن يېڭىلىرىمۇ بارىكەن.

ۋاقتى: 2015-8-5 19:29:28 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شائىر غوجىمۇھەممەد توغرىسىدا سەرخىل ماقالىلەر جەملىنىپتۇ،  جاللات ئەپەندىنىڭ  ئەجىرىگە رەھمەت. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئا.ئا.سەئىدى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-8-5 19:30  


ۋاقتى: 2015-8-5 19:33:13 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەندە بەزى ماقالىلارنىڭ خېتى نورمال كۆرۈنمىدى.

ۋاقتى: 2015-8-5 19:38:40 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ساقلاپ قۇيۇشقا تېگىشلىك ئەھمىيەتلىك تېمىكەن.............

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-8-5 20:00:35 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
"مانا بۇ غوجامۇھەممەد مۇھەممەد" ناملىق ماقالە بۇنىڭدىن 11 يىل بۇرۇن يىزىلىپ ،ساقلانغانلىغى ئۇچۇن ۋورد ھوججىتى ۋىرۇستىن يۇقۇملىنىپ ،بىر قانچە قىتىپ تەكشۇرلۇپ ھازىرقى ئەھۋالغا كەلتۇرۇلگىچە 10 سائەتتەك تۇزەش ۋاقتى كەتتى ...مۇنبەرگە يوللانغاندا يەنە سوز بىلەن سوز باغلىنىپ باشقىچە جۇملە تۇزۇپتۇ .يەنە ۋاقىت چىقىرىپ تۇزەپ قوياي .
ماگىستىرلىقتا ئۇيغۇر بۇگۇنكى زامان شېئىريىتىدىن ماقالە تەييارلىغان ئوقۇغۇچىلار .شېئىريەت تەنقىتچىلىرى .تور ئەدەبىياتى شېئىريەت مۇھاكىمىچىلىرى «غوجامۇھەممەد مۇھەممەد شېئىرلىرى »ھەققىدە يىزىلغان ئەسەرلىرىڭلارنى مۇشۇ تىمىنىڭ ئاستىغا ئىنكاس شەكلىدە يوللاپ قويغان بولساڭلار .غوجىنىڭ يىقىندا  نەشىردىن چىققان توپلاملىرى بىلەن بىرلەشتۇرۇپ «غوجامۇھەممەد مۇھەممەد  تەتقىقاتى»ئىلىپ بارغان بولساق ياخشى بولاتتى .پاسىئاننىڭ كروران ژورنىلىغا بىرىلگەن غوجامۇھەممەد مۇھەممەد  شېئىرلىرى ھەققىدىكى ماقالىسىمۇ  ياخشى ئىدى .
ئەسلىغۇ «غوجامۇھەممەد مۇھەممەد  شېئىرلىرى مۇھاكىمە يىغىنى »ئىچىلغان بولسا ياخشى بولاتتى .غوجا ئوزىمۇ شان -شوھرەتكە ئوچ ئادەم .ئۇ بىزگە 10 پارچە توپلام ھەدىيە قىلىپتۇ .بىز ئوقۇرمەنلەرمۇ ئۇنىڭ بۇ ئەمگىگى ئۇچۇن رەھمەت ئىيتايلى .تور يۇزىدە بولسىمۇ مۇھاكىمىلەرنى ئىلىپ بارايلى .ئۇيغۇرلارنىڭ شېئىريەت تارىخىنى ۋاراقلاپ باقساق 5000يىللىق تارىخقا ئىگە بۇ مىللەتتە ھازىرغىچە ئوتكەن  شائېرلارنىڭ ھىچقايسىنىڭ بىراقلا 10 پارچە توپلىمى نەشىر قىلىنمىغان .دوستىمىز غوجا ئۇيغۇر تارىخىدىكى ئەڭ تەلەيلىك ،ئەڭ بەخىتلىك شائېر .ھەم بۇ كاتتا ئىشمۇ ئۇيغۇر شېئىريىتىنىڭ تەنتەنىسى .ھەم بۇ ئىش ئۇيغۇر شېئىريىتىنىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنى قۇرۇلغانلىغىنىڭ 60 -يىللىغىغا تۇتقان كاتتا سوۋغىسى .
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   jallat تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-8-5 20:03  


ۋاقتى: 2015-8-5 20:07:03 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شئېر ھەققىدە ماقالە يېزىش قولۇمدىن كەلمىسىمۇ بۇ پىكىرنى تۇنجى بولۇپ قوللايمەن.

ۋاقتى: 2015-8-5 21:25:01 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەي، غوجى...

مەھمۇتجان يانتاق


(غوجىمۇھەممەت مۇھەممەتكە)


تۈن داپ چالار سۆڭەكلىرىڭدە يەنە شاراقشىپ
سەن ئۆتۈپ كەتتىڭ يازنىڭ بويىدىن.
بۇرۇتۇڭ يەنە شۇنداق تۇرار پەرىشان
سېنى قوغلاپ چىقاردى بىر ئايال كۆڭۈل ئۆيىدىن.

خوتەندىن كېلىسەن قولۇڭ قوپقۇرۇق
چاچلىرىڭدا تۆگە كارۋىنى تۈنەيدۇ ھامان.
تاغ ئاراشلىرىدا قىسىلغان روھىڭ
سېنى سۆيۈشنى قىلىدۇ ئارمان.

بىر دەردنىڭ ئەتراپىدا سېنىڭ قورۇقۇڭ
مۇھەببەت پىچاقلىرى گاللىشىپ كەتتى...
ئادەم بولۇشنى ئىستەر شاماللار
ئادەملىك ۋۇجۇدۇڭ ئالەمگە يەتتى...

تار كېلىشتىن قالدى بۇ جاھان
ساڭا ئاتالغان يوپۇرماقلار كۆزىنى قىستى.
قۇملار دەھشىتىدە تۈنىدىڭ نەچچە
ياشاشنىڭ يوللىرى بىرلا ئەمەستى...

تارقالدى خىياللارنىڭ مۇزدەك ئىسكەنجى
مەن چۈشەپ تۇرىمەن ئورۇق تۇرقىڭنى.
فابرىكا ئىچىدىن چىقىسەن كۈلۈپ
تاش ئىچىدىن ئىزدىسەم سېنى.

ھەي، غوجى
قاراپ باق يۈرىكىڭگە يەنە بىر قېتىم.
سەن قۇملۇقلارنىڭ سەلتەنەتلىك گۈلىسەن
سەن يوللىرىمدا دائىم كۈلىسەن...
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   م.يانتاق تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-8-5 21:26  


ۋاقتى: 2015-8-5 22:09:13 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ناھايتتى ئەھمىيەتلىك ئەمگەك بولۇپتۇ.
غوجى مۇھەممەدنىڭ شېئرلىرىنى ۋە شائرنىڭ ئۆزىنى چۈشۈنۈش ئىمكانىيتى يارىتىش ئۈچۈن قەلەم تەۋرەتكەن قوللار دەرت كۆرمىسۇن.

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-8-6 10:20:50 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

شېئىر بىزگە ناتونۇش ئەمەس






- مەتسىلىم مەتقاسىم بىلەن سۆھبەت







بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   jallat تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-8-6 10:27  


كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家协会网
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش