ئىگىسى: jallat

ﻣﯘﮬﻪﻣﻤﻪﺗﺌﯧﻠﻰ ﮬﯧﻠﯩﻢ: مانا بۇ -غوجامۇھەممەد مۇھەممەد

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 2015-8-6 10:28:09 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
‹‹غوجى››غا بېرىلگەن سەر خىل باھالارنىڭ سىرتىدا قالغىنىمغا ئەپسۇس،جاللات ئەپەندى شامالدەك ئۇچۇرۇپ ھەممىنى بۇ يەرگە يەنى كۆڭۈل كۆزىمىزگە تىقىپتۇ،مىننەتدارمىز،يۇقۇرقى بايانلاردىن ‹‹غوجى››ھەققىدىكى تەسەۋۋۇر ۋە چۈشىنىشنىڭ ئاراشلىرىغا قىسىلىپ كىرىپ ھەر خىل گۇمان،نائېنىقلىق،بىلمەسلىكنىڭ بۇيۇنتۇرۇقىدىن چىقىپ خۇددى ئېسىللارنىڭ نۇر ھالقىسىغا قول ئۇزاتقاندەك بولدۇم،بىرىنچى ماقالە خۇددى نەسرى قەسىدە تۈسىنى ئاپتۇ،    م.ھېلىم بىر ئىككى پارچە شېئىر قىستۇرۇپ ئۆتكەن بولسا  ئۇنىڭ بۇ ھەقتىكى قىزغىنلىقى تېخىمۇ  جارى بولاتتى،بىراق ھەممە ماقالىنى كۈزىتىپ يەنە ‹‹غوجى››ھەققىدە نۇرغۇن گەپلەرنىڭ چالا قالغىنىدەك بىر ھېسقا ئەسىر بولدۇم...‹‹غوجى››غا بولغان ھەركىمنىڭ دىققەت مەركىزىدىن مىللىتىمىزگە بولغان دىققەت مەركىزىنىڭ توچكىسىنى بايقاش ئۇنىڭغا بولغان تونۇشنىڭ ئاداققى پەللىسى بولۇشتىن ئۈمۈدۋارمەن...

ۋاقتى: 2015-8-8 12:14:55 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ بۇندىن 10 يىللار بۇرۇن يېزىپ ئۆز ۋاقتىدىكى سۇمۇرغ – ئىزدەن تورىدا ئېلان قىلغىنىم ئىدى … ‹‹ سۇمرۇغ ›› تورى بىلەن تەڭلا يوقالغان  . توردىن كۆپ ئىزدەپ ، تاپالماي ئىچىمدە  ‹‹ ئەجەپمۇ بىر يوقۇتۇپ قويدۇم ›› دەپ ئەپسۇسلۇنۇپ قويۇپ  بولدى قىلغان ئىدىم.  ئالدىنقى يىللىرى  قارىسام ‹‹ جاللات ›› مەزكۇر مۇنبەرگە  مۇناسىۋەتلىك تېمىنىڭ ئاستىغا مۇناسىۋەتلىك ئىنكاس سۈپىتىدە يوللاپ قويۇپتىكەن، ئىچىمدە بۇ يېتىشچان ‹‹ جاللات ››  ئەپەندىدىن خۇرسەن بولغان ئىدىم . ھالا بۈگۈنگە كەلگەندە ئۆز ‹‹ ئىگىسى ›› نى تېپىپ ، يورۇقلۇققا ئېرىشىپتۇ ، خۇشال بولدۇم .
ماقالىنىڭ ( ماقالە دېگىلى بولماس ، ھېسپۈتۈك  ياكى ھېسبايان دەيمىزما ؟) ئەسلى تېمىسى ‹‹ قەلبىمدىكى غۇجىمۇھەممەت ››  ئىدى . چوڭ گەپ قىلىدىغان  جاللات ئەپەندى ئۆز ۋاقتىدا تېمىنى چوڭايتىپ ‹‹ مانا بۇ غۇجىمۇھەممەت مۇھەممەت ›› دەپ ئۆزگەرتىپ قويۇپتۇ ، مانا بۇ دەپ شەرھىيلەپ  بۇ نەدە غوجىمۇھەممەت مۇھەممەتنىڭ ئۆزى بولسۇن  دەيمەن ؟

ۋاقتى: 2015-8-8 14:17:41 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سەرخىل ماقالىلەر ئىكەن. بۇ ماقالىلەرنىڭ ھەممىنى ساقلىۋالدىم. ئاستا - ئاستا ئوقۇپ چىقاي. يوللىغۇچى ئۇستازغا كۆپ تەشەككۈرۈمنى بىلدۈرىمەن.

ۋاقتى: 2015-8-8 14:20:58 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
غوﺟﯩﻤﯘﮬﻪﻣﻤﻪد ﻣﯘﮬﻪﻣﻤﻪد ﺋﻪﮔﻪﺭ ﻧﺎﺧﺸﯩﭽﻰ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎ...


ﻣﯘﮬﻪﻣﻤﻪﺗﺌﯧﻠﻰ ﮬﯧﻠﯩﻢ


     ﻏﻮﺟﯩﻤﯘﮬﻪﻣﻤﻪد ﻣﯘﮬﻪﻣﻤﻪدنىڭ ﺷﯧﺌﯩﺮﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ﺗﻮﻟﯩﻤﯘ ﻳﺎﻗﺘﯘﺭﯗﭖ ﺋﻮﻗﯘﻳﻤﻪﻥ. ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺷﯧﺌﯩﺮلىرﻯ ﺋﻪﻗﯩﻞ ﻛﯚﺯﯨﺪﻩ ﺗﯘﺭﯗﭖ، ﻣﻪﻧﻪ ﺑﻮﺷﻠﯘﻗﻠﯩﺮﯨﻐﺎ، ﺋﯩﺴﺘﯧﺘﯩﻚ ﻗﺎﺗﻼﻣﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﻗﺎﺭﯨﻐﯘﭼﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﻣﻪﻳﻠﯩﻨﻰ ﺗﺎﺭﺗﯩﺸﻰ ﺑﻪﺭﮬﻪﻕ. ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺷﯧﺌﯩﺮﻟﯩﺮﻯ ﯞﯗﺟﯘﺩﯗﻣﻨﻰ ﻟﻪﺭﺯﯨﮕﻪ ﺳﯧﻠﯩﭗ، ﺋﯧﻐﯩﺮ ﺋﯚﻛﺴﯜﺷﻠﻪﺭ ﺋﯩﭽﯩﮕﻪ ﻏﻪﺭﻕ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ. ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺷﯧﺌﯩﺮﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﻮﻗﯘﯞﯦﺘﯩﭗ ﮔﺎﮪ ﭼﯩﻠﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﻳﺎﻝ ﺷﺎﺋﯩﺮﻯ ﻣﯩﺴﺘﯩﺮﺍﻟﻨﯩﯔ ﺷﯧﺌﯩﺮﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﻪﺳﻠﻪﭖ ﻗﺎﻟﺴﺎﻡ، ﮔﺎﮪ ﭘﯘﺷﻜﯩﻦ ﺭﻭﮬﯩﻤﻨﻰ ﻛﯧﺰﯨﺪﯗ. ﻳﻪﻧﻪ ﺋﺎﻟﻠﯩﻘﺎﻧﺪﺍﻗﺘﯘﺭ ﺩﯗﻧﻴﺎﯞىي ﺷﺎﺋﯩﺮﻻﺭﻧﯩﯔ ﻧﻪﻣﯘﻧﯩﻠﯩﻚ ﺷﯧﺌﯩﺮﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻗﯘﺩﺭﯨﺘﻰ ﺑﺎﺭﺍ-ﺑﺎﺭﺍ ﺋﺎﺟﯩﺰﻻﭖ ﮔﯘﯕﮕﯩﻠﯩﺸﯩﺪﯗ...
    ﻣﯧﻨﯩﯖﭽﻪ، ﺋﯚﺯ ﺋﯩﭽﯩﺪﯨﻦ ﭼﯩﻘﻘﺎﻥ ﮬﻪﻡ ﭼﯩﻘﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﺷﺎﺋﯩﺮﻻﺭﻧﻰ ﮬﻪﻣﯩﺸﻪ ﮬﻪﯞﻩﺳﻜﺎﺭ ﺋﻮﺭﻧﯩﻐﺎ ﺗﯘﺭﻏﯘﺯﯗﭖ ﻣﯘﺋﺎﻣﯩﻠﻪ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺋﻪﻗﯩﻠﺪﺍﺭ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﻗﺎﺭﯨﺸﻰ ﺋﻪﻣﻪﺱ. ﺷﯘ ﻧﻪﺭﺳﻪ ﺳﻪﻣﯩﻤﯩﺰﺩﻩ ﺑﻮﻟﺴﯘﻧﻜﻰ، ﺋﯚﻟﮕﻪﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﻣﻪﺩﮬﯩﻴﻪ ﺋﻮﻗﯘﺵ، ﺟﯘﺩﺍﻟﯩﻖ ﮬﻪﺳﺮﻩﺗﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺷﯧﺌﯩﺮ-ﻗﻮﺷﺎﻗﻠﯩﺮﯨﺪﺍ ﺑﺎﻳﺎﻥ ﺋﻪﻳﻠﻪﺵ، ﺗﯘﻏﯘﻟﻐﺎﻥ ﻛﯜﻧﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺧﺎﺗﯩﺮﯨﻠﻪﭖ ﻣﯘﺭﺍﺳﯩﻢ ﺋﯚﺗﻜﯜﺯﯛﺵ ﺭﻭﮬﯩﻲ ﻛﻪﻣﺘﯜﻙ ﺑﯩﺮ ﻗﻪﯞﻣﻨﯩﯔ ﻣﻪﻧﯩﯟىي ﺳﺎﭘﺎﺳﯩﺪﯨﻦ ﺩﯦﺮﻩﻙ ﺑﯧﺮﯨﺪﯗ. ﺑﯩﺰ ﻛﯚﭖ ﮬﺎﻟﻼﺭﺩﺍ ﭼﻪﺕ ﺋﻪﻟﻠﯩﻚ ﭘﺎﻻﻧﭽﻰ ﺷﺎﺋﯩﺮ ﻳﺎﺵ ﭼﯧﻐﯩﺪﯨﻼ ﺩﯗﻧﻴﺎﻏﺎ ﺗﻮﻧﯘﻟﯘﭖ ﺑﻮﭘﺘﯩﻜﻪﻥ، ﺭﯨﻤﺒﻮ 20 ﻳﯧﺸﯩﺪﺍ «ﻣﻪﺳﺖ ﻛﯧﻤﻪ»ﻧﻰ ﻳﯧﺰﯨﭗ، ﺩﯦﮭﻘﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻛﯧﺘﻪﻱ، ﺩﻩﭖ ﻳﯧﺰﯨﻐﺎ ﭼﯩﻘﯩﭗ ﻛﯧﺘﯩﭙﺘﯩﻜﻪﻥ، ﺩﯦﻴﯩﺸﯩﭗ ﺷﯧﺌﯩﺮﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ﺳﯚﻳﯜﻧﯜﭖ ﺋﻮﻗﯘﭖ ﻛﯧﺘﯩﻤﯩﺰ-ﻳﯘ، ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺋﯚﺯﯨﻤﯩﺰﺩﯨﻦ ﭼﯩﻘﻘﺎﻥ ﯞﻩ ﭼﯩﻘﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﻳﺎﺵ ﺷﺎﺋﯩﺮﻻﺭﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮﻩﺭ ﻣﯩﺴﺮﺍﺳﯩﻨﻰ ﺋﻮﻗﯘﭖ ﺑﯧﺮﯨﺸﻜﻪ ﺗﯩﻠﯩﻤﯩﺰ ﻛﯚﻳﯩﺪﯗ. ﺧﯘﺩﺩﻯ ﺑﯩﺰ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﯩﺴﻤﯩﻨﻰ ﺗﯩﻠﻐﺎ ﺋﺎﻟﺴﺎﻕ، ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﺎﺑﺮﻭﻳﻰ ﺋﯚﺳﯜﭖ، ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﺷﯚﮬﺮﯨﺘﯩﻤﯩﺰ ﻳﻪﺭﮔﻪ ﺋﯘﺭﯗﻟﯘﭖ ﻛﯧﺘﯩﺪﯨﻐﺎﻧﺪﻩﻙ. ﺑﯘ ﺧﯩﻞ ﺭﻭﮬﯩﻲﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﻜﻠﻪﺭ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺑﯩﺰﺍﺭﻟﯩﻘﯩﻨﻰ ﻗﻮﺯﻏﺎﭖ، ﺷﯧﺌﯩﺮ كىرﯨﺰﯨﺴﯩﻨﻰ ﭘﻪﻳﺪﺍ ﻗﯩﻠﯩﺸﺘﺎ ﻣﻪﻟﯘﻡ ﺭﻭﻝ ﺋﻮﻳﻨﯩﻤﺎﻳﺪﯗ ﺩﯦﮕﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ.
     ﻏﻮﺟﯩﻤﯘﮬﻪﻣﻤﻪد ﻣﯘﮬﻪﻣﻤﻪد ﺷﯧﺌﯩﺮلىرىنىڭ ﻣﻪﻧﻪ ﭘﺎﻳﺎﻧﻰ ﭼﻪﻛﺴﯩﺰ، ﺋﺎﭼﭽﯩﻖ ﮬﻪﺳﺮﻩﺕ، ﺳﯩﻘﯩﭗ ﺗﯘﺭﻏﺎﻥ ﺋﺎﺯﺍﺏ، ﯞﯨﺴﺎﻟﻐﺎ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺋﺎﺭﻣﺎﻧﻠﯩﻖ ﺋﯧﭽﯩﺮﻗﺎﺷﻼﺭ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺷﯧﺌﯩﺮلىرﯨﺪﺍ ﺋﯩﺴﺘﯧﺘﯩﻚ ﺋﯜﻧﯜﻡ ﮬﺎﺳﯩﻞ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ. ﺋﺎﺯﺍﺏ ﺷﺎﺋﯩﺮﻧﻰ ﺗﺎﯞﻻﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﻮﭼﺎﻕ! ﮬﻪﻗﯩﻘﯩﻲ ﺷﺎﺋﯩﺮ ﻗﺎﻳﻐﯘ-ﺋﻪﻟﻪﻡ، ﺩﻩﺭﺩ-ﺑﺎﻻﻻﺭﻧﻰ ﻣﺎﻛﺎﻥﺋﯧﺘﯩﺪﯗ. ﯞﻩﺗﻪﻥ، ﻣﯩﻠﻠﻪﺕ ﺋﻮﺗﯩﺪﺍ ﻛﯚﻳﯜﭖ ﭘﯘﭼﯩﻼﻧﻤﯩﻐﺎﻥ ﺷﺎﺋﯩﺮﻧﯩﯔ ﺷﯧﺌﯩﺮﻟﯩﺪﯨﻦ ﺋﯘﭘﺎ-ﺋﻪﺗﯩﺮ ﮬﯩﺪﻯ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﺗﯘﺭﯨﺪﯗ.
     ﻏﻮﺟﯩﻤﯘﮬﻪﻣﻤﻪد ﻣﯘﮬﻪﻣﻤﻪدنىڭ ﺳﯚﮬﺒﻪﺕ ﺧﺎﺗﯩﺮﯨﻠﯩﺮﻯ ﯞﻩ ﻗﯩﺴﻤﻪﻥ ﺋﯘﭼﯘﺭﻻﺭﺩﯨﻦ ﺑﯩﻠﯩﺸﯩﻤﭽﻪ، ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺗﯘﺭﻏﯘﺩﻩﻙ ﺗﯘﺭﺍﻗﻠﯩﻖ ﻣﺎﻛﺎﻧﻰ، ﻣﯘﻗﯩﻢ ﺧﯩﺰﻣﻪﺕ ﺋﻮﺭﻧﻰ ﺑﻮﻟﻤﯩﻐﺎﻧﻨﯩﯔ ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪ ﺑﯩﺮ ﺑﺎﻟﯩﻨﻰ ﻳﯧﺘﯩﻢ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺑﻪﺩﯨﻠﯩﮕﻪ ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﺴﯩﻤﯘ ﻗﯘﺵ ﭼﺎﯕﮕﯩﺴﯩﺪﻩﻙ ﺗﻮﺯﯗﭘﺘﯘ. ﺋﻪﮔﻪﺭ ﺋﯘ ﺑﯩﺮ ﻧﺎﺧﺸﯩﭽﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ، ﺋﯘ ﺧﯩﻞ «ﯞﻩﻳﺮﺍﻥ»ﭼﯩﻠﯩﻖ ﻛﻮﭼﯩﺴﯩﻐﺎ ﻛﯩﺮﯨﭗ ﻗﺎﻟﻤﺎﺱ ﺑﻮﻟﻐﯩﻴﺘﺘﻰ، ﺩﻩﭖ ﺋﻮﻳﻠﯩﺪﯨﻢ. ﺳﻪﯞﻩﺏ ﺷﯘﻛﻰ، ﺑﯩﺰ ﺋﻪﻗﯩﻠﮕﻪ ﻗﺎﺭﯨﻐﺎﻧﺪﺍ ﮬﯧﺴﺴﯩﻴﺎﺗﻘﺎ ﺑﻪﻛﺮﻩﻙ ﺋﻪﮬﻤﯩﻴﻪﺕ ﺑﯧﺮﯨﺪﯨﻐﺎﻥ ﻣﯩﻠﻠﻪﺕ. ﺷﯘ ﯞﻩﺟﯩﺪﯨﻦ ﺋﻪﻗﯩﻠﺪﺍﺭﻻﺭ ﻳﯧﺘﯩﻢ ﻗﯧﻠﯩﭗ، ﻗﺎﭘﺎﻕ ﻧﻮﭼﯩﻼﺭ ﯞﻩ ﺑﯩﺮﻩﺭ ﻧﺎﺧﺸﯩﺴﯩﻨﻰ ﺋﻪﭘﻠﻪﺷﺘﯜﺭﯛﭖ ﺋﯧﻴﺘﯩﭗ ﻗﻮﻳﻐﺎﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﻧﺎﻣﻰ ﺗﻮﻟﯩﻤﯘ ﺗﯧﺰ ﺗﺎﺭﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﻪﮬﯟﺍﻟﻼﺭﻣﯘ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﺗﯘﺭﯨﺪﯗ. ﺑﻪﺯﯨﻠﻪﺭ ﺑﻪﺯﯨﺒﯩﺮ ﺗﯘﺗﺎﻣﻰ ﻳﻮﻕ ﻧﺎﺧﺸﯩﭽﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﺳﯜﺭﻩﺗﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺧﺎﺗﯩﺮﯨﻠﯩﺮﯨﮕﻪ ﺳﯚﻳﯜﻧﯜﭖ ﺗﯘﺭﯗﭖ ﭼﺎﭘﻠﯩﺸﯩﺪﯗ. ﺑﻪﻟﻜﯩﻢ ﮔﺎھى بىرﻟﯩﺮﻯ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺳﯜﺭﯨﺘﯩﮕﻪ ﻗﺎﺭﺍﭖ ﺋﺎﺷﯩﻖ ﺑﯩﻘﺎﺭﺍﺭﻟﯩﻘﺘﯩﻦ ﺋﯜﻧﺴﯩﺰ ﻳﺎﺷﻤﯘ ﺗﯚﻛﯩﺪﯨﻐﺎﻧﺪﯗ؟ ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﻗﯩﺰﯨﻘﻰ ﮬﻪﻡ ﺋﯘﭼﯩﻐﺎ ﭼﯩﻘﻘﺎﻥ ﺋﻪﺧﻤﻪﻗﻠﯩﻘﯩﻤﯩﺰ، ﻣﻪﺯﻛﯘﺭ ﻧﺎﺧﺸﯩﭽﻰ ﻗﯩﺴﻘﺎ ﻣﻪﺯﮔﯩﻞ ﺳﻪﮬﻨﯩﻠﻪﺭﺩﻩ ﻛﯚﺭﯛﻧﻤﻪﻱ ﻗﻮﻳﺪﯨﻤﯘ، ﺑﻮﻟﺪﻯ: «ﺋﺎﺷﻨﯩﺴﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﯘﺗﯘﻟﯘﭖ ﻗﺎﭘﺘﯩﻜﻪﻥ، ﻳﻮﻟﺪﯨﺸﻰ ﭼﺎﻧﺎﭖ ﺋﯚﻟﺘﯜﺭﯛﯞﯦﺘﯩﭙﺘﯘ»، «ﺋﺎﻕ ﺗﺎﻣﺎﻛﺎ ﺳﯧﺘﯩﭗ ﺗﯘﺗﯘﻟﯘﭖ ﻗﺎﭘﺘﯘ»، «ﺋﯘﻧﻰ ﻛﯚﺭﻩﻟﻤﯩﮕﻪﻥ ﺑﯩﺮﻯ ﺗﯩﻠﯩﻨﻰ ﻛﯧﺴﯩﯟﯦﺘﯩﭙﺘﯘ» ﺩﯦﮕﻪﻧﺪﻩﻙ ﺋﺎﺩﻩﻣﻨﯩﯔ ﻏﯩﺪىقىنى ﻛﻪﻟﺘﯜﺭﯨﺪﯨﻐﺎﻥ ﻻﯞﺯﺍ ﭘﺎﺭﺍﯕﻼﺭﻧﻰ ﺯﻭﻗﻠﯩﻨﯩﭗ ﺗﯘﺭﯗﭖ ﺗﺎﺭﻗﯩﺘﯩﻤﯩﺰ.
     ﻏﻮﺟﯩﻤﯘﮬﻪﻣﻤﻪد ﻣﯘﮬﻪﻣﻤﻪد ﺋﻪﮔﻪﺭ ﮬﺎﺯﯨﺮﻗﻰ ﺷﺎﺋﯩﺮﻟﯩﻖ ﺋﻮﺭﻧﯩﺪﯨﻦ ﻧﺎﺧﺸﯩﭽﯩﻠﯩﻖ ﺋﻮﺭﻧﯩﻐﺎ ﺋﺎﻟﻤﺎﺷﻘﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎ، ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﮔﻪﭘﻠﻪﺭ ﺗﺎﺭﻗﯩﻼﺭ ﺑﻮﻟﻐﯩﻴﺘﺘﻰ؟ ﺑﻪﻟﻜﯩﻢ ﺋﯘ ﻗﯩﺮﯨﻖ، ﺋﻪﻟﻠﯩﻚ ﺧﻮﺗﯘﻥ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﻗﻮﻳﯘﭘﻤﯘ ﺑﻪﺭﮔﻪﻥ، ﺗﯜﺭﻟﯜﻙ-ﺗﯜﻣﻪﻥ ﺳﯚﺯ-ﭼﯚﭼﻪﻛﻠﻪﺭﮔﻪ ﻛﯚﻣﯜﻟﮕﻪﻧﻤﯘ ﺑﻮﻻﺗﺘﻰ، ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎﺩﺗﯩﻦ ﻗﯩﻴﻨﺎﻟﻤﺎﻳﺘﺘﻰ. ﻣﺎﺩﺩﯨﻲ ﺋﯧﭽﯩﺮﻗﯩﺸﻰ ﭘﻪﻟﻪﻛﻜﻪ ﻳﻪﺗﻜﻪﻧﺪﻩ، ﺑﯩﺮﻩﺭ ﺭﯦﺴﺘﻮﺭﺍﻧﺪﺍ ﻧﺎﺧﺸﯩﭽﻰ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺟﯧﻨﯩﻨﻰ ﺟﺎﻥ ﺋﯧﺘﯩﭗ ﺋﯚﺗﯜﯞﯦﺮﻩﺗﺘﻰ... ﺋﯘ ﮬﻪﺭﮔﯩﺰ ﺑﻮﻳﯘﻥ ﻗﯩﺴﯩﭗ ﻳﯜﺭﻣﻪﻳﺘﺘﻰ. پىلاستىنكىلىرى ﺑﺎﺯﺍﺭﻏﺎ ﺳﯧﻠﯩﻨﯩﭗ، ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﯗﺷﻼﺭﻏﺎ ﻧﯧﺰﯨﻘﺎﭖ ﺑﯧﺮﯨﭗ ﺋﯚﺭﯨﻤﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﮬﻪﺭ ﮬﺎﻟﺪﺍ ﺑﯩﺮ ﺑﺎﻳﯟﻩﭼﭽﻪ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻗﺎﻻﺗﺘﻰ. ﺋﯘ «ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﻤﻪﻥ» ﺩﯦﺴﯩﻤﯘ ﺗﻮﻟﯩﻤﯘ ﮬﯧﺴﺴﯩﻴﺎﺗﭽﺎﻥ ﺑﯘ ﻗﻪﯞﻡ ﺯﯨﻨﮭﺎﺭ ﺋﯘﻧﯩﻤﺎﻳﺘﺘﻰ...
     ﺋﻪﭘﺴﯘﺱ، ﺋﯘ ﻧﺎﺧﺸﯩﭽﻰ ﺋﻪﻣﻪﺱ، ﺷﺎﺋﯩﺮ! ﺭﯗﺳﻼﺭ ﭘﯘﺷﻜﯩﻨﻨﻰ ﺋﯘﻟﯘﻏﻼﭖ، ﺋﯘﻧﻰ ﺋﯚﺯﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﭘﻪﺧﺮﻯ ﺩﻩﭖ ﺑﯩﻠﮕﻪﻥ ﺑﯩﻠﻪﻥ، ﺑﯩﺰ ﺩﺍﺋﯩﻢ ﺑﯧﻠﯩﻨﻰ ﺗﻮﻟﻐﺎﭖ ﻗﯘﻻﻗﻘﺎ ﺋﺎﻧﭽﻪ ﺧﯘﺵ ﻳﯧﻘﯩﭗ ﻛﻪﺗﻤﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﻧﺎﺧﺸﯩﻼﺭﻧﻰ ﺋﯧﻴﺘﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﻧﺎﺧﺸﯩﭽﯩﻨﻰ ﺑﯧﺸﯩﻤﯩﺰﺩﺍ ﻛﯚﺗﯜﺭﯛﺷﻜﻪ ﺋﺎﻟﺪﯨﺮﺍﻳﻤﯩﺰ. ﭼﯜﻧﻜﻰ ھېسسىيات ﺋﻪﺳﻪﺑﯩﻴﻠﻪﺷﻜﻪﻧﺪﻩ ﻛﯚﺯﮔﻪ ﮬﯧﭻ ﻧﻪﺭﺳﻪ ﻛﯚﺭﯛﻧﻤﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﮔﻪﭖ! ﺷﯘﯕﻼﺷﻘﯩﻤﯘ ﺗﯧﻠﯧﯟﯨﺰﻭﺭﺩﺍ ﺷﺎﺋﯩﺮﻻﺭﻧﻰ ﺗﻮﻧﯘﺷﺘﯘﺭﯗﺷﺘﯩﻦ ﻧﺎﺧﺸﯩﭽﯩﻨﻰ ﻧﺎﻣﺎﻳﺎﻥ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺳﻪﮬﯩﭙﯩﻠﻪﺭ ﻛﯚﭖ ﺑﻮﻟﯩﯟﺍﺗﯩﺪﯗ. ﺑﯩﺮ-ﺑﯩﺮﯨﻨﻰ ﺳﺎﺯ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﺪﻩﻙ ﺋﯘﺩﯗﻟﻤﯘ-ﺋﯘﺩﯗﻝ ﻣﺎﺧﺘﯩﺸﯩﭗ ﮬﻮﺯﯗﺭﻟﯩﻨﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﭘﺮﻭﮔﺮﺍﻣﻤﯩﻼﺭﻏﺎ ﻧﯧﻤﻪ ﺩﻩﻱ... ﺑﯘﻧﺪﺍﻕ ﺑﻮﻟﯘﺷﯩﺪﯨﻜﻰ ﺳﻪﯞﻩﺑﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮﻯ، ﺷﺎﺋﯩﺮ ﺋﯚﺯ ﺧﻪﻟﻘﯩﻨﯩﯔ ﺋﻮﺗﯩﺪﺍ ﮬﻪﻣﻤﯩﻨﻰ ﺋﯘﻧﺘﯘﭖ، ﺳﻮﻳﻐﺎﻥ ﭘﯩﻴﺎﺯﺩﻩﻙ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ. ﺋﯘ ﮔﻮﻳﺎ ﮬﯧﺴﺴﯩﻴﺎﺗﻘﺎ ﺑﺎﻱ ﺋﺎﺩﻩﻣﻠﻪﺭ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﺪﯨﻦ ﺋﯘﻧﺘﯘﻟﯘﭖ ﻛﯧﺘﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻧﺪﻩﻛﻼ... ﺋﯚﺯﮔﯩﭽﻪ ﺋﯘﺳﻠﯘﺑﺘﺎ ﺷﯧﺌﯩﺮﻟﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺋﻮﺗﻠﯘﻕ ﺑﯩﺮ ﺗﯩﻠﻪﻛﻨﻰ ﻳﺎﯕﺮﯨﺘﯩﭗ، ﺷﯧﺌﯩﺮﯨﻴﻪﺕ ﭼﯚﻟﯩﺪﻩ ﺷﺎﮪ ﻣﻪﺷﺮﻩﭖ ﻛﻪﺑﻰ ﺑﯩﺮ ﺳﺎﺋﯩﻞ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻳﯜﺭﮔﻪﻥ ﻏﻮﺟﯩﻤﯘﮬﻪﻣﻤﻪد ﻣﯘﮬﻪﻣﻤﻪدنىڭ ﺷﯧﺌﯩﺮﻟﯩﺮﻯ ﺗﻪﺑﯩﺌﯩﻲ ﺋﺎﺯﺍﺏ ﯞﻩ ﯞﯨﺴﺎﻝ ﺋﯩﺸﻘﯩﺪﺍ ﻳﯜﺭﯨﻜﯩﺪﯨﻦ ﺑﯘﻻﻗﺘﻪﻙ ﺋﻮﺧﭽﯘﭖ ﭼﯩﻘﻘﺎﭼﻘﯩﻤﯩﻜﯩﻦ، ﮔﻮﻳﺎ ﻏﻮﺟﯩﻤﯘﮬﻪﻣﻤﻪد ﻣﯘﮬﻪﻣﻤﻪد ﺷﯧﺌﯩﺮﻧﻰ ﻳﯩﻐﻼﭖ ﺗﯘﺭﯗﭖ، ﯞﻩﻳﺮﺍﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﻛﯜﻟﺒﯩﺪﻩ، ﺧﯜﻧﯜﻙ ﻧﯘﺭ ﺗﯚﻛﯜﭖ ﺗﯘﺭﻏﺎﻥ ﺟﯩﻨﭽﯩﺮﺍﻍ ﺗﯜﯞﯨﺪﻩ ﻳﯧﺰﯨﯟﺍﺗﻘﺎﻧﺪﻩﻙ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺷﻠﻪﺭ ﻛﯚﺯ ﺋﺎﻟﺪﯨﻤﺪﺍ ﺯﺍﮬﯩﺮ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ. ﮔﺎﮬﯩﺪﺍ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺷﯧﺌﯩﺮﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ﻣﻪﻥ ﻳﺎﺯﻏﺎﻧﺪﻩﻙ ﮬﯧﺴﺴﯩﻴﺎﺗﺘﯩﻨﻤﯘ ﺧﺎﻟﯩﻲ ﺑﻮﻻﻟﻤﺎﻳﻤﻪﻥ. ﭼﯜﻧﻜﻰ، ﺋﯘ ﻗﻪﻟﺒﯩﻤﺪﯨﻜﻰ ﺗﯘﺯ ﺳﯜﻳﯩﺪﻩﻙ ﮬﻪﺳﺮﻩﺗﻠﯩﺮﯨﻤﻨﻰ ﭘﯩﭽﯩﺮﻻﭖ ﺑﯧﺮﯨﯟﺍﺗﺎﺗﺘﻰ. ﺗﯘﻳﯘﻗﺴﯩﺰ ﺋﯚﺯﯛﻣﮕﻪ ﺳﻮﺋﺎﻝ ﻗﻮﻳﺪﯗﻡ: ﺷﯧﺌﯩﺮ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺋﯘﻧﯩﯖﺪﻩﻙ ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﺑﺎﺭﻟﯩﻘﯩﻨﻰ ﺋﺎﺗﯩﻐﺎﻧﻼﺭﺩﯨﻦ ﻗﺎﻧﭽﯩﺴﻰ ﺑﺎﺭﺩﯗﺭ؟ ﻣﺎﺩﺩﯨﻲ ﺋﯧﭽﯩﺮﻗﺎﺵ ﺳﻪﻟﻼ ﻛﺎﺭﻛﯩﺮﺍﺗﺴﺎ، ﻗﻪﻟﯩﻤﯩﻨﻰ ﺗﺎﺷﻼﭖ، ﺳﻮﺩﺍ ﺑﺎﺯﯨﺮﯨﻐﺎ ﭼﺎﭘﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺷﺎﺋﯩﺮﻟﯩﺮﯨﻤﯩﺰﻧﯩﻤﯘ ﻛﯚﺭﯛﭖ ﺗﯘﺭﯗﯞﺍﺗﯩﻤﯩﺰﻏﯘ؟ ﺑﯩﺮﺍﻕ ﻏﻮﺟﯩﻤﯘﮬﻪﻣﻤﻪد ﻣﯘﮬﻪﻣﻤﻪد ﺋﯘﻧﺪﺍﻕ ﻗﯩﻠﻤﯩﺪﻯ. ﺑﯩﺮ ﻗﻮﻟﯩﺪﺍ ﻗﺎﺗﺘﯩﻖ ﺯﺍﻏﺮﯨﻨﻰ، ﺑﯩﺮ ﻗﻮﻟﯩﺪﺍ ﻗﻪﻟﻪﻣﻨﻰ ﺗﯘﺗﯘﭖ، ﺷﯧﺌﯩﺮ ﺋﯩﺸﻘﯩﺪﺍ ﻗﺎﻥ ﻗﯘﺳﯘﭖ، ﺑﯘﻟﺒﯘﻟﺪﻩﻙ ﮔﯜﻟﻨﯩﯔ ﺋﯩﺸﻘﯩﻐﺎ ﭘﻪﺭﯞﺍﻧﻪ ﺑﻮﻟﺪﻯ. ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻏﻪﻡ-ﻏﯘﺳﺴﯩﻠﻪﺭﺩﻩ ﺩﺍﻏﻼﻧﻐﺎﻥ ﻗﻪﻟﺒﻰ ﺷﯧﺌﯩﺮ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻣﻪلھەﻣﻠﯩﻨﯩﺪﯗ. ﺷﯧﺌﯩﺮ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻣﻪﺷﯘﻗﻰ، ﺷﯘﯕﺎ ﺋﯘ ﻛﯧﭽﻪ-ﻛﯜﻧﺪﯛﺯ ﺷﯧﺌﯩﺮ ﺋﯩﺸﻘﯩﺪﺍ ﻳﯧﻨﯩﭗ ﻛﯚﻳﯩﺪﯗ. ﺑﯩﺰ ﺋﻪﺯﯨﺰﻟﻪﭖ ﻳﯜﺭﯛﯞﺍﺗﻘﺎﻥ ﺑﺎﻳﺮﯗﻧﻤﯘ ﺷﯧﺌﯩﺮ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺷﯘﻧﭽﯩﻠﯩﻜﻼ ﻛﯚﻳﮕﻪﻥ ﺑﻮﻟﻐﯩﻴﺘﺘﻰ؟! ﮬﻪﻗﯩﻘﯩﻲ ﺷﺎﺋﯩﺮ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺷﯧﺌﯩﺮﻧﯩﯔ ﺋﯚﺯﻯ ﯞﻩﺗﻪﻥ. ﺷﯧﺌﯩﺮﻧﯩﯔ ﺋﯚﺯﻯ ﺋﺎﯞﺍﻡ ﭘﯘﻗﺮﺍﻧﯩﯔ ﺷﺎﺩﻟﯩﻘﻰ ﯞﻩ ﻛﯚﺯ ﻳﯧﺸﻰ!
     ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺷﯧﺌﯩﺮﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻣﻪﻧﻪ ﭼﻮﯕﻘﯘﺭﻟﯩﻘﯩﻐﺎ ﻧﻪﺯﻩﺭ ﺳﺎﻟﻐﯘﻡ ﻛﻪﻟﺪﻯ: ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺷﯧﺌﯩﺮﻟﯩﺮﯨﺪا ﮔﺎﮪ ﺗﻪﻛﻠﯩﻤﺎﻛﺎﻧﻨﯩﯔ ﺑﻮﺭﺍﻧﺪﺍ ﭼﯚﻟﺪﻩﺭﯨﮕﻪﻥ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺷﻰ، ﺋﻪﺧﻼﻗﻨﯩﯔ ﻳﯩﻤﯩﺮﯨﻠﯩﭗ، ﺋﺎﺩﻩﻣﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﻳﺎﻟﯩﯖﺎﭼﻠﯩﻨﯩﺸﻰ، ﺋﻪﺭﻟﯩﻚ ﻏﯘﺭﯗﺭﯨﻨﯩﯔ ﭘﺎﻳﺨﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﺷﻰ، ﻧﻪﻟﻪﺭﺩﯨﻨﺪﯗﺭ ﺋﺎﯕﻠﯩﻨﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﻧﺎﺭەسىدﯨﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﻧﺎﻟﻪ-ﺯﺍﺭﻯ، ﻣﯘﺯﻻﯞﺍﺗﻘﺎﻥ ﺳﯚﻳﮕﯜ-ﻛﯚﺯ ﺋﺎﻟﺪﯨﻤﺪﺍ ﺯﺍﮬﯩﺮ ﺑﻮﻟﺪﻯ.
     ﺋﯘ ﻧﺎﺧﺸﯩﭽﻰ ﺋﻪﻣﻪﺱ ﺋﯩﺪﻯ، ﺑﻪﻟﻜﻰ ﺷﯧﺌﯩﺮﯨﻴﻪﺕ ﻛﻮﭼﯩﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﺑﯩﺮ ﺳﻪﻳﻴﺎﮪ، ﺋﻪﮔﻪﺭ ﺋﯘ ﻧﺎﺧﺸﯩﭽﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥﺑﻮﻟﺴﺎ، ﮔﯜﻝ-ﭼﯧﭽﻪﻛﻠﻪﺭﮔﻪ ﭘﯜﺭﻛﯩﻨﻪﺗﺘﻰ. ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺴﯩﻤﻼﺭ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻧﺎﺧﺸﯩﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺩﯨﻤﯩﻘﯩﺪﺍ ﭘﺎﺷﯩﺪﻩﻙ ﻏﯩﯖﺸﯩﭗ ﺩﻩﺭﺩﻟﯩﻚ ﻛﯚﯕﯜﻟﻠﯩﺮﯨﮕﻪ ﺗﻪﺳﻜﯩﻦ ﺗﯧﭙﯩﺸﺎﺗﺘﻰ. ﺋﻪﭘﺴﯘﺱ، ﺋﯘ ﺷﺎﺋﯩﺮ! ﺋﯚﺯ ﺧﻪﻟﻘﯩﻨﯩﯔ ﻛﯜﻟﻜﯩﺴﯩﻨﻰ ﺗﻪﯓ ﻛﯜﻟﯜﭖ، ﻳﯩﻐﯩﺴﯩﻨﻰ ﺗﻪﯓ ﻳﯩﻐﻼﭖ ﻳﯜﺭﮔﻪﻥ ﺑﯩﺮ ﺷﺎﺋﯩﺮ. ﺋﯘ ﺳﺎﺧﺘﺎ ﺗﻪﺳﻪﻟﻠﯩﻴﮕﻪ ﻣﻮﮬﺘﺎﺝ ﺋﻪﻣﻪﺱ. ﺋﯘ ﭘﺎﻙ ﺳﯚﻳﮕﯜﻧﻰ ﺷﯧﺌﯩﺮﻟﯩﺮﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻗﻪﺩﯨﺮﻟﻪﻳﺪﯗ. ﺋﯘ ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺑﯩﺮ ﺷﺎﺋﯩﺮﻛﻰ، ﻗﻪﻟﺒﻰ ﻳﯧﻨﯩﭗ ﺗﯘﺭﻏﺎﻥ ﺋﻮﺗﻘﺎ ﺋﻮﺧﺸﺎﻳﺪﯗ. ﺋﻪﻧﻪ ﺷﯘ ﺋﻮﺗﻨﯩﯔ ﮬﺎﺭﺍﺭﯨﺘﯩﻨﻰ ﺧﻪﻟﻘﻘﻪ ﺯﯨﻨﮭﺎﺭ ﺋﺎﻳﯩﻤﺎﻱ ﺗﺎﺭﻗﯩﺘﯩﺪﯗ. ﺷﯘﻧﯩﻤﯘ ﺋﻮﻳﻼﭖ ﻗﺎﻟﺪﯨﻢ: ﺋﯘ ﺑﻪﻟﻜﯩﻢ ﻛﯚﺯ ﻳﯘﻣﻐﺎﻧﺪﺍ ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ ﺧﻪﻟﻘﯩﻤﯩﺰ ﺋﯘ ﮬﺎﻳﺎﺕ ﯞﺍﻗﺘﯩﺪﺍ ﺗﯘﺗﺎﻟﻤﯩﻐﺎﻥ ﮔﯜﻟﺪﻩﺳﺘﯩﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻗﻪﺑﺮﻩ ﺑﯧﺸﯩﻐﺎ ﻗﻮﻳﯘﺷﺎﺭ، ﺋﯘﻧﻰ ﻣﻪﺩﮬﯩﻴﯩﻠﻪﭖ ﺷﯧﺌﯩﺮ-ﻗﻮﺷﺎﻗﻼﺭﻧﻰ ﺗﻮﻗﯘﺷﺎﺭ، ﺷﺎﺋﯩﺮﻧﻰ ﺳﯚﻳﮕﻪﻥ، ﻗﻪﺩﺭﯨﮕﻪ ﻳﻪﺗﻜﻪﻥ ﺳﯩﻴﺎﻗﻘﺎ ﻛﯩﺮﯨﯟﯦﻠﯩﭗ ﺋﯜﻧﺴﯩﺰ ﻳﺎﺷﻤﯘ ﺗﯚﻛﯜﺷﻪﺭ... ﭼﯜﻧﻜﻰ، ﺑﯘ ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﻗﺎﻥ-ﻗﯧﻨﯩﻤﯩﺰﻏﺎ ﺳﯩﯖﮕﻪﻥ ﺋﺎﺩﯨﺘﯩﻤﯩﺰﺩﻩﻙ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ. ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ھېكمەﺗﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰﻧﯩﻤﯘ ﻗﻪﻳﺖ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺋﯚﺗﯜﺷﻜﻪ ﺋﻪﺭﺯﯨﻴﺪﯗ: «ﯞﺍﻗﺘﻰ ﺋﯚﺗﻜﻪﻧﺪﻩ ﻗﯩﻠﯩﭽﯩﯖﻨﻰ ﭘﻮﻗﻘﺎ ﭼﺎﭖ»، «ﺗﯩﺮﯨﻜﻠﯩﻜﺘﻪ ﺋﻪﺗﻤﯩﺪﯨﯔ ﻳﺎﺩ، ﺋﯚﻟﮕﻪﻧﺪﻩ ﭼﻪﻛﺘﯩﯔ ﭘﻪﺭﻳﺎﺩ».

بۇ ماقالە «قومۇل ئەدەبىياﺗﻰ» ژۇرنىلىنىڭ 2005-يىللىق 2-ﺳﺎنىدا ئېلان قىلىنغان.

ۋاقتى: 2015-8-15 02:38:42 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇيغۇرلارنىڭ شېئرىيەت تارىخىنى ۋاراقلاپ باقساق 5000يىللىق تارىخقا ئىگە بۇ مىللەتتە ھازىرغىچە ئوتكەن  شائىرلارنىڭ ھېچقايسىسىنىڭ بىراقلا 10 پارچە توپلىمى نەشىر قىلىنمىغان .دوستىمىز غوجا ئۇيغۇر تارىخىدىكى ئەڭ تەلەيلىك ،ئەڭ بەختلىك شائىر .
غۇجىمۇھەممەت مۇھەممەتنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى ئىجادىيىتىگە تېخىمۇ زور ئۇتۇق تىلەيمەن!

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-8-16 21:00:05 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەلدەربەگ، مىنىڭ ئاۋۇ يەكۇنىمدە مەسىلە بارمۇ -قانداق ؟

ۋاقتى: 2015-8-17 02:49:02 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
jallat يوللىغان ۋاقتى  2015-8-16 21:00
ئەلدەربەگ، مىنىڭ ئاۋۇ يەكۇنىمدە مەسىلە بارمۇ -قانداق ؟ ...

جاللاتكا، ئاۋۇ گەپلەرنى ئويلىنىپراق دېگۈلۈكتى. مېنىڭچە سىزنىڭ ھېسسىي تېمپراتۇرىڭىز 5000 سېلىسىيە گرادۇسقا يەتكەندەك تۇرىدۇ. بىر ئوبدان سۆزلەۋېتىپ چەلگىتىدىكەنسىز.
لېكىن تەشەببۇسىڭىزنى ۋە ئاساسلىق پىكىرلىرىڭىزنى قوللايمەن. مەنمۇ غوجىكامنىڭ سادىق ئوقۇرمىنى.

ۋاقتى: 2015-8-17 03:51:12 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىرنى بىر دەيدىغان بۇ جاھىل قىرىندىشىمىز شىئىر بىلەن مۇشۇنداق جان تىكىپ ئ‍ېيتىشىۋەرسە پات پۇرسەتتە ئ‍ۇنۇڭ كىيىنكى ئ‍ون توم كىتاۋىنى كۈرۈششىمىز ئ‍ۇنچە يىراق گەپ ئ‍ەمەس ئ‍وخشايدۇ

ۋاقتى: 2015-8-17 13:19:34 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
چەتئەلدە بىر ئادەمنىڭ ئىجادىي ئەمگەكلىرىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈشتىن سىرىت شۇ ئادەمنىڭ ئۆزىنى تەتقىق قىلىدىغان مەخسۇس كىشىلەر بولىدىكەن. بىزدىمۇ غوجىمۇھەممەدشۇناس، ئادىل تۇنيازشۇناس، ئابدۇقادىر جالالىدىنشۇناس...لار چىقسا بولاتتى...

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-10-23 19:00:56 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家协会网
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش