ئاسمىنىم ئايدىن يىراق
(غەزەللەر)
1
پارە- پارە بۇ تېنىمنىڭ ئەۋۋىلى تۇپراق ئىدى،
بەلكى تۇپراق ئوت، ھاۋا، سۇدىنمۇ ھەم خوپراق ئىدى.
مەن يارالمىشتا نىچۈن باش تارتتى ئىبلىس سەجدىدىن،
بەلكى تۇپراق بىرلە ئوت بىر لەھزىدە قوشماق ئىدى.
ئېشىق ئىلە دۇتار چېلىپ كىرسەم كى مەن يار كۆڭلىگە
بەلكى ئۇ ئايۋاندا ئىبلىس مەي ئىچىپ خۇشۋاق ئىدى.
كۆممىسە قەلبىمگە ئاللاھ ئىشقىنى گەۋھەر قىلىپ،
بەلكى ئۇ قەلبىم مېنىڭ بىر قۇپقۇرۇق قازناق ئىدى.
بۇ ۋۇجۇد يوقلۇقتىكى بىر باغكى ئىشرەت شادىدە،
شادىسىز ئۇ داغى- ھېجران يايلىغان يايلاق ئىدى.
ئاينى ئاسمانغا تېگىشمەس كىم قۇياشى بولمىسا،
ئول قۇياش بەلكى پىراقتىن چاچرىغان چاقماق ئىدى.
ئەي غوجى، ئالەم بىنا بولغاندا ئادەم ئەۋۋىلى
رەببىسى سۆيگۈ ئېلىگە قادىغان بايراق ئىدى.
2
ئىختىيار، جاڭگال باياۋان ياكى ئاينىڭ ياغلىقى،
ياكى چۆلدىن بىر پىيالە، ياكى گۈلنىڭ باغلىقى.
يا قەلەندەر توغرىقىدىن كۆكلىگەن بىر شاخ غەزەل،
ياكى كۆز ياشتىن توقۇلغان سۆيگۈنىڭ قولياغلىقى.
يا قەسەمگە ئەگىشىپ ماڭغاندا جىن بىئىختىيار،
پۇتلىشىپ كەتكەن گۇگۇمنىڭ تاڭغىچە ئويغاقلىقى.
تۆگىدەك چۆككەندە يەرگە قەبرىلەر ئۇخلاپ قىلىپ،
يا قۇياشنىڭ كۆكتىكى ئىشرەت ئىلە خۇشۋاقلىقى.
ئايغا ئاققان بىر ئىرىقنىڭ نالىسىدىن بىر قەدەھ،
ئىككى يۇلتۇزنىڭ پەلەكتە مەست بولۇپ قۇسماقلىقى.
ياكى يارنىڭ كۆڭلىكىدىن يىرتىلىپ مەجنۇن شامال،
بوپ بىگانە، ھەستۇ- ھەيران دەشتمۇ- دەشت قاچماقلىقى.
ياكى تەقدىرنىڭ مۇھەببەت ئەھلىگە زەخمەت قىلىپ
قانۇ- ياشتىن زەپ ئېسىل بىر جام شاراب تۇتماقلىقى.
3
ئايمۇ ئاسماندا يىگانە، يەردە يارىم يوق مېنىڭ،
تەندە جانىم بىر دىۋانە، يوقۇ- بارىم يوق مېنىڭ.
مەندىكى ئالەمدە مەن يوق، كۆككە باقسام تەلمۈرۈپ
قەبرىلەر تارتار پۇتۇمنى، ئىختىيارىم يوق مېنىڭ.
تاج تاقار قانىم قىزىل گۈلگە سۇنۇق ھېجران ئىلە،
مۇزلىغان ياشىمدا چاقنار نەۋ باھارىم يوق مېنىڭ.
ئىككى ئەينەكتەك ئۆزۈمگە مەن ئۇدۇل بولغان ئۆلۈم،
نە ئۆزۈمدە تۇرغىلى بىردەم قارارىم يوق مېنىڭ.
ھەر كۈنى ئۆلسەم كۆزۈمدىن ئاتسا تاڭ زۇلمەت ئىلە،
نە قۇياشكى، يەرۇ- ئاسماندا مازارىم يوق مېنىڭ.
يارىسىز دىل پىت بېسىپ كەتكەن قەلەندەرخانىدۇر،
ئۇندا ئەسكى بورىيادەك ئېتىبارىم يوق مېنىڭ.
يەتتە ئىقلىمغا ئايان، كۆڭلۈم پىراق دۇتارىدۇر،
چالغىلى پەرياد ئىلە دۇتاردا تارىم يوق مېنىڭ.
4
ئاسمىنىم ئايدىن يىراق، قىينار يۈرەكىمنى پىراق،
نەكى يارىمنى كۆرەي ئاھ، يانمىسا دىلدا چىراق.
كۆز يېشىمنىڭ زەنجىرىنى ئۈزگىلى بىر غۇنچە يوق،
نەكى، غۇنچە تۈرمىسىدە ياتمىقىم گۈلدىن ئۇزاق.
نە مۇقامنىڭ خۇرجۇنىدىن تۆكۈلۈپ بىر تال غەزەل،
نە ئىشىقنىڭ ئەستىرىدىن يىرتىلىپ كەتكەن قوشاق.
نە ئوتۇنچى ناخشىسىدىن لالە- رەيھان لەۋلىرى،
بىر سۆيۈپ نە چۆل- باياۋانغا قېچىپ كەتكەن بۇلاق.
ماڭسا ھەيدەپ قويلىرىنى جاڭگىلى- تەندىن ئەجەل،
ناخشا ئىيتىپ نەكى جاننىڭ ئالدىدىن ئۆتكەن پىچاق.
جاننى تەندىن ئايرىغان ئاھ، نە ئۆلۈم خامانلىرى،
ئۆلسە- ئۆلسە يا تۈگەر، يا تۈگىمەس بۇ ئىشتىياق.
ئەي غوجى، ياردىن نىشانە تەندىكى جانىڭ سېنىڭ،
جان ئارا جاناننى كۆر، بولغىن خىجالەتتىن يىراق!...
5
ئايرىلىپ ياردىن، مېنىڭ دەردىم مۇھەببەتتىن گۈزەل،
يىغلىسام ھەقكە، مېنىڭ ئەرزىم ھەقىقەتتىن گۈزەل.
ئالسا ھەق جانىمنى يارنىڭ دەردىدە شەپقەت قىلىپ،
بۇ ماڭا ئالەمدىكى بارچە ئادالەتتىن گۈزەل.
نە گۇناھ، باغرىمغا باسسام دىلدىكى يارىمنى مەن؟
يارنى بىر سۆيمەكلىكىم بەلكى ئىبادەتتىن گۈزەل.
گەر سۈكۈت ئىچرە ئۆزۈم يالغۇز مۇشائىر ئەيلىسەم،
مەي ئىچىپ دىلبەر بىلەن سۈرگەن پاراغەتتىن گۈزەل.
داد ئېتىپ جەھلى ئىشىق، يوق يارنى بار قىلسا ئۆلۈم،
بۇ ماڭا ئىككى جاھان كۆرگەن شاپائەتتىن گۈزەل.
ئۆلتۈرۈپ يارنى مۇھەببەت قەستىدە، مەن يار ئۈچۈن
ئەيلىسەم قەلبىمنى گۆر، يوق بۇ جىنايەتتىن گۈزەل.
ئەي غوجى تا ئۆلگىچە كەزسەڭ بۇ سۆيگۈ دەشتىنى،
ئۇچرىماس قەلبىڭ ئۈچۈن بەلكى ئىتائەتتىن گۈزەل؟!
6
يارىيار ھارۋامنى ھەيدەپ چاچلىرىڭ بوستانىدا،
مەن ئالاي بىردەم ئارام كىرپىكلىرىڭ ئورمانىدا.
سۇندۇرۇپ دەشتى ئەجەمنىڭ شاخىدىن بىر تال غەزەل،
مەن چالاي ئىشقىي ئەجەلنى بۇ ھايات ئايۋانىدا.
نەكى جىن قاچسا زاۋالغا كىندىكىڭ مازارىدىن،
مەن ئۆلەي بارچە ئۆلۈكنىڭ مۇزلىغان گۈلخانىدا.
سۇ توشۇپ كۆككە كۆزۈڭنىڭ ئېقىدىن يامغۇر ياغاي،
ياتقۇزاي بىردەم سېنى گۈلنىڭ قىزىل زىندانىدا.
مەندە كىم سەندىن بۆلەك ئەينەككە باققان نەۋباھار،
سەندە كىم ياتقاي مېنىڭدەك ئىشتىياق ھايۋانىدا؟
نە شاراب ياپراقلىرىنىڭ ياپيېشىل ئەپسانىسى،
نە يەنە يۈردۈم سېنىڭسىز بۇ ئىشىق كارۋانىدا؟
ھەسرىتا، يار دەپ سېنى دار ئىستىدىم مەشرەپ كەبى،
قوغلىما غۇنچە بويۇڭدىن بۇ ئۆلۈم جەريانىدا!
7
مەنگە مەن قايدىن كېلۇر مەندىن ماڭا يول بولمىسا؟
مېنى مەن قانداق قۇچاقلار مەندە ئەگەر قول بولمىسا؟
كىم مېنى تارتىپ ئۆزۈمدىن مەن يىراق كەتمەكتمەن،
قايتقىلى ئۆلسەم بۇ تۇپراققا تېنىم قۇل بولمىسا؟
ئىچكىرىم قانداق ئىرۇر، قەلبىمگە شام ياندۇرمىسام،
سۇ بولۇپ ئوت ئىچرە يا ئىشقىمدا مەھسۇل بولمىسا؟
چاقىرار ئايدىڭ كېچە ئاپئاق سوڭەكىمنى مېنىڭ،
قان بىلەن قىلسام دۇئا جەڭلەردە مەقبۇل بولمىسا؟
ئەڭلىدىن تۈزگەن قەلەندەرمەن مۇقام تەمبۇرلىرى،
سولسا گۈل ئالەمدە ئاھ، قەلبىمدە بۇلبۇل بولمىسا؟
كىم كىيەر ئەسكى جاپان ئەيلەپ بۇ دۇنيانى بۈگۈن،
ئاشىقى ئاۋارىنىڭ سەرگەشتى جۇل- جۇل بولمىسا؟
ئىزدىمە ئەينەك دېدى، باققىن ئۆزۈڭنىڭ كۆڭلىگە،
مەشرەبى سەرسانمىدى گەر كۆڭلى چۇل- چۇل بولمىسا؟!
8
بۇ مېنىڭ ئۆمرۈم مۇھەببەتسىز مۇھەببەتنامىدۇر،
نەزمە ھەم ئەشئارلىرىم بەلكى پىراق ئەييامىدۇر.
قازسا كىم ئىشق كەتمىنىدە تا ئەبەد ئالتۇن- كۈمۈش،
مىسلى بىر تاغ ئاستىدا قەلبىم مۇشەققەت كانىدۇر.
سۆيسە كىم يارى ئۇنىڭكى مەن، مېنىڭ يارىم ئەمەس،
تا ئەبەد قەلبىمگىچە ئات چاپتۇرۇپ ئاۋارىدۇر.
سۈبھىدە كۆرگەن چۈشۈمنىڭ يوللىرى تەڭرىمگىچە،
كىرپىكى گۈل ئەستىرىنىڭ سېھرىگەر بارخانىدۇر.
جىنلىرى كەتكەن قېچىپ بىر ئەسكى تۈگمەن چاچلىرى،
قوينىدا ئايەت ئوقۇپ تۇرغان ئۇنىڭ شەيتانىدۇر.
بارمىقى رەت- رەت ئۆلۈم قوپقان زەرەتگاھتۇر گويا،
دەرد- ئەلەم، رەنجى- بالالار بوينىدا مارجانىدۇر.
يار ئۈچۈن يىغلاپ ھاياتنىڭ پاتقىقىغا پاتتى دىل،
ئەي غوجى يىغلا يەنە، قەلبىڭ مۇھەببەت جامىدۇر.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا پارىسا تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-4-1 17:38