كۆرۈش: 353|ئىنكاس: 9

زوردۇن سابىر ھەققىدە ئىزدىنىشلەردىكى بىر قىسىم [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1159
يازما سانى: 45
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 185
تۆھپە : 0
توردا: 22
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-3

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-5-31 15:58:41 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

زوردۇن سابىر ھەققىدە ئىزدىنىشلەردىكى بىر قىسىم خاتالىقلارغا تۈزىتىش


ئابدۇرېشىت ئوسمان


( غۇلجاشەھەرلىك3 -ئوتتورا مەكتەپتىن )



ھازىر ئاپتونۇم رايونىمىزدا نەشىر قىلىۋاتقان بىر قىسىم گىزىت - ژۇرناللاردا بۈگۈنكى دەۋر ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدىكى سەردار يازغۇچى زوردۇن سابىرنىڭ ھاياتى ۋە ئۇنىڭ ئىجادىيتى ھەققىدە يېزىلغان 4 پارچىدىن ئارتۇق تەتقىقات ۋە ئەسلىمە كىتاب، 80 پارچىدىن ئارتۇق ئەدەبىي ئوبزور، 30 پارچىدىن ئارتۇق ئەسلىمە ۋە 20 پارچىدىن ئارتۇق مەرسىيە ئېلان قىلىنىپ، بۈگۈنكى دەۋر ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا كەم كۆرۈلىدىغان ئەدەبىيات ھادىسىسى پەيدا قىلدى. شۇنداقلا پات ئارىدا « زوردۇنشۇناسلىق ئىلىمى» نىڭ روياپقا چىقىشىغا ئاساس يارىتىلدى.
مەن بىر ئەدەبىيات ھىرىسمىنى بولۇش سۈپتىم بىلەن زوردۇن سابىرنىڭ نەشىر قىلىنغان ئەسەرلىرىنىڭ ھەممىسىنى دېگۈدەك زور ئىشتىياق بىلەن ئوقۇغان، ھەتتا بەزى ئەسەرلىرىنى قايتا- قايتا ئوقۇغان، يەنە زوردۇن سابىر ۋە ئۇنىڭ ئەدەبىي ئىجادىيتى ھەققىدە ئېلان قىلىنغان ئەدەبىي ئوبزور ، ئەسلىمە ۋە مەرسىيلەرنىڭ بىرىنى قويماي ئىزدەپ - سوراپ يۈرۈپ ھەممىسىنى تولۇق ئوقۇپ چىققان. شۇنداقلا مەن بىر تىل - ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىسى بولۇش سۈپتىم بىلەن يازغۇچى زوردۇن سابىرنىڭ تولۇقسىز ۋە تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئۈچۈن تۈزۈلگەن ئىلگىرىكى ۋە ھازىرقى تىل - ئەدەبىيات دەرسلىك كىتابىغا كىرگۈزۈلگەن «ئارچا ياپرىقى» (پوۋېسىتتىن پارچە) ،«قوشنىلار»، « دولان ياشلىرى» ، «ئىزدىنىش» (روماندىن پارچە) ،« ئوغلاق تارتىش» ( « ئانا يۇرت » رومانىدىن پارچە)،«ساداقەت»  قاتارلىق ئەسەرلىرىنى دەرسخانىدا ئوقۇغۇچىلار بىلەن كۆپ قېتىم مۇھاكىمە - مۇلاھىزە قىلغان. مەن يازغۇچى زوردۇن سابىرنىڭ ئۆمۈر مەنزىلى ۋە ئەدەبىي ئىجادىيىتى ھەققىدە ئېلان قىلىنغان بارلىق ماقالە- ئەسەرلەرگە دېققەت قىلىپ، بىر قىسىم ماقالە - ئەسەرلەردىكى خاتالىق - نۇقسانلارنى بايقىدىم ۋە بۇنى ۋاقتىدا تۈزىتىپ توغرىلاشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى ھېس قىلدىم.
«تارىم » ژۇرنىلىنىڭ 1985- يىللىق 3- ساندا « ئىقتىدارلىق يازغۇچى زوردۇن سابىر» دېگەن ماۋزۇدا زوردۇن سابىرنىڭ قىسقىچە ئۆمۈر مەنزىلى ۋە ئەدەبىي ئىجادىيتى تونۇشتۇرۇلغان . مۇشۇ ماقالىدە « زوردۇن سابىر 1937- يىلى غۇلجا شەھىرىنىڭ بايتۇقاي يېزىسىدا دېھقان ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن» دەپ يازغۇچى زوردۇن سابىرنىڭ تۇغۇلغان ۋاقتى ۋە يۇرتى خاتا يېزىلغان . توغرىسى« زوردۇن سابىر 1935- يىلى 4- ئاينىڭ 5- كۈنى ھازىرقى غۇلجا ناھيىسىنىڭ يېڭىتام يېزىسى تۆۋەنكى ئون ( بوستان ) مەھەللىسىدە تۇغۇلغان» دەپ ئېنىق ئېلىنىشى كېرەك. يازغۇچى زوردۇن سابىرنىڭ تەرجىمھالى يېزىلغان گىزىت- ژۇرنال ۋە ۋە كىتابلاردا زوردۇن سابىرنىڭ توغۇلغان يىلى بىردەك «1937- يىل دەپ يېزىلىپ كېلىۋاتقان ئىدى، ئەمەلىيەتتە يازغۇچى زوردۇن سابىر1935- يىلى 4- ئاينىڭ 5- كۈنى تۇغۇلغان. ئۇنداق مۇنداق سەۋەپلەر بىلەن زوردۇن سابىرنىڭ كىملىك گۇۋاھنامىسىدا «1937- يىلى 4- ئاينىڭ 5- كۈنى» دەپ يېزىلىپ كەتكەن. يازغۇچى زوردۇن سابىرنىڭ تۇغۇلغان يىلى ھەققىدە تۇنجى بولۇپ ئەدىب ئابلەت ئابدۇللا دادىللىق بىلەن « تەڭرىتاغ» ژورنىلىنىڭ 2011- يىللىق 5- سانىدا ئېلان قىلغان «ئولۇغ قەرىزدار، ئولۇغ يازغۇچى زوردۇن سابىر» ناملىق بىيۇگرافىك ئەدەبىي خاتىرىسدە« ... زوردۇن سابىر مانا مۇشۇنداق گۈزەل ماكاندا دۇنياغا كۆز ئاچتى. بۇ مىلادىيە 1935- يىلى ‹ دېھقانلار كالىندارى بويىچە توڭگوز يىلى› 4- ئاينىڭ 5- كۈنى ئىدى» (9- بەت) دەپ يازغان. مەنمۇ ئەدىب ئابدۇللاغا ئوخشاش يازغۇچى زوردۇن سابىرنىڭ تۇغۇلغان يىلىنى بۇندىن كېيىن مەتبوئاتلاردا« 1935-يىل» دەپ ھەقىقى ئېلىنىشىنى تولىمۇ ئۈمىد قىلىمەن.  
شىنجاڭ ئىلىكتىرۇن ئۈن- سىن نەشىرياتى نەشىر قىلغان تۇرسۇنبەگ ئىبراھىم تايماس ، قوربانجان باقى ئاپتورلىقىدىكى بىلقۇت بالىلار شەخىس ھېكايىلىرى مەجمۇئەسىنىڭ « زوردۇن سابىر » ناملىق سۈرەتلىك كىتاپچىدا مۇنداق دەپ يىزىلغان: « 1937- يىلى غۇلجا ناھىيىسىنىڭ يىڭىباغ يېزىسى بوستان كەنتىدىكى سابىرئاخۇن ئىسىملىك دېھقان ئائىلىسىدە بىر ئوغۇل بۇۋاق يورۇق دۇنياغا كۆز ئىچىپ ،....»  دېگەن تەپسىلاتقا زوردۇن سابىر تۇغۇلغان يېزىسىنىڭ نامىنى « يېڭباغ » دەپ خاتا يېزىپ قويغان، يەنە بۇ كىتابچىدا « زوردۇن سابىرنىڭ دارىلمۇئەللىمىندىكى ئىزدىنىش ۋە ئىجادىيەتلىرىنىڭ نەتىجىسى سۈپىتىدە ، ئۇ لەنجۇغا بىرىشتىن ئىلگىرى ئۇنىڭ « چېنىقىش » قاتارلىق بىر قانچە ھېكايىلىرى گېزىت - ژۇرناللاردا ئىلان قىلىنىپ، .... » دەپ يېزىپ زۇنۇن قادىرنىڭ  «چېنىقىش » ھېكايىسىنى زوردۇن سابىرنىڭ ھېكايىسى قىلىپ خاتا يېزىپ قويغان .
ئىلى پېداگوگىكا ئىنىستىتۇتى ئوقۇتقۇچىلىرىدىن مەريەم قۇربان، ئابلىكىم ئابدۇراخمان، شەرىپە غوپۇر قاتارلىقلار ئاپتورلىقىدا 2008 - يىلى 10 - ئايدا شىنجاڭ ئونىۋېرسىتېتى نەشىرىياتى تەرىپىدىن نەشىر قىلىنغان « زوردۇن سابىرنىڭ ئەدەبىي ئىجادىيىتى ھەققىدە تەتقىقات » ناملىق كىتابىنىڭ 14- بېتىدە زوردۇن سابىرنىڭ ئوقۇش ھاياتى : « ئۇ 1954- يىللارغىچە باشلانغۇچ ۋە ئوتتۇرا مەكتەپنى ئۆز يېزىسىدا تاماملاپ ، شۇ يىلى ئەخمەتجان قاسىمى نامىدىكى بىلىم يۇرتىغا ئوقۇشقا كىرىدۇ » دەپ؛ ئازاد رەخمىتۇللا سۇلتان، كېرىمجان ئابدۇرېھىملار ئاپتورلىقىدىكى 2006- يىلى مەركىزىي مىللەتلەر نەشىرىياتى تەرىپىدىن نەشىر قىلىنغان « ئۇيغۇر ئەدەبىياتى تارىخى » ( 4- قىسىم ) ناملىق كىتابنىڭ 557- بېتىدە:  « ... ئۆز يېزىسىدا باشلانغۇچ مەكتەپنى ئوقۇپ تاماملىغاندىن كېيىن، ئىلى دارىلمۇئەللىمىن مەكتىپىگە ئوقۇشقا كىرگەن » دەپ خاتا يېزىلغان. ئەدىب توختاخۇن ناسىرى « ئىلى دەرياسى » ژورنىلىنىڭ 2003- يىللىق 2- سانىدا ئىلان قىلغان « ئۆلمەس ئابىدە » ناملىق ئەسلىمىسىدە « زوردۇن سابىر ‹ بىلىم يۇرتى › نى 1957- يىلى پۈتتۈردى دەپ خاتا يازغان . ئەسلىدە زوردۇن سابىر 1946- يىلى ئۆز يېزىسىدىكى باشلانغۇچ مەكتەپكە ئوقۇشقا كىرگەن. ئۇ 3- سىنىپنى پۈتتۈرگەندە ئۆز يېزىسى يېڭتامدا باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ يۇقىرى يىللىقى بولمىغاچقا، داۋاملىق ئۆرلەپ ئوقۇشقا ئامالسىز قېلىپ يەنە ئۈچۈنچى سىنىپنى قايتىلاپ ئوقۇغان. 1950- يىلى 9- ئايدا غۇلجا ناھىيە 5- رايوننىڭ مائارىپ مەسئولى زاماندىن ئەپەندى زوردۇن سابىرنىڭ ئۆرلەپ ئوقۇش ھەۋىسىنىڭ كۈچلۈكلىكىنى كۆرۈپ ئۇنى قوشنا يېزا __ ئارائۆستەڭ يېزىسىنىڭ ئارا مەھەللىسىدىكى باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ 4- سىنىپىغا تىزىملىتىپ قويغان. زوردۇن سابىر باشلانغۇچ مەكتەپنى 1952- يىلى 7- ئايدا ئارا ئۆستەڭ يېزىسىدا تاماملىغان. ئۇ 1952- يىلى 9- ئايدا غۇلجا شەھىرىگە كىرىپ ئىلى مەكتەپتە ناغرىچى مەھەللىسىدىكى تۇغقىنى زەينەپخان موماينىڭ ئۆيىدە ،كېيىنچە مەكتەپ ياتىقىدا يېتىپ ئوقۇغان. ئۇ 1954- يىلى 7- ئايدا ئىلى مەكتەپتە تولۇقسىز ئوتتۇرىنى پۈتتۈرگەن . 1954- يىلى 9- ئايدا ئەخمەتجان قاسىمى نامىدىكى ئىلى بىلىم يۇرتى (ئىلى گېمنازىيىسى) نىڭ پىداگوگىكا سىنىپىغا ئوقۇشقا كىرگەن. شۇ يىلى ئەخمەتجان قاسىمى نامىدىكى ئىلى دارىلىمۇئەللىمىن (ھازىرقى ئىلى پىداگوگىكا ئىنىستىتۇتى) قۇرۇلغاندا ئىلى بىلىم يۇرتىنىڭ پىداگوگىكا سىنىپ ئوقۇغۇچىلىرى يېڭى مەكتەپكە كۆچۈپ كىرگەن. زوردۇن سابىر بۇ مەكتەپنى 1957- يىلى 6- ئايدا ئەلا نەتىجە بىلەن پۈتتۈرگەن.
يازغۇچى ئەختەم ئۆمەرنىڭ « تەڭرىتاغ» ژۇرنىلىنىڭ 2002- يىللىق 4- سانىدا ئېلان قىلىنغان « ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدىكى سەردار يازغۇچى - زوردۇن سابىر» ناملىق ماقالىسىدە زوردۇن سابىرنىڭ ئۆسۈپ - يېتىلىش كەچۈرمىشلىرى ئۈستىدە توختىلىپ: « زوردۇن ئەپەندى ئىلى دەرياسى ۋادىسىدىكى ساپ ھاۋالىق توقايلىق ۋادا - بوستان كەنتىدە ئولتۇرۇشلۇق جاپاكەش دېھقان سابىر ئاخۇننىڭ ئوتتورانچى ئوغلى ئىدى. ئۇ 4 يىشىدا ئاتىسىدىن ، ئۇزاققا قالماي ئانىسىدىن يىتىم قىلىپ ، ئىنىسى مۇسەللىم ، سىڭلىسى بانۇم بىلەن بىر قاتاردا ئاكىسى نۇرۇم سابىرغا قالىدۇ...» دەپ خاتا يازىدۇ. يازغۇچى زوردۇن سابىرنىڭ ئانىسى ئانارگۈل 1942- يىلى زوردۇن سابىر يەتتە ياش چىغىدا كېسەل سەۋەبى بىلەن تۈگەپ كەتكەن. بۇ ئائىلىدىكى نۇرۇم، زوردۇن، مۇسەللىم ، بانۇم قاتارلىق تۆت پەرزەنتىنى سابىر غازى ئاكا قايتا ئۆلەنمەي ھەم دادا ھەم ئانا بولۇپ قاتارغا قاتقان. سابىر غازى ئاكا 1976- يىلى 8 – ئاينىڭ 28- كۈنى 83 يېشىدا كېسەل سەۋەبىدىن ئۈلۈپ كەتكەن.
شىنجاڭ ئۇنۋىرستىتى تىل ئىنىستېتۇتىنىڭ دوكتورى مۇھەممەد ھوشۇر « تارىم» ژۇرنىلىنىڭ 2007- يىللىق 10- سانىدا ئېلان قىلغان « ھايات كەچۈرمىشلىرىنىڭ زوردۇن سابىر ئىجادىيتىگە كۆرسەتكەن تەسىرى» ناملىق ماقالىسىدە نۇربانۇم نۇرۇمنىڭ « ئىلى دەرياسى» ژۇرنىلى 2006- يىللىق 6- سانىدىكى « دادامنىڭ زوردۇن سابىر ھەققىدە ئېيتقانلىرى ۋە باشقىلار» ناملىق ماقالىسىدىن « ... گەرچە ئۆزى شەھەردە ئوقۇپ يۈرگەن بولسىمۇ ، تەتىلدە مەھەللىلەردە ئۆتكۈزۈلگەن توي - تۈكۈن ، مەشرەپلەردىن قالمايتى، ئۇ توي قىلىپ تۆتىنچى بالىسى تۇغۇلغاندا دادام ئۇنىڭ ئاشۇ مىجەزىنى كۆزدە تۇتۇپ ، ئۇنىڭ ئوغلىنىڭ ئىسمىنى ‹مەشرەپ› دەپ قويدى» دەپ ئالغان سىتاتا مەنبەسىدە « زوردۇن سابىرنىڭ ئوغلى مەشرەپ ئۇنىڭ تۆتىنچى بالىسى » دېگەن خاتالىقنى تەكرالىغان. ئەسلىدە مەشرەپ زوردۇن سابىرنىڭ دەسلەپكى ئايالى پاتىگۈل خانىمدىن تۇغۇلغان ئۈچ پەرزەنتىنىڭ ئىككىنچىسى ئىدى.
تۇردى داۋۇتنىڭ « ئىلى تارىخ ماتىرىياللىرى» (11- قىسىم) دا ئېلان قىلغان « ئۇ مەڭگۈ ھايات» ناملىق ئەسلىمىسىدە : « مەن يازغۇچىنىڭ ئەڭ دەسلەپ ‹ ئىلى گىزىتى› دە ئېلان قىلىنغان ‹ تاغ كەينىگە ئۆتكىچە› ، ‹ گۆھەر بۇۋاينىڭ كۈنلىرى›، كېيىنچە ‹ تارىم› ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغان ‹ دولان ياشلىرى› ناملىق نادىر ھېكايىلىرىنى ئوقۇپ، ئۆزىنى بىر كۆرۈشنى ئارزۇ قىلىپ يۈرەتتىم، بۈگۈن ئارزۇيۇم ئەمەلگە ئاشتى» دەپ يىزىپ، يازغۇچى زوردۇن سابىرنىڭ ھېكايىلىرىنىڭ نامىنى خاتا ئىلىپ قويغان. ئەدىب توختاخۇن ناسىرى «ئىلى دەرياسى» ژورنىلىنىڭ 2003- يىللىق 2- سانىدا ئىلان قىلغان « ئۆلمەس ئابىدە » ناملىق ئەسلىمىسىدە « 1971- يىلى ئۇنىڭ تۇنجى ھېكايىسى ‹ تاغ كەينىگە ئۆتكىچە› ئىلان قىلىنغاندىن باشلاپ كەينى -  كەينىدىن نۇرغۇن مۇنەۋۋەر ھېكايىلىرى ئىلان قىلىندى » دەپ ؛ ئەدىب ماخمۇت مۇھەممەد « شىنجاڭ ياشلىرى » ژۇرنىلىنىڭ 2009- يىللىق 3- سانىدا پولات ئاماننۇرى بىلەن ئۆتكۈزگەن « يۇرت ئوغلىنىڭ ئابىدىسى » ناملىق زىيارەت خاتىرىسىدە « زوردۇن سابىر ئاكا 1971- يىلى ئىلى گېزىتىدىكى تۇنجى ھېكايىسى ‹ ئارغىبەتكە ئاشقۇچە › نى ئىلان قىلغان، دەپ بۇ ئەسەرنىڭ ئىلان قىلىنغان ۋاقتىنى خاتا بايان قىلغان. ئەدىبى ئوبزورچى ئابدۇۋەلى كەرىم « ئىلى دەرياسى » ژورنىلىنىڭ 2008-  يىللىق 4- سانىدا ئىلان قىلغان « نۇرلىنىپ ئاققان يۇلتۇز » ناملىق ئەسلىمىسىدە «... بىز ئەنە شۇ قاشتا يۇرۋاتقان كۈنلىرىمىزنىڭ بىرىدە 1975- يىلى 5- ئايلاردا زوردۇن مېنى ئىزدەپ قاراباغ كەنتىگە كېلىپ قالدى، ئۆزىنىڭ دېيىشىچە بىر قانچە يىلدىن بىرى شەھەر ، ۋىلايەتلىك تەشۋىقات ئورۇنلىرىدا تەرجىمان بولۇپ يۇرۇپ، بىرەر يىلدىن بىرى مەخسۇس يېزىقچىلىق ئىشىغا بەلگىلىنىپ ‹ ئىلى يېزىلىرىدىكى سىنىپى كۈرەشنىڭ يېڭى يۈزلىنىشى › نى ئىپادىلەيدىغان بىر رومان يېزىپ چىقىپتۇ.
- سىلەرنىڭ تىل – ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىلىرىنى تەربىيلەش سىنىپىنى ئاچقىنىڭلارنى ئاڭلاپ سېنى ئىزدەپ كېلىشىم . ئىلاجى بولسا كونا يېزىقنى بېلىدىغان بالىلاردىن بىر قانچىنى ئاجرىتىپ،  يازغانلىرىمنى ئاققا كۆچۈرتۇپ بەرسەڭ؟ - دەپ تەلەپ قىلدى. مەن خەت پوچۇركىسى چىرايلىق ئالتە ئوقۇغۇچىنى تاللاپ ئۇنىڭ 380 بەت ئارگىنالىنى كۆچۈرگۈزۈپ بەردىم. بۇ ئۇنىڭ تۇنجى رومانى ‹ ئابرال شاماللىرى › ئىدى. ئوقۇغۇچىلارنىڭ كۆچۈرۈش ئىشلىرىغا يىتەكچلىك قىلىپ  يۇرۇپ روماننى بىر قىتىم ئوقۇپ چىقىپ زوردۇننىڭ ئەمدى رەسمى يازغۇچى بولۇپ چىققانلىقىغا ئىقرار بولدۇم . بۇنىڭدىن بىر يىل بۇرۇن ئىلى گىزىتىدە ئىلان قىلغان ‹ ئارغىبەتكە ئاشقۇچە › دېگەن ھېكايىسىنىمۇ ئوقۇپ خۇشال بولغان ئىدىم ... » دەپ يېزىپ يازغۇچى زوردۇن سابىرنىڭ « ئىلى گىزىتى » دە ، ئىلان قىلغان تۇنجى ھېكايىسى « ئارغىبەتكە ئاشقۇچە » نى 1974- يىلى ئىلان قىلىنغان دەپ خاتا بايان قىلغان. زوردۇن سابىرنىڭ تۇنجى ھىكايىسى 1972- يىلى5- ئاينىڭ 6- كۈنىدىكى  « ئىلى گىزىتى» نىڭ « قەيسەر قارىغاي» ئەدەبىيات بىتىدە « ئارغىبەتكە ئاشقۇچە» دېگەن ماۋزۇدا ئېلان قىلىنغان، بۇ ھېكايە يەنە 1972- يىلى « شىنجاڭ گىزىتى» دە « تاغ كەينىگە ئۆتكۈچە» دېگەن ماۋزۇدا ئېلان قىلىنغان. شۇڭا « ئىلى گىزىتى» دە ئېلان قىلىنغان ماۋزۇ بويىچە ئەينەن ئېلىنىشى كېرەك ئىدى، يازغۇچى زوردۇن سابىرنىڭ « گۆھەر بۇۋاينىڭ كۈنلىرى» ناملىق ھېكايىسى ئەزەلدىن بولغان ئەمەس. بۇ ھېكايىنىڭ ماۋزۇسى ئەسلىدە « باھار بۇۋاينىڭ كۈنلىرى» ئىدى. بۇ ئەسلىمىدە يازغۇچى زوردۇن سابىرنىڭ « باھار بۇۋاينىڭ كۈنلىرى» ناملىق ھېكايسى بىلەن « گۆھەرنىڭ بەختى» ناملىق ھېكايىسىنىڭ ماۋزۇسىنى ئۆزئارا  ئارلاشتۇرۋەتكەن . « شىنجاڭ ئېقتىساد گېزىتى» نىڭ 1998- يىلى 9- ئاينىڭ 12- كۈنىدىكى «  ئاتاقلىق يازغۇچى زوردۇن سابىرنىڭ ۋاپاتىغا مەرسىيىلەر » ناملىق مەخسۇس بەتكە بىرىلگەن « زوردۇن سابىر ئەپەندىنىڭ ئەدەبىي ھاياتى » ناملىق تەھرىر ئىلاۋىسىدا « ..... ئىلگىرى – كېيىن ئۇنىڭ ‹ ئابرال شاماللىرى › ، ‹ ئىزدىنىش › ، ‹ ئاتا › ، ‹ زىمىنغا مۇھاببەت › قاتارلىق تۆت رومانى ، ..... قاتارلىق پوۋېسىت ، ھېكايىلەر توپلاملىرى نەشىر قىلىندى» دەپ يېزىپ شۇ چاغدا تىخى نەشىر قىلىنمىغان« زېمىنغا مۇھاببەت » ناملىق رومانىنى خاتا ھالدا نەشىر قىلىندى، دەپ بايان قىلغان. يازغۇچىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى بۇ رومانى 2000- يىلى 11- ئايدا « ئانا يۇرت » دىگەن ماۋزۇدا شىنجاڭ ياشلار – ئۈسمۈرلەر نەشىرىياتى تەرىپىدىن نەشىر قىلىنغان.
يازغۇچى تۇرسۇن لىتىپنىڭ« ئىلى دەرياسى » ژورنىلىنىڭ 1998- يىللىق 5- سانىدا ئىلان قىلغان « ئەلۋىدا ، سىرداش دوستۇم » ناملىق ئەسلىمىسىدە « .... 1970- يىللارنىڭ قەھىرتان سوغۇق كۈنلىرىنىڭ بىرى ئىدارىمىز مىنى تىل – يىزىق يىغىنىغا قاتنىشىشقا ئۈرۈمچىگە ئەۋەتتى. ... ئۈرۈمچىگە كېلىپ ‹ سەنسۇ مىھمانخانسى › نىڭ 1- قەۋىتىدىن ياتاق ئالدىم . بۇ مىھمانخانىدا زوردۇننىڭ ‹ ئابرال شاماللىرى › رومانىنى يىزىۋاتقانلىقىنى بىلەتتىم. 3- قەۋەتتە ئۇنىڭ ياتىقىنى تىپىپ كىردىم .» دەپ يىزىپ زوردۇن سابىرنىڭ « ئابرال شاماللىرى » رومانىنى قايتا تۈزەتكەن يىلىنى خاتا يېزىپ قويغان. يازغۇچى زوردۇن سابىر 1976- يىلىدىن ئىلگىرى غۇلجىدا يازغان « ئابرال شاماللىرى » ناملىق شىنجاڭ خەلق نەشىرياتىغا ئەۋەتكەن. شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتىنىڭ مۇھەررىرلىرى بۇ روماننى كۆرۈپ نەشىر قىلىشقا بولىدىغانلىقىنى بىكىتكەن. نەشىرياتنىڭ تەلىپى ۋە ئورۇنلاشتۇرىشى بۇيىچە زوردۇن سابىر 1976- يىلى غۇلجىدىن ئۈرۈمچىگە كېلىپ 3- مىھمانخانىدا يېتىپ «ئابرال شاماللىرى » رومانىنى قايتا تۆزۈتۈپ يىزىپ چىققان. بۇ رومان 1980- يىلى نەشىر قىلىنغان.
ئەدىپ ئابلەت ئابدۇللانىڭ « تەڭرىتاغ » ژورنىلى 2011- يىلى 6- سانىدا ئىلان قىلغان « ئولۇغ قەرىزدار ، ئولۇغ يازغۇچى زوردۇن سابىر » ناملىق بىيۇگىرافىك ئەدەبىي خاتىرىسىدە « ... ‹ قوشنىلار › دىكى سالى ۋە ھاجى » ( 21- بەت ) يىزىپ ، يازغۇچى زوردۇن سابىرنىڭ « قوشنىلار » ھېكايىسىدىكى پىرسۇناژ جامىنىڭ ئىسمىنى ھاجى دەپ خاتا يىزىپ قويغان.
ئەدەبىيات ھەۋەسكارى زەينۇرە ئىسھاقنىڭ « ئىلى دەرياسى » ژورنىلى 2001- يىللىق 1- سانىدا ئىلان قىلىنغان « ئەلۋىدا ، زوردۇن بۇۋا » ناملىق نەسىرىدە : « ... سىز ‹ زېمىنغا مۇھەببەت › باغلاپ ، ....» دەپ يىزىپ يازغۇچى زوردۇن سابىرنىڭ « ئانا يۇرت » رومانىنىڭ ماۋزوسىنى خاتا يىزىپ قويغان. بۇ يەردىكى ماۋزۇنىڭ خاتا يىزىلىپ قىلىشى ئاپتۇرنىڭ سەۋەنلىكى ئەمەس . بۇ خاتالىق بۇ نەسىرنىڭ مەسئول مۇھەررىرىنىڭ خاتالىقى .  ئەسلىدە بۇ نەسىر 2000- يىلى 6- ئايدا غۇلجا شەھەرلىك 2-ئوتتۇرا مەكتىپىدە زوردۇن سابىر ۋاپاتىنىڭ ئىككى يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن « زوردۇن سابىر ئەسەرلىرى ئىلمى مۇھاكىمە يېغىنى» دا ئەدەبىيات ھەۋەسكارلىرى ۋەكىللىرى سۈپىتىدە ئوقۇغۇچى زەينۇرە ئىسھاق موشۇ نەسىرنى ئوقۇغان ئېدى. ئۇ چاغدا تىخى يازغۇچىنىڭ « ئانا يۇرت » رومانى نەشىر قىلىنمىغان . ئەمما جەمئىيەتتە زوردۇن سابىرنىڭ « زىمىنغا مۇھەببەت » ناملىق رومانىنى نەشىرياتقا تاپشۇرۇپتۇ، دېگەن گەپلەر بار ئېدى. 2000- يىلى 11- ئايدا زوردۇن سابىرنىڭ « زېمىنغا مۇھاببەت » ناملىق بۇ رومانى « ئانا يۇرت » دىگەن ماۋزۇدا نەشىر قىلىندى. زەينۇرە ئىسھاقنىڭ « ئەلۋىدا ، زوردۇن بۇۋا » ناملىق نەسىرى « ئىلى دەرياسى » ژورنىلىنىڭ 2001- يىللىق 1- سانىدا ئىلان قىلىندى. بۇ چاغدا زوردۇن سابىرنىڭ « ئانا يۇرت » رومانى نەشىر قىلىنىپ بولغان ۋاقىت ئىدى. شۇنداق تورۇقلۇق بۇ نەسىرنىڭ مەسئول مۇھەررىرى زەينۇرە ئسھاقنىڭ نەسىرىدىكى « زېمىنغا مۇھاببەت» ناملىق ماۋزونى « ئانا يورت » قا ئۆزگەرتىپ تەھرىرلىمىگەن. يەنە زەينۇرە ئىسھاق بۇ نەسىرىدە « ... كىشىلەر ھازىر سىز بىلەن بىرگە بولغان چاغلارنى ئەسلەپ ، ‹  قېنى ئۇ چاغلار › دەپ توۋلىماقتا . » دەپ يىزىپ ، يازغۇچى زوردۇن سابىرنىڭ « شىنجاڭ مەدەنىيىتى »ژورنىلىنىڭ 1992- يىللىق 5- سانىدا ئىلان قىلغان « قېنى ئۇ باغلار » ناملىق پوۋېسىتىنىڭ ماۋزوسىنى « قېنى ئۇ چاغلار » دەپ خاتا يىزىپ قويغان.
مەرىيەم قۇربان، ئابلىكىم ئابدۇراخمان، شەرىپە غۇپۇر قاتارلىقلار ئاپتورلىقىدىكى شىنجاڭ ئۇنۋىرىستىتى تەرىپىدىن نەشىر قىلىنغان « زوردۇن سابىرنىڭ ئەدەبىي ئىجادىيتى ھەققىدە تەتقىقات» ناملىق كىتابىنىڭ 14- بىتىدە « ... 1998- يىلى 8- ئاينىڭ 31- كۈنى 61 يىشىدا كېسەللىك سەۋەبى بىلەن ئۈرۈمچىدە ۋاپات بولغان» دەپ؛ قازاقىستان «مەكتەپ» نەشىرىياتى 2003- يىلى نەشىر قىلغان ئىجتىمائي – گۇمانتارلىق ئوقۇشلۇقنىڭ «تىل- ئەدەبىيات»11- قىسىم كىتابىغا « زامانىۋى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئەدەبىياتى» بۆلىكىگە زوردۇن سابىرنىڭ «ئېھ،توپىلىق يول» ناملىق ھېكايىسى كىرگۈزۈلگەن ھەم يازغۇچى زوردۇن سابىرنىڭ تەرجىمھالى ۋە سىزما سۈرئىتى قوشۇپ بېرىلگەن. مۇشۇ كىتابتا زوردۇن سابىرنى 1999- يىلى ۋاپات بولغان دەپ زوردۇن سابىرنىڭ ۋاپات بولغان يىلى ۋە كۈنىنى خاتا يىزىپ قويغان. توغرىسى : « 1998- يىلى 8- ئاينىڭ 13- كۈنى ... » بولۇشى كېرەك ئىدى.
ئابدۇقىيىم توختاجى ، گۈلنىگار ۋاھاپ، رەنا رىشات قاتارلىقلار تۈزگەن 2009- يىلى شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتى تەرىپىدىن نەشىر قىلىنغان تولۇق ئوتتورا مەكتەپ 1- يىللىقلار ئۈچۈن « تىل - ئەدەبىيات يانداشما مەشىق » ( زۆرۈرلۈك ئوقۇشلۇق) نىڭ 1- بىتىدە « ... 1957 - يىلى ئىلى دارىلمۇئەللىمىن مەكتىپىنى پۈتتۈرۈپ، ‹ ئىلى گىزىتى › ئىدارسىگە خىزمەتكە تەقسىم قىلىنغان... » دەپ؛ يەنە ھامۇتجان ھېكىم تۈزگەن 2008- يىلى شىنجاڭ مائارىپ نەشىرىياتى نەشىر قىلغان ئوتتۇرا مەكتەپ تولۇق 1- يىللىقلارنىڭ « تىل - ئەدەبىيات  ئوقۇتۇش قوللانمىسى» ( زۆرۈر ئوقۇشلۇق 3- قىسىم) دا بىرىلگەن « زوردۇن سابىرنىڭ قىسقىچە تەرجىمھالى » دېگەن ماتىرىيالىدا « ... 1957- يىلى ئىلى دارىلمۇئەللىمىن مەكتىپىنى پۈتتۈرۈپ، ‹ ئىلى گىزىتى› ئىدارىسىگە تەقسىم قىلىنغان» دەپ؛ يەنە ئازات رەخمىتۇللا سۇلتان، كىرىمجان ئابدۇرېھىم قاتارلىقلار ئاپتورلىقىدىكى 2006- يىلى مەركىزى مىللەتلەر نەشىرىياتى نەشىر قىلغان « ئۇيغۇر ئەدەبىيات تارىخى » ( 4- قىسىم) ناملىق كىتابىنىڭ 557- بىتىدە « ... 1957- يىلى ئىلى داىلمۇئەللىمىن مەكتىپىنى پۈتتۈرۈپ ، ‹ ئىلى گىزىتى › ئىدارىسىگە تەقسىم قىلىنغان » دەپ ؛ يەنە مەمەت ئەيسا جامىنىڭ 2008- يىلى شىنجاڭ پەن - تېخنىكا نەشىرىياتى نەشىر قىلغان « ئۇيغۇر بۈگۈنكى زامان ئەدەبىي ئەسەرلىرى تەتقىقاتى » ناملىق كىتابىنىڭ 52- بىتىدىكى « زوردۇن سابىرنىڭ پروزا ئىجادىيتى » دېگەن ماقالىسدە « زوردۇن سابىر 1937- يىلى غۇلجا ناھىيسىنىڭ بايتوقاي يېزىسىدا دېھقان ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. ئۆز يېزىسىدا باشلانغۇچ مەكتەپنى ئوقۇپ تاماملىغاندىن كېيىن، ئىلى دارىلمۇئەللىمىنگە ئوقۇشقا كىرگەن. ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن ‹ ئىلى گىزىتى› ئىدارىسىگە خىزمەتكە تەقسىم قىلىنغان...» دەپ يازغۇچى زوردۇن سابىرنىڭ ئۆمۈر مەنزىلىنى خاتا  يىزىپ قويغان.
ئەسلىدە زوردۇن سابىر 1957-يىلى 6-ئايدا ئەخمەتجان قاسىمى نامىدىكى ئىلى دارىلمۇئەللىمىنى ئەلا نەتىجە بىلەن پۈتتۈرۈپ، سابىق غەربىي شىمال مىللەتلەر ئىنىستىتۇتىنىڭ تىل-ئەدەبىيات فاكۇلتىتىدا بىلىم ئاشۇرغان ۋە ئۇ يەردە 1964-يىلىغىچە خىزمەت قىلغان. زوردۇن سابىر «ئىلى گىزىتى »دە خىزمەت قىلمىغان. بۇ ھەقتە ئەنۋەر ئابدۇرېھىمنىڭ«ئىلى دەرياسى» ژۇرنىلى 1996- يىللىق 6 - ساندا ئىلان قىلغان « تىپ خاراكتىرىنى ئىندىۋىدۇئاللاشتۇرۇشنىڭ مەھسۇلى» ناملىق سۆھبەت خاتىرىسىدە زوردۇن سابىر مۇنداق دەيدۇ:
« مەن شۇ مەزگىللەردە ئەدەبىيات ئوڭاي نەتىجە قازغىلى بولىدىغان ساھە دەپ قاراپ تەسرەك پەندە ئۆزەمنى سىناپ بىقىشنى ئارزۇ قىلغانىدىم. مەكتەپنى پۈتتۈرگەندىن كىيىن مېنى ئوقۇتقۇچىلىققا تەقسىم قىلىپ قويدۇ، لېكىن مەن ئەڭ جاپالىق يەردە ئىشلەيمەن دىگەن مەقسەت بىلەن غۇلجىدىن ئۈرۈمچىگە كەلدىم. بىز ئالتە بالا بولۇپ ھەممىمىزلا نەمۇنىچى ئىتتىپاق ئەزاسى ئىدۇق. بەش بالىنى جەنۇبىي شىنجاڭغا تەقسىم قىلىپ مېنى مائارىپ نەشرىياتىغا ئىلىپ قالدى. مەن ئەدەبىيات ساھەسىدە ئىشلەش ئۈچۈن گېزىتخانىدىكى تونۇشلىرىم ئارقىلىق مۇخبىرلىققا ئىمتىھان بەردىم ۋە ياخشى نەتىجە بىلەن ئىمتىھاندىن ئۆتتۈم. لېكىن مائارىپ نەشرىياتىدىكىلەر مېنى تەقسىم قىلىنغان خىزمەتنى ئىشلەشكە زورلىدى. مەن ئىشلىمەيمەن دەپ، غەربىي شىمال مىللەتلەر ئىنىستىتۇتىنىڭ تىل- ئەدەبىيات فاكۇلتىتىغا ئوقۇشقا كىردىم-دە، پۈتۈن ۋۇجۇدۇم بىلەن ئۈگۈنۈشكە بىرىلىپ كەتتىم».
دېمەك، يازغۇچى زوردۇن سابىرنىڭ تەرجىمىھالىغا «ئىلى گىزىتى» دە خىزمەت قىلغانلىقى ئارتۇقچە قوشۇلۇپ قالغان. ئەكبەر قادىرنىڭ «ئىلى دەرياسى» ژۇرنىلىنىڭ 2007-يىللىق 1-ساندا ئېلان قىلىنغان«زوردۇن سابىر ۋە ئۇنىڭ ئىجادىيەت يولى» ناملىق ماقالىسىدە «... يازغۇچى 26يىللىق ئىجادىيەت ھاياتىدا تۆت رومان، توققۇز پوۋىسىت، 50پارچىدىن ئوشۇق ھېكايە، ئالتە پارچە ئەدەبىي ماقالە، بىر دىراما، بىر كىنو سىنارىيىسى، ئىككى پارچە ئەدەبىي ئاخبارات يىزىپ قالدۇردى...» دەپ يازغان بولسا يەنە « تارىم » ژۇرنىلىنىڭ 2007-يىللىق 4-سانىدا ئىلان قىلغان« زوردۇن سابىر قانداق يازغۇچى ؟» ناملىق ماقالىسىدە « ... يالغۇز ئۇنىڭ قالدۇرۇپ كەتكەن 86 ھېكايسى ، تۆت رومان جەمىئي 7 كىتاب ، 9 پوۋېسىتى، ئىككى دىرامىسى ، ئىككى ئەسلىمىسى ، ئىككى زىيارەت خاتىرىسى شۇنداقلا 6 ماقالىسى بىزنىڭ تەتقىق - تەھلىل قىلىش ئوبىيىكتىمىز بولۇپلا قالماي ، يەنى يازغۇچىنىڭ ھاياتى ئەدەبىياتىنى قىزغىن سۆيۈش روھىمۇ چوڭقۇرلاپ تەتقىق قىلىشىمىزغا ئەرزىيدۇ...» دەپ يازغان . بۇ ئىككى ماقالىدىكى زوردۇن سابىرنىڭ ئەسەرلىرىنىڭ سىتاتېسكىسى بىردەك ئەمەس. يەنە پولات ئاماننۇرىننىڭ « شىنجاڭ ياشلىرى » ژۇرنىلىرىنىڭ 2009- يىللىق 3- ساندا ئېلان قىلغان « يۇرىت ئوغلىنىڭ ئابىدىسى» ناملىق سۆھبەت خاتىرىسىگە بىرىلگەن مۇھەررىر ئىلاۋىسىدە: « زوردۇن سابىرنىڭ ‹ دولان ياشلىرى› قاتارلىق 62 ھېكايىىى، ‹ سۈبھى› قاتارلىق 18 پوۋېستى ، بەش ئەدەبىي ئاخباراتى ، 7 ئەدەبىي ماقالىسى ، ئىككى زىيارەت خاتىرىسى ، بىر دىرامىسى ، تۆت رومانى ( جەمىئي 7 كىتاب ) ئېلان قىلغان ...» دېگەن تەپسىلات بار. ئۇنداقتا يازغۇچى زوردۇن سابىرنىڭ « زادى قانداق ژانىردىكى، جەمىئي قانچە پارچە ئەسىرى ئېلان قىلىنغان؟» دېگەن سوئال بىزنىڭ جاۋاپ بىرىشىمىزنى كۈتىدۇ. يەنە بىر قىسىم گېزىت - ژورناللاردا ئېلان قىلىنغان زوردۇن سابىر ئەدەبىي ئىجادىيىتى ھەققىدىكى ماقالىلەردە زوردۇن سابىرنىڭ شېئىرىي ئىجادىيىتىگە تەۋە «ئۈچ شېئىر » ناملىق ئەسىرىدىكى ئۈچ شېئىرىنىڭ ماۋزۇسىنى خاتا ھالدا « ئاق ئۈرۈك » ، « مىسكىن قىز » ، « تەنھا بۇلاق » دەپ ئالغان . ئەسلىدە « تارىم »  ژۇرنىلىنىڭ 1961- يىللىق 10- سانىدا ئېلان قىلىنغان زوردۇن سابىرنىڭ « ئۈچ شېئىر » ناملىق ئەسىرىدىكى ئۈچ شېئىرىنىڭ ماۋزۇسى ئەسلىدە « ئاق ئۈرۈك » ، « باغۋەن قىز » ، « تىيانشان » دىن ئىبارەت .
ئەدەبىي ئوبزۇرچى ئابدۇۋەلى كەرىم « ئىلى دەرياسى » ژورنىلىنىڭ 2008- يىللىق  4- سانىدا ئىلان قىلغان « نۇرلىنىپ ئاققان يۇلتۇز » ناملىق ئەسلىمىسىدە « .... ھاي – ھوي دىگىچە 6- ئايمۇ ئاخىرلىشىپ 7- ئاينىڭ 11-،12- كۈنلىرى بولۇپ قالغان ئىدى....
... مانا مەن كىتاپنىڭ ئاخىرقى جۈملىسىگە « توچكا » سۆزىنى ئالماشتۇرۇپ قەلەمنى پىقىرتىپ تاشلىۋىتىپ يىتىۋاتقىنىمغا بىرەر سائەتچە ۋاقىت بولدى. ئۇ ياقاققا ئىغىناپ ، بۇ ياقاققا ئىغىناپ زادىلا ئوخلىيالمىدىم. شۇڭا تىلېفۇننى ئېلىپ بۇ خۇش خەۋەرنى ھەرقايسىڭلارغا يەتكۈزەي دىدىم .» دەپ يىزىپ، يازغۇچى زوردۇن سابىرنىڭ « ئانا يۇرت » رومانىنىڭ يىزىلىپ بولغان ۋاقتىنى 7- ئاينىڭ 11- ،12- كۈنلىرى دەپ خاتا يازغان. يازغۇچى زوردۇن سابىر « ئانا يۇرت » ناملىق تىرۇلۇگىيىسىنىڭ 3- قىسمىنى 1998- يىلى 6- ئاينىڭ 26- كۈنى غۇلجىدىكى شاۋكەت ئابدۇش بىناسىنىڭ 4- قەۋەت 5- ئۆيىدە تاماملىغان.  
ئومۇملاشتۇرغاندا، يازغۇچى زوردۇن سابىرنىڭ ھاياتى ۋە ئۇنىڭ ئىجادىيتى ھەققىدە يىزىلغان ماقالە - ئەسەرلەر ھازىر مەتبۇئاتلاردا بەس - بەستە ئېلان قىلىنماقتا. بۇ ناھايتى ياخشى يۈزلىنىش. لېكىن بىر قىسىم ماقالە - ئەسەرلىرىنىڭ ئاپتورلىرى تەتقىقات ئالدىراشچىلىقىدا يازغۇچى زوردۇن سابىرنىڭ ھاياتى ۋە ئەدەبىي ئىجادىيتىگە ئائىت بىر قىسىم ئۇچۇر، تەپسىلاتلارنى خاتا يىزىۋاتىدۇ. مەن بۇلارنىڭ بۇندىن كېيىن يازماقچى بولغان ماقالە- ئەسەرلىرىنى كۆپ ماتىرىيال كۆرۈپ ، ئەستايىدىل سېلىشتۇرۇپ، ئىلىمىي ، سوغۇققان پوزىتسىيدە يېزىشنى ئۈمىد قىلىمەن.  


idraksoft

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1164
يازما سانى: 156
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 593
تۆھپە : 0
توردا: 43
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-6

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-5-31 16:57:53 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىلىۋېلىشقا تىگىشلىك قىممەتلىك بىلىملەركەن. تارىخ چوقۇم ھەقىقى بولۇشى كېرەك...رەخمەت!

Rank: 12Rank: 12Rank: 12

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  190
يازما سانى: 1221
نادىر تېمىسى: 1
تېللا: 3093
تۆھپە : 1
توردا: 548
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-7

جانلىق ئەزا قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-5-31 17:19:10 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسەر توقۇلما بولسىمۇ يازغۇچى توقۇلما ئەمەس بەلكى ياشاپ ئۆتكەن ئادەم.ماقالە ئاپتورى ناھايىتى ياخشى پىكىرنى ئوتتۇرغا قويغان.تۇغۇلغان ۋاقىت،ئەسەر نامى....قاتارلىق راستچىللىق تەلەپ قىلىدىغان ئىنچىكە ھالقىلارنى خاتا يازماسلىق كېرەك. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئەزىز ھېيت كۈن تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-5-31 17:20  


ئۇلۇغ غايە،قەيسەر روھ،خوشال-خورام كەيپىيات-كىشىلىك ھاياتتىكى ئېسىل ئۈچ ئەڭگۈشتەردۇر.

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  419
يازما سانى: 49
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 177
تۆھپە : 0
توردا: 37
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-8-7

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-5-31 17:33:11 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دېمىسىمۇ تارىخ ئەينەن،ھەقىقى بولۇشى كېرەك،«ئانا يۇرت» ئېنگىلىسچىگە تەرجىمە قىلىنىۋاتىدۇ دەپ ئاڭلىۋىدۇق،بەلكىم ئەمدى قىلىنىۋاتقاندۇ،ياكى قىلىنىپ بولغاندۇ،رەھمەتلىك نامى چەتئەل مەتبۇئاتلىرىدىمۇ كۆرۈلۈشى،تەتقىق قىلىنىشى چوقۇم.شۇڭا ئۆزىمىزدىكى مەنبەلەردە يوقۇرىقى مەسىلىلەرنىڭ توغرىسىنى  ۋاقتىدا بىرلىككە كەلتۈرۈش زۆرۈر.

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  151
يازما سانى: 213
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 378
تۆھپە : 5
توردا: 47
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-5-23

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-5-31 19:39:43 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كەسىپدىشىمىز ئابدۇرېشت ئوسماننىڭ بۇ ئىزدىنىشلىرىدىن سۆيۈندۈم، ھەقىقەت شۇنداق بولىدىغان بولسا ھەممىمىز خاتالاشقان بولىمىز. نەچچە يىللاردىن بېرى، بىز دەرسخانىمىزدا زوردۇن سابىرنى 1937-يىلى تۇغۇلغان، دەپ سۆزلەپ كەلگەنىدۇق، 1935-يىلى تۇغۇلغان بولسا، يازغۇچىمىز 63 يېشىدا ئالەمدىن ئۆتكەن بولىدۇ.

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  147
يازما سانى: 124
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 498
تۆھپە : 0
توردا: 115
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-7

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-5-31 21:02:17 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  ئىھ،بىزنىڭ تارىخىي قارىشىمىز قانداق ھالەتتە ،ھە؟!بىزدىن ئايرىلغىلى ئۇزۇن بولمىغان ئۇستاز ھەققىدىكى خاتىرلەر شۇنداق قالايمىقان بولسا، بىز بىلەن بولغان ئارىلىقى نەچچە ئەسىر ،ھەتتا مىڭ يىللاپ يىراق بولغان نۇرغۇن ئەجدادلىرىمىزنىڭ ئۇنتۇلۇشلىرىدىن ئەجەپلەنمىسەكمۇ بولغۇدەك...ئا.ئوسماندەك مېھنەتكەشلەرنى بىزدىن ئايرىمىغاي ئىلاھىم! بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ن.ھاشىم تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-5-31 21:09  


Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  166
يازما سانى: 178
نادىر تېمىسى: 1
تېللا: 1099
تۆھپە : 7
توردا: 251
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-7

قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-5-31 21:05:41 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
جاپالىق ئىزدىنىپسىز. دەلىل-پاكىتلىرىڭىز قايىل قىلارلىق ئىكەن. مۇشۇ تاللىغان يولىڭىز بۇيىچە داۋاملىق ئىزدىنىڭ. بىزدە مۇشۇنداق چوڭقۇرلاپ تەتقىق قىلىدىغان تارىخىي تېمىلار بەك كۆپ. ئىجادىيتىڭىز ۋە بارلىق ئىشلىرىڭىزغا بەركەت تىلەيمەن.

ھەقىقى بايلىق روھى بايلىقتۇر

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  146
يازما سانى: 542
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 1095
تۆھپە : 3
توردا: 214
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-8-27

قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-5-31 21:29:23 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئارىمىزدا مۇشۇنداق ئەستايىدىل كىشىلىرىمىز يەنىلا كۆپ . ھەممىمىز مۇشۇنداق ئەستايىدىل بولالىساق ھەممە ئىشىمىز ياخشى بولۇپ كېتىدۇ . خاتالىقتىن زور دەرىجىدە ساقلانغىلى بولىدۇ . توردىشىمىزنىڭ بۇ يازمىنى يوللىغىنىغا ككپ رەخمەت . بۇ يازمىدىن توردىشىمىزنىڭ زورىدىن سابىرغا قانچىلىك قىزىقىدىغانلىقىنى بىلىۋالغىلى بولىدۇ .

ئۆزۈڭ بول ئابرۇيىڭغا ئۆزۈڭ ئىگە ،
يۆلەكسىز ئۆزۈڭنى سەن ئۆزۈڭ يۆلە .

                            ئابدۇللا توقاي

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1159
يازما سانى: 45
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 185
تۆھپە : 0
توردا: 22
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-3

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-6-5 09:43:46 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن‹‹زوردۇن سابىر ئابىدىسى››(مەرسىيە-ئەسلىمىلەر)ناملىق كىتاپ تۈزۈۋاتىمەن،ھازىرغىچە120پارچەسۈرەت يىغدىم،سىلەردە يەنە سۈرەت بولساماڭائەۋەتىپ بىرەرسىلەر.
abdirxit.osman@hotmail.com

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1159
يازما سانى: 45
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 185
تۆھپە : 0
توردا: 22
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-3

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-7-7 08:55:17 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەھمەت، يەنە تېما يوللاشقا تىرىشىمەن.

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家网
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش